ۋال كوچىسىدىكى ئىقتىسادى بوران
تۇردى لىتىپ
يېقىندىن بۇيان ئاخبارات ساھەلىرىدە ۋال كوچىسىدىكى بوراننى تېما قىلغان مۇنازىرە ۋە تەھلىللەر كۈنسايىن ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. ئامېركىدىكى يۈز يىلدىن ئارتۇق تارخقا ئىگە لېيمان شىركىتىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، نۇرغۇن بانكىلارنىڭ تاقالغانلىقى ياكى باشقا بانكىلار تەرپىدىن سېتىۋېلىنىپ تارختا ياراتقان شانلىق تارىخى بىر كېچىدىلا ئىنسانىيەت ئالىمىدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكى بۇنىڭ ئىسپاتى.
ئەزەلدىنلا ھەرقانداق ئىشقا سوغوققانلىق بېلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن دۆلىتىمىز- جوڭخۇا خەلق جەمھۇريىتى تېخىچە بۇ ئىش توغىرلىق ئېنىق بىر ئىپادە بىلدۈرگىنى يۇق. لېكىن ئىچكى قىسىمدا بۇ ئىقتىسادى بورانغا نىسبەتەن ئەستايىدىل كۈزىتىش ۋە تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، ناۋادا ھەقىقەتەن تەسىرگە ئۇچراپ قالسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغىرلىق ئالدىن تەدبىرلەرنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئېنىق.
جوڭگۇلۇق ئىقتىسادشۇناسلار بەس-بەستە بۇ قېتىملىق ئىقتىسادى بورانغا ھەرخىل تەبىر بېرىشىۋاتېدۇ.
مۇشۇنداق يەر شارىنىڭ ئۇ تەرپىدە ئىقتىسادى مالىمانچىلىق يۈز بېرىپ ، جاھانغا تاراش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بىر پەيتتە بىلىدىغانلىرىمىزنى دەپ ئورتاق ئىككى ئېغىر مۇنازىرىلەىشمىسىكمۇ بولماس دەپ بۇ تېمىنى ئاچتىم. مەن ئىقتىسادشۇناسمۇ ئەمەس، بانكىرمۇ ئەمەس. لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتنى ھەرھالدا مۆلچەرلەپ بىر ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ قارايمەن. شۇڭا گېپىم مەيلى خاتا بولسۇن ياكى توغرا بولسۇن گەپنىڭ بېشىنى مەن باشلاي قالغىنىنى تورداشلا بېلەن ئورتاق پىكىرلىشەرمىز.
بىرىنچى ئىقتىسادى بوراننىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى
كېلىپ چىقىش سەۋەبى توغىرلىق تور ۋە ئابارات قاناللىرىدا تۈرلۈك تەبىرلەر بېرىلگەن ، چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ قارىشىنى ئاددىلاشتۇرۇپ ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي.
مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ بىر قەرز بەرگۈچى ئىشەنسىز ئادەمگە زورلاپ قەرز بېرىپ قويۇپ، قەرزنى قايتۇرىۋالالماي كېلىپ چىققان ئىش. ئىقتىسادى ئۈنۈمسىز ئىشقا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كاپالەت بېرىشى ۋە سالا قىلىشى بېلەن مەبلەغ سېلىپ قويۇپ، قەرز ئالغۇچى پۇلنى يەپ ئىچىش ۋە ئوتتۇرلۇقتىقى سالاچى ۋاستىچىغا شىرىكانە بېرىپ تۈگىتىپ، قەرزنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئىش دېسەكمۇ بولىدۇ.
ئىقتىساد تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئالدىن قەرز ئېلىپ ، ئاندىن ئۆلگۈدەك ئىشلەپ قەرز قايتۇرۇش بېلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئىشلار مەۋجۇت. تەررەققى قىلغان دۆلەتلەردە كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈنمۇ ئالدىن دەسمايە بولمىسا بولمايدۇ. ئازغىنە مىدىراپ ئىش قىلسىڭىزلا پۇل تاپىدىغىنىڭىز ئېنىق . لېكىن شۇ پۇلنى قولىڭىزغا ئالغۇچە مەلۇم نىسبەتتە دەسمايە پۇل خەجلىمەي بولمايدۇ. پۇل بولماي بىر كۈنمۇ ياشاش مۈمكىن ئەمەس. دوست بۇرادەرلەر ئۆز-ئارا قەرز بېرىدىغان ئىش يوق دېيەرلىك ، پۇل ئاساسەن بانىكىدىن ئېلىنىدۇ. ئىناۋەتلىك كارت بېجىرىش ئاسان ئىش. قەرز ئالغۇچى بىلىپ بىلمەي بانكا ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قالىدۇ. بانكىلار شۇ قەرزلەرنىڭ ئۆسۈمى ئارقىلىق تەرەققى قىلىدۇ.
بانكا قەرز بېرىش ئۈچۈن مەبلەغ كېرەك. ئەقىللىق كىشىلەر ئاسانلىقچە پەقەت بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى دەپلا بانكىغا پۇل قويمايدۇ. چۈنكى نەق پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈش بولۇپ تۇرىدۇ. پۇلنى مالغا سۇندۇرۇپ قويغاندا پۇلنىڭ كۇرسى چۈشسىمۇ مال قىمىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇلار پۇللىرىنى پاي ياكى زايۇم دېگەندەك جەمىيەت تەرەققىياتىغا ماس قىممىتى ئۆسۈپ بارىدىغان مەۋھۇم ماللارنى سېتىۋېلىشقا سالىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ ئېلىپ قويغان ماللىرىدا مەسىلە بارلىقىنى ياكى باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغىنىدا، تاڭ سەھەردىلا بېرىپ سېتىۋېتىپ پۇللىرىنى تىرىلدۈرىۋېلىشنى ئويلايدۇ. بانكا ئالدىدا سەپ تۈزىلىدۇ. مەلۇم مالنى ساتىدىغانلار سانى ئالىدىغانلار سانىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەندە مالنىڭ سېتىلىش باھاسى تەبىئى ھالدا تۆۋەنلەيدۇ. ھەممىلا كىشى بىردەم بولسىمۇ باھانىڭ يۇقۇرىراق ۋاقتىدا قولدىن چىقىرىۋېتىشنى ئويلايدۇ. نەتىجىدە بانكىدا پۇل تۇگەيدۇ، قەرز بېرىلگەن پۇللارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ. قەرز ھۆججەتلىرىنى قايتا رەتلەپ باشقا بىر پۇلدارغا سېتىۋېتىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ يەردە يەنە سۇغۇرتا شىركەتلىرىمۇ قەرز كاپالەت سۇغۇرتىسى سېتىپ ئىشەنچسىز قەرز تالۇنىنى كاپالەتلەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى قەرز ھۆججەتلىرىنىڭ قىممىتى داۋاملىق ئۆرلەپ تۇرۇش ھالىتىدە بولىدۇ.
ۋال كوچىسىدىكى بوراننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مۇنا مۇشۇنداق . ،مەۋھۇم مۈلۈك ئىگىدارلىق تالۇننىڭ قولدىن قولغا ئۆتۈپ زىيادە چوڭىيىپ كەتكەنلىكى، يۇغۇشتۇرىۋېلىش مۈمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكى سەۋەپ بولغان ئىقتسادى پارتىلاش.
نۇرغۇن تەھلىلچىلەر بۇ قېتىمقى بوراننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيەتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ، ھىچقانداق بىر بانكا ياكى شىركەت توسۈپ قالاليدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىشىۋاتېدۇ. دېمىكچىكى ھىچكىمدە گۇنا يوق. بۇ بازانىڭ بەك قايناپ كەتكەنلىكىدىن ھۆكۈمەت نازارەت بۆلۈملىرىنىڭ كونتروللۇق دەرىجىسىدىن ھالقىپ كېتىپ كېلىپ چىققان تارىخى مۇقەرەرلىك دەپ قارىشىۋاتىدۇ. ئەندىكى گەپ قالداق قىلغاندا ئۇنىڭدا ئۇچرىغان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش بۇ بازارنى يەنە قايتا نورمال ھالەتكە قايتۇرۇش.
ئامېركا ھۆكۈمىتى دەسلەپ قىلىپ يەتتە يۈز مىڭ مىليۇن دوللار قۇتقۇزۇش پۇلى ئاجراتتى. ئىقتىسادى بورانغا ئۇچرىغان باشقا دۆلەتلەرمۇ ئارقا ئارقىدىن بىر شەھەرنى سېتىۋېلىشقا يەتكۈدەك سوممىدىكى مەبلەغنى بازارنى قۇتقۇزۇشقا دوغا سېلىۋاتېدۇ. ئۇلار بازارنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە قايتىپ خەلق كۆڭلى تىنجىپ ، بىر قىسىم ماللارنىڭ باھاسىنىڭ قايتا ئۆرلىشىنى ئارزۇ قىلىشىۋاتېدۇ.
بىر توڭ خام نېفىت باھاسىنىڭ 140 دوللاردىن 70 دوللارغا چۈشۈپ قېلىشىدەك ئىشلار كىچىك ئىش ئەمەس.
ئەمدى بۇ بوران بىزگە قانچىلىك تەسىر قىلىۋاتېدۇ ۋە قىلدى، يېقىن كەلگۈسىدە يەنە قانداق تەسرلىرىگە ئۇچرايمىز ، ئۇ نېمىلەردە ئىپادىسىنى تاپېدۇ. بۇ نۆۋەتتە بىز ئويلىشىپ كۆرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى .
داۋامى بار
[ 此贴被latyf在2008-10-22 02:03重新编辑 ]