ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ؟
ﺭﯨﻨﺪﺍﻥ
ﻣﻪﻥ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﻟﺘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﭼﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﻻﯞﺯﯨﺪﯨﻦ - ﻻﯞﺯﺍ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ << ﺋﯩﻨﻜﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ >> << ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻢ >> ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ، ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯙﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﺳﯩﻘﯩﻠﺪﻯ .
ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯗ ؟ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ... ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﮔﺎﮬﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺑﯩﮭﻮﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﻜﺎﺷﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ، ﺧﯘﺷﺎﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ، ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﯘﻳﯘﭖ ، ﺧﯘﺩﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﭼﺎﯞﺍﻙ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺩﺍﺩﯨﻞ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﺑﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﭘﻼ ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﯞﯦﺮﯨﺶ .
ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ . ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﺗﺎﻟﯩﺌﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭺ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺭﻭﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛﺵ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺗﻪﻟﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻛﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ << ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻜﻪﻧﻐﯘ ، ﺩﻩﭘﻼ ﻗﯘﺗﯘﻻﻳﭽﯘ ؟ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﭘﻘﯩﭽﻪ ... >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ ﺗﯧﯖﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﯘﻳﯩﻤﯩﺰ . ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﯘﻳﯘﺵ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪﻣﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﺨﭽﺎﻡ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯚﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻛﯚﭖ . ﺗﻪﻧﺘﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﯘﻳﺴﺎﯕﻼﺭ ... ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ ...
ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ٪100 ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﺷﺘﻰ . ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻟﺪﯗﻡ . ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻳﯧﺘﯩﭙﻤﯘ ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ، ﻣﯧﯖﯩﭙﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ . ﮬﺎﻳﺎﺟﯩﻨﯩﻢ ﺑﺎﺭﺍ - ﺑﺎﺭﺍ ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ - ﺩﻩ ، ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﺩﯛﻡ .
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ، ﺋﯚﺯ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺗﺮﯨﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ، ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ . ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ << ﻣﯘﻧﯘﻛﻰ >>ﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ ، ﺧﯘﺩﯛﻛﺴﯩﺮﻩﺵ ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺷﯘ ﺧﯘﺩﯛﻛﺴﯩﺮﻩﺷﯩﮕﻪ ﺩﺍﻝ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ << ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺕ >>ﻻﺭﻏﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ! ﺷﯘﯕﺎ ، ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ : << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯙﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻗﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﮔﻪﭖ . ﺋﯘﻻﺭ ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ << ﻣﯘﻧﯘﻛﻰ >>ﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .
ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻣﺎﯞﺯﯗ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ : << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯙﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ >> ﺑﯘ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻣﻤﯘ ، ﺑﯘ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺷﻨﻪﻡ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ : << ﺳﻪﻥ ﺩﯙﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻐﯘ ؟ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ( ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﯚﻳﻪﺭ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﻣﺎﯞﺯﯗﻧﯩﯔ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻧﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﯩﻠﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﯩﻼ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ، ﮔﺎﻟﯟﺍﯕﻠﯩﻘﻰ ، ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺯﯨﻨﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ... ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ، << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯙﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ >> ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﻤﯘ ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯜﻣﯩﺪ ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ، ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺭﻭﮪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯙﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ >> ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ! << ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻤﯩﺰ ، ﺋﯘﻗﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ؟ ﺋﯩﺴﯩﺖ ، ﺧﯘﺩﯛﻛﺴﯩﺮﻩﭖ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ >> ﺩﻩﭖ ، ﺋﯘ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ << ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ >>ﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻣﺪﯗﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻭﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻳﺎﺳﺎﻣﺪﯗﻕ ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ .
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﮔﺎﮬﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺭﯨﯖﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﺎ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ، ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ، ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﻟﯩﻤﯘ ﺭﺍﮬﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺗﻮﻏﺮﺍ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻤﻤﯘ ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﻧﻤﯩﺴﯘﻥ ؟ ﻛﯩﻤﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﻟﻪﺧﺘﻪ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ؟! ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﺎ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ، ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯙﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ << ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ >>ﻧﯩﯔ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭙﻤﯘ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻣﯧﮭﺮﻯ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﺑﯘ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯙﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ >> ﮬﯚﻛﯜﻣﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﺎ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﻤﺎ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺳﺎﭘﺎﻳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺷﻮﺋﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺶ ﭘﯜﺗﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺋﺎﻧﭽﻪ - ﻣﯘﻧﭽﻪ << ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ >>ﻛﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ << ﺭﻩﻗﯩﺐ >> ﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ، << ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ >>ﻧﻰ << ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ >> ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﺋﻪﺗﺘﯩﻢ . ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﻣﯩﺰ ﺑﻪﻙ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ - ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯘﻳﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻘﻜﻰ ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ !
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﺎ ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ، ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﯜﭺ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻣﺘﺎﻗﻼ ، ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﮬﻠﯩﮕﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ؟! ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ! ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ !
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ << ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﻪﺱ - ﮬﻮﺷﯩﻐﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ - ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ >> ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ << ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺵ >>ﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﭖ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ . << ﺭﻭﮪ _ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰﺩﯗﺭ . ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ . >> ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭘﭽﯩﻼﺭ . ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰ . ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ، ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﭼﯩﻼﺷﺘﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﻣﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯜﭼﻨﯩﯖﻤﯘ ﻣﻪﺩﻩﺕ ، ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﯩﻐﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ! ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯜﭼﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭ . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ، ﺑﯘﺭﭺ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ، ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﺒﯩﻨﺎﻣﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻤﺪﯗﺭ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ << ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺵ >>ﺗﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﻗﯧﻴﯩﻦ . ﭼﯜﻧﻜﻰ : << ﻣﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ، ﻣﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﻤﻪﻥ >> ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﭘﭽﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻳﻪﻧﻰ << ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﻪﺱ - ﮬﻮﺷﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ << ﺋﯩﺴﻜﯩﻼﺗﯩﯖﯩﺰ >>ﻏﺎ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﯜﯞﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﻳﺪﯗ ؟ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺟﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ >>
ﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺴﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ ؟ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ ؟ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ، ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭖ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ : ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯙﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ>>ﻗﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻱ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺩﺍﯞﺭﺍﯓ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ - ﺗﻪﺯﯨﻢ ، ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ، ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﻪ ﻳﺎﯕﺮﺍﺗﻘﺎﻥ . ﺗﻮﻏﺮﺍ ، ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯜﺗﻜﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺗﺒﯩﻘﻼﺷﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ، ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻟﯘﭖ - ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪﻡ ﺯﻭﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ . ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻤﺎﻱ ، ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﻩﺳﺴﯩﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯗﻕ . ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﯨﻤﻜﻰ ، ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ << ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺗﯚﻛﻜﯜﭼﻰ >> ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﻣﻪﻱ ، ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺩﯦﻤﻪﻳﻠﻰ ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ . ﻳﺎ ﺋﯚﻟﯜﻛﻜﻪ ، ﻳﺎ ﺗﯩﺮﯨﻜﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﻣﯘ ، << ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯘ >> ﺗﯜﮔﻪﭘﻤﯘ ﻗﺎﻻﺭ ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﺎﭘﺎﻳﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﺷﺎﺭ ... ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ : << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻗﯩﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻧﺎﮬﻪﻗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ >> ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯗ ، ﻳﻪﻧﻰ << ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ >>
ﺩﻩﺭﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ ﺗﯧﻴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﻪﻡ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﺗﯩﻜﻰ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺭﺍﻧﻪ ﺗﺎﯕﻐﺎ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺭﯗﻣﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ : << ﺳﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺷﯘﯓ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎ ، ﻳﻪﻧﻰ ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ ؟ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎ . ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺋﻪﺭﺯﯨﻨﯩﻐﯩﻼ ﮔﯚﺭﯛﮔﻪ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺳﯧﺘﯩﯟﻩﺗﻤﻪ ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﻳﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ... >> ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﺍﯞ ﺑﯩﺰﮔﻪ : << ﺑﻪﺵ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ ﺑﯧﺮﻩﻱ ، ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﯟﺍﻻﻱ >> ( ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ) ﺩﯦﺴﻪ ، ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﻤﯩﺰ . ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﮬﺎﻏﺎ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﺳﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺴﻪﻙ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺭﯗﻣﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻣﺎﻳﻤﯩﺰ ؟! ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ ؟! ﮬﻪﺩﯨﺴﺘﯩﻤﯘ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺪﯗ : ﺋﯜﭺ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﯘﺯﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﻯ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ، ﻳﻪﻧﻰ ، ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . << ﻳﺎﺷﺎﺵ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﯧﺴﺎﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯘﺭ >>
ﺷﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻰ ﺑﯘﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯗﺭ . ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯞﯦﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﻪﻡ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﯗﺭ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﭘﯩﺴﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻮﻕ ! ﻛﯜﻟﭙﻪﺕ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﯩﻦ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﯓ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭗ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﺑﻪﺧﺘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﺎﻏﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﭘﯩﻤﯩﺰ . << ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﻠﻤﯘ - ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ، ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﻳﯩﺮﮔﯩﻨﭽﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺑﯩﻠﻪﻟﯩﺴﯘﻥ >>
ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ . ﺭﻭﮬﯩﻲ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻙ ﯞﻩ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﻤﯩﺪﻯ ؟ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻗﻤﯩﺪﻯ ؟! ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭ ﮬﯩﺠﺮﺍﻥ ، ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﭘﯘﭼﯩﻼﻧﻤﯩﺪﻯ ؟! ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻻﻛﻪﺕ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ .
ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﺎ ، ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ، ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯙﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ >>ﺗﺎ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﻪﺳﻠﻰ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯙﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ >> ﺩﯦﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘﻻﺗﺘﯩﻐﯘ ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻗﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ ؟! ﺑﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ .
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﻩ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎﻗﻼ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺷﻪﭘﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ : << ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺩﻩﯞﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ < ﺳﯚﯕﮕﻪﭺ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ > ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ >>
ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺗﻮﻏﺮﺍ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﯚﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ << ﺗﯩﻞ >> ﺳﯧﻠﯩﭙﻤﯘ ﻗﯘﻳﯩﺪﯗ . ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘﺭ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ؟! ﺑﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﯘﻧﯩﯖﺴﯩﺰﻣﯘ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ، ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؟ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﺮﻣﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯚﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﮪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺷﻪﺭﺗﺘﯘﺭ . ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ! << ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ >>
ﺑﻪﺧﺘﻨﻰ ﮬﯧﭻ ﻛﯩﻢ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻻ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ . << ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﺪﻯ . ﺑﺎﻏﺪﺍﺩﺗﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ، ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﻰ ﺋﯩﻼﮬﻘﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺗﯩﻦ ﻛﯧﭽﯩﭗ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭ - ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ . >> ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺭﯗﻣﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺑﯘﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﻛﻪﯓ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ << ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺭﯗﻣﻰ >> ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ : << ﺋﯚﺯ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﻳﯩﯖﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺯﯗﻟﻘﻪﺭﻧﻪﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﺮﻩﻙ >> ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﯞﻩ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﻻﺯﯨﻤﺪﯗﺭ . ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ . << ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ >> ﺷﯘﯕﺎ ، ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﮬﻪﻟﻼﺟﻰ << ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ .
ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ : << < ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯙﺕ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺶ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ > ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﯖﯩﺰ ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﯖﯩﺰ ، ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘﻻﺭ ؟ >> ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻏﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻗﯘﻡ ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺧﯘﺩﯛﻛﺴﯩﺮﻩﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺰﺩﻩ ، ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﮔﯚﺷﻰ ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺑﯘﻻﺭ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭﻏﯘ ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﯞﺍﻟﯩﻤﯩﺰ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻱ - ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺟﺎﺭﺍﮬﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺴﯩﺨﻮﻟﻮﮔﻨﯩﯔ : << ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ : << ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﺩﯙﺕ ﺩﻩﻳﺪﯗ ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻤﻪﻥ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻜﻰ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻡ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰ ﭘﺎﻟﻪﭺ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺭﻭﮬﯩﯖﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﯕﮕﯜ ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻙ ، ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﭘﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ . ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ !؟ ﺷﯘﯕﺎ << <ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ، ﻣﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﻤﺪﺍ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ > ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﯓ >> ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﯩﺮﻻ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ، ﺑﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﯓ !
ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﭖ - ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ : << ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﺎﭘﺎﻧﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﮬﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ>>ﺗﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﺎﻻﻳﻤﯩﺰ .
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﺩﻩ << ﺗﯜﺭﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ >>ﯨﻨﯩﯔ ﻟﻪﭘﯩﻠﺪﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﻨﻰ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﻳﻪﻧﻰ ، << ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ >> ﺗﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯚﺯ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻼﺭﺩﻩﻙ ﻟﻪﭘﯩﻠﺪﻩﭖ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . << 13 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ < ﺗﯜﺭﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ > ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ < ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻯ > ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ < ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ > ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ < ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ > ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ >> << ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ... >> ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻻﭘﻼ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ : << ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭖ ، ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﻕ ، ﺋﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﻧﻮﻣﯘﺱ . >>
ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ . ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ . ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻤﯩﺴﻪﻙ ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﻮﻻﺵ ، ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﮬﺎﻟﺪﺍ ، ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﻳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ، << ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻣﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ << ﻗﯩﺴﺎﺱ >> ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ ﮔﯜﻟﯩﻤﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . << ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﻣﯘﺵ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻩﺭ ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻧﻮﻣﯘﺱ >> ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﯩﺒﻨﻰ ﻳﺎﭘﺴﺎﻕ ، ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﯩﺒﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﭘﯩﺪﯗ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻣﯘ ﺑﺎﺭﻏﯘ ؟
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ : << ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ ؟ ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﻤﯩﺰ ؟ >> << ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻏﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﯩﺰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ، ﺳﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﺴﯩﺰ ؛ ﺳﯩﺰ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺳﯩﺰ ، ﻛﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﻏﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯚﻟﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﯖﯩﺰﻻ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ >>
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﺧﯩﺘﺎﺑﻰ ﮬﻪﺭ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﺎﯕﺮﺍﭖ ، ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺘﺎﺑﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ : << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ ! ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ << ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﺎﻳﯩﻘﻰ >> ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ !
<< ﺯﺍﺩﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻘﻰ - ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ؟ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﯩﺮﻯ - ﺗﯧﺮﻩ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﭘﻪﺭﻗﻰ >>
ﺭﯗﺧﺴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯓ !