چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ تېما 3365 قېتىم كۆرۈلدى
yurukum33
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 33199
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 قارا باسقان بەخت---- ھىكايە

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن (2008-11-15)دە نادىرلاندى
ياخشىمۇ سەن قەدىرلىگىم قانداق ئەھۋالىڭ؟
سىنى بۇنداقلا تاشلاپ كەتكىنىمنى كەچۈرگىن ،ماڭىمۇ ئامال يوق ،مەنچە بولسا يىنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلماي بىر ئۈمۈر خزمىتىڭنى قىلغۇم بار بىر ئۈمۈر سەن بىلەن ئۈتكۈم بار ،ئەمما لىكىن تەقدىر ماڭا باقمايدۇ،سىنى نىمىشقا تۇيۇقسىز تاشلاپ كەتكىنمنى بىلگۈڭ كىلۋاتقاندۇ ئەسلى مۇشۇ پىتى تۇيۇقسىز يوقاپ كىتىشنى ئويلىغان بولساممۇ بۇنداق قىلىشقا يۈزۈم چىدىمىدى بۇلارنى بىلگەندىن كىيىن مىنى تللىساڭمۇ ماڭا نەپرەتلەسەڭمۇ مەيلى ئەمما مىنىڭ ساڭا بولغان سۈيگۈمدىن ھەرگىز گۇمانلانما،بۇلارنى ساڭا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ھىكايىنى بالىلىق ۋاقتىمدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ،

مەن تۇغۇلۇپ مەكتەپ يىشىمغا يەتكۈچە شۇنچە ئوماق شۇنچە غەمسىز بىر سەبىي قىز ئىدىم ،ئاپام داداملارمۇ قوشماق ھەدەم بىلەن ماڭا قاراپ مەسىتلىكى كىلەتتى بولۇپمۇ ماڭا بەك ئامراق ئىدى،ئائلىمىىز يۇرتىمىز بويىنچە ئالدىنقى باي ئائىلەردىن ھىساپلىناتتى ،ھىشنىمىدىن غىمىمىز يوق ئىدى،مەن تۇنجى مەكتەپكە كىرگەن يىلى شۇنداق خۇشال بولغان ئىدىم ئۈزۈمنى ئىنتايىن بەختىلك ھىس قىلغان ئىدىم ،ئەمما بۇ ھاياتىمدىكى شۇ قارا چۈشنىڭ مۇشۇ كۈنلەردىن باشلىنىدىغانلىقنى كىممۇ ئويلىغان دەيسەن ،مەن مەكتەپكە كىرىپ ئالتە ئاي بولمايلا كىسەل سەۋەبىدىن يىقىلدىم،تۇيۇقسىز پۈتۈن بەدىنىم ئىششىپ كەتتى،ئاپام دادام قوقۇپ كىتىپ دوختۇرغا تەكشۈرتكەن بولسىمۇ ھىچ يىرىمدىن كىسەل چىقمىدى،ئۇنىڭدىن كىيىن مەن بىراقلا ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم ،تاماقمۇ يىيەلمەيتتىم گەپمۇ قىلالمايتتىم،ھايات ئىكەنلىكمنى پەقەت كۆز قارچۇقۇمنىڭ مىدىرىغىندىنلا بىلگىلى بولاتتى،شۇنىڭ بىلەن ئاپام دادام مىنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوىـۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالاتتى،ئەمما كىسىلىمدە ياخشىلىنىش تۈگۈل تىخىمۇ كەينىگە مىڭىپ كەتتى ،ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ داۋاتلاتقان بولسىمۇ يەنىلا ئوخشاش،قىلچە ئۈنۈمى بولمىدى،ئاپام دادامنىڭ ماڭا قاراپ يۈرىكى سۇ ئىدى،باشلانغۇچقا يڭى كىرگەندە يىتىپ قالغانچە،ئۇدا 13 ياشقا كىرگۈچە ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم ،مىنى ئۆيگە ئەكەلگەن ۋاقىتتا ئاچا ئاكىلىرىم ھەممىسى بىشىمغا كىلىپ ماڭا پاراڭ قىلىپ بىرەتتى،مەن شۇلارنى بىلىپ ياتاتتىم لىكىن ئۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرالمايتتىم،دادام مەن ئۆيدە ۋاقىتتا ھەتتا ئاكا ئاچىلىرىمنى تىلىۋىزور كۆرگىلىمۇ قويمايتتى،ئاپام دادام كىچىچە ئۇخلىماي ىنىڭ كىسىلىمگە شىپالىق تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلاتتى ،مەن 13 ياشقا كىرگەن يىلى مىنى خاربىندا بىر دوختۇرخانىدىن ساقايمايدۇ،ئىپ كىتىپ بىقۋىلىڭلار دەپ قايتۇرۋەتتى،شۇنداق قىلىپ بىز ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق،
دادام كىچىچە قولۇمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ جىنىم قىزىم جاھاننىڭ خوۋلىقنى كۆرمەي ئون گۈلىڭزنىڭ بىرى ئىچىلماي تۇرۇپ مۇشۇنداقلا كىتىپ قالارسىزمۇ مەن جىنىمدا يەر دەسسپ تۇرسام سىز نىمىشقا................
مەن تىخى سىزگە ھەقىقى ئاتىلىق بۇرچۇم بىلەن مىھرىبانلىق كۆرسىتەلمىگەنغۇ ئەجىبا مىنى مۇشۇنداق ھەسرەتكە تاشلاپ كىتىپ قالامسىز ئاپىڭز بىلەن ماڭا ئىچىڭز ئاغرىسۇن قىزىم ئۈتۈنۈپ قالاي كۈزىڭزنى ئىچىپ بىر دادا دەپ چاقىرىڭە قىزىم دادا دەپ چاقىرىڭ شۇنچە يىللار بولدى بىر قىتىم دادا دەپ چاقىرىپ باقمىدىڭز ئەمدىلىكتە شۇ بىر ئىغىز سۆزىڭزنىمۇ مەندىن ئاياپ كىتىپ قالامسىز دەپ ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى،
ئاپام ئاكا ئاچىلرىممۇ بىشىمدا ئولتۇرۇپ يامغۇردەك ياش تۆكۋاتاتتى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئەتىسى ئەتىگەندە دادامنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر دوستى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىن خزمەت بىلەن ياپۇنيەگە چىقىپ كەتكەن بىر دوختۇر بىلەن ئالاقىلشىپ مىنى ياپۇنيەگە ئىپ چىقىپ داۋالاتتى،،،،،،،،،،،،،،،ئۇ يەردە بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كىيىن ساقايدىم ئۆيۈمەە مىڭىپكەلدىم بۇرۇنقىدەك قۇچقاچ تللىرىم چىقىپ سايرىغۇدەك بولۇپ كەلدىم،،،،،
لىكىن قايتىپ كىلىپ ئۇزاق بولماي يۈزۈم تولا ئىششىپ قىپقىزىل بوپ قالىدىغان بوپ قالدى بۇنىڭ سەۋەبىنى دوختۇرلارمۇ تاپالمىدى ئكزلىكىدىن ئىششىپ كىتەتتى شۇنداق قىلىپ ئۇزۇنغا بارماي چىرايىزىم ئكزلۈكىدىن بۇزلۇپ كەتتى بۇ ماڭا بەكلا ئىغىر كەلدى شۇڭا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سىىرتقا چىقمىدىم
ئۆيگىلا بىكىنۋالاتتىم ئۆيدىكىلەرگە ئىغىز ئىچىپ بىر ئىغىزمۇ ەەپ قىلمايتتىم ئەتىگەندىن كەچكىچە يالغۇز قاراڭغۇ ئۆيگە بىكىنۋالاتتىم كىسەل سەۋەبىمدىن مەكتەپتە ئوقۇيالمغنىمدىن يۈرۈكۈم سۇ ئىدى ھەر قىتىم ھەدەم مەكتەپكە ماڭغاندا خىلى يەرگىچە كەينىدىن ئەگىشىپ چىقاتتىم  كىيىن ئۆيگە كىرىپلا كانىيىم يىرتۈلۈپ كەتكۈدەك بوپ ۋاقىراپ يىغلىۋالاتتىم بەختسىزلىكمدىن ئىچىناتتىم ئۆيدىكىلەرمۇ ئارتۇق گەپ سۆز قىلمايتتى،،،،،،،،،،،،،،،ئاكام بىلەن ئىكىكنچى ئاچام مىنى تازا ياقتۇرمايتتى مىنى دائىم بىزنىڭ ئۆيگە چۈشكەن ئاپەت يىلتىزى دەپ چىقۋالاتتى،بولۇپمۇ ئىككىنچى ئاچام مەن بىلەن بىر يەردە تاماق يىشيىنىمۇ ياقتۇرمايتتى
قارىما كۈزۈڭنى ئويىمەن،،،،،،،،،،،،،،گەپ قىلما تىلىڭنى كىسىمەنلەر بىلەن ئاچامنىڭ يىنىغا يىقىن كىلىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم ئىشقىلىپ بالىلىق ھاياتىم يۈرۈكۈمدە ئۈمۈر بويى ئكچمەس ئىزلارنى يارا ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئىدى

داۋامى بار.............................
تېما تەستىقلىغۇچى : hitab
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-14, 10:08
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-14 01:58 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
nawayustam
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 33206
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-16

 

        
قارىغاندا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دەتلىرىڭىزنى ئىچىڭىزگە سىغدۇرالماپسىز دە؟؟؟
مېنىڭچە ئۇ بۇلارنى كۆرسە،سىزنىمۇ توغرا چۈشىنىشى مۇمكىن`````````````````
مەيۈسلەنمەڭ،ئۈمىتۋار بولۇڭ،دۇنياغا مېھرىڭىز بىلەن قاراڭ،بۇ دۇنيا شۇنچە گۈزەل،سىزگە مۇنۇ بىر جۈملىنى تەقدىم قىلاي:ئۈمىتسىزلىك،چۈشكىنلىك ئىچىدە،تېڭىرقىغان ۋاقتىڭىزدا،پۈتۈن كائىناتنىڭ،،ياراتقۇچىسى،مېھرى-شەپقەتلىك،ئاللاھقا،ئىلتىجا قىلىڭ.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 06:36 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
yurukum33
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 33199
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 

داۋاملىق ئاچام ئاپام دادام يوق ۋاقىتلاردا ئاچچىق گەپلەر بىلەن مىنى چىقۋالاتتى ئاپام دادام خىزمەتكە چىقىپ كەتكەندە يوقىلاڭ سەۋەپلەر بىلەن مىنى ئۇرۋالاتتى ئاپام دادام مىنى كۆز قارچۇقىدەك ئاسرىغاچقا ئۇلار بار ۋاقىتتا ئۇنداق قىلالمايتتى گەرچە بىرەر ئىكىكى يىلدىن بىرى چۈشكۈنلۈشۈپ ئۇلارنى بىر قىتىممۇ ئاپا دەپ چاقىرىپ ئەركىلەپ گەپ قىلىپ باقمىغان بولساممۇ ئۇلار ئۆيگە كىرگەندە يۈرەكلىرىم يايراپ كىتەتتى ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خوش بوپ كىتەتتىم ئەمما ئۆيدە ھىچكىمگە گەپ قىلغۇم كەلمەيتتى ،
بىر كۈنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئاچام سەن بولمىغان بولساڭ بىزنىڭ ئۆي ئىنتايىن بەختلىك ئىدى يا ساقايمايسەن بىر يىرىڭنى داۋالاتسا يەنە بىر يىرىڭ تىزىڭنى باسسا مىزىڭ مىزىڭنى باسسا تىزىڭ چۇۋۇلۇپلا تۇرىدۇ بىزنىڭ ئۆيگە چۈشكەن ئاپەت يىلتىزى.............................باشقا گەپلەر كاللامغا چۈشمىدى..........
قولۇمدىكى نەرسىنى كۈچەپ يەرگە ئاتقىنمچە ئۇنىڭغا يىغلاپ تۇرۇپ نىمىشقا ماڭا بۇنداق گەپ قىلىسەن مەنمۇ سىنىڭ سىڭلىڭغۇ مىنىڭمۇ مۇشۇنداق بوپ قالغۇم بارمۇ داۋاملىق ماڭا ئازار بىرىسەن بىرەر قىتىم ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ باقتىڭمۇ ئادەمنىڭ يۈرىكى گۆشقۇ ئەجىبا سىنىڭ تۈمۈرما؟كىچىك بولساممۇ ئۈزۈمگە چۇشلۇق كۈڭلۈم بار كىسەل بولغۇنۇم مىنىڭ خاتالىقىمما ماڭا قۇيۇپ بەرسە مىنىڭمۇ سەندەك ئاغرىق ئازاپلىرىنى تارتماي خۇشال خۇرام يۇرگۇم بار لىكىن تەقدىر پىشانەم شۇنداقكەن شۇنداق شور پىشانە تۇغۇلۇپ قاپتىمەن ماڭا نىمە ئامال دەپ باقە ماڭىمۇ ئاسانمۇ دەپ يىغلاپ كەتتىم،،،،،،،،،،
دەل شۇ ۋاقىتتا دادام ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەنتى ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاتتىم
سىنى بەك جىق جاپاغا سالدىم دادا ئەمما كىسەل بولغۇنۇم مىنىڭ خاتالىقىم ئەمەس ئىدى ئەمما ھەدەم مىنى مۇشۇنداق دىدى دەپ دادامغا ئىسىلىپ يىغلىدىم ،
دادام يىغلغنىمنى جىنىم بالام ئۇ گەپلەرنى كۆڭلىڭزگە ئالماڭ بالام مەن سىزدىن ئۇ دۇنيا -بۇ دۇنيا رازى بالام،مەن سىزگە كىچە تۇرۇپ دۇئا قىلىمەن ،ئاتا-ئانىنىڭ دۇئاسى ھىچ يەرگە كەتمەيدۇ بالام ئاللاھ ئىگەم سىزنى ھىچكىمگە مۇھتاج قىلماس جىنىم بالام ماڭغان يوللىرىڭزدىن قىزىل گۈل ئۈنسۇن دەپ ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتتى ،ئارقىدىنلا شۇ جايىدا يىقىلىپ چۈشتى،
ئاپام ئۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىدىن كەلمىگەچكە دەرھال ئاپامغا تىلفۇن قىلدۇق ئاپام جايىدىن قوزغىماڭلار دەپ ئالا ھەزەل ئون مىنۇتلاردىن كىيىن كىلىپ دادامغا ئوكسىگىن سىلىپ قۇتقۇزۇش ئىلىپ باردى،
مەن ئۇ ۋاقىتتا دادامغا قاراپ قوقۇپ كەتتىم دادام ئۆلۈپ كىتەرمۇ؟راستىنلا شۇنداق بولسا مىنىڭمۇ ياشىغنىمنىڭ نىمە ئەھمىيتى؟مىھرىبان دادامنىڭ بىشىغا مەن چىقارمەنمۇ؟مەن نىمىدىگەن شۇم پىشانە!ھەرقانچە ئازاپ تارتساممۇ دادامغا دىمىسەم بوپتىكەن،مىنىڭ بۇ دۇنيالىقتا ئەشۇ مىھرىبان دادام بىلەن كۆيۈمچان ئاپامدىن باشقا نىمەم بار؟مەن يىقىلسام يۆلەيدىغان،مەن ئاسماندا ئۇچسام ماڭا قانات بولىدىغان ،قەھرىتان سۇغۇقتا ماڭا ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىغان ئەشۇ دادامدىن مۇشۇنداقلا ئايرىلارمەنمۇ؟بۇلارنى ئويلىغىنىمدا مىنى قارا تەر باساتتى،،،،،،،،،،،،
شۇ تەرىقىدە ئىككى سائەتلەردىن كىيىن دادام ھوشىغا كەلدى كىلىپلا قوشماق ھەدەمنى چاقىرىپ كىلىپ بالام سەن كىچىك بولساڭمۇ ئۇكاڭنى ئاۋال ئاللاھقا ئاندىن قالسا ساڭا تاپشۇردۇم ،بىزدىن كىيىن قالسا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا قالىدۇ ئۇكاڭنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياش چىقسا مەن گۆرۈمدە تىك ئولتۇرىمەن بىزدىن كىيىن قالسا ۋەسىيتىم بوپ قالسۇن ئۇكاڭغا ياخشى قارا ئىغىرىنى كۆتۈرگىن دىلىغا ئازار بەرمە دىدى،
ئاچاممۇ يىغلاپ تۇرۇپ خاتىرجەم بولۇڭ دادا دىگىنڭزدەك قىلىمەن دەپ ۋەدە بەردى شۇ كىچە ھەمممىز دادامنىڭ بىشىدا ئولتۇردۇق ھەممىز كۆڭلىمىزدە دادامنى ئۇزىتىپ بولغان ئىدۇق ئەمما دادام ئىككى كۈندىن كىيىن ياخشى بوپ كەتتى ئاللاھ مىھرىبان دادامنى قايتىىدىن ماڭا قايتۇرۇپ بەردى،،،،،،،،،،،،،
شۇنىڭدىن كىيىن مەن تۇتۇلۋالمايدىغان بولدۇم ئاخشاملىرى دادام ئىشتىن كەلگەندە بىرىپ ئۇنى ۇچاقلاپ خوش بوپ كىتەتىم ئاخشاملىرى دادامنىڭ بىقىنىغا كىرۋىلىپ چىقمايتتىم داداممۇ مىنىڭ كەيپىياتىمنىڭ ياخشىلنىپ قالغانلىقىدىن خۇشال ئىدى،
شۇنىڭدىن كىيىن مەن شۇنچە يىل كىسەل سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن قالغاچقا ئۆيگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەردى ماڭا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى دەرىس ئۆتتى مەنمۇ دەرىسلىرىمنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلايتتىم لىكىن شۇ ۋاقىتلاردا تۇيۇقسىز يۈرۈكۈم قاتتىق ئاغرىيدىغان تولا بۇرنۇم قانايدىغان تۇيۇقسىز ھۇشۇمدىن كىتىدىغان بوپ قالدى،،،،،،،،،،
تەكشۈرتۈش ئارقىلىق مەندە يۈرەك زەئىپلىش،يۈرەك سانجىقى،
ئاق قان كىسىلىنىڭ بارلىقى ئىنىقلاندى ،ئۇنىڭدىن كىيىن مەن يەنە بۇرۇنقىدەك جىمغۇرلۇقنى تاللىۋالدىم داۋالاشنىمۇ ئىزچىل رەت قىلدىم،،،،،،،،،،،،،،،ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك بىر كۈنى تۇيۇقسىز مىنىڭ كۆزۈم كۆرمەس بوپ قالدى ھىشنىمنى كۆرەلمىدىم ،،،،،،،،،،،
ئاھ خۇدا ماڭا نىمە كەلگۈلۈك بۇ مەن قايسى قىلغان گۇناھلىرىمنىڭ جازاسىنى كۆرۋاتىمەن مىنىڭ ئورنۇمدا تاغ بولغان بولسىمۇ بۇ چاققا پارتىلاپ كەتكەن بولاتتى ،،،،، شەھرىمىزدىكى دوختۇرلار تەكشۈرۈپ كۆزۈمگە ئامال يوقىلىقنى  ئىيتتى،يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا كۈرۈنگەندىن كىيىن سول كۆزۈمگە ئامال يوقىلىقنى سول كۈزۈمنىڭ ئاستىدىكى قىل قان تومۇرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەننى ئەمما ئوڭ كۈزۈمنى ساقلاپ قالغىلى بولدىغانلىقىنى،ئەمما سول كزۈزۈمنىڭمۇتاشقى كۈرۈنۈشتىن ھىچقانداق كۈرۈنمەيدىغنننى بۇرۇنقى ھالەتتىن ئۈزگەرمەيدىغننى ئىيتتى شۇنداق قىلىپ ئوپراتسىيە قىلدى ئوڭ كۈزۈم كۈرىدىغان بولدى ئەمما سول كۈزۈم مەندىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى،،،،،،،،،،
داۋامى بار
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ئەجىر
  • يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 06:50 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    kunkiz
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ...
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6105
    شۆھرەت: 3103 نۇمۇر
    پۇل: 98597 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 381(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ئەجەپ كۆڭلۈم يىرىم بولدى داۋامنى  تىزراق يىزىڭە .
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 06:56 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    yurukum33
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33199
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 8
    شۆھرەت: 20 نۇمۇر
    پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    ماقۇل ئاپپاق ياقتۇرۇپ ئوقۇسىڭزلا يازىمەن ئۈزۈپ قويمايمەن
    ئەمما سالامەتلىكىم ئانچە ياخشى بولمىغاچقا ئۇزاق ئولتۇرالمايدىكەنمەن
    ئەمما نىمىلا بولمىسۇن ئەسەرنى توختۇتۇپ قويمايمەن
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 07:03 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    ataxkizi
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30441
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 68
    شۆھرەت: 68 نۇمۇر
    پۇل: 332 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 210(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ئاھ،خودا،بەرگەن كۈنلىرىڭىزڭە مىڭ شۇكرى.
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 08:22 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    dunyayar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32272
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-14

     

    ياراتقان ئىگەم تىنمىمىزنى سالامەت قىلغايسەن .  بەرگەن كۈنلىرىڭگە شۈكرى
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 11:38 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zibaay
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23257
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 69
    شۆھرەت: 69 نۇمۇر
    پۇل: 317 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 529(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    سالامەتلىك  ھەممىدىن  مۇھىم ، ئۆزىڭىزنى  ئاۋايلاپ  تۇرۇپ  يىزىڭ . . . . .    
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 11:47 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    blk0993
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32505
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 71
    شۆھرەت: 81 نۇمۇر
    پۇل: 425 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ، ئارام ئىلىۋىلىپ ئاندىن يېزىڭ .ئاللا ئاغرىقىڭىزغا شىپالىق بەرگەي .       
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 12:45 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    yurukum33
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33199
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 8
    شۆھرەت: 20 نۇمۇر
    پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    شۇنىڭدىن كىيىن مەن يەنە جىمغۇرلىشۋالدىم بەزىدە كىچىلىرى يۇرۇكۇم قاتتىق ئاغرىپ كەتسە بەزىدە بۇرنۇم تلا قاناپ ھۇشۇمدىن كىتەتتىم ئۆيدە مىجەزىمگە كەلمەيدىغان ئىش بولسىلا يىغلايتتىم شۇڭا ئۆيدىكىلەرمۇ مىنىڭ رايىمغا باقاتتى ئۆيدە دىگىنم دىگەن قىلغىنىم قىلغان ئىدى ئاددىغنىسى ئۆينىڭ بىر مەلىكىسى ئىدىم مىنىڭ ھەر بىر ئىغىز سۆزۈم ئۆيدىكىلەر ئۈچۈن بۇيرۇق ئىدى،
    بارا-بارا ئۆيدىكى كومپىيۇتىرنى ئىچىپ بۇ مەۋھۇم دۇنيا بىلەن تونۇشتۇم بۇ دۇنيا ماڭا شۇنچىلىك ئىلىق بىلىندى بۇ دۇنيادا مىنى ھىچكىم يەكلىمەيتتى ھەممىسى ماڭا ئامراقلىق بىلەن ئۆز قوينىغا ئالاتتى،رىئاللىقمۇ مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادەك گۈزەل بولسا ھە ،بۇ دۇنياغا كىرىشىپلا كەتتىم،ئۇنىڭدىن كىيىن مەن داۋاملىق مۇشۇنداق بۇرۇقتۇرمۇلۇق ئىچىدە ئۆتەرمەنمۇ دىگەنلەرنى ئويلىدىم
    مەنمۇ ياشىشىم كىرەك ماڭىمۇ كىيىن بىر تۇرمۇش لازىم مەن يىقىلغان جايىمدىن دەس تۇرىمەن دەپ نىيەت باغلاپ ئاۋال ئىشنى كەيپىياتىمدىن باشلاشنى ئويلىدىم ،
    بىر كۈنى دادام ئىشقا ماڭىدىغان ۋاقىتتا دادا ماڭا پۇل بەر،
    مىنىڭ بۇ گىپمنى ئاڭلاپ دادام بىر دەم ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن قوسقى ئىچىپ يىغلاۋاتقان كىچىك بالىغا ئاپىسى ئىمزەك سالغاندەك خوش بوپ كەتتى ئاندىن ،
    نىمە قىلىسىز بالام،
    سىرتقا چىقىپ كىيىم كىچەك ئالىمەن،
    يەنە كۆڭلۈم خالىغان نەرسىلەرنى ئىپ يەي دىگەن ئىدىم دىدىم ئەركىلەپ تۇرۇپ،
    ۋاي ماقۇل ئاپپاق قىزىمغا بەمەي كىمگە بىرەتتىم پۇلنى،
    دادامنىڭ بۈگۈنكىدەك خوش بولغىننى كۆرمىگىلى خلى يىللار بوپ قاپتىكەن ،
    پۇلنى ئىلىپلا ئۇچقاندەك سىرتقا يۈگۈردۈم،
    بىر خوشنىمىز بولىدىغان بالا ۋاقىتلىرىمىزدا قىزى بىلەن دوست ئىدىم ئۇ مەندىن ئىككى ياش چوڭ بولسىمۇ ماڭا ئامراق ئىدى،كىيىن دادىسى تۈگەپ كىتىپ خلى بۇرۇنلا تۈركىيەگە  چىقىپ كەتكەن بوۋىسىئىپ چىقىپ كىتىپ ئاپىسى يالغۇز قالغان كىيىن قايتىپ كىلىپلا مىنىڭ ھالىمنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى،
    بىكار بولسىلا مىنىڭ يىنىمغا كىرىپ ھەمراھ بولاتتى،
    شۇنىڭ يىنىغا چىقىپ ئىككىمىز كەچكىچە بازار ئايلىنىپ كۆڭلۈم خىلى كۆتۈرلۈپ قالغان ئىدى،
    ئۇنىڭدىن كىيىن تۈرۈلۋالمىدىم خلى ياخشى بولۇپ قالدىم پات-پات سىرتلارغا چىقىپ ئويناپ كىرەتتىم ئۆيدىكىلەرمۇ مەندىن خۇشال بوپ قالغان ئىدى،
    يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دەپ بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى،
    بىزنىڭ مەھەللىدە بىر ئاچا ئىنى بولىدىغان كىچىكىدىن دادىسى ئاپىسى يوق ئاچىسى توي قىلىپ بولغانكەن ،ئىنىسى تىخى توي قىلماپتىكەن ،
    شۇلار ئىنىسىغا ئەلچى بوپ كىرىپتۇ،
    دادام باشتا قەتئىي قۇشۇلمىدى ،بالام كىچىك ھەم كىسەلچان،ئۆزنىڭ ھۆددىسىن ئۆزى ئاران چىقىدۇ،چوڭ بوپ مۇشۇ كەمگىچە بىر تال قاچىنى ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكەپ باققان بالا ئەمەس دەپ قوشۇلمىدى،ئۇ ۋاقىتتا مەن ئاران 16 ياش ئىدىم،دادام قوشۇلمىغاندىن كىيىن ئۇلار چىقىپ كىتىپ كەينى كەينىدىن كىرىۋەدى ،نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بىرىپ مىنى تاماق ئەتكىلى سالمايدىغان ھىچ ئىش قىلغۇزمايدىغان بولۇپ بەك كۆپ ۋەدىلەرنى بىرىپ كىرىۋەردى،بۇ كۈنلەردە مىنىڭ كۆڭلۈمنىڭ ھىچ ئارامى يوق ئىدى نىمىشقىكىن ئۇلارنى كۆرسەممۇ بىر يەرلىرىم بىئارام بولاتتى،قوشماق ھەدەممۇ بۇ ئىشقا ھەرگىز قوشۇلمىدى،قالغان ئاكا ئاچىلىرىم بولسا ئالاي دىسە بەرگىلى بولىدۇ خەق ئالمايمەن دىسە بوينىغا مىندۈرۈپ قويامدۇق،خەق شۇنچە يالۋۇرۋاتسا بەرمەي نىمە قىلىمىز قاچانغىچە بۇنى بىقىپلا ئۆتىمىز قايسىمىز بۇنىڭغا بىر ئۆمۈر باقىۋەندە بولىمىز دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئاخىر دادامنى ماقۇل كەلتۈردى،
    ئاپامغا يىغلاپ ئاپا مەن توي قىلمايمەن دەپ ئۇنۇمۇدۇم ئاپام يىغلاپ بالام بىزنىڭمۇ سىزنى مۇشۇنداقلا ياتلىق قىلۋەتكىمىز بارمۇ ئاكا ئاچىلىرىڭزنىڭ ھالى مۇشۇنداق تۇرسا بۈگۈن بار ئادەم ئەتىسى يوق دادىڭز ئىككىمىز كۆز يۇمساقمۇ كۆزىمىز كەينىمىزدە قالىدۇ،دەپ يىغلىدى ،
    شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ قول ئىلكىدە بولمىغاچقا دادام،تويلۇقلارنىڭمۇ ھەممىسنى ئۆزى چىقىرىپ ئۆي ئىپ بىرىپ كاتتا توي قىلىپ بەردى،يۈرۈكۈم ئىغىپلا تۇراتتى،بۇ تويغا پەقەت رازىلىقىم يوق كەچكىچە ھىچكىمگە گەپمۇ قىلمىدىم،بىر يۇتۇم سۇمۇ ئىچمىدىم،توي كۈنى ھىلىقى دوستۇم بىلەن قوشماق ئاچام قولداش بولغان ئىدى مىنى ككچۈرۈپ يىڭى ئۆيىمىزگە ئىلىپ باردى مىھمانلار ئۇزاپ مەن ئۇ ئىككسنى يىنىمدا ئۇزاقراق ئولتۇرشنى ئۆتۈندۈم،ئۇلار ماقۇل بولۇپ خلى كەچكىچە يىنىمدا ئولتۇردى كەچ بولغاندا كىتەيلى دەپ مىنىڭ جانابىي <<قىيىنئاچام>>غا خوش دەپ قوياي دەپ ياندىكى ئۆيگە چىقسا ئۇكىسىغا مانا كۆچۈۈرپمۇ ئەكەپ بولدۇق بىر يىلغىچە يۇلغۇدەك يەرلىرى بولسا يۇلغىن ئاندىن كىيىن ئۆزىمىزنى سەل ئوڭشىۋىلىپ ساڭا باشقا ئايدەك خوتۇن ئىپ بىرىمەن دىگەنلەرنى ئاڭلاپ قاپتۇ،ئاچام كىرىپلا تۇر كىتىمىز دەپ مىنى يىتىلەپ ماڭدى ،مەنمۇ گەپ قىلمايلا كەينىدىن ماڭدىم نىمىشقىكىن تۇر كىتىمىز دىگەن گىپى ئۆمرۈمدىكى ئەڭ ىۇشال بولغان گەپمىكىن دەيمەن ئاچام ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي مىنى قايتۇرۇپ ئىپ چىقتى ئۇ ئۆيدىن چىقىپلا قەپەستىن چىققان قۇشتەك يۈرەكلىرىم يايراپ كىتۋاتاتتى سەۋەبىنىمۇ سۈرۈشتۈرمۈدۈم كاللامدا ئۇ يەردىن قۇتۇلۇپ چىققان خۇشاللىقلا بار ئىدى ،ئۆيگە كەلسەك بىزنى كۆرۈپ ھەممىسى ھەيران قالدى ئاندىن ئاچام يىغلاپ كۆردىڭزمۇ باشتا مەن نىمە دىگەن تىگى پەسنىڭ زىدىمۇ پەس ئۆزىمۇ پەس ھەممىسى نىمىسى پەس دەپ ئۇ ئاڭلىغان گەپلىرىنىڭ ھەممىسنى دىدى،
    توۋا ھازىرقى جاھاندىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار بولىدىكەن ھە،
    ئادەملەر نىمىدىگەن رەزىل ،مىنىۇت ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى ،شۇنداق قىلىپ مەن يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بىر نىكاھلىق ئاتالدىم، ماڭا نىمە نۇمۇس بۇ ،ئىچىمگە قاتمۇ-قات ئاچچىق ئۆتۈپ كەتتى
    داۋامى بار
    [ بۇ يازما yurukum33 تەرپىدىن2008-11-19 02:04 PMدە ق ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 01:46 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    kunkiz
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ...
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6105
    شۆھرەت: 3103 نۇمۇر
    پۇل: 98597 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 381(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    قىرىندىشىم بۇ تىمىڭىزنىڭ بىشنى كۆرۈپلا  كۆڭلۈم شۇندا يىرىم بوپ كەتكەن ئىدى سىزنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئۇچۇرىڭىزنى كۆرۈپ خۇددى ئۆزۈمنى  ئوت ئۇستىدە ئولتۇرۇپ قالغاندەك ھىس قىلۋاتمەن ، ئاللاھ سىزگە  ئۇزۇن ئۆمۈر سالامەتلىك يار قىلغاي قىنى تىمىڭىزنىڭ  داۋامدىكى  زىديەتكە تولغان ئىچنىشلى  ھىكايلىرىڭىزنى ئاڭلاي ، گەرچە  بۇنداق  ئىچنىشلى رىئال تۇرمۇشنىڭ ئەينەن كارتىنلىرنى مىنىڭ ئەسلا ئاڭلىغۇم كۆرگۈم بولمىسمۇ سىزنىڭ ماڭا ئىشنىپ قالدۇرغان ئۇچۇرىڭىز دىكى سۆزلەرنىڭ ھورمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم  كۆرمەن ، قىنى داۋامنى يىزىڭ ، تىمىڭىزنىڭ چالا بوپ قالماسلىغىنى تورداشلار نامدىن سىزدىن تىلەيمەن تولۇقى بىلەن  مۇنبەرگە يوللاڭ . لىكىن سالامەتلىگىڭىزنى  چوۇم ئاسراڭ .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 05:49 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    yurukum33
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33199
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 8
    شۆھرەت: 20 نۇمۇر
    پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    يوللىغان ئۇچۇرلىىرڭزنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم ئۇزۇندىن بىرى ئىچىلىپ كۈلۈپ باقمىغان يۈرۈكۈمدە ھەقىقى بىر قىتىم كۈلدۈم رەھمەت سىزگە بۇۇرندىنلا مۇنبەردە كۈزۈمگە ئىسسىق كۆرىنەتتىڭز شۇڭا سىزگە دىگۈم كىپ قالدى ،
    ئەسەرنىڭ داۋامىنى بۈگۈنلا يىزىپ تۈگىتىمەن ئاللاھ خالىسا
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 06:05 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    yurukum33
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33199
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 8
    شۆھرەت: 20 نۇمۇر
    پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    داۋامى،
    ئۆتكەن ئىشلار ئۆتتى ،بۇ ئىشقا مەن بۇرۇنقىدەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمىدىم،چۈنكى بۇ ئىشنى بۇرۇنلا كۆڭلۈم خالىمىغان،كۆزىدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ دەپ،ماڭا ئاللاھ ئوڭ كۆزى بىلەن قارىدى،ئەگەردە شۇ ئىشنى بىر كۈن كىيىن بىلگەن بولسام مەن شۇ نىجىسنىڭ قولىدا نابۇت بولاتتىم ،شۇڭا كۆڭلۈمنى ئازادە تۇتتۇم ئۇ ئشلارنى ئويلاپ كەتمىدىم ،
    كىيىن مەن يەنە مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيانى تاللىدىم بۇ دۇنيا شۇنداق ئىللىق دۇنياكى،مەن ئىچ سىرلىرىمنى( بەلكى ئۈزۈم كۈرۈپ باقمىغان تۇنۇمىغان بولساممۇ) شۇنداق كۆڭلى ياخشى ئادەملەر گە تۆكەلەيمەن ئۇلار بىلەن ئىچىلىپ پاراڭلىشالايمەن ئويلاپ باقسام 10 يىلدىن بۇيان بەكلا ھىرىپ كىتىپتىمەن ،خاپىلىق ئازاپلارمۇ ماڭا يەتكۈچە كەپتۇ،
    مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيانى ئارلاۋىتىپ سەن بىلەن تونۇشتۇم ،
    بىز پاراڭلاشساق كەچكىچە گىپىمىز تۈگىمەي قالاتتى،
    سەن شۇنداق شوخ كەچكىچە قىزىقارلىق پاراڭلارنى قىلىپ بىرىپ مىنى كۈلدۈرۋىتەتتىڭ،مەن باشتا سىنى ئاكامدەك كۆرۈپ ساڭا ئامراق ئىدىم،
    ھەر ئىكىكلىمىز ئەتىگەندىلا تورغا چىقىپ بولاتتۇق،
    شۇ پاراڭلاشقانچە كەچكىچە قوساق ئاچقاننىمۇ بىلمەي قالاتتۇق ئويلاپ باقسام مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ بەختلىك كۈنلۈرۈم شۇ ۋاقىتلار ئىكەن ،
    سەن بىر كۈنى تۇيۇقسىز مىنىڭ يۈرەك كىسىلىم بارلىقنى بىلىپ قاپسەن ئاندىن مەندىن سورۇدۇڭ،
    ئۇ ۋاقىتتا قىملا بوپ قالدىڭ كۆڭلۈڭ يىرىم بولغان ئىدى،
    مەن ھەر كۈنى تورغا چىقىپلا بىرىنچى بوپ قىلىدىغان ئىشىم سىنىڭ بار يوقلىقىڭنى تەكشۈرۈش ئىدى،سەن بولساڭ يۈرۈكۈم ۋىللىدە يۇرۇپ كىتەتتى،
    ئاندىن ساڭا ئەركىلەپ كىتەتتىم،نىمىشقىكىن سەن بىلەن پاراڭلاشسام بارلىق ئازاپلىرىمنى ئۇنتۇيتتىم كاللامدا سەندىن باشقا ھىشنىمە ھۆكۈم سۈرمەيتتى،
    سەنمۇ ماڭا شۇنداق ئامراق ئىدىڭ،
    تۇنجى قىتىم مىنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكەن ئىدىڭ ،
    ۋۇي سىز باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان شۇممۇ نىمە؟
    نىمە كۆزىڭزگە شۇم چىراي كۆرۈنۋاتامدىم؟
    ياقەي ئاۋازىڭز خۇددى بوۋاق بالىنىڭكىدەك چىقىدىكەن،
    شۇنداقمۇ ؟ئۆزۈممۇ بوۋاق بالىدىن قىلىشمايمەن ھى ھى ھى ،
    بىر كۈنى تۇيۇقسىز سەن ماڭا ،
    ئەگەر مەن سەن بىلەن بىر يۇرتلۇق بوپ قىلىپ ئۆيۈڭگە ئەلچى كىرگۈزسەم ماڭا تىگەمتىڭ دىدىڭ!
    ھى ھى ھى نىمە دورىنى خاتا يۇەۋالمىغانسەن بالامۇي،
    سەت ھىجارىمىغنە مەن ساڭا سەممىي گەپ قىلۋاتىمەن،
    نىمە؟ نىمە دىدىڭ؟
    مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن ،
    مىنى ياخشى كۆرىسەن؟
    بۇ گىپڭنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم،
    مەن ساڭا يۈك بوپ قالىمەن ،مەن سىنىڭ سۈيۈشۈڭگە ئەرىزمەيمەن
    نىمە دەۋاتىسەن سەن ئەرزىيسەن ،مەن ئەزەلدىن ئادەملەرگە ىاتا باھا بەرمەيمەن مەن خلىدىن بىرى ساڭا دىققەت قىلغان سىنىڭ شۇنداق كۆڭلۈڭ ياخشى بالىلارچە مىجەزىڭ ئوماق ئاۋازىڭ ئىشقىلىپ مىنى ئۈزۈڭگە لال قىلغان تەرەپلىرىڭ كۆپ،
    بۇ گەپلىرىڭنى كۆرگىنمدە يۈرۈكۈپ تىشىغا قىچىپ چىقايلا دىگەن ئىدى،
    گەرچە سەن مىنى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭمۇ ساڭا شۇنچىلىك ياخشى تەسىر بىرەلىگىنىمدىن خۇشال ئىدىم،
    ئەمما ئۇ ۋاقىتتا سىنى مۇنداقلا دەپ قويۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم نەدىمۇ بىر برىنى كۆرمەي تۇرۇپ ياخشى كۆرۈپ قالدىغان ئىش بار؟
    شۇڭا مەنمۇ كۆپ ئويلانماي ماقۇل دىدىم ،
    ھە جىن بۈگۈن نىمە ئىش قىلدىڭ؟
    جىن دىمەۋە گۇي؟
    ۋوي ئائىلەڭدە تەربىيە كەمچىلمۇ نىمە؟ئىرىنىمۇ شۇنداق تىللىغان بارمۇ؟
    ماڭەۋە بىرىپ ئوينىغنا ماڭ سەت قاسماق مەتۇ مىنىڭ ئىرىممىش،
    بەزىدە مىنى ئەركىلتىپ گەپ قىلساڭ مەنمۇ تەڭ ساڭا ئەركىلەپ كىتەتتىم ،
    ئىشقىلىپ ئۇ ۋاقىتتا ئىچ ئىچىمدىن خۇشال ئىدىم مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادا ئاللاھنىڭ سىنى ماڭا ئۇچراتقىننىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن زور بەخت ئىدى
    مەن ئامال بار بىر مەزگىل بولسىمۇبۇ بەختنى قولدىن بىرىپ قويماسلىققا تىرىشاتتىم شۇڭا ئۆتمۈشۈمنى ئدمال بار سەندىن يوشۇراتتىم،
    چۈنكى ئۆتمۈشۈمنى بىلسەڭ سەنمۇ ئۈن تىنسىز غايىپ بولاتتىڭ مىنىڭ چىرايىم بۇزۇلغان شۇڭا ساڭا يالغان رەسىم كۆرسەتتىم چۈنكى بۇندىن بۇرۇنمۇ مەن ئەڭ يىقىن دوس دەپ بىلگەنلەر مىنىڭ ئۆتمۈشۈم سەۋەپلىك مىنىڭ چىرايىم سەۋەپلىك مەندىن ئۈن تىنسىز ئايرىلغان ئەمدىلىكتە سىنىڭمۇ مۇشۇنداقلا مەندىن يىراقلاپ كتىىشڭنى خالىمايتتىم ،
    ئەمدى بىلسەم ئەينى ۋاقىتتا ئالغان شۇ بىر خاتاقەدەمنىڭ سىنىڭ ھەم مىنىڭمۇ يۈرىكىمىزنى قايتىدىن زىدە قىلشنى ئويلىماپتىكەنمەن ،
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 06:46 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    atirgul627
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 673
    شۆھرەت: 835 نۇمۇر
    پۇل: 2910 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 148(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

       بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم ھەجەب يېرىم بولدى ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ!
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 08:08 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zibaay
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23257
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 69
    شۆھرەت: 69 نۇمۇر
    پۇل: 317 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 529(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    داۋامىغا  بەكلا  قىزىقىپ  قالدىم . . . . .
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 08:31 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.058130(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 11:03
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号