چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
بۇ تېما 2689 قېتىم كۆرۈلدى
gvzal3.8
http://blog.retim.cn/289129
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1396
شۆھرەت: 1860 نۇمۇر
پۇل: 327 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1015(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 دىيارىمدا مەشرەپ(گۈزەل3.8)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 sirajil 设置为精华(2008-10-18)


    
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
    تۈنۈگۈن كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇۋېرىپ ھېرىپ كۆزلىرىم ئېچىشقىنىدىن ئۇيقۇم كەلگىنىنى سەزدىم-دە،ئاستىلا كومپىيوتىرنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتىم.......
    جىرىڭ،جىرىڭ......تېلىفۇننى ئالدىم. تېلىفۇن كۈنقىزدىن كەلگەن بولۇپ،سالام-سائەتسىزلا:
    _ئاداش،ما خەقنى كۆرۈڭ!،_دەپلا سۆز باشلاپ كەتتى.
    _ نىمە بولدىڭىز كۈنقىز؟،_سورىدىم ئۇنىڭدىن. ئۇ بوغۇلۇپ تۇرۇپ:
    _كۆرمەمسىز،نىمانداق يۈزسىز خەق بۇ؟!شۇنچە يىلدىن بېرى تورداش دەپ يۈرۈپتۇق. قارىڭە، مەشرەپكە بىزنى قاتناشتۇرمىغىنىنى!ئىسىت،ئاتايىن شۇنچە ئۇزۇن يولنى بېسىپ،تورداشلار مەشرىپى ئىكەن دەپ پالاقشىپ كەپتىمەن...._ئۇ شۇنداق دەپلا گەپ قىلالمىدى. ئېنىقكى ئۇنىڭ ھازىر قاتتىق ئاچچىغى كەلگەن ئىدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ غۇژژىدە ئاچچىغىم كەلگەن بولسىمۇ،ئۇنى تېخىمۇ قايناپ كەتمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى بېسىۋىلىپ تەمكىنلىك بىلەن سورىدىم:
    _كىملەركەن،نەدە ئۆتكۈزۈپتۇ؟
    _ھەقىچان شۇ< ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> دەپ مۇنبەردىكى ئەرخەقلەرنى گۇاڭخۇيگە يىغىۋالغاندۇ بۇ ئاتامانمۇ. جېنىمنى چىقىرىپ.....، _ كۈنقىز تېخىمۇ قاينايدىغاندەكلا تۇراتتى.مەنمۇ ئويلاپ قالدىم،<توۋا،بۇ دىلشات ئاتامانمۇ قىززىقكەن. ئادەتتە شۇنداق لىللا ئىش قىلىدىغاندەك تۇراتتى. بۇ قېتىم ھەجەپ يۈزسىزلىك قىپتىغۇ؟ھىچبولمىغاندا بىزنى بىۋاستە قاتناشتۇرمىسىمۇ،خانىم-قىز تورداشلارغا باشقىچىرەك سورۇن راسلاپ بەرسىمۇ بولاتتىغۇ؟خەپ!!!......> شۇ خىياللار بىلەن جىم بولۇپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا كۈنقىز:
    _ھەي گۈزەل، يا بولمىسا بىزمۇ بۇ خەقكە بوزەك بولۇپ ئۆزىمىز بىلەن ئۆزىمىز جىلى بولۇپ ئولتۇرىۋەرمەي،ئاستاغىنە بېرىپ،مۆكۈپ تۇرۇپ،بۇلارنىڭ ئىسىل مەشرەپلىرىنى بىر كۆرۈپ باقايلى، قېنى، بۇ پوچىلار قانداقراق مەشرەپ ئۆتكۈزدىكىن؟ كېلىڭە،مەن مۇشۇ گۇاڭخۇينىڭ ئالدىدا ساقلايمەن_ دىدى. ئويلاپ مەنمۇ توغرا تاپتىم. بىر چاغ بولغاندا گۇاڭخۇي بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى لىفىت ئالدىغا كەلسەم،كۈنقىز،ئەجرىم،چوغلۇق،پەرىشتە،تۈركىناز،ئايجاھان،جانانقىز،جانان،ئايچىۋەرخانىم،زۇلپىيە،گۈلبەر،تارتىنچاق، ئاقلاچىن خانىم،ئاتىكەم،سابا،كۆزيېشى،كەرىمە، نىگار،ياۋاگۈل،كۈسەن،ۋاسكىتبول گۈزىلى،خەلچىگۈل،قۇندۇزئاي......قاتارلىقلار تۇرۇپتۇ.ئىچىمدە<ۋاي-ۋۇي نىمانداق كۆپ خانىم-قىزلار بۇ،دىلشات ئاتامان مۇشۇنچىۋالا خانىم-قىزلارنىڭ مەشرەپتىكى چىقىمىدىن قورقۇپ بولسىمۇ،بىزنى قوشماپتىدە>دەپ ئويلىدىم.ھەممىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ،ئەجرىمنىڭ يول باشلىشىدا يېڭى كۆچكەن 15-قەۋەتكە چىقتۇق. ھەمدە شۇ زالنىڭ چېتىدىكى چوڭ بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇق. بىز ئىچىدە ئولتۇرۇپ،تاشقىرىنى ئېنىق كۆرگەن بىلەن ئۇلار بىزنى كۆرەلمەيتتى. ھەجەپ ياخشى.
     شۇنداق قىلىپ،بىر ئازدىن كېيىن دىيارىمدىكى ئەر مەشرەپچىلەر ئاياغلىرىنى سۆرۈشۈپ كىرىپ كەلدى. ۋاي خۇدا ،دىدىم ئىچىمدە. توردا ئىسىمنى نوچى قويۇپ،چولپانلارنىڭ رەسىملىرىنى ئىشلىتىۋالسا،ھەممىسىلا ئاجايىپ قاملاشقان باللارمىكىن دەپتىكەنمەن
     شۇ ئارىلىقتا يارقىن بىلەن خىتاپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ،بىر مۇنچە گېزىتلەرنى يەرگە يايغىلى تۇردى.
     _ھەي،بۇلار دۈم يېتىپ تۇرۇپ گېزىت ئوقۇمدۇ-نىمە؟،_تارتىچاق توۋلىۋەتتى.
     _ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ،بىردەم ساقلايلى،_دىدى خەلچىگۈل.
     ئارقىدىنلا ئوتياقكام بىلەن مۇزتاغ بەش-ئالتە مېتىر كەلگۈدەك رەختنى ھېلىقى گېزىتلەرنىڭ ئۈستىگە سالدى ھەم تەن-روھنىڭ قولىدىكى ماشىنىنىڭ سېلىنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، بىر چەتكە ئۆتۈپ قول باغلاپ تۇردى -دە،ئاتامانىمىز بېرىپ ھېلىقى راسلانغان «ئالاھىدە»ئورۇنغا كېرىلىپ ئولتۇردى.
     _ۋاي خۇدا،مۇشۇنچىۋالا ئەرلەر ئۆيلىرىدىن ئاپىسىغا ياكى ئايالىغا دەپ بىرەر پارچە نىلۇن گىلەممۇ ئېچىقالمىغىنىنى قاراڭلار،سەنشىخاڭزىغا بېرىپ ئون كويغا ئۈچ مېتىر بېرىدىغان رەختتىن ئەكىلىپ گىلەم قىلىۋالغىنىنى،_پەرىشتە ئاغزىنى تۇتۇۋېلىپ تازا كۈلۈپ كەتتى
     _ۋاي،ئاۋۇ دىلشات ئاتامان شۇ ئوخشىمامدۇ؟،_دىدى زۇلپىيە.
     _ھەئە،بۇ قارا كۆزەينەك تاقاپ ھەيۋەت بىلەن كىرىپ ئاۋۇ ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان كىشى بىزنىڭ دىلشاتكام،_دىدى چوغلۇق پەخىرلىنىپ.
     _ھەيۋەتمىش،خۇددى كىنولاردىكى.......،_ئەمدى گەپنى باشلىشىمغا سىراجىلنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
     _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپ ئەھلى. ھازىر مەشرىپىمىزنى باشلايمىز. ئالدى بىلەن مەشرەپ بېگىنى ئىككى ئېغىز سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى.
     ئاندىن ئاتاماننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
     _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار؟،_<توۋا،ئاتامانمىش، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ بىر ئوبدان سالامنى قىلغاندىكىن،بولمىدىمۇ،يەنە نىمە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان ياخشىمۇ سىلەرنى ئىشلىتىدىغاندۇ؟>دىدىم كوتۇلداپ.يەنە ئاتاماننىڭ ئاۋازى چىقتى،_بۈگۈن ئۆمرىمىزدىكى رەڭسىز بىر سورۇننى ھازىرلاشقا تۇتۇش قىلدۇق. ھە،قارىسام ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ تەييارلىقلىرى پۇختىكەن.ئەمىسە مەشرىپىمىزنى باشلىۋىتەيلى.

     سىراجىل يەنە يەڭلىرىنى شىمايلاپ :
     _ئەمىسە،مەن مەشرىپىمىز توغرىسىدا ئازراق سۆزلەي. بۈگۈنكى بۇ مەشرىپىمىزدە
     مەشرەپ بېگى: ئاتامان
     يىگىت بېشى: سىراجىل
     كۆل بېگى: ئوتياق
     دارا بېگى: قۇشبىگ
     مىرشاپ بېگى: ئۆتكۈر
     دوغا : ئاشكار،نودار
     پاششاپ: ئۆركىشى، ئاتا بۆرە
     مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەشرەپ جەريانىدا كىمىكى مەشرەپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلسا جازاسى بار. ھەممىمىزگە مەلۇم.مەشرەپ دىگەن ئەدەپ-ئەخلاق،شەرمىي-ھايا....ئۈگۈتىدىغان بىر سورۇن......،_سىراجىل شۇنداق دىگەچ ئۆتكۈرنىڭ قولىدىكى<گۈل تاياق>قا قاراپ قويۇپ توختىماي سۆزلىگىلى تۇردى.
     _ۋاي،ۋۇي،تازا بىر كاسكىنى يىگىت بېشى قىپقويدىمۇ-نىمە ،بۇلار.باشلىسا بولمامدىغاندۇ،ئو...ۇش،_دەپ قاينىغىلى تۇردى ۋاسكىتبول گۈزىلى.

مەشرەپ باشلاندىىىىىىىىىىىى!

         يىگىت بېشى شۇنداق ئېلان قىلىشى بىلەن مەشرەپ باشلىنىپ بىر توپ مەشرەپچىلەرئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى. ۋاھ،ئۇسۇلنى ھەقىقەتەن ياخشى ئوينايدىكىنا بۇ باللار، تېلىفوندا بولسىمۇ رەسىمگە تارتىۋالغانتىم،  بىراق تازا ئېنىق چىقمىدى



مەنبە: ئۆزۈم.
داۋامى بار.........
[ 此贴被gvzal3.8在2008-10-29 13:39重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : Ay~chiwar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-10-17, 17:21
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kuxbeg526)      ..
  • شۆھرەت:+10(saba7911)
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ئۆزىگە خاس م ..
  • MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-18 12:37 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    xorpixana
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31442
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 66
    شۆھرەت: 66 نۇمۇر
    پۇل: 382 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 437(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    ئەپسۇس!مەشرىپىڭىزگە بىز قاتنىشالماي قاپتۇق! ئاشنى كۆرگەندە ئىمان قېچىپتۇ  دېگەن شۇمۇيا!
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 01:46 AM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    MuzTagh
    مۇنبەر نازارەتچىسى
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
    دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


    UID نۇمۇرى : 65
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 724
    شۆھرەت: 523 نۇمۇر
    پۇل: 819341 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 269(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    گۈزەل3.8 سىز ئادەتتە ئۆچكە يېغىنى كۆپ ئىستىمال قىلامسز؟
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ئەتە شۇنداق كۈنلەر كىلدۇ......

    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 02:25 AM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    turditohti
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28976
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 251
    شۆھرەت: 367 نۇمۇر
    پۇل: 1112 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 882(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    گۈزەل 3.8سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇپ،غۇلجىنىڭ ئىسىل چاقچاقلىرىنى نەخ مەيداندا ئاڭلىغاندەك بولدۇم.سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن.
    داۋامىنى تىزراق يازارسىز
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 02:43 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    pukra
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15369
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 357
    شۆھرەت: 349 نۇمۇر
    پۇل: 1160 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 229(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-28

     

    ھاي ! مەشىرەپ ئەھلى . بۇندىن كېينكى مەشىرەپلىرىڭلارغا  مېنىمۇ قېتۋىلىڭلار ، مەنمۇ ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالاي ،
    توققۇز قىزنىڭ گۈل تاجى بولاي،
    كۆكسۈمگە قولۇمنى قوياي ،
    گاچىچىدە بىر قوينى سوياي ،
    مەشىرەپنىڭ  مەكتىپىدە ئوقاي ،
    كەلسە كەلمىسە قوشاقمۇ توقاي ،
    خالىغان بىرىڭلارنى چاقچاقتا سوقاي،
    توققۇز قىزدىن بىرىنى ئەمىرىمگە ئالاي ،
    بويتاقلىقىمنى قىلىپ سۈرتوقاي،
    يەتكۈزۈڭلار  يىگىت بېشىغا  ،
    بۇ كۆڭۈلنى قوبۇل قىلغاي.

    كەمىنە پۇقرادىن.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 04:27 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    miradilrexit
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 19745
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 112
    شۆھرەت: 104 نۇمۇر
    پۇل: 324 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-31

     

    مەنمۇ  قاتنىشالماي  قاپتىمەن ،
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 04:30 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    qunduzay
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29192
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 172
    شۆھرەت: 197 نۇمۇر
    پۇل: 735 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 252(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-06

     

    شــــــــــــــــــۈ....................
    تېچ تۇرۇڭلار، ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلماي!
    گەپنىڭ داۋامى با تېخى.
    قېنى گۈزەلقىز!!!
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 08:24 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    جانان
    http://blog.retim.cn/632174
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29219
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 343
    شۆھرەت: 774 نۇمۇر
    پۇل: 618 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 340(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    گۈزەل ھەدە سىزگە قىسقا ئۇچۇر يوللىسام نىمىگە ماڭمايدۇ؟
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 09:35 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    sirdax1985
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 21671
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 164 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 126(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-28

     

    يەنىلام ناخشا ئۇسۇل..............
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 09:40 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1396
    شۆھرەت: 1860 نۇمۇر
    پۇل: 327 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1015(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    Quote:
    引用第7楼جانان于2008-10-18 09:35发表的 :
    گۈزەل ھەدە سىزگە قىسقا ئۇچۇر يوللىسام نىمىگە ماڭمايدۇ؟


    نىمىشقا ماڭمايدىغاندۇ؟ ئۇچۇرىڭىزنى ساقلاپ كۆزلىرىم تۆت بوپكەتتى
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 10:07 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    turditohti
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28976
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 251
    شۆھرەت: 367 نۇمۇر
    پۇل: 1112 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 882(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    Quote:
    引用第9楼gvzal3.8于2008-10-18 10:07发表的  :


    نىمىشقا ماڭمايدىغاندۇ؟ ئۇچۇرىڭىزنى ساقلاپ كۆزلىرىم تۆت بوپكەتتى

    شۇنىڭغا قارىغاندا كۆزئەينەك تاقاپ ساقلىۋاتقان ئوخشىمامسىز(چاقچاق)
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 10:15 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1396
    شۆھرەت: 1860 نۇمۇر
    پۇل: 327 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1015(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    داۋامى

          ئۇسۇلچىلار توختىشى بىلەن يەنە يىگىت بېشىنىڭ ئاۋازى چىقتى:
          _ئەمدى ناۋا ئەپەندىنى بىر ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى مەشرەپ ئەھلى.
    ناۋا دىگەن مۇشۇ يىگىتكەندە؟ دىيىشتۇق ھەيرانلىقتا.
          _ئىسمىنى بىكاردىنلا ناۋا دەپ قويماپتىكەن بۇ ئۇكام،_دىدى ئاقلاچىن خانىم .
          _ھەجەپ تونۇشقۇ بۇ يىگىت،_دەپ ئويلانغان قىياپەتتە سورىدى قۇندۇزئاي.
          _ھە،بولدى قىلىڭلار،ناخشىسىنى بىر ئاڭلايلى،شۇ چاغدا كىم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز،_ياۋاگۈل شۇنداق دەپ پەخىرلىنىپ ئولتۇرغان ساباغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.


         ناۋانىڭ ناخشىسى ھەقىقەتەن يېقىملىقكەن.ناخشا تۈگىشى بىلەن يىگىت بېشى چىقتى-دە: 
         _ئەمدى بىزنىڭ دارا بېگى قانداقراق سوۋغا بىلەن كەلدىكىن؟،_قۇشبېگنى مەيدانغا تەكلىپ قىلدى.
         دارا بېگى(قۇشبېگ)ئوتتۇرىغا چىقتى-دە:
        _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوتتۇز ئوغۇل.مەن سىلەرگە باشقا سوۋغات بېرەلمىسەممۇ،ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان گىتتار مۇزىكىسىغا ئۇسۇل ئويناپ بېرەي.
        _خا،خا،خا......،_بىراقلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
        _قۇشبېگ ئاكامنىڭ مۇنداقمۇ ھۈنىرى باركەن ھە؟،_دىدى جانان كۈلۈپ تېلىقىپ.
    قارىسام قۇشبېگ قوللىرىنى قۇشتەك كېرىپ،غۇلاچ تاشلاپ،بەزىدە ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ مۇڭلۇق گىتتار ناخشىسىغا بىردەم «ئۇسۇل»ئويناپ بەردى.
        _مانداقمۇ ئۇسۇل باركەن ھە؟ بۇنى بىر سەنئەت دىسەك بولغىدەك،_دەپ كۆزىدىكى تولا كۈلۈپ توختىمايۋاتقان يېشىنى ئېيتتى تۈركىناز.
        _بولىدىكەنغۇ،سىلەرگە يارىمىدىما،ماڭا شۇنداق يارىدى بۇ ئۇسۇل، بۇنى دىگەنچۇ ئۇسلۇپ دەيمىز _دىدى تارتىنچاق بىزگە ئالىيىپ.

        يەنە يىگىت بېشىنىڭ ئاۋازى چىقتى.
        _ئەمدى ئوتتۇز ئوغۇلدىن ئۆزۈڭلار خالىغان بىرىڭلار چىقىپ،ئەكەلگەن نومۇرلىرىڭلارنى كۆرسەتكەيسىلەر.
        شۇ ئارىدا بىر قاملاشقان يىگىتتىن بىرسى چىقتى-دە:
         _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوتتۇز ئوغۇل،مەن چاقچاقچىلار يۇرتىدىن <يۇرت>بولىمەن.سىلەرگە ئالغاچ كەلگەن بىر يۇمۇرۇمنى سۆزلەپ بېرەي. بىر كۈنى ماۋۇ <تاپسام تاپتىم>دىگەن ئاداش ئاپتۇۋۇزدا كېتىۋىتىپ چىرايلىق بىر ئايال بىلەن بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ قاپتۇ،ئۇ ھېلىقى ئايالغا قانداق سۆز ئېچىشنى بىلمەي، <خانىم،پايپىقىڭىز ھەجەپ چىرايلىقكەن،قەيەردىن ئالدىڭىز،مەنمۇ ئايالىمغا ئەپبېرەي دىگەن>دەپتىكەن،ھېلىقى ئايال بۇ ئاداشقا سوغۇق بىر قارىۋىتىپ<بولدى،ئەپبەرمەيلا قويۇڭ،بۇنى ئەپبەرسىڭىز،نەدىكى قاملاشمىغان ئادەملەر پايپاقنى باھانە قىلىپ،ئايالىڭىزغا لاۋزىلىق قىلىدۇ>دەپتۇ.
         سورۇندا پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. بىزمۇ شۇنداق بەك كۈلۈپ كەتتۇق
         يىگىت بېشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا بۇ قېتىمقى نۆۋەت شەيخكە كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىي ناخشىسى بولغان <يۈرەك>دىگەن ناخشىسىنى ئورۇنلاپ بەردى. ئەپسۇس،بۇنى لېنتىغا ئالالمىدىم
         شەيخنىڭ ناخشىسىغا مەس بولۇپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن. بىر چاغ بولغاندا مىرشاپ بېگى ئۆتكۈر ۋە پاششاپ ، دوغىلار بىر ئادەمنىڭ يەلكىسىدىن باسقانچە سورۇنغا ھازىر قىلدى ۋە مەشرەپ بېگى ئاتامانغا:
         _ھۆرمەتلىك مەشرەپ بېگى، مانا بۇ ئاشىقجان بايا قارىسام ئاۋۇ ئۆينىڭ دەرىزىسى ئالدىغا بېرىۋىلىپ ھېلى كۈنقىزغا،ھېلى تارتىنچاققا ، ھېلى نىگارغا مۇنداق قوشاق توقۇپ قاش ئاتقىلى تۇرۇپتۇ.
        
    تارتىنچاققا:
        دەرت ئازاپ ئىچىمگە پاتمايۋاتىدۇ،
    كېچىسى تاڭ تېخى ئاتمايۋاتىدۇ
    ئىچ ئاغرىت تارتىنچاق مېنىڭ ھالىمغا
    يۈرىكىمنى تۆت مۈشۈك تاتلاۋاتىدۇ

    كۈنقىزغا:
    سېنى دەپ بۇ جاندىن كېچەيلا دىدىم
    تاماقتىن،ئۇيقۇدىن قالايلا دىدىم
    كۈنقىزمۇ ياكى سەن ئاينىڭ قىزىمۇ
    سىرىڭنى بىلەلمەي ئۆلەيلا دىدىم

    نىگار:
    كۆزلىرىڭنى بۇلاق دەپلا سۇ ئالايمۇ؟
    ئەشۇ سۇدا يۈز يۇيايمۇ ياكى قولنى
    كۆڭلۈمنى چۈشەنگىنە ئەي نىگارىم،
    سەن ئۈچۈن باسىمەن تىكەنلىك يولنى

    شۇ سەۋەپلىك جازا بېرىش ئۈچۈن سورۇنغا ھازىر قىلدۇق. قانداق جازا بەرسەك بولاركىن؟
       مەشرەپ بېگى:
       _ئاشىقجاننىڭ قىززىپ كەتكەن يۈرىكىگە سامسا ياقامدۇق ياكى سوۋۇتۇپ قويامدۇق؟ ئۆزىدىن سوراڭلار.
        ئاشىقجان:
        _بولدى سوۋۇتۇپ قويۇدىغان جازانى تاللاي،مەن ئىككىنچى ئۇنداق قىلمايمەن. گۇناھىمدىن ئۆتۈڭلار،_دەپ تازا يالۋۇرىۋىدى،ئەتراپىمغا قارىسام،كۆپلىگەن خانىم-قىزلارنىڭ كۆزلىرىدىكى لىققىدە ياشنى كۆرۈپ ،ئۆزۈمنىڭمۇ كۆزىگە ياش كەلگىنى سېزىپ قالدىم.
    ھەممىمىز ئىختىيارسىزلا ھېلىقى يوشۇرۇنغان ئۆيىمىزدىن چىقىپ شۇ مەيدانغا توپلاشتۇق،مەيداندىكى مەشرەپچى ئەرلەر بىزنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدى. شۇ ئارىدا مەشرەپ بېگىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
        _ھە، خانىم-قىزلار ، قەدەملەر قەيەردىن؟ ھەجەپ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بوپقالدۇققۇ؟
        ئەتراپىمغا قارىسام،ھىچكىمدىن سادا چىقىدىغاندەك ئەمەس،ئاشىقجان تېخىچە يەنە ئاشۇنداق يەلكىسىدىن بېسىلغانچە يەرگە قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا ئىچىم شۇنداق سەت ئاغرىپ كەتتىكى،ئىختىيارسىزلا:
        _ئو...ۇش،دىلشات ئاتامان مەشرەپ بېگى ئۇكام،بىزنى بۇ مەشرىپىڭلارغا تېخى قاتناشتۇرمايسىلەر؟!ئەمدى بىچارە ئاشىقجاننى تېخى جازالايمىز دەيسىلەر!نىمە قىلىق بۇ؟!،_دەۋەتتىم. شۇ ئارىدا كۈسەن قولۇمدىن تارتىپ قويدى.
        مەشرەپ بېگى ھەممىمىزگە بىر قارىۋىتىپ:
        _ ھۆرمەتلىك ئاچا-سىڭىل تورداشلىرىم، ھەممىڭلاردىن مۇشۇ يىغىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورايمەن.
    ئەمدى بۈگۈنكى بۇ ئىشلارغا كەلسەك:
    ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم.ئەمىلىيەتتە سىلەرنى چاقىرىپ ھەممەيلەن بىرلىكتە بۇ مەشرەپنى ئۆتكۈزسەك بولاتتى. لېكىن،مەشرەپنىڭ بەزى مەزمۇنلىرى سىلەرگە ماس كەلمەيدۇ.شۇڭا سىلەرنى قوشمىدۇق. قارىمامسىلەر ئەنە،ئاشۇ ئۆيدە يوشۇرۇن ئولتۇرساڭلارمۇ بەزى كۆزى ئىتتىك «ئوۋچى»لار كۆرۈپ ، جازاغىمۇ تەييار بوپبولدى،_ئۇ شۇنداق دەپ ئاشىقجانغا قاراپ قويدى.ئارقىدىنلا:
        _جازا ئىجرا قىلىنسۇن!،_دەپ بۇيرىدى. نەچچىمىز تەڭلا:
         _ياق،ئۇنداق قىلماڭلار،_دەۋەتكىنىمىزنى تۇيمايلا قالدۇق. لېكىن،ئايچىۋەر خانىم:
         _ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان بىر قىسمى «مەشرەپ جازالىرى » بولۇپ ،مەشرەپنىڭ مۇكەممەل ھالەتتە ساقلىنىپ قېلىپ تاكى زامانىمىزغىچە داۋاملىشىپ كېلىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى مەشرەپ سورۇنىدا ئوينىلىدىغان ،قويۇق دىرامما تۈسىنى ئالغان «مەشرەپ جازالىرى»نىڭ بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. مەشرەپ جازالىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سورۇندا كۈلكە قوزغاپ مەشرەپ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شۇ ئارقىلىق ياشلارنى تەربىيىلەش ،مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى ياشلارغا ئۆگىتىشتىن ئىبارەت.
    مەشرەپ ئىنتىزامى ناھايىتى چىڭ .مەشرەپ جەريانىدا ھەرقانداق كىشىنىڭ مەشرەپ ئىنتىزامىغا شەرتسىز بويسۇنۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ ،ئەگەر كىمدە-كىم مەشرەپ قائىدىسىنى بۇزىدىكەن ئۇ كىشى قىلچە يۈز -خاتىرە قىلىنماي جازاغا تارتىلىدۇ،شۇڭا بىز ئارىلاشساق بولمايدۇ،_دەپ چۈشەندۈردى ۋە بىزنى باشلاپ سورۇننىڭ بىر چېتىگە ئۆتتى.
        ئاشىقجانغا بېرىلگەن جازا باشلاندى. ئۇنى يېرىم يالىڭاچ قىلىپ، تامغا قارىتىپ قولىنى كېرىپ تامغا چاپلاشقان ھالەتتە تۇرغۇزۇپ قويدى-دە ، دوغا (ئاشكار) ئاغزىغا سۇ ئېلىپ ئۇنىڭ ئەتراپىدىن پۈركەش ئارقىلىق ئۇنىڭ شۇ تۇرقىنى تامغا چۈشۈرۇۋالدى. بىز ئۇنىڭ تامدىكى«سۈرىتى»نى كۆرۈپ ، ھارغۇچە كۈلدۇق.......

    _ئاپا،سۈت،ئاپا سۈت!،_ئوغلۇمنىڭ ئاۋازى بىلەن چۆچۈپ ئەسلىمگە كېلىپ قارىسام،ئوغلۇمنىڭ قېشىدا يېتىپ خىيالغا چۆكۈپ كېتىپتىمەن.سائەتكە قارىسام كېچە سائەت ئىككىدىن ئېشىپتۇ. ۋاي،خۇدا،بايىدىن بېرى ئۇيقۇمنى ئۇخلىماي ھەجەپ كۆپ خىيال سۈرۈپ كېتىپتىمىنا،دىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلاپ.


    تۈگىدى.
    [ 此贴被gvzal3.8在2008-10-18 12:41重新编辑 ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ئۆزىگە خاس م ..
  • يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 10:31 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    atikam
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17183
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1560
    شۆھرەت: 1531 نۇمۇر
    پۇل: 4895 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2293(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    پاھ  !،،،،،،،دىيارىمدا مەشرەپ  تازا قىزىۋېتىپتۇ-دە،،،،،،،،،،،،،،خېلى  قاملاشتۇرۇپ يېزىپسىز جانىم ،،،،،،،،،،،،،ئەتتىگەندە تازا قانغۇچە كۇلىۋاپتىمن ،،،،،،،،،،،،،
    [ 此贴被atikam在2008-10-18 11:01重新编辑 ]
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 10:48 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1396
    شۆھرەت: 1860 نۇمۇر
    پۇل: 327 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1015(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
        بۇ خىلدىكى ئونىۋىرسال تېمىنى بۇندىن كېيىن داۋاملىق يوللاپ تۇرساق دىگەن ئۈمىدتىمەن.شۇنداق بولغاندا ھەر قايسى تورداشلار ئۆز ئالدىغا مەشرەپنى ھەر خىل ئورۇنلاشتۇرۇپ يازالايدۇ ھەم ئالدى-كەينى بولۇپ كۆپلىگەن تورداشلىرىمىز مەشرەپتىكى ئوتتۇز ئوغۇل توققۇز قىز قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.مۇنبەر كەيپىياتىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. شۇنداقلا شۇ تېمىلاردىكى ئىنكاسچىلارمۇ ئۆزلىرى ياقتۇرغان ناخشا،قوشاق،مەسەل،لەتىپە-يۇمۇر،رەسىم،ئۇسۇل.....قاتارلىقلارنى ئىنكاس سۈپىتىدە يوللىسا،خۇددى مەشرەپ سورۇنىدا نومۇر كۆرسەتكەندەك بولىدۇ دەپ قارايمەن.
    [ 此贴被gvzal3.8在2008-10-18 11:17重新编辑 ]
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 10:50 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    kunkiz
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ...
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6105
    شۆھرەت: 3103 نۇمۇر
    پۇل: 98597 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 381(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ۋاي .......ۋۇي گۇزەلخان شۇنداقمۇ ياخشى چۈشلەرنى كۆرۈپسىز ، قوزام  ئاپا  سۈت  سۈت .......دەپ ئويغىتۋەتمىگەن  بولسا چۈشلىرىڭىزنىڭ داۋامنى يەنە  كۆرەركەنسىز  .  دىيارىمدىكى بۇ مەشرەپ راستىنلا بەك ياخشى باشلىنىپتۇ  قىنى  مەشرەپنى داۋاملاشتۇردىغان ئەزىزلەرگە شۇنداق ياخشى سورۇننى  قولدىن بەرمەيلى . ما خىتاپ ئەپەندى بىلەن توتېملا ئاڭلاشلارغا قارغاندا ناخشا - مۇزىكىلارغا بەمۇ  ھىرىسمەن يىگىتلەرمىش . ئۇلارنىڭ نەچچە سورۇنلاردا ناخشىلىرنى ئاڭلاپ قالغان  بەزى قىزلار  ئۇلارنى ئىزدەپ شەمۇ -شە يۈرۇپ ئۇلارنىڭ  ئىز دېرگىنى قىلۋىتىپتۇ ، ئاڭلاشلارغا قارغاندا شۇ خاپچىلىقتىن قىچىپ   خىتاپ ئەپەندى ئىچكىر ئۆلكىلەردە   سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ ئەمدىدىلا قايتىپ كىلىپ ئۆيدىن سىرتلارغا چىقالماپتۇ دەپ ئاڭلىدىم . ئۇلارمۇ ناۋا ئەپەندىگە قوشلۇپ مەشرەپ كەيپىياتىنى  كۆتۈرسە ياخشى بولاتتى .     
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-18 11:07 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻟﻪﺗﯩﭙﻪ - ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻼﺭ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.055707(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 10:47
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号