چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
بۇ تېما 4608 قېتىم كۆرۈلدى
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 2640
شۆھرەت: 2124 نۇمۇر
پۇل: 3142 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1657(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ،ئەقىللىقتۇر

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما Dostingiz تەرپىدىن (2008-11-05)دە نادىرلاندى
ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ،ئەقىللىقتۇر - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]


                                                  ئەركىن سىدىق  
2008 -11-1
   مەن 2006- ۋە 2007-يىللىرى يۇرتقا بېرىپ، ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، "ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن جىق ھورۇن"، "ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن جىق ئەقىللى"، "نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇيغۇرلار دۆت"، دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم.
بۇ ئايرىم كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىمۇ، ياكى ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان بىر ئىدىيىمۇ، بۇنىسى ماڭا ئېنىق ئەمەس. ئەگەر بۇنداق كۆزقاراش ئايرىم كىشىلەرگىلا تەۋە بولماستىن، ئۇ خەلق ئىچىگە خېلى كەڭ دائىرىدە سىڭىپ كىرىۋاتقان بىر ئىدىيە بولسا، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەتلىك سەلبىي تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. قارىماققا بۇ مەسىلە بىر ئاددىي ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆستۈرۈش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئۇ سەگەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. مەن ھەر قېتىم يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئويلىغىنىمدا، ناھايىتى راھەتسىزلىنىپ كەلدىم.

   بۈگۈن ئاخىر بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم. مەن بۇ يازمامدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھورۇنلۇقى» مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ توختالمايمەن.
نەچچە ئەسىرنىڭ مابەينىدە، ئۆز ئەتراپىدا ياشىغان باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار باشقىلاردەك قاتتىق ئىشلىمىسىمۇ، باشقىلار تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتمىسىمۇ، باشقىلارنى بېسىۋالمىسىمۇ ۋە تالان-تاراج قىلمىسىمۇ، ئۆزى قانائەتلەنگىدەك دەرىجىدىكى راھەت تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشاپ كەلگەن ئىدى. ئادەم قاتتىق ئىشلىمەي تۇرۇپمۇ ئۆزى رازى بولغىدەك دەرىجىدە راھەت ياشىيالىسا، ئاشۇنداق ياشاۋەرسە بولىۋېرەتتى. ئۇنىڭ ھېچ بىر يامان يېرى، ئەيىبلىگۈچىلىكى يوق ئىدى. لېكىن، ھازىر جاھان ئۆزگىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەمگەكچانلىق دەرىجىسى ھازىر ئۇلارنى «ھورۇن» قىلىپ كۆرسىتىپ قويۇۋاتىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋالمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئادەممۇ ئۆزگىرىدۇ. ئەمەليەتتىمۇ يۇقىرىقىدەك "ھورۇنلۇق" ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشىغا يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ.
شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى كەلسە-كەلمەس ۋە داۋاملىق ئەيىبلاۋەرمىگەن ياخشى.

   ئەمدى بۇ يازمىنىڭ قالغان قىسمى ئۇيغۇرلار «دۆت» مۇ ياكى ئەقىللىقمۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بولىدۇ. ھەر كىمنىڭ ھەر قانداق بىر شەيئى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئەركىنلىكى بار. لېكىن، ئۇنداق ھۆكۈم ئىلمىي ئاساستا چىقىرىلىشى، ئەمەلىيەتكە ئاساسلانغان بولۇشى كېرەك.
ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ھېچ قانداق قىممىتى بولمايدۇ.

   ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن مۇددەت تەكرار دېيىلگەن سۆز بىر ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەت، بىر سىزىقنى بويلاپ ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان تەشۋىقات بىر خەلقنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. مەن بۇ يازمامدا ئاشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈمەن. ھەمدە ئوقۇرمەنلەرگە بەزى پاكىتلارنى سۆزلەپ بېرىمەن. مەن قىسقىچە تەسۋىرلەپ بېرىدىغان پسىخولوگىيە ئىلمىگە ئائىت ئۇقۇملار بىر غەرىبلىك مۇتەخەسسىس ئىنتېرنېتتا يېزىپ ئېلان قىلغان ئۇقۇملار ئاساسىدا بولىدىغان بولۇپ، مەن ئىنتېرنېتتىن ئۇ مۇتەخەسسىسنىڭ ئىسمىنى تاپالمىدىم.

1. كۆڭۈلنى پروگراممىلاش

   تارىختا ھىندىستاننىڭ ئۇدائىپۇر دېگەن يېرىدە مۇنداق بىر ۋەقە بولغان. دۈشمەنلەر بۇ جايغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، بۇ پادىشاھنىڭ پاننا دھاي ئىسىملىك بىر خىزمەتچىسى پادىشاھنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. بۇ بالا مۆكۈنۈپ يۈرۈپ چوڭ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرى ئاشۇ جايغا پادىشاھ بولغان. ئۇنىڭ نېمىشقا پادىشاھ بولالىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

   سىزچە ئاشۇ بالىنىڭ قېنىدا پادىشاھلىق بارمىدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ بىر پادىشاھ بولۇپ تەربىيىلىنىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، ھېلىقى خىزمەتچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەر ئۇ بالىغا: "سەن دېگەن بىر شاھزادە. سەن چوقۇم پادىشاھ بولۇشۇڭ كېرەك. دۈشمەنلەر بىزنىڭ پادىشاھلىقىمىزنى تارتىۋالدى. سەن چوڭ بولغاندا ئۇلاردىن چوقۇم ئىنتىقام ئېلىشىڭ ھەمدە ئۇلارنى يېڭىشىڭ كېرەك" دەپ تۇرغان.


   ئىنگلىزچىدە «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگەن بىر ئۇقۇم بار. ئۇنى ئىنگلىز تىلىدا «mind programming» دەپ ئاتايدۇ. «mind »نىڭ مەنىسى كۆڭۈل، ئاڭ، نىيەت، ھوش، ئەقىل ۋە خىيال دېگەن سۆزلەرگە يېقىن بولۇپ، «programming» دېگەن سۆز پېئىل قىلىپ ئىشلىتىلگەندە، «بىر ئادەمدە بىر خىل خىيالنى تۇرغۇزۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ خىيالىنى تۈزلەپ ياكى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە كەلگەن ئۇچۇرغا نىسبەتەن بىر خىل ئالاھىدە ئىنكاس قايتۇرۇدىغان ياكى بىر خىل ئالاھىدە ئىش تۇتىدىغان قىلىش» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقى ھېكايىدىكى بالا «سەن پادىشاھ بولىسەن» دېگەن گەپنى داۋاملىق ئاڭلاۋېرىپ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئاشۇ تەرىقىدە پروگراممىلانغان. نەتىجىدە، ئۇ بالا بىر باشلىق ياكى ھەربىي قوماندان بولۇشنى خالىماي، پەقەتلا بىر پادىشاھ بولۇشنى ئىستىگەن. ھەمدە ئاشۇنداق غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقىمۇ تەييار تۇرغان. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچىدە بۇنداق مىساللارنى بىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى، ئامېرىكىدىكى چوڭ بۇشنىڭ ئوغلى كىچىك بۇشنىڭمۇ پرېزىدېنت بولۇشىدۇر. ئۇيغۇرلار ئىچىدە «باشلىقنىڭ بالىسى باشلىق بولىدۇ»، دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئاشۇنداق بىر ئەمەلىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرسىمۇ ئاشۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» تىن ئىبارەتتۇر (ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «ئارقا ئىشىك» 1-ئورۇندا تۇرامدۇ ياكى «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش»مۇ؟ بۇ سوئالغا ئۆزىڭىز جاۋاب بېرىپ بېقىڭ.)

   ئادەمنىڭ ئەس-ھوشى ئىككى خىل بولىدۇ: ئاساسلىق ھوش ۋە قوشۇمچە ھوش. ئىنگلىزچىدە بۇلار «conscious and sub-conscious» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەمنىڭ قوشۇمچە ھوشى ئۇنىڭ ئاساسلىق ھوشىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولمايدۇ. ئادەمنىڭ قوشۇمچە ھوشى ئۇنىڭغا قاچىلانغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا مۇستەقىل ھالدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنى پروگراممىلاشنىڭ ئاساسىدۇر. يەنى، «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگىنىمىز، بىر ئادەمنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھوشىغا مەلۇم ئۇچۇرلارنى قاچىلاپ، شۇ ئارقلىق ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە كونترول قىلىش، دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.

   ئادەمنىڭ ئاساسلىق ئەس-ھوشى بىر «ئىسكىلات باققۇچى» ياكى «ئىسكىلاتچى» غا، قوشۇمچە ئەس-ھوشى بولسا بىر ئىسكىلاتقا ئوخشايدۇ. ئىسكىلاتچىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئەقلى بولمايدۇ. ئۇ ئىسكىلاتقا قاچىلانغان ئۇچۇر ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. «كۆڭۈلنى پروگراممالىش» دېگەنلىك، ئىسكىلاتچىغا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ، ئۇچۇرنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈپ قويۇش دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.

   سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە «مەن ئۆگىنىشتە ناھايىتى ياخشى» دېدىڭىز، ئەمما ئىسكىلاتتا باشقا ئادەملەرنىڭ «سەن دۆت، سەن ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايسەن.» دېگەن سۆزلىرى ساقلانغان، دەپ پەرەز قىلايلى. ئىسكىلاتچى سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىسكىلاتتا ساقلانغان يۇقىرىقى سۆزلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «بۇ ئۇچۇر خاتا ئىكەن»، دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يېڭى، ئىجابىي ئۇچۇرنى ئىسكىلاتقا ئەكىرىپ قويماي، ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ. مانا بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە ئىش-ھەركىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ تۈپ قىيىنچىلىقتىن ئىبارەتتۇر.

   يۇقىرىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تارىخىي ھېكايىلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، كىشىلەر ۋە بىر جەمئىيەت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى پروگراممىلىيالايدۇ. يۇقىرىقى شاھزادە بىلەن قارمۇ-قارشى ھالدا، بىز ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان "ئۇنداق قىلما تەۋەككۈلچىلىك قىلما ساراڭلىق قىلما سەن دۆت.  سېنىڭ قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ" دېگەندەك خاتا ئۇچۇرلار بىلەن پروگراممىلىنىپ كەلدۇق. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بىر ئادەم ۋە بىر مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋىتىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.


   ھازىر ئىنسانلار تارىخىدا تۇنجى قەتىم سىزنىڭ ئوز كوڭلىڭىزنى توغرا يۆنىلىشتە پروگراممىلىشىڭىزنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدىغان كۈچلۈك تېخنىكىلار ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھوشىڭىزغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئاساسلىق ئەس-ھوشقا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ ئۇچۇر قاچىلايدۇ. سىزنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھوشىڭىزدىن ئىبارەت بۇ «ئىسكلاتىڭىز» غا ھەر كۈنى نۇرغۇن ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلىۋاتىدۇ. ئۇلار قانداق ئۇچۇرلار؟ ئۇلار سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى قايسى يۆنىلىشتە پروگراممىلايدۇ؟
بىر دەم كۆزىڭىزنى يۇمۇپ جىم ئولتۇرۇپ، مۇشۇ سوئاللار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىڭ.


2. ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىقتۇر

   ئۇيغۇرلار ئادىللىق ۋە ئادالەتنى ئەڭ ياقلايدىغان، ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغان، ناھەقچىلىققا قىلچە چىدىمايدىغان مىللەتلەرنىڭ بىرسى. شۇنداق بولغاچقا، بىز باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە ئادالەتسىزلىك قىلىشىنى، ناھەقچىلىق قىلىشىنى خالىمايمىز. شۇنداق بولغانىكەن، بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە ئادالەتسىزلىك قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز كېرەك.
ئەگەر سىز ئۇيغۇرنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماقچى بولسىڭىز، نوپۇسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىر-بىرسىگە يېقىن كېلىدىغان، ياشاۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتى بىر-بىرىنىڭكىگە يېقىن كېلىدىغان، ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى مەدەنىتيى ھەمدە تارىخى بىر ئاز ئوخشاپ كېتىدىغان بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇڭ. ھەرگىز نوپۇسى ئۇيغۇر نوپۇسىدىن 100 ھەسسە ئارتۇق بىرى بىلەن سېلىشتۇرماڭ. ئۇنداق قىلسىڭىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەتسىزلىك قىلغان، ناھەقچىلىك قىلغان بولىسىز. ئىلمىي ئىش كۆرمىگەن بولىسىز. بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كاللىسىدا بۇ ئىش ناھايىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز ئىچكىرىدىكى ئوقۇشقا 100 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ تاللانغان بولسىڭىز، سىزنىڭ خەنزۇ ساۋاقداشلىرىڭىز 10،000 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرسى بولۇپ تاللانغان. سىز ھەرگىزمۇ ئەقىل جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايسىز. باشقىلار سان جەھەتتە سىزدىن جىق يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار ئۆز تىلىدا ئوقۇيدۇ. سىز باشقىلارنىڭ تىلىدا ئوقۇيسىز. بۇنىڭ ئوقۇش ئۈنۈمىگە كۆرسىتىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. شۇڭلاشقا، باشقىلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئوقۇش ئۈچۈن، سىزنىڭ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە سىنىپ بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى تۇتۇپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەن 10 دەك كىشىنى بىلىمەن. ئۇلاردىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.

   شۇنى كېسىپ ئېيتىش مۇمكىنكى، ئۆزى بىلەن باراۋەر كېلىدىغان مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار ھازىر مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، تارىخ، ئىلىم-پەن ۋە ئىنسانلار تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيادا خېلى يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىيەلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تارىخىي تۆھپىلىرى، تارىختا تۇتقان مىللىي ئورنى، تارىختا بەھرىمەن بولغان شان-شۆھرىتى جەھەتلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغىچە نۇرغۇن كىتاب-ماقالىلار يېزىلىپ بولدى. شۇڭا مەن بۇ يەردە ئۇ تارىخىي ئەھۋاللار ئۈستىدە توختالمايمەن. تۆۋەندە مەن چەت ئەلدە تۇرۇپ، ئوقۇش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھەر خىل كەسپىي ساھەلەردە دۇنيادىكى باشقا ئىلغار مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئورۇن تۇتۇۋاتقان، «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن بىر ھەقىقەتكە مىسال بولالايدىغان بىر قىسىم شەخسلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈمەن.


   · ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيەگە چىقىش ئىشى 1985-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 130 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇ يەردە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنىhttp://www.xjmua.com/doctor_all.html دىن كۆرەلەيسىز.

   · ياپونىيەدىكى دىلشات ئابلا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن باشلاپ، ياپونىيەنىڭ Riken Meghe تەتقىقات مەركىزىدە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ.


   · ياپونىيەدىكى قۇتلۇق سابىت بىلەن شەمشىدىن شەيھىدىن نىسسان شىركىتىدە، دىلشات ئابدۇرېھىم بىلەن تالىپ ئاتاجان نەك شىركىتىدە، جۈرئەت غوجا بولسا فۇجىتسۇ شىركىتىنىڭ جۇڭگو شېركىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور ئۆمەرجان ساۋۇت بىلەن دوكتور ئەنۋەر ياسىن ياپونىيەدىكى ئىككى يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىدە بۆلۈم مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

   · ياپونىيەدىكى دوكتور پەرھات ئەخمەت توكيو تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ۋە دوكتور مۇختار ماخسۇت ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەر خىل دەرىجىدىكى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

   · ئەنگلىيەدىكى دىلشات ھېۋىزۇللا لوندوندىكى بىر ئالىي مەكتەپتە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ھازىر ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق تېلېۋىزىيە شىركىتى BBC دە يېڭى يۇمشاق دېتاللارنى راۋاجلاندۇرۇپ ئىشلەپ چىقىرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياخشى نەتىجىلەر يارىتىۋاتىدۇ.


   · ئايشەم ئەلى ئاۋىسترالىيەدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ھازىر گېرمانىيەدىكى«Max Planck Institute for Social Anthropology» دە دوكتور دەرىجىلىك تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

   · مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم دولقۇن يۇنۇس ياپونىيەدە ماگىستېرلىق ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن تارتىپ، ياپونىيە نەك شىركىتىنىنىڭ مىكرو دولقۇن خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بويىچە تۈركىيە بىلەن ئافرىقا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق تېخنىكىلىق ياردەم مۇلازىمىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

   · ئامېرىكىدىكى مۇھەممەد ئابدۇللا، فرانسىيەدىكى ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ۋە ياپونىيەدىكى غەيرەت كەنجى قاتارلىق ياشلىرىمىز يالغۇز كومپيۇتېر كەسپىدە ئەلا نەتىجە بىلەن دوكتورلۇقتا ئوقۇپلا قالماي، ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ئۇيغۇرچە-چەت ئەل تىلىچە ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرنى ياساپ چىقىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىمۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىكى «بۈركۈت» بىلەن «جەكك» ئەپەندىلەر ئامېرىكىدا فىزىكا كەسپى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئالدىراشلىقىغا قارىماي، بىر تەرەپتىن ياخشى ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ۋەتەندىكى چەت ئەلدە ئوقۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

   · مەن ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپلىرىنىڭ ئۆيىدە تامغا چاپلاغلىق تۇرغان، بالىلىرى ئېرىشكەن، «ھەممە دەرسلەردە "ئا" ئالغان ئوقۇغۇچى مۇكاپاتى» دەپ ئاتالغان تەقدىرنامىلارنى كۆردۈم (ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى دەرس نەتىجىسىگە ئا، ب، ك، د، ف دېگەندەك ھەرپلەرنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى "ئا" ھەرىپى "ئەلا" دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ).


   · ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدە قاھار بارات، قەيسەر مىجىت، ئەلنىگار ئىلتەبىر ۋە قۇدرەت ياقۇپ قاتارلىق 4 ئۇيغۇر ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ، بەزىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولدى. بەزىلىرى ھازىرمۇ ئوقۇۋاتىدۇ.

   · ھاۋاردتىن سەل كېيىن تۇرسىمۇ، دۇنيا ۋە ئامېرىكا بويىچە خېلى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەرقايسى شۆبىلىرىدە تۆۋەندىكى 2-ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئوقۇۋاتىدۇ: ئارافات ئادىل لوس ئاڭەلەس شۆبىسىدە، دىلشات ئەركىن بېركېلېي شۆبىسىدە، فرۇزە تاشپولاتلار ئىرۋىنە شۆبىسىدە، ئىلىكنۇر ئامان لوس ئاڭەلەس شۆبىسىدە ۋە مەرھابا مەھمۇت داۋىس شۆبىسىدە. ئامېرىكىنىڭ باشقا شىتاتلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش داڭلىق مەكتەپلەرگە كىرگەن 2-ئەۋلاد ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن خېلى كۆپلىرى بار.

   · ياپونىيەدىن باشقا، ھازىر ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە، كانادا، ياۋروپا ۋە تۈركىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بار.
بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە http://www.meripet.com/Bio/FransiyedikiDokturlar.htm نى كۆرۈپ بېقىڭ.
   · دوكتور مۇرات قادىر ئامېرىكىدىكى «L’Oréal USA» شىركىتى چاچ مەھسۇلاتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور ئابلەت ئابلىمىت ياپونىيە توتو شىركىتىنىڭ گۋاڭجۇدىكى مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

   · ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقانلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار: ئابدۇرېھىم ئائىتبايېۋ ((http://infohost.nmt.edu/~aitbayev, New Mexico Institute of Mining and Technology)، ئابلەت ئىبراھىم  (California State University, Monterey Bay),، ھەسەن سايىت(Boston College)ۋە رەيھانگۈل بەكتۇر (Utah State University)

   · رىزۋانگۈل ھاجى (قەيسەر مىجىت ئەپەندىنىڭ خانىمى) كىچىكىدىن ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇيغۇر تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى 1997-يىلى پۈتتۈرگەن. 1999-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئىنگلىز تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، 2003-يىلى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى مېدىتسىنا سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن. 2004-2007 يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نەۋ يورك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا 3 يىل ياردەمچى دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلغان ۋە بىلىم ئالغان. 2007-يىلى 9-ئايدا "ئامېرىكا ئىچكى كېسەللىكلەر جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي ئىمتىھانىدىن" غەلىبىلىك ئۆتۈپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كېسەل كۆرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە كېنىشكە ئالغان. ھازىر ماسساچۇسېتتس شىتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا مەسئۇل دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

   · ئەكبەر شەرىپ، دولقۇن روزى، مەمەت ئەمىن، مەمەتجان ئىبراھىم، مەھمۇد ئوبۇل ۋە تۆمۈر پالتا (http://www.meripet.com/Bio/Timour_Bio.htm) قاتارلىق دوكتورلار ۋە مۇتەخەسىسلەر ھازىر ئامېرىدىكى بىر قانچە ئالىي مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
بۇلارنىڭ ئىچىدە، مەمەت ئەمىن يالغۇز ئۆز كەسپىي ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىئات ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىپلا قالماستىن، يەنە ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ھەر خىل كېسەللىكلەر ۋە ئۇلارنى داۋالاش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ.

   · ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ھەر خىل مەكتەپ، كەسپىي ئورۇن ۋە شىركەتلىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق ئورۇن تۇتۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ بولۇپ، مەن ئۇلارنى بۇ يەردە بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ بولالمىدىم.

   · ئامېرىكا تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى مۇتەخەسسىسى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ، ئامېرىكا ئورېگون شىتاتى ساغلاملىق-پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپىيىش ئىلمى بۆلۈمى ۋە ئورېگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر) يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى-غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

   · دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سىڭلىسى دوكتور مايسەم مۇتەللىپ خانىم ھازىر ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان ماساشۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (ئىنگلىزچە «Massachusetts Institute of Technology» بولۇپ، قىسقارتىلىپ «مىت» دەپ يېزىلىدۇ) نىڭ ئاكىسىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئابدۇرېيىم ئائىتبايەۋ، شۆھرەت مۇتەللىپ، مايسەم مۇتەللىپ ۋە تۆمۈر پالتالار قازاقستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدۇر.

   · مەن بولسام ئامېرىكىنىڭ قىسقارتىلىپ «ناسا» دەپ ئاتىلىدىغان، «مەملىكەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» نىڭ بىر مۇھىم تەتقىقات-تەرەققىيات مەركىزى بولغان جپل دە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنجىنىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن.

   مەن يۇقىرىقى تىزىملىكنى تەييارلاشتا چەت ئەلدىكى بىر قىسىم يېقىن تونۇشلىرىمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم (ئۇلارغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن). شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئەسكەرتىپ قويۇدىغىنىم، بۇ تىزىملىك ھەرگىزمۇ بىر مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس
بۇ تىزىملىككە كىرمەي قالغان يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋە ئىشلار بار. بۇ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغىنىم «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن ئىدىيە بولغاچقا، ئاساسلىقى ئۆزۈم بىلىدىغان كىشىلەرنىلا مىسال قىلىپ ئالدىم.

    ئىنسان تارىخىنىڭ ھەممىسىدە سانسىزلىغان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن خەلقنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلدى. بۇ خىل ئەھۋال ھازىرمۇ قىلچە ئۆزگەرگىنى يوق. مەن يېقىندا كۆرگەن بىر تېلېۋىزىيە خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراقتا بىر چوڭ ئاخبارات شىركىتى قۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا بۇ شىركەت ئۈچۈن ھەر ئايدا بىر مىليون دوللار پۇل خەجلەيدىكەن. بۇ شىركەت ئىراقتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىراقنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەشۋىقات مەزمۇنى ئامېرىكىدىكى تەشۋىقات مەزمۇنىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن. يەنى، ئۆزىنى دۇنيا ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىسىنىڭ بوۋىسى ھېسابلايدىغان ئامېرىكىمۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنى كونترول قىلىپ، ئۇنى ھازىر ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىۋاتىدۇ. تەشۋىقات ۋاسىتىسىنى كىشىلەرنى ئىدارە قىلىشقا ئىشلىتىشتە پايدىلىنىلغان ئىلىم دەل ئاشۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» تىن ئىبارەتتۇر.
ھازىر ئۇيغۇرلار بىر ئالاھىدە دەۋر ۋە بىر ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋالنى «سۆڭگەچ تېپىش مۇسابىقىسىغا قاتناشقان بىر پۇتلۇق ئادەم» دۇچ كېلىدىغان ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن.
بۇ خىل ئەھۋالنى مەن 2006-يىلى ۋە 2007-يىلى يۇرتقا تۇققان يوقلاپ بارغاندىمۇ ئىنتايىن چوڭقۇر ھېس قىلدىم. يەنى، مەنمۇ ئاشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلدىم.
شۇڭا ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە قىلىنغان سۆز، يېزىلغان كىتاب-ماقالىلەر چوقۇم ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارنى ئىجابىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. بىز بۇ جەھەتتە قىلىنىدىغان ئىشلار چوقۇم بىر پۇتلۇق ئادەمنىڭ يەنە بىر پۇتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردىمى بولۇشى كېرەك.

   ئەگەر سىز بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، سىنىپىڭىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغا داۋاملىق «ئۇيغۇرلار دۆت، ئۇيغۇرلار ھورۇن» دېسىڭىز، بۇ سۆزىڭىز ھەرگىزمۇ سىنىپىڭىزدىكى بالىلارنى بۇرۇنقىدىن ئەقىللىقراق قىلىش، بۇرۇنقىدىن بەكرەك تىرىشچان قىلىش رولىنى ئوينىمايدۇ.
دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە رولنى ئوينايدۇ.

   ئەگەر بىر ساقمۇ-ساق سەمەتنى ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى كىشىلەر داۋاملىق «سەمەت ساراڭ، سەمەت دۆت» دەۋەرسە، ئۇ مەمەت تەدرىجى ھالدا ساراڭدەك سۆزلەيدىغان، ساراڭدەك ماڭىدىغان ۋە ساراڭدەك تۇرىدىغان، ساراڭدەك ئىش قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
مانا بۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» نىڭ كۈچىدۇر.

غەربلىكلەر بىر ئادەمنىڭ سەلبىي پوزىتسىيەلىك ياكى ئىجابىي پوزىتسىيەلىكىنى ئۆلچەشتە، داۋاملىق يېرىمىدا سۇ بار، يېرىمى قۇرۇق بىر ئىستاكاننى مىسالغا ئالىدۇ. سەلبىي پوزىتسىيەلىك بىر ئادەم يېرىم سۈيى بار بىر ئىستاكاننى كۆرگەندە «ماۋۇ ئىستاكاننىڭ يېرىمى قۇرۇق»، دەيدۇ. ئىجابىي پوزىتسىيەلىك بىر ئادەم بولسا «ماۋۇ ئىستاكاننىڭ يېرىمىدا سۇ بار»، دەيدۇ. شۇ نەرسىنى ئۇنۇتماڭكى، بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىر چوقۇم «ماۋۇ ئىستاكاننىڭ يېرىمىدا سۇ بار» بولسۇن.


3. كۆڭۈل بىلەن بەدەن

   2008-يىلىنىڭ بەشىدا، مەن بىزنىڭ ئىدارىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆڭۈل بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان بىر سېمىنارغا قاتناشتىم.
بۇ سېمىناردا دوكلات بەرگۈچى ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ چىقتى. ئاندىن ئۇ ئاڭلىغۇچىدىن باشقىلار ھازىرغىچە ئۆزى توغرىسىدا دەپ باققان، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرمەيدىغان سۆزلەرنى سورىدى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئوڭ قولىنى مۈرىسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ توغرىسىغا كۆتەرتىپ قويۇپ، بىزدىن ھەممىمىزدىن ھېلىقى سۆزلەرنى بىرلىكتە ئۈنلۈك توۋلاشقا بۇيرىدى. بىز شۇنداق قىلدۇق. ئاندىن ئۇ سۆزلىگۈچى سەھنىدىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنى پەسكە باسقان ئىدى، قولى ئاسانلا پەسكە چۈشۈپ كەتتى.
سۆزلىگۈچىنىڭ ئورۇنلانتۇرۇشى بويىچە بىز بۇ تەجرىبىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدۇق. بۇ قېتىم ھېلىقى ئاڭلىغۇچى ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان سۆزلەر بىلەن تەكرارلىدۇق.
بۇ قېتىم سۆزلىگۈچى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنى خېلى كۈچەپ پەسكە باسقان بولسىمۇ، ئۇنى زادىلا پەسكە چۈشۈرەلمىدى.

   بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە ئادەمنىڭ مېڭىسى سىرىتتىن كىرگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى بىر خىل بۇيرۇق سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ئەگەر سىز «مەن ئەقىللىق» دېسىڭىز، مېڭىڭىز «ھە-ئە، سەن ئەقىللىق»، دەپ پۈتۈن بەدىنىڭىزنى بىر ئەقىللىق ئادەمنىڭ بەدىنى بويىچە پروگراممىلاشقا تىرىشىدىكەن. ئەگەر سىز «مەن باتۇر» دېسىڭىز، مېڭىڭىز پۈتۈن بەدىنىڭىزنى بىر باتۇرنىڭ بەدىنى بويىچە پروگراممىلاشقا تىرىشىدىكەن. ئويلاپ بېقىڭ: ئەگەر نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى «دۆت، دۆت» دەۋەرسە، مېڭىڭىز سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى قانداق پروگراممىلايدۇ؟

    ئەگەر سىز بىر ئۆمۈر «ئۇيغۇرلار دۆت، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ»، دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولسىڭىز، سىزنىڭ روھىڭىز، ئىرادىڭىز، غەيرىتىڭىز ۋە بەدەن قۇدرىتىڭىز قانداقراق بىر ھالەتتە بولار؟ بىر ئادەمنىڭ مېڭىسىدە 15 مىليارت دانە نەۋرون ياكى مېڭە ھۈجەيرىسى بار بولىدۇ. ھەر بىر مېڭە ھۈجەيرىسى باشقا 5،000-10،000 غىچە بولغان مېڭە ھۈجەيرىسى بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ. نەۋرون تورى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنى بىر غايەت زور تېلېفون تورىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. بىز ھەر قېتىم بىر يېڭى نەرسە ئۆگەنگەندە، مېڭىدە نەۋرونلار ئارا يېڭى ئۇلانمىلار پەيدا بولىدۇ.
ئۆگەنگەن نەرسىنى تەكرارلىساق، بۇ يېڭى ئۇلانمىلار كۈچىيىپ ماڭىدۇ.

يېڭى بىر ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرسەك، بۇ ئۇلانمىلار ئۆزگىرىدۇ. يەنى مېڭىدىكى نەۋرونلارنىڭ ئۇلانمىسى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ كۆڭلى (ياكى ئەس-ھوشى) بىلەن بەدىنى ئۆز-ئارا تۇتاشقان بولىدۇ.

يېقىنقى 10 يىلنىڭ مابەينىدە بايقىلىشىچە، 50-60 دانە خېمىيىلىك ماددىلار ئادەم مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئادەم بەدىنىگە توشۇيدۇ. ئىنگلىزچە «ئەندورپھىنس» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ماددىلار ئادەم مېڭىسىدىكى بىر خىيال، خۇشھاللىق، ھېسىيات، ئوي-پىكىر قاتارلىق ھەممە ئۇچۇرنى ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىگە توشۇيدۇ. ئەگەر سىز بىر سايدا مېڭىپ كېتىۋېتىپ، ئىلانغا ئوخشاش بىر نەرسىنى كۆرۈپ، كۆڭلىڭىزدە «بۇ بىر ئىلانكەن» دەپ ئويلىسىڭىز، سىز قورققان بۇ ئۇچۇر دەرھال مېڭىڭىزنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ.
ئاندىن ئۇ ئۇچۇر سىزنىڭ ئۇمۇرتقا يوللىرىڭىز ئارقىلىق بەدىنىڭىزنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. بىر ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدىنىڭىز بۇ خەتەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزىنى بۇ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلايدۇ. يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشى تېزلىشىدۇ. قان بېسىمىڭىز كۆتۈرۈلىدۇ. نەپىسىڭىز تېزلىشىدۇ.

   مېڭىڭىزدىكى قانلار مۇسكۇللىرىڭىزغا، قولىڭىزغا ۋە پۇتىڭىزغا تارقىلىدۇ. نەتىجىدە سىز ياكى بۇ ئىلان بىلەن ئېلىشىشىسىز ياكى بىر ياققا بارلىق كۈچىڭىز بىلەن قاچىسىز.
«ئىلان» دېگەن بىر خىيال مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
خۇددى يۇقىرىقىغا ئوخشاش، ھەر بىر ئوي-پىكىرنىڭ بىردىن بىئولوگىيەلىك ئاساسى بار. بەدىنىڭىز سىز كۆڭلىڭىزدە نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرىدۇ. ھەمدە شۇ ئاساستا ئىش تۇتىدۇ.
يەنى، بىر كۆز-قاراش پەقەت بىر ئىدىيەلا ئەمەس. ئۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە ۋە كۆڭلىڭىزدە تەڭلا مەۋجۇت بولىدۇ. سىز ناھايىتى خۇشھال ياكى ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشقا ئىشەنچىڭىز بار بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل ئوي-پىكىر سىزنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭىزگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدىنىڭىز تېخىمۇ كۈچلىنىپ، ھېرىشى پەسىيىدۇ. ئەگەر سىز خۇشھال ئەمەس ياكى ھەسرەتلىك بولسىڭىز، سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ھەرىكىتى ئاستىلىشىدۇ، قاشاڭلىشىدۇ ھەمدە ئاسان ھېرىپ قالىدۇ.

   قىسقىسى، سىزنىڭ مېڭىڭىز سىزنىڭ ئويىڭىز بىلەن كۆز-قارىشىڭىزنى پۈتۈن بەدىنىڭىزگە تارقىتىدۇ. ئەگەر سىز «مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن» دەپ ئويلىسىڭىز، مېڭىڭىز بەدىنىڭىزنى شۇ بويىچە تەييارلىق قىلىشقا ۋە مۇۋەپپەقىيەتنى كۈتۈۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەگەر سىز «مەن چوقۇم مەغلۇپ بولۇمەن» دەپ ئويلىسىڭىز، مېڭىڭىز بەدىنىڭىزگە «بۇ ئىشنى سىنايمەن دەپمۇ ئاۋارە بولما،  بۇ ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىن ھېچ قانداق ئۈمىد يوق» دەيدۇ.

   شۇڭلاشقا سىز ھەر دائىم ئۆز-ئۆزىڭىزگە «مەن ئەقىللىق، مەن چوقۇم قىلىۋاتقان ياكى كۆزلىگەن ئىشىمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇمەن» دەپ تۇرۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ.
يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سىز كەچتە ئىشتىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئىشىك ئاچقاندا، ھەرگىز «ئۇھ! بۈگۈن ھەجەپمۇ ھېرىپ كەتتىم»، دەپ ئويلىماڭ. ئۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن سىزگە ھېچ قانداق ئىش خۇش ياقمايدۇ. سافادا توغرىسىغا يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈشتىن باشقا ئىشنى قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالىسىز. ئۇنىڭ ئورنىغا: «مەن بۈگۈنكى ئىشىمنى تۈگەتتىم. ئەمدى ئۆيدە ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلىمەن» دەپ ئويلاڭ.
شۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۆيىڭىزدە يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. كىشىلەر سىزدىن «قانداق ئەھۋالىڭ؟» دەپ سورىسا، ھەرگىز «بۈگۈن دېگەندەك مىجەزىم يوق بەك ھېرىپ كېتىۋاتىمەن ئىشىم دېگەندەك ئوبدان ماڭمايۋاتىدۇ ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاقتىمەن.» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەرمەڭ.

   بۇنىڭ سەۋەبى، كۆپىنچە ئەھۋالدا، سىزدىن ئاشۇنداق ھال سورىغان كىشىلەرنىڭ 95 پىرسەنتى سىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىڭىزنىڭ قانداقلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ. قالغان 5 پىرسەنت ئەتراپىدىكى كىشىلەر بولسا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنىڭ ناچار بولۇشىنى ئارزۇلايدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزدىن ھېلىقىدەك ھال سورىغانلارغا: «ئەھۋالىم كارامەت ياخشى ئەھۋالىم ئىنتايىن ياخشى ئەھۋالىم ھازىرقىدەك ياخشى بولۇپ باققان ئەمەس» دېگەندەك جاۋابنى بېرىڭ. مېڭىڭىز مۇشۇ ئۇچۇرلارنى ئالغاندىن كېيىن، بەدىنىڭىزنى ئاشۇ بويىچە پروگراممىلايدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى خىل جاۋابنىڭ سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىز ۋە بەدىنىڭىزنىڭ ھالىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

4. ئاخىرقى سۆز

   مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىنقى يازمىلىرىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش، مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش ۋە مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ئىنكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. مەن 2008-يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدا ئايالىم ئامانگۈل بىلەن تۈركىيەگە ساياھەتكە باردىم. ھەمدە قەيسەرى، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەرنى ساياھەت قىلدىم. مۇشۇ جەرياندا مېنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرگىنىم تۈركىيە بايرىقى بولدى. ھۆكۈمەت بىناسى، خاتىرە سارىيى، شەھەر كوچىسى، دۇكان-ماگىزىنلار، شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئادەمنىڭ كۆزىگە ھەممىدىن كۆپ كۆرۈنىدىغىنى ئاشۇ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئىكەن.

   ئىستانبۇلدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىنقى تېمىغا ئېسىلغان تۈركىيە بايرىقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئى 4 قەۋەتنى قاپلايدىكەن.
قەيسەرىگە يېقىن جايدىكى ئىنگلىزچە «كاپپادوكىئا» دەپ ئاتىلىدىغان، 13-ئەسىردە بەرپا قىلىنغان ئۆڭكۈر-ئۆي شەھىرىنىڭ خېلى كۆپ ئۆڭكۈر-ئۆي دەرىزىلىرىدە ۋە تاغ چوققىلىرىدىمۇ ئاشۇ تۈركىيە بايرىقىنى كۆردۈم. «تۈرك» ۋە «ئاتاتۈرك» دېگەن خەتلەرنىمۇ بىز بارغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى كۆپ ئۇچراتتۇق. «ئاتاتۈرك» دەپ ئىسىم بېرىلگەن يول، كۆۋرۈك، بىنا قاتارلىقلارمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. ئادەم تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە «تۈرك» دېگەن سۆزنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرىدىكەن. مەن يۇقىرىقىلارنى كۆرۈپ، «مىللىي روھقا باي مىللەت، دېگەن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. بەش ئەسىرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلىدىم.

   ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يەنە بىر ئىش تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆرمىتى بولدى. ئامانگۇل، مەن ۋە باشقا 3 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئەنقەرەدىكى «كوكاتەپە» مەسچىتىگە كىرىپ چىقىپ، پاراڭلاشقاچ مېڭىپ كېتىۋاتساق، يېشى 55 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر تۈرك ئەپەندى بىزدىن نېمە تىلدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىمىزنى سورىدى. بىز «ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەرسەك، ئۇ كىشى ئىنتايىن خۇشھال بولۇپ، بىز بىلەن قولىمىزنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ كۆرۈشۈپ، ئاندىن كۆتۈرۈۋالغان سومكىسىدىن ئىككى دانە ئىنگلىزچە كىتابنى چىقىرىپ، «ماۋۇ مېنىڭ سىزلەرگە قىلغان سوۋغىتىم. قوبۇل قىلغايسىزلەر» دېدى. مەن ئۇ كىتابلارنى ئېلىپ، ئامېرىكىغا ئەكەلدىم (ئۇ كىتابنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى «ئېتىقات ۋە ئىسلام»، يەنە بىرىنىڭ بولسا «ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدى؟» ئىكەن).

   بىز ئاپتوبۇستا ماڭغاندا، بازار ئايلانغاندا، مەسچىتلەرگە كىرگەندە، ئىشقىلىپ نەگىلا بارساق، بىزگە يول باشلاپ بېرىۋاتقان دوستىمىز بىر تۈرككە «بىز ئۇيغۇر بولىمىز» دېسىلا، ئۇ تۈركنىڭ چىرايىدا دەرھال تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، بىزگە «تۈركىيەگە خۇش كەلدىڭىز» دەپلا، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ كەتتى. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، 13-ئەسىرلەردە، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردە ناھايىتى كۈچلۈك ۋاقتىدا، تۈركلەر بىر مەزگىل «تۈرك مەدىنىيىتى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «تۈرك ئۇيغۇرى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئىكەن. يەنى، ئۇلار «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنى «مەدەنىيەت» دېگەن مەنادا ئىشلەتكەن ئىكەن. قىسقىسى، تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىكەن. ئىنتايىن قەدىرلەيدىكەن. ئەمدىكى گەپ، بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟ ئەگەر بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۆز-ئۆزىمىزنى قەدىرلەشنىڭ ئورنىغا ئۆز-ئۆزىمىزنى كەمسىتىدىغان بىر ئورۇنغا چۈشۈپ قالساق، ئۇ بىز ئۈچۈن بىر ناھايىتى چوڭ نومۇس.

   توغرا، «كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە». ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆرەلمىگەن مىللەت مەڭگۈ راۋاج تاپالمايدۇ. لېكىن، بۇ ئىشتا ئۇسۇلغا، پەيتىگە ۋە سورۇنغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بىزنى باشقىلارمۇ ئەيىبلىسە، ئۆزىمىزمۇ ئەيىبلىسەك، ئۆزىمىزدە بار يوشۇرۇن كۈچكە، ئارتۇقچىلىققا ۋە ئۈستۈنلىككە توغرا باھا بېرەلمىسەك، ئۇ ھالدا كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز. ئۇلاردا «قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە قانچىلىك ماڭساقمۇ، ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نۇر يوقكەن» دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ قويىمىز. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى پايدىسىز يۆنىلىشتە پروگراممىلاپ قويىمىز.
ئەجدادلىرىمىز بىزگە نېمىلەرنى قالدۇردى؟ بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى ئەۋلادلىرىمىزغا نېمىلەرنى قالدۇرىمىز؟ بىز بۇ سوئاللار ئۈستىدە داۋاملىق ئويلىشىشىمىز كېرەك. بىز كېيىنكى ئەۋلادلارغا شۇنى چوقۇم بىلدۈرۈشىمىز كېرەككى، گەرچە سىز ھازىر نۇرغۇن پايدىسىز ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، سىز يەنىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز؛ سىز چىقالايدىغان پەللىنىڭ ئىگىزلىكىنى پەقەتلا سىز، كۆزلەشكە پېتىنالايدىغان غايىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن سىزنىڭ ئاشۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تۆلىيەلەيدىغان بەدىلىڭىزلا بەلگىلەيدۇ.

   ئەگەر سىز قاتتىق تىرىشسىڭىز، ئۆز بۇرچىڭىزغا ئۆزىڭىزنى تولۇق ئادا قىلسىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزگە ھەقىقىي تۈردە كۆيۈنسىڭىز، توختىماي ئىلگىرىلەشكە بەل باغلىسىڭىز، بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتەلەيسىز.

   ئىقتىساد ئىلمىدە «ئېھتىياج ۋە بۇزغۇنچىلىق» دېگەن بىر ئۇقۇم بار بولۇپ، ئۇ «ئېھتىياج تەلتۆكۈس بۇزغۇنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. مەن بۇنىڭغا بىر مىسال كۆرسىتەي. ئالتە ئايدەك ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىدىغان بېنزىننىڭ باھاسى ناھايىتى ئۆرلەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشى ئۆزلىرىنىڭ ماينى ناھايىتى جىق مىقتاردا تەلەپ قىلىدىغان ماشىنىلىرىنى يوقاتتى. ئۇنداق ماشىنىسى يوقلار بولسا ئۇنداق ماشىنىلارنى ئېلىشنى ئاساسەن توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى سپورت ماشىنىلىرىنىڭ بازىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن ياشلار قانچە ياخشى ئوقۇسىمۇ، قانچە تىرىشسىمۇ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدار ۋە تالانتىنى نامايەن قىلسىمۇ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت يوق، ئۇلار ئۈچۈن بىر جان بېقىش يولى يوق بولۇشتەك بىر ناچار تەقتىرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياشلارنىڭ بەزىلىرى بۇنداق تەقدىرنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىدىن كۆرۈۋاتىدۇ. مەن ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغاندا، كاللامغا ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلار كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئۇ ھايۋانلارنى ناھايىتى ئاچ قويۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ئازراق-ئازراقتىن يېمەك بېرىپ، ئۇ ھايۋانلارنى ئۆزىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلارنى ئويۇن كۆرسەتكۈزگەندىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئادەملەرگىمۇ ئىشلىشى مۇمكىن. مەن بەزى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ئېھتىياج ۋە بۇزغۇنچىلىق» يۈز بەرىپ قالماسلىقىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ھەر بىر ياشنىڭ بۇ ئۇقۇمنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

   مەن يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە، «باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ» دېگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەيلى جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، بىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان قىيىن تېررىتورىيىلەرگە بوسۇپ كىرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەقىل-پاراسىتىنى ۋە ھەقىقىي يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا مىسال بولالايدىغان بىر قىسىم ئادەم ۋە ئىشلارنى مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلەپ ئۆتتۈم.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەن بۇ يەردە دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتۈمەن.

   ئۇ توغرىلىق بىلىۋال.كوم تور بېتى مۇنداق خەۋەر بەردى. نەقىل: «شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھۈجەيرىنى يادرو كۆچۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مايمۇننىڭ تۆرەلمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كلونلاپ چىققان، شۇنداقلا كلونلانغان 20 تۆرەلمىدىن ئىككى تۈركۈم غول ھۈجەيرىنى يېتىشتۈرگەن. بۇ ئىنسانلارنىڭ مايمۇن تۈرىدىكىلەرنىڭ تۆرەلمىسىنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك كلونلاپ چىقىشى بولۇپ، ئىنسانلار تۆرەلمىسىنى كلونلاشقا قاراپ بېسىلغان يەنە بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى 2007-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى «تەبىئەت» (ناتۇرە) زھۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندا تېزلىكتە خەلقئارادا دىققەت قوزغىغان. بۇ زور نەتىجە ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك زھۇرنىلى باھالاپ چىققان 2007-يىلىدىكى 10 چوڭ ئىلمىي بايقاشنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزىلغان؛ ھەمدە «تەبىئەت» زھۇرنىلى، جۇڭگونىڭ «پەن-تېخنىكا گېزىتى» تەشكىللىگەن باھالاشتا 2007-يىلىدىكى خەلقئارا 10 چوڭ پەن-تېخنىكا خەۋىرىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.»

   دېمەك، ئۇيغۇرلار باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى چوقۇم قىلالايدۇ.
باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنىمۇ چوقۇم قىلالايدۇ. مەن ھازىردىن باشلاپ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ، «ئۇيغۇرلار ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ» دېگەن سۆزنى كۆڭلىگە مەھكەم پۈكۈپ ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


   بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.
مەنبە؛http://meripet.blogbus.com/logs/31013448.html
[ بۇ يازما Xjphoto تەرپىدىن2008-11-25 12:35 PMدە قاي ]
تېما تەستىقلىغۇچى : totem
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-05, 09:06
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(Dostingiz) ئۆزىگە خاس م ..
  • MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-05 05:02 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    arkuighur
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 3010
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 316
    شۆھرەت: 292 نۇمۇر
    پۇل: 943 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1191(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ھە دىسىلا  ئۆز مىللىتىدىن ئاغرىندىغانلار بۇنى ئوبدان ئۇقۇڭلار~~~جىم ياتقان كالىنى تىزىكى يوغان بولىدۇ دەپتىكەن كونىلار، نەدە توردا ھىچ ئىش قىلمايدىغانلار ئىچى پۇشسىلا بىز دىگەن ئۇنداق مىللەت بىز دىگەن مۇنداق مىللەت دەپلا قايناپ چۈشىدىغانلار قىززىق چاينى دەملەپ قويۇپ ئالدىرماي ئۇقۇڭلار.....ئەقىل ئىگىسىى يەنىلا ئەقىل ئىگسى بويىچە ئىش قىلدۇ.ھە دىسىلا قاينىماي تىرشساق بىر گەپ بۇلىدۇ~قېنى ئۇتۇققا ئېرشكەن قايسى ئالىممز ئۇيغۇرلىقدىن تېنىپتۇ؟ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىغا پەخرىلىندۇ ،ئەمما نەدە قولدىن ئىش كەلمەيدىغان بىكار تەلەتلەر ئۆزىنىڭ غېمىدە قىلماي مىللەتنىڭ ئىشى بىلەن قالىدۇ.................ئاۋۋال ھەممە ئىشنى ئۆزدىن باشلاش كىرەك....
    ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسىنى ھازىر تېخى مەرىپەتتە كۆرۈپ بۇ يەرگىمۇ چاپلاپ قوياي دىگەن ئىدىم ئەمما باشقۇرغۇچى چىقرىپ بوپتۇ.كىم ئەۋەتىشدىن ھەممىمزنىڭ مەقسىتى بىر باشقىلارمۇ كۆرسۈن ئۆزىنىڭ دۆت ئەمەس ئەقىللىق ئىكەنلىكنى بىلدۇرۇش!گەپ ئۆزىڭزدە ................بۇ تېما جەۋھەرلەنسە تولىمۇ ياخشى بۇلار ئىدى~
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 05:20 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    arkuighur
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 3010
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 316
    شۆھرەت: 292 نۇمۇر
    پۇل: 943 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1191(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    يەنە بىر سۆز راسلا تۈركلەر ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنى ھۆرمەتلىشى بەك چوڭ ئىكەن ، بۈگۈن مەن مەركىزى شەھەرگە بىر ئىش بىلەن كىلىپ قايتاشىدا مەسچىتكە كىرىپ چىقاي دەپ تاپالماي يېقىن ئەتراپقا قارىسام سۇلتان تۈرك كاۋابلىرى دەپ بىر ئاشخانا بار ئىكەن كىرسەم ئادەم شۇنداق جىق ئەسلى بۇلاردىن مەسچىتنىڭ ئورنىنى سوراپ چىقاي دەپ ئويلىغان ئىدىم.ئۇزۇن بوپتىكەن كاۋاپ يىمگىلى بۇيرۇتۇپ ئولتۇرۇپ تۇرسام ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ئۆزبىكمۇ سەن دەپ سورىدى
    -- ياق ئۇيغۇر بولىمەن.
    -- ئۇيغۇرمۇ سەن؟ ئاللا ئاللا بالدۇر دىسەڭ بولماسمىدى،سىنى ساقلىتىپتۇق. تويغىچە يە مىھمان قىلغىنىم بولۇپ قالسۇن. دەپ شۇنداق قىلىپ كەتتى ئاندىن ئۇنمىغانغا ئۇنماي پۇلنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قۇيۇپ چىقسام ئارقامدىن چىقپتۇ ،پۇلۇڭنى ئال دەپ ھە بوپتۇ رەھمەت ئەمسە،دەپ دەپ بەرگەن مەسچىتكە بېرىپ كەلدىم  مەسچىتتىمۇ تۈركلەر،پاكىستانلىقلار،ئۆزبىكلەر خېلى بار ئىكەن،ئۇلار بىلەن ئەھۋالىشىپ،باياتىن كىرگەن ئاشخانا خوجايىنىنڭ دىگنى بويىچە بۇ يەردە ساقلاپ ئولتۇرۇپتىمەن ئاڭلىسام بۇ يەردىمۇ ئۇيغۇرلار بار  ئىكەن بۇنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇش بولدۇم.ھازىر شۇ تۈركنى ساقلىغاچ مانا قەھۋەخانىدا تورغا چىقپ تۇرۇپتىمەن~~
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 05:32 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    uygur007
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17586
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 620
    شۆھرەت: 592 نۇمۇر
    پۇل: 2175 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    بىزنىڭ ئۇيغۇرلار  دۆت ئەمەس  پەقەتلا  شۇ  قابىلىيتىنى ئىشقا  سالىدىغان  بىر  مەيدانغا  مۇھتاج .بىز چەتئەلدە ئۇقۇغان   ئۇقۇغان ۋاقتىمىزدىمۇ   9 مىڭ ئۇقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە (بۇلارنىڭ  كۆپراقى يەرلىكلەر)   بىزنىڭ ئۇيغۇرلار مەكتەپ ئىچىدە  بىرىنچى  ياكى ئىككىنچىلىكنى ئالاتتۇق .ئىمتىھان  بىرىدىغان  تىل   بىزنىڭ  تىلىمىز  ئەمەس بولمىسا  
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 05:33 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    nefise1
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29119
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 324(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

         ئەتىگەنلا تېخى شەبنەم مۇنبىرىدا كورگەن ئىدىم،ئۆزۈمنى باشقىچىلا بىر خىل روھلۇق ھىس قىلىۋاتىمەن.«ئۇيغۇرلار ھەممە ئىشنى قىلالايدۇ».

       «مەن ئەقىللىق ،دۆت ئەمەس».
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 05:37 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    oguzogly
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29308
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 207
    شۆھرەت: 207 نۇمۇر
    پۇل: 770 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1603(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    شۇنداق ئەھىميەتلىك تىمىدىن يەنە بىرنى يوللاپسىز...........رەخمەت..ئورۇن ئىلۋىلىپ كىينچە پىكىرمنى يازاي..
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 06:01 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    ayjahan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29134
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 523
    شۆھرەت: 694 نۇمۇر
    پۇل: 1068 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 286(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    بىزئۇيغۇرلارنىڭ  ئەسلى تەبىئىتىمىز ئىنتايىن ئەقىللىق،تىلىمىزمۇ خۇددى خام قايماقتەك،قانداق تىلنى ئۆگۈنەي دىسەك، شۇنداق ئۇڭاي ئۆگىنىمىز.بۇ جەھەتتە بىز موڭغۇللاردىن قالساقلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىمىز.ئەمما بىز نۇرغۇن جەھەتلەردە يەنىلا زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرىمىز........
       «مەن ھازىردىن باشلاپ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ  < ئۇيغۇرلار ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ  > دېگەن سۆزنى كۆڭلىگە مەھكەم پۈكۈپ ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» !
    [ بۇ يازما ayjahan تەرپىدىن2008-11-06 15:58دە قايتا ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 06:20 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    yawagul0997
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 272
    شۆھرەت: 292 نۇمۇر
    پۇل: 1054 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 690(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    توغرا، بىز  دۆت  ئەمەس، تەنقىدلەشمۇ  مۇۋاپىق  بولغىنى  ياخشى، ئادەمنىڭ  روھى  ئىلھام، مەدەت  بىلەن  كۆتۈرۈلىدۇ، ياخشى  سۆزدىن  كۆڭۈل  ئۆسىدۇ،  ئىشەنچ  ئاشىدۇ، ئۇيغۇرنى  تىللىغىنىمىز  ئۆزىمىزنى  تىللىغىنىمىز،  ئۆز-ئۆزىمىزنى  ھاقارەت  قىلمايلى، بۇ  تېمىنى  بەك  ياقتۇرۇپ  قالدىم، تېما  ئىگىسىگە  رەھمەت!
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 06:22 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    Serwi
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2541
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 38
    شۆھرەت: 58 نۇمۇر
    پۇل: 323 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 513(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

       بۇ يوللانمىنى كۆرۇپ خۇددى ئاپىسى تاتلىق تۇرۇم بەرگەن كىچىك بالىدەك خۇشھال بولۇپ قالدىم ...   
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 06:33 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    555rikabatqi
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30086
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 462
    شۆھرەت: 462 نۇمۇر
    پۇل: 654 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 678 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 706(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    بۇمۇ بولغىنى  بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دوت دىگۈچىلەرگە ماتېمىنى ساقلىۋېلىپ يوللاپ بەرسەك بولغىدەك
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 07:11 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    jundulla1
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31953
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 55
    شۆھرەت: 55 نۇمۇر
    پۇل: 265 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 152(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

     

    ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن.  رەخمەت سىزگە.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 07:15 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    سۇبارە
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30795
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 63
    شۆھرەت: 68 نۇمۇر
    پۇل: 289 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

     

    بۇ تېما شۇنچىلىك ياخشى يوللىنىپتۇ.رەھمەت ئەركىن سىدىق ئاكا.سىزنى ھەقېقى مىللەتكە كۇڭۇل بۇلدىكەن دېسە بۇلىدۇ. چۇقۇم مەنمۇ ئۈز دائىرەمدە ئۈزۈمنىڭ دۆت ئەمەس ،ئەقىللىق ئىكەنلىكىمنى ھەر دئىم ئىپادىلەشكە تىرشىمەن.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 07:59 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    aynuri888
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29269
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 286
    شۆھرەت: 386 نۇمۇر
    پۇل: 455 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1226(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    قابىلەيەتنى نامايەندە قىلىدىغان سورۇن يوقققققققققققققق.لىكىن يەنە تىرىشايلى.بوشاشمايلى.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 08:01 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    meh-man
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 22302
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 104
    شۆھرەت: 104 نۇمۇر
    پۇل: 457 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    ئەركىن سىدىق ئەپەندىدەك بۇنداق ئالىم ،دۇكتۇرلرمىزنىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن بۇلسۇن .....

    ھېچكىمنىڭ يازمىلىرىنى تۇلۇق ئۇقۇمىسامۇ ،مۇشۇ بىلىكىىكى ئۇستازلارنىڭ يازمىلىرنى يىغلاپ تۇرۇپ كۈرىمەندە ....
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 08:28 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    sap_dil
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29920
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-05

     

    ناھايىتى ياخشى تېمىكەن،مەن ئاۋال ساقلىۋالاي .
    رەھمەت تېما ئىگىسىگە.
    [ بۇ يازما sap_dil تەرپىدىن2008-11-05 21:22دە قايتا ]
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 09:17 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.061413(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 10:54
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号