بۇ بەتتىكى تېما: (ئۆتكۈر)ئۇيغۇرلاردا دوپپاتەقدىم قىلىشنىڭ سىرى... تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 134 قېتىم كۆرۈلدى
ظأتكۇر
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 30871
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 288
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە288دانە
شۆھرەت: 333 نۇمۇر
پۇل: 1248 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :144(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 (ئۆتكۈر)ئۇيغۇرلاردا دوپپاتەقدىم قىلىشنىڭ سىرى...



ئۇيغۇرلاردا دوپپا تەقدىم قىلىشنىڭ سىرى



ئويغۇرلار ئۇزاق ئەسىرلەر ياشاش جەريانىدا ئەقىل-پاراسىتى ۋە چىرەرلىكىگە تايىنىپ،مول مەدەنىيەت ۋە ئاجايىپ كەشپىياتلارنى ياراتقان.دەۋرلەرنىڭ ئالمىشىشى،زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بۇ كەشپىياتلارنىڭ نۇرغۇنلىرى زامانىۋى سانائەت تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىندى،بىر قىسىملىرى تەرەققىيات تەرىپىدىن شاللىنىپ يوقاپ كەتتى.
دوپپا---ئاشۇ كەشپياتلار ئىچىدىكى ھازىرغىچە ياشلىقىنى،ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان ھەم كېيىنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان،مىللەتنىڭ غۇرۇرىغا سىمۋول بولۇش لاياقىتىگە ئىگە قىممەتلىك گۆھەر.تېخىمۇ مۇھىمى،ئۇ ئويغۇر خوتۇن-قىزلىرىنىڭ مۇستەقىل كەشپىياتى.ئۇ ئەقىللىق لاتاپەتلىك ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر يىگىت-ئەرلىرىگە،ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئۆز ئوغوللىرىغا مەڭگۈلۈك سەمىمى،ساپ مۇھەببەت يالدامىسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان كەشپىياتى.ئۇ ئومۇمنىڭ ئەمەس،خاس ئىگىنىڭ بولىدۇ.ئۇ ھەممە ئادەم،ئومۇمىي جامائەت تەڭ پايدىلانسا بولۇۋېرىدىغان نەرسە ئەمەس.
دوپپا تەقدىم قىلىش قانداق كېلىپ چىققان؟
بوۋىلىرىمىز مومىلىرىمىز بىلەن بالاغەت يېشىدا ئۇچراشقاندا،ئەگەر يىگىتنىڭ قىزغا كۆڭلى چۈشۈپ قالسا،مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ،توي قىلىش تەلىپىنى قويىدۇ،ئۇياتچان،شەرم-ھايالىق ئۇيغۇر قىزى خىجىل بولۇپ،قېچىپ كىرىپ كېتىدۇ.يىگىت تۈن بويى قىزنىڭ مەھەللىسىنى ئەگىپ،ھويلا تېمىنى ئايلىنىپ،ناخشا توۋلاپ،باغ شورىسىدىن كىرىپ،قىزنىڭ ئۆگزىسىگە چالما تاشلايدۇ.قىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆيىدە تۆڭلۈككە قاراپ يېتىپ بىلىدۇ.ئەگەر قىزمۇ يىگىتنى كۆڭلىگە سىغدۇرالىسا ۋە يىگىتنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىشەنچ قىلالىسا،يىگىتكە ئاتاپ تاماكا خالتىسى،كانۋاي كۆڭلەك،ئىشتانباغ،بالۋاغ،قول ياغلىق ۋە دوپپا تىكىپ،ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ كەشتىلەپ،كېچىدە باغقا چىقىپ يىگىت بىلەن ئۇچرىشىپ،ئۇ نەرسىلەرنى يىگىتكە تەقدىم قىلىدۇ.مۇشۇ چاغدا بىر نازۈك ئىش بار،ئۇ دوپپىدىن ئىبارەت مەرگەز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.ئەگەر قىز يىگىتنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرگۈنىگە رەھمەت ئېيتىش ھەم ئۆزرە ئېيتىش ئارقىلىق يىگىتنى چىرايلىق رەت قىلماقچى بولسا،دوپپىنى يوقۇرقى سوۋغىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ،قولىغا بېرىپلا قايتىپ كىتىدۇ.بۇ قىزنىڭ كۆڭلىدە باشقا پۈتۈشكىنى بارلىغىنى،يىگىتكە ئۆزرە قويغىنىنى بىلدۈرىدۇ.ئەگەر يىگىتكە رازىلىقى بولسا،ھەممە نەرسىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ،دوپپىنى ئۆز قولى بىلەن يىگىتنىڭ بېشىغا كەيدۇرۇپ قويۇپلا كىرىپ كېتىدۇ.بۇ قىزنىڭ يىگىتكە رازىلىق بەرگىنى،مۇھەببىتىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان سىمۋوللۇق جاۋاب.يىگىت بۇنىڭدىن قىزنىڭ مۇھەببەت تەلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلىدۇ.بۇ---گۈزەل رىۋايەت تۈسىگە ئىگە ئۇلۇغ مەدەنىيەت.ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىپ،تويلىشىپ بىزلەرنى تاپقان.
قىزنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلەيدىغان چىرايلىق دوپپا نازۈك قوللار بىلەن سۆيگەن يىگىتنىڭ بېشىغا كېيدۈرىلىدىغان بۇ ئېسىل ئادەت بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىشىش تۈسىنى ئېلىپ،بىر ئەر يەنە بىر يات ئەرنىڭ بېشىغا دوپپا كېيدۇرۇپ قويىدىغان ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى.ئەجدادلىرىمىز ئەر مېھماننى ئەزىزلىسە،ئەتىۋارلىسا،چىرايلىق خەنجەر،پىچاق سوۋغا قىلغان،ھەرگىزمۇ سۆيۈملۈك ئايالى ،مىھرىبان ئانىسى،ۋاپادار سۆيگۈنى ئۆزلىرى ئۈچۈن كېچىلىرى چىراغ يۇرۇقىدا شىرىن ئۇيقۇسىدىن كېچىپ،قوللىرىنى يىڭنىدە زېدە قىلىپ،پۈتۈن ئەقىل،مۇھەببىتىنى مۇجەسسەملەپ تىكىپ بەرگەن دوپپىنى تەقدىم قىلغان ياكى ئەر تۇرۇپ ئەرگە رازىلىق بەرگەندەك ئەرنىڭ بېشىغا كىيدۇرۇپ قويغان ئەمەس.چۈنكى ئۆز ئانىسىنىڭ،ئۆز يارىنىڭ مۇھەببىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن ئەمەس.ئەر تۇرۇپ ئەرنىڭ بېشىغا ياكى يات كىشىلەرنىڭ بېشىغا دوپپا كېيدۇرۇپ قويۇش،ئۇ ئۇلۇغ مۇھەببەتنى،ئۇلۇغ كەشپىياتنى دەپسەندە قىلغانلىق،خورلىغانلىق،ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزىنى ئۆزى خورلىغانلىق.ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەزەلدىن بارلىقىدىن،ھەتتا ھاياتىدىن كېچىشكە رازى كولىدۇكى،ھەرگىزمۇ مۇھەببىتىنىڭ باشقىلارن تەرپىدىن دەپسەندە قىلىنىشىغا يول قويمايدۇ.لېكىن بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن خورلۇقنى يەنىلا بەزى ئۇيغۇر ئەرلىرى كەلتۈرۇپ چىقىرىۋاتىدۇ.مەن ئەركەك دەپ ئويلايدىغان ھەربىر كىشىنى بۇ مەسىلىنى چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈشكە تەۋسىيە قىلىمەن.
مەن دوپپا كىيىشنى ئادەت قىلمىغان ئادەمگە «بەك ياراشتى» دەپ دوپپا كىيدۇرۇپ قويسام،ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ كىيىپ قويغان بىلەن كۆڭلىدە ئۆزىگە يۈك ھىسابلاپ،بىردەمدىن كېيىن بېشىدىن ئېلىۋېتىدۇ.كىيمەيدۇ ياكى تاشلىۋېتىدۇ.بۇ ئۆزىمىزنى،ئۆز ئەمگىگىمىزنى،ئۆز خوتۇن-قىزلىرىمىزنى،ئىنسانىي غۇرۇرىمىزنى خورلىغانلىق بولماي نېمە؟
بىز دوستلىرىمىزغا،ئەتىۋارلىق مېھمانلىرىمىزغا بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش خەنجەر،پىچاق تەقدىم قىلايلى،ئۇيغۇرلارنىڭ نەقىشلەنگەن كۆركەم،رەڭدار دەستلىك پىچاقلىرىمۇ دوستلۇق بەلگىسى بولالايدىغۇ؟؟؟دوپپا كىيىش ئادىتى يوق ئادەم بازاردىن ئۆزى سېتىۋېلىپ كىيسە،بۇ ئۇنىڭ قىزىقىشى بولىدۇ.ئۇمۇ مەلۇم ۋاقىت كىيىپ باقىدۇ.بۇ ئۆزىنىڭ ئىشى.



بىزنىڭ بىر-بىرىمىزنىڭ باش كىيىمىنى بېشىمىزغا دومىلاپ باقىدىغان،كىيىپ باقىدىغان،ھەتتا ئارىيەت ئالىدىغان ئىشلىرىمىزمۇ بار.بۇ بىزنىڭ مەدەنىيەت ئەخلاقىمىزدا ئىنتايىن يامان ئالىدىغان كالۋا قىلىق.
ھازىر بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇلۇغ كەشپىياتىنى بۈيۈك سىمۋول،ئۆلمەس يالداما سۈپىتىدە ئۆيۇلىرىنىڭ تۆرىدە،ساندۇقلىرىدا قەدىرلەپ ساقلاۋاتىدۇ.بۇ دوپپىلار ھېيت نامىزى ئوقۇلغان كۈنلەردە ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بېشىدا،چاچلىرىنى قىرىق تال قىلىپ ئورۇۋالغان گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بېشىدا جەۋلان قىلىدۇ.«بادام دوپپا،چىمەن دوپپا،ئاقار يولدا تۈمەن دوپپا» بولىدۇ.
نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان ئەللەردە ئۆزلىرىنىڭ كلاسسىك نەرسىلىرىنى،ھەتتا ئاددىي بىرەر پارچە رەسىملىرىنىمۇ قەدىرلەپ ئېسىپ قويىدىكەن.بىز ئۆز خوتۇن - قىزلىرىمىزنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن بۇ ئۇلۈغ كەشپىياتىنى ئەزىزلىسەك،ئەڭ يوقۇرى ئورۇندا ساقلىساق،ئۆيىمىزنىڭ تۆرىگە ئېسىپ قويساق نېمىشقا بولمايدىكەن.بىز دوپپىمىزنى قانچە قەدىرلىسەك ئۆزىمىزنى شۇنچە قەدىرلىگەن بولىمىز.
چۈنكى،بۇ بىزدە ھازىرغىچە ئۆلمەي،دەۋرلەرنىڭ ئالمىشىشىغا بۇران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ بىز بىلەن تەڭ ياشاپ،ھاياتىي كۈچىنى،ياشلىقىنى،گۈزەللىكىنى،نەپىسلىكىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان بىردىنبىر بەلگىدۇر.ئەگەر بۇنىمۇ يوقىتىپ قويساق يەنە 50 يىلدىن كېيىن باش كىيىمسىز،ھىچقانداق خاسلىقى يوق بىر مىللەت بولۇپ،بىر توپ ئادەم ئارىسىدا يىتۈپ كەتسە تاپقىلى بولمايدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمىز.

                        مەنبە:ئەختەم ئۆمەرنىڭ «ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلايلى»دېگەن كىتاۋىدىن.

بۇ تېما باشقۇرغۇچى katil731 تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-06-20 .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(katil731)
  • مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    تەقدىرىڭ ئۆز قولۇڭدا!
    | ۋاقتى : 2008-06-20 23:09 [باش يازما]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
    katil731
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 18503
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2585
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2585دانە
    شۆھرەت: 2579 نۇمۇر
    پۇل: 6564 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :465(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قىزنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلەيدىغان چىرايلىق دوپپا نازۈك قوللار بىلەن سۆيگەن يىگىتنىڭ بېشىغا كېيدۈرىلىدىغان بۇ ئېسىل ئادەت بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىشىش تۈسىنى ئېلىپ،بىر ئەر يەنە بىر يات ئەرنىڭ بېشىغا دوپپا كېيدۇرۇپ قويىدىغان ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى.

    ما گەپنىڭ سېسقلىغىنى، خىجىل بولدۇم
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    مەنزىل يىراق، ئاتلار ئۇرۇق، گېپىمىز چوڭ، ئىچىمىز قۇرۇق.
    | ۋاقتى : 2008-06-21 01:02 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    vadarih
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 21234
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 66
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە66دانە
    شۆھرەت: 66 نۇمۇر
    پۇل: 317 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :42(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راس گەپ  . ئەر ئەرگە دوپپا تەقدىم قىلسا نىمە مەنە بىرىدۇ ؟ قىز ئوغۇلغا دوپپا سوۋغا قىلسىغۇ كۆڭۈل ئىزھارى ئىدى . لىكىن ئەر ئەرگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ئۈچۈنمۇ دوپپا بىرەمدىغاندۇ ؟ تازىمۇ تېتىقسىزلىق ئەمەسمۇ ؟
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-06-21 02:20 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    ozluk9
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27360
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 102
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە102دانە
    شۆھرەت: 102 نۇمۇر
    پۇل: 416 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :281(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىvadarihنىڭ2008-06-21 02:20دە يوللىغان يازمىسى  :
    راس گەپ  . ئەر ئەرگە دوپپا تەقدىم قىلسا نىمە مەنە بىرىدۇ ؟ قىز ئوغۇلغا دوپپا سوۋغا قىلسىغۇ كۆڭۈل ئىزھارى ئىدى . لىكىن ئەر ئەرگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ئۈچۈنمۇ دوپپا بىرەمدىغاندۇ ؟ تازىمۇ تېتىقسىزلىق ئەمەسمۇ ؟


    مۈشۈنداق ئورۈپ ئادەت ،مىللى ئىتقات سۈسلىشىۋاتقان جەمىيەتتە ،تۈققانلا ئارا دوسلا ئارا دوپپا سوغا قىلىش  ئەقىلگە مۈۋاپىق كىلىدۈ.ھەيران قالارلىغى يېرى يوق
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    ئوزەڭنى بىل  ئوزگىنى قوي
    | ۋاقتى : 2008-06-21 04:42 3 -قەۋەت
    $$ecw$$
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23981
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 165
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە165دانە
    شۆھرەت: 178 نۇمۇر
    پۇل: 773 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :126(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېمىڭىزغا رەھمەت 
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-06-21 06:34 4 -قەۋەت
    alhux1989
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33198
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ قانداخ  گەپ ئۇزى؟
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-21 08:36 5 -قەۋەت
    tapsamtaptim
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32367
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 510
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە510دانە
    شۆھرەت: 510 نۇمۇر
    پۇل: 1623 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :44(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىkatil731نىڭ2008-06-21 01:02دە يوللىغان يازمىسى  :
    قىزنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلەيدىغان چىرايلىق دوپپا نازۈك قوللار بىلەن سۆيگەن يىگىتنىڭ بېشىغا كېيدۈرىلىدىغان بۇ ئېسىل ئادەت بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىشىش تۈسىنى ئېلىپ،بىر ئەر يەنە بىر يات ئەرنىڭ بېشىغا دوپپا كېيدۇرۇپ قويىدىغان ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى.

    ما گەپنىڭ سېسقلىغىنى، خىجىل بولدۇم

    ئەمەليەتتە  شونداققو    سىزئەمەس  مەنمو  خىجىل بولدۇم 
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-21 11:50 6 -قەۋەت
    atax130
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33073
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تېمىنى يوللاپ ياخشى قىلىپسىز  .
    بىر كۈنى مەن دوپپا كېيىپ ئىشقا بارسام خىزمەتداشلىرىم ما ڭاقاراپ : << نېمە ، ئۆيۈڭلردە بىرەر ئىش بولدىما ؟ بىرەر يەرگە نەزىرگە بېرىپ كەلدىڭمۇ يە  ؟ ھەجەپ دوپپا كېيىۋاپسەنغۇ ؟! >> دەپ سورىغان ئىدى . ( مەنمۇ ئادەتتە شۇنداق ئشلار چىقىپ قالمىسا دوپپا كېيمەيتتىم ، شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك )مىللى ئۆرۈپ _ ئادىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن  بۇنىڭدىن كېيىن دوپپا كېيىپ يۈرسەك بولغۇدەك ، دەپ ئويلاپ قالدىم .
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-06-21 15:55 7 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-21 16:25
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation