1941-يىلىنىڭ ھارپىسدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسنىڭ يۇقىرى دەرىجىىلىك ھەربىي ئەمەلدارى چۈيكوۋ چۇڭچىڭغا يېتىپ كەلدى. جىياڭ جىيېشى ئۇنى قوبۇل قىلدى. چۈيكوۋ ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:
بىز رەسمىي كۆرۈشكەندە، جىياڭ جىيېشى ياۋروپا ۋەزىىيتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان قورال -ياراق تەمىناتىغا بەكرەك قىززىقتى.
ئۇ سۆزىدە مۇنۇ ئويىنى ئىپادىلىدى: <<نىجاتكارىم، گېتلىر قوشۇنلىرى شەرققە تۇيۇقسىز بېسىپ كىرگەندە ، مېنىڭ دوستانىلىقىم ياكى بىتەرەپ پوزىتسىيەمنىڭ سىلەرگە قانچىلىك ئەسقاتىدىغانلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن>>.
جىياڭ جىيېشى يەنە مۇنداق دېدى:<< فىرانسىيە! فىرانىسىيە ۋە ئەنگىليە قىسىملىرىنىڭ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا بىتچىت بولۇپ كېتىشنى كىممۇ ئويلىغان.....>>.
بۈگۈنكى دۇنيادا ئۈچ خىل كۈچ ئۇرۇشقا قاتناشمىدى دەيدۇ جىياڭ جىيېشى ، ئۇ بولسىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ،ئامېركا ۋە ئۇرۇشقا مۇئەييەن دەرىجىدە قارشى تۇرالايدىغان جۇڭگو. كېلەچەك شۇلارنىڭ ھەركىتىگە قاراشلىق.
__جۇڭگو نىمە ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن شۇنچە ئۇزاق ئۇرۇش قىلىدۇ؟__دەپ سورىدىم مەن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ. كېيىن مەن جىياڭ جىيېشنىڭ سوئالىمغا بەرگەن جاۋابى ئۈستىدە قايتا-قايتا پىكىر يۈرگۈزدۈم ھەم شۇئان خىيالغا پاتتىم.
__ياپونىيە جۇڭگونى مەغلۇپ قىلالمايدۇ!__دېدى جىياڭ جىيېشى بىر پەس سۈكۈتتىن
كېيىن ،__جۇڭگو بەرىبىر مەغلۇپ بولمايدۇ.
ئۇرۇش جۇڭگوغا نىسبەتەن بىر كېسەللىك ، بىر خىل كېسەللىكتىنلا ئىبارەت بولۇپ، ھەممە كېسەللىك ھامان يوقىلدۇ........
__لىكىن كېسەللىك ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ!__ دېدىم مەن رەددىيە بېرىپ.
__ياق بىز كېسەللىك ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىمايمىز.ئۆلۈم كېسەللىك ئەمەس،
ئۇ كېسەللىكتىن ھالقىغان ھالدا يېتىپ كېلىدۇ.
<<ئۇ ئەقىللىق ئىكەن،__ دەپ ئويلىدىم مەن ، __ئۇنداق ئاددىي جۇڭگولۇق ئەمەس ئىكەن، شۇنداق، ئەلۋەتتە ، ئاددىي ئەمەس . پۇل ئالماشتۇرىدىغان سودىگەردىن باشلاپ، كىچىك دەللالدىن باشلاپ، تاكى كېلەڭسىز دۆلەت ھاكىميىتىنى قولغا ئالغانغا قەدەر.>>
ئاق كۆڭۈللۈك تالانتىلا بولۇپ قالماي، ۋەھشىيلىك تالانتىمۇ بولىدۇ. ياق، ئۇ مەلۇم سىرلىق كۈچنىڭ چاڭگىلىدىكى قورچاق ئەمەس.
ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگودا، ئۇنىڭ ئۆزىلا بىر خىل كۈچ ئىدى. كۈچ بولغاندىلا ئاندىن ئۇنى مەغلۇپ قىلغىلى بولىدۇ. سۈيقەست ئەمەس ، تەۋەككۈلچىلىك ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ ئالمىشىشمۇ ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ غەزەپ دولقۇنلىرى ئۇنى مەغلۇپ قىلدى.
<<ئىككى گېنىراللىسۇس سىتالىن ۋە جاڭ جىيېشى>> نامىلىك كىتابتىن ئېلىندى.