ئەرلەرنىڭ جىنسىي جەھەتتە قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
1. جىنسىي ئىقىدارىڭىزنىڭ نورمال ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ . بۇ ، ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغان ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.
2. ياشلارغا خاس كېيىنىپ يۈرۈڭ . تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى ، روھىي جەھەتتە ياشلىققا ئىنتىلىپ ، ئۆزىنى ياش چاغلايدىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىمۇ ياشىرىپ تۇرىدۇ .
3. داۋالىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇڭ . بولۇپمۇ ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسپىت مېنىش ۋە پىيادە مېڭىش ئارقىلىق چېنىقىش كېرەك .
4. ئوزۇقلۇققا دېققەت قىلىڭ . دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش تېخىمۇ پايدىلىق .
5. كۈچلۈك كەسپچانلىق ھالىتڭىزنى ساقلاڭ .
6. ئايالىڭىزغا سادىق بولغان ئاساستا ، ئاياللارغا بولغان قىزىقىشڭىزنى ساقلاپ قالغاندا ، جىنسىي بەزنى غىدىقلاپ ، جىنسىي گورموننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىىشنى كۈچەيتىپ ، جىنسىي ئىقتىدارىڭىزنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلالايسىز .
7. يۇمۇرستىك تۇيغۇغا باي بولۇش ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم رېتسىپ .
8. ئوچۇق -يورۇق ، خوشخۇي بولۇڭ ، چۈنكى روھىي جەھەتتىكى بېسىم باھنى زەئىپلەشتۈرۋېتىدۇ .
9. ھاراق ئىچمەڭ . تاماكا چەكمەڭ . يېتەرلىك ئۇخلاڭ .
10. كۈنىگە بىر تالدىن ۋېتامىنEتابلىتىى يەپ بەرسىڭىز ، بەدەننىڭ قېرىش ۋە جىنسى ئىقىدارنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ پەن-تېخىنىكا نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «جىنسى ئاجىزلىق ۋە ئۇنى داۋالاش» دىگەن كىتابتىن مەڭگۈتاش تەييارلىدى.