چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 1567 قېتىم كۆرۈلدى
dubay
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28983
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 144
شۆھرەت: 198 نۇمۇر
پۇل: 939 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 470(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم_مەرىپەت

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 kuduratulla 设置为精华(2008-11-01)
                                                      بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم


ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم-مەرىپەت



(مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجى

مەزكۇر ئەسەر جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىنىڭ جەۋھەر ئەسەرلىرى توپلانغان ھىدايەت گۈلزارى نامىدا نەشىر قىلىنغان 1- كىتابتىن ئېلىنغان)

ئىسلام دىنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، كىشىلەرنى ئىلىم ئۆگىنىشكە ئۈندەيدۇ.«قۇرئان كەرىم»ئايەتلىرىدە ئىلىم سۆزى 721 جايدا تىلغا ئېلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى نازىل بولغان ئايەت ئوقۇغىن دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىدۇ، بۇ دەسلەپكى ۋەھيىدە ئوقۇغىن دېگەن سۆز ئۈچ يەردە قايتا- قايتا تەكرارلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا يەنە ئاللاھنىڭ ئىنسانغا خەت يېزىشنى ئۆگەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى ۋەھيىدىكى ئوقۇشقا دەۋەت قىلىنىش ئىلىم-مەرىپەتنى قەدىرلەشنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىسى ھېسابلىنىدۇ. قۇرئاندىكى سۈرە«قەلەم»(68-سۈرە)نىڭ بېشىدىلا ئاللاھ تائالا قەلەم ۋە ئۇنىڭدا يازغان نەرسە بىلەن قەسەم قىلىدۇ. بۇ يەردىكى قەسەم بولسا، ئوقۇش ۋە يېزىشنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ھەم كىشىلەرنى ئۆگىنىشكە تەرغىب قىلىش ئۈچۈندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە ئاللاھ تۇنجى ياراتقان نەرسىنىڭ قەلەم ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
يۇقىرىقىلاردىن ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم بىلەن بىرلىكتە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم ۋە قەلەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى زىچ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر ھەدىسىدە ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەربىر ئەر-ئايال مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزدېيىلگەن. مانا بۇ ھەدىستە ئىلىمنىڭ مۆمىنلەرنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسىي نەرسە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلىم يىراق جۇڭگودا بولسىمۇ بېرىپ تەھسىل قىلىڭلار دېگەن ھەدىسىدە ئىلىمنىڭ قايسى جاي، قايسى ماكاندا بولۇشىدىن ۋە ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدا دۇچ كېلىدىغان جاپا-مۇشەققەتلەرنىڭ قانچىلىك زور بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلىم ئۆگىنىش تەرغىب قىلىنغان. بۇ ھەدىس يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلىم ئېلىش توغرىسىدىكى دەۋىتىنىڭ كەڭ مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، دىنىي ۋە دۇنياۋى بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش روھىغا باي بىر ھەدىسىدە كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىغا ماڭسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ“دېيىلگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە كېلىدىغان بولساق، ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۆگىنىش پەرز بولغان ئىلىمنى پەرز ئەين، پەرز كۇپايەدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلگەن، پەرز ئەيننى ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزى ئورۇنلاشقا تېگىشلىك بولغان پەرز، پەرز كۇپايەنى بولسا بىر قىسىم كىشىلەر ئورۇنلىسا قالغانلارنىڭ گەدىنىدىن ساقىت بولىدىغان پەرز دەپ چۈشەندۈرگەن. بەزى ئالىملار ئىسلام ئەقىدىسىگە ئائىت مەلۇماتلارنى، دىنىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ساۋاتلارنى، تىرىكچىلىككە زۆرۈر بولغان بىلىم-ھۈنەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەتتا ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇشنىمۇ پەرز ئەين دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. بىر باشقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن مەخسۇس، سىستېمىلىق ئوقۇلىدىغان ئىلىملەر ۋە ئىختىساس ئىگىسى بولۇش ئۈچۈن ئۆگىنىلىدىغان ھەرقايسى پەن تۈرلىرىنى پەرز كۇپايە دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.
پەرز ئەيننى ئورۇنلىغان ئەۋزەلمۇ ياكى پەرز كۇپايەنى ئورۇنلىغان ئەۋزەلمۇ دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالارنىڭ كۆزقارىشى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. لېكىن «تەنبىھۇل غافىلىن» دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى:”پەرز كۇپايەنى ئورۇنلىغۇچى پەرز ئەيننى ئورۇنلىغۇچىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. چۈنكى، پەرز ئەيننى ئورۇنلىغان كىشى گەدىنىدىكى ۋەزىپىنى ئورۇنلىغان بولىدۇ، پەرز كۇپايە تەرك قىلىنسا ھەممە كىشى گۇناھكار بولىدۇ، ئۇنى ئورۇنلىغان كىشى پۈتۈن جامائەتنى گۇناھتىن ساقلىغان بولىدۇدەپ قارايدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، ئىلىم دىنىي بىلىملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىنسانلارغا پايدىلىق بارلىق بىلىملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ:
مېھرىبان ئاللاھ قۇرئاننى تەلىم بەردى، ئىنساننى ياراتتى، ئۇنىڭغا سۆزلەشنى ئۆگەتتى؟
                      -سۈرە«رەھمان»(55-سۈرە)، 14-ئايەتلەر
ئاللاھ تائالا بۇ يەردە سۆزلەشنى ئۆگەتتى دېگەن سۆزىنى ئىنساننى يارىتىشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشىنىڭ ئاخىرىغىلا قويغان. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى سۆزلەشكە قابىل قىلغانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان مەرھەمىتى قاتارىدا بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
ئاللاھ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى.
                              -سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 31-ئايەت
بۇ ئايەتتىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتلەردىن ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرگەن نەرسىلەرنى پەرىشتىلەرنىڭ بىلمىگەنلىكى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرىشتىلەر بىلمىگەننى بىلگەنلىكى بىلەن ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى چىقىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام تەرغىباتى ئېلىپ بارغان چاغدا قۇرەيش قەبىلىسى ئىچىدە ئاران17 ئادەملا ساۋاتلىق ئىدى، مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاقارتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلدى. مەسىلەن: بەدرى سوقۇشىدا قۇرەيشلىكلەردىن ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئىچىدە بىر تۈركۈم ساۋاتلىق كىشىلەر بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى مۇسۇلمان بالىلىرىدىن ئون بالىنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش بەدىلىگە قويۇپ بېرىشنى شەرت قىلغان، شۇنىڭدەك «قۇرئان كەرىم»گە كاتىپلىق قىلغۇچىلاردىن مەشھۇر ساھابە زەيد ئىبنى سابىتنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىپ: يەھۇدىيلارنىڭ يېزىقىنى ئۆگەنگىن دېگەن.
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن بىرەر قەۋمگە خەت يازدۇرماقچى بولسام ئۇلارنىڭ كەم ياكى زىيادە يېزىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن، سەن سۈريانچە خەتنى ئۆگەنگىن دېگەنىدى. بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى ئۆگىنىش ئىشلىرىغا ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، شۇنداقلا جاھىلىيەت دەۋرى دەپ ئاتالغان ئەرەب جەمئىيىتىدە ئىسلام دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەنلا ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ قانات يايغانلىقىنى بايقايمىز.
ئىسلام دىنىدا ئالىملارنىڭ قەدر-قىممىتى يۇقىرى سانالغان، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئورنىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارالغان. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلگەن:
ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى.
                        -سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 18-ئايەت
بۇ ئايەتتە ئالىملار ئاللاھدىن كېيىن پەرىشتىلەردىن قالسىلا3-ئورۇنغا قويۇلغان. يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ.
                              -سۈرە«زۇمەر»(39-سۈرە)، 9-ئايەت
بۇ ئايەتتە ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ نادانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەۋزەللىكى، نام-شەرىپىنىڭ يۇقىرىلىقى بايان قىلىنغان.
«قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالا ئالىملارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئۇلارغا يۇقىرى مەرتىۋىلەرنى بېرىشنى ۋەدە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىمگە بېرىلگەنلەرنى بىرقانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
                      -سۈرە«مۇجادەلە»(58-سۈرە)، 11-ئايەت
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە: يەر يۈزىدىكى ئالىملار خۇددى يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ جاھاننى يورۇتۇشى بىلەن قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىزدا يول تېپىپ ماڭغىلى بولىدۇ، يۇلتۇزلار بولمىسا يول باشلىغۇچىلار ئېزىپ قېلىشقا تاسلا قالىدۇ“دېيىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە:بىرەر ئالىمنىڭ تۈگەپ كەتكىنىدىن بىرەر قەبىلىنىڭ تۈگەپ كەتكىنى تۈزۈك دەپ كەلگەن. بۇنىڭدىن كىشىلەرگە ئىلىم-تەلىم بېرىشنىڭ نەقەدەر زور ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ:ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ئىشىدىن مەمنۇن بولۇش يۈزىسىدىن پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا رەھمەت قاناتلىرىنى ياپىدۇ، ئالىم ئۈچۈن ئاسمان-زېمىندىكىلەر ھەتتا سۇ ئاستىدىكى بېلىقلارمۇ مەغپىرەت تىلەيدۇ، ئالىمنىڭ ئابىدتىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقى خۇددى 14كۈنلۈك تولۇن ئاينىڭ بارلىق يۇلتۇزلاردىن ئۈستۈن، يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ، ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەر تىللا-تەڭگە مىراس قالدۇرغىنى يوق، ئۇلار پەقەت ئىلىم قالدۇرغان. ئىلىم ئالغان ئادەم چوڭ نېسىۋە ئالغان بولىدۇ. بۇ ھەدىستە ئالىملارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىلمىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئالىملارنىڭ مۇھىم رولىغا بېرىلگەن ئەڭ يۈكسەك باھادۇر. ئالىملارغا بېرىلگەن بۇ يۈكسەك باھا ئاللاھ تائالانىڭ:”بىز ئىنسانلارغا(قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن)بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملار چۈشىنەلەيدۇدېگەن سۆزىدە تېخىمۇ يارقىن رەۋىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
                  -سۈرە«ئەنكەبۇت»(29-سۈرە)، 43-ئايەت
يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئالىملارنىڭ ئابىد(ئىبادەت قىلغۇچى)لاردىن ئۈستۈن قويۇلۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئالىم ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئۆزىنىڭ ئىلمى ئارقىلىق ئىنسانلارغا پايدا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.
«قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھنىڭ ئىلاھىي قۇدرىتىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭدىن ھېيىقىش ھالىتىدە تۇرىدىغان ئالىملار ئۈستىدە توختالغان بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى)تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار. شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
                    -سۈرە«فاتىر»(35-سۈرە)، 27-28-ئايەتلەر
مانا بۇ ئايەتلەردە تەجرىبە ئالىملىرى ئالاھىدە مەدھىيىلەنگەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىنى چۈشىنىدىغان بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھدىن ئەيمىنىش بىلەن تەرىپلەنگەن.
ئىلىم ئىگىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلار ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، كەمتەر بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شۇنچە كاتتا ئىلىم ئاتا قىلغان تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى سۈپىتىدە:”ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن! دېگىن دەپ تەلىم بېرىدۇ.
                            -سۈرە«تاھا»(20-سۈرە)، 114-ئايەت
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەمرى ئىلاھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش يۈزىسىدىن:ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئىلمىمنى زىيادە قىلمىغان كۈنۈمگە ئاللاھ بەرىكەت بەرمەيدۇدېگەن. مانا بۇ، بىر كۈننىمۇ ئىلىم ئۆگەنمەي ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ دېگەنلىك. ئىلىم ئۆگىنىشتە پايدىلىق ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قىلغان دۇئالىرىدا ئاللاھدىن پايدىلىق ئىلىملەرنى تىلەيتتى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى كۆكرىكىگە بېسىپ تۇرۇپ:‹ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا ئىلىم-ھېكمەتنى بىلدۈرگىن›دەپ دۇئا قىلغان دەيدۇ.
ئىلىم ئۆگىنىشتە مەغرۇرلانماسلىق، قانائەتلەنمەسلىك كېرەك، ئۆگىنىۋالغان يېرىم-يارتا بىلىم بىلەن ھەممىنى بىلىمەن دېيىشنىڭ ئۆزى ئەخمەقلىق . ئىلىمنىڭ دائىرىسى كەڭ، ئۇنىڭ چېكى يوق. «قۇرئان كەرىم»دە:سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن دېيىلگەن.
                  -سۈرە«بەنى ئىسرائىل»(17-سۈرە)، 85-ئايەت
بۇ ئايەتتە ئىنسان مەرىپەت دائىرىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇمكىنقەدەر تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنسان بىلىمى قانچە كېڭەيگەنسېرى ئۆزىنىڭ بىلىدىغىنىنىڭ شۇنچە ئازلىقىنى ھېس قىلىدۇ، كۆز ئوڭىدا تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەشنىڭ كەڭ زېمىنى ئېچىلغانلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.
ئىنسان بىلىم ئېلىپ مەرىپەت ھاسىل قىلىشتا ئالدى بىلەن ئەقىل-ئىدراكقا تايىنىدۇ، ئەقىل- ئىدراكسىز ھېچ نەرسە ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. ئەقىل سۆزى «قۇرئان كەرىم»دە ھەر خىل تۈرلىنىشلەردە كېلىپ، 49جايدا تىلغا ئېلىنغان، يەنە كېلىپ بۇ ئەقىل سۆزى ئىسىم تۈرىدە ئەمەس، بەلكى ھەممىسى پېئىل تۈرىدە كەلگەن. بۇ ئارقىلىق ئەقىلنىڭ جۇشقۇن رەۋىشتە ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان پائالىيەتچانلىقى بېشارەت قىلىنغان. ئەقىلنى چۈشەپ تۇرغان تۈرلۈك ئامىللاردىن ئۇنى ئازاد قىلىپ، مۇستەقىل پىكىر قىلىپ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىگە يېتىش ئارقىلىق ھەقىقەتنى تېپىپ چىقىش ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ-نېگىزلىك قائىدىلىرىدىندۇر. ئىسلام دىنى ئەقىلگە زور ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، ئەقىل-ئىدراك ياكى ئىلىمنىڭ ھەرقانداق ھەقىقەتنى دەلىلسىز قوبۇل قىلماسلىقتەك ئۇسۇلىنى ياقلايدۇ، پاكىتنىڭ ئورنىغا گۇمان ياكى پەرەزنى دەسسىتىشنى ئەيىبلەيدۇ:
ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ.
                          -سۈرە«ئەنئام»(6-سۈرە)، 117-ئايەت
ئۇلارنىڭ تولىسى(بۇتلارغا ئېتىقاد قىلىشتا)پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ.
                        -سۈرە«يۇنۇس»(10-سۈرە)، 36-ئايەت
ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشتە ئەتراپلىق كۆزىتىشتىن ئىبارەت ئەقلىي يول تۇتۇلىدۇ، ئىلمىي كۆزىتىش سەزگۈ ئەزالار بولۇپمۇ كۆز، قۇلاق ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، سەزگۈ ئەزالارنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە چېنىقتۇرۇلۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ. ئىنسانلار كەشىپ قىلغان مىكروسكوپقا ئوخشاش ئىنچىكە كۆزىتىش ئەسۋابلىرى سەزگۈ ئەزالارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ زورايتماقتا. ئۇنىڭدا ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان مىكروبلار ، قان دانچىلىرى ۋە جانلىق ئورگانىزملار بايقىلىپ ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈلمەكتە. ساغلام، ئىنچىكە كۆزىتىش يولغا قويۇلمىغان بولسا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ سىرلىرى ئېچىلىپ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى. بىزنى كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشقا، قۇلاق، كۆز ۋە ئەقلىمىزنى ئىشقا سېلىپ كۆرۈشكە ئۈندەيدىغان نۇرغۇن«قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى كۆز ئوڭۇمىزدا تۇرۇپتۇ:
ئېيتقىنكى، زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتنى قانداق قىلىپ يوقتىن بار قىلغانلىقىغا قاراڭلار.
                    -سۈرە«ئەنكەبۇت»(29-سۈرە)، 20-ئايەت
ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا(ئىبرەت كۆزى بىلەن)قارىمامدۇ؟
                        -سۈرە«مۇلك»(67-سۈرە)، 19-ئايەت
ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى، ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى، تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى؟
                  -سۈرە«غاشىيە»(88-سۈرە)، 17-19-ئايەتلەر
يۇقىرىقى ئايەتلەردە كۆز بىلەن ئەقىلنى ئىشلىتىش دەۋەت قىلىنغان.
ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار(يەنى سەير قىلىپ)چۈشىنىدىغان دىللارغا، ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟
                      -سۈرە«ھەج»(22-سۈرە)، 46-ئايەت
يۇقىرىقى ئايەتتە قۇلاق بىلەن ئەقىلنى ئىشلىتىش ئۈندەلگەن.
ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، ئاللاھ سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى.
                          -سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 78-ئايەت
يۇقىرىقى ئايەتتە قۇلاق، كۆز ۋە ئەقىلنى ئىشلىتىش تەرغىب قىلىنىدۇ. دەرۋەقە، ئىنسانىيەت ئىلىملىرىنىڭ مەنبەسى ئەقىل ۋە توغرا كۆزىتىشتۇر. ئەقىل پەقەت تەجرىبە ۋە كۆزىتىش ئارقىلىقلا ئۆسىدۇ ھەم كۈچىيىدۇ. ئەگەر بىر بوۋاق تاشقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلىپ يالغۇز بېقىلسا، گەرچە ئۇنىڭغا ۋاقتى- ۋاقتىدا يېمەك-ئىچمەك بېرىلسىمۇ، ئۇ جىسمانىي جەھەتتىن چوڭ كىشىلەر قاتارىدا ئۆسۈپ يېتىلسىمۇ ئۇنىڭ ئەقلى بوۋاقلىق مەزگىلىدىكىدىن پەرقلەنمەيدۇ. پېداگوگىكا ئالىملىرى بۇ نۇقتىغا شۇنداق قارايدۇ. يۇقىرىقى ئايەتتە مۇشۇ نۇقتىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن ھاسىل قىلىدىغان مەلۇماتلىرى پەقەت كۆز، قۇلاق ۋە باشقا سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دىكى سۈرە«بەنى ئىسرائىل»(17-سۈرە) نىڭ، 36-ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە(يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى)قۇلاق، كۆز، دىل(يەنى سەزگۈ ئەزالىرى)نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ.
يۇقىرىقى ئايەتتە سەزگۈ ئەزالىرىنى توغرا يوسۇندا ئىشلىتىش ھەم ئۇنى گۇمان، پەرەزلەردىن يىراق تۇتۇش، ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش تەكىتلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە ئىلمىي كۆزىتىشنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل نېگىزلىك ئۇسۇلى مەركەزلەشكەن دېسەكمۇ بولىدۇ: بىرىنچى، ئىنسان شەكسىز ئېنىق بولغان ھەقىقەتكە ئەگىشىش؛ ئىككىنچى، ھەقىقەتكە ئېرىشىشنىڭ ئۇسۇلى توغرا كۆزىتىش ۋە توغرا تەپەككۇر قىلىشتىن ئىبارەت بولۇش؛ ئۈچىنچى، ئىنسان توغرا كۆزىتىش ۋە توغرا تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەقىقەتتە مەھكەم تۇرۇش.
ئىسلام دىنى ئەقىل-ئىدراكقا شۇنچە تەنتەنە قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ قەدر-قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كائىنات ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشىنى ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت ھېسابلايدۇ:
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
            -سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 190-191-ئايەتلەر
زامانىۋى پەندىن خەۋەردار مۇپەسسىرلار، «قۇرئان كەرىم»دىكى تەبىئەت ھادىسىلىرى بايان قىلىنغان ئايەتلەرنى ۋە ئىلىم-پەنگە دائىر مەزمۇنلارنى پەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىقلا يورۇتۇپ بەرگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. «قۇرئان كەرىم»دىكى نۇرغۇن ئايەتلەر ئىنسانلارنىڭ دىققەت-نەزىرىنى كائىنات ئىلىملىرىغا قارىتىدۇ، تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن دەرىخىنىڭ تۈرلۈك شاخچىلىرىغا، ئىلمىي نەزەرىيىلەر ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتىدۇ ھەم كىشىلەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلەيدۇ.
ئاسمانلاردا، زېمىندا نېمىلەرنىڭ بارلىقىغا قاراڭلار، دېگىن.
ئۇلارغا بىز تاكى قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە(ئاسمان-زېمىن)ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى(قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان)ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز.
                      -سۈرە«فۇسسىلەت»(41-سۈرە)، 53-ئايەت
زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى)كۆرمەمسىلەر؟
                  سۈرە«زارىيات»(51-سۈرە)، 20-21-ئايەتلەر
ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ.
                          -سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 191-ئايەت
بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق.
                      -سۈرە«ھىجر»(89-سۈرە)، 22-ئايەت
ئاندىن ئۇ ئاسماننى(يارىتىشقا)يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى.
                      -سۈرە«فۇسسىلەت»(41-سۈرە)، 11-ئايەت
كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر-بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن.
                          -سۈرە«نۇر»(24-سۈرە)، 43-ئايەت
تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆرگىلەپ تۇرىدۇ، (بۇ)ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ ھۈنىرىدۇر.
                              -سۈرە«نەمل»(27-سۈرە)، 88-ئايەت
ئۇلارغا(ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان)بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز-دە(يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز-دە)، ئۇلار ناگاھان قاراڭغۇدا قالىدۇ. كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇلار(ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا)خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى(يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى(يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەربىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ
                    -سۈرە«ياسىن»(36-سۈرە)، 37-40-ئايەتلەر
«قۇرئان كەرىم»دە ئەقىل-ئىدراك، تەپەككۇر تەكىتلەنگىنىگە ئوخشاش، تەسخىر(تىزگىنلەش)يەنى پەن بىلىملىرى ئارقىلىق تەبىئەتتىن پايدىلىنىش ھەم ئۇنى تىزگىنلەشمۇ ئىشارەت قىلىنغان.

تۆمۈرنى داۋۇتقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق. (بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق) مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا(ھالقىلىرىنى بىر-بىرىگە) تەكشى قىلغىن.
                  -سۈرە«سەبەئ»(34-سۈرە)، 10-11-ئايەتلەر
بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى ھەمدە ئۇنىڭغا(كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان) قۇرغۇچى ۋە(دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە-مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان) غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق.
                  -سۈرە«ساد»(38-سۈرە)، 36-37-ئايەتلەر
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇندىن مېتال ئېرىتىش تېخنىكىسى، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلار ئارقىلىق چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلارنى سېلىش، شامال كۈچىدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى، ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايقاشقا بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەر بۇ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت.
دەسلەپكى دەۋر مۇسۇلمانلىرى يۇقىرىقىدەك ئايەت، ھەدىسلەرنىڭ ئىلھامى ۋە تۈرتكىسى بىلەن يۈكسەك ئىلمىي ئاڭغا ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دادىل ئىزدىنىپ، ئىلىمگە تەشنالىق بىلەن ئىنتىلىش روھى كەڭ قانات يايدۇرۇلغانلىقتىن، ئىسلام دىنى روناق تېپىپ ئۇزاققا قالماي ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كۆپلىگەن ھەدىسشۇناسلار، تەپسىرشۇناسلار، فىقھىشۇناسلار ۋە تىلشۇناسلار بارلىققا كەلگەن. ئۇلار ھەدىس مائارىپىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئۇ چاغلاردا پەننىي بىلىملەر ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى مەدرىسلەرگە مەركەزلەشكەن.


ئىسلام ئالىملىرى دەسلەپكى دەۋرلەردە مەدرىسلەرنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىنى تۈزگەندە، ئالدى بىلەن ئۇنى گېئومېتىرىيە، ئاسترونومىيە ۋە تېبابەتچىلىك قاتارلىق تەبىئىي پەن بىلىملىرىدىن باشلاشنى بېكىتكەن. ئەينى چاغلاردا ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ھېسابلانغان مەدرىسلەرنى پۈتتۈرۈپ چىققانلار ئۆز دەۋرىدە ئېقىۋاتقان زامانىۋى ئىلىملەردىن تولۇق خەۋەردار ئىدى، ھەتتا بىر قىسىم پەنلەردە ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدى. دېمەك داڭدار ئىلىم ئەربابلىرى بولۇپ تونۇلغانلار ئەسلىدە مەدرىسلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تىرىشچان شاگىرتلىرىدىن ئىدى. ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى بىرقەدەر چوڭقۇرراق چۈشىنىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە ئىسلام مۇھىتىدا يېتىلگەن بىر قىسىم ئالىملارنىڭ ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىسلام دىنى 7-ئەسىر ئاخىرىدا تېز تارقىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىسپانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى. باغدات، قاھىرە، دەمەشق، ئىسكەندىرىيە، كوردابا قاتارلىق مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن مەركەزلىرى ۋۇجۇدقا كەلدى.بۇ جايلاردا نۇرغۇن مەدرىسلەر، كۇتۇپخانىلار، رەسەتخانىلار بەرپا قىلىندى. ئەرەب تىلى تەرەققىي قىلىپ ئىلمى ئىدېئولوگىيە، پەلسەپىۋى قاراشلارنى راۋان تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەپلىك قورالىغا ئايلاندى. يۇنان، ئىران قاتارلىق ئەللەرنىڭ تۈرلۈك پەنلەرگە ئائىت قەدىمكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ھىران، نەسېىن، رەھا، ئەنتاكىيە، جونوسابور مەكتەپلىرى بۇ تەرجىمە ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
ئىسلام ئالىملىرى تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئىلمىي جەھەتتىن ئۆزلەشتۈرۈپ شەرھلىدى، تۇتۇق جايلىرىنى روشەنلەشتۈرۈپ يەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ ھەم پائال تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، زور ئۇتۇق قازىنىپ، ياۋروپانىڭ شۇ چاغلاردىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالدى ۋە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. شەرقنىڭ ئىلىم-پېنىنى غەربكە تونۇشتۇردى.
ۋىلىز ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ قىياپىتىنى تەسۋىرلىگەن ئېنسىكلوپېدىيىسىدە:ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆز زامانىسىدا غەربلىكلەردىن بىرەر ئەسىر چامىسىدا ئالغا كەتكەنىدى دېگەن. مۇسۇلمانلار ئەينى چاغلاردا دادىل ئىزدىنىپ ئىلىم-پەننى راۋاجلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ 8-، 9-، 10-، 11-ئەسىرلەردىكى ئالتۇن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن. بولۇپمۇ باغداتنى مەركەز قىلغان ئابباسىيە خاندانلىقىنىڭ مەرىپەتكە مەدەت بەرگەن خەلىپىلىرىدىن مەنسۇر، ھارون رەشىد، مەئمونلارنىڭ زامانىدا پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرى ئالاھىدە راۋاجلانغان. ئوتتۇرا ئەسىردە نۇرغۇن ئالىملار ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشقان؛ ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، پەلسەپە، مېدىتسىنا قاتارلىق پەنلەردە زور ئۇتۇقلار قازانغان:
مەشھۇر پەيلاسوپ، ماتېماتىك ئەبۇ يۈسۈف يەئقۇپ كىندى نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يۇنان تىلىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپلا قالماي، باشقىلارنىڭ قولىدىن چىققان تەرجىمە ئەسەرلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ باشتىن-ئاخىر تۈزىتىپ چىققان. ئۇ يەنە قەدىمكى يۇنان پەلسەپىسى ئاساسىدا ئەرەب-ئىسلام پەلسەپىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئاسترونومىيە، مېتېئورولوگىيە، ئوپتىكا، خىمىيە، مۇزىكا ساھەلىرىدىمۇ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ زور شۆھرەت قازانغان.
ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ باغداتتا ئىلىم تەھسىل قىلىپ ۋايىغا يەتكەن ئەبۇ ناسىر فارابى پەلسەپە، ماتېماتىكا، مۇزىكا قاتارلىق پەنلەردە ئەڭ يېتۈك، داڭلىق ئەرباب بولۇپ «مۇئەللىم سانى»، يەنى«ئىككىنچى ئۇستاز»دېگەن نام بىلەن داڭ چىقارغان. ئۇ تۈرلۈك پەنلەردە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان.
پەلسەپەدە فارابىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغان ئالىم ئىبن سىنا بولدى، ئۇ ئۆز دەۋرىدە مەۋجۇت پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۈزۈپ چىققان بىردىنبىر دانىشمەنىدى. ئۇ خىمىيە، فىزىكا، مېدىتسىنا پەنلىرىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ يورۇقلۇقنى يورۇقلۇق مەنبەسى چىقارغان، ئۇ چەكلىك سۈرئەتتە تارقىلىدىغان زەررىچىلەردىن ئىبارەت دەپ قارىغان؛ ئىسسىقلىق، كۈچ ۋە ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەن. ئۇ يەنە قۇرام تاش، تاغلارنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە مۇھىم نەزەرىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ گېئولوگىيە پېنى ئۈچۈن ئاساس سالغان؛ بولۇپمۇ ئۇنىڭ دۇنيا مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن زور. ئۇنىڭ «ئەلقانۇن» ناملىق كىتابى ئەڭ چوڭ تېببىي ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىنى ئالغان ئۇلۇغ قامۇس بولۇپ،15-ئەسىردىلا لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، 12-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە ياۋروپا تېبابەتچىلىكىدە ھەممە مۇراجىئەت قىلىدىغان مۇھىم مەنبە بولۇپ كەلگەن. ياۋروپالىق ئالىم ۋىليام:«ئەلقانۇن» دېگەن كىتاب ئۇزاق زامانلارغىچە مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ ئىنجىلى بولۇپ كەلدى دېگەنىدى. ئىبن سىنا ئىنساندا بولىدىغان پسىخولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنىڭ ئاشقازاندا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە قان ئايلىنىش نەزەرىيىسىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان، راك كېسىلىنى ھەممىدىن بۇرۇن داۋالىغان.
8-ئەسىردە ياشىغان، ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە پەيلاسوپ رازىمۇ كۆپ ئەسەر يازغان مول ھوسۇللۇق ئالىم ئىدى. ئۇ تېبابەتكە ئائىت 229 پارچە، خىمىيىگە ئائىت 19 پارچە كىتاب يازغان. سىجىستان ھۆكۈمرانى مەنسۇر ئىبن ئىسھاق سامانىغا ئاتاپ ئون جىلدلىق «كىتابى مەنسۇرى» ناملىق كىتابنى يازغان. بۇ كىتاب 15-ئەسىردىلا لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئايرىم جىلدلىرى فرانسۇز، نېمىس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ مېدىتسىنا جەھەتتىكى تەجرىبىنى تۇنجى بولۇپ يولغا قويغان ھەم ئۆز تەجرىبىلىرىنى ھايۋاناتلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان. ئۇ يەنە بالىلار كېسەللىكى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ مەخسۇس ئەسەر يازغان.
جابىر ئىبن ھەييانمۇ خىمىيە ساھەسىدە راسا توشقان تەجرىبە ئالىمى ئىدى، ئارىستوتېل لوگىكا پېنىدە قانداق شۆھرەت قازانغان بولسا، ئۇ خىمىيە ساھەسىدە شۇنداق داڭ چىقارغانىدى، ئۇ خىمىيە تەتقىقاتىغا ئائىت 80 پارچە ئەسەر يازغان، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى دۇنيا تىللىرىغا، جۈملىدىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئىلمىي تەجرىبە ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تېپىپ چىقىش ئۇنىڭ بىردىنبىر تەتقىقات ئۇسۇلى ئىدى. ئالىم لىكلور جابىرغا باھا بېرىپ:ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن ئالىملارنىڭ ئەڭ بۈيۈكلىرىدىن بولۇپ، ئۆز زامانىسىنىڭ يېگانىسى ئىدى“ دېگەن.
بوتانىكا تەتقىقاتىغا بېرىلگەن ئالىملار ئىچىدە11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئابدۇللەتىف باغدادى ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ ئىلمىي ئاساستا توخۇ بېقىش، چۈجە چىقارتىش ھەققىدە بىرىنچى بولۇپ توختالغان ئالىم ئىدى، ئۇ يەنە زىرائەتلەرگە زىيانلىق ئوت-چۆپلەر ئۈستىدە ھەممىدىن بۇرۇن ئۈنۈملۈك تەتقىقات ئېلىپ بارغانىدى.
ئىبن سىنانىڭ زاماندىشى بولغان ئىبن ھەيسەم(965-103-يىللىرى) ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىملىرىدىن بولۇپ، فىزىكا، ماتېماتىكا ھەققىدە 116 پارچە، گېئومېتىرىيە توغرىسىدا 58 پارچە ئەسەر يازغان. ئۇ ئوپتىكا(يورۇقلۇق ئىلمى) تەتقىقاتىدا زور دەرىجىدە ئالغا كەتكەن بولۇپ، نۇرنىڭ ئاسان ھەم تېز يېتىدىغان مۇساپە ئارقىلىق ئۆتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، ئۇ ئىنېرتسىيە قانۇنىيىتىنى بىلگەن.
خازىنى ئۆلچەم ئىلمىدە داڭ چىقارغان. ئۇ يەر شارى مەركىزىگە يۆنەلگەن ئالەملىك تارتىش كۈچ نەزەرىيىسىنى ۋە ھاۋانىڭ ئېغىرلىقى بارلىق نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەشھۇر ئالىم قۇتبىددىن شىرازى(مىلادى1236-1311-يىللىرى) ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى كامالىدىنلار ھەسەن-ھۈسەننى تۇنجى قېتىم چۈشەندۈرگەن، شۇنىڭدەك يورۇقلۇق(نۇر) سۈرئىتى مۇھىتنىڭ ئوپتىك زىچلىقى(ماددا زىچلىقى ئەمەس) بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كامالىدىن فارىسى ئوپتىكا ئىلمىدا ھەقىقەتەن تەڭداشسىز ئالىم بولۇپ يېتىشكەن.
ئەبۇ رەيھان بىرونى ئۆزىنىڭ زاماندىشى ئىبن ھەيسەمگە ئوخشاش تەجرىبە ئالىمى ئىدى. بىرونى بىلەن ئىبن سىنانىڭ ئۆزئارا يېزىشقان خەتلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە كۆزدىن كەچۈرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ پەرەز قىلىپ چىقارغان ئۇسۇللىرى ھېلىمۇ يېڭى تۇيۇلىدۇ. بىرونى پەلسەپە، ئاسترونومىيە ئىلمىدە زور ئۇتۇق قازانغان. ئۇ يازغان «ئاسمان جىسىملىرى، يۇلتۇزلارنىڭ مەسئۇد قانۇنىيىتى» ناملىق مەشھۇر ئەسەردە ئالەمنىڭ تارتىش قانۇنىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ يەنە يەر شارىدىكى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ ئارىلىقى ۋە كۆلىمىنى ھېسابلاشنىڭ فورمۇلىسىنى تۈزگەن ھەمدە قۇياشنىڭ يىراق ھەرىكەت نۇقتىسىنى تېپىپ چىققان.
ئاسمان جىسىملىرى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان باتانىمۇ نامدار ئاسترونوملاردىن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى بايقاشلىرى ئارقىلىق ئاسترونومىيە ئىلمىگە مۇھىم يېڭى تۈزىتىشلەرنى بەرگەن.
قەدىمكى ئالگېبرا تارىخىدا ئۇلۇغ شەخس سانالغان خارەزمى9-ئەسىردە ئۆتكەن ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم ئىدى. ئۇ ئالگېبرا توغرىسىدىكى ئالگېبرا تارىخىدا ئەڭ قەدىمىي ئەسەر ھېسابلانغان مەخسۇس ھەم مەشھۇر ئەسىرىدە ئالگېبراغا ئائىت 800 مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتاب 16-ئەسىرگە قەدەر ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دەرسلىك قىلىنغان ھەم ئالگېبرانىڭ ياۋروپاغا تارقىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. خارەزمى يەنە يېڭى ئاسترونومىيە جەدۋىلىنى تۈزگەن، ئەرەب رەقەملىرىنى ياۋروپاغا تاراتقان، ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيىلەرگە ئاساس سالغان.
ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغ بەگ كامالەتكە يەتكەن ئاسترونوم ئىدى. 1430-يىللىرى ئۇنىڭ ئوردىسى ئىلىم-پەن ئوچىقىغا ئايلانغانىدى. ئۇ قول ئاستىدىكى ئاسترونومىيە ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئاسترونومىيە ئىلمىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتەردى.
1720-يىلى يېڭى دېھلىدىكى شاھ ئوردىسىدا مۇھەممەد شاھنىڭ كالېندار ھېسابلاش كىتابى مەيدانغا كېلىپ، ئەينى چاغدا ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئىلغار كالېندار ھېسابلاش ئۇسۇلىدىكى ياي گرادۇسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.
تارىخ ۋە جۇغراپىيە ساھەسىدە ئىبن خەلىددىن، ئابدۇللا قەزۋىنى، ئىدرىسى، ئەستەخرى، يەئقۇبى، مەسئۇدى، تەبەرى، ئىبن ئەسىر، ئىبن فەزلان، سەفدى، بەكرى، ئىبن ئەساكىر، ئىبن سەئىد، ئىبن ھەۋقەل، ياقۇت ھەمەۋى، ئىبن فەقىھ، مەقرەسى، قۇرامە ئىبن جەئپەر، مەمەدانى قاتارلىق مەشھۇر ئالىملارمۇ زور نەتىجىلەرنى قازانغان.
يۇقىرىقىلاردىن بىز ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن دەسلەپكى دەۋرلەردىن باشلاپلا چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئالىملارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن، ئىجادىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى، ئىسلام دىنى بىلەن زامانىۋى پەنلەرنىڭ بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويۇلمىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، شۇنداقلا ئىلىم-پەننى، ئىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەش كېرەكلىكىنى، تىرىشىپ بىلىم ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز.

مەنبە؛ تەرمىلەر.
[ 此贴被dubay在2008-11-01 12:10重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kuduratulla
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-01, 06:17
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-01 12:01 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
turditohti
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 28976
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 251
شۆھرەت: 367 نۇمۇر
پۇل: 1112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 882(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

ئىسىل ئەسەر يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.دىن بىلەن پەننى زورلاپ بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قۇيۇش بۇ دۇنيادا ئىنسانلار ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ سەۋەنلىك ھىساپلىنىدۇ.بىز چۇقۇم دۇنيانى تەرەققى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز بۇ ئىكككى كاتۇگىرىيەنىڭ بىرى-بىرگە ئۆتىشىشىنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.شۇنداقلا پەرىقلەرنى ساقلاپ مۇستىقىل تەرەققى قىلىش خاھىشىدىنمۇ ۋاز كەچمەسلىكمىز لازىم.مانا بۇ جۇڭگۇچە دىپلۇماتتىيە يەنى تىنىچ تەرەققى قىلىشنىڭ ئاساسى
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-02 10:50 AM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
anzar102
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 32749
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-06

 

قەلىمىڭىز ھارمىغاي ! <اللە> رەھمەت قىلسۇن
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-02 03:57 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
dilnuri
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 24360
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 133
شۆھرەت: 133 نۇمۇر
پۇل: 528 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 195(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

تىمىڭىزغا رەھمەت قىرىندىشىم.
تىمىڭىزنى خىلى بۇرۇن ئوقۇپ بولغان بولساممۇ،مۇنبەر ياخشى ئىچىلماي ئىنكاس يازالمىغانتىم.
مۇشۇنىڭدەك ئىسىل تىمىغا ئىنكاس يازىدىغانلارنىڭ ئازلىقى كىشىنى بەك ئەپسۇسلاندۇرىدۇ
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-03 01:43 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
.zohlan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 32776
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-15

 

قولېڭېزغا دەت بەرمېسۇن.        داۋاملېق يوللاپ تورغايسېز
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-03 11:06 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
axik3
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 32483
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 158 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-06

 

بىزنىمىشقا خۇيزۇ لاردەك مەسچىتلەردە بالىرىمىزنى ئوقۇتالمايمىز،دىنى ماتىريالارنى ساقلىيالمايمىز.بۇيىل يازدا يۇرۇتقا بېرىپ دائم قۇرئانى قۇيۇپ قۇيىدىغان يەرگە قارسام تاپالمىدىم ،ئۆيدىكىلەر بريەرلەردىن ئەچىقىپ بەردى،نىمە ئشلىقىنى سورسام،يىقىندا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئادەم .ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆي ئاختۇرۇپ قۇرئان ۋەھەپتىيەكلەرنى يىغىپ كىتىپتۇ.دەرھال ئاساسى قانۇنغا ۋەدىنى ئشلار قانۇنىغا قارسام ئۇنىڭ ئەكىسچە،ئېتىقادئەركىنلىى ۋەدىنى ئەركىنىلك ناھايتى تەپسىلى يېزىغلىق .ھەم ئچكى قىسىمدا نەشىر قىلىش ۋە ساقلاشقابولدىغالىق،ئۈگۈنۈشكەبولىدغانلىق  ھەقىدەتەپسىلى باركەن .
شۇيىلى رامزاندا ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى تاقىغان ئاشخانىلارنى مەڭگۈ ئاچماسلىق توغۇرسىدا ھۆجەت چۈشۈرۈپ مەجبۇرى ئاچقۇزغانتى.
  كۈلكىلك بىرئش .بىرنەچچە دۇكاندا ھاراق تاماكا ساتمىدىڭ دەپ يېزىلىق ھۆكۈماتنىڭ بىرنچى قول ئۇيغۇر باشلىقى دوكان ئگىلىرىنى تىلاپ كەتكەن ئشلارمۇ بولغان.نىمىمۇ بوپ كىتىۋاتقاندىمىز،دەپ كەلسەم بۇنداق ئشلار مەن بىلىدىغان ئشلارنىڭ ئادىدا تېخى ئش ئەمەس.بۇقېتىم تەتلدە ئۇكامنى ھەپتىيەك ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن مەلىمىزدىكى ئمامالارغا دەپ ئۇنىتالمىدىم ،سەۋەبەبنى بىلسەم شۇنداق ئوقۇتقان ئادەمنى تۇتۇپ بەرسە 10000مىڭ يۈەن مۇكاپات بىرىدىغالىقىنى تېلۋۇزۇردا نەچە كۈن ئېلان قىپۇ،بۇنىمە كۈن ئەمدى .ئشكىردە قايسى مەسچىتكە بارساجىقى300دىن ئاربولساتۆت بەشكىچە ئوقۇيدىغان بالا ركەن،ئۇندىن سىرىت كۈندۈزلىك ،كەچلىك ،شەنبە-يەكشەنبىلىك ۋە پۈتۈن كۈنلىك قىز-ئوغۇلارنى ئايرىپ ئوقۇتىدىغان مەكتەپلىرى باركەن .بىزنى ئالمايدىكان تېخى ،بىر جۇڭگودا نىمانچە چوڭ پەرق.
  يازلىق تەتلدە مائارىپ ئدارىسىدا ئشلەيدىغان تۇغقىنىم ناھايتى ئالدىراش ئشلەۋاتقالىقىنى ،ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى ئوقوغۇچىنڭ دىن ئۈگۈنۈش ياكى شۇنىڭغادائر ماتىريال بايقىلىپ قالسا ھەمەئشىنڭ تۈگەيدىغالىقى شۇڭا ئۆي تەكشۈرەش بىلەن ئالدىراش ئكەلىكىنى دەپ بەردى،بۇقېتىم مەكتەپكە كىلىپ بىر مەسچىتىڭ ئالدىدن ئۈتۈپ كىتىۋتىپ ئالتا-يەتە ياشلاردكى بالىلار قولىردا ھەپتىيەكنى كۈتۈرۈپ مچسچىتن چىقۋاتقالىقىنى كۆردۈم .
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 04:55 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
atirgul627
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28722
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 673
شۆھرەت: 835 نۇمۇر
پۇل: 2910 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 148(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

  ئىسلام دىنى بىلىمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ،ئەقلىي ئىقتىدارىغا ئېتىبار بېرىدىغان دىن.شۇنىڭ ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىپتە بىلىم ئۆگىنىشكە  رىغبەتلەندۈرىدىغان ،بىلىم ئىگەلەشكە  ئىنتىلدۈرىدىغان ،ئەقىل- پاراسەتنى ئاچىدىغان ۋەز- نەسىھەتلەر ناھايىتى كۆپ،بىز مۇسۇلمانلار  دىن بىلەن پەننى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ ،ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ ،ئۆزىمىزنىڭ تەربىلىنىشىنى  كۈچەيتىپ،گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا پائال ئاتلىنىشىمىز لازىم.بىز مۇسۇلمان پەقەت بىلىم ئىگەلىگەندىلا ،جەمىئيەتنى  تونۇپ يېتەلەيدۇ، تەبىئەتنى تونۇپ يېتەلەيدۇ،ئۆز قىممىتىنى چۈشىنەلەيدۇ،ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى  تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ،جەمىئيەت ئۈچۈن،مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدۇ.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 10:11 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
qiqan229
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 32788
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 121 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-09

 

تىمڭىزغا رەخمەت دوستۇم ئاللا قۇلىڭىز غا دەت بەرمىسۇن مۇشۇنداق ياخشى تىملار بۇلسا داۋاملق يۇللاپ تۇراسىز
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-06 01:41 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
nurislam.
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 29133
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 332
شۆھرەت: 352 نۇمۇر
پۇل: 309 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 674(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

ALLA RAH MAT KILSUN SHZGA
ئاللاھ بىر...
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-06 08:28 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
adi0710
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29482
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 121
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
پۇل: 463 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 198(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن .تېما ئىگىسى بىلەن يازغۇچىغا كۆپ رەخمەت .
پاي چىكى تورى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-07 11:53 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
ayjahan
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29134
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 523
شۆھرەت: 694 نۇمۇر
پۇل: 1068 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 286(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

Quote:
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىaxik3نىڭ2008-11-05 04:55 دە يوللىغان يازمىسى   :
بىزنىمىشقا خۇيزۇ لاردەك مەسچىتلەردە بالىرىمىزنى ئوقۇتالمايمىز،دىنى ماتىريالارنى ساقلىيالمايمىز.بۇيىل يازدا يۇرۇتقا بېرىپ دائم قۇرئانى قۇيۇپ قۇيىدىغان يەرگە قارسام تاپالمىدىم ،ئۆيدىكىلەر بريەرلەردىن ئەچىقىپ بەردى،نىمە ئشلىقىنى سورسام،يىقىندا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئادەم .ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆي ئاختۇرۇپ قۇرئان ۋەھەپتىيەكلەرنى يىغىپ كىتىپتۇ.دەرھال ئاساسى قانۇنغا ۋەدىنى ئشلار قانۇنىغا قارسام ئۇنىڭ ئەكىسچە،ئېتىقادئەركىنلىى ۋەدىنى ئەركىنىلك ناھايتى تەپسىلى يېزىغلىق .ھەم ئچكى قىسىمدا نەشىر قىلىش ۋە ساقلاشقابولدىغالىق،ئۈگۈنۈشكەبولىدغانلىق  ھەقىدەتەپسىلى باركەن .
شۇيىلى رامزاندا ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى تاقىغان ئاشخانىلارنى مەڭگۈ ئاچماسلىق توغۇرسىدا ھۆجەت چۈشۈرۈپ مەجبۇرى ئاچقۇزغانتى.
  كۈلكىلك بىرئش .بىرنەچچە دۇكاندا ھاراق تاماكا ساتمىدىڭ دەپ يېزىلىق ھۆكۈماتنىڭ بىرنچى قول ئۇيغۇر باشلىقى دوكان ئگىلىرىنى تىلاپ كەتكەن ئشلارمۇ بولغان.نىمىمۇ بوپ كىتىۋاتقاندىمىز،دەپ كەلسەم بۇنداق ئشلار مەن بىلىدىغان ئشلارنىڭ ئادىدا تېخى ئش ئەمەس.بۇقېتىم تەتلدە ئۇكامنى ھەپتىيەك ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن مەلىمىزدىكى ئمامالارغا دەپ ئۇنىتالمىدىم ،سەۋەبەبنى بىلسەم شۇنداق ئوقۇتقان ئادەمنى تۇتۇپ بەرسە 10000مىڭ يۈەن مۇكاپات بىرىدىغالىقىنى تېلۋۇزۇردا نەچە كۈن ئېلان قىپۇ،بۇنىمە كۈن ئەمدى .ئشكىردە قايسى مەسچىتكە بارساجىقى300دىن ئاربولساتۆت بەشكىچە ئوقۇيدىغان بالا ركەن،ئۇندىن سىرىت كۈندۈزلىك ،كەچلىك ،شەنبە-يەكشەنبىلىك ۋە پۈتۈن كۈنلىك قىز-ئوغۇلارنى ئايرىپ ئوقۇتىدىغان مەكتەپلىرى باركەن .بىزنى ئالمايدىكان تېخى ،بىر جۇڭگودا نىمانچە چوڭ پەرق.
  يازلىق تەتلدە مائارىپ ئدارىسىدا ئشلەيدىغان تۇغقىنىم ناھايتى ئالدىراش ئشلەۋاتقالىقىنى ،ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى ئوقوغۇچىنڭ دىن ئۈگۈنۈش ياكى شۇنىڭغادائر ماتىريال بايقىلىپ قالسا ھەمەئشىنڭ تۈگەيدىغالىقى شۇڭا ئۆي تەكشۈرەش بىلەن ئالدىراش ئكەلىكىنى دەپ بەردى،بۇقېتىم مەكتەپكە كىلىپ بىر مەسچىتىڭ ئالدىدن ئۈتۈپ كىتىۋتىپ ئالتا-يەتە ياشلاردكى بالىلار قولىردا ھەپتىيەكنى كۈتۈرۈپ مچسچىتن چىقۋاتقالىقىنى كۆردۈم .

  ئاچچقلانماڭ،بۇ يەنىلا شۇ ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان «دوپپىسىنى ئەكەل»دىسە«بېشىنى قوشۇپ 'ئەكىلىدىغان كىشلىرىمىزنىڭ ئىشى.بىز تەرەپتە خېلىلا ئەركىنغۇ،مەسچىتلەردە قۇرئانلار ساماندەك،ئۆيلىرىمىزدىمۇ بار.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-08 04:30 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
uygur52
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31367
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-06

 

تيميڭيزغا  كۇپ رەھمەت  ئاللا  ئەجريڭيزني  بەرسۇن
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-08 09:52 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
uygur52
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31367
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
پۇل: 190 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-06

 

ئاي جاھان   سيز تەرەپ ،  نە ئۇ  ،بيز تەرەپلەديمۇ    ھيچ نيمە  ساقليغيلي  بۇلمايديغۇ
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-08 09:57 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
篮球美女
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29012
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1578
شۆھرەت: 1653 نۇمۇر
پۇل: 5254 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

قەمرىدىن  شۇنداق ئالدراش تۇرۇپمۇ بۇ تىمىنى يوللاپىسز ، سىزندىن شۇنداق بەك سۆيۈندۈم ، مەن بىر ئادەملا ئەمەس بەلكى مۇسۇلمان قىرىنداشلرىمىز تولىمۇ بەك سۆيۈندى . سىزنىڭ تىمىللىرڭىزنى تولىمۇ بەك ياقتۇرۇپ كۆرىمەن . سىزگە كۆپ رەھمەت . ئاللا ئىككى دۇنيادا بەختىڭىزنى بەرسۇن ، ئامىن !
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-08 10:13 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
mihman910
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29723
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 97
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
پۇل: 447 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

يادىمدا ئۇچۇرلىرى » چىمەنزار » ماقالە » [تەۋسىيە] ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم-مەرىپەت
مەنبە-يادىمدا ئۇچۇرى,http://www.yadimda.com/viewthread.php?tid=1771
نىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ.
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-09 01:58 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﻮﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.059572(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 10:41
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号