ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! دىيارىم تورىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى :
ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلار سالامەت ، ئائىلەڭلار خاتىرجەم بولغاي !
ئۇيغۇر يىمەك - ئىچمەك مەدەنىيتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كۈنسىرى تەرەققىي قىلىپ مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خەلقئارالىشىش ۋە دۆلەت ئىچى سېرىتىغا كېڭىيىش ، كۆلەملىشىش باسقۇچىدا تۇرماقتا . ئۇيغۇر تائاملىرى تۈرىنىڭ كۆپلىكى ، تەمىنىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇنداقلا ئوزۇقلۇق قېممىتىنىڭ يۇقۇرلىقى بىلەن بۇ ساھەدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە .
رايۇنىمىزدا مايگۈلى ، مىراج ، جام قاتارلىق ئۆزگىچە بىزەلگەن ۋە تاماقلىرى ئالاھىدە ئۆزگىچە بولغان ئاشخانىلار كۈنسىرى كۆپىيىپ دۆلەت ئىچى ۋە سېرىتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلماقتا ۋە يۇقۇرى باھالارغا ئىرىشمەكتە . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۇيغۇر يىمەك - ئىچمەك مەدەنىيتىنى بېيىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان « شىنجاڭ مايگۈلى يىمەك - ئېچمەك مەدەنىيتى زەرنجىرسىمان چەكلىك شىركىتى » نىڭ باش لېدىرى پولات ھوشۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئىلىپ باردۇق .
يۇقارقى سۆھبەتتىن ئۇيغۇر تائاملىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ۋە كەسكىن بازار رىقابىتى ھەققىدە ئاز - تولا ساۋاتقا ئىرىشىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن .
دىيارىم تورى مەخسۇس زىيارىتى :
تېخىمۇ كۆپ سۆھبەتلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز : دىيارىم ئىكرانى مەخسۇس سەھىپىسىگە مەرھەمەت قىلىڭ !
http://www.diyarim.com/tv