چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ تېما 6473 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: قارا باسقان تەقدىر ( پوۋىست) _ ياسىنجان ئىبراھىم پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

zilyar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28994
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 قارا باسقان تەقدىر ( پوۋىست) _ ياسىنجان ئىبراھىم

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن (2008-11-06)دە نادىرلاندى
     قەدىرلىك تورداش دوسلار،تۆت يىل بۇرۇن «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئەسىرىمنى تولۇقلاپ،كېڭەيتىپ قايتا يېزىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.سەمىمى پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
                                                              
                                                                  قارا باسقان تەقدىر
                                                                      (پوۋىست)
    كەچكۈزنىڭ مۈز ئارىلاش يامغۇر يېغىۋاتقان جۇدۇنلۇق كۈنىدە، چۇۋۇلغان ئۇزۇن چاچلىرى،كىيىملىرى چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن ئون يەتتە،ئون سەككىز ياشلاردىكى بۇ قىز تاتارغان چىرايىدىكى يامغۇر ساقىندىلىرى بىلەن تاراملاپ تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېقىتىپ،قەبرىستانلىققا نىمە ئىش بىلەن ماڭغاندۇ؟\...قولىدىكى چىڭ سىقىمدىۋالغان بوتۇلكىنى نىمە قىلىدىغاندۇ؟\ مۇشۇنداق جۇدۇنلۇق كۈندە قەبرىستانلىقتىن زادى نىمە ئىزدىمەكچى؟...جاۋابىنى سەۋىر-تاقەت قىلىپ قىسمەت بايانىمىزدىن ئىزدەيلى...
                                                                            1
   بارات مەيلى ئۆيىگە قايتقاندا بولسۇن،ياكى ئۆيىدىن سىرتقا ماڭغاندا بولسۇن،يېقىن يولنى تاشلاپ،خۇددى بىرلا يولغا كۆنۈپ قالغان ھايۋاندەك مۇشۇ كوچىدىنلا ئايلىنىپ ئۆتىدىغان بولۇپ قالدى.ئۇ ھەر قېتىم بۇ كۆچىدىكى بىر قورۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىدە سۈيدۈكنى كۆرۈپ تۇمشىقىنى تەككۈزۈپ تۈرىۋالىدىغان ئېشەكتەك ئىختىيارسىز توختايدۇ-دە ئاچچىق موخۇركىسىدىن بىرنى يۆگەپ تۇتاشتۇرۇپ،ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچىنى شورىۋېتىپ،ھويلىنىڭ ئىچىگە بىر ھازا قارىۋالغاندىن كېيىن ئاستا كېتىپ قالىدۇ.مانا بۈگۈنمۇ شۇ ھويلىدىكى ئۇزۇن تارتىلغان سىمغا كىر يېيىۋاتقان زىلۋا،چىرايلىق ئايالغا بوينى تالغىچە قارىۋالغاندىن كېيىن،نىمىلەرنىدۇ پىچىرلىغىنىچە يولىغا راۋان بولدى.ئۇ بۇ ئايالنى ئون يەتتە يىلدىن بېرى ئوتىدا كۆيۈپ-پىشىپ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىدىنمۇ ياكى قەلبىدە ساقايماس جاراھەتلەرنى قالدۇرۇپ،ياشلىق ھاياتىدىكى كۆڭۈلسىز قىسمەتلىرىنىڭ سەۋەپكارى دەپ ئۆچمەنلىك قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈنمۇ، بۇ ئۇنىڭ تىلسىماتتەك سىرلىق روھى دۇنياسىدىن باشقا ھېچكىمگە ئېنىق ئەمەس ئىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكىنى كىمدۇر بىرى ئۈچلۇق زىخنى سانچىپ ئۆتكۈزۈپ،يېلىنجاپ تۇرغان سوكسوكنىڭ چوغىغا قاقلاپ كاۋاپ قىلىۋاتقاندەك ئېچىشقان ھالدا ئۇنتۇلغۇسىز ئاچچىق ئەسلىمە بولۇپ قالغان قىسمەتلىرىنى كۆڭۈل ئېكرانىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
                                        **                              **                                **                            
  ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈلگەن بوياقتەك قارا چاچلىرى تېقىمىدا يەلپۈنۈپ تۇرغان؛ تال-تال ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى قورغان قىلىپ، قاپقارا ئەگىمە قاشلىرىدەك قارا،خۇمالىق يوغان كۆزلىرى چولپاندەك چاقناپ تۇرىدىغان؛ھەر كۈلگەندە  سۈزۈك،ئاق چىرايىغا تېخىمۇ ھۆسۈن قوشۇپ چىرايلىق زىناقلىرى شۇنچە يارىشىدىغان زىلۋا بويلۇق ئون سەككىز ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مەريەم يارىشىملىق ئۇزۇن كۆينەكلىرىنى كىيىپ، مەھەللە كوچىلىرىدا پەيدا بولغىنىدا، ئۇنى كۆرگەن يىگىتلەرنىڭ  كۆڭلى قانداقتۇر،شىرىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلمەي قالمايتتى. ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەرنىڭ ئىچىدە  ئۇسقانلىق، كەم سۆز ، يىگىرمە ئۈچ ياشلىق باراتمۇ بار ئىدى.مەريەمگە بىرىنچى بولۇپ مۇھاببەت تەلىپىنى قويغانمۇ  بارات ئىدى.ئۇ كۈنى مەريەم چوڭ ئالا كالىسىنى يېتىلەپ،ئېتىزدىن  تار ھارۋا يولىغا چىقىشىغا نىمىدىندۇر ھۈركۈپ كەتكەن كالا  مەريەمنىڭ كۈچى يەتمەي قويىۋەتكەن ئارقاننى سۆرەپ،يەنە ئېتىز تەرەپكە قاچتى.شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭغا سايىدەك ئەگىشىپ يۈرىۋاتقان بارات بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ،ئويناقشىپ سەكرەپ قېچىۋاتقان كالىنى ئالدىدىن چىقىپلا بىر تۇتام چۆپنى تەڭلەپ تۇرۇپ ئاسانلا تۇتىۋالدى-دە جىلە بولۇپ تۇرغان مەريەمنىڭ قېشىغا يېتىلەپ كېلىپ:
_بىر يېرىڭىز زەخمىلەنمىگەندۇ مەريەم؟_دىدى.
_ ياق،ھېچنىمە بولمىدىم.رەخمەت سىزگە._ دىدى مەريەم قىزىرىپ يەرگە قاراپ.
_ ئەجەپ خالى يەردە تۇرۇپتۇق،سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى.
_ نىمە گەپ،قېنى تېزراق دەڭ،كەچ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.
_ چوقۇم ماقۇل دەڭ.
_ نىمىگە ماقۇل دەيمەن؟
_ مەن سىزنى...مەن سىز بىلەن...
_ سىز زادى نىمە دىمەكچى؟
  بارات كۆڭلىدىكى بىر ئېغىز سۆزنى زادى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەي بىر ھازا دۇدۇقلاپ،سوئال نەزىرى بىلە قاراپ تۇرغان مەريەمگە پۈتۈن ئىشقى بىلەن تىكىلىپ قاراپ،ئاخىر زور غەيرەتكە كېلىپ سۆزىنى ئوچۇقلا قىلدى:
_ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،ئىككىمىز توي قىلايلى...
_ نىمە دەيدىغانسىز بارات،مەن تېخى بۇ ئىشلارنى ئويلاشمىغان،ماڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ._ دىدى مېھرىبان نارازىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ.
_ ئەمدى ئويلاشسىڭىز بولىدىغۇ؟
_ ياق،ئەمدى بۇ گەپنى قىلغۇچى بولماڭ،ئەكىلىڭ ئارغامچىنى،مەن قايتىمەن.
_ ماقۇل بولمىسىڭىز كالىڭىزنى بەرمەيمەن،_دەپ كۈلدى بارات.
_ بەرمىسىڭىز كالا سىز بىلەن قالسۇن ئەمىسە.
    مەريەم  ئاۋازىنى قوپال چىقىرىپ شۇنداق دىدى-دە بۇرۇلۇپلا ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.ئۇنىڭ باراتقا قىلچىلىكمۇ كۆڭلى بولمىغاچقىمىكىن قەلبىدە بىزارلىق تۇيغىسىدىن باشقا ھېچقانداك ئىنكاس يوق ئىدى.
_ ھەي،تاۋىنازۇك قىز،كالىڭىزنى تاشلاپ نەگە بارىسىز،توختاڭ،توختاڭ دەيمەن...
  بارات ئارقىسىغىمۇ قارىماي كېتىۋاتقان مەريەمنىڭ ئارقىسىدىن ۋاقىرىغىنىچە ئارقىسىغا  داجىيىۋالغان كالىنى سۆرىگىنىچە ئەگىشىپ ماڭدى.
    شۇ ئىش بولۇپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن بارات مەريەمنى ئېتىزغا كېتىۋاتقان يولىدا يەنە توسىۋالدى.
_ ئەجەپ بىزەڭكەنسىزغۇ؟ يولۇمنى يەنە نىمىشقا توسىسىز؟_ دىدى تېرىكىپ ئاچچىقىدىن يېرىلغىدەك بولۇپ كەتكەن مەريەم.
_ تىللىسىڭىزمۇ مەيلى،مەن سىزگە چاپلاشقىنىم چاپلاشقان._دەپ گىدىيىپ تۇردى بارات.
_ ئاۋارە بولماڭ،تەلىپىڭىزگە ھەرگىز ماقۇل دىيەلمەيمەن.
_ ئۇنداقتا مېنى ياراتمايدىغان ئوخشىمامسىز؟
_ ئۇنداق ئەمەس.
_ ئەمىسە نىمىشقا ماقۇل دىمەيسىز؟
_ ئوچىقىنى دەي، سىزگە كۆڭلۈم يوق شۇ.
_ پاھ،پاھ،مۇنداق دەڭ تېخى، ئاشۇ ئالتۇندەك كۆڭلىڭىزدە زادى قايسى ئىسىلزادە باركىن،قېنى  ئاڭلاپ باقاي._ دىدى تەرسالىقى قوزغىلىشقا باشلىغان بارات،مەريەمنىڭ كۆزىگە قادىلىپ،_ مەن بىلەن توي قىلسىڭىز زىيان تارتمايسىز  جۇمۇ ؟
_ مېنى ماڭغىنى قويۇڭ،بولمىسا ۋاقىرايمەن جۇمۇ؟_ دىدى مەريەممۇ سەل كەينىگە داجىپ،زەردە بىلەن.
_ قېنى ۋارقىراڭ،كانىيىڭىز يىرتىلغىچە ۋارقىرىمامسىز قېنى؟قورقۇپ قاچامدىكەنمەن.
    دەل شۇ چاغدا بارات بىلەن تەڭتۈش كېلىدىغان ئەركىن ئىسىملىك يىگىت بۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى.ئۇ پۈتۈن كەنىتتە ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ بىر گۈلى سانىلىدىغان،توي-مەشرەپلەر ئۇنىڭسىز قىزىمايدىغان،بۇلبۇلدەك ئاۋازى بىلەن ناخشا ئېيتسا ھەممىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان،خۇشچاقچاق،ئىشچان يىگىت بولۇپ، مەريەمنى خېلىدىن بېرى ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،ئۆز كۆڭلىنى قانداق ئىزھار قىلىشنى بىلەلمەي يوشۇرۇن كۆيۈپ كېلىۋاتاتتى. مەريەممۇ ئۇنى خىيال قىلىدىغان،كۆرسىلا يۈرەكلىرى باشقىچە سوقۇپ ئۆزىچە ھودۇقۇپ قالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.مانا مەريەم ئۇنى كۆرۈپلا خۇددى ئەڭ يېقىن ئادىمىگە يولۇققاندەك خوشال بولۇپ:
_ ئەركىن ئاكا،ئەجەپ ياخشى كەلدىڭىز،مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن،_ دەپ كۆزىدىكى لىغىلداپ قالغان يېشىنى سۈرتۈپ،ئىككى تاقلاپلا ئەركىننىڭ يېنىغا بېرىۋالدى مەريەم.بۇنىڭدىن غۇژژىدە سەپرايى ئۆرلىگەن بارات،ئەركىنگە ئالىيىپ:
_ بولدى سەن يولۇڭغا كېتىۋەر،بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلاشقۇچى بولما._ دىدى.
_ قىز بالىغا مۇشۇنداقمۇ يولسىزلىق قىلامسەن،كوچىدا تۇتىۋېلىپ مۇشۇنداق قىينىساڭ قانداق بولىدۇ._ دىدى ئەركىن سالماقلىق بىلەن باراتنىڭ يېنىغا كېلىپ.
_ يولسىزلىق قىلىپ نىمە قىپتىمەن؟تەلەپ قويىۋاتىمەن،قانداق؟_ دەپ ھۈرپەيدى بارات.
_ ئۇنىڭ ساڭا كۆڭلى بار ياكى يوقلىقىنى سوراپ كۆردۈڭمۇ؟
_ بار بولامدۇ،يوق بولامدۇ پەرۋايىم پەلەك،ئاڭلاپ قوي، مەن دىگەن ئوغۇل بالا،ئالىمەن دىگىنىمنى ئالماي قويمايمەن.
_ سىزمۇ ئاڭلاپ قويۇڭ،_ دەپ گەپ ئارىلىدى مەريەممۇ چىداپ تۇرالماي،_ كاللامنى كېسىۋەتسىمۇ ھەرگىز سىز بىلەن توي قىلمايمەن،مۇھاببەت ئەركىنلىكىمنى دەپسەندە قىلماقچىمىدىڭىز؟
_ سوغۇققان بولغىن بارات،_ دىدى ئەركىن مەريەمنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا،_ئۇ تەلىپىڭنى رەت قىلىۋاتسا ئۇنچىلا زورلۇق قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟
_ ھەي،سەن بۇ يەردە  رودىپايدەك تۇرىۋالماي،كۆزۈمدىن يوقالغىنە\_ دەپ قول شىلتىدى بارات.
_ مەريەمنىڭ سەن بىلەن قېلىشقا رايى بولسىلا مەن كېتەي._ دەپ ئەتەي مېڭىشقا تەمشىلىپ،مەريەمگە مەنىلىك قارىدى ئەركىن.
_ رايىمنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ مېنى تاشلاپ ماڭماقچىمۇسىز ئەركىن؟_ دەپ دومسايدى مەريەم.
    دەتالاش خېلى ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىپ،باراتنىڭ يولسىزلىقى چېكىدىن ئېشىپ،مەريەمنىڭ قولىدىن سىلكىپ تارتىپ،تەلۋىلىكىنى باسالماي بىر شاپىلاق ئۇرىۋەتتى. بۇنى كۆرگەن ئەركىننىڭ سەۋىر-تاقىتى توشتى بولغاي ، چاپاننى سېلىپ تاشلاپ، خۇددى ئوۋغا ئېتىلغان قاپلاندەك باراتقا تاشلاندى.ھەر ئىككىسىنىڭ ئاغزى-بۇرنى قان بىلەن بويالغان چاغدا،مەريەمنىڭ ۋارقىرىشى بىلەن ئۇياق-بۇياقتىن يۈگرەپ كېلىشكەن كىشىلەر ئۇلارنى تەستە ئاجرىتىۋېلىشتى. مەريەم ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتقان يىگىتىنىڭ ھالقىلىق ۋاقىتتا پىداكارلىق كۆرسىتىپ، غورۇرى بىلەن قوغدىغانلىقىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ،مۇھاببىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى.
  ھايت-ھۇيت دىگىچە پۇتۇن مەھەللىلەرگە: « بارات بىلەن ئەركىن مەريەمنى تالىشىپ مۇشلىشىپتۇ» دىگەن خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە تارقىلىپ كەتتى.بەزىلەر: «ھەي بايقۇشلار، بىر قىزنى تالىشىپ،قان بولۇشقىچە چەك تاشلىساڭلار بولماسمىدى.» دەپ كۈلۈشسە؛يەنە بەزىلەر: « ئىككىڭلار سوقۇشۇپ ھەل قىلالمىساڭلار،دوئىلغا چىقساڭلار بولغىدەك» دىيىشىپ،قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
  شۇ كۈندىن بېرى مەريەم باراتنىڭ قارىسىنى كۆرسىلا  قاچىدىغان بولدى.ئاتا-ئانىسىنى مەجبۇرلاپ كىرگۈزگەن ئەلچىلەرنىمۇ « لايىقىم بار» دىگەن بىرلا سوزىدە چىڭ تۇرۇپ قايىل قىلىپ چىقىرىۋەتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىنى پەقەت ئەركىنلا ئىگەللەپ بولغان ئىدى.سۆيگۈ تەشنالىقىدا ئۆتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەركىننىڭ بىر پارچە مۇھاببەت خېتىنى تاپشۇرىۋالدى.خەت قىسقىلا يېزىلغان بولۇپ،بىر تال گۈلنى چىشلەپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان كەپتەرنىڭ رەسىمىمۇ سىزىلغان ئىدى.مەريەم خەتنى خوشاللىق،ھاياجاندىن تېپچەكلەۋاتقان يۈرىكىنىڭ ئۇدىلىغا يېنىك بېسىپ قويۇپ، ئاندىن قاتلاقلىرىنى ئاۋايلاپ ئېچىپ،تەشنالىق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدى:
              سالام سىزگە مەريەم:
  ئۇزاق-ئۇزاقلاردىن كۆڭلۈم تۆرىدە ئورۇن ئېلىپ،يۈرىكىمگە مۇھاببەت ئوتىنى يېقىپ،كۇندىن-كۈنگە ئۇلغايتىپ كېلىۋاتىسىز.قانچە قېتىملاپ،سۆيگۈ ئىزھارىمنى بايان قىلاي دەپ ھەر ئۇچراشقاندا تىلسىز گاچىغا ئايلىنىپ قالدىم.
كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى بولغان كۆزلىرىممۇ،سېھىرلىك كۆزىڭىزگە تىكىلىپ قاراشقا جۈرئەت قىلالماي قالدى.بۈگۈن بۇ ئاددى خېتىم بىلەن سىزنى ئۆمۈرلۈك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى،بىر ئۆمۇر سۆيىدىغانلىقىمنى ئىزھار قىلىش نىيىـىگە كەلدىم.مۇھاببەت گۈلىنى ھەرگىزمۇ باراتقا ئوخشاش مەجبۇرلاش بىلەن ئېچىلدۇرغىنى بولمايدۇ.ئاخىرقى تىلىكىمنى تۆۋەندىكى شېئىر بىلەن تاماملاي.
                    ئىشقىڭغا قۇل بولدى ياشلىق ھاياتىم،
                    بىلمىدىم مەجنۇنلۇق ماڭا يەتتىمۇ.
                    سەندىنلا ئىزدەيمەن يۈتكەن كۆڭۈلنى،
                    بۇلاقتەك كۆزۈڭگە  چۆكۈپ كەتتىمۇ.
                        
                  تۈنلىرى كۆزۈمدىن قاچماقتا ئۇيقۇ،
                  يۈرەرمۇ ئادىشىپ  كىرپىكلىرىڭدە.
                  ئويغاتتىڭ يۈرەكتە بەك شىرىن تۇيغۇ،
                  چۈشەنگىن بەرىبىر كۆڭلۈم سېنىڭدە...
  ماڭا ياخشى ئويلىشىپ،تېزراق جاۋاپ بېرەرسىز.كۆڭلۈمنى سۆيۈندۈرۈپ،بەخىت دەرياسىدا چۆمۈلدۈرگىدەك سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاشقا تەشنامەن.
                                        جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ:
                                                                          ئەركىن
  مەريەم خەتنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، كۈتكەن مىنۇتلارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن بەكمۇ خوشال بولغان ئىدى.شۇ تاپتا يۈگۈرگىنىچە بېرىپ ئەركىننىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ:«مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ ۋاقىرغىلىرى كەلگەن بولسىمۇ،جاۋابىنى بىر قانچە كۈن كېچىكتۈرۈپ بېرىشنى ئويلىدى.
                                    (داۋامى بار)
تېما تەستىقلىغۇچى : ajrim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-06, 09:08
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(ajrim) ئىجادىيەت
  • MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-06 05:02 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zilyar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28994
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 57 نۇمۇر
    پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    (داۋامى)

      مەريەم بىلەن ئەركىننىڭ مۇھاببەتلەشكەنلىكى ھەتتا پات يېقىندىلا توي قىلماقچى بولغانلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان باراتقا خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئاڭلىغاندەك بەكمۇ ئېغىر كەلدى.ئۆيىدىكىلەر كۆڭلىنى ئاياپ شۇنچە سىلىق سۆزلىسىمۇ،خۇددى ئۈششۈك ھەرىسىدەك ئاچچىق تېگىپ،توڭلۇق بىلەن قوپاللىق قىلىدىغان،ئاچچىق موخۇركىنى ئۈزۈلدۈرمەي چېكىدىغان بولىۋالدى.ئۆزىنىڭ شۇنچە قول-ئىلكىدە بار بىر ئائىلىنىڭ ئوغلى تۇرۇپ، ئەشۇ  بىر يوقسۇلنىڭ قىزى مەريەمنىڭ مۇھاببىتى ئالدىدا يېڭىلىپ،يۈزىنىڭ بۇنچە تۆكۈلگەنلىكىگە پەقەتلا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.ئۇ نىمە قىلىش ھەققىدە خىيال چىگىشلىرىنى يېشەلمەي،پەقەتلا بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتاتتى.شۇ تاپتا توم يۆگەلگەن موخۇركىسىنى دەممۇدەم شوراپ،ئاغزىدىن ئىسىنى ھالقا شەكىلدە چىقىرىپ،ئاسمانغا پۇۋلەپ ئولتۇرغان باراتنىڭ كاللىسىدا ئەنە شۇ چىگىش خىياللار ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى: «...ئاسماندىكى ئاي بولسىمۇ چوقۇم يۇلۇپ ئالالايمەن دەپتىمەن تېخى،ماۋۇ قەلەندەرنىڭ قىزى چېغىدا مېنى ياراتماي باشقا بىرسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقىنى نىمىسى\؟ ئۇنى دەپ بىر نەچچە قېتىم مۇشلۇشۇپ قان بولساممۇ سەتچىلىككە قالغىنى يەنىلا مەنغۇ...بەزىلەرنىڭ يۈزۈمدىن يۈزۈمگە <چۈجە ئالالمايدىغان سا > دەپ شاڭخو قىلىشلىرىچۇ تېخى. بۇنداق يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرگىچە ھەر ئىككىسىنى يەر يۈزۈدىن بىراقلا يوق قىلىۋېتىپ،نىمە كۆرسەم كۆرەيمىكىن يا...ياق،ياق،ئۇ چاغدا چىدالماي قاپتۇ دەپ روھىم تېخىمۇ مازاققا قالار...قېنى تويىنى قىلىپ باقسۇن،جاھاننىڭ مۇرادى ئۇزۇنغۇ تېخى...»
    _ ئاكا،تامىقىڭنى يەۋالغىن.
        ئىنىسى مەرداننىڭ ئاۋازىدىن  خىيال يىپى ئۈزۈلگەن بارات،چۆچىگەندەك ئىتتىك ئىنىسىگە ئالىيىپ بىر قارىدى-دە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ:
    _ نىمىنداق چۈڭۈلدايسەن،مانا ھازىر..._ دەپ ۋارقىرىدى.
      دەل-دەرەخلەردىكى سارغايغان ياپراقلار تۆكۈلۈشكە باشلىغان كۈز ئېيىنىڭ بىر يەكشەنبىسى مەريەم بىلەن ئەركىننىڭ توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلدى.مەريەمنىڭ ئۆيىدە چوڭ قازانغا پولو دۈملىنىپ، ھويلا يۇرت جامائىتى بىلەن تولدى.ئايرىم قورۇدا ئوغۇل-قىز ئولتۇرىشى شادىيانە خەلىق ناخشىلىرى بىلەن توي شاتلىقىنى ئەۋجىگە يەتكۈزۈپ ئۈزۈلمەي ياڭراۋاتاتتى. قازاندا قوي سويۇلۇپ تەييارلانغان قورداق خۇددى توي نەغمىسىگە جۆر بولىۋاتقاندەك  پۇرۇقلاپ قايناۋاتاتتى.بۈگۈنكى بۇ توي سورىنىدا پەقەت بىرلا ئادەم كۆرۈنمەيتتى.بۇ ئادەم دەل بارات ئىدى. ئۇ كۈندىكىدىن بۇرۇن ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ،ئالدىراپ ناشتىلىقىنى قىلىپلا ئۇدۇل شەھەرگە كىرىپ كەتكەن ئىدى.
      توي شۇنچە كۆڭۈللۈك داۋاملىشىپ،قىز يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەندە،باراتمۇ شەھەردىن مەس ھالدا چىقىپ،يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدا ھويلىغا كىرىپ كەلدى.بوسۇغا ئالدىغا ئۇزۇن پايانداز سېلىنىپ،قىزنى ھوجرىغا باشلاش جاكالاندى.مەريەم قىز قولدىشى بىلەن ئوتقاشتەك جۇلالاپ تۇرغان قىزىل پاياندازغا دەسسەپ، ئەمدىلا بوسۇغا پەلەمپىيىگە پۇتىنى قويغاندا، ئارىدىن مىلتىق ئوقىدەك ئېتىلىپ چىققان بارات، پاياندازنى شۇنداق كۈچەپ تارتتىكى مەريەم قىز قولدىشى بىلەن خۇددى ئاسماندىن يەرگە تاشلىغاندەك موللاقلاپ يەرگە يىقىلدى. قولداش قىزنىڭ بېشى سىمونتتا ياسالغان پەلەمپەي قىرىغا قاتتىق تېگىپ يېرىلىپ، باش-كۆزى قانغا بويۇلۇپ ھۇشسىز يېتىپ قالدى.مەريەم قىز قولدىشىنىڭ ئۈستىگە يىقىلغاچقا چوڭ زەخمە يەتمىگەن ئىدى.قىز قولداش دەرھال دوختۇخانىغا ئېلىپ مېڭىلدى.كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ھويلىدىكىلەر ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ كەتتى.تۆت-بەش يىگىت باراتنىڭ قىلمىشىغا چىداپ تۇرالماي يوپۇرۇلۇپ كېلىۋىدى،ئۇ يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ،ئۇياق-بۇياققا شىلتىپ تۇرۇپ:
    _ پايانداز تالىشىپ تارتىشىدىغان ئىش ئەزەلدىن بارغۇ،نىمە قىلىشماقچىسەن؟_ دەپ ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولدى.
    _ قىلغۇلۇقنى قىلىپ، يەنە ئۆزۈڭنى ئاقلىماقچىمۇ؟_ دىدى تويى بولىۋاتقان ئەركىن ئۇنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ.
        دەل شۇ چاغدا  قولداش بولغان قىزنىڭ ئاكىسى پەيدا بولدى-دە باراتنىڭ ئارقىسىدىن ئېتىلىپ كېلىپ،مەھكەم قۇچاقلىۋالدى. تەلۋە ئۇسقان بارات ئۇنى سىلكىپ تۇرۇپ، قاتتىق يۇلقۇنۇپ بوشىنىۋالدى-دە قولىدىكى پىچاقنى ئارقىسىغا شىلتىدى.پىچاق ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن يىگىتنىڭ دولىسىغا سانچىلدى.بۇنىڭدىن تېخىمۇ غەزىپى ئۆرلىگەن ئەتراپتىكىلەر قوللىرىغا كالتەك ئېلىپ، ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن تەلۋىلەشكەن باراتنى ئۇرۇپ بويسۇندۇرۇپ باغلاپ مالىمانچىلىقنى ئاران بېسىقتۇرىۋالدى.
                                    
      بارات بۇ قىلمىشى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ،قاراڭغۇ كامىرغا سولاندى.ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ زەي پۇراپ تۇرىدىغان يىرگىنىشلىك گۆرگە ئوخشايدىغان ئۆيدە قانچىلىك يېتىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.ئىككى ئادەمنى ئېغىر يارىلاندۇرۇپ،ئىككى ياشنىڭ توي مۇراسىمىنى ئېغىر دەرىجىدە پاراكەندە قىلغانلىقىنى ئويلىغانسىرى،كېسىلىپ كېتىدىغانلىقىدىن ۋەھىمە يەپ،شۇ كۈنى ھاراق ئىچكەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتاتتى.ئورا كۆز،ئىگىز بويلۇق بىر جىنايەتچى ئولتۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان باراتقا ۋارقىرىدى:
    _ ئولتۇرۇشقا كىم رۇخسەت قىلدى ساڭا؟ ماڭ،ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئالدى بىلەن غوجىكاڭغا باش قويۇپ سالام قىل، ئاندىن ئۆزۈڭنى تونۇشتۇر\
    _ نىمىشقا ساڭا باش قويغىدەكمەن؟_ دەپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى بارات.
    _ ئۇكىلار،_ دىدى ھېلىقى جىنايەتچى ئەتراپىدىكى ئۆزىگە خوشامەت قىلىپ تۇرغان ئىككى جىنايەتچىگە،_ ماۋۇ گېرى تازا قائىدە ئۇقمايدىغاندەك قىلىدۇ،ئازراق ئۇچۇقداپ قويمايلىمۇ؟
      ئۈچەيلەن باراتقا دىۋەيلەپ كەلدى.ئۇ ئەمدى بەرىبىر تاياقتىن قۇتىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ،ئەشۇ نوچىسىغىلا ھۇجۇم قىلىپ،ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ قويۇش قارارىغا كەلدى-دە چاقماق تېزلىكىدە ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر كاللا ئېتىۋىدى،ئاغزى-بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتكەن ھېلىقى ئىگىز بوي جىنايەتچى ئوڭدىسىغا  يىقىلدى.بارات چۇچۇپ تۇرۇپلا قالغان ياندىكى ئىككىسىگە ھەيۋە قىلىپ ۋاقىراپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ،راسا دۇمبالاشقا باشلىدى.
    _ ۋايجان،مەن بولالمىدىم، بولدى ئۇرمىغىن،سېنى ئاكا دەيلى...
    _ مېنى بوزەك چاغلاپ قالغانمۇ ئىتنىڭ كۇچىكى،سېنىڭدەك ئونى بولسىمۇ تېتالايمەن،بىلىشتىڭمۇ؟
      كامىردىكى قىيا-چىيانى ئاڭلاپ قالغان بىر تۈرمە نازارەتچىسى،دەرھال كىرىپ كەلدى-دە باراتنى  ئىگىز بويلۇق جىنايەتچىنىڭ ئۈستىدىن يۇلۇپ ئېلىپ، يالاپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى.مانا بالا كەلسە قوش كەپتۇ دىگەندەك بارات ھېلىقى جىنايەتچىنىڭ ئۈسسۈپ ئىككى چىشىنى چۈشىرىۋەتكەن بولۇپ جىنايىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋالغان ئىدى.
                                        **                          **                              **
          بارات خىيال ئېكرانىدىن ئەنە شۇ ئۇنتۇلغۇسىز  ئاچچىق ئەسلىمىلىرىنى بىر قۇر ئۆتكۈزىۋەتكەندىن كېيىن بىر ئۇلۇق-كىچىك تىنىۋالدى-دە ئارقىسىغا مەيۈس ھالدا بىر قارىۋېتىپ، ئۆيى تەرەپكە ئېغىر قەدەملىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى.ئۇ تۈرمە ھاياتىنى تاماملاپ چىققاندا  مەريەم بالىلىق بولۇپ بولغان ئىدى. يېشى  چوڭىيىپ قالغان باراتمۇ مۇھاببەتلەشمەيلا قوشنا كەنىتتىن چىققان بىر لايىق بىلەن شۇ يىلىلا تويىنى قىلدى.مانا ھازىر ئۇنىڭ ئوغلىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان ئىدى.
                                                                            2
        _ چوڭ دادا،چوڭ دادا..._دەپ ئەنسىز يىغلىغىنىچە ھويلىغا كىرىپ كەلگەن 9 _ 10 ياشلاردىكى بالا ،ئەتىگەنلىك ناشتىغا ئولتۇرغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئۆرىتۆپە قىلىۋەتتى.
    _ نىمە بولدى ساقام؟
    _  دادام ئاپامنى يەنە ئۇرۇپ كەتتى._ دىدى بالاتاراملاپ ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى يېڭى بىلەن سۈرتكەچ.
        يەتمىش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بەكراخۇن،ئاغزىغا ئاپارغان چاينىمۇ ئوتلىماي،كالىچىنى كەيدى-دە ئىككى ئوغلى بىلەن بىر كېلىنىنى ئەگەشتۈرۈپ،ياندىكى قورۇغا چىقتى.ھويلىدا چوڭ ئوغلى بارات ئايالىنىڭ نالە-پەريادىغا پەرۋامۇ قىلماستىن،خۇددى قاسساپ پۇدەلگەن قوينى مۇشلىغاندەك دۇمبالاۋاتاتتى.
    _ قولۇڭنى تارت تەلۋە\_ بوۋاي ھەسىرەپ كەلگىنىچە ھاسىسى بىلەن باراتنىڭ بېشىغا كۈچەپ بىرنى سالدى. ياندىشىپلا كەلگەن ئىككى ئوغۇلمۇ ئۇنى بىر چەتكە سۆرەپ،يۇۋاش،مۇلايىم يەڭگىسىنى تاياقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.ساپما ئايىقى چۈشۈپ قالغان،چاچلىرى چۇۋۇلۇپ،كىيىملىرى يىرتىلغانبىچارە ئايال مېھرىبان قېيىنئاتىسىغا ئېسىلىپ يىغلاپ زارلىناتتى:
    نىمە قىلغىنىمغا مۇشۇنچىلا ئۇرىدۇ بۇ تەلۋە،ئېشىنى ئېتىپ،كىرىنى يۇيۇپ،ئېتىزىدا ئىشلەپ تارتىۋاتقان جاپايىم ئۈچۈن ئۇرامدۇ\؟...بولدى،ئۆي تۇتقانغا تويدۇم،جاندىنمۇ تويدۇم...ھۈ...ھۈ...
    _ يىغلىماڭ ئوبدان بالام،بۇ جوھۇتنىڭ ئەدىپىنى ئۆزۈم بېرىمەن._ ئاچچىق،ئەلەمدىن بوۋاينىڭ ئاقارغان ساقال-بۇرۇتلىرى تىترەتتى.ھېلى ئوغلىنى تىللىسا،ھېلى بۇ يۇۋاش كېلىنىگە تەسەللى بېرەتتى.
      چىرايى كۆسەيدەك قارىداپ،كۆزلىرى پۇلتۇيۇپ چىققان بارات بولسا خۇددى ئادەمگە ئېتىلىپ تۇرغان باغلاقتىكى غانجۇ ئىتتەك،ئىككى ئىنىسىنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ تۇرۇپ ئايالىنى تىللايتتى:
    _ ھۇ،بولۇمسىز خوتۇن،كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي بۈگۈندىن باشلاپ ئويدىن يوقال\
    _ ساراڭ بولدۇڭمۇ ئاكا،ھەدىمىزنىڭ نىمە قىلغىنىغا بۇنچىلا ئۇرۇپ،تىللايسەن؟_ دىدى ئىنىسى زەردە بىلەن ۋارقىراپ.
    _ ھەر قايسىڭنىڭ زادى نىمە كارى؟ئۇرسام ئۆزۈمنىڭ خوتىنىنى ئۇردۇم،_ ئۇ ئۆزىنى سۆرەپ ئېلىپ ماڭغان ئىنىلىرىگە گۇركىرىدى،_قاراشمامسەن،ئاخشام كاتەكنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلىماي، بەش يۈز كويغا سېتىۋالغان خوزارنى ئوغرى ئاپتۇ ئەمەسمۇ\...
      باراتنىڭ ئايالىنى بۇنداق قاتتىق ئۇرىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس ئىدى.يېقىندىن بېرى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ،ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئۇرۇپ تىللايدىغان بولىۋالغان ئىدى.يېقىندىلا تېخى«پولو ئەت دىسەم نىمىشقا شويلا قىلدىڭ» دىگەن باھانە بىلەن پىيالىنى ئېتىپ،بىر چىشىنى چۈشىرىۋەتتى.ئۇنىڭ مۇشۇنداق زوراۋانلىقىدىن بىچارە ئايالنىڭ يۈز-كۆزلىرىدىن ئىششىق ۋە كۆكچىلىك ئۈزۈلمەيتتى.ئۇنىڭ تەلۋىلىكىدىن قورقۇپ،قۇلۇم-قوشنىلارمۇ ئارلىشالمايتتى.كىشىلەر ئۇنىڭ خۇي-پەيلىگە قاراپ«تەلۋە» دىگەن لەقەمنى قويىۋالغان بولسىمۇ،لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ ئالدىدا پېتىنىپ تىلغا ئالالمايتتى.
      بۈگۈنكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى جىدەل، سەۋرى-تاقىتى قالمىغان ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىشى بىلەن قىمىقىپ قالغان ئىدى.
                      (داۋامى بار)
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-06 05:20 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    zilyar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28994
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 57 نۇمۇر
    پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

                               *                           *                               *
                 (داۋامى)
      قوش دەريا ۋادىسىنىڭ شىمالىدىكى شەرىقتىن غەرىپكە سوزۇلغان تۆگە لوكىسىدەك دۆڭلۈك باغرىغا جايلاشقان ئۈچ يۈز تۈتۈنلۈك بۇ كەنىتتە بەكراخۇن ئائىلىسى ھاللىق ئائىلىلەردىن ھېساپلىناتتى.ئاتا ئوغۇللىرىنى يېنىدىن ئايرىغۇسى كەلمەي تۆت مولۇق كەڭ قورۇسىغا پىششىق خىشتىن ئىككى يۈرۈش ئۆي سېلىپ،ئوتقاشتەك خوتەن گىلىمى،ئېسىل جابدۇقلار بىلەن سەرەمجانلاشتۇردى.ئاندىن كەينى-كەينىدىن ئىككى ئوغلىنىئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلدى.چوڭ ئوغلى باراتنىڭ ھەممە ئېغىرچىلىقلارنى ئىنىسى مەردانغا تاشلاپ قويۇپ،ئۆي ۋە ئېتىز ئىشىغا پەقەتلا كۈچ بەرمەيۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولغان ئاتا «ئۆزىنىڭ بېشىغا قالسا قىلماي ئامالى يوق » دىگەن ئويغا كېلىپ،ئەشۇ جىدەلدىن ئىككى كۈن بۇرۇن بارات بىلەن ئايالىنى ئۆيگە چاقىرتىپ كىرىپ:
    _ باللىرىم،توي قىلغىنىڭلارغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى،بالىلىقمۇ بولدۇڭلار،ئەمدى تېگىشلىك يېرىڭلارغا يەر قوشۇپ بېرەي،دىخانچىلىقىڭلارنى ئۆزۈڭلار ئايرىم قىلىپ،كۆزۈمنىڭ ئوچىقىدا ھۇلۇڭلارنى چىڭدىۋالساڭلار،  مەنمۇ خاتىرجەم كۆزۈمنى يۇمسام._ دىدى.
    _ئېغىرچىلىقىمىزنى سېلىپ قويغان ئوخشىمامدۇق؟_ دەپ توڭ تەگدى بارات قاپىقىدىن مۇز ياغدۇرۇپ.
    _ كىم شۇنداق دەپتۇ ساڭا،يەرگە ئىگە بولسۇن،تېرىسۇن،ماۋۇ ئىنىسىدەك ھالال ئىشلەپ ھالاۋىتىنى كۆرسۇن دەۋاتىمەنغۇ\_ ئوغلىنىڭ ئاتىنىڭ يۈرىكىگە پىچاق سانچىغاندەك قاتتىق تەككەن ئىدى.
    _ ياق مەن يەر تېرىمايمەن،تىجارەت قىلىمەن.يەر تېرىدىم دەپ توپىغا،مال باقتىم دەپ پوققا مىلىنىپ يۈرەمدىم ئەمدى.
    _ سىز تېرىمىسىڭىز مەن تېرىيمەن،_دىدى تاقەت قىلىپ تۇرالماي قالغان باراتنىڭ ئايالى گەپ قېتىپ،_دىخان خەق يەر تېرىمىسا نىمە بىلەن جان باقىدۇ؟
    _ راست ئېيتىسىز قىزىم،ماۋۇ ئەقلى يوق بۇنى بىلمەمدىكىنا._دىدى بەكراخۇن كېلىنىگە قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ،_ يەر دىگەن دىخاننىڭ جېنى-دە...
    _ماڭ،ئەر خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي ئىشىڭنى قىل\_بارات ئايالىغا يەۋەتكىدەك ئەلپازدا ئالىيىپ قارىۋىدى، قورقۇپ كەتكەن ئايال بىر ئېغىزمۇ جاۋاپ ياندۇرماي ئاستا ئۆيىگە چىقىپ كەتتى.
    _ قېنى ئېيتە،نىمە تىجارەت قىلماقچىسەن؟_ دەپ سورىدى كېلىنىنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ئولتۇرغان بەكراخۇن بىر ھازا جىملىقتىن كېيىن.
    _ كەنىتنىڭ چوڭ دوقمىشىغا قاسساپلىق دۇككىنى ئاچىمەن.
    _ بۇ پىلانىڭغۇ بولىدىكەن،ئەمما يەر تېرىمىساڭ قانداق بولىدۇ؟
    _تېرىمايمەن دىدىم تېرىمايمەن.ماڭا دەسمايىگە پۇل بەر.
      بەكراخۇن ئويلىنىپ قالدى: «...دىمىسىمۇ بۇنىڭ مال بېقىش،دىخانچىلىق قىلىش ئىشلىرىدا ئىنىسىچىلىك ھەتتا مەن قېرىچىلىكمۇ دىتى يوق،ھورۇن ئادەم بولدى.قېنى مۇشۇ تىجارەت ئىشىنى بولسىمۇ قىلىپ كۆرۈپ باقسۇن،قاسساپلىقنىڭ نېنىنى يەپ،كۆكلەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...»
      _ پۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا جىمىپ كەتتىڭغۇ؟_باراتنىڭ قوپال ئاۋازىدىن بەكراخۇننىڭ خىيال يىپى ئۈزۈلۈپ قالدى.ئۇ بىر ئۇلۇق-كىچىك تىنىۋېتىپ،باراتقا قارىدى:
    _ نىمانداق كۆڭلۈمگە تېگىسەن بالام،ئىش دىگەننى ئويلىشىپ قىلغۇلۇق،قېنى قانچىلىك پۇل دەسمايە قىلماقچىدىڭ؟
    _ ھازىرچە ئون مىڭ كوي  بولسا يېتەر.
    _ نىمە دىدىڭ؟_ بەكراخۇننىڭ قورۇق باسقان چىرايى ئۆڭۈپ،ئورا كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى._ بۇنچىۋالا پۇلنى ئېلىپ قۇشخانا ئاچماقچىمىدىڭ؟ئاڭلاپ قويغىن بالام،مەن پۇلنى كوچىدىن غازاڭ سۈپۈرگەندەك سۈپىرىۋالمىغان.ئاناڭ رەھمىتى ئىككىمىزبىر ئۆمۈر ئېتىزنىڭ،ئۆينىڭ قۇلى بولۇپ،تەرلەپ-پىشىپ،مالنىڭ ئايىغىدا ئۆمىلەپ...
    _ بەرگىڭ يوق ئوخشىمامدۇ تېخى\_ گەپنىڭ بېلىگە تېپىپ،ئورنىدىن چاچراپ تۇرغان بارات دادىسىنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كەلدى._ مەن پۇلۇڭنى كوچىغا چېچىۋىتەي دىمىدىم،دەسمايە قىلىپ كۆپرەك پۇل تاپاي دەۋاتىمەنغۇ؟\
      بەكراخۇن ئوغلىنىڭ ئەلپازىغا قاراپ،نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي جىمىپلا قالدى.ئىچىگە ئاچچىق يۇتقان ھالدا: «ئاھ،خۇدا،خۇي-پەيلىنىڭ ئوساللىقىنى قارا بۇنىڭ،ئەگەر ئىنىڭنى دورىغان بولساڭ،قانچە پۇل بولسىمۇ ئىشىنىپ بەرمەسمىدىم...خەيىر،پۇل تاپقىنىڭنىمۇ كۆرۈپ باقاي...»دىگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپ،ئاخىرى ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە ئون مىڭ يۈەننى بېرىدىغان بولۇپ، دەتالاشنى تۈگەتتى.
                  
      ئەتىسى كەنىتنىڭ ئاۋات دوقمىشىغا ئەپچىل ياغاچ دۇككان ياسىلىپ،ئىككى ئەركەك قوينىڭ گۆشى كانارغا ئېسىلدى.بەكراخۇن ئوغلىنىڭ تىجارەتتە روناق تېپىشىنى،ئىنسابىنى تىلەپ دۇئا قىلىپ،قويلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۈزلاپ بەردى.ئاتا دۇئاسىنىڭ خاسىيىتىدىنمۇ،ياكىدۇككان ئورنى ياخشى بولغاچقىمۇ باراتنىڭ سودىسى ئوبدانلا يۈرۈشۈپ كەتتى.كۈنىگە ئىككى-ئۈچ قوينىڭ گۆشى سېتىلىپ،ئۇنىڭغا يۈز يۇەن ئەتراپىدا ساپ پايدىسى قېلىشقا باشلىدى.گەرچە پايدا شۇنداق ياخشى بولىۋاتسىمۇ،كۈنلەر ئۆتكەنسىرى سەھەر تۇرۇپ تۇرۇپ مال سويۇش،كۈنلەپ گۆشنىڭ يېنىدىن كېتەلمەي خېرىدار كۈتۈش باراتقا ئېغىر كېلىشكە باشلىدى. ئاخىرى ئۆزىگە قۇلىقى يۇمشاق بىر ياردەمچى تاپمىسا زادى چىدىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،ئۇياق-بۇياقتىن ئادەم ئىزدەپ خېلىلا ئاۋارە بولدى.ئۆز كەنتىدىكىلەر بولسا ئۇنىڭ ئوسال مىجەزىدىن قورقۇپ،باھانە-سەۋەپلەر بىلەن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشتى.ئۇ تىت-تىت بولۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئىش ئىزدەپ يۈرگەن ئون يەتتە ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت سامسىخانىدا ئۇچراپ قالدى.بۇنىڭدىن خوشال بولغان بارات ئۇنى دەرھال يېنىغا تارتىپ ئولتۇرغۇزدى.
    _ ئىسمىڭ نىمە شامۇق؟_ سورىدى بارات ئۇنىڭ ئالدىغا قىزىق ئون سامسىنى ئەكەلدۈرۈپ قويۇپ.
    _ شامۇق دىگەنلىرى نىمىسى،ئېتىم قاۋۇلجان.
    _ ھە،ئەركىلىتىپ دەپ قويدۇم،ئىسمىم قاۋۇل دىگىن.
    _ ياق،قاۋۇلجان\
    _ بولدى بىلدىم،ئۆيۈڭ قەيەردە؟
    _ پەيزىۋاتتا،ئاتا-ئانام يەر تەۋرەشتە ئۆلۈپ كەتكەن،بۇ  يەرگە تۇققانلارنى ئىزدەپ چىقسام قاپاق ئاچمىدى.ئىشلەپ جان باقاي دەپ يۈرىۋاتىمەن.
    _ قوي سويالامسەن؟
    _ ئۆگىتىپ قويسىلا ھەممىنى قىلالايمەن.
    _ قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا ئەمىسە،ئايدا ئاش-تامىقىڭدىن باشقا ئۈچ يۈز كوي ئىش ھەققى بېرىمەن،مېنىڭ ئۆيۈمدە ئىشلەمچى بولىسەن،بولامدۇ؟
    _ بولمامدىغان ئاكا،قاچاندىن باشلاپ ئىشلەيمەن؟
    _ قوسۇقۇڭ تويغان بولسا ھازىرلا ئۆيگە ئېلىپ كېتىمەن.
        بارات كۆڭلىدىكىدەك بىر ئىشلەمچى يىگىتنىڭ ئۇچرىغىنىدىن شاتلىنىپ،خۇددى باشقا بىرسى ئېلىپ كېتىدىغاندەك قاۋۇلجاننى ئالدىراتقىنىچە ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدى.چايخانىغا يانداش سېلىنغان ئايرىم ئامبار ئۆي بىكارلىنىپ، ئاددىلا سەرەمجانلاشتۇرۇلدى.تامغا يۆلەپ كونا بىر ياغاچ كارۋات قويۇلۇپ،ئۈستىگە كونىراق بىر يوتقان كۆرپە بىلەن بىر ياستۇق تىزىلدى.شۇنداق ئاددىلا جابدۇلغان بۇ كىچىك ئۆي قاۋۇلجاننىڭ ھوجرىسىغا ئايلاندى.
      قاۋۇلجان بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قويلارنى ئۆزى سويۇپ،پارچىلاپ كانارغا رېتى بىلەن ئېسىپ، خېرىدارلارنى قاچۇرماي سېتىپ پۇل قىلالايدىغان بولدى.ئۇنىڭ يۇۋاش،يۇمشاقلىقى،راستچىللىقى باراتنى تېزلا قايىل قىلىپ،ئىشەنچ پەيدا قىلدى.ئۇ ئەمدى پەقەت ئەتىگەندە گۆشلەرنى قاۋۇلجانغا  جىڭلاپ ئۆتكۈزۈپ بېرىپلا يېڭىدىن سېتىۋالغان موتسىكىلىتىنى شامالدەك تېز ھەيدەپ  شەھەرگە كىرىپ كېتىدىغان،كەچتە قايتىپ چىققاندا پۇلنى ساناپ ئېلىۋالىدىغان بولدى.
      كۈندىكى ئادىتى بويىچە بارات ئەتىگەندە قاۋۇلجاننى يولغا سېلىپ،چېيىنى ئىككى ئوتلاپ قويۇپلا،موتسىكىلىتىنى ئوت ئالدۇرىۋاتقاندا ئايالى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى:
    _ ئازراق توختاپ گېپىمنى ئاڭلىڭە بارات،_ دىدى ئايال قورقۇمسىرىغان ھالدا،_دىمىسەم بولمىغىدەك،دادىڭىز، ئىنىلىرىڭىز سىزدىن بەك رەنجىۋاتىدۇ.
    _ نىمە دەپ؟_ پەرۋاسىزلا سورىدى بارات.
    _ شۇنچە ئوقەتنى يات،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغزىدىن ئانىسىنىڭ سۈتى پۇراپ تۇرغان بىر بالىغا تاشلاپ قويۇپ،توخۇ سوقۇشتۇرۇپ،قىمار ئويناپ يۈرسە قانداق بولىدۇ،نەسىھەت قىلىپ قويۇڭ دەۋاتىدۇ.
    _ سەنمۇ ئۇلارغا ئېيتىپ قوي گالۋاڭ،مەن نەسىھەت قىلىدىغانغا كىچىك بالا ئەمەس،ئىشلىرىمغا ھېچكىم ئارىلاشمىسۇن\ ئالدىمدا رودىپايدەك تۇرماي يوقال\...
      باراتنىڭ بۇقا ھۆكىرىگەندەك قوپال ۋارقىرىشىدىن چۆچۈپ كەتكەن ئايال قولىدىكى سۈپۈرگىنىڭ يەرگە قانداق چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قالدى.
                          ( داۋامى بار)
    [ بۇ يازما zilyar تەرپىدىن2008-11-06 17:32دە قايتا ت ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-06 05:25 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    zilyar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28994
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 57 نۇمۇر
    پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

              (داۋامى)                                            3
      باراتنىڭ ئېغىر زۇلمىغا چىدىمىغان ئايالىنىڭ بۇ تۇنجى قېتىم يامانلىشى ئەمەس ئىدى. بۇ قېتىم ئالدىغا قوشنا- قۇلۇملار بارغان بولسىمۇ، ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قايتىپ كېلىشكە ئۇنىمىدى.ھۆرمەتلىك قېيىنئاتىسىمۇ بېرىپ ئەشۇ ئوسال ئوغلى ئورنىدا كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ ،ئالدىغا مول نازۇ-نېممەتلەر بىلەن پايىپىتەك بولۇپ داستىخان سالدىيۇ،يەنىلا بىللە قايتىپ كېلىشكە ئۇنىماي: « مېنى خىجىل قىلمىسىلا دادا، ئۇنىڭ تايىقىنى يەپ، تىل ھاقارىتىنى ئاڭلاپ ھالىمدىن كەتتىم. بىر بالىمىز يىتىم بولمىسۇن دەپ لېۋىمنى چىشلەپ كەلسەممۇ ئاخىر بەرداشلىق بېرەلمىدىم،ھەرگىز كۆڭۈللىرىگە ئالمىسىلا...» دەپ يولغا سېلىپ قويدى.
      كۈندە ۋاقتىدا تەييار بولۇپ تۇرىدىغان ئۈچ ۋاق تاماق يوق، ئالماشتۇرۇپ كىيىپ تۇرىدىغان پاكىز كىيىملەر قالمىغان ئۆيدە، بارات خېلىلا قىينالغان بولسىمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشاتتى. بەزىدە بوران ئۇچۇپ تۇرغان ئۆيدە تىت-تىت بولۇپ قاۋۇلجانغا ئورۇنسىز ۋاقىراپ قوياتتى.ئۇ كۈندە شەھەرگە قاتراپ دۇرۇس يولدا ماڭمايدىغان بىر قانچە ساياق قىمارۋاز بىلەن دوسلىشىۋالغان بولۇپ، كۇنلىرى كوچا خېنىملىرى بىلەن ئەيىش-ئىشرەتلىك ئولتۇرۇش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش ۋە قىمار ئويناش بىلەن ئۆتىۋاتاتى.
        سەھەر باش توخۇ چىللىغاندىن باشلاپ يېغىۋاتقان يامغۇر،چاي ۋاقتى بولغاندا تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. دەرىزىدى سىرتقا قاراپ خىيالغا كەتكەن بارات قاۋۇلجاننىڭ كىرگەنلىكىنىمۇ سەزمىگەن ئىدى.
    _ قويلارغا يەم تۆكۈپ بېرىپ كىردىم،يامغۇر بەك قاتتىق يېغىۋاتىدۇ،بۈگۈن قوي سويالمايدىغان ئوخشايمىز ئاكا._ دىدى قاۋۇلجان ھۆل بولۇپ كەتكەن كىيىملىرىنى يېشىۋېتىپ.
    _ نىمە دىدىڭ؟_ بارات تۇيۇقسىزلا يېنىدىن ئاڭلانغان ئاۋازدىن چۆچىگەندەك بۇرۇلۇپ، قاۋۇلجانغا قارىدى. قاۋۇلجان تەئەججۈپلەنگەن ھالدا سۆزىنى قايتا تەكرارلىدى.
    _ ھە،بولدى بۈگۈن ئارام ئالغىن،قازانغا ئازراق گۆش سېلىپ قويغىن.
    _ ئوبدان ئاكا، شۇنچە ئوڭلۇق ئاچامنى ئۆيدىن بىكار قوغلاپ...
    _ ئاقساقاللىق قىلماي ئاغزىڭنى يۇم شۇمتەك،ماڭ،ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماي مەن دىگەننى قىل\
      باراتنىڭ كۆڭلى خۇددى سىرتتىكى بۇلۇتلۇق ھاۋادەك تۇتۇق ئىدى.ھەر قېتىم دەرۋازىدىن كىرىشىگىلا شىرەدە تەييار بولۇپ تۇرىدىغان بۇيرۇتما تاماقلىرى يوق.گەرچە دادىسىنىڭ ئۆيىدىن كۇنىگە بىر ۋاق تاماق كىرىپ تۇرسىمۇ ئۆز ئۆيىدىكى قازاندىن چىققان تاماققا ئەسلا ئوخشىمايتتى.ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك داڭ چىقىرىۋاتقان نوچى خورىزىدىن ئايرىلىپ قالدى.ئۈچ كۈندىن بېرى قىمار ئارقىسىنى قىلىۋېلىپ،ئىككى مىڭ يۈەن ئۇتتىرىۋەتكىنىچۇ تېخى...ھەممىدىن كۆڭۈلنى غەش قىلىۋاتقىنى،شۇنچە بەدەل تۆلەپ،مىڭ تەستە ئىندەككە كەلتۈرگەن چىرايلىق جۇۋان بىلەن كۆرىشىدىغان كۈندە يامغۇرمۇ قېرىشقاندەك توختىمايۋاتاتتى.قانچە يىللاردىن بېرى ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈپ كۆزى تېشىلگەن ھويلا، پات-پات سىماسىنى كۆرسىتىپ كەلگەن چىرايلىق جۇۋان كۆزىگە كۆرىنىۋالغانسىرى تاقىتى تاق بولۇپ،يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرىقى شىرىن ئەسلىمىلەر كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.
      
                                              **                      **                        **                          **
        قىشىچە ئۇيقىدا ياتقان ئېتىز-ئېرىق،ئۆستەڭ قىرلىرى ئاپ-ئاق يوتقانلىرىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ،يېشىل تونلىرى كىيىشكە باشلىغان،دەل-دەرەخلەر يوپۇرماق چىقىرىپ باراقسانلىشىۋاتقان، سانسىز كۆمۈش لېنتىلارنى قاتار تارتىۋەتكەندەك كۆرىنىدىغان ئېتىزلاردا دېھقانلار سۇلياۋ يوپۇق تېگىدىن چىقالمايۋاتقان كېۋەز مايسىسىنى بوۋاقنى پەپىلىگەندەك پەپىلەپ چىقىرىۋاتقان باش باھار  كۈنلىرى. چاچ ساقاللىرى پاكىز قىرىلغان،يوغان بۇرنى بىلەن قېلىن كالپۇكى ئارلىقىغا كۆرپە ياقىلىقنى ئەسلىتىدىغان بۇرۇت قويىۋالغان بارات قاۋۇلجاننى دۇككانغا يولغا سېلىۋېتىپلا ،موتسىكلىتىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ،قادىر ئىسىملىك كاززاپ بىر ئاغىنىسىنىڭ ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.بارات دەرۋازىدى كىرىۋېتىپ ھويلىدا ئاسمانغا قاراپ موللاق ئېتىپ ئۇچىۋاتقان كەپتەرلىرىنى تاماشا قىلىۋاتقان قادىرغا چاق-چاق قىلدى:
    _ ئاخىرى ئاسمانغا قاراپ ماڭىدىغان بولۇپ قالىسەنغۇ كاساپەت.
    _ ۋوي،كەلدىڭمۇ ئاداش،قارا،قارا ئاۋۇ ئالا قاغامنىڭ موللاق ئېتىشىغا،ئالامەت جۇمۇ؟
    _ بولدى،بولدى كەپتەرلىرىڭ موللىقىنى ئېتىۋەرسۇن، ھېلىقى دىگەن خورازنى ئەكەلدۈرۈپ قويغانسەن؟
    _ تۈنۈگۈنلا ئەكەلدۈرگەن،يىلانباش دىگىنە،بىراق بەرگەن پۇلۇڭ يەتمەي يېنىمدىن قوشتۇم جۇمۇ؟
    _ چۈپەي گېپىڭنى قويۇپ،بول خورازنى ئېلىپ چىق. كېچىكىپ قالمايلى يەنە.
      ئىككەيلەن ئۇدۇل شەھەر سىرتىدىكى خالى ئورمانلىق ئىچىدىكى كىملەردۇر،ئالاھىدە ياساتقان توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا كەلدى. چەمبەر شەكلىدە ئايلىنىپ تۇرغان نۇرغۇن توخۇپەرەسلەر،دو تىككۈچى قىمارۋازلار مەيداندا قىپ-قىزىل قانغا بويۇلۇپ سوقىشىۋاتقان ئىككى خورازغا قاراپ ئۆزلىرىنى باسالماي قېلىشىۋاتاتتى.بىرى:«مەن ئاۋۇ ئاق ئاياق ئۈچۈن تۆتكە بىر» دەپ ۋارقىرىسا؛ يەنە بىرى كارنىيى يىرتىلغىدەك توۋلاپ: « مەن مۇنۇ پورەككە بەش ھەسسە » دەيتتى.بارات ئەتىۋارلىق خورىزىنى قۇچاقلاپ،كىشىلەر توپى ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
      بارات كۆرەڭلىك بىلەن خورىزىنى مەيدانغا تاشلىدى.كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۇنىڭ خورىزى خۇددى قىزىل سىيا چېچىۋەتكەندەك قانغا بويۇلۇپ،ۋاكىلدىغىنىچە مەيداندىن قاچتى.زىيانغا، ئىزا ئەلەمگە چىدىمىغان بارات قادىرنى چەتۆە تارتىپ چىقىپ:
    _ بۇ قانداق بولغىنى،سەن زادى قانداق ئاغىنە؟يەنە مېنى دۈم چۈشۈردۈڭغۇ؟_ دەپ رەنجىدى.
    _ سەن...سەن بەك يامان خوراز بىلەن سېلىۋالدىڭ._ دىدى قادىر ئۆزىنى ئاقلاپ.ئەسلى ئۇ بارات بەرگەن يەتتە يۈز يۈەننىڭ يېرىمىنى يانچۇقىغا سېلىپ،پاخشا خورازدىن بىرنى ئەرزان ئالغان ئىدى.
    _ مېنى يەنە ئالدىماقچىمۇ سەن،بولدى بىلىپ قويدۇم.
        بارات قېيدىغان ھالدا توخۇ بازىرىدىن بالدۇرلا قايتتى.ئۆڭۈپ كەتكەن بوغماق پادىچىلار چاپىنى بىلەن ئىشتىنى ئۇنى بولەكچە سېمىز كۆرسىتىپ قويغان ئىدى.ئۇ موتسىكلىتىنى تېخىمۇ تېز ھەيدەپ ئۇدۇل قاسساپلىق دۇككىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.كاناردا بىر قوينىڭ يارتىسى ئېسىقلىق تۇراتتى.قاۋۇلجان ئاتنىڭ قۇيرىقىدىن ياسالغان قورىغۇچ بىلەنگۆشكە ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرغان ھەرە،چىۋىنلەرنى قورىغاچ كونا قارا سومكا تۇتىۋالغان بىر ئايالغا نىمىلەرنىدۇ چۈشەندۈرىۋاتاتتى.
    _ مانا،مانا دۇككاننىڭ ئىگىسى كەلدى ئاچا،ئۆزىگە دىسىلە،ماڭا نېسى ساتما دىگەن.
        ئايال ئۈركىگەن كىيىكتەك ئىتتىك ئارقىسىغا بۇرۇلدى-دە كەينىدە تۇرغان باراتنى كۆرۈپ قىزارغىنىچە يەرگە قارىۋالدى.ئۇنىڭ ئاق،سۈزۈك يۈزىگە يامرىغان قىزىللىق خۇددى گىرىم قىلىۋالغاندەك تېخىمۇ  نازاكەتلىك كۆرسىتەتتى.
    _ ۋۇي،مەريەمكەنسىزغۇ؟_ باراتنىڭ خاپىغان چىرايى بىردىنلا بۇلۇت تارقاپ كەتكەن ئاسماندەك ئېچىلىپ كەتتى._ دىققەت قىلمىغىنىمنى قاراڭ،گۆش لازىممىدى؟
        بارات بىر ئۇچرىشىشنى،بولۇپنى ئىندەككە كەلتۈرۈشنى شۇنچە ئۇزاقلاردىن بېرى ئارمان قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ «بويى يەتمىگەن شاپتۇل»نىڭ بۈگۈن ئۆز ئايىقى بىلەن ئالدىغا ھاجەتمەن بولۇپ كەلگەنلىكىدىن خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەكلا خوشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.
              (داۋامى بار)
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-06 05:36 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zilyar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28994
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 57 نۇمۇر
    پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

          (داۋامى)
    _ بولىدۇ،بولىدۇ،_ دەپ مەريەمگە ھېجىيىپ قويۇپ، قاۋۇلجانغا بۇيرۇق قىلدى بارات،_ئاۋۇ ساننى جىڭلاپ بەرگىن.
    _ ئازراق ئېلىپ تۇرايمىكىن._ بولۇپمۇ ياشلىق ھاياتىدا ئۆچمەس زىدىيەت ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بارات ئالدىدا نائىلاج مۇھتاجلىقتا قالغان مەريەم شۇ تاپتا خىجالەتچىلىكتە قانداق قىلارىنى بىلمەي قېلىۋاتاتتى.ئالماي دىسە مۆلدۈرلەپ ياتقان كېسەل يولدىشىغا قۇۋەتلىك بىر نەرسە تەييارلاپ بەرمىسە بولمايتتى.
    _ نىمە،جىق بولۇپ كەتتى دەمسىز؟ ھېچقىسى يوق،توڭلاتقۇ بولمىسا قورىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، سەي گەمىسى يا قۇدۇقنىڭ ئىچىگە ئېسىپ قويسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ ئەمەسمۇ...گۆشنىڭ ئەڭ ئوبدان يېرى دەڭە؟...
      قاۋۇلجان ھايت-ھۇيت دىگىچىلا گۆشنى جىڭلاپ،پارچىلاپ سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ تەييار قىلدى-دە قوش قوللاپ، قىزىرىپ يەرگە قاراپ تۇرغان مەريەمنىڭ قولىغا سۇندى.
    _ رەھمەت،مەن قايتاي ئەمىسە._ مەريەم يەردىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي مېڭىشقا تەمشەلدى.
    _ رەھمەت دىگىدەك قانچىلىك ئىش بۇ،تۈگىسە خىجىل بولماي كېلىۋېرىڭ.ھە راس، يولدىشىڭىز ئەركىننى ئېغىر ئاغرىق دەپ ئاڭلايمەنغۇ؟ دوختۇرخانىدىمۇ؟ _ بارات ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ  قەستەن سورىدى.
    _ ئۆيدە،دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇپ چىققان._ دىدى مەريەم ئېغىر خۇرسىنىپ.
    _ قاراسام كېسەل بېقىپ،داۋالىتىپ بەكلا جاپا تارتىپ قېلىۋاتىسىز-ھە؟
    _ ...
      مەريەم ئۈن-تۈنسىز خوشلىشىپ كېتىپ قالدى.ئۇنىڭ چىرايىدىن بۇرۇنقى جۇشقۇنلۇق،خۇشخۇيلۇق قەيەرگىدۇ يوقالغان بولۇپ، كەيپىياتىدىن چۈشكۈنلۈك، ئايدەك چىرايىدىن سولغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى.بارات مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى.شۇڭا ھېكايىمىزنىڭ بېشىدىلا تىلغا ئالغىنىمىزدەك ھەر قېتىم سىرتقا چىققاندا ئەتەي ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتەتتى.مەريەمنى ئۇچرىتىپ قالغان كۈنلىرىدە بولسا خۇددى بەز مارىغان مۈشۈكتەك ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قارايتتى.مانا بۈگۈن ئويلىمىغان يەردىن كۆڭۈلدىكىدەك بىر پۇرسەتنىڭ كېلىشى، كۆڭلىدىكى ئۆزىدىن باشقا ئادەم چۈشەنمەيدىغان شەيتانلىرىنى ۋەسۋەسىگە سالغان ئىدى. ئۇزۇن، توم ئىككى تال ئۆرىمە چېچى ساغرىسىدا يەلپۇنۇپ،ياشلىقىدىكى زىلۋالىقىنى يوقاتمىغان ئەۋرىشىم بېلى تولغۇنۇپ كېتىۋاتقان مەريەمنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالغان بارات ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتتى: «...مەريەم،ھەي مەريەم
    ياشلىقىڭدىمۇ يېزىمىزدىكى قىزلارنىڭ گۈلى ئىدىڭ،ساڭا كۆيمىگەن،ئاشىق بولمىغان يىگىت قالمىغان.بىراق ساڭا مەنچىلىك كۆيگەن بىرەر يىگىت يوقمىكىن دەيمەن.سەن ھېچنىمىدىن بىخەۋەر قوغلاشقانسىرى قاچاتتىڭ،< سەۋزىدە گەپ يوق،گۈرۈچ دەم يەپتۇ > دىگەندەك،سەندىن قىزغىنىپ، باشقىلار بىلەن قانچە قېتىملاپ مۇشلاشقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئەپسۇس،سەن ماڭا نىسىپ بولمىغان. سېنى دەپ نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدىم،تۈرمىدە يېتىشىممۇ سېنىڭ دەردىڭدە بولغانغۇ؟\...مانا ئەمدى ناخشىسىغا ئاشىق بولۇپ تەگكەن ئېرىڭنىڭ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىدى.پۈتۈن ۋەسلىڭ دوختۇرخانىدا غازاڭدەك ئۇچۇپ تۈگەپ، بىر چىشلەم گۆشنىمۇ پۇل ساناپ ئالغىدەك مادارىڭ قالمىدى مانا. سۇنۇق چىرايىڭدىن چىقىپلا تۇرۇپتۇ،ئېغىر تۇرمۇشنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتىۋاتىسەن.بىلەمسەن،مەن ئۆز ۋاقتىدا سېنى ئالالمىسام ھەرگىز باشقىلار بىلەن توي قىلمايمەن دەپتىكەنمەن.نىمە ئامال توي قىلماي بولمايدىكەن.شۇندىن بېرى نىمىشقىدۇ،ئاياللارغا ئۆچمەنلىكىم قوزغۇلۇپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى.تۈرمىدىن چىقىپ ئىككى قېتىم نىيىتىمنى بۇزۇپ ئىشىك ئالدىڭغا بارغانلىقىمنى بەلكىم خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمەيدىغانسەن؟ئۆيۈڭنى بۇزماقچىدىم،بىراق...» ئۇ شۇ پىچىرلاشلىرى بىلەن مەريەم كۆزىدىن غايىپ بولغىچە قاراپ تۇردى.
    _ نىمە بولدىڭىز ئاكا؟ ئۇ ئاچامنىڭ ئارقىسىدىن نىمانچىلا ئۇزا قارايسىز؟_ ھەيران بولغىنىچە كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى قاۋۇلجان.
    _ قاراپ قويدۇم شۇ.سەن چوڭلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىل ھە؟
      ئۇزاقتىن بېرى قاۋۇلجانغا قاپىقىنى ئاچماي كەلگەن بارات بۈگۈن ھاياجىنى باشقىچە قوزغىلىپ قالغاچقىمىكىن سۇس ھېجىيىپ قويۇپ، موتسىكلىتىگە بولىشىچە ماي بېرىپ،يەنە شەھەرگە قاراپ يول ئالدى.
      ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى.بارات مەريەمنى ئۇچرىتالمىدى.خۇددى مەشۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاشىقتەك، بىئارام بولۇپ، شۇ بىر قورۇنىڭ ئەتراپىدىن چۆگلەپ كېتەلمەي قالدى.ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ كاللىسىدا : « كاللامنىڭ ئىشلىمىگىنىنى قارىمامدىغان،يولدىشىنىڭ ھالى پەسلەپ قالغان بولسا ئەلۋەتتە يېنىدىن ئايرىلالمايدۇ-دە...» دىگەن  خىيال كەچتى. ئۇ كۆڭلىدە شۇنداق ھۆكۈم قىلىپ،ئىككى كىلو گۆشنى كەستۇرۇپ يۆگەپ،مەريەمنىڭ ئۆيىگە كەلدى.دىگەندەك مەريەم بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان يولدىشىغا دورا ئىچكىزىۋاتاتتى.
      پاكار سېلىنغان ئۈچ ئېغىزلىق توپا تاملىق ئۆي.ئايۋاندىكى ياغاچ كارۋاتقا رەتلىك تىزىلغان يوتقان-كۆرپە،تامنى بويلىتىپ تارتىلغان گۈللۈك زەدىۋال،ئىچكىرى ئۆيدىكى بىر ئىشكاپ،ئىككى پارچە كىگىز بىلەن كېسەلنىڭ ئاستىغا سېلىنغان كونا بىر پارچە گىلەم...بىر مو كېلىدىغان ھويلىدىكى قوتان،كاتەكلەر قۇرۇق...مانا بۇلار بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تىلسىز چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
      ئىشىكتىن سالامنىڭ چوڭىنى قىلىپ كىرگەن باراتنى كۆرگەن مەريەم،ھودۇقۇپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى چاچراپ ئورنىدىن تۇرىۋاتقاندا يولدىشىغا قايناق سۇ ئىچىرىۋاتقان پىيالە تىترەپ تۇرغان قوللىرىدىن چۈشۈپ كېتىشكە تاسلا قالدى.ئۇ بۇ كۈتۈلمىگەن مېھماننىڭ بۇ ئۆيدە پەيدا بولىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. شۇڭا ھودۇقۇپ، تەمتىرەپ تەكەللۇپسىز ئولتۇرغان باراتنىڭ ئالدىغا چاي تەييارلاپ كەلدى.
    _ يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت،_ دىدى مەريەم باراتنىڭ ئالدىدىن داستىخاننى يىغىۋېتىپ،_ نىمىشقا ئارتۇقچە ئاۋارە بولغانسىز؟
    _ يوقلىمىساق بولامدۇ،ھېلىمۇ ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرالماي سەت بولدى.
    _ يۇرت-مەھەللىدىكىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ياردىمىڭلارغا نىمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلمەيمەن._ مەريەم ۆزىدىن مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشكەن ياشنى سۈرتۈپ،بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇردى.
    _ نىمە كېسەلكەن،_ دەپ ئەتەي سورىدى بارات ئۇزاپ ھويلىغا چىققاندىن كېيىن.
    _ يامانراق كېسەل ئوخشايدۇ،ئىككى-ئۈچ كۈن بولدى،بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ.
    _ دوختۇرخانىدا ياتقۇزسىڭىز بولمامدۇ؟_ بارات يەنە قەستەن ئۆزىگە ھاجىتى چۈشكىدەك بىر ئېغىز سۆزنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ گەپ كوچىلاۋاتاتتى.
    _ پۇلغا يارىغىدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى سېتىپ تۈگەتتىم، ئۇرۇق-تۇققانلاردىن يىغىش قىلدىم،كەنىت ھەتتا يېزىلىق ھۆكىمەتمۇ كۆپ ياردەملەرنى قىلدى.ئەمدى قانداق قىلىشىمنى بىلمەيمەن.
    _ ئەتىلا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىڭ،مەن ئازراق ياردەم قىلاي،_ بارات يېنىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ مىڭ يۈەننى ئايرىپ ساناپ مەريەمگە ئۇزاتتى._ تۇتۇڭ،پۇل دىگەن تېپىلىدىغان نەرسە،ئادەمنىڭ جېنى مۇھىم،بەش يۈز كوي ياردىمىم بولسۇن، بەش يۈز كوينى قەرىز بەرگەن بولاي،قېنى ئېلىڭ.
    _ بولدى رەھمەت، پۇلنى يېنىڭىزغا سېلىپ قويۇڭ،ھېلىمۇ گۆشنى نېسىگە يەۋاتىمىز،شۇ ياردىمىڭىزمۇ يېتىپ ئاشىدۇ.
    _ ۋاي-ۋۇي،ئۇنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوقلا بىر ئىشقۇ،قاراڭ،بىر ئادەم شۇنداق قىينىلىپ ياتسا قاراپ تۇرساق بولامدۇ؟ نېرى-بېرىسىنى ئويلىماي تۇتۇڭ بۇ پۇلنى.
        ئادەملەر بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشقاندا ،بەزىلەر مەلۇم مەقسەت-مۇددىئانى كۆڭلىگە پۈككەن بولىدۇ. بۇ خۇددى قوساقنى ئاغرىتىدىغان مىننەتلىك تاماققا ئوخشايدۇ. بەزىلەر بولسا ئىنسانپەرۋەرلىك مېھرى-مۇھاببىتى بىلەن ياردەم قولىنىنى سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ ئادىمىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇققانچىلىق ياكى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن يىللىق قوساق كۆپىكى بار بىر ئەرنىڭ بىردىنلا ساخاۋەتچىسىگە ئايلىنىپ،بۇنداق ياردەملەرنى قىلىشىدىكى مەقسىدى زادى نىمىدۇ؟\...مەريەمنى ياشلىق چاغلىرىدىن ئۆلگىدەك ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىنمىدۇ؟\...مەريەم ئىككىلىنىپ قالدى. بىراق يولدىشىنىڭ ئاغرىق ئازابىدا ئىڭراپ ياتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، يەنىلا ئارتۇقچە ئويلىنىشنى خالىماي قانداق بولۇشتىن قەتئى نەزەر پۇلنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۆزىمۇ ئەركىننىڭ ۋايساشلىرىغا چىدىماي يەنە پۇل ئىزدەشنى نىيەت قىلىپ تۇرغان ئىدى.
        شۇ كۈنى كېچىسى باراتنىڭ ئۇيقىسى قېچىپ،پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى.مەريەمنى قارمىقىغا ئىلىندۈرىۋالغانلىقىدىن خوشاللانغان بولسا كېرەك،ئۆزىنى بىر غالىبىيەتچىدەك ھېس قىلىپ،ئۆزىچە مېيىغىدا كۈلۈپ قوياتتى.ئۇ سىرلىق خىياللىرىنىڭ ئاخىرىنى: «...توۋا،كۆڭۈل دىگەن راستىنلا ساراڭ بولامدۇ نىمە؟ شەھەردىمۇ نەچچە سەتەڭ ئايال بىلەن تونۇشۇپ ئاسانلا ئاپاق-چاپاق بولۇشۇپ كەتتۇق.مەريەممۇ  ئوخشاشلا شۇنداق بىر ئايالغۇ؟بۇنىڭغا نىمانچىلا قىلىدىغاندىمەن...بۇ قىلىۋاتقانلىرىم  ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆچ ئېلىشىم ئۈچۈنمۇ ؟ مەيلى نىمە بولسا بولسۇن،ئۆمرۈمدىكى بىر ئارمىنىمغا يېتىۋالسام بولمىدىمۇ؟ كۆڭۈلنىڭ خوشلىقى بىلەن ئۆتمىگەن ئۆمۈرنى ئۆمۈر دىگىنى بولامدۇ؟...» دىگەندەك خۇلاسە بىلەن يىغىشتۇرۇپ،يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا كۆزى يۇمۇلۇپ خورەك تارتىشقا باشلىدى.
                      (داۋامى بار)
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-06 05:44 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zilyar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28994
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 57 نۇمۇر
    پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

            (داۋامى)
      مەريەمنىڭ يولدىشى شەھەرلىك خەلىق دوختۇرخانىسىدا يەنە كېسەل كارۋىتىغا ياتقۇزۇلدى.ئورنىدىن تۇرغىدەك ماجالى قالمىغان كېسەل يېنىدا ئىككى كېچىنى ئۇيقىسىز ئۆتكۈزگەن مەريەم،يەنە ئازراق تەييارلىق ئىشلىرى بىلەن ئۆيگە چىقىپ كىرمەكچى بولۇپ،ئون يەتتە ياشلىق قىزى غۇنچەمگە: «دادىڭىزغا بىر كېچە ياخشى قاراپ تۇرۇڭ قىزىم مەن ئەتە چۈشكىچە ئىشلىرىمنى تېزلا تۈگىتىپ كىرىمەن.» دەپ قايتا-قايتا تاپىلاپ،كېسەل ياتىقىدىن چىقتى.ئۇ ئۆيىگە چىقىپ،نامازشام ۋاقتى بىلەن سەككىز ياشلىق ئوغلىنى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدىن ياندۇرۇپ كېلىپ،پاكىز يۇيۇندۇرۇپ ياتقۇزدى.ئۆزى ئۇيقىغا كەتكەن ئوغلىنىڭ يېنىغا بىر كۆرپىنى تاشلاپلا ئەدىيالنى يېپىنىپ ياتتى. كۆزى ئەمدىلا ئۇيقىغا ئىلىنەي دىگەندە ئىشىك يېنىك چېكىلدى. مەريەم چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.شۇ چاغدىلا دەرۋازىنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ،تەشۋىشلەنگەن ھالدا بوسۇغىدىن چۈشۈپ ئىشىك يېنىغا كەلدى ۋە ئاستا تىترەڭگۈ ئاۋازدا «كىم» دەپ سورىدى.مەريەمنىڭ ئىزىدىن ماراپ يۈرگەن بارات، ئۇنىڭ بۈگۈن ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى ئۆزى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت چاغلاپ ئەتەي كېچىدە ئىزدەپ كەلگەن ئىدى.
    _ مەن،بارات.
    _ بۇ كېچىدە نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟
    _ ئىشىكنى ئاچسىڭىز، سىز بىلەن سۆزلىشىدىغان مۇھىم ئىش بار ئىدى
    _ بۇنداق كېچىدە بولماسمىكىن.
    _ قورقىۋاتقان ئوخشىمامسىز؟
    _ بىئەپ ئەمەسمۇ،ئەتە ئەتىگەندە كەلسىڭىز بوپتىكەن،ھازىر...
    _ مۇھىم ئىش بولمىسا مۇشۇ كېچىدە كېلەتتىمۇ؟ مەن ئىشىك ئالدىڭىزدا مۇشۇنداق تۇرسام تېخىمۇ سەت بولمامدۇ. قېنى تېزراق ئېچىڭ.
      مەريەم ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا بىر قەرىزدار ھاجەتمەن بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىلاجىسىز ئىشىكنى ئېچىشقا مەجبۇر بولدى. بارات ئارقىسىدىن بىرى قوغلىغاندەك تېزلا كىردى-دە سۇپىدىلا ئولتۇردى.مەريەم  مۇشۇنداق بىر كېچىدە يات بىر ئەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېلىشىدىن بەكمۇ ئوڭايسىزلانغان ئىدى.ئۇ سۇپىنىڭ چېتىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ،«نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟» دىگەن مەنىدە  ئېرەڭسىز ئولتۇرغان باراتقا قارىدى. بارات بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن ئالدىرىماي ئېغىز ئاچتى:
    _ سەت بولىدىغان بولدى قاراڭ،ماڭا ھازىر بەك جىددى پۇل كېرەك بولۇپ قالدى،_ ئۇ ئىلاجىسىز قالغان قىياپەتتە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى._ ھازىرغىچە يىگىرمە توت كىلو نېسى گۆش ئاپسىز،ھېلىقى مىڭ كوينىڭ يېرىمىنى قوشۇپ ھېساپلىساق ئومۇمىسى توققۇز يۈز كويدىن ئازراق ئاشىدىكەن،مۇشۇ پۇلنى ھازىر ئېلىپ كەتمىسەم زادى بولمايدىغان بولۇپ قالدى.قېنى خاپا بولماي...
    _ نىمە دەيدىغانسىز؟_ مەريەم ئۇشتۇمتۇت بىرى بېشىغا چىلەكلەپ قۇدۇق سۈيى قۇيىۋەتكەندەك ئەندىكىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى._ مېنى بۇنداق خىجالەتتە قويسىڭىز قانداق قىلىمەن،قارىغۇنى ياردا قىستىغانلىققۇ بۇ؟\ ياردەم قىلاي دەپ خېلى ياخشى گەپلەرنى قىلىۋاتقانتىڭىزغۇ؟
    _ ھېلىمۇ بەش يۈزكوينى ياردىمىم  دەۋاتىمەنغۇ؟
    _ بۇ ھېممىتىڭىزگىغۇ يۈزمىڭ رەھمەت،بىراق مۇشۇ كۈنلەردە قەرىزنى قايتۇر دەپ قىستىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ مۇشۇ كونا ئۆيىمىزدىن باشقا پۇلغا يارىغىدەك ھېچنەرسىمىز بولمىسا، ئۆينى ساتساق  تۆت جان تالادىلا قالمامدۇق.ئايىغىڭىزغا باش قويساممۇ قوياي، ھازىرچە مېنى قىستىمىسىڭىز.
    _ نىمىگە قىستاپتىمەن،قەرزىمنى ئېلىپ كېتەي دەۋاتىمەن شۇ.
    _ مۇشىنىڭ ئۆزى قىستىغانلىق بولماي نىمە؟ ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، باش ئۇراي دەۋاتقانلىقىمنى ئاڭلاۋاتامسىز بارات...
    _ ئۆز ۋاقتىدا مەنمۇ سىزنىڭ ئايىقىڭىزغا باش قويغىدەك بولغاندا سىز پەرۋا قىلغانمۇ مەريەم؟_ بارات ئاخىرى رەزىل نىيىتىدىن بىشارەت بەردى.
    _ نىمە دىمەكچىسىز؟
    _ شۇ تاپتا سىز ئەمەس،سىزنىڭ ئايىغىڭىزغا مەن باش قويايمىكىن دەيمەن.بىلدىڭىزمۇ؟...
    _ پەسكەش ئادەمكەنسىز،مەن ئېرى بار ئايال جۇمۇ؟_ مەريەمنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ، ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ سۆزلەيتتى.
    _ نىمە دىسىڭىز مەيلى،يا پۇلنى تەييارلاپ بېرىسىز،ياكى...
      بارا-بارا مەريەمنىڭ قەلبىدىكى ئۆتۈنۈش،يېلىنىش ھېسسىياتى ھېلىلا پارتىلاپ كەتكىدەك نەپرەتكە ئايلانغان ئىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ يېنىدا پۇل بولغان بولسا ئىدى،ئالدىدىكى مۇنۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھايۋاننىڭ يۈزىگە ئېتىپ،ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان بولاتتى. بىراق ئۇ پۇلنى ھازىر ئەمەس،ئەتە-ئۆگۈن ھەتتا بىرەر ئاي ئىچىدىمۇ قايتۇرۇپ بېرەلىشى ناتايىن. ئەمدى كۈندە كېلىۋېلىپ قىستاۋەرسە قانداق قىلغۇلۇق؟ قوشنا-قۇلۇملار ئاڭلىسا قانداق سۆز-چۆچەكلەرنى قىلىشار...بۇنىڭغا زادى قانداق جاۋاپ قايتۇرغۇلۇق؟ ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ،بۇ خىجالەتچىلىكنى يەڭ ئىچىدىلا تۈگەتكىلىكمۇ؟ئاھ،كېسەل ئازاۋىدا ئىڭراپ ياتقان ،توت كۈنلۈك ئۆمرى قالغان يولدىشىغا خىيانەت قىلسۇنمۇ؟ئاھ، ئېغىر قىسمەت...
        مەريەم ئۆزىنىڭ قىلتاققا ئىلىنىپ قالغانلىقىنى ئەمدى گۇمانسىز چۈشەنگەن ئىدى. بۇ رودىپاي ئادەمنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىن بالىلىق بولۇشۇپ كەتكەن مۇشۇ چاغلارغىچە ئۆزىگە بۇنچىلا كۆيۈپ-پىشىپ يۈرىۋاتقانلىقىدىن ھەيرانمۇ بولۇپ قالاتتى.كۆز ئالدىدا قاراڭغۇ بىر ھاڭ ئۆزىگە تارتىۋاتقاندەك بوشۇشۇپ لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.ئاجىزە بولۇپ يارىلىپ قالغانلىقىغا ئىچ-ئىچىدىن ئېچىندى.ئۇ باراتنىڭ قاتتىق-يۇمشاق سۆزلىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ، ئۈن-تىنسىز ئولتۇردى.ئىككى مەڭزىدىن سىرغىپ ئاققان ياش ئېتىكىنى ھۆل قىلدى.تېنىنى شۈركەندۇرگەن سىلاپ-سىپاشلار، قۇلاق تۈۋىدە ھەرە غوڭىلدىغاندەك ئېيتىلىۋاتقان كۆڭۈل ئىزھارلار غۇبارسىز روھنى ئۆلتۈرۈپ،پاك تېنىنى بۇلغاپ ھەم مۇزلاتماقتا ئىدى.
          بارات مەريەمنى ئىچكىرىكى ئۆيگە سۆرىگەندەك ئېلىپ كىرىپ، ئاھ-زارىغا پىسەنت قىلماي بالا نەپسىنى قاندۇردى-دە سېزىمىنى يوقاتقان بىھۇش ئادەمدەك ياتقان بىچارە مەزلۇمەگە بىر مۇنچە قەسەم-ۋەدىلەرنى بېرىپ، غىپپىدە چىقىپ كەتتى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە بۇ ئىش يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى. مەريەم دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ دۈم يېتىپ يىغلىدى. بېشىغا كەلگەن بۇ ئېغىر كۈنلەردىن زارلاپ نالە قىلدى.ئۆلىۋېلىشنى ئويلىدىيۇ، يەنە بىر ئائىلىنىڭ يار-يۆلەكسىز قېلىپ،باللىرىنىڭ يىتىملىك كوچىسىدا سەرسان بولۇپ يۈرىشىگە چىدىمىدى. نىمىلا بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ ياشاش قارارىغا كەلدى.
      دوختۇرلار ساقىيىشىدىن پەقەتلا ئۈمۈت قالمىغانلىقىنى ئېيتقاندا،مەريەم توختىماي تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ،يولدىشى ئەركىننى دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە قايتۇرۇپ چىقتى. دىمىسىمۇ مۆلدۈرلەپ تۇرغان ئىككى كۆزىلا ئۇنىڭ ھاياتلىقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ۋايجانلىغىدەكمۇ مادارى قالمىغان بولۇپ، ئىككى قات سېلىنغان كۆرپە ئۈستىدە جىمجىتلا ياتاتتى.بارات مەريەمنىڭ سىلكىپ رەت قىلىشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي ياردىمىنى ئۈزۈلدۈرمەي قىلىپ تۇردى. مەريەم تازا ھالقىلىق چاغدىكى بۇ ياردەمنىمۇ قوبۇل قىلماي ئامالى يوق ئىدى.يولدىشىنى توت كۈنلىكى قالغاندا تېخىمۇ  ئوبدانراق كۈتۈپ، دورا-ئوكۇللارنى ئىشلىتىپ تۇرمىسا بولمايتتى.ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ توخۇلار چىللاشقا،ئىتلار قاۋاشقا باشلىغان بىر تاڭ سەھەردە ئورۇقلاپ بىر تېرە،بىر ئۇستىخان بولۇپ كەتكەن ئەركىن، ئايالى مەريەمنىڭ قۇچىقىدا مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى. ئىككى پەرزەنتى بىلەن كۆيۈمچان ئايالىنىڭ زىمىننى تىترەتكىدەك قىلغان نالە-پەرياتلىرى ئۇنى ۋاقىتسىز خوشلىشىپ ئارمانلىرى قالغان يورۇق دۇنياغا قايتۇرۇپ كېلەلمىدى...
      ئۆلۈمنى ئۇزىتىش،نەزىر-چىراق ئىشلىرىدا بارات يەنە ياردىمىنى ئايىمىدى.مەريەممۇ ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلمايدىغان،پەقەتلا ئازراق سوغۇق مۇئامىلە قىلدىغان بولدى.گەرچە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن خورلۇق ھېس قىلسىمۇ يولدىشى ۋە باللىرى ئۈچۈن تازا مۇھتاجلىق كۈنلەردە چاڭقاپ قۇراي دىگەن مايسىلارغا دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇردەك ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىغا خىجالەت بولاتتى.
      ئەركىننىڭ قىرىق نەزىرىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بارات مەريەمنى ئىزدەپ كېلىپ، ھويلىدىلا كۆرۈشۈپ قالدى.مەريەم ھودۇققىنىدىن تەمتىرىگىنىچە ئۇياق-بۇياققا قارىۋېتىپ:
    _ ئۆيگە كېلىۋەرمەڭ دىگەن ئىدىمغۇ؟ ئەجەپمۇ رودىپاي ئادەمكەنسىز._ دىدى.
    _ سىزگە دەيدىغان مۇھىم گېپىم بار ئىدى._ بارات بوش ئاۋازدا سۆزلىدى.
    _ ئۆيدە مېھمان بار،ئەتە دەڭ.
    _ مەن ئايالىمدىن ئاجرىشىپ كەتتىم.
    _ بولدى،بولدى خەۋىرىم بار.بۇنى ماڭا دەپ نىمە قىلاتتىڭىز؟ تېز قايتىپ كېتىڭ،سەت بولىدۇ.
        مەريەم سۆزىنى تۈگىتىپلا،نىمىلەرنىدۇ دىمەكچى بولۇپ تەمشىلىۋاتقان باراتقا قاراپمۇ قويماي ئۇدۇل ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بارات: « خەيىر، ئەتە دەڭ دەپ قارىماي كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى قارا بۇنىڭ، بوپتۇ ئەمىسە ئەتە بولسۇن...» دەپ ئۆز-ئۆزىگە غودىرىغىنىچە دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى.
                                    **                                    **                                  **
                ( داۋامى بار)
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-06 05:49 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zilyar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28994
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 57 نۇمۇر
    پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

                (داۋامى)
        بارات دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرنى تىللىغىنىچە مەريەمنى ئىندەككە كەلتۈرگىچە بولغان يۇقىرىدىكى جەريانلارنى ئەسلەپ تۈگەتكىچە قاۋۇلجاننىڭ شورپىسىمۇ تەييار بولغان ئىدى. ئۇ يۇمشاق پىشقان گۆشنى مەززە قىلىپ يەپ،شورپىسىنى ھوزۇرلىنىپ ئىچتى.ئۇنى تىت-تىت قىلغان يامغۇرمۇ ئاستا-ئاستا توختاپ، ھاۋا ئېچىلىشقا باشلىدى.
        مەريەمنىڭ  جىددىلەشكەنلىكىدىن ئاغزىدىن چىقىپ كەتكەن «ئەتە دەڭ» دىگەن سۆزى قۇلىقىدىن كەتمىگەن بارات،يولنىڭ پاتقاقلىقىغا قارىماي كوچىغا چىقتى.خۇددى يۈرىكى پوك-پوك ئوغرىدەك، نىشانلاپ كەلگەن دەرۋازىنىڭ ئەتراپىغا قارىۋېتىپ،غىپپىدە ھويلىغا كىردى.گېلىنى قىرىپ يۆتۈلۈپ قويۇپ،ئايىقىدىكى لاينى ياغاچ بىلەن قىرىپ تازلىغاچ ئۆيدىن چىقىدىغان شەپىگە قۇلاق سالدى.بۇنى ئاللىبۇرۇن سېزىپ بولغان مەريەممۇ دەرھال ھويلىغا چىقتى.
    _ مەن سىزنى سەتلىشىپ ئۆيگە كىرىۋەرمەڭ دىگەنغۇ؟ _ مەريەم قاپىقىنى ئاچماي رەنجىگەن ھالدا سۆزلىدى.
    _ ئۆزىڭىز تۈنۈگۈن كەلسەم گېپىڭىز بولسا ئەتە دەڭ دىگەنغۇ ؟ شۇڭا مانا پاتقاقچىلىققا قارىماي ئالدىراپ كېلىشىم.ئۇنداق توڭلۇق قىلماي كۆڭلۈمنى چۈشەنسىڭىزچۇ؟_ باراتمۇ تېرىككەندەك ئەلپازدا سۆزلەپ مەريەمگە تىكىلىپ قارىدى. مەريەم خاپىلىشىپ قالسا بوينىدىكى خېلىلا كۆپ قەرىزنىڭ يەنە سۈيلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئازراق يۇمشاشقا مەجبۇر بولدى.
    _ قېنى تېزراق دەڭ،ماڭا دەيدىغان يەنە قانداق گەپلىرىڭىز بار بولغىيدى._ دىدى بوش ئاۋازدا مەريەم.
    _ گەپنىڭ پوسكاللىسىنى قىلاي،سىزمۇ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتىپ يۈرمەڭ، ئىككىمىز توي قىلايلى.
    _ قانداق گەپ بۇ،قىزىتمىڭىز ئۆرلەپ قالمىغاندۇ؟_ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك ،ئويلىمىغان يەردىن ئېيتىلغان بۇ سۆزنى ئاڭلىغان مەريەم ئۆزىنى ئاران بېسىۋالدى،_ بېشىمدا ئاق تۇرسا،تېخى رەھمەتلىكنىڭ كىرپىكىگە توپا قونماي تۇرۇپ شۇنداق ئىشنى قىلسام يۇرت-جامائەتنىڭمۇ لەنىتىگە قالارمەن.توۋا دەڭ بارات...
    _ خەقنىڭ بىز بىلەن نىمە چاتىقىكەن،نىمە دىسە دىمەمدۇ؟
    _ سىز شۇنداق دىگەن بىلەن مەن ھەرگىز ئۇنداق دىيەلمەيمەن.
    _ بۇ دىگەن ئىنسان بېشىدا  بار ئىشقۇ؟ يالغۇز سىزمىدىڭىز؟
    _ مەن تېخى ياتلىق بولۇشنى ئويلاشمىدىم.قىزىم غۇنچەممۇ نىمە دەيدۇ تېخى.
        ئىككەيلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى.ئەمما بارات رازى بولغىدەك جاۋاپقا ئېرىشەلمەي رەنجىپ چېچىلغان ھالەتتە قايتتى.
        بۇلۇتلار قەيەرلەرگىدۇ مۆككەن،ھاۋا ئېچىلىپ،قۇياش جاھاننى قىزدۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى رەتلىك سەگۈتېرەكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى يامغۇردا يۇيۇلۇپ،تېخىمۇ يېشىللىشىپ كەتكەندەك كۆرىنەتتى.بارات يولنىڭ قۇرىغان يەرلىرى بىلەن ئاستا كېتىۋېتىپ،ئارامىغا چۈشمىگەن كۆڭلىنى قانداق قىلىپ خوشاللىققا ئېرىشتۈرۈشنى ئويلايتتى: « ئۇدۇل شەھەرگە كىرىپ،تونۇش سەتەڭلىرىمنى تېپىپ،بىرە-ئىككى رومكىدىن سوقۇشتۇرۇپ ئىچىشىپ غەشلىكىمنى تۈگەتمەيمۇ؟كەچ كىرگىچە ئۇلار بىلەن راسا كۆڭۈل ئېچىپ، ئاندىن ئەخەت گومۇشنىڭ ئۆيىدە بولىدىغان قىمارغا باراي. توغرا،شۇنداق قىلاي...»
        بارات خىيالىنى شۇنداق ئۈزۈپ ئۇدۇل شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.ئۇ تاپ پۇراپ يۈرگەن لالما ئىتتەك بىر سائەت ئەتراپىدا  ئايلىنىپ يۈرۈپ،يۈز-كۆزلىرىنى چاڭچىلىكەشتەك بويىۋالغان داپشاق بىر جۇۋاننى تېپىپ، بىر ئاشخانىنىڭ يەر ئاستى ئايرىمخانىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتى.
    _ نىمە يەيسىز،نىمە ئىچىسىز خان؟_ بارات  ئىششىپ قالغاندەك يوغان كۆكسىنىڭ يېرىمىنى نامايىش قىلىپ ئولتۇرغان جۇۋاندىن ئەركىلىتىپ تۇرۇپ سورىدى.
    _ ئوتكەن قېتىمقىدەك بولسۇن جېنىم._ دىدى جۇۋانمۇ يامىشىپ،ئەركىلەپ تۇرۇپ.
    _ كۆڭلىڭىز تارتقىنىچە بولسۇن ئاپپىقىم،ھى...ھى...ھى...
    _ سىز بەك ياخشى جۇمۇ قەدىرلىكىم.كېلىڭە تاتلىق بىرنى سۆيۈپ قوياي...
      ئار-نومۇسنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان بۇ ئىككى شاللاق ئىنسان ئىشىكى مەھكەم تاقالغان بۇ  كىچىك ئايرىمخانىدا ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ،كۈننىڭ قانداق كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قېلىشتى.بارات كوچىنى بۇلغاپ يۈرگەن ئۇ پاسكىنا خوتۇننىڭ  لىپتىكىنىڭ ئارىلىقىغا  يۈز يۇەننى قىستۇرۇپ يولغا سالغاندىن كېيىن دەرھال ئەخەت گومۇشنىڭ ئۆيىدىكى قىمار يادىدىن كەچتى.ئۇ دەرھال يېنىدىكى ئۈچ مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلنى سىلاپ قويۇپ،ئامىتىنى تىلەپ قىمار سورىنىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
      ئۇ سورۇنغا سالامنىڭ چوڭىنى قىلىپ كىرىپ كەلگىنىدە،ئالتە-يەتتەيلەننىڭ بېشى«تىرىڭ-تىرىڭ» ئاۋاز چىقىۋاتقان چوڭ چىنىنىڭ ئەتراپىغا مەركەزلىشىپ بولغان ئىدى.قوللىرىدىكى شىشىخالنى ھەر قېتىم چىنىگە تاشلىغاندا بىرلىرى تىزىغا،بىرلىرىمەيدىسىگە شۇنداق قاتتىق شاپىلاقلاپ «ياھ،جەمشىت» دەپ ۋاقىرىشاتتى.
    _ تاپىنىمنىڭ ئاستىغا باسۇردۇم،ئاتە مۇشىنىڭغا؟\
    _ ئاتتىم ئەمىسە،ياھ،پىرىم...
    _ مانا،مانا چۇ چۈشتىغۇ،چىقىرە پۇلنى\
    _ ئاتە بۇنىڭغا،پىرلاق قىلىۋەتتىم.
    _ ھە،ئەمدى كەلدىڭمۇ؟
    _ كەلدىم،دو مەندە...
      بارات ھەممەيلەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىۋېتىپ:
    _ پاھ-پاھ،دىڭدىڭغا چۈشۈپسىلەردە ئاغىنىلەر،قويۇڭلار بۇنى،زاجىڭخۇا باشلايلى._ دىدى.
    _ ئالدىراپ كەتمە،ھەممىنى قىلىسەن تېخى._ دىدى ئارىدىن بىرى.
      دىگەندەك دىڭدىڭ بىر سائەت ئەتراپىدا ئوينالغاندىن كېيىن،قارتمۇ شىلاندى.كەچ كىرىشى بىلەن باشلانغان ئويۇن،تاڭ سۈزۈلگىچە داۋاملاشتى.بارات يېنىدىكى پۇلنىڭ ھەممىنى پاكىز ئۇتتۇرۇپ، قايتىدىغان چاغدا ئۆيىگە قايتىدىغان يولنىمۇ تاپالماي قالدى.
      مەريەم جاپالىق تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق تەمىنى يەتكىچە تارتقان بولسىمۇ،لېۋىنى چىشلەپ بەرداشلىقى بىلەن ياشاپ كەلدى.زىلۋالىقى،ياشلىقىدىكى گۈزەللىكى كۆزلىرى ئەتراپىدىكى بىلىنەر-بىلىنمەس ئىنچىكە قورۇقلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئوخشاشلا جەزىبىدارلىقىنى يوقاتمىغان ئىدى. ئۇ يولدىشى ئەركىننىڭ ھاياتىدىن ئۈمۈت ئۈزگەندىن باشلاپ دادىسىغا ئوخشىغان ئوغلى ۋە ئۆزىنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىكى چىرايىنى ئەسلىتىدىغان چىرايلىق قىزى غۇنچەم ئۈچۈن ھەر قانچە بەدەل تۆلىسىمۇ  بارلىقىنى ئاتاش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى.ئاتىسىز قالغان ئىككى يىتىمنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدا بويۇن قىسىپ قېلىشىغا ئەسلا چىدىمايتتى.ئۇلارنىڭ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ياخشى يەپ،ياخشى كىيىپ بەخىتلىك ياشىشىنىلا ئويلايتتى. مۇشۇ سەۋەپتىنمىكىن  ئۆزى ئەزەلدىن ياقتۇرماي كەلگەن باراتقا يىپسىز باغلىنىپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈنسىمۇ،ئېغىر قىيىنچىلىق ئۆتكىلىگە كۆۋرۈك بولىۋاتقان بۇ ئادەمگە ئۆلۈك مۇھاببىتى بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلماي ئامالى يوق ئىدى.
      _ قىزىم،ئوقۇشتىن توختىۋالغىنىڭ يامان بولدى،داداڭنىڭ ھەلەكچىلىكىدە مەنمۇ سېنىڭ رايىڭغا بېقىپتىكەنمەن، مانا مەكتەپتىن ئايرىلغىنىڭغىمۇ بىر يىلدەك بوپتۇ، ئەمدى قايتىلاپ ئوقىساڭ بولامدىكىن؟_ مەريەم قىزى غۇنچەمنىڭ چېچىنى تاراپ ئولتۇرۇپ،ئېغىر تىنغان ھالدا يېقىندىن بېرى كاللىسىغا كىرىۋېلىپ،ئارامسىزلاندۇرىۋاتقان خىيالىنى دىدى. غۇنچەم ئانىسىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن قىلغان بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىتتىك ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، مەريەمنىڭ ئويچان كۆزىگە مەيۈس ھالدا تىكىلدى.بىر ھازا جىمجىت قارىۋېلىپ،گىلاستەك قىزىل لەۋلىرى تىترىگەن ھالدا:
    _ مېنى ئوقۇغۇسى يوق چېكىنىۋالدى دەپ ئويلامسىز ئاپا؟_ دىدى.
    _ ياق قىزىم،چۈشىنىمەن،چۈشىنىمەن...
    _ بولدى،بۇ گەپنى ئەمدى ھەرگىز تىلغا ئالماڭ.
    _ قايتىلاپ ئوقىساڭ بولامدىكىن.
    _ ئۇكامنى ياخشىراق ئوقۇتساق دەپ ئويلايمەن ئاپا.قىيىنچىلىقىمىز تېخى يەتكىچە بارغۇ؟
    _ بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ قىزىم.
    _ مەندىن يوشۇرغىنىڭ بىلەن ھېلىقى بارات دىگەن ئادەمگە قەرز بولۇپ قېلىۋاتقىنىمىزنى ئوبدانلا بىلىمەن._ غۇنچەم بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا كۆزلىرىدە ياش لىغىلداپ قالغان ئىدى.مەريەم بۇ كۆيۈمچان،چېچەن قىزىغا نىمە دىيىشىنى بىلمەي بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ كۆڭلىدە قەرىز ئىشلىرىنى غۇنچەم بىلمەيدۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدى.
    _ قىزىم غۇنچەم،باشقىچە ئويلاپ يۈرمىگىن،سەندىن بىر گەپ سوراي._ مەريەم قىزىنىڭ خېلى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ قالغانلىقىنى جەزىم قىلىپ،مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭ رايىنى سىناپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بارات توي قىلىش تەلىپىنى قويۇپ بەكلا چىڭ تۇرىۋاتقاچقا ئارىسالدى بولۇپ قېلىۋاتاتتى.
    _ نىمە گەپ،قېنى سوراڭ؟_ غۇنچەم ھەيرانلىق بىلەن سوئال نەزىرىدە قارىدى.
    _ قىزىم،ھېلىقى بارات دىگەن ئادەم بىزگە كۆپ ياردەملەرنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ،سېنىڭچە ئۇ قانداقراق ئادەمدۇ؟
    _ بۇ...بۇ..._ ئانىسىدىن بۇنداق سوئالنىڭ چىقىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان غۇنچەم،دەرھال جاۋاپ قايتۇرالماي دۇدۇقلاپ قالدى.
    _ مۇنداقلا سوراپ قويدۇم،راس سۆزۈڭنى قىلساڭلا بولدى.
    _ مېنىڭچە...مېنىڭچە بىر قارىسا  ئەسكى ئادەمدەك كۆرىنىدىكەن، بىر قارىسا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىدىغان مەرت ئادەمدەك...
    _ سەن شۇنداق ئويلىدىڭمۇ؟
    _ بۇنى سوراپ نىمە قىلىسىز ئاپا؟
    _ ئارتۇقچە كوچىلاپ سورىمىساڭمۇ بولىدۇ،قىلىۋاتقان ياردىمىگە قاراپ سوراپ قويدۇم شۇ.
        ئەنە شۇنداق سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپ، مەريەم قىزىنىڭ چېچىنى چىرايلىق ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ، قىزىل لېنتا چىگىپ قويدى.ئۇ قىزى بىلەن بارات ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىدىن خىجىلچىلىق ھېس قىلىپ ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، زىممىسىدىكى ئېغىر يۈكنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتقان ياتلىق بولۇش ئىشىدىن ئازراق بىشارەت بېرىۋالغان ئىدى.شۇ كۈندىن باشلاپ غۇنچەمنىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش يۈز  بېرىپ خىيالچان، جىمغۇر بولۇپ قالدى. ھەر كۈنى دادىسىنىڭ رەسىمىگە قاراپ تارام-تارام ياش تۆكەتتى.بۇنىڭدى بىئارام بولغان مەريەم بىر كۈنى ئوغلىنى مەكتەپكە يولغا سېلىۋېتىپ،دادىسىنىڭ رەسىمىنى مەيدىسىگە بېسىپ غەمكىن ئولتۇرغان قىزى غۇنچەمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ:
    _ بىر قانچە كۈندىن بېرى باشقىچىلا بولۇپ قالدىڭغۇ قىزىم،مىجەزىڭ يوقمۇ؟
    _ سىز ياتلىق بولماقچىمۇ ئاپا؟_ غۇنچەم كۆڭلىدىكى سۆزىنى يىغلامسىرىغان ھالدا ئوچۇقلا دەۋەتتى.
    _ كىم ساڭا شۇنداق دىدى؟_ ئۆڭگەن ھالدا سورىدى مەريەم.
    _ يوشىرىۋاتىسىز،مەن بىلىپ بولدۇم.
      مەريەم ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈشنى راۋا كۆرمىدىمۇ قانداق،ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقىپ كەتتى.شۇ تاپتا قىزىغا دەيدىغان نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرى بولسىمۇ ئىچىگە يۇتۇپ،كۆڭلىدكى: « ھەي نادان قىزىم، داداڭلارنىڭ روھىنى قورۇندۇرۇپ مېنىڭ ياتلىق بولغۇم بارمۇ؟...داداڭلارنى دەپ،سىلەرنى دەپ نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدىم،قانداق خورلۇقلارنى تارتمىدىم...ھېلىمۇ سىلەرنى بويۇن قىسىپ قالمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى ئوتقا تاشلاۋاتىمەنغۇ؟...مېنى ئەر سېغىنىپ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدىغانسىلەر، سىلەرنى دىمىسەم ئالدىراپ ئىپپەت-نومۇسۇمغا داغ چۈشىرىدىغان ئايالمىدىم؟...چۈشەنسەڭچۈ قىزىم...» دىگەندەك ئاچچىق خىياللار بىلەن ئۆزىگە دەممۇ-دەم تەسەللى ئىزدەيتتى.
                      (داۋامى بار)
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-06 05:58 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zilyar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28994
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 57 نۇمۇر
    پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

                                                                        3
      پىشايۋان سۇپىسىغا سېلىنغان گىلەمدە يۇمشاق كۆرپە ئۈستىدە يۇكۇنۇپلا ئولتۇرغان بەكراخۇن ئىككىنچى ئوغلى مەردان بىلەن كەنجى ئوغلىنىڭ توي مەسلىھەتىنى قىلىپ ئولتىراتتى.قىزىل سىردا سىرلانغان ھويلا دەرۋازىسى داراڭلاپ ئېچىلىپ،ھويلىغا بارات كىرىپ كەلدى.ئۇنىڭ  تېخىمۇ قارىداپ كەتكەندەك قارىمۇتۇق چىرايىدىن بىر خىل جىددىلىك چىقىپ تۇراتتى.
    _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا؟ ھە، مەردان ياخشى سەنمۇ باركەنسەن._بارات پىشايۋان سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپلا «رەسمىيەت» سالىمىنى قىلىۋېتىپ، بىر چەتكە كېلىپ ئولتۇردى.
    _ ۋائەلەيكۇم ئەسسالام، قېنى يۇقىرىغا چىقىپ ماۋۇ كۆرپىدە ئولتۇرمامسەن ئوغلۇم._ بەكراخۇن بىر چەتكە سۈرۈلۈپ ئولتۇرۇپ باراتنى يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
    _ بولدى،مۇشۇ يەردىلا ئولتۇراي،ئالدىرايمەن.
    _ قىلغان نەسىھەتلىرىمنى ئويلىشىپ كۆردۈڭمۇ بارات،بالىنى يىتىم قىلماي ئايالىڭ بىلەن...
    _ دەۋىرەمسەن شۇ بىر گەپنى دادا، ئەمدى ئىككىنچىلەپ بۇنداق گەپنى قىلغۇچى بولما._ بارات قوپاللىق بىلەن دادىسىنىڭ سۆزىنى تارتىۋېلىپ،ئۆز مۇددىئاسىنى دىمەكچى بولىۋىدى، ئىنىسى مەردان ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپلا:
    _ دادامغا نىمانچىلا قوپاللىق قىلىسەن ئاكا،يامان گەپ قىلمايۋاتىدىغۇ ساڭا؟_ دىدى نارازى بولغان ھالدا.
    _ قانداق قوپاللىق قىپتىمەن؟ سەن ئاتىكاچىلىق قىلمىساڭمۇ بولىدۇ.
    _ بولدى،بولدى گەپ بولسا ۋاقىراشماي چىرايلىقچە دىيىشەيلى،_ بەكراخۇن ئوغلى باراتنىڭ ئوسال مىجەزىنى بىلگەچكە جىدەللىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى.
    _ باشقا گەپنى قويايلى،_ دەپ مەقسىدىگە كۆچتى بارات پۈرلىشىپ كەتكەن قولياغلىقى بىلەن پىشانىسىنى سۈرتۈپ قويۇپ،_ مەن مۇھىم ئىككى ئىش بىلەن كىردىم دادا،سەنمۇ ياخشىراق ئاڭلا مەردان.
    _ خوش قېنى،قۇلىقىمىز سەندە.
    _ بىرىنچى مۇھىم ئىش، مەن توي قىلماقچى.
    _ نىمە دەيدىغانسەن ئەقىلسىز، شۇنچە ئوڭلۇق ئايالىڭ بىلەن يارىشىۋالاي دىمەي دەۋاتقان گېپىڭنى قارا؟_ بەكراخۇن ئويلىمىغان يەردىن چىققان بۇ سۆزنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقى كېلىپ،ساقال-بۇرۇتلىرى تىترەپ كەتتى.
    _ مۈمكىن ئەمەس،مېنىڭ دىگىنىم ھېساپ، بۇ توينى قىلغىنىم قىلغان \
    _ كىم بىلەن؟_ ھەيران بولۇپ سورىدى مەردان.
    _ يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەن مەريەم بىلەن.
    ئويلىشىپ ئىش قىلساڭ بولامدىكىن ئاكا؟
    _ سەن خۇددى بۆشۈكۈمنى تەۋرىتىپ قويغاندەك سۆزلەيسەنغۇ؟بولدى قىلىش،ھەرقايسىڭ ھۆتۈت-پۆتۈت قىلىشما\مەن قىلىمەن دىگىنىمنى قىلىدىغان ئادەم.
      باراتنىڭ تەتۈرلىكى ۋە كۆكەمىلىكىدىن ئۆزىنى ئاران بېسىپ ئولتۇرغان بەكراخۇن، ئارتۇقچە نەسىھەت قىلىشنى خالىمىدى بولغاي،ساقىلىنى سىپاپ،ئېغىر تىنىپ قويۇپ سورىدى:
    _ خوش،يەنە بىر مۇھىم ئىشىڭچۇ؟
    _ ماڭا بەش مىڭ كوي پۇل بەرمىسەڭلار زادى بولمايدۇ.
    _ بۇ قانداق گەپ ئۆزى،يەنە بەش مىڭ كوي دەيسىنا؟_ سەپرايى ئۆرلەپ تۇرغان بەكراخۇن ئوتنىڭ ئۈستىگە ماي چېچىلغاندەك بۇ گەپنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتىۋە ھاسىسىنى يەرگە ئۇرۇپ قايناشقا باشلىدى،_قاسساپلىق قىلىمەن دەپ ئون مىڭنى ئالدىڭ،سوداڭ ئوبدانلا يۈرىشىۋاتىدۇ.كەم ھېساپ قىلسىمۇ  دۇككان ئاچقاندىن بېرى ئىككى تۇمەن كوي پايدىسىغا گۆش ساتقانسەن؟\ يەنە نومۇس قىلماي پۇل دىگىنىڭ نىمىسى؟ ناشايان يولغا چېچىۋاتقانسەن تايىنلىق،ماۋۇ ئۇكاڭغا قارا،ئۇنىڭغىمۇ ئون مىڭ كويچەننى دەسمى قىلىپ بەرگەن ئىدىم،بىر تەرەپتىن مال بورداپ سېتىپ،بىر تەرەپتى ئايالى ئىككەيلەن دىخانچىلىقىنى ئوبدان قىلىپ،قانداق ھاللىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىسەنغۇ؟تېخى كىچىك ئىنىڭنىڭ توي چىقىمىنىڭ يېرىمىنى كۆتىرەي دەۋاتىدۇ. مەن كۆز يۇمسام دادا ئورنىدا تۇرىدىغان چوڭ ئوغۇل تۇرۇپ سەنچۇ؟ قىمار ئويناپ،بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرسەڭ ئىشىڭدا بەرىكەت بولامدۇ ھۇ ئىمانى يوق تەلۋە\ ساڭا بېرىدىغان بىر تىيىنمۇ پۇلۇميوق،كۆزۈمدىن يوقال\
      ئاچچىقتىن ئۆزىنى باسالماي قالغان بەكراخۇننىڭ دېمى سىقىلىپ قالدى.كانىيى خىرىلداپ قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى.بارات سۇپىدىن چاچراپ تۇرۇپ دادىسى بىلەن ئىنىسى مەردانغا قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ:
    _ مەن تېخى مىراستىن سۆز ئاچمىدىم،قېنى ئەتىگىچە مەن دىگەن پۇلنى بېرىشمەيدىغان بولساڭ مەندىن ياخشىلىق كۈتۈشمە\_ دىگىنىچە ئۇدۇل دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
      مەرداننىڭ ئىشچان،ئوڭلۇق ئايالى قۇيۇپ چىققان بىر پىيالە قىزىق چاينى ئىچىپ،سەل ئوڭشىلىۋالغان بەكراخۇن، ياش يۇقى كۆزىنى بىر ھازا يۇمىۋالغاندىن كېيىن:
    _ خەپ ۋاپاسىز تەلۋە،ئەتىلا يۇرت ئاقساقاللىرىدىن تۆتنى چاقىرىپ،سەن بەتخۇي توڭگۇزنىڭ ئالىدىغىنىڭنى بېرىپ بىراقلا ئادا-جۇدا بولمايدىغان بولسام..._ دىدى.  
       دادىسى بەكراخۇن دىگەندەك باراتنىڭ دۇككىنىدا ھەر كۈنلىكى ئىككى،ئۈچ قوينىڭ گۆشى سېتىلىپ،تاپاۋەت خېلى ئوبدانلا يۈرۈشۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنىسى مەردان يىراق يېزا-بازارلاردىن جاپا چېكىپ ئېلىپ كەلگەن ئەرزان مال بىلەنمۇ تەمىنلەپ تۇرىۋاتاتتى.بىراق تۇتام-تۇتاملاپ پۇل مىنۇت ئىچىدە ئۇ يانچۇقتىن بۇ يانچۇققا كىرىپ كېتىدىغان قىمار سورۇنلىرى بىلەن كوچىدىكى سەتەڭلەرنىڭ يانچۇقى ئەكسىچە دەسمىرىدىن ئايرىلغۇدەك ھالغا كەلتۈرۈپ قويىۋاتاتتى.ئۇ مۇشۇنداق ھالەتتىمۇ يەنىلا خۇددى بايۋەتچىلەردەك چوڭ سۆزلەپ،ئەيىش-ئىشرەتلىك سورۇنلارنىڭ «ساھىپخان»لىقىدىن قالماي كېلىۋاتاتتى.مانا بۈگۈن قوتاندا تىرىك قالغان ئىككى قوي بىلەن كانارغا يېڭى ئېسىلغان ئىككى قوينىڭ گۆشىدىن باشقا  يېنىدا يۈز يۈەنگە يېقىن پۇلى قالغان بارات،شەھەردىكى چۈشتىن كېيىن بولىدىغان رەڭلىك سورۈنغا ۋەدە قىلىپ قويغىنىنى ئويلىغانسىرى قانداق قىلارىنى بىلمەي،خۇددى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاشقا باشلىدى.ئۇ كۆڭلىدە دادىسىنىڭ چاقىرىپ دىگەن پۇلنى بېرىشىنى كۈتۈپ چۈش بولغىچە ئۆيىدە ئولتۇرغان بولسىمۇ سادا كەلمىدى.ئۇ ئاخىرى قاۋۇلجاننىڭ كۆپرەك گۆش سېتىشىنى تىلەپ،ئۇتتىرىۋەتكەن چاغلىرىدىكىدەك روھى چۈشكۈن ھالدا دۇككانغا كەلدى.كاناردا يېرىم قوينىڭ گۆشى قالغانلىقىنى كۆرۈپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرگەن بارات قاۋۇلجاننىڭ يېنىغا كېلىپ:
    _ بۈگۈن بازىرىڭ ئوبدانغۇ ؟_ دىدى.
    _ ئىككى خېرىدار كېلىپ بىر قوينى بۆلۈشۈپلا ئالدى،بۈگۈن گۆش بالدۇرلا تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ ئاكا.
    _ ياخشى،ياخشى...قانچىلىك سېتىلغان بولسا پۇلنىڭ ھەممىنى بەرگىن،مال ئالماقچى بولغان،كېمىپ قېلىۋاتىدۇ.
    _ بولىدۇ ئاكا.مانا يەتتە يۈز كويچەن،پارچىلىرى قالسۇن كېرەك بولىدىكەن._ قاۋۇلجان قويۇن يانچۇقىدىن پۇلنى چىقىرىپ باراتقا تەڭلىدى.ئۇ قوي سويۇش،گۆش سېتىش،ئوينىڭ ئېغىر-يېنىك ئىشلىرىنى قىلىشتىن باشقا باراتنىڭ ئىشلىرىغا پەقەتلا ئارىلاشمايتتى.باراتمۇ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا ئەسلا يول قويمايتتى.
    _ ماقۇل ئەمىسە،سەن گۆشنى سېتىپ بولۇپ ئۆزۈڭنىڭ قورسىقىغا لايىق بىر نەرسە قىلىپ ماڭا قارىماي يەۋەرگىن، ئاشخانىدىن سامسا ئېلىپ يىسەڭمۇ بولىدۇ._ بارات پۇلنى يانچۇققا سېلىپ،كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى بولغاي، قاۋۇلجانغا يەنە نىمىلەرنىدۇ جىكىلەپ قويۇپ،شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.ئۇ ئىككى كۈندىن بېرى قۇرۇقدىلىپ قېلىۋاتقان يانچۇقىنى ئويلىغانسىرى ۋەسۋەسە پەيدا بولاتتى-دە قانداق قىلىپ «سۆڭىكى يوق» پۇلنىڭ ئېپىنى قىلىشنى ئويلاپ بېشى قېتىۋاتاتتى.دادىسىنىڭ قېشىغا سۈر-ھەيۋە بىلەن كىرىشىمۇ مۇشۇ سەۋەپلىك بولىۋاتاتتى.مانا شۇ تاپتا يېنىغا ئازراق پۇل چۈشكەن بارات بىر سورۇنغا پۇل خەجلەپ ئۆزىنى راسا بىر كۆرسىتىپ،چىرايلىق خېنىملارنى ئۆزىگە قارىتىشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ھەممىنى بىر دەملىك ئۇنۇتقان ئىدى. ئۆزىچە دوسلۇرۇم دەم پەخىرلىنىپ كېتىدىغان ئۈچ،تۆت شەھەرلىك قاقباش قويمىچىلارنىڭ،ئۇنىڭ دولىغا ئۇرۇپ قويۇپ،داۋاملىق سۇدەك خەجلەپ بېرىدىغان،قىماردا «قاپقىنى»غا تاشلاپ بېرىدىغان پۇلىغا دوس ئىكەنلىكىنى بىلمەي،ئەپسۇس ئۇ بۇلارنىڭ يالغان كۈلكىسى،يالغان ۋەدىلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ «ياشاپ» كېلىۋاتاتتى.
      بارات شەھەرگە كىرىپ ۋەدىلەشكەن ئەشۇ دوستلىرى بىلەن تېپىشتى.ئۇلار باراتنى خۇددى ئۇزاق يىل كۆرمىگەن ئەڭ يېقىن بۇرادەرلىرىدەك بەكلا قىزغىن سالام بىلەن كۆرۈشتى.
    _ بۈگۈن بىز بىلەن ئولتىرىدىغانلار ئالامەت سەتەڭلەر جۇمۇ بارات._ دىدى ئارىدىن بىرى.
    _ چىرايلىقى يەنىلا سەندىن ئاشماس._ بارات ھېجىيىپ تۇرۇپ تەنە قىلدى.
    _ بۇ قېتىم سەندىن ئاشقىنى بىزنىڭ بولسۇن.
    _ قېنى،كۆرىمىزغۇ تۇلكە.
    _ ھەي،ھەي،_ دەپ سۆز ئارىلىدى يەنە بىرى،_ بۇ يەردە قۇرۇق گەپ سېتىپ تۇرغىچە ئولتىرىدىغان ئايرىمخانىغا بېرىپ بىرە-ئىككى سائەت قارت ئوينىغاچ ئولتۇرمامدۇق؟
    _ بەللى،بەللى،بۇ جايىدا گەپ بولدى.شۇنداق قىلايلى.
      تۆتەيلەن شەھەرنىڭ چېتىگە جايلاشقان بىر ئاشخانىنىڭ يەر ئاستى ئايرىمخانىسىغا كىرىپ،يەپ-ئىچىدىغان بۇيرۇتمىلارنى بارات نامىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ «مېھمان»لىرىنى كۈتكەچ قارت ئويناشقا باشلىدى.
    _ چىقىشىمىز ئەللىك كويغىچە بولسۇن،ئەللىكنى يۈزگە ئاچۇرۇپ ئوينايمىز ئەمىسە._ قولىغا قارتنى ئېلىپ شىلاشقا باشلىغان بىرى ئويۇن قائىدىسىنى جىكىلەپ قويدى.
    _ كونا پەدە دەپ قويساڭلا بولمىدىمۇ؟خوتۇن كىشىدەك جىق سۆزلىگىچە._ بارات ئارىدىكى ئەڭ پۇلدار كىشىدەك گىدىيىپ ئولتۇرۇپ تاماكا تۇتاشتۇردى
      ھايت-ھۇيت دىگىچە باراتنىڭ يېنىدىكى پۇل ئىككەيلەننىڭ يانچۇقىغا ئۆتۈپ بولدى.بارات كۆڭلىدىكى بىئاراملىقنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ، تاماكىسىنى قاتتىق بىر شورىۋېتىپ:
    _ بۈگۈن بۇ ئويۇندىن خەۋەرسىز يېنىمغا كۆپ پۇل سالماپتىمەن،بۇ ئويۇن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن._ دىدى.
    _ ئۇنداقتا ئولتۇرىشىمىزنىڭ پۇلىچۇ؟ _ مەنىلىك ھېجىيىپ سورىدى بىرى.
    _ قانچىلىك بولسا سىلەر ماڭا قەرز بەرسەڭلار بولىدۇ،كېيىن ئۇچراشقاندا قايتۇرۇپ بېرەي.
        بارات ياندىكى پۇلدىن باشقا بەش يۈز  يۈەن قەرزگە بوغۇلۇپ،پەسكەش قىلىقلار بىلەن يېرىم تۈنگىچە داۋاملاشقان
    ئولتۇرۇشتىن غەرىق مەس ھالەتتە قايتىپ،ئۆيىگە قانداق قايتىپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالدى.
                    (  داۋامى بار)
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-06 06:03 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    kunkiz
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ...
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6105
    شۆھرەت: 3103 نۇمۇر
    پۇل: 98597 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 381(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    بىر نەچچە يىللار بۇرۇنلا بۇ  پوۋسىتىڭىزنى ئوقۇغىنىمدا  ماڭا بەك ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى ، ھىلھەم دىيارىم مۇنبىردە  كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن ، مىنىڭ بىلشىمچە سىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقا  خىلى كۆپ ياخشى يېزىلغان   ئەسەرلىرىڭىز  بار  مۇمكىن بولسا شۇ نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى  مۇنبىرمىز ئارقلىق ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە سۇنىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن ، داۋامنى  كۈتمەن  سالامەت بولدۇ .
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-06 06:40 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    parida39
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27071
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 407
    شۆھرەت: 407 نۇمۇر
    پۇل: 1380 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 346(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ۋاي_ ۋۇي ئەجەپ ئۇزۇنكەن  بۇ ئسەر كوزۇم ئىچچىشىپ كەتتى .قانداقمۇ يىزىپ بولغانسىز ؟
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-06 09:51 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    ayjahan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29134
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 523
    شۆھرەت: 694 نۇمۇر
    پۇل: 1068 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 286(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ئېسىل ئەسەركەن،ئوقۇۋېرىپ،ۋاقىتنىڭ قانداق چۈش بولغىنىنىمۇ بىلمەيلا قاپتىمەن،كۈنقىزنىڭ ئىنكاسىنى كۆرمىسەم،بۇ پوۋىستىنمۇ چىقالماسكەنمەن..........
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-07 01:07 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    bahdaxguli
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17912
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 110
    شۆھرەت: 88 نۇمۇر
    پۇل: 294 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 148(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    داۋامىغا تەققەززامىز ................
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-07 02:13 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zilyar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28994
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 57 نۇمۇر
    پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

                                  (داۋامى)                        4
    تومۇز كۈنلەردىكىگە ئوخشاش ھوزۇر بىلىنمەيدىغان كۈز شامىلى،دەرەخ شاخلىرىدىكى سامان رەڭگىگە كىرىۋاتقان يوپۇرماقلارنى يەرگە چۈشۈرۈپ ئۇچۇرۇشقا باشلىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،رەھمەت-ھەشقاللا بىلەن يۈز يۈەندىن پۇلنى يانچۇقىغا سېلىشقان سۆزمەن ئىككى ئەلچىنىڭ كۈچى بىلەن،بارات مەريەمنى نىكاھىغا ئېلىۋالدى.چوڭ مەرىكە ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسىمۇ،قازان ئېسىلىپ،بىر پاقلان سويۇلدى.يىگىرمە كىلو گۈرۈچ دۈملىنىپ،قۇلۇم-قوشنىلار،ئۇرۇق- تۇققانلارغا داستىخان سېلىندى.كەچلىكى مەھەللىدىكى يېقىنلىرى ۋە شەھەردىن چىققان دوس-بۇرادەرلىرىگە ئۆيىدە قورداق تارتىلىپ ھاراق قۇيۇلدى.شۇ كۈندىن باشلاپ باراتنىڭ ئۆيى بەش جانلىق چوڭ ئائىلىگە ئايلاندى.
      ئاپىسىنىڭ ياتلىق بولىشىغا تەستە قوشۇلۇپ،بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان غۇنچەم خېلىغىچە بۇ ئۆيگە مېھمان بولۇپ كەلگەندەك،ئەتە-ئۆگۈن يەنە ئۆيىگە قايتىپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا بولدى.لېكىن بولىۋاتقان كۆز ئالدىدىكى رىياللىقنى قوبۇل قىلماي،كۆنمەي ئامالى يوق ئىدى.بىر ھەپتىگىچە قولى ئىشقا بارمىغان بولسىمۇ،ئاستا- ئاستا سەھەر تۇرۇپ ھويلا-ئاراملارنى سۈپۈرۈپ،ئوچاققا ئوت ياقىدىغان بولدى.بەزى كۈنلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ سەھەردە ئورۇندىن تۇرۇپ،قوي سويىدىغان قاۋۇلجانغىمۇ ياردەملىشەتتى.ئۇنىڭ كېلىشكەن بوي -تۇرقىغا،قويۇق قارا قاشلىرى ئاستىدىكى ئاق كۆڭۈللىكى ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان قوي كۆزلىرىگە قاراپ-قاراپ قوياتتى.قۇۋلۇق-شۇملۇقنى بىلمەي ئىشلەيدىغان ئىشچانلىقىغا،ھەرىكەتلىرىنىڭ چاققانلىقىغا بولغان قايىللىقىنى ئوتلۇق تەبەسسۈمى بىلەن ئىپادىلەيتتى.
    _ سىز ئۆگەي دادامنىڭ شاگىرتىمۇ؟_ دەپ سورىدى بىر كۈنى غۇنچەم قوينىڭ تېرىسىنى ئاجرىتىۋاتقان قاۋۇلجانغا ياردەملىشىۋېتىپ،_ ئاڭلىسام قەشقەردىن كەپتىكەنسىز.
    _ ھەئە،قەشقەر پەيزىۋاتتىن.
    _ ئوقىمىغانمۇ؟
    _ يەتتىنجى سىنىپقىچە ئوقىغان،كېيىن دادام مۇئەللىمىم بىلەن سوقۇشۇپ قېلىپ مەكتەپتىن چىقىرىۋالدى.
    _ ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇغۇسى يوقمىدى؟
    _ مېنىڭ نىمە ئامالىم،_ قاۋۇلجان ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى،_ سىز نىمىشقا ئوقىمىدىڭىز؟
        غۇنچەم قەلبىدە ئۆزىمۇ چۈشىنىپ بولمايدىغان بىر خىل سېزىم پەيدا بولىۋاتقان پەيتتە قاۋۇلجاننىڭ سوئال نەزىرىدە تىكىلگەن كۆزىدىن كۆزىنى قاچۇرۇپ،يەرگە قاراپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى:
    _ مەنمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاران پۇتتىرەلىدىم.دادام قاتتىق ئاغرىپ كېتىپ ئۆرلەپ ئوقىيالمىدىم شۇ.بەكمۇ ئوقۇغۇم بار ئىدى...
    _ ئەمدى ئوقىسىڭىز بولمامدۇ؟
    _ ئۆگەي دادام،قىز بالا ئوقۇپ نەگە باراتتى،ئوقىمايدۇ،ھۈنەرگە بېرەرمىز دەپتۇ.ۋۇي سىز بىلەن پاراڭلىشىپ چاي دەملەشنى ئۇنتۇپتىمەنغۇ،سىزمۇ قولىڭىزنى يۇيۇپ ئۆيگە كىرىڭ.
    _ بولىدۇ،سىز چېيىڭىزنى تەييار قىلىۋېرىڭ،مەنمۇ ھېلى كىرەي...
      كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى ئەگىشىپ قاۋۇلجان بىلەن غۇنچەم بەكلا چىقىشىپ كەتتى.ھەتتا بىر-بىرىگە مەنىلىك چاقچاق قىلىشىدىغان،بىر-بىرىنىڭ كۆزلىرىگە مەنىلىك قارىشىدىغان بولۇپ قالدى.بۇ ھال ساددا يىگىت قاۋۇلجاننىڭ تېنىچ كۆل سۈيىدەك قەلبىدە داۋالغۇش پەيدا قىلدى.غۇمچەمنىڭ داۋاملىق يېنىدا بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدى. كېچىلىرى ئۇيقىسى قېچىپ،ھەمىشە شىرىن خىيال قاينىمىغا غەرىق بولۇپ،تومۇر-تومۇرلىرىدا تاتلىق بىر سېزىم ئاستا ئاقىدىغان؛زىلۋا بويلۇق،قاپقارا قوشۇما قاشلىرى بىلەنرەڭ تالاشقان چولپاندەك كۆزلىرى يۈرىكىنى تىترىتىدىغان ئاق كۆڭۈل غۇنچەم كۆز ئالدىدىن پەقەتلا كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى.
      قاۋۇلجان كۈندىلىك ئادىتى بويىچە سەھەر ئورنىدىن تۇردى.باراتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىككى قوينى سويۇپ، قول ھارۋىسى بىلەن دۇككانغا كەلدى.پاختا سېتىش مەزگىلى بولغاچقا گۆشنىڭ بازىرى ئىتتىكلەپ قالغان ئىدى. ئۇ گۆشلەرنى چۈشكىچىلا سېتىپ تۈگىتىپ ئۆيگە كەلگەندە،غۇنچەم ئوچاق بېشىدا تاماق  ئېتىۋاتاتتى.
    _ بالدۇرلا كەپسىزغۇ؟گۆشلىرىڭىزنى بۇلاڭچىغا بېرىۋەتمىگەنسىز؟_ دىدى غۇنچەم كۈلۈپ چاقچاق قىلىپ،_ مەن تېخى دۇككانغا ئېلىپ باراي دەپ تاماق راسلاۋاتاتتىم.
    _ سىزنى ئاۋارە بولمىسۇن دىدىم._ قاۋۇلجان مۇھاببەت ئۇچقۇنلىرى يېنىپ تۇرغان كۆزىنى غۇنچەمدىن ئۈزەلمەي، كۈلۈمسىرىگىنىچە قول ھارۋىسىنى ھويلىنىڭ بىر چېتىگە قويدى.
    _ ئاغزىڭىزدا بولسىمۇ كۆيىنىسىز ھە؟_ غۇنچەم ئەتەي گەپ ئەگىتىپ، قولىنى يۇيۇشقا ئولتۇرغان قاۋۇلجانغا يەر تېگىدىن قاراپ قويدى.
    _ نىمە دەيدىغانسىز؟ مېنىڭ قەيىرىمدىن كۆيىنىدىغانلىقىمنى باغرىمنى مۇشۇ قوي سويىدىغان پىچىقىم بىلەن يېرىپ بەرگەندىلا بىلىدىغان ئوخشايسىز...
    _ ۋايجىنەي،بولدى ئادەمنى قورقۇتماي كېلىپ تامىقىڭىزنى يەڭە؟
    _ ئاكام بىلەن ئاچام يوققۇ؟
    _ شەھەرگە لازىملىققا كىرىپ كېتىشكەن.
        قاۋۇلجان تامىقىنى يەۋېتىپمۇ  غۇنچەمدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قارايتتى.مانامۇشۇنداق يالغۇز قالغان چاغلىرىدا كۆڭلىدىكى گەپنى دىمەكچى بولاتتى يۇ،ئەمما گېلىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك دىمەكچى بولغانلىرىنى ئېغىزدىن چىقىرىشقا زادىلا جۈرئەت قىلالماي كېلىۋاتاتتى.
    _ نىمانچىلا مېنى كۆرمىگەندەك قاراۋېرىسىز؟ _ دىدى غۇنچەم شەيتانلىق قىلىپ،_ ماڭا قارايمەن دەپ تاماقنى بۇرنىڭىزغا يەۋالماڭ يەنە؟
      قاۋۇلجان ئۇياتلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك قىزىرىپ كەتتى.بىر ھازا  جىمىپ كەتكەتكەندىن كېيىن ئەتراپىغا قارىۋېتىپ:
    _ غۇنچەم،_ دىدى تىترەپ چىققان ئاۋازى بىلەن تەستە ئېغىز ئېچىپ،_ مەن كۆڭلۈمدىكى بىر گەپنى قىلسام خاپا بولارسىزمۇ؟
    _ ئەسكى گەپ قىلمىسىڭىزلا نىمىشقا خاپا بولاتتىم؟
    _ مەن...مەن...سىزنى...
    _ نىمىنداق تىلىڭىزنى چاينايسىز؟
    _ مەن سىزنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم._ قاۋۇلجان بۇ سۆزنى ئاغزىدىن شۇنچە تەستە چىقاردى-دە خۇددى ئوزىنى بىر گۇناھكارغا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ يەرگە قارىۋالدى. ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى سېزىپ بولغان غۇنچەم ئەتەي بىلمەسكە سېلىۋالغان ئىدى.
    _ نىمىشقا؟ گېپىڭىزنى چۈشەنمىدىمغۇ؟
    _ ئەمدى ئوچۇقلا دىمىسەم بولمىدى،مېنى بىر يىتىمەك دىمىسىڭىز،سىز بىلەن توي قىلسام دەيمەن.مەن قاسساپلىق قىلىۋەرسەم،سىزگىمۇ بىر يىمەك-ئىچمەك،كۆكتات دۇككىنى ئاچساق ئاكامدا يىغىلىپ قالغان پۇلۇممۇ...
      غۇنچەم گەرچە خېلىدىن بېرى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇپ كەلگەن سۆز قۇلاق تۈۋىدە ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا قىلىنغان بولسىمۇ،ھۈپپىدە قىزارغان قىزىل گۈلدەك يۈزىنى نازۇك قوللىرى بىلەن تۇتقىنىچە « قېلىن» دەپلا ساراي ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى.
                      (داۋامى بار)
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-07 02:26 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zilyar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28994
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 57 نۇمۇر
    پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

                      ( داۋامى)
      غۇنچەمنىڭ ئوچۇق جاۋابىنى ئالالمىغان قاۋۇلجان شۇ كۈندىن بېرى بىئارام بولۇشقا باشلىدى. ئۇ غۇنچەمنى رەنجىپ قالدىمىكىن دىسە چىرايىدا ھېچقانداق نارازىلىق،خاپىلىق ئىپادىسى يوق ئوخشاشلا يۈرىكىنى پۇچىلايدىغان تەبەسسۈم بىلەن ئەتراپىدا  كېپىنەكتەك يۈرىدۇ. ماقۇل بولدىمىكىن دىسە ئوچۇق جاۋابى يوق. ھەتتا  خۇشچاقچاق پاراڭلىرىمۇ ئۈزۈلۈپ،مۇناسىۋىتى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە._ ھەي،ئۆزۈمنى چاغلىماي مۇشۇ ساراڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، بىھۇدە ئېغىز ئېچىپ قويدۇممۇ قانداق..._ دەپ ئويلايتتى ئۇ،_ مەيلى،يېتىپ قالغىچە ئېتىپ قال دەپتىكەن،بولغۇلۇق بولدى،قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر قۇلاقنى ئېچىۋەتمىسەم بولمايدۇ. غۇنچەمنى ياخشى كۆرۇپ قېلىشىم جىنايەتمىدى...
    _ ھەي،قۇلۇقۇڭ پاڭ بولۇپ قالدىمۇ؟ مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن\
        قۇلاق تۈۋىدىلا بۇقا ھۆكىرىگەندەك چىققان ئاۋازدىن چۆچۈپ، خىيالدىن ئويغانغان قاۋۇلجان يېنىدىلا تۇرغان باراتنى كۆرۈپ ھودۇققىنىدىن نىمە قىلارىنى بىلمەي،ئورۇندۇقتىن چاچراپ تۇرۇپ:
    _ زەڭ سالماي قاپتىمەن ئاكا._دىدى.
    _ يېقىندىن بېرى نىمە بولىۋاتىسەن؟ ھاڭۋاقتىنىڭ ئۆزىغۇ؟
    _ ...
    _ ھوشۇڭنى يىغىپ سودا قىل، گۆشنىڭ ئوبدانراق يېرىدىن ئۆيگە ئالغاچ بارغىن،مېھمان كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.
      قاۋۇلجان موتسېكلىتىنى قۇيۇندەك ھەيدەپ ئۇزاپ كەتكەن باراتنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قويۇپ،ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ، كاللىسىدىن بايا ئۈزۈلۈپ قالغان خىيالىنىڭ داۋامىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى: « ...بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى زادى قانداق چىقارسام بولاركىن؟ يەنە ئۇدۇللا سۆزلەشسەم ئۆزىنى قاچۇرسا قانداق قىلىمەن؟ خەت يازسامچۇ؟ توغرا، ساۋادىم خېلى ئوبدان تۇرۇپ نىمىشقا بۇنى بالدۇراق ئويلىمىغاندىمەن...ئازراق بولسىمۇ ئوقۇغۇنۇمنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ قالسام ئەجەپ ئەمەس...»
      بارات ئالدىن قەغەز،قەلەمنى يوشۇرۇن تەييارلىۋالدى. كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپ ياتىدىغان چاغدا ھوجرىسىغا كىرىپ ئىشىكنى مەھكەم تاقاپ خەت يېزىشقا باشلىدى:
        غۇنچەم،ماۋزۇسىغا نىمە دەپ يېزىشىمنى بىلمەي خەتنى مۇشۇنداقلا باشلىدىم. سەت يېزىلغان خېتىمدىن ھەيران بولماڭ ھەم زاڭلىق قىلماڭ. سۆزلىرىم تاققۇ-تۇققۇ بولسىمۇ ھەقىقى كۆڭلۈمنى بىلدۈرەي دىگەن مەقسەتتە سىزگە بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن. خۇدا ماڭا بىر ئوتنى سالدى.بۇ ئوت سىزنىڭ ئوتىڭىز. سىز مۇشۇ قورۇدا پەيدا بولغاندىن باشلاپ ھاياتىمدا ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندىم.بۇرۇن ئوقىغان كىتاپلىرىمدا، كۆرگەن كۆپ كىنولاردا مۇھاببىتى ئۈچۈن جېنىنى ئاتىغانلارغا ھەيران بولاتتىم. ئەمدى راس شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپمۇ قېلىۋاتىمەن. بىراق قانچە كۆيۈپ-پىشىپ يۈرگىنىم بىلەن سىز مېنى ياقتۇرمىسىڭىز،ياخشى كۆرمىسىڭىز ئازاپلىنىپ قالغىنىم قالغان.سىزنى ئۆزۈمگە مەجبۇرلىيالمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر مۇساپىر،مۇشۇ ئائىلىدىن باشقا ئىگە- چاقىسىز مۇساپىر. بىراق يەنىلا بەش ئەزايىم ساق بېجىرىم ئوغۇل بالىمەن،پەقەت سىز  مەن بىلەن توي قىلىشنى خالىسىڭىزلا قانچىلىك جاپا تارتساممۇ سىزنى بەخىتلىك قىلىشقا،كۆڭۈللۈك ئائىلە قۇرۇشقا ئىشەنچىم بار. شۇڭا مۇشۇ ئاددى خېتىمنى ئوقىغاندىن كېيىن ياخشى بىر جاۋابىڭىز بىلەن مېنى خوشال قىلىشىڭىزنى تىلەيمەن.
                      مۇھاببىتىڭىزگە تەشنا بولغىچى:
                                                                    قاۋۇلجان
        قاۋۇلجان بەش ۋاراققا قايتا-قايتا يېزىپ، قاملاشمىدى دەپ يىرتىپ تاشلاپ ئالتىنچى ۋاراققا مىڭ تەستە يازغان بۇ قىسقىغىنە خەتنى ئاۋايلاپ قاتلاپ يانچۇقىغا سالدى.ئەتىسى چۈشتە غۇمچەم دۇككانغا چاي ئېلىپ بارغاندا  ئۆيگە قايتىش چېغىدا بېرىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يېرىم كېچىگە يېقىن ئۇخلاپ قالدى.
    _ توختاپ تۇرىڭە غۇنچەم،_ دىدى قاۋۇلجان داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ ئۆيگە ماڭغان غۇمچەمنىڭ ئارقىسىدىن توۋلاپ،_ ئۇنتۇپ قالغىنى تاسلا قاپتىمەن،ماۋۇ خەتنى بىر دوستىڭىز سىزگە بېرىپ قويۇشۇمنى ھاۋالە قىلغان.
    _ كىمكەن ئۇ؟
    _ تونىمايدىكەنمەن.
      غۇنچەم تەئەججۈپلەنگەن ھالدا خەتنى قولىغا ئېلىپ، يولىغا راۋان بولدى. يولدا ماڭغاچ خەتنى ئوقۇپ قايسى دوستى ۋە خەت مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەردار بولدى.مېيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ: «پاھ، ئۇستاتلىقىنى كۆرۈڭ، ئاخىرى مۇشۇ ئامالنى تېپىپسىزدە قاۋۇلجان،مېنىڭ سىزگە ئالدىراپ جاۋاپ بەرمىگىنىم راس،قارىغاندا بەكلا ئەنسىرەپسىزدە، ئالدىرىماڭ،مەن سىزنى خاتىرجەم قىلاي...» دىگەنلەرنى ئويلىدى. ئۆيگە كېلىپلا  ئۇدۇل ساراي ئۆيگە كىرىپ خەتنىڭ  جاۋابىنى يېزىۋەتمەكچى بولدى. قولىغا قەلەمنى ئېلىپ بىر ھازا ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مارجاندەك تىزىپ تۆۋەندىكى قۇرلارنى يېزىشقا باشلىدى:
        قاۋۇلجان، مەنمۇ بۇ جاۋاپ خەتنى سىزگە ئوخشاش ماۋزۇ قويمايلا باشلىدىم.سىز ماڭا مۇھاببەت تەلىپىنى قويغان كۈندىن باشلاپ، ئوچۇق جاۋاپ بەرمىگەن بولساممۇ ئەمما رەت قىلمىدىمغۇ؟ شۇ كۈندىن باشلاپ مەنمۇ قايتا-قايتا ئويلىشىپ،سىزنىڭ ماڭا مۇناسىپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى تونۇپ يەتتىم. سىز مۇساپىر،يىتىم بولسىڭىز نىمە بوپتۇ؟ ئاق كۆڭۈللىكىڭىز، ئىشچانلىقىڭىز،سەمىمى قەلبىڭىز بىلەن ياخشى كۆرۈشۈمگە ئەرزىگىدەك يىگىتسىز... مېنىڭمۇ دادام ئۆلۈپ كەتتىغۇ؟دىلىم يەنىلا سۇنۇققۇ مېنىڭ؟ پەقەت سىز بولسىڭىزلا كەلگۈسىدە بەخىتلىك،مۇھاببەتلىك بىر تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. سىز ئارتۇقچە ئويلاردا بولماي كېيىنكى قىلىدىغان ئىشلىرىمىز  توغرىسىدا كۆپرەك ئويلاشسىڭىزلا بولدى.سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا ئۆزۈم ياخشى كۆرۈپ يادلىۋالغان بىر شېئىرنى سوۋغا قىلاي.
                                        قاچان يەتتى ياشلىق ماڭا،
                                        ئەسىر بولدۇم بىرلا ساڭا.
                                        ئارام تاپماس كۆڭلۈم مانا،
                                        مۇھاببەت ھەي،مۇھاببەت.

                                        سۆيۈلگەندە لەززىتىمسەن،
                                        سۆيۈلمىسەم ھەسرىتىمسەن.
                                          دىلدا ئۆچمەس كەچمىشىمسەن،
                                          مۇھاببەت ھەي،مۇھاببەت.
      
                                        قانداق سېھرى كۈچ سەندىكى،
                                        ئۆچمەس ئوتسەن قەلبىمدىكى،
                                        ئۇزاق يولدۇر سەن مەندىكى،
                                          مۇھاببەت ھەي،مۇھاببەت.
                      سىزگە بەخىت تىلەپ:
                                                      غۇنچەم
    _ خاپا بولماي بۇ خەتنى ھېلىقى ماڭا خەت يازغان دوستۇمغا بېرىپ قويارسىز._ غۇنچەم، قول ھارۋىسىنى سۆرەپ دەرۋازىدىن ئەمدىلا يولغا چىققان قاۋۇلجاننىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، خەتنى مەنىلىك كۈلۈمسىرىگىنىچە تۇتقۇزۇپ قويۇپ يۈگۈرەىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى.قاۋۇلجان بىر قولىدىكى خەتكە،بىر كىرىپ كېتىۋاتقان غۇنچەمگە قاراپ بىر دەملىك نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى.


                ( داۋامى)                                    5
      بارات توي قىلىپ ئاز ۋاقىت ئۆتۈپلا  مەريەمنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئەرزىمەس ئىشلارنى باھانە قىلىپ ۋاقىراپ تىللايدىغان بولىۋالدى.تويدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا قىلچىلىك مۇھاببىتى ئويغانمىغان مەريەم ۋاقىراش-جاقىراشلىرىنى سۈكۈت بىلەنلا ئۆتكىزىۋېتەتتى. ئىلگىرىكى سىلىق-سىپايىلىقى،ۋەدىلىرى نەگىدۇر يوقالغان بولۇپ،رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاستا-ئاستا ئاشكارىلاشقا باشلىغان ئىدى.ئۇ يەنە ئەتىگەندە چىقىپ كەتسە،يېرىم كېچىلەردە قايتىپ كېلىدىغان ساياق ئادىتىنى باشلىۋالدى.چېكىدىن ئېشىۋاتقان بىر رەزىللىكى،ئەمدىلا ئون سەككىز ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ،سۈزىلىۋاتقان تاڭدەك گۈزەللىشىپ،ھۆسنى-جامالى تولۇپ يېتىلىۋاتقان غۇنچەمگە تىكىلىپ-تىكىلىپ قاراپ: «ئاناڭنىڭ ياشلىق چېغىغا ئەجەپمۇ ئوخشاپ قېلىۋاتىسەن كاساپەت...» دەپ كۆز تاشلايدىغان بولىۋالدى. قاۋۇلجاننىڭ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالسا،خۇددى شەيتاننىڭ ئېشىدىن راخمان قىزغىنىپتۇ دىگەندەك ئۆزىچە تېرىكىپ،قاۋۇلجاننى ۋاقىراپ تىللاپ كېتىدىغان بولدى.
        يېرىم كېچىگە يېقىن قايتىپ كېلىپ،چۈش بولاي دىگىچە ئۇخلىغان بارات،تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ،تۇخمدەك ئىششىغان قاپاقلىرىنى ئۇۋىلاپ ھويلىغا چىقتى.
    _ ئگجەپ ئۇزۇن ئۇخلىدىڭىز،چاي دەملەپ بېرەيمۇ؟_ دىدى تونۇرنىڭ كۈلى توشقۇزۇلغان كونا چىلەكنى ئەخلەتخانىغا ئېلىپ ماڭغان مەريەم چىلەكنى ئاستا يەرگە قويۇپ.
    _ بولدى،بازارغىلا باراي،ھە راست،بۈگۈن كەچتە مېھمانلىرىم بار،ئوبدانراق تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار._ بارات يۈز يۇيۇش ئۈچۈن چۆگۈننى قولىغا ئالدى.
    _ يەنە قايسى مېھمانلاركەن ئۇ؟
    _ سەن ئارتۇقچە زىغىرلاپ سوراپ يۈرمەي كۈتۈشنى بىلسەڭلا بولدى._ بارات ئالىيىپ قاراپ قوپال ئاۋازدا ۋاقىرىدى. مەريەم تىكىلىپ قاراپ قويۇپ،ئېغىر بىر ئۇھ تارتتى-دە يەنە ئۆزىنى بېسىۋالدى.ھەر قېتىم ئورۇنسىز دەككە يىگەندە غۇژژىدە ئاچچىقى كېلەتتىيۇ ئىككى بالا ئۇچۇن بۇنداق خورلۇقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە تىرىشاتتى.
    _ كۆكتات ئالغاچ چىقارسىز ئەمىسە._ مەريەم يەنە سىلىق سۆزلەپ چىلەكنى كۆتۈرۈپ دەرۋازا تەرەپكە ماڭدى.
    _ بالىلارغا ئەكەلدۈرگىن،مېنىڭ ۋاقتىم تەگمەيدۇ.
    _ ...
        شۇ كۈنى نامازشام ۋاقتى بىلەن باراتنىڭ مېھمانلىرى كىرا ماشىنىلىرى بىلەن ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ ساراي ئۆيدىن ئورۇن ئېلىشتى.كەلگەنلەر ئالتە ئەر،ئىككى ئايال ئىدى.قول-قولىغا تەگمەي چاي دەملەپ،قورىما قورۇپ،تاماق ئېتىپ مەريەم بىلەن غۇنچەمنىڭ ھېرىپ ھالى قالمىدى. يۈگۈر-يىتىمگە چېپىپ قاۋۇلجانمۇ ھاردى.
        كەچ سائەت ئوندىن ئاشقاندا ئاغزىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇرغان بارات ئوچاق بېشىدا «بۇيرۇق» كۈتۈپ ھالسىراپ ئولتۇرغان ئۈچ  « چاكار» نىڭ قېشىغا چىقىپ:
    _ ئەمدى سىلەرنىڭ ئىشىڭلار تۈگىدى،چەتتىكى ئۆيگە كىرىپ قۇلىقىڭلارنى چىڭ يوپۇرۇپ ئۇخلىساڭلار بولىدۇ._ دەپ بىرنى كېكىرىپ قويۇپ،يەنە مېھمانلارنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى. دەرۋازىغا قۇلۇپ سېلىندى.ئىشىك چىڭ يېپىلدى.دەرىزىلەرمۇ تاقىلىپ پەردىلەر چۈشىرىلدى.
    _ باراتۋاي،_ دىدى سورۇندىكىلەردىن بىرى لىق ھاراق قۇيۇلغان رۇمكىنى گۈپپىدە كۆتىرىۋېتىپ،_ ئارىمىزدا تونىشايلى،تۇتىشايلى دەپ ئالاھىدە كەلگەن شىخولۇق مېھمانلارمۇ بار.بۈگۈنمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئۆيى بولغاندىن كېيىن ،كەينىڭگە سىمەي چوڭ-چوڭ تىكەرسەن ھە؟
        سورۇندىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.ھاراق راسا كۈچىنى كۆرسىتىپ،قىزىۋاتقان باراتمۇ بوش كەلمەي مەيدىسىگە مۇشلىدى:
    _ غوجىكاڭنى بىلىسەنغۇ سويما.
    _ پاھ،قاچانلاردىن پىشىپ ساپىقىدىن ئاجرىغانتىڭ ھوي...
    _ بولدى،بولدى، تەمى يوق چاقچىقىڭلارنى قويۇپ،تەۋكاغا ئالدىڭلارنى قىلىشە،_ ھەممىسى قىمار سورىنىنىڭ چوڭى بىلىدىغان بىرى يانپاشلاپ ياتقان يېرىدىن ئۆرە بولۇپ ھەممەيلەنگە تەكشى قارىدى،_ قېنى ئالدى بىلەن چىنىگە ئاتامدۇق يا زاجىڭخۇا باشلامدۇق؟
        قوللىرى قىچىشىپ تۇرغان بۇ قىمارۋازلار يىغىن مۇنازىرىسىدەك بىردەم تالاش-تارتىش قىلغاندىن كېيىن ئاخىرى مېھمانلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە زاجىڭخۇادىن باشلىماقچى بولدى.بۇ ھەر بىرىگە ئۈچتىن قارت سانىلىدىغان قىمار ئويۇنى بولۇپ؛جۇپ،بىر خىل رەڭ،بىر خىل رەڭ قاتار، ئۇچ ئوخشاش نومۇر، رېتى بويىچە چوڭ ھېساپلىنىپ ئۇتۇش- ئۇتتۇرۇش بەلگىلىنەتتى.
    _ بولىدۇ ئەمىسە،_ دەپ «قائىدىلەر»نى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى بايىقى چوڭام،_ كىمدە-كىم ساختىلىق قىلىدىكەن يېنىنى پاكىزلاپ كۆتىگە تېپىمىز. تەۋكا توختىغىچە ئۇتۇپ قاچىدىغانلارغىمۇ دەپ قوياي،نەگە بارساڭ قوغلاپ تاپىمىز.قېنى ئەمىسە باشلايلى،يەر تېگى ھەر بىرىمىزگە ئەللىك كويدىن بولسۇن،چىقىشىمىز يۇز،ئېچىشىمىز ئىككى يۈز بولسۇن.يەنە بىر گەپ،تاماكىنى ئازراق چىكەيلى...
        نىمىشقىدۇ،تەۋكاغا كۆنۈپ قالغان ئادەمنى خۇددى چېكىپ ئۆگىنىپ قالسا،چەكمىسە تۇرالمايدىغان  خىروئىندەك خۇمار قىلامدىكىن، قانچىلىغان  ئەقىلسىزلەر  پۈتۈن بىساتىدىن ئايرىلىپ قاق-سەنەم بولۇپ كەتسىمۇ مۇشۇ سىرلىق قاينامدىن ئۆزىنى تارتىۋالالماي،ۋەيرانچىلىق كوچىسىدا تەمتىرەپ يۈرىشىدىكەن.باراتنىڭ ئەھۋالىمۇ دەل شۇنداق ئاقىۋەتنىڭ گىرداۋىدا قالغان ئىدى.
        يېقىن ئەتراپتىكى مەسچىتلەردىن مەزىننىڭ سوزۇپ ئېيتقان ئەزان بىلەن توخۇلارنىڭ بەسبەستە چىللاشلىرى سەھەر قىملىقىنى بۇزۇپ،ئۇيقىدىكىلەرنى ئويغىتىشقا باشلىغاندىمۇ قىمار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ،شىشىخالنىڭ چوڭ چىنىدە سەكرەپ «تىرىڭ-تىرىڭ» قىلغان ئاۋازى توختىمىغان ئىدى. بۇلار سەھەرگە يېقىن قارت ئويناشنى «دىڭ-دىڭ» ئويناشقا ئۆزگەرتكەن ئىدى.« خامان» نىڭ كۆپرەك «ھوسۇل»ىنى شىخودىن كەلگەن ئىككى مېھمان ئۇسسۇپ،كۈن چىقىش بىلەن تەڭ تەۋكا ئاخىرلاشتى. بارات دادىسىدىن مىراس ھەققىم دەپ ئالغان پۇلدىن تۆت مىڭ يۈەننى نەق ئۇتتۇرۇپ،يەنە يەتتە مىڭ يۈەن قەرىزگە بوغۇلۇپ قالغان ئىدى.
                    (داۋامى بار)
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-07 02:30 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zilyar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28994
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 57 نۇمۇر
    پۇل: 365 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 678(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

                     (داۋامى)
      ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن قىمار باراتقا يەنە بىر قېتىم ئېغىر كەلدى.خۇددى بىرى يۈرىكىنى تاتلاۋاتقاندەك  ئارامسىزلىنىپ ئۆيدىن چىقماي ئىككى كۈن ياتتى.ئۈچىنچى كۈنى قەرىز ئىگىلىرى پۇلنى سۈيلەپ كېلىپ ئۇنى ئۆيىدىن چاقىرتتى.
    _ ھە،ئادىشوي\ۋەدىنى يالغان قىلىپ، ئۆيدىن چىقماي يېتىۋالغىنىڭلار نىمىسى؟_ قەرىز ئىگىسى كۆرۈشۈشكە قول تەڭلەپ كەلگەن باراتقا تەنە ئاھاڭىدا سۆزلەپ قولىنى تەڭلىدى.
    _ ئىككى كۈندىن بېرى مىجەزىم يوق،خوش قېنى ئويگە كىرمەيلىمۇ؟_ باراتنىڭ پوچىلىقى ۋە مەنمەنچىلىك قىلىپ گىدىيىشلىرى نەگىدۇر يوقالغان بولۇپ،شۇ تاپتا ئىش بېشى ئالدىدىكى قول باغلاپ تۇرغان ئىشلەمچىگە ئوخشاپ قالغاندەك كۆرىنەتتى.
    _ ئالدىراش ئىشىمىز بار،پۇلنى تەييارلاپ قويغان بولساڭ ئېلىپ كېتەيلى.
      بارات قەرىز ئىگىلىرىنىڭ كۆزىگە ئوڭايسىزلانغان ھالدا قاراپ قويۇپ،ئارتۇق گەپ-سۆز قىلماي مەريەمنىڭ كونا ئۆيىگە باشلاپ كەلدى.قىمار سورىنىدا يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن جەزە قىلىپ قەرز ئالغان پۇلنى دىيىشىۋالغان قەرەلىدە قايتۇرمىسا،يۈز-خاتىرە قىلمايدىغان قەرىز  ئىگىلىرىنىڭ  ئوسال قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
    _ پۇلىمىزنى بەرمەي بۇ يەرگە باشلاپ كەلگىنىڭ نىمىسى؟_ دىيىشتى ئۇلار.
    _ ھازىر قولۇمدا نەق پۇلۇم يوق،بېرىدىغىنىم مانا مۇشۇ قورۇ-جاي.قېنى باھا قويۇڭلار._ دىدى بارات تىترەپ تۇرغان قولىدىكى تاماكىسىنى شوراپ قويۇپ،بوش ئاۋازدا.
    _ نىمە دەيدۇ بۇ؟_ چالۋاقىدى ئارىدىكى بىرەيلەن._ بۇ ئەسكى قوتانلىرىڭ قانچىلىك پۇلغا يارايتتى.
    _ ھازىر گۆرۈ ھېساۋىدا ئالساڭلار بولمىدىمۇ؟پۇلنىڭ يولىنى قىلىپ،يەنە ئۆزۈم قايتۇرىۋالمامدىمەن.
      بىر ھازا تالاش-تارتىش قىلىشقاندىن كېيىن،بارات ئۆينىڭ ئىگىسى مەريەمگە بىر ئېغىزمۇ تىنىپ قويماي، قەرىز ھېساۋىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ،نەق مەيداندىلا ھۆججەت يېزىپ بەردى.ئۈچ كۈنگىچە ئۆينىڭ گۇۋاھنامە- رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ،بېشى ساڭگىلىغان ھالدا ئۆيىگە قايتتى.
      بارات دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ نىمىشقىدۇ توختاپ قالدى.دەرھال يادىغا مۇھىم بىر ئىش كەلگەندەك ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ،ئىنىسى مەرداننىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.ئۇ ئىشىكتىن خوشياقا-خوشياقماس سالام قىلىپ كىرگەندە چۆچۈرە تۈگىۋاتقان مەرداننىڭ ئايالى،خېلى ئۇزاقتىن بېرى چاقىرسىمۇ كىرمىگەن قېيىنئاكىسىنىڭ تۇيۇقسىز كىرىپ كېلىشىدىن تەمتىرەپ،نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى.چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ:
    _ كېلىڭ ئاكا،كېلىڭ..._ دەپ پەگاغا چۈشتى.
    _ مەردان قېنى؟_ سورىدى پەگادىلا ئۆرە تۇرىۋالغان بارات ،كۆرپە سېلىشقا  تەمشەلگەن كېلىنگە سوغۇق تەلەپپۇزدا.
    _قوتاندا مالغا يەم تۆكىۋاتامدىكىن،قېنى تۆرگە ئۆتۈپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ،مەن چاقىراي.
    _ بولدى ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ،ئۆزۈم چىقىپ كۆرىشەي.
      بارات ھويلىغا ئايلاندۇرۇپ سېلىنغان چوڭ قوتانغا كىردى.بىر-بىرىدىن خىل يۈزگە يېقىن قويلارنى كۆرۈپ، قايىل بولغىنىدىنمۇ ياكى ھەسەت قىلغىنىدىنمۇ: «...ما گۇينىڭ يامانلىقىنى قارىمامدىغان،قوتاننىڭ ئىچىدىلا گەپ يوق ئەللىك-ئاتمىش مىڭ كوي باردەك قىلىدۇ.ئۈچ-تۆت كۈندە بىر قېتىم تراكتۇرغا ئاسمان-پەلەك بېسىپ ئاپىرىپ سېتىۋاتقان پاختىسىچۇ تېخى...» دەپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ قويدى.
    _ ۋۇي،قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كىردى سېنى ئاكا؟بېشىڭدىن ياغاچ ئۇشتىۋېتەيمۇ؟
        قۇلاق تۈۋىدىلا ئاڭلانغان ئاۋازدىن خىيالى ئۈزۈلگەن بارات،قېشىدا كۆرۈشۈش ئۈچۈن قول تەڭلەپ تۇرغان ئىنىسى مەرداننى كۆرۈپ،ئۇنىڭ قىزغىن سالىمىغا سۇسلا قاۋاپ قايتۇردى.ئاندىن:
    _ قۇرۇق سالامنى قوي،ئالدىرايمەن.ماڭا ھازىرلا بەش مىڭ كوي پۇل لازىم._ دەپ ئىنىسىنىڭ كۆزىگە خۇددى قان-قىساسى بار ئادەمدەك كۆزىنى چەكچەيتىپ تىكىلىپ قارىدى.
    _ قانداق گەپ بۇ ئاكا،يېقىندا ئالغان شۇنچە كۆپ پۇلنى يەنە توزۇتۇپ بولدۇڭمۇ؟ _ مەردان ئورۇنسىز تەلەپنى ئاڭلاپ،غۇژژىدە كەلگەن ئاچچىقىنى بېسىۋېلىپ،ئازراق نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
    _ قانداق قىلىشىم بىلەن نىمە كارىڭ؟ مەن سېنىڭ ئاكاڭ\ تېخى ئاۋۇ قېرى تۆت تەڭگە بېرىپلا مىراسى تۈگىدى دەپ خام خىيال قىلمىسۇن\ سەن سويمىمۇ چوڭ ئۆينىڭ پۈتۈن بايلىقىنىڭ مېغىزىنى چېقىپ تۇرۇپ،ئازراق پۇل سورىسام غىدىڭ-پىدىڭ قىلماقچىمۇ؟
    _ بۇنداق يولسىزلىق قىلمىساڭ بولامدىكىن؟
    _ تېخى بۇ چىرايلىقچە دەۋاتقىنىم جۇمۇ؟
      ئاكىسىنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان يولسىزلىقى ۋە ئۆكتەملىكىدىن نەپرەت،غەزەپ تۇيغىسى كۈچىيىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى تىترەپ كېتىۋاتقان مەردان جاڭجاللىشىپ سەتچىلىك بولىشىدىن نومۇس قىلدى بولغاي، ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ:
    _ بوپتۇ،پۇلنى بەرسەممۇ بېرەي،بۇندىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق قىلماسلىققا قەسەم قىلىسەن\_ دىدى.
    _ ماقۇل،قەسەم قىلسام قىلاي._ بارات ئويلىمىغان يەردىن قولغا كېلىۋاتقان بەش مىڭ يۇەننىڭ خوشلىقىدا ئالدىراپلا جاۋابىنى بەردى.
    _ تىلخەت يازىسەن\_ كەسكىن تتەلەپپۇزدا ئېيتتى مەردان.
    _ يازمىسامچۇ؟
    _ يازمىساڭ كۆزۈمدىن ھازىرلا يوقال\
      يەنە قىمارغا چۈشۈپ ئۇتتۇرغانلىرىنى قايتۇرىۋېلىشتىن باشقا ھېچنىمىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن  بارات: «بۇ ناھىيىتى بىر پارچە قەغەزگە يازىدىغان كىچىككىنە خەتقۇ،يېزىۋېتىپلا پۇلنى ئېلىۋالماي ئەمدى نىمىگە قاراپ تۇرىمەن ...» دىگەنلەرنى چاقماق تېزلىكىدە ئويلاپ ئۈلگۈردى-دە ماقۇل بولۇپ قوتاندىن چىقتى.
      ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئويلىمىغان يەردىن يانچۇقىغا كىرگەن بەش مىڭ يۈەن پۇل ئۇنىڭغا يەنە ئازراق جان كىرگۈزدى.ئەمدىكى خىيال قۇشى تەۋكا سورۇنلىرى ئاسمىنىدا شوخ پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى. ئەنە،ئۇ بۇ پۇل بىلەن ئۇتتۇرغانلىرىنى ئۇتۇپ قايتۇرىۋالماقتا...ياق،ياق،يەنە ئۇنىڭغا قوشۇپ نۇرغۇن پۇل ئۇتماقتا... مەھەللىدىكى سۆز-چۆچەك قىلىشىۋاتقانلارنىڭ، يارىماس دەيدىغان دادىسىنىڭ،مۇنۇ باي بولۇپ كېتىۋاتقان ئىنىسىنىڭ، تېخى يېقىندىن بېرى گۇمان بىلەن قاراۋاتقان مەريەمنىڭ ئالدىدا ئوزىنى شۇنداق بىر ھەيۋەت كورسىتىدۇكى، يېڭى سېتىۋالىدىغان داڭلىق ماركىدىكى ماشىنىسىغا قاراپ ئېغىزلىرى ھەيرانلىقتا ئېچىلىپلا قالىدۇ...
      بارات ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ،شۇنداق «شىرىن» خىياللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ھويلىسىغا قانداق كىرىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى.
    پىشايۋان سۇپىسىدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ پەرىشان ئولتۇرغان مەريەم باراتنى كۆرۈپ ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ، تۇنجى قېتىم تىكىلىپ قارىدى.ئۇ ھېلىراقتا  قورۇ-جايىنى باراتنىڭ سېتىۋەتكەنلىك ئۇچۇرىنى ئاتايىن كېلىپ تېز خەۋەرلەندۈرگەن كونا قوشنىسىدىن ئاڭلاپ،غەزەپتىن ئۆزىنى باسالماي ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى.
    _ قېشىمغا كېلىڭ،گېپىم بار._ مەريەم غەزىپىنى باسالماي قالغاچقىمىكىن،ئاۋازىنى قوپال چىقىرىپ ئېغىز ئاچتى.بارات نىكاھىغا ئالغاندىن بېرى،ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ مۇلايىملىق بىلەن سۆز قايتۇرىدىغان مەريەمنىڭ بۇ قوپاللىقىدىن ئېسەڭكىرەپ يېنىغا كەلدى.ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ تۇرۇپ:
    _ خوش،نىمە گەپ؟_دىدى.
    _ مەن سىزنىڭ نىمىڭىز؟
    _ خوتۇنۇم.
    _ ماڭا بىرەر ئېغىزمۇ مەسلىھەت سالماي ئۆينى ساتتىڭىز،شۇنداقمۇ؟
    _ ۋاي-ۋۇي،نىمە بولدىكىن دەپتىمەن،مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ شۇنچە خاپىلىق قىلغان بارمۇ.
    _ ماڭا بۇ ئەلۋەتتە چوڭ ئىش،بىلەمسىز؟
    _ مانا مۇشۇنداق ئېسىل قورۇ-جايىمىز تۇرسا،مازارلىقتەك ئەسكى ئۆيلەرنى نىمە قىلاتتۇق،مەن تېخى بۇنىڭدىن كاتتا ئۆي سېلىپ بېرىمەن تېخى.
    _ بارات ئەپتى-بەشىرىسىنىڭ ئېچىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ،قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپ،مەريەمنىڭ ئاغزىنى ئامال قىلىپ ئەتمەكچى بولدى.بۇ ئۆيگە كەلگەندىن بېرى تۇرمۇشتىن دىلى سۇ ئىچمەي،خورلۇق تارتىۋاتقان مەريەمنىڭ پىغانى تېشىپ،قەدىر-قىممىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۆزىگە غايىپتىن كۈچ كىرىپ قالغاندەك سۆزلىرىنى جاراڭلىق،كەسكىن قىلىۋاتاتتى.
    _ ئۆينى بۈگۈنلا قايتۇرىۋېتىڭ،ھەرگىز ساتقۇزمايمەن.
    _ «يولۋاس ئىزىدىن يانماس،ئەر سۆزىدىن» دەپتىكەن،سېتىپ بولدۇم.
    _ قېنى ساتالىغىنىڭىزنى كۆرەي،ئۆي مېنىڭ،كېنىشكىسىمۇ قولۇمدا.مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىنى خېلىدىن بېرى گۇمان قىلىپ يۈرەتتىم،ئويلىغىنىمدەك بولدى.
    _ بىلىپ قوي،سەن مېنىڭ خوتۇنۇم،ئۇ ئەسكى ئۆيۇڭمۇ ئەمدى بىزنىڭ مۈلكىمىز، قانداق قىلىش ھوقۇقى مەندە، ئۆي كېنىشكىسىنى قولۇمغا تاپشۇرماي ئامالىڭ يوق._ بارات تاغدىن-باغدىن ۋاقىراپ سۆزلەپ،ھەيۋە قىلىشقا باشلىدى.
    _ چۈچۈرىنى خام سانىماڭ،مۈمكىن ئەمەس\_ مەريەم باراتنىڭ كۆزىگە مىختەك قادالدى.
    _ مانا مۈمكىن ئەمەس دىگەن\
      تەلۋىلىكى تۇتقان باراتنىڭ ئېيىق تاپىنىدەك كەڭ ئالقىنى،مەريەمنىڭ ئوڭ كاچىتىغا شۇنداق قاتتىق تەگدىكى،  
    «چاڭ» قىلغانئاۋاز بىلەن تەڭلا ئۇ پىشايۋان سۇپىسىدىن ساقىغان يۇلتۇزدەك پەسكە ئۇچۇپ چۈشتى. يەنە ئۇرماقچى بولۇپ پىشايۋان سۇپىسىدىن پەسكە سەكرەپ چۈشكەن بارات،سۇنايلىنىپ ياتقان مەريەمنىڭ ھۇشسىزلىقىنى ۋە چېكىسىدىن سىرغىپ چىققان قاننى كۆرۈپ توختاپ قالدى.شۇ ئەسنادا دەرۋازىدىن قول ھارۋىسىنى سۆرەپ كىرىپ كەلگەن قاۋۇلجان چۆچىگەن ھالدا بىردەم يەردە ياتقان مەريەمگە،بىردەم چىرايى تۆمۈردەك قارىيىپ، كۆزلىرى سىركايىدەك يوغىناپ كەتكەن باراتقا قاراپ،نىمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى.
    _ ھاڭۋاقتىدەك تۇرىسەنغۇ كالۋا،تېز چىقىپ كىرا ماشىنىسى تاپ،ئاچاڭ پىشايۋاندىن يىقىلىپ چۇشتى.دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى._ بارات ئۆزىنىڭ زوراۋانلىقىنى چاندۇرماي قاۋۇلجانغا ۋاقىرىدى.
    _ ما...ماقۇل...مانا ھازىرلا..._ قاۋۇلجان يۈگرگىنىچە دەرۋازىدىن ئوقتەك چىقىپ كەتتى.
        مەريەمنىڭ بېشى يېرىلىپ،بىر قولى سۇنغان ئىدى.ئۇ شەھەرلىك خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ، بەلنىستە ياتقۇزۇلدى. ئىنىسى بىلەن تۇققانلارنىڭ ئويىگە كېتىپ قالغان غۇنچەم،بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئەس-ھۇشىنى يوقۇتۇپ قويغانغا تاسلا قالدى.ئۇ دوختۇرخانىغا كىرىپلا،بېشى بىلەن بىر قولى ئاپ-ئاق داكىدا تېڭىلغان ئاپىسىنى كۆرۈپ،ئۈن سېلىپ يىغلاپ ئېسەدىگىنىچە سورىدى:
    _ نىمە بولدۇڭ ئاپا؟
    _ پىشايۋان سۇپىسىدىن يىقىلىپ چۇشتۈم قىزىم،ئەنسىرىگىدەك ئىش يوق.يىغلىما._مەريەم يۈرىكىنى يارا قىلىۋاتقان ئازاپلىرىنى قىزىغا بىلدۈرگىسى كەلمىدى،_ ئۇكاڭ قېنى؟
    _ قاۋۇلجان بىلەن قالدى ئاپا،تامىقىنى بېرىپ مەكتەپكە يولغا سېلىۋېتىپ ئارقىمدىن كىرمەكچى.
    _ ياخشى بوپتۇ،قاۋۇلجان تېپىلغۇسىز ياخشى بالىكەن.
        غۇنچەم ئانىسىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئازراق چۈشەنگەندەك قىلغانمۇ قانداق،يۈزى قىزارغاندەك بولۇپ چاندۇرماي يەرگە قارىۋالدى.
            (داۋامى بار)
    [ بۇ يازما zilyar تەرپىدىن2008-11-07 14:44دە قايتا ت ]
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-07 02:37 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.078452(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 10:54
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号