چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 864 قېتىم كۆرۈلدى
kunkiz
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ...
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 6105
شۆھرەت: 3103 نۇمۇر
پۇل: 98597 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 381(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 شېئىر ۋە شائىر  توغرىسدا  .

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 hitab 设置为精华(2008-10-19)
شېئىر ۋە شائىر  توغرىسدا .


ئۇيغۇر زامان شېئىرىيتى قاچان مەيدانغا  كەلگەن ؟


ئۇيغۇرلار جاھان مەدەنىيتىنى  يارىتىشتا  باشقا خەلىقلەر قاتارىدا  ئۆزىنىڭ شانلىق  تۆھپىسىنى  قوشقان ، تارىخى  ئۇزۇن  ۋە مول مەدىنيەتكە ئىگە  خەلىقلەرنىڭ  بىرى .
    ھەر قانداق خەلق ۋە مىللەتنىڭ  يازما ئەدەبىياتى  ئىنسانىيەت  يېزىق قوللىنشتىن  بۇرۇن پەيدا بولغان  قوشاقلار  ، ئەپسانلار  ، رىۋايەتلەر ئاساسدا  ۋۇجۇتقا  كېلدۇ .
      ئۇيغۇر زامان ئەدىبىياتىمۇ  ئېغىزدىن - ئېغىزغا  ، نەسىلدىن - نەسىلگە  ئۆتكەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى  (  ئاساسەن ، قوشاقلار  ، ئەپسانلار ،  رىۋايەتلەر ) نى ئاساسىي  مەنبە قىلغان  .
      تارىخى  كىتاپلارغا قارغاندا  . ئىنسانىيەت مەدىنىيتىنىڭ  ئەڭ قەدىمى بۆشۈگىنىڭ  بىرى بولغان  نىل ۋادىسدا  قەدىمقى مىسىر مەدىنىيتى  يۈكسەك دەرىجىدە  راۋاجلانغان  چاغدا  ، ھازىرقى  ئىراقتىكى  دەجلە  ۋە فرات  دەريالىرى    (  قەدىمقى يۇنان تارىخچىلىرى  مىسوپوتامىيە - ئىككى  دەريا ئارلىقى . دەپ يېزىشقان ) بويىدا  ياشغان  شومىر ناملىق  خەلىق مىلادى  4000 يىل  بۇرۇن  فىنكالىقلا  (  قەدىمقى چاغدا  ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ  شەرقىي  قىرغىقىدىكى جايلار    فىنكا دەپ ئاتلاتتى )  ئىجات قىلغان  22 ھەرىپتىن  ئىبارەت  فىنكا  يېزىقى  ئاساسىدا  ۋۇجۇتقا كەلگەن  ئارامى يېزىقىنى  قوللانغان .
      مىلادىدىن  2000 يىل بۇرۇن  يېقىن شەرىقتىن  ئوتتۇرا ئاسياغىچە  كۆچكەن  ساكلارنىڭ  بىر قىسمى  قەدىمى  خارەزمى  بىلەن  قەدىمقى  سوغدىياناغا كېلىپ  ماكانلاشقان  .  مانا  شۇ  ساكلار  ئارامى  يېزىقىنى  ئېلىپ  كەلگەن . نەتىجىدە  ، ئارامى  يېزىقىنىڭ  ئېلېمېنتلىرىنى  ساقلاپ قېلىش  ئاساسىدا  ، قەدىمقى  سوغدى  ۋە  خارەزمى بىلەن  يېزىقلىرى  ۋۇجۇتقا كەلگەن  .
      مەشھۇر  تارىخشۇناسلار  ۋە  تىلشۇناسلارنىڭ  پىكرىچە  ئەجداتلىرىمىز  قوللانغان  ئۇرخۇن  يېزىقىمۇ  قەدىمقى  ئارامى  يېزىقىدىن كېلىپ چىققانلىغى مەلۇم  .
        قانداق بولشىدىن قەتئى نەزەر  ،  ئەجداتلىرىمىز يىنسەي ، ئۇرخۇن  يېزىقىنى ( شۇ يېزىقنىڭ  بۇرۇنقى يادكارلىقلىرى  يەنسەي ، ئۇرخۇن  بويلىردىن  تېپۋالغانلىغى  ئۈچۈن  ،  ئۇرخۇن يىنسەي يېزىقى  دەپ ئاتالغان )  مىلادىدىن  بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇن  قوللانغانلىقى  ،  ئارخىئولوگىك  يادىكارلىقلار  ۋە تارىخى  پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانماقتا  .
        كېيىكى يىللاردا  رۇسلار  قازاقىستان  جۇمھۇريىتىنىڭ  ئالمۇتا شەھرىدىن  50 كىلومېتىر  نېرسىدىكى  ئىسسىق كۆل ئەتراپدا  بىر قورغان خارابىنى  قازدى .  ئۇ يەردىن ئارخئولوگلار  تەرپىدىن  «  ئانتۇن  كىيىملىك ئادەم » دەپ ئاتالغان  ۋە ياش چېغدا  ئۆلۈپ كەتكەن  بىت تۈرۈك  شاھزادىسنىڭ  مازىرى تېپىلدى .  شاھزادىنىڭ يېندىن تېپىلغان  كۈمۈش تاۋاققا  كۆك تۈرۈك ئېلىپبەسىنىڭ  ( ئۇرخۇن يىنسەي   ئېلىپبەسىنىڭ __ ئا) دەسلەپكى شەكلى  دەپ  ھىساپلانغان  ۋە تۈرۈكچە ئىكەنلىگى ئىسپات قىلىنغان  ئىبارىلەر بار بولۇپ ، يادىكارلىق  مىلادىدىن 5 ئەسىر  بۇرۇنقى  تارىخقا  مەنسۇپ ئېكەنلىگى ئېنىقلانغان . ①  بۇندىن تاشقىرى  بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز  مىلادىدىن ئىككى ئەسىر بۇرۇن  خەن سۇلالىسنىڭ  خانلىرغا  قامان ئەقىدىسنىڭ  روھى بىلەن  سۇغرۇلغان ئوبرازلىق  جۈملىلەر ئارقىلىق  « كۆك تەڭرى بىلەن  يەر تەڭرىسى  تەرپىدىن  ھايات بېرىلگەن ، كۈن تەڭرىسى بىلەن ئاي تەڭرىسى  تەرپېدىن  تەخىتكە  چىقرىلغان  ئۇلۇغ ھون تەڭرىقۇتى  خەن پادىشاسىنىڭ  سالامەتلىكى  كامالى ئېھتىرام  ئىلە  سورايدۇ »  ②  دەپ مەكتۈپلەر يېزىشقان  .
      يۇقۇردىكى پاكىتلار  ئەجداتلىرىمىزنىڭ  مىلادىدىن نەچچە  ئەسىر  بۇرۇن يېزىق قوللانغانلىغدىن دېرەك بېرىدۇ .
      شۇڭا ئۇرخۇن بويىدىكى  تېپىلغان مەڭگۈ تاشلار  گەرچە ئۇرخۇن يىنسەي  ياكى كۆك تۈرك  يېزىقى  بىلەن يېزىلغان  ھەمدە ئۇلار  8 -  ئەسىرگە  ئائىت  بولسىمۇ  ،  ئۇيغۇرلار  8 -  ئەسىردىن باشلاپ  يېزىق قوللانغان  دىيىلسە ، يۇقۇردىكى تارىخى - پاكىتلارغا  ئۇيغۇن كەلمەيدۇ .
        بىز ھازىرغىچە  ، ئۇيغۇر يازما شېئىريىتىنىڭ  5 - ئەسىردىن باشلاپ  قەلەمگە ئېلىنغان  ماتىرىيالغىلا ئىگىمىز .
        پروفېسور  مالوۋنىڭ  ھۆكۈم قىلشىچە  :  مانى دىنى  ئەدىبىياتى  ھىساپلانغان  « خۇئاس تۇئانفت »  (  « مۇقەددەس قەۋرە  __ئا» )  شېئىر بىلەن  يېزىلغان دىنىي دۇئا  بولۇپ  بۇنى مىلادىنىڭ  5- ئەسىردە  ئۆتكەن  بۇتورمىش تارقان  ئاتلىق ئۇيغۇر  قەدىمقى ئۇيغۇر تىلدا  تەرجىمە قىلغان  . ③
ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك ( قەدىمقى كۇچارلىق  مەشھۇر  بۇددىسىت ، پەيلاسوپ ، تەرجىمان  ۋە شائىر  كومارجىۋا  مىلادىنىڭ  344 -  يىلى  تۇغلۇپ  ، مىلادىنىڭ 414 - يىلى  ئالەمدىن ئۆتكەن ) نىڭ شېئىرلىرنى  ئۇيغۇر يازما شېئىريىتىنىڭ  دەسلەپكى نەمۇنلىرى  قاتارغا  كېرگۈزۈشكە ھەقلىقمىز .
  كوماراجىۋا ( ھىندىچە  ئىسىم _ ئا ) مىلادىنىڭ  384 _ يىلى  مەلۇم تارىخى سەۋەپ بىلەن كۇچادىن  لياڭجۇ  ( ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسنىڭ ئۇۋى ناھىسى) غا ئېلىپ كېلىنگەن  ئۇ لياڭجۇدا  ،  يىل تۇتقۇنلۇقتا تۇرغاندا ، خەنزۇ يېزقىنى  ناھايتى پۇختا ئۈگەنگەن  . مىلادىنىڭ  401 - يىلى  كېيىكى  چىڭ خانلىقى ( مىلادىنىڭ  384 - يىلدىن  417 - يىلغىچە  ھۆكۈم سۈرگەن ) نىڭ خانى يوۋشىڭ ( كېلىپ چىقشى  تىبەت نەسلىدىن ) ئادەم ئەۋەتىپ  كوماراجىۋانى  چاڭئەنگە  ( ھازىرقى شىئەنگە ) كېلىشكە تەكلىپ قىلغان . ياۋشىڭ بۇددا  دىنىنىڭ  ناھايتى كۈچلۈك  ئېتقاتچىلىردىن بولغانلىقى ئۈچۈن  ، چاڭئەنگە كەلگەن  كوماراجىۋانى  دۆلەتنىڭ پىر - ئۇستازى  دەپ ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالغان  .
    كوماراجىۋا چاڭئەنگە كەلگەندىن  تارتىپ  ، ۋاپات بولغۇچە ئۆتكەن 12  يىل ئىچدە  بۇددا ئىبادەتخانلىردا  بۇددا  تەلىماتى  توغۇرسىدا  لېكسىيەلەر ئوقىغان  . ھىندى سانسىكىرت  تىلدا يېزىلغان  بۇددا ناملاردىن  بىر نەچچە يۈز جىلىدنى  خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ، جوڭگۇ بۇددىستلىرنى  ماھايانا  مەزھىپدىن  خەۋەردار قىلغان .
  توۋەندە ئۇنىڭ بىزگە  يېتىپ كەلگەن  شېئىرلىردىن  بىرنى مىسال كەلتۈرىمەن  :

          «  شۇنچە پەرىق بولسىمۇ  ئەسلىدە  ئەھۋالاتىمىز ،
              ھىكمەتى  قىسمەت تۈپەيلى  بىزگە بولدى  زاتىمىز .
              كەلسىمۇ گەر  ئېيتقۇسىز  غەملەر ۋىدالىق دەستىدىن ،
              ئۆزگە ئالەمگە  سەپەر قىلماققۇ  مەشغۇلاتىمىز . »

    6 -  ئەسىردە  ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى  خوغۇرسور  ئالتۇن قەدىمى ئۇيغۇر تىلدا  « تۇرا  قوشغى »  ناملىق شېئىر يازغان .  شېئىر  مۇنداق  :

                « چوغاينىڭ④تاغلىرى باغرىدا ئاقار ،
                  تۇرا⑤لەر  دەرياسى ئويناپ  دولقۇنلاپ .
                  ئاسماننىڭ گومبىزى  بارىگاسمان ،
                  تۇردۇ پايانسىز ئاسماننى قاپلاپ  .
                  شۈنچە كۆك ساماۋى ئاسمان  ،
                  يايلاقلارمۇ  بىپايان كۆرنەيدۇ قاش  .
                كۆرنۈپ قالدۇ سانسىز چارۋا مال ،
                ئەسكەندە شاماللار ، ئوتلار ئەگسە باش .»

    بۇ شېئىر  ناھايتى يۈكسەك  بەدىئىلىككە ئىگە  بولۇپ  ، سەددىچىن سېپلىنىڭ  سىرتىدىكى  ئاجايىپ ھەيۋەتلىك  ھەم گۈزەل  چارۋىچىلار ھاياتىنىڭ  جانلىق  بەدىئى  كارتنىسنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .
  شائىرنىڭ ئىسمى ئالتۇن بولۇپ ، خوغۇرسۇر  ئەسلىدە  شائىر  كېلىپ چىققان  ئۇيغۇر قەبىلىسنىڭ  نامى ئىدى . شائىر ئۆزنىڭ قايسى ئۇيغۇر قەبىلىسگە  مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى  بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا  ئەمەس ،  بەلكى ئاتا - بوۋسى  فامىلە  قىلىپ  كەلگەن  ئۆز قەبىلىسنىڭ  نامىنى  بىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ  ئۆزنى  خوغۇرسۇر  ئالتۇن دەپ ئاتىغان .
    ئۇيغۇر تارىخىدىن  ئازدۇر - كۆپتۇر  خەۋرى بار كىشلەرگە  مەلۇم بولغىنىدەك ، خورغۇرسۇر  قەبىلىسى ئۇيغۇر ئۇرخۇن  خاقانلىغى ( مىلادىنىڭ 646- يىلدىن 845 - يىلغىچە  ھۆكۈم سۈرگەن ) نىڭ  ئۇرخۇن دەۋىردىكى ( مىلادىنىڭ 646 - يىلدىن 845- يىلغىچە  ھۆكۈم سۈرگەن ) ئون ئۇيغۇر قەبىلىسنىڭ بىرى ئىدى .
    شائىر خورغۇسۇر  ئالتۇن مىلادىنىڭ 487 -يىلى تۇغۇلۇپ  567 - يىلى  80 يېشدا  ئالەمدىن ئۆتكەن .  ھۆكۈم قىلغاندا  ، ئۇيغۇر يازما شېئىريتىنىڭ  تارىخىنى  مىلادىنىڭ  5 - ئەسىردىن باشلاپ  ھىساپلاشقا بولدۇ .


شېئىرنىڭ رولى .


      يازغۇچى ، شائىرلىرىمىز  ئارىسىدا  شېئىرى شەكىل ئارقىلىق  ئەدەبىي ئىجادىيەت  تەرەققىياتىنىڭ يۇقۇرى چوقسىغا  چىققىلى بولمايدۇ  ،  پەقەت پروزىلا  بۇنىڭ ھۆددىسدىن چىقالايدۇ  ،  دەيدىغان ئورتاق بىر قاراش بار  . بۇنداق قاراش ئەلۋەتتە بىر تەرەپلىملىك  بولۇپ  ، تارىخى ئەملىيەتكە  كۆز يۇمغانلىق بولدۇ .
      ھەممىمىزگە مەلۇم بولغان «  قۇتادغۇ بىلىگ » داستانى  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  ئۇلۇغ پەيلاسوپى ۋە  تالانىتلىق شائىرى  يۈسۈپ خاس ھاجىپ  تەرپىدىن  شېئىرى شەكىل بىلەن  يېزىلغان ئەسەر  « قۇتادغۇ بىلىگ »  داستانى ھەجىم جەھەتتىن  تەخمىنەن 14 مىڭ مىسرا  شېئىردىن  ئىبارەت ، مەزمۇن جەھەتتىن ئالغاندا  ، پەلسەپە ، قانۇن ، ئەخلاق ، سىياسى دىپلوماتىيە ، ھەربى ، ئاستورنوميە ، ، ھەندىسە ، تىبابەت ، تەنتەربىيە  ، يېزا ئىگلىك  ، ھونەرۋەنچىلىك ، سودا ، چارۋىچىلىق قاتارلىق  ساھەلەرنى ئۆز ئىچگە ئالغان  مۇكەممەل قامۇس .
    « قۇتادغۇ بىلىگ »  داستانى قەدىمقى  ئۇيغۇر مەدىنيىتىنىڭ  ئەڭ  ئىگىز ئالتۇن مۇنارسى  بولۇش بىلەن  بىرگە قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭمۇ  ئەڭ يۇقۇرى چوققىسى  .  بىر جۈملە  سۆز بىلەن ئېيقاندا    « قۇتادغۇ بىلىگ »  داستانى  شېئىرى شەكىل ئارقىلىق  ئەدەبىياتنىڭ  يۇقۇرى چوقسىغا چىققىلى  بولدىغانلىغىنى  11  ئەسىر بۇرۇنلا ئىسپاتلىغان .
    ئىران خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى  ئوبۇلقاسىم فىردەسى ( 934 _ 1020)  غەزنەۋىلەر  سۇلالىسنىڭ  سۇلتانى  مەھمۇت  غەزنەۋىنىڭ  ( 997 _ 1030 ) تەشەببۇسى بىلەن  «  شاھنامە » داستانىنى يازغان .
      سۇلتان مەھمۇت  غەزنەۋى  باشتا بەرگەن ۋەدىسى بويچە  فىردەۋىسقا « شاھنامە »  داستانىنىڭ ھەر بىر مىسراسى  ئۈچۈن بىر  دىنار  ئاتۇن پۇل بېرىش كېرەك ئىدى  . لېكىن  بەزى  بىر سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن  سۇلتان مەھمۇت  ئاتمىش مىڭ  بېيىتتىن تەركىپ تاپقان  « شاھنامە »  داستانى ئۈچۈن  120  مىڭ دىنار  ئالتۇن پۇل  ( داستان 120 مىڭ قۇر ئىدى )  بېرىشتىن يالتىيىپ ، بىر يۈز يىگىرمە مىڭ  دەرھەم ( كۈمۈش پۇل ) بەرگەن .
      ئۆز ۋەدىسدە تۇرمىغان سۇلتاندىن غەزەپلەنگەن ئوبۇلقادىم  فىردەۋىس «  سۇلتان مەھمۇتقا ھەجۋى » ناملىق بىر شېئىر يازغان . ئېيتىشلارغا قارغاندا  ،  11 - ئەسىردە ناھايتى  قورقۇنۇشلۇق  ئىستلاچى  نامىنى ئالغان  ، ئۇلۇغ سەركەردە  ۋە  ناھايتى ھىلگەر  دىپلومات  سۇلتان مەھمۇت  غەزنەۋى بۇ شېئىرنى  ئوقۇپ ھۇشدىن كەتكەن  ئىكەن .  شېئىردىكى مۇنۇ قۇرلارنى  كۆزدىن كاچۈرۈپ باقايلى .

                « ئەگەر ئەرشى ئەلاغا تېرساڭ تېرىق ،
                  ئۇنىڭغا ھەۋزى كەۋسەردىن  قازساڭ ئېرىق .
                  ئاسماندىكى ئايدا ئورساڭ ئۇنى ،
                    ئالتۇن قازاندا قۇرساڭ ئۇنى ،
                  سەھەر سالقىنىدا سورساڭ ئۇنى،
                  تېرىقتۇر -تېرىقتۇر ، بەربىر تېرىق .
                  ئەۋلىيالىق قامۇسىغا يەتسىمۇ ئېشەك ،
                  ئېشەكتۇر -ئېشەكتۇر ، بەربىر ئېشەك . »

سۇلتان مەھمۇت غەزنەۋى ھۇشغا كەلگندىن كېيىن  ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسنى تۇتۇشقا  ، تۇتقان يەردە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۇشكە بۇيرۇق بەرگەن .  ياشنىپ قالغان ئوبۇلقاسىم فىردەۋىس  ئىراننىڭ غەربىي تەرپىگە قېچىپ بېرىپ ، بىر نەچچە يىل غېرىپلىقتا  يۇشۇرنۇپ  ھايات كەچۈرگەن . مەھمۇت غەزنەۋى  « شاھنامە » نى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن  ، ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسقا قىلغان  ۋاپاسىزلىقدىن پۇشايمان يەپ  ، شائىرنى رازى قىلىش ئۈچۈن  بىر يۈز يىگىرمە مىڭ دىنار  ئالتۇن پۇلنى تۆگىلەرگە يۈكلىتىپ  ، بىر نەچچە كىشنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن  ، سۇلتان مەھمۇت غەزنەۋى  ئەۋەتكەن  كىشلەر  مىلادىيەنىڭ 1020 - يىلى  ئىراننىڭ ۋىس  دىگەن شەھرىگە كەلگەن كۈنى  ، ئوبۇلقاسىم  فىردەۋىسنىڭ  جىنازىسى سېلىنغان تاۋۇت  قەبرىستانلىققا قاراپ يولغا چىققان .
      يەنە بىر مىسال كەلتۈرەيلى  ،  1792 _ يىلى  فىرانسىيە  بۇرژۇئازيە  ئىنقىلاۋى قوزغىلىپ  ،  ئىنقىلاۋى خەلىق  پادىشا  ليۇدىۋىگ  16 _ نى تەخىتتىن چۈشۈردى  .  ئاۋىستىرىيە  بىلەن  پروسىيە ھۆكۈمەتلىرى  فىرانسىيە  ئەكسىيەتچىلىرنىڭ  تەلۋى بويچە  فىرانسىيگە ھۇجۇم باشلىدى .
      ئىنقىلاپ  ئەنە شۇنداق جىددى خەۋىپكە دۇچ كەلدى  پارىژنى  ھىمايە قىلىش ئۈچۈن  فرانسۇز  ئىشچىلىرى  بىلەن دىخانلىردىن  پىدائىلار  تەشكىل قىلىندى  . پىدائىلار  ئىنقىلاۋي  ناخشا  « مارسىل يوزا » نى  ئېيتىپ  باسقۇنچىلارغا قارشى  كۆكرەك كېرىپ  جەڭگە ئاتلاندى .

                          « ئەي ۋەتەن پەرزەنىتلىرى ، ئالغا قەدەم تاشلاپ بۈگۈن ،
                              بىز شەرەپ -شانغا ئېرىشمەك پەيتىدۇر  تېز ئاتلىنىڭ  .
                              بىزگە زالىملار قوشۇنى قانلىق  بايراقلار كېلۇر  ،
                            قوزغىلىڭ ،ئالغا بېسىڭ ،دەم ئۆتمىسۇن ، چاپسان يۈرۈڭ .»

    قوراللىرى ناچار پىدائىلار  پرۇسىيە  بىلەن ئاۋىستىرىيەنىڭ  ياخشى قوراللانغان  ، ئىنتىزاملىق قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ  ، كىشنى ھەيران  قالدۇرغۇدەك ، ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى .
    تىللارغا  داستان بولۇشقا يارايدىغان  قەھرىمانلارنىڭ پەيدا بولۇشىدا  فرانسۇز پىدائىلىرنىڭ  روھىنى جانلاندۇرۇپ  ، كۈچكە -كۈچ قوشۇپ  ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى  غەزەپ-نەپرەت ئويغاتقان  نەرسە ئىنقىلاۋي ناخشا  « مارسىل يۇزا »  ئەمەسمۇ ؟!
  ئەدەبىياتنىڭ  ئالاھىدە  بىر تۈرى  بولغان  شېئىر ئۆزنىڭ  قىسقا ، ئاھاڭدار ، لېرىكىلىق  بولۇشتەك ئالاھىدلىگى  بىلەن  مەلۇم شارائىت  ، مەلۇم ئورۇن ، مەلۇم ۋاقىتتا  ئەدەبىياتنىڭ باشقا تۈرلىرى  ( رومان ، دىرامما قاتارلىقلار ) ئورۇنلىيالمايدىغان  رولنى  ئوينىيالايدۇ . ئەمما شېئىر پۈتۈن  بىر جەمىيەتنى  تۈرلۈك ئوبرازلار  ( ئىجابى ۋە سەلبى ئوبرازلار )  ئىدىتلىق سۈرەتلەپ بېردىغان  روماننىڭ رولنى ئەسلا ئوينىيالمايدۇ  .  ئەدەبىياتنىڭ  شېئىرى ۋە نەسرى  تۈرلىرنىڭ  ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا  ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە  بولۇپ  ، بىرسىنىڭ ئورنىنى يەنە بىرى باسالمايدۇ .
    ياخشى يېزىلغان شېئىر  ناھايتى كۈچلۈك چاقىرىق  كۈچكە  ، كىشدە مۇھاببەت ۋە نەپرەت  تۇيغۇسنى ئويغىتىش  ۋە ئىستىتىك زوق پەيدا قىلىش  رولغا ئىگە .


شېئىر قانداق بولشى كېرەك ؟


ئۇيغۇر شېرىيتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ  باشقا تۈرلىرگە  ( ئاساسەن  پروزا ، دىرامما تۈرلىرگە) قارغاندا خىلى ئۇزۇن  تارىخقا ئىگە  . بىز يۇرقۇردا  ئېتقاندەك ، ئۇيغۇر يازما شېئىرىيتى  مىلادىنىڭ  5 - ئەسىردىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن .
ئۇيغۇر شېئىرىيتى  ئۇيغۇرنىڭ بېسىپ ئۆتكەن  ئۇزۇن تارىخي  مۇساپىسنى ئەسلىگىنىمىزدە  ،  5 -  ئەسىرنىڭ مانى  دىنىنىڭ  ئەدەبىياتى ھىساپلانغان  « مۇقەددەس قەۋرە » (« خۇئاس توئانفت ») نى قەدىمقى ئۇيغۇت تىلغا تەرجىمە قىلغان  بوتۇرمىش تارقان ، كوماراجىۋا ،  خوغۇرسۇر ئالتۇن ، ئاپرىنچورتېكىن ( 8 _ ئەسىردە ياشغان )  ، مەھمۇت قەشقەرى ،  يۈسۈپ خاس ھاجىپ  ، ئەھمەت يۈگنەكى  ، ئاتايى ، سەككاكى ، لۇتفى ، سەئىدىدىن  قەشقەرى ، سۇلتان مالىك  قەشقەرى ، غىياسىدىن باخشى( ناۋائىنىڭ دادىسى ) ، لەھمەت ھاجى بەگ شاھ قۇلى .  يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى  15 - ئەسىردە ياشغان . ئەلشىر نەۋايى  ( 1441_ 1501)  سەئىدخان ( 1490_1533) ، ئابدۇرىشىتخان ( 1510_1568) ، ئاماننىساخان ( 1523_1557 )، قىدىرخان ياركەندى  ( 16 _ ئەسىردە ياشغان ) ، شاھ مەھمۇد ياركەندى ( 17_ ئەسىردە ياشغان ) مۇھەممەت ئىمىن قەشقەرى (خىرقىتى) ، زەلىلى ياركەندى ، نەۋبىتى  ( بۇلار 18 _ ئەسىردە ياشغان )، مۇھەممەت سادىق قەشقەرى ( 1740_ يىلى تۇغۇلغان) زەيىندىن مۇھەممەت ئىمىن قەشقەرى ، ئابدىرىھىم نىزارى  ( 1776_1849 ) ، نورۇز ئاخۇن زىيائى (19_ئەسىردە ياشغان ) ، موللا بىلال نازىم خوتەنى ( 1825_ 1900) ، قاتارلىق شائىرلار  كۆز ئالدىمىزغا كېلدۇ .
    مانا شۇ ئۇيغۇر شائىرلىرى  15 ئەسىر جەريانىدا  ئىجات قىلغان ئۆلمەس ئەسەرلىرى ئارقىلىق ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ  غەزنىسگە ئەمەس ، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ غەزنىسگىمۇ  ئۆلمەس بىباھا تۆھپىلەرنى قوشقان .
      ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىريىتى  ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىنى  ئاساس قىلىپ  ، ھازىرقى زامان  دۇنيا شېئىريىتىدىن  ( ئاساسەن رۇس  ۋە  سوۋېت  شېئىريىتىدىن  )  تەسىر ۋە ئىلھام ئېلىپ  ۋۇجۇتقا كەلگەن . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىريىتى  مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا  خېلى يۇقۇرى سەۋىيگە كۆتۇرۇلگەن  بولسىمۇ ، ئومۇمى ئېتۋارى بىلەن خېلى  ئارقىدا .
    بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى  ئۇيغۇر شائىرلىرى  ياراتقان شېئىرلارنىڭ  ئىچدە  خەلق يارىتىپ ئوقۇيدىغانلىرى  ناھايتى ئاز  . ھەتتا ھازىر  « شېئىر كاساتچىلغى » دەپ ئاتىلدىغان  غەلىتە ئەھۋال پەيدا بولدى . بىز بۇنداق ئەھۋالنىڭ پەيدا بولشىدىكى  سەۋەپلەرنى  ئەستايدىل  مۇھاكىمە قىلشىمىز  ، ئەڭ مۇھىمى ، شېئىرنىڭ قانداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشى  توغرسىدا چوڭقۇت پىكىر  يۈرگۈزشىمىز لازىم .
    يېقىندا ئاپتۇنۇم رايۇن بويچە  تۇرپاندا ئېچىلغان ئۇيغۇر شېئىرىيتى  مۇھاكىمە يىغنىدا  ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىللەرگە  قارغاندا ،  ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ ئارقىدا  قېلشىغا سەۋەپ بولغان  ئامىللار ئىچگە  « سولچىل »  لىقنىڭ زىيانكەشلىگى ، شائىرلارنىڭ  بىلىم -سەۋىيسىنىڭ  تۆۋەنلىكى  ، ئىجادىيەتكە بولغان تونۇشنىڭ  مۇجمەللىكى  ، بەدىئى ماھارىتىنىڭ  ئاجىزلىقى ، تەغدىر -تەنقىتنىڭ  ۋاقتىدا ، دەل جايدا بولماسلىغى قاتارلىقلار  كىردىغانلىغى مەلۇم بولدى .


داۋامى بار ..................
[ 此贴被hitab在2008-10-19 20:34重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hitab
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-10-19, 11:28
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-19 07:22 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
kunkiz
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ...
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 6105
شۆھرەت: 3103 نۇمۇر
پۇل: 98597 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 381(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

زادى شېئىر قانداق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولشى كېرەك ؟


    شېئىرنى قانداق يېزىش كېرەك  ؟  مۇنداق يېزىش كېرەك ، دەپ ئۇستازلىق قىلىش  ناھايتى كۈلكىلىك بىر ئىش  بولغىندەك ، شېئىر ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق  خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولشى  لازىم ، دىيىشمۇ  كۈلكىلىكتەك تۇيلىدۇ ، لېكىن شېئىريەت  مەخسۇس بىر ئىلىم بولغاچقا  ، ئۇ باشقا ئىلىملاردىن پەرىق قىلدىغان  بىر قانچە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە . بۇنى  ئېتراپ قىلماسلىق نادانلىق بولدۇ .
    شېئىرنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيتى  ئۇنىڭ بوغۇملىرنىڭ مەلۇم  ئۆلچەمدە  ، ھەر بىر مىسراسىنىڭ  ئاخىردا قاپىيەنىڭ بولشىدىلا ئەمەس  ، بەلكى ئەڭ ئاساسلىغى  ، ئوبرازلىق تەپەككۈرگە  ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە  قىلىقلاندۇرۇش  (مېتافورا)  سۈپەتلەش ، ئوخشىتىش ،  لېرىكا ،  قاتارلىق بەدئى خۇسۇسىيەتلەر بولمىسا ، ئۇنى شېئىر دىگىلى بولمايدۇ ، بۇ ئۇقۇم ھازىرقى زاماندىكى  شائىرلار  ئۈچۈن  ئاددى بىر ساۋات . ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە  سۆزلەپ  ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق
.

ئىلغار دۇنيا قاراش.


شائىرلار ئىلغار  دۇنيا قاراشقا ئىگە بولشى زورۇر .
ھەر قانداق كىشى بىرەر ئىشنى قىلىشتا  بىرەر مەقسەت ياكى  بىرەر مۇددىئانى  ئاساس قىلدۇ . شائىرلارمۇ  بىرەر مەقسەت ياكى  مۇددىئانى  كۆزلەپ ، ئەدەبي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىندۇ  دۇنيادا ئۆتكەن مەشھۇر شائىرلار ، يازغۇچلار ۋە  ئوبزۇرچىلارنىڭ  ھەممىسى دىگۈدەك  ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلەر  قاتاردىن ئورۇن ئالغان  كىشلەر ئىدى ، ۋېليام شېكسپىر (1616_1564) ئىجادى دانىشمەنلىكتە  زاماندىشى ئۇلۇغ پەيلاسوپ  بەكۈن فىريىنيسىدىن ئۈستۈن تۇراتتى  .  چۈنكى بەكۈن  كەلگۈسدە يۈز بېردىغان  ئىجتىمائى  ھادىسلەرنى  پەلسەپەدە  لوگىك ( مەنتىقى ) شەكىل ئارقىلىق  قىياس قىلىشقا ئەمدىلا  ئىنتىلۋاتقان چاغدا ،  ئۇلۇغ دىراماتۇرۇگ  ۋە شائىر شېكىسپىر  ئۆلمەس دىراماتىك  تىراگىدىك  ئەسەرلىردە  ياراتقان بەدئى ئوبرازلار  ئارقىلىق ، كەلگۈسى ئىجتىمائى ھاياتتا  يۈز بېردىغان ھادىسلەرنى  ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىدى .
    لېنىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا  ، « ماركسقىچە  بولغان دەۋىرنىڭ  ئەڭ ياخشى سوتسىيالىستى  ۋە ئىلغار ئالىمى » ھىساپلانغان ، رۇس ئەدەبى تەنقىدىنىڭ  ئاساسىنى قۇرغان  بىلنسكى  ( 1846_1811) رۇس خەلىقىنىڭ  ۋە بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ  يېڭى بىر بەخىتلىك تۇرمىشى  ھەققىدە  دانىشمەنلەرچە ھۆكۈم قىلىپ  مۇنداق دەپ يازغان ئىدى  : « بىلىملىك دۇنيانىڭ  بېشدا تۇرغان  پەنگىمۇ ۋە  سەنئەتكىمۇ  قانۇنلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن  ۋە  مەدەنىيەتلىك ئىنسانىيەت  تەرپىدىن  ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىگە بولغان _ 1940- يىلدىكى  روسسىينى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان  نەۋرى _ چەۋرىلىرمىزگە  زوقلىنمەن » ⑥
  شېكىسپىر بىلەن  بىلنىسكى  ئوخشاش بولمىغان ماكان  ، ئوخشاش بولمىغان دەۋىردە ياشغان بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر سۆزى  ياشغان زامانىغا يارشا  ئىلغار دۇنيا قاراشقا ئىگە بولۇپ  جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ  قانۇنىيتىنى بىلگەنلىكتىن ، كەلگۈسگە توغرا ھۆكۈم قىلالغان  .  ئىلغار دۇنيا قاراش  شائىر ، يازغۇچلارنىڭ  ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن  شۇغۇللىنىشتىكى  ھەقىقى مەقسىدى  ھەقىقى مۇددئىاسىنى  بەلگىلەپ بېردۇ .
    يازغۇچنىڭ ئىلغار دۇنيا قارشى  ئۇنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشنى  كۈزتىش  ، ئۈگىنىش  تەتقىق ۋە تەھلىل قىلىشدىمۇ  يېتەكچىلىك  رول ئوينايدۇ  .  لېكىن شائىر يازغۇچلارنىڭ  ئىلغار دۇنيا قارشىنىڭ  رولى بۇنىڭ بىلەنلا  چەكلەنمەيدۇ  ،  بەلكى شائىر ، يازغۇچلارنىڭ  تۇرمۇش ماتىرياللىرنى  تاللىشى ، تۇرمۇشنى ئىپادە قىلشى  ۋە  تۇرمۇشقا باھا بېرشىمۇ  ئۇنىڭ دۇنيا قارشىدىن ئايرىلالمايدۇ .
    ھەر قانداق كىشنىڭ ، بولۇپمۇ شائىر يازغۇچلارنىڭ  ھەقىقى ئالىجاناپ  ، ئۇلۇق مەقسەتلەر ئۈچۈن  تەربىيەلەشنىڭ كۈچلۈك قورالى  ، دەپ تونىماي بەلكى يۇقۇرى ئۆرلەش ، شۆھرەت قازنىش  ياكى پۇل  تېپىشنىڭ ۋاستىسى دەپ  تونىيدىغانلارمۇ بار . ئۇنىڭدىن تاشقىرى ، بىرەر كىشنىڭ قان تەرنى  ئاقتۇرۇپ  ئىجات قىلغان ئەسەرلىرنى  ئۆزنىڭ قىلۋېلىپ  ،  ئېلان قىلدىغانلارمۇ يوق ئەمەس .  بۇنداق كىشلەرنى ھەقىقى ئىجادىيەتچى دىگىلى بولمايدۇ .
    شائىر ، يازغۇچلار  ئىلغار دۇنيا قاراشقا  ئىگە بولۇپ ، ئۆزەمچىللىكتىن قۇتۇلسىلا  ئاندىن ئۆلمەس  ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشنىڭ  ئالدىنقى شەرتىنى  ھازىرلىغان بولدۇ .

ئەتراپلىق ، چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇش .



ئەتراپىلق ، چوڭقۇر  بىلىمگە ئىگە بولمىغان  كىشنىڭ ياخشى ،  قابىليەتلىك شائىر ياكى  يازغۇچى بولشىغا زادىلا ئىشەنمەيمەن .
    شائىر ، يازغۇچلارنىڭ  ئاۋال رىيال تۇرمۇشنى  پىششىق ، ئەتراپلىق ، چوڭقۇر  بىلشى لازىم ، چۈنكى ئەدەبى ئىجادىيەتنىڭ  بىردىن - بىر مەنبەسى  ئېجتىمائى تۇرمۇش ، ئەدەبىيات تارىخىدىكى  نۇرغۇنلىغان ياخشى ئەسەرلەر  شائىر ، يازغۇچلارنىڭ  تۇرمۇش  ماتىرياللىرنى  ئۇزۇن مۇددەت توپلىشى  ۋە تاۋلىشى  ئارقىلىق يېزىپ چىقىلغان .
    شائىر ياكى يازغۇچى  ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى  جىلمۇ - خىل  ھادىسلەرنى  ( تەبىئەت ھادىسلىمۇ ئۇنىڭ ئىچدە ) پىششىق ، ئەتراپلىق ، چوڭقۇر  بىلمىگەندە  ، يازغان ئەسەرلىرى  خام ، چالا ، ئەملىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان  ، ساختا  ، توقۇلما بولۇپ قالدۇ .
    ئېسىمدە قېلشچە  ، ھازىر خېلى ئاتاقلىق بولۇپ قالغان  مەلۇم بىر يازغۇچى  « تارىم »  ژورنىلى  تەھرىر بۆلۈمگە ، ئەۋەتكەن بىر ھىكايسىدا  « بىر توپ ياۋايى ئۆدەكلەر  ئىگىز سۇۋادان تېرەككە  قوندى » دەپ يازغان  . بۇنى ئوقغان تەھرىرلەردىن بىرنەچچىسى  « ئۆدەكنىڭ تىرەككە قوندىغانلىرى باركەن» دەپ كۈلۈشكەن ، كىشلەرگە مەلۇمكى  ، ئۆدەكنىڭ پۇتلىرى  سۇ ئۈزۈشكە  لايىقلاشقان بولغاچقا  ، دەرەخ شاخلىرغا قونۇپ  ، شاخنى چاڭگاللاپ تۇرالمايدۇ  .
    دىمەك ، بۇ يازغۇچى  دۇنيادىكى ئۇچار قۇشلارنىڭ  دەرەخكە قونۇپ  يۈرگەنلىگىنى كۆرگەن ، لېكىن  ، ئۆدەكنىڭ دەرەخكە قونالمايدىغانلىغنى بىلمىگەن  ياكى ئۆزنىڭ ھىسياتى بويچە ، قۇشلار دەرەخكە قوندۇ  ، ئۆدەكمۇ ئۇچار قانات ، ئۇمۇ قونىدۇ ، دەپ ئويلاپلا  شۇنداق يېزىپ قويغان .
      شائىر ، يازغۇچلار  تۇرمۇشنى  ھىسسي  ۋە ئەقلى تۇرمۇش  جەريانلىرى  ئارقىلىق  كۈزتىش لازىم . چۈنكى كىشلەرنىڭ  بىرەر نەرسىسىنى  تونۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن  ھۆكۈم چىقرىشى  ئاشۇ ئىككى باسقۇچتىن ئۆتىدۇ .
    ھىسسىي تۇنۇش  باسقۇچدا  شەيئىلەرنىڭ  تاشقى كۆرنىشگىلا  قاراپ ، ئۇنىڭ ئاق - قارلىقىنى ، يۇمشاق - قاتتىقلىغى ، چىرايلىق - سەتلىگى  ھەققىدە  يۈزەكى تونۇش  پەيدا بولدۇ ، ئەمما ئۇنىڭ  بىلەن  شىيئىلەرنىڭ  ماھىيتىنى بىلگىلى بولمايدۇ .
    مەسلەن :  بىر ياش يىگىت ، ھە دىگەندىلا  ، بىر چىرايلىق قىزنى  يولۇقتۇرۇپ ،  قىزنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا  ، « چىرايلىق ، ياخشى قىز ئىكەن »  ، دىسە بۇ ئەقىلغا مۇۋاپىق بولامدۇ ؟  ياق ، ئۇنداق ھىسسىي تونۇش بىلەنلا  ، «چىرايلىق ، ياخشى قىز ئىكەن »  دىگەن خۇلاسنى چىقرىش توغرا ئەمەس  « چىرايلىق قىز» نى كۈزتىپ ، ئۇنىڭ ئەخلاقى ، خۇلقى - مىجەزنى  بىلىش ئۈچۈن بىر جەريان كېرەك .  شۇنداق جەريان ئارقىلىق  قىزنىڭ ئەخلاقى ،  خۇلقى - مىجەزى  ئىگللىندۇ . ئاندىن قىزنىڭ  «ياخشى » ياكى «يامان »لىغى مەلۇم بولدۇ . پەقەت شۇ چاغدىلا « ياخشى قىز » ياكى «يامان قىز» دىگەن خۇلاسىغا كەلگىلى بولدۇ . بۇ تونۇشنىڭ 2 - باسقۇچى  - ئەقلىي تونۇش باسقۇچى بولدۇ .
بۇ يەردە تارىختا ئۆتكەن مۇنداق بىر ۋەقەنى  مىسال كەلتۈرگۈم كېلۋاتىدۇ .
  مىلادىدىن  4 ئەسىر بۇرۇن  ئۆتكەن ماكىدونىيە  پادىشاسى  x x x  ئۆزنىڭ چىرايلىق قىزنى  ئىران ئەھمانىلار  ئېمپىېريىسىنىڭ  شاھىنشاھى  دارا  1  گە ياتلىق قىلغان ، دارا  1  ماكىدون  مەلىكىسى بىلەن  مەلۇم مەزگىل ھايات كەچۈرگەندىن كېيىن  مەلىكىگە كۆڭۈلسىز بوپ قالغان  . چۈنكى ماكىدون  مەلىكىسى چىرايلىق بولسىمۇ  ئۇنىڭ تىنغى سېسىق پۇرايدىغانلىغى  داراغا مەلۇم بولغان  .  شۇڭا دارا ماكدۇن  مەلىكىسنى  ( بىر رىۋايەتتە ئىسكەندەرنىڭ ئانسى _ ئا )  بىرەر  بانا بىلەن  ماكىدونىيەگە  _  ئۆز يۇرتىغا يولغا سىلىپ قويغان .
  بۇ تارىخى  ۋەقەمۇ  شيئىلەرنى كۈزتىشنىڭ  ھىسسى ( مەلىكە چىرايلىق بولسىمۇ ) ۋە ئەقىل  ( مەلىكىنىڭ تىنغى سېسىق  پۇرايدىغانلىغى )  باسقۇچدىن ئۆتكەندە  ئاندىن  يا ئۇنداق ، يا مۇنداق  دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولدىغانلىقنى  چۈشەندۈرۈپ بېردۇ .
  شائىر  ،  يازغۇچلار  ئىجتىمائى  ھاياتنى  ناھايتى پىششىق  بىلگەندىن تاشقىرى  ئالدىنقى ئەجداتلار  ياراتقان  كىلاسسىك ئەدبىي  مىراسلارنىمۇ ، ئەپسانە ،  رىۋايەت ، داستان  ، چۆچەكلەرنىمۇ ئۈگۈنۈش كېرەك .
    كىلاسسىكلاردىن  ئۇگەنگەندە  ، ھەممىنى ئىنكار قىلىپ  ، يوققا چىقىردىغان ياكى  پۈتۈنلەي ئۆز پېتى  كۆچۈرۈپ ، شەرىتسىز قوبۇل قىلدىغان  ئادەتتىن ساقلىنىش لازىم .
    ئۈگەنگەن نەرسىنى گويا  بادام ھىساپلاپ  ، بادامنى شۇ بويچە چايناپ يۇتۇشقا  ئۇرۇنماي  ، ئۇنى چېقىپ شاكلىنى تاشلاپ  ،مېغزىنى ئايرىۋېلىپ  ، شۇنىڭدىن ئوزۇق ئېلىش  لازىم ،  بىز يەنە كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ  ئىجادىيەتتە جاپا _ مۇشاققەتتىن  قورۇقمايدىغان  ، چىداملىق  ، قەتئى  روھىنى ۋە  ئۇلارنىڭ ئەسەر يېزىشتىكى  ئۇسلۇبىنى  ، بەدىئى  ماھارتىنى  ئۈگنىشمىز لازىم .
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ  « قۇتادغۇ بىلىگ »  داستانىنى يېزىشتىن بۇرۇن  ، ئىلىمنىڭ ھەممە ساھەسى بويچە  ئون يىللاپ  ئۈگۈنۈپ  ، مۇلاھىزە قىلىپ  ئاندىن مىلادىنىڭ  1070 -  يىلى ئەسرىنى يېزىپ تاماملىدى  . يۈسۈپ خاس ھاجىپ  تەخمىنەن  14 مىڭ مىسرا كېلدىغان  « قۇتادغۇ بىلىگ »  داستانىنى  18  ئايدا  يېزىپ بولغانلىغى مەلۇم  ، مەھمۇت قەشقىرى  « تۈركى تىللار دىۋانى  »  نى يېزىشتىن ئىلگىرى  15 يىل جاھان كېزىپ ماتىريال توپلىدى  ، ئاندىن كېيىن باغداتقا بېرىپ  ،  6  يىل ئىچدە  ئەسەرنى يېزىپ  ، تۈزتۈپ قولدىن چىقاردى  .  مەھمۇت قەشقىرى  « تۇركى تىللار دىۋانى» نى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن  تەخمىنەن 20 يىل  ( مىلادىنىڭ 1057 - يىلدىن  1076 _ يىلغىچە )  قان -تەرنى ئاققۇزغان .
    ئۇلۇغ بوۋلىرمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن  مەھمۇت قەشقىرىنىڭ  ئىجادىيەتتە جاپا - مۇشاققەتتىن قورۇقمايدىغان  ، چىداملىق ، قەيسەر ،  قاتئى روھى  بىزگە مەڭگۈ مىراس  بولۇپ قالدىغان  ئەڭ ئىسىل  ، ئالىجاناپ روھتۇر  ، ئۇلارنىڭ روھى ئەدەبىي  ئىجادىيتىمىزنىڭ  گۈللەپ  - ياشنىشى  ئۈچۈن  ئىلھام ۋە مەدەت بولغۇسى .
شائىر ، يازغۇچلار تۇرمۇشنى  ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى  ئۈگەنگەندىن تاشقىرى  ، (  تارىخ ، جۇغراپىيە ، پەلسەپە ، تىلشۇناسلىق ، ئېتنوگىراپيە ، ئارخئولوگىيە ، ئىستىلىستىكا  ، گىراماتىكا  قاتارلىق )  بىلىملەرنىمۇ بىر قەدەر  ، ئەتراپلىق ، چوڭقۇر  ئىگەللىشى كېرەك .
  مېنىڭ بۇ سۆزۈمدىن بەزلەر گۇمانلىنىپ  ، ئوتتۇرا ، ئالى مەكتەپلەردە  ئوقۇمغانلارمۇ خېلى  داڭلىق ئەسەرلەرنى يازالايدىغۇ  ، دىيشى مۇمكىىن ، لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىمكى  ، ئۇلار ئوتتۇرا ۋا ئالى مەكپەپلەردە ئوقمىغان بولسىمۇ  ، چوڭقۇر  ،ئەتراپلىق تۇرمۇش بىلىمگە ئىگە بولۇپ  ، ئۆزلىگدىن تىرشىپ ئۈگۈنۈپ  ، ئاساسلىق  بىلىملەرنى  خېلى ياخشى  ئىگەللەپ ئالغان .
    دەرۋەقە ئۇلۇغ يازغۇچلارنىڭ  بەزلىرى مەكتەپتە  ئوقۇغانمۇ ئەمەس  ، ئۇنىڭغا ماكسىم گوركىنى  مىسالغا ئېلىش كۇپايە  ، ماكسىم گوركى  كىچىگىدىن تارتىپ  كىتاپ ئوقۇشقا ناھايتى ئامراق ئىدى .  شاگرىت بولۇپ  ، مۇشاققەتلىك ئەمگەك قىلغان كۈنلەردىمۇ  ، ھېرىپ - ئاچقانلىغىغا قارماي  ، كېچىلىرى ئاي يورىغىدىن پايدىلنىپ  كىتاپ ئوقغان  .  ئۇ ئونبەش ياشقا كىرگىچە  ۋېكتور- گىيوگو ،بالزاك ، سىرۋانتس گېنى ، دىككىنىس ، شاۋات ، پوشكىن ، لېرمونتوپ ، گوگول ، تۇرگېنېۋ ، لېۋ. تولىستوي  قاتارلىق مەشھۇر سەنئەت ئۇستازلىرنىڭ  ناھايتى نۇرغۇن ئەسەرلىرنى  ئوقۇپ  كەڭ چوڭقۇر بىلىمگە  ئىگە  بىر بالا بولۇپ يېتىشكەن .
    گوركى  بۇندىن تاشقىرى  ياۋرۇپا  ۋە ئەمېرىكىغا  بارغان ،  دۇنياۋى مۇھىتنىڭ  چەكسىز ھايات قايناملىردا  ئۈزۈپ  ، ھەددى - ھىساپسىز  ، خىلمۇ - خىل ۋەقەلەرنى  ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن  .  بولۇپمۇ  19 - ئەسىرنىڭ  ئاخىردىن تارتىپ  20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى  دۇنيا ئىنقىلاۋىي  ھەركىتىنىڭ  ( روسىيە  ئەمىلىيتى ئارقىلىق ) دەھشەتلىك  ، بورانلىق يىللىرنى  ئۆز بېشدىن كەچۈرگەن  .  مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن  گوركى ئۇلۇغ يازغۇچى بولۇپ  يېتىشكەن .


بەدىئى ماھارەت .


ئىنقىلاۋىي  شائىر ، يازغۇچلار  ئىلغار دۇنيا قاراش  ۋە مول بىلىمگە  (  تۇرمۇش بىلمى  ۋە باشقا بىلىملەرگە )  ئىگە بولغاندىن تاشقىرى  ، بەدىئى ئىپادىلەش ماھارتىگىمۇ  ئىگە بولۇشى لازىم ، ئۇنداق بولمىغاندا  ، رىيال تۇرمۇشنى  چوڭقۇر ۋە جانلىق  ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بېرەلەيدىغان بەدىئى    تەسىرلەندۈرۈش كۈچكە ئىگە  ئەدەبى ئەسەرلەرنى  ياراتقىلى بولمايدۇ .
  بەزى ياش يازغۇچلار  ماكسىم گوركىدىن  ، قانداق قىلغاندا يېزىشنى ئۈگەنگىلى بولدۇ ؟ دەپ سورغاندا  ، ئۇ : « كۆپرەك كىتاپ ئوقۇش كېرەك ، سىلەردىن كىمكى شۇ يولنى يەنى  يازغۇچلىق يولىنى  تاللىغان ئىكەن  ، ئۇ ھەممىدىن ئاۋال  ، ئەدەبىياتنى  ، ئەدەبىيات تارىخنى  ۋە تىپلارنى  يارتىش  تارىخنى تەتقىق قىلىش  كېرەك »⑦ دەپ جاۋاپ بەرگەن .
      بەدىئى ماھارەت _  ئەدەبى ئىجادىيەت  ۋاستىلىرنى  پىششىق قوللىنىشنى  بىلىش  دىمەكتۇر . مەسلەن  :  تىل ئىشلىتىش ،  تىپىك ئوبراز يارتىش  ،سىيۇژىتنى  ئورۇنلاشتۇرۇش  قاتارلىقلار ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شائىر ، يازغۇچلار دىن  قان -تەر ئاقۇزۇپ  ئەجىر سىڭدۈرۈشنى  ،كۆڭۈل قويۇپ تاللاش ( تىل ھەم ۋەقەلەرنى )  تاللاشنى تەلەپ قىلدۇ . ماكسىم گوركى  : «  يازغۇچلار كۆپ نەرسىلەرنى كۆرۈش ، كۆپ نەرسىلەرنى ئوقۇش كېرەك  ، بەزى نەرسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىش  كېرەك . ئەمما ئىشلىمەكچى ئىكەن  ، جەزمەن قابىليەت بولۇش  كېرەك ، ۋاھالەنكى قابىليەتكە پەقەت  ماھارەتنى تەتقىق قىلغاندىلا  ئېرىشكىلى بولدۇ  »⑧ دىگەن  ئىدى .
      مەشھۇر  شائىر  ، ياشغۇچلاردا  ئۆتكۈر  ، چوڭقۇر كۈزتىش قابىليىنى  ، ھۆكۈم قىلىش قابىليىتى ، ، مول تەسەۋۋۇر قىلىش قابىليىتى  ، ناھايتى يۇقرى دەرىجىدىكى  بەدىئى ئىپادىلەش  قابىليىتى بولدۇ .  بۇنداق قابىليەت ئانىدىن تۇغۇلغاندىلا  ئەمەس  ، بەلكى  ئۇزاق مۇددەتلىك  ئىزدىنىش ، چېنقىش ، ئۆلمەس ، شاھانە  ئەسەرلەرنىڭ  ئىلھام  بېرىش ئارقىسدا  قەدەممۇ - قەدەم  مەيدانغا كېلدۇ .
        يۇقۇردا بايان قىلىنغانلارنى  يىغىنچاقلاپ ئېيقاندا  ، بىر ئىنقىلاۋىي شائىر  ، يازغۇچنىڭ يېتشىپ چىقشىدا  ئەڭ مۇھىمى  ،  تۇرمۇش ، ئىديە ، بەدىئى ماھارەتتىن ئىبارەت  ئۇچ خىل ئامىل رول ئوينايدۇ  .
      قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپى  ئارىستوتىل  «  شېئىرىيەت ئىلمى  »  ناملىق ئەسىردە  « شائىرنىڭ  ۋەزىپىسى يۈز بەرگەن  ۋەقەلەرنى بايان قىلىشلا ئەمەس  ، بەلكى ئېھتىماللىق    قانۇنى ياكى  مۇقەررەرلىك قانۇنى  يۈز بېرىش مۇمكىن  بولدىغان ۋەقەلەرنى  يېزىشتىن ئىبارەت  »  دىگەن ئىدى . بۇ :  شائىرنىڭ دۇنيادا يۈز بېرىش  مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى  ئالدىن (  ۋەقە يۈز بىرىشتىن بۇرۇن )  سېزىپ  ئۆز ئەسەرلىردە  دانىشمەنلەرچە  بىشارەت بېرىش  قابىليىتىگە ئىگە  بولۇشى  لازىملىغىنى كۆرسىتىدۇ .


ئىزاھاتلار :

① ئېلماز ئۇزتۇنا : « بۈيۈك تۈركىيە تارىخى » ، تۈرۈكچە ، 1 - توم ، 85 - بەت  .
② بەنگو : « يىلنامسى  ، ھونلار  ھەققىدە  قىسسە » ، 11 - كىتاپ  ، خەنزۇچە  ، 3760 - بەت .
③ « ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى » ، ئۇيغۇرچە  8 -  بەت .
④ ھازىرقى ئىچكى موڭغۇليەدىكى  يېڭشەن  تاغلىرنى  ئۇيغۇرچە  ، چوغاي تاغلىرى  دەپ ئاتغان .
⑤ « تۇرا » ئاتالغۇسى  قەدىمقى چاغدا  (7 - ئەسىردە )  شەرىقتە ئۇلۇغ ئوكيان  قىرغاقلىردىن  تارتىپ ، غەرىپتە دىنپىر  بويلىرغىچە  سوزۇلغان  تىرتورىيىدە  ياشغان پۈتۈن تۈركى  قەبىلىلىرنىڭ  ئورتاق نامى ئىدى . بەزدە  « تۇرا »  ئاتالغۇسى  شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ  ( ھازىرقى  تاشقى ۋە ئىچكى  موڭغۇليىدە  ياشغان ئۇيغۇرلارنىڭ  _ ئا ) لار  نامى سۈپتىدىمۇ  قوللىنىلاتتى .
⑥  روزىنتارە  بودىن  :  « قىسقىچە پەلسەپە لۇغىتى » ، خەنزۇچە  ، 195 - ەت .
⑦ م . گوركى : « ئەدەبىيات توغرىسدا » ، 2 - كىتاپ ، ئۇيغۇرچە  116 - بەت .
  ⑧  گوركى : « ئەدەبىيات توغرىسدا »  خەنزۇچە  42 - بەت .

    
                    
تارىم  ژورنىلى : 1985 - يىل  8 - سان .


     تامام  .
[ 此贴被kunkiz在2008-10-19 20:07重新编辑 ]
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-19 08:02 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
篮球美女
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29012
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1578
شۆھرەت: 1653 نۇمۇر
پۇل: 5254 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

يوۋ ئاللا كۈنقىز سىز زە ئەمدى سېئىر ۋە شائىرلىق تەتقىقاتىغا چۈشۈپ كىتىپىسز دە    ئەمما ئەدەبىيات ساھەسدىكىلەر ۋە يزىقچىلىققا قىزقىدىغان ھەۋەسكارلار ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتىك تىمىنى يوللاپىسز .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-19 08:09 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
dubay
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28983
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 144
شۆھرەت: 198 نۇمۇر
پۇل: 939 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 470(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

(ﺋﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ! ﻣﻪﻛﻜﻪ ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻳﻤﯘ؟ (221). ﺋﯘﻻﺭ ھﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯩﻐﯟﺍ ﺗﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ، ﮔﯘﻧﺎھكاﺭﻏﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ (222). ﺋﯘﻻﺭ (ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﭽﻪ) ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯗ،ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻼﺭﺩﯗﺭ (223). ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﮔﯘﻣﺮﺍھﻼﺭ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯗ (224). ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ (ﺳﯚﺯ) ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻣﺴﻪﻥ؟ (225). ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ (226). ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ، ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ (227).       ( سۈرە شۇئەرا 222-227 ئايەتكىچە)
مانا بۇ جانابىي اللاھنىڭ ئەڭ ئادىل ھۆكمى. بۇنىڭدىن باشقىسى پۈتۈنلەي سەپسەتە.
  ئارتۇق بىلجىرلاپ اللاھ ئالدىدا گۇناھكار بولماڭ، اللاھ ھەممىدىن قۇدرەتلىك، ھەممىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ زاتتۇر.
[ 此贴被dubay在2008-10-19 21:01重新编辑 ]
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-19 08:53 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
kadimitax
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28279
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 80 نۇمۇر
پۇل: 359 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-07

 

مىللەتنى گۈللەندۈرەيلى ئىمانىمىز بىلەن،
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 10:46 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
muhterjan
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 25388
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 217 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

بۇ ماقالىدىكى بەزى قاراشلار بەك كونىكەن.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 10:46 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
free
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 20737
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 624
شۆھرەت: 624 نۇمۇر
پۇل: 2017 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 208(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

Quote:
引用第3楼dubay于2008-10-19 20:53发表的  :
(ﺋﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ! ﻣﻪﻛﻜﻪ ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻳﻤﯘ؟ (221). ﺋﯘﻻﺭ ھﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯩﻐﯟﺍ ﺗﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ، ﮔﯘﻧﺎھكاﺭﻏﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ (222). ﺋﯘﻻﺭ (ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﭽﻪ) ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯗ،ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻼﺭﺩﯗﺭ (223). ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﮔﯘﻣﺮﺍھﻼﺭ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯗ (224). ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ (ﺳﯚﺯ) ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻣﺴﻪﻥ؟ (225). ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ (226). ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ، ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ (227).       ( سۈرە شۇئەرا 222-227 ئايەتكىچە)
مانا بۇ جانابىي اللاھنىڭ ئەڭ ئادىل ھۆكمى. بۇنىڭدىن باشقىسى پۈتۈنلەي سەپسەتە.
  ئارتۇق بىلجىرلاپ اللاھ ئالدىدا گۇناھكار بولماڭ، اللاھ ھەممىدىن قۇدرەتلىك، ھەممىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ زاتتۇر.


ھاجىم سىلە نىمە دىمەكچى.... .بۇنىڭدا شۇ تارىخنى سۆزلەپتۇ ئۇنىڭدىن باشقا ئىش يوق...........بۇ دۇنيادا ھەم ئۇ دۇنيادا باھا بەرگۈچى شۇ ئاللا.....سىز باشقىلانى يازغىلى قويۇڭ ھەم سۆزلىگىلى قويۇڭ....
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 01:23 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
篮球美女
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29012
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1578
شۆھرەت: 1653 نۇمۇر
پۇل: 5254 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

يوۋ فىرى سىز بار ئىكەنسىز ھە ؟   ئەجگپ يوقاپ كەتكەن ئىدىڭىز ، ئەمدى دۇبەي قىرىندىشىمزىنىڭ يازغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ غاچچىدە پەيدا بوپ قاپىسزغۇ    بۇ دۇبەي قىرىندىشىمىزمۇ بۇ ئىنكاسنى بۇۇرنراق يازغان بولسا بوپتىكەن ھە ؟
ئەمەلىيەتتە مەنمۇ دۇبەي قىرىندىشمىزدەكلا قارايمەن . بەلكىم بۇنى كۆرۈپ خىلى كۆپ كىشىلەر مىنىڭ ئىدىيەمدىن گۇمان قىلىشى تۇرغانلا گەپ قالغىنى بىر ئۇلۇغ ئاللا بىلگۈچىدۇر ، بىزگە نىمىنىڭ خاتا ياكى توغرا ئىكەنلىكىنى بىزگە بۇ ھەقتە ئاللا قاچانلاردا ئىنىق شەرھىلەپ بەرگەن .
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 02:35 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
hitab
تۆھپىكار ئەزا
دىيارىم تۆھپىكارى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1344
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1697
شۆھرەت: 1173 نۇمۇر
پۇل: 141 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 569(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

دۇبەي ئەپەندى كۈنقىز تىمىسدا گۇمراھلارغا ئەگەشكەن شائىر دىمەپتىغۇ؟گۇناھكار بولدىمۇ -بولمىدىمۇ سىز نەدىن بىلسىز؟پەقەت شئېرنىڭ مەيدانغا كىلىش تارىخى ،رولى ،خۇسۇسيىتى ،ئالاھىدىلكى تۇغرىسدا تۇختۇلۇپتۇ.ئەگەر سىزنىڭ سۆزىڭىزچە بولغاندا بىز شئېر يازماي،ئۇقۇماي ،شئېر يازغانلارنى ،شىېئر تۇغۇرلۇق مۇنازىرە قىلغانلارنى ھەممىسى گۇناھكار بولغۇدەك دە.ياق  بۇنى بىز ياكى سىز ئەمەس پەقەت ئۇلۇغ ئاللا بەلگىلەيدۇ.سىزنىڭ شئېرغا باھا بېرىشڭىز تۇغرا لېكىن  باھانى تىما ئىگىسگە بېرىشڭىز خاتا.سىز شۇنچلىك نەقىل كەلتۈرگەن ئىكەنسىز ئەقىل ئىگىسى بولغان كىشى نىمنىڭ گۇناھ بۇلدىغانلىقنى ئىنىق بىلىدۇ.ئىلمى تىمىغا ئىلمى مۇنازىرە قىلىلى .باشنىڭ ئۈستىدىكى كاۋا يا قاپاق بولمغاندىكىن .بەزى قۇشاقچىلارمۇ ئۇياق بۇ ياققا ئىغاڭشىماي تىمىنى تەپسىلى ئۇقۇپ بۇرۇن مەن نىمە يازغان  دىگەننى ياخىشى ئويلاپ ،ئاندىن ئىنكاس يازىلى.
[ 此贴被hitab在2008-10-20 19:14重新编辑 ]
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 06:47 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
katil731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 18503
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2256
شۆھرەت: 2101 نۇمۇر
پۇل: 5563 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 624(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

ئاللاھ بەلگىلەيدۇ ،

ئۇبدان قاراپ بېقىڭ دۇبەي ئۆزىنىڭ گېپىنى قىپتىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يېزىپتىمۇ؟ سىز خېلى ساۋاتلىققۇ دەيمەن،
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-21 05:04 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
pa^re
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 26364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 192
شۆھرەت: 192 نۇمۇر
پۇل: 697 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-07

 

ئەجەپمۇ ئىسىل تىمدىن  بىرنى يوللاپسىز  رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا ساقلىۋالدىم ساقلاپ قويغۇدەك ماتىريال ئىكەن بۇ .
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 11:02 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
kumluk1
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 32699
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-31

 

رەخمەت .ياخشى تېمىكەن .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-31 10:40 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
dilnuri
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 24360
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 133
شۆھرەت: 133 نۇمۇر
پۇل: 528 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 195(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

ياخشى تىمىكەن.
كۇنقىزغا رەھمەت.
دۇبەي خاتا گەپ قىلماپتىغۇ؟
ئاللانىڭ سۈزلىرىنى نەقىل قىلسا نىمە يامىنى؟
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-03 01:50 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
aximjansabit
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13

 

Quote:
بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىfreeنىڭ2008-10-20 13:23 دە يوللىغان يازمىسى   :


ھاجىم سىلە نىمە دىمەكچى.... .بۇنىڭدا شۇ تارىخنى سۆزلەپتۇ ئۇنىڭدىن باشقا ئىش يوق...........بۇ دۇنيادا ھەم ئۇ دۇنيادا باھا بەرگۈچى شۇ ئاللا.....سىز باشقىلانى يازغىلى قويۇڭ ھەم سۆزلىگىلى قويۇڭ....


تەقسىر،دۇبەينىڭ ھاجى ياكى ئەمەسلىگىنى بىلمەيمەن،ئەمما دوق قىلىشىپ يۈرمەيلى،مۇشۇ مۇنبەردە كىچىككىنە ئىش دىتىغا توغرا كەلمىسە،چاپان چۆرۈپ جىدەلخورنىڭ گىپىنى قىلىپ يۈرسەك بولمايدۇ،يەنە كىلىپ بىر مۇسۇلماننى ئاللاھنىڭ كالامىدىكى ھۆكۈم بىلەن توغرا يولغا باشلاش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن،بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاغرىتىپ سۆزلىگەن كىشى بەلكىم سىزنى مىھرى بىلەن قولىڭىزدىن تۇتۇپ جەننەت تەرەپكە ئېلىپ كىتىۋاتىدۇ،
ئەگەر ئاڭلىغۇچىنىڭ ئېڭىدا ئۇنداق قاراش بولمىسا ئامال يوق،قېرىندىشىمىز توغرا گەپ قىپتۇ،ئايەتى كەرىمدە،ئاشۇرۇپ سۆزلىمىگەن(ھەق گەپ قىلغان)،قىلمىغان ئىشلارنى قىلدىم دىمىگەن،ھەقىقەتكە،اللاھنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن شائىرلارغا ۋە ئۇنداق شىئىرغا باشقا ئادىل ھۆكۈم بار ئىكەن ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن قاراپ بېقىڭ،
كۈنقىزنىڭ يازغانلىرىمۇ ياخشى تىما،شىئىرىيەتتە بىلىشكە تىگىشلىك بولغان ئاساسى بىلىملەر،تازا ئىنچىكە تەھلىل قىلسىڭىز،بۇ ئىككەيلەننىڭ پىكرى بىر_بىرىنى چەتكە قاقمايلا قالماي،مەلۇم مەنىدىن بىر-بىرنى تولۇقلايدۇ،شىئىر ئاجايىپ گۈزەللىككە ئىگە بولغان بىر ئەدەبى ژانىر،بۇھەقتە ئايرىم توختالغۇدەك بىلىم مەندە يوق.گۈزەل نەرسىنى گۈزەل ئىشقا ئىشلەتسە --گويا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك يارىشىدۇ.شىئىر يازساڭ بولمايدۇ دىگەن گەپ ئەمەسقۇ دۇبەينىڭ دىگەنلىرى،ئاشىقلىق،ئازغۇنلۇق،غافىللىق،چۈشكۈنلۈك،........دىگەنلەرگە ئوخشاش ئادەمنى زالالەتكە،كۇپرىغا باشلايدىغان،ئىمانغا دەخلى يەتكۈزۈپ،ئازابۇلئەزىمگە گىرىپتار قىلىدىغان شىئىرلار ،ئايەتى كەرىمنىڭ نازىل بولغان چېغىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش،بۇ ئايەت ھەققىدىكى تەپسىرلەرنى مىنىڭچە قېرىندىشىمىز دۇبەي تىما قىلىپ يوللاپ بەرسە بۇنىڭدىن ھەممە ئىشلارنى ئېنىق بىلىۋالالايمىز.
مىنىڭ تەشەببۇسۇم :ھەممىمىز ئۆزىمىزنى قالتىس چاغلاپ،توغرا  تەربىيەلەرنى قوبۇل قىلمىساق،بۇ مۇنبەرمۇ بىزنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدەك  چۇۋالچاق بولۇپ قالىدۇ،ئەگەر مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشى توغرا دەۋاتقان ئىددىيەگە نىسبەتەن پىكرىڭىز بولسا سۇئال شەكلىدە سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ،شۇنىڭدا چوقۇم تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 01:48 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
aximjansabit
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13

 

Quote:
بۇ مەزمون8قەۋەتتىكىhitabنىڭ2008-10-20 18:47 دە يوللىغان يازمىسى   :
دۇبەي ئەپەندى كۈنقىز تىمىسدا گۇمراھلارغا ئەگەشكەن شائىر دىمەپتىغۇ؟گۇناھكار بولدىمۇ -بولمىدىمۇ سىز نەدىن بىلسىز؟پەقەت شئېرنىڭ مەيدانغا كىلىش تارىخى ،رولى ،خۇسۇسيىتى ،ئالاھىدىلكى تۇغرىسدا تۇختۇلۇپتۇ.ئەگەر سىزنىڭ سۆزىڭىزچە بولغاندا بىز شئېر يازماي،ئۇقۇماي ،شئېر يازغانلارنى ،شىېئر تۇغۇرلۇق مۇنازىرە قىلغانلارنى ھەممىسى گۇناھكار بولغۇدەك دە.ياق  بۇنى بىز ياكى سىز ئەمەس پەقەت ئۇلۇغ ئاللا بەلگىلەيدۇ.سىزنىڭ شئېرغا باھا بېرىشڭىز تۇغرا لېكىن  باھانى تىما ئىگىسگە بېرىشڭىز خاتا.سىز شۇنچلىك نەقىل كەلتۈرگەن ئىكەنسىز ئەقىل ئىگىسى بولغان كىشى نىمنىڭ گۇناھ بۇلدىغانلىقنى ئىنىق بىلىدۇ.ئىلمى تىمىغا ئىلمى مۇنازىرە قىلىلى .باشنىڭ ئۈستىدىكى كاۋا يا قاپاق بولمغاندىكىن .بەزى قۇشاقچىلارمۇ ئۇياق بۇ ياققا ئىغاڭشىماي تىمىنى تەپسىلى ئۇقۇپ بۇرۇن مەن نىمە يازغان  دىگەننى ياخىشى ئويلاپ ،ئاندىن ئىنكاس يازىلى.

  خىتاپ ئەپەندى ،سىز باشلىق ئىكەنسىز،سىزنىڭ سۆزىڭىز دىيارىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،كۈنقىز توغرا تىما يوللىغان،دۇبەينىڭ يوللىغىنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىكەن،سىز بۇنىڭغا سوغۇققان مۇئامىلە قىلىڭ،ھەر ئىككىسىدە ياخشى بىر مەخسەت بار،باشلىق دىگەن چوڭ سۈپەت بولسا تېخىمۇ سالاپەتلىك تۇرىدۇ دەيمەن (چاقچاق)
بۇنىڭ بىرى شىئىرنىڭ نەزىرىيە بىلىمى،يەنە بىرى روھى ئاساسى،بىراق دۇبەي پەقەت بىر ئېغىزلا گەپنى زىيادە قىلىپ قويغاندەك قىلىدۇ،خاتالىقنى چىرايلىق دەپپەرسىڭىز،ئوماق باشلىق بولىسىز.ياشىسۇن چۈشىنىش
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 01:57 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﻮﺑﺰﻭﺭ - ﺗﻪﻧﻘﯩﺖ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.097370(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 10:40
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号