قاناتلىقلار ساداسى
كەپتەر:
توپ-توپ بولۇپ كۆكتە پەرۋاز قىلغىنىڭلارنى كۆرمەك تەس بولۇپ كەتتى ، دەمسەن؟
بالىلىرىم «ئەتىۋارلىق » مېھمانلارنىڭ مەززىلىك غىزاسىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتسا ، مۇسىبەت ئازاۋىدا پەرۋاز قىلىشقا قانداقمۇ كۆڭلۈم ئۇنايدۇ؟!
ئاق قۇشقاچ:
مېڭەم دورىلىق يارىلىپ قالغىنى ئۈچۈن قار ياغقاندا تاتلىق جېنىمدىن ئايرىلىش پىشانەمگە پۈتۈلگەن بولسا كېرەك.
قارا قۇشقاچ:
ئەي ئىنسانلار ! ماڭا قاپاقتىن ئۇۋا ياساپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭلار. بوپتۇلا، قاپاقتىن ئۇۋا ياساپ بەرمىسەڭلارمۇ ئۆزۈم ياسىغان ئىسسىق ئۇۋامنڭ بۇزىۋەتمەڭلار.
ھۆپۈپ:
كونا تامغا قونىۋېلىپ سايراۋېرىدىكەنسەن، دەمسەن؟ مېنىڭ بالىلىقىمنى مۇشۇ ئەزىز ماكان يېتىلدۈرگەن تۇرسا ، بۇماكاندىن يۈز ئۆرۈش مەن ئۈچۈن نومۇس ئەمەسمۇ؟!
قارچىغا :
مېنىڭ مەقسىدىم ھەرگىزمۇ توشقانلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىش ئەمس، ئىنسانلار مېنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتسا، مەندە نە چارە!
خوراز :
ئويغىتىش پىشانەمگە پۈتۈلگەن كاتتا ۋەزىپە ، ئويغانماسلىق ئەقلى كەم كىشىلەرنىڭ روھىي ئالىمىگە سىڭىپ ،بەختسىزلىكنىڭ بىشارىتى بولماقتا...
مەيلىلا ، چىللاۋېرەي!
كەكلىك :
مەن ئەسلىدە « كەلگۈلۈك» دەپ ئىنسانلارغا بەخت تىلەپ ئەركىن ياشايتىم.
ئىنسانلار قاچاندىن باشلاپ مېنى قەپەزگە سولىۋالدى، شۇنىڭدىن بېرى« كەتكۈلۈك» دەپ سايرايدىغان بوپ قالدىم.
تومۇچۇق:
ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە ھەيرانمەن، مېنى قەپەسگە سولىۋېلىپ ، سايرىشىمدىن ئۆزلىرى ھوزۇرلىنىدۇ .
سىرتتا قالغان قېرىنداشلىرىم ئۇلارنىڭ تۆت تال دېنىنى يەپ قويغىنىغا تاس قالىدۇ جېنىغا زامىن بولغىلى. ئىنسانلارنىڭ بۇزۇپ-چاچقىنىنى كىم بىلمەيدۇ؟ ئىنسان كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ ئىسراپچىلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ قالمىسا بولاتتىغۇ. ئاپتۇرى: ئابدۇرەھىم ئىمىر دېھقانى
مەنبە:
« تارىم غۇنچىلىرى» 2003- يىلى 5- سان
[ katil731 تەرپىدىن 2008-06-21 00:33 قايتا تەھرىرلەن ]