ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺕ _ ﭘﺎﺕ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﯓ
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ _ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ.
ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻤﯩﻐﯩﻠﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ، ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮔﻪﭘﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﭼﻮﻟﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪﮔﻤﯩﺪﯨﻤﯘ؟ ﺳﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ << ﺑﺎﻻ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﺎﻣﺴﯩﺰ؟
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ _ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ؛ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ _ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ. ﺋﯘﻻﺭ ﮬﯧﭻ ﻛﯩﻢ ﻳﻮﻕ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ؛ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺗﻪﯕﺘﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺭﺍﺳﺘﺘﯩﻨﻼ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺗﺎ _ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ _ ﺩﻩ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ _ ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﺗﺎ _ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺕ _ ﭘﺎﺕ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻮﻳﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻼ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺳﺎﺩﺩﯨﭙﯩﻲ ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻤﯘ، ﺋﯩﺶ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺗﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. << ﺑﺎﻻ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰ 100 ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.