چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ تېما 2940 قېتىم كۆرۈلدى
birzat
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 27800
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 60 نۇمۇر
پۇل: 311 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 186(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 ئۇيغۇر ياشلىرىغا يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما Ay~chiwar تەرپىدىن (2008-11-13)دە نادىرلاندى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور ئەھلى،  ئىچىم ئاچچىق بولۇپ سەپرايىم سەل ئۆرلەپ قالدى. جىق گەپلەرنى دېمەكچى ئىدىم، ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ دېگەن ھېكمەتنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشۇپ سۈكۈتنى ئەلا بىلمەكچى بولدۇم. شۇنداقتىمۇ مىللىتىمىز ياشلىرىنى خار-زەبۇنلۇق كوچىسىغا تاشلاۋاتقان ئىجتىمائىي بوھرانلارغا يەنە يېڭى بىر بوھراننىڭ قوشۇلماقچى بولغانلىق شەپىسىنى ھەر قايسىڭلارنىڭ پىكىر-مۇھاكىمەڭلارغا تاشلىدىم. (مەزكۇر خەت 18 ياشلىق بىر قىرىندىشىمىز تەرىپىدىن 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت بلوگىhttp://www.80halta.com غا يوللانغان) پايدىلىق پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر!
بۇ ھەقتە يۈكسەل بلوگى http://yuksel.blogbus.comنىڭ قۇرغۇچىسى يۈكسەل بۇرادىرىمنى چۈشەنچە بىرىشكە تەكلىپ قىلدىم. ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىدىن داۋام قىلىدۇ.

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى ..مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى ئىزچىل كۆرۈپ كېلىۋاتقانلاردىن بىرى ...(ئۇلۇغ خۇدا ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن ) ...ھەممە تېمىڭىزنى ئاساسەن كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن ...ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ،مەن بۇ يىل 18 ياش ،ئۆزۈم ئۈرۈمچىدىن ،ئوقۇغۇچى ..سىز تېۋىپ بولغاچقا چوقۇم بىلىسىز ،يەنسۇەن چۈمادو دەپ بىر دورا بار ..جىددى ئاغرىقلارغا ،ئوپىراتسىيەدىن يېڭى چىققانلارغا ئىشلىتىدىغان ...دىسەم دېمىسەم بۇ دورىنى مەن دېمەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ..مەن مۇشۇ دورىغا ئۆگىنىپ قالغان .يەۋاتقىلى 2 يىل بولدى ..دەسلەپتىكى يېرىن يىلدا كۈندە بىر قاپ (10تال)يەيتىم .بارا -بارا ئۆزۈمنى تىزگىنلەپ ئارلىقتا يېرىم يىلدەك يىمىدىم ....يېقىندىن بۇيان يەنە يەۋاتىمەن ..لېكىن ھازىر كۈنىگە 2تال يەۋاتىمەن ..بۇ دورىنى يىسە كەيىپ قىلىدۇ ..مەن ئەزەلدىن كەيىپ_ساپاغا يېقىن يولىمايتىم ..لېكىن بىر دوستۇم يەپ باق دەپ بىر قېتىن يەپلا داۋاملىق يەيدىغان بۇلۇپ قالدىم ..ئارلىقتا جىق يەۋىلىپ ئاق چېكىۋالغان ئادەمدەك قېتىپ قېلىش ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلدى ..يىمەي دەپ ئۆزۈمنى شۇنچە چەكلەپ باقمىدىم ..لېكىن يىمىسەم ئىچىم پۇشۇپ ،نىمىلا ئىش قىلسام زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ ،پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولغاچقا مۇشۇ 2ئاينىڭ ياقى يەنە يەۋاتىمەن ...مەندىكى ھازىرقى ئالامەتلەر كاللامدا ئويلايدىغان نەرسە بەك كۆپ ..ھەمىشە پۇشايمان ۋە تۆۋەن كەيپىياتتىلا يۈرىمەن ..يەپ بۇلۇپلا بەك پۇشايمان قىلىمەن ..ئەتىدىن باشلاپ يىمەيمەن دەيمەنيۇ ،ئەتىسى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنلا يىگىم كىلىپ ،ئۆزۈمنى پەقەت تۇتىۋالالمايمەن ..ئاخشىمى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ ..خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە خىيال سۈرۈپ ياتىمەن ..ئەتىگىنى پەقەت تۇرغۇم كەلمەيدۇ ..كاللام ئېغىرلىشىپ ،ئۇنتۇغاقلىشىپ كەتتىم ..يىمىسەم پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىيدۇ ..يەۋالسام ئۇنداق ئەمەس ...بۇ دورا بۆرەك ۋە نېرۋىغا بەكلا زىيانلىق دەپ ئاڭلىغانىدىم ..يېرىم يىل بولدى بېلىم ئاغرىيدۇ..ھەپتىدە بىر قېتىم ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىپمۇ قالىمەن ....سۈيدۈكنىڭ پەقەت بېسىمى يوق ،خېلى ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن سىيىدىغان بۇلۇپ قالدىم ..ئۆزۈمدىن تولا گۇمان قىلىدىغان ،سەپرا مىجەز بۇلۇپ قالدىم ..بەدىنىم بەك ئورۇق ..ئۇخلاپ قوپسام قۇلىقىم چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدۇ ...كەيپىياتىمنىڭ بىر كۈن تولۇق ياخشى بۇلۇپ باققىنىنى بىلمەيمەن ...كاللامدا يۈزمىڭ خىيال ...بەل چارچاش ھېس قىلىمەن ..بۇ دورىنى يەيدىغانلار بەك كۆپ ..بۇلۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ...بەزىدە جېنىمدىنمۇ تويۇپ قالىمەن ..ئېنىقكى ،بۇ شۇ دورىنىڭ تەسىرى ...بىر ئاينىڭ ياقى تولا سىيىدىغان بۇلۇپ قالدىم ..بىر سائەتتە ئىككى قېتىم سىيىمەن ...لېكىن پەقەت بېسىم يوق ..سۈيدۈك خېلى ئۇزۇندا ئاندىن چىقىدۇ ...تاماق يېيىشىم نورمال ..تەكشۈرتسەم بۆرەككە سوغۇق ئۆتۈپتۇ ..ئازىراق ياللۇغلىنىش بار ئىكەن دەپ دورا بەردى ،،،لېكىن دورىلارنىڭ پەقەت ئۈنىمى بولمىدى ...مۇشۇ دورىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلىدىغان ،كەيپىياتنى تەڭشەيدىغان ،بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ،مېنىڭ يۇقارقى كېسەللىك ئالامەتلىرىمدىن قۇتۇلۇشقا چارە بارمىدۇ ؟؟بۇنىڭ ئۈچۈن مەندىن نىمە كەتسە مەيلى ...ياردەم قىلسىڭىز ...ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بۇخىل دورىلار ئومۇميۈزلۈك ئەۋج ئالدى ...بۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىمىزغا ،بالىلىق بۇلۇشىمىزغا ،بەدەن سۈپىتىمىزگە چوقۇم قاتتىق زىيىنى بار ..لېكىن بىلىپ تۇرۇپ قول ئۈزەلمەيۋاتىمىز ..بۇ مېنىڭلا ئەمەس ،مۇشۇ خىل دورلارنى ئىستىمال قىلىۋاتقان بارلىق ياشلارنىڭ ئىلـىجاسى ...يول كۆرسەتسىڭىز ..دورا بېرەمسىز ياكى باشقا خىل ئۇسۇل بولامدۇ قايسى بولسا مەيلى ...مۇشۇ دورىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ ،بەدەننى ئەسلىدىكى ياخشى ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدىغانلا ئىش بولسا ،مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن دىگىنىڭىزنى قىلىمەن ۋە ئەتراپىمدىكى بۇ دورىنى ئىستىمال قىلىدىغانلارغا تەۋسىيە قىلىمەن ..ئېنىقكى بۇنى يەۋاتقان ھەر قانداق ئادەم زىيىنىنى بىلىدۇ ..بىلىپ تۇرۇپ يەيدۇ .يەپ بۇلۇپلا قاتتىق پۇشايمان ئىچىدە قالىدۇ ...مېنىڭ ۋە بىزنىڭ بۇنداقلا تۈگەشكىمىز يوق ...ياردەم قىلسىز!!!!

تۆۋەندىكىسى يۈكسەلhttp://yuksel.blogbus.com بۇرادىرىمنىڭ بۇ دورا ھەققىدىكى چۈشەندۈرىشى:

بىر قىسىم تورداشلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا 盐酸曲马多 نى قالايمىقان ئىستېمال قىلىشتەك ناچار خاھىشنىڭ ئەدەپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىپ، نەزىرىمىزنى ئۇشبۇ ئىشقا ئاغدۇرۇشقا چاقىرماقتا.
خوش، ئۇنداقتا ، بىر قىسىم ياش - ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز نېمە ۋەجىدىن مەزكۇر دورىنى ئىستېمال قىلىشىدۇ ؟
ئالدى بىلەن بىز 盐酸曲马多 ئاتلىق بۇ دور بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى:
Tramadol Hydrochloride ( يەنسۈەن چۈمادو 盐酸曲马多 ) نىڭ تەسىرى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، كلىنىكىدا ئاساسلىقى يامان سۈپەتلىك ئاغرىقلارنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىق، راك كېسەللىكىدىكى ئاغرىق، تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىق قاتارلىق. بۇ دورا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتكۈچى دور ھېسابلىنىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دورىنى نورمال ئادەم كۈنىگە 200 مىللىگىرامدىن ئۇدا 6 ئاي ئىستېمال قىلسا، بو دورىغا قارىتا ئورگانىزمدا تاينىشچانلىق ( 药物依赖 ) پەيدا بولۇپ، دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئەگەر كۈنىگە 300 - 400 مىللىگىرام ( 6 - 8 تال ) دىن ئۇدا 2 ئاي ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىستېمال قىلسا، ئېىغر دەرىجىدە خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، نەپەس يولى سىستېمىسى فۇنكىسىيىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئورگانىزىمدا دورىغا قارىتا بەرداشچانلىق ۋە تاينىشچانلىق شەكىللىنىپ ھەمدە باشقا قوشۇمچە ناچار تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن. مەزكۇر دورىنىڭ خۇمارلىقى ( كىشىنى ئۆزىگە خۇمار قىلىپ قويۇش دەرىجىسى ) باشقا زەھەرلىك بويۇملارغا قارىغاندا ئاجىزراق ۋە بۇ خىل تەسىرى ئاستراق بولسىمۇ، مەلۇم مەزگىل ئۇدا ئىستېمال قىلغاندا خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغاندىكىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ئۇرۇشقاق، يالغانچى، چېچىلاڭغۇ، لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن.
盐酸曲马多 غا خۇمار بولۇپ قېلىش ھادىسىسىگە يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا خېلى ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدىغان 5 چوڭ دورىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. دۆلەت ئىچىدىمۇ بۇ دورىنى دورىخانىلاردا قالايمىقان سېتىشنى، بولۇپمۇ رىتسىپسىز سېتىش ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشنى قاتتىق چەكلىگەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇ جايدىكى، بۇ دورىنىڭ ئاغرىق توختىتىش تەسىرىدىن باشقا مەلۇم دەرىجىدە روھلاندۇرۇش ئۈنۈمىمۇ بار بولۇپ، بۇ دورىنى ئىستېمال قىلغاندا، كىشى مۇئەييەن دەرىجىدە روھلىنىپ، ئۇيقۇسى قېچىپ، كىشى قورساق ئاچقاننى، ھارغان - تالغاننى تۇيماي قالىدىكەن. شۇڭا، ئىرادىسى ئاجىز ياش - ئۆسمۈرلەر بۇ دورىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتمەستىن قالايمىقان ئىشلەتكەن. بولۇپمۇ تورخانىدىن كۈنبۇيى چىقالمايدىغان ياش - ئۆسمۈرلەر، شەھۋانىي ئىشلارغا بېرىلىدىغان ياش يىگىت - قىزلار خاتا ھالدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلساق << روھلاندۇرۇش، ئۇيقۇنى قاچۇرۇش، ھارغاننى تۇيماسلىق تەسىرىنى بېرىدىكەن >> دەپ قاراپ، قالايمىقان ئىستېمال قىلغان. بىر قسىم گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان قىزلار << قورساقنى ئاچۇرمىسا ، ئۇرۇقلايدىكەنمىز >> دەپ بولۇشىغا ئىستېمال قىلغان. ھەتتا ، ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىش بىلەن كۇپايە قىلماستىن ئەتراپىدىكى دوست - ساۋاقداشلىرىغىمۇ ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشقان. خۇسۇسەن پېقىرمۇ بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىدا ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ( بۇلارنىڭ ئارىسىدا قىزلارمۇ بار ) بارلىقىنى بايقىغان ئىدىم ( ئۇ چاغلاردا بۇ مەسىلىگە ئاددىي قاراپ، بەلكىم بىرەر جايلىرى ئاغرىق بولسا كېرەك، دەپ قارىغان ئىكەنمەن. ). يېقىندا ، ئۇزۇندىن بېرى كشىلىرىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى بۈگۈنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ھېكمەتلىرنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن مننەتسىز تەر تۆكۈۋاتقان يېقىن بۇرادىرىم بىرزاتنىڭ بلوگى ( 80 خالتا تور بېتى ، http://www.80halta.com ) دا ەدەل مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت سوراپ قالغان بىر توردىشىمىزنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ يازغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەن ئويلغاندەك يېنىك دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى، نەزىرىمىزنى جىددىي ئاغدۇرمىساق بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھەمدە بۇرادىرىم بىر زاتنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن مۇشۇنداقراق بىر تېمىنى يېزىپ چىقىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ دىققەت - نەزىرىنى ئۇشبۇ مەسىلىگە بۇراش، قېرىنداشلىرىمىزنى 盐酸曲马多 نى قالايمىقان ئىستېمال قىلماسلىققا چاقىرىش ، ئاللىقاچان خۇمار بولۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇ خىل ناچار ئادەتنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.
盐酸曲马多 نڭ ناچار تەسىرلىرى :
1. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، دورىغا قارىتا تاينىشچانلىق شەكىللىنىپ، كىشىنى خۇمار قىلىپ قويىدۇ.
2. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى زور دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈپ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، بۆرەك ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىغا زور دەرىجىدە ناچار تەسىر كۆرىستىپ، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنتۇغاق، لەقۋا، قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ.
盐酸曲马多 غا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالامەتلىرى :
بۇ دورىغا خۇمار بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قېلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، توختىماي تىت - تىت بولۇش، يۈرۈكىدە چۈمۈلە ماڭغاندەك بىئارام بولۇش، سۆڭەك - بوغۇملىرى ئاغرىش، دەككە - دۈككۈدىلا يۈرۈشكە ئوخشاش ئېغىر ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 盐酸曲马多 نىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇش بەك تەس بولۇپ، ئادەتتە خىرۇئىن خۇمارىدىنى تاشلاشقا قارىغاندا تەس دەپ قارىلىدىكەن.
يامان يېرى، بۇ خىل دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، دائىم باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقىسى، ئۇرغاندىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇرۇپ، خۇماردىن چىققۇسى كېلىدىغان ( زوراۋانلىق خاراكتېرى )، بىرنەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدىغان، ئۇرۇپ - چاقىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، دائىم چېچىلاڭغۇ يۈرىدىغان لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن. بۇندىن باشقا، بۇ دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى دېگەندەك بولمىغان ياش - ئۆسمۈرلەر ئوغرىلىق ياكى بۇلاڭچىلىق شەكلى بىلەن دورا پۇلىنى تېپىشقا ئورنىدىكەن. شۇنىسى رۇشەنكى، بۇ بىر ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورا ئىكەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر 盐酸曲马多 ئاللىقچان دۆلەت تەرىپىدىن رىتسىپسىز سېتىشقا بولمايدىغان، رىتسىپىسىز ئىشلىتىشكە بولمايدىغان، بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشقا بولمايدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن تۇرسىمۇ، ياش - ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز بۇ دورىنى نەدىن تېپىپ ئىستېمال قىلىدىغاندۇ ؟! ... شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ( دورىخانا خۇجايىنلىرى، دورا ساتقۇچى ) كۆڭلى زەھەردىن قارا ، مانا بۇ كىشىلەر جەمئىيەت ئۈچۈن زەھەردىنمۇ ئېغىر ئاپەت !
بولدى بەس ! قېرىندىشىم، ئېنىم ، سىڭلىم ، ئەمدى بۇ 盐酸曲马多 نى قالايمىقان يېمەڭ ! خۇمار بولۇپ قالغان بولسىڭىز، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇ زەھەرسىمان دورىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەتكە كېلىڭ ! قاراپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى نابۇد قىلماڭ ! كەلگۈسىڭىزنى ھە دېگەندە قاراڭغۇ - زۇلمەت ئىچىگە ئىتتىرمەڭ ! ....
مەزكۇر يازما << يۈكسەل بلوگى >> دىن ئېلىندى  http://yuksel.blogbus.com
داۋامىنى كۈتۈپ تۇرۇڭ!
مەنبە: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت بلوگىhttp://www.80halta.com
تېما تەستىقلىغۇچى : Ay~chiwar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-13, 06:32
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-13 01:33 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
Ay~chiwar
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 3048
شۆھرەت: 1454 نۇمۇر
پۇل: 6295 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 441(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-12

 

سەھىيە نازارەت ئورۇنلىرى بۇ ئىشقا  قاتتىق مەسئۇل بولۇپ ، 盐酸曲马多 نىڭ سېتىلىشىنى تىزگىنلىسە بولغۇدەك .
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 02:58 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
mahmutjan110
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 20912
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 123
شۆھرەت: 133 نۇمۇر
پۇل: 479 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

 

بۇ  دورىنى  نىمە  دەپ  يەيدىغاندۇ  بىرەر  ئاكتىپچىلىقى   بارمىكىنە  توۋا   بۇ  خەقلەر  بىر  كۇنى   ئاق  چىكىپ  پۇشمان قىلىپ  ساراڭ  بۇلسا  بىر  كۇنى  ئەيدىز بۇلۇپ  قىلغانلىرىغا  پۇشمان  قىلدىكەن  ئەمدى  بۇ  دورا   نىمە  دىسەم  بۇلا      ئەڭ   ياخشىسى  تــــــــــــــــــــوۋا  دەي  
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 03:10 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
korki
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20669
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 145
شۆھرەت: 208 نۇمۇر
پۇل: 757 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 137(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

 

   بۇ  دورىنىڭ رەسىمنىمۇ بىللە قوشۇپ يوللىغان بولسىڭىز بوپتىكەن.
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 04:08 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
osal
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 30883
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
پۇل: 274 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 202(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 

مىڭ دىسەڭلارمۇ ھۆكۇمەت بۇ دورىنى چەكلىمەيدۇ.مەن سىلەرگە ئۆز قۇلىقىم
بىلەن ئاڭلىغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي.
مەندىن بىر سىنىب توۋەن ئۇقۇيدىغان(تۇلۇق2)بىر قىز بالا مۇشۇ 9_ئايدا شۇ
دورىنى يەپ قېتىپ قالدى. ئاپارمىغان يە،كۆرسەتمىگەن دوختۇرخانا قالمىدى.
ھەممىسى ئۇمىد يۇق دەپ قايتۇرىۋەتتى.50،70،70 تىن يىگەن.ھازىر ئۇيىدە .
ھۆكۇمەت بىزئۇيغۇر يىگىت_قىزلىرىنى چۇشكۇنلەشتۇرۇپ بولالمىغان ۋاقىتتا
بۇ دورىنى چەكلەمۇ؟ئۇ دورىخانا ھازىرمۇ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ.چەكلىگەن بولسا
ئاشۇ دورىخانىنى تاقىۋەتسە بولاتتى.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 04:09 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
osal
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 30883
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
پۇل: 274 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 202(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 

خاتا يېزىپتىمەن تۇلۇق2ئەمەس مەن تۇلۇق2دە،ئۇقىز تۇلۇق1دە16ياشلىق قىز.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 04:10 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
halqigul
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 8378
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 699
شۆھرەت: 206 نۇمۇر
پۇل: 203 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-26

 

ما ئىشنى كۈرۈڭ،بۇ نىجىس نەدىن كەلدى.خۇمارى ئاقتىنمۇ يامان دەڭلار...نىمەدىگەن قورقۇنۇشلۇق.......
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 04:12 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
atirgul627
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28722
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 673
شۆھرەت: 835 نۇمۇر
پۇل: 2910 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 148(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

    نەدىمۇ پەيدا بولدى بۇنداق دورىلار....  ئاللاھدىن پۈتۈن ياش قىز-ئوغۇللېرىمىزنىڭ ئىنسابىنى ۋە ئىمانىنى تىلەيلى!
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 04:25 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
r.m
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29389
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 229 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 154(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-01

 

[ئوسال] تورداش  بىلمەي  تۇرۇپ قالايمىقان  سۆزلىمەڭ  ،ئالاقىدار  مەزمۇنلارنى  بۇ يەردىن  كۆرۈڭلار  http://xzc.2000y.net/mb/1/readnews.asp?newsid=744561


بۇ دورىنى سېتىشتىن  توختاتقىلى  نەۋاخ،بۇ  دورىنى ساتقان  دورا  دۇكاننى سىز  ئۆزىڭىز  تۇرۇشلۇق  يىمەكلىك-دورا  نازارەت  قىلىپ  باشقۇرۇش  ئىدارىسىغا پاش قىلسىڭىز بولىدۇ.  ھەر  بىر دورا  دۇكاندا  شۇ  يەرلىك  دورا-يىمەكلىك نازارەت قىلىش  باشقۇرۇش  ئىدارىسىنىڭ پاش  قىلىش  نۇمۇرى  بار.
[ بۇ يازما r.m تەرپىدىن2008-11-13 17:26دە قايتا تەھر ]
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 05:09 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
ayjahan
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29134
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 523
شۆھرەت: 694 نۇمۇر
پۇل: 1068 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 286(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

اللا،اللا بۇ جەمىيەت نىمە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ؟بۇنداق دورىنى يەيدىغانلار ئاساسلىغى يۈرگىنىدىن ئايرىلغانلاركەن،بۇنداقلا يىسە،ئكزىنى روھلۇق،خۇشچاقچاق ھېس قىلارمىش،قارشى تەرپ كۆرسىمۇ دەرت تاتماپتۇ،دەپ قالارمىش،شۇڭا قىز سىتودىنتلار ئارىسىدا بەك ئېغىركەن.................ھەي،قانداقمۇ قىلارمىز؟؟؟
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 05:16 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
r.m
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29389
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 229 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 154(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-01

 

بۇ  مەسىلىنى  ھەل  قىلىشتا  پەقەت  ئالاقىدار  ئورۇنلارغىلا  تايىنىپ  ھەل  قىلىش  بەك  قىيىن ،ئەڭ  مۇھىمى ياش  ئۆسمۈرلەرگە  بولغان  تەربىيەنى  كۈچەيتىش   ،ئۇندىن  باشقا ھەر  بىرىمىزنىڭ  دورادۇكانلانى نازارەت قىلىپ  پاش قىلىشىمىز  زۆرۈر...سىز  كۆرۈپ  تۇرۇپ  پاش  قىلمىسىڭىز   بۇ  مەسلىنى تۈپتىن  ھەل  قىلىشىمىز  مۇمكىنمۇ؟؟؟
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 05:35 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
koqahaweri
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 32684
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 81 نۇمۇر
پۇل: 350 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 131(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 

زادى بۇ كەيىپسىز ھايات لەزەتسىزمىدۇ، ئۇلۇغ ئالاھ مۇشۇ مەينەتچىلىكلەردىن ئەۋلاتلارنى نېرى قىلغايسەن.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 05:37 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
uygur007
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 17586
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 620
شۆھرەت: 592 نۇمۇر
پۇل: 2175 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

ئاقنىڭ يەنە بىر  خىل  ئاتىلشىمۇ نىمە  بۇ    تىمىڭىزغا  كۆپ  رەخمەت  تىمڭىزنى كۆرۈپ  نورغۇنلىغان   ياشلار  پالاكەتتىن ساقلىنىپ قالغۇسى
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 05:42 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
axkar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29393
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 454
شۆھرەت: 530 نۇمۇر
پۇل: 331 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 58 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىمۇ  بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئەتىراپىدىكى ھەممە دورىخاندا دىگىدەك بار ئىدى .  بىرزات ئەپەندىنىڭ دىگىنىدەك ئاشۇ دوختۇرلار پۇل ئۈچۈن قالايمىغان ساتىۋىرىدۇ . يەنە بىر مەسىلە  گەپ ئۆزىمىزدە .
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 06:18 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
pukra
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 15369
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 357
شۆھرەت: 349 نۇمۇر
پۇل: 1160 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 229(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-28

 

زەھەر بىلەن دوستلاشقىنىڭ ،
ھايات بىلەن خوشلاشقىنىڭ.
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 07:02 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.056183(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 11:01
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号