يېزىلىق دوست بىلەن شەھەرلىك دوستنىڭ ئارلقىدا ئاسمان-زېمىن پەرىق بولدىكەن.سەھرالىقلارغۇ ئەزەلدىن قۇۋلۇق،ھېلىگەرلىكنى بىلمەيدۇ،بەلكى تۈز،ساددا كېلىدۇ.ئۇلارنىڭ چېقىشقاق،رايىشلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ...بىلسىڭىز دوسلۇقنىڭ قەدرىگە ھەقىقى يىتىدىغانلار ئەنە شۇلار.شەھەرلىك دوستلىرىڭىز قارماققا كۆپنى كۆرگەن،ناھايىتى ئىلمى كۆرۈنگىنى بىلەن دايىم ئۆز مەنپەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ.ئۇنىڭچە بولغاندا شەھەردە ياشاش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ھەر بىر ئولتۇرۇپ -قوپۇشلاردا ئۆزىگە پايدىلىق بىرەر دىتال بولۇش كىرەك.ئەڭ قىززىقى؛ئۇ سىزگە خۇددى خېرىدارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ.قاچانلاردا قارىسىڭىز ئالدىراش.ئۇنىڭ «ۋاي سەن بۇ دۇنيادا بارمۇسەن ئاداش»دىگەنلىرى «قانداراق بالاڭزا»دەپ تىلىنىڭ ئۇچىدىلا ئەھۋال سوراپ قويغىنى.ئەگەر سىزگە ئۇ ياغلىما گەپ قىلىپ سالمىسۇن قېلىپ قالسا سىزنى بىردەمدىلا «نۆل»لا قىلىۋىتىدۇ.«سەل تۇپ تۇر-ھە» دىگىنىغۇ قازاقنىڭ «ئاز قالدى» دەپ ئىككى تاغنىڭ ئارقىسىنى كۆرسەتكىنىدەك بىر ئىش بولسا «بىردەمدىن كېيىن تېلفۇن قىلاي»دەپ يوقلا بولۇپ كېتىشلىرىنى ئويلىسىڭىز قەرزىڭىز بولمىسا بېرىپ چېشىغا سالسىڭىزمۇ بولىدۇ.بەزەن شىركەتلەرنىڭ «مەن ئالدىراش»دىيىش كىرەك دەپ تاكتىكا دەرىسلىرىنى ئۆتۈشىنى ئاڭلاپ قويۇڭ ،كۆرۈپ قالسىڭىزغۇ ھۆ قىلغۇڭىز كىلىدۇ.ئەمما بۇ ھەقىقەت.بولدىلا بۇ توغرىسىدا بىر نەرسە دىيىشىپ قالساق نەچچە كىتاپ بولىدۇ .كىتاپ يازغۇدەك ھالىمىز بولمىغاندىكىن «غ»غا «ت»نى قوشۇپ ئۆز گىپىمىزگە كىلىلى.
ئابدىۋىلى بىلەن بىر يېزىلىق بىر مەكتەپتە ئوقۇپ بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان يېقىن دوستلاردىن ئىدۇق. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئايرىلىپ ئۇزۇن يىللار كۆرۈشەلمەي يۈرگەن.شەھەر چوڭ بولغاچقىمۇ دەسلىۋىدە ئۇنىڭ نەدە،نىمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتۈۋاتقانلىقنى بىلمىسەممۇ ۋاقىت ئۆتكەنسىرى تونۇش-بىلىشلەرمۇ كۆپۈيۈپ ئۇنىڭ مۇشۇ شەھەردىكى مەلۇم بىر قەۋرىستانلىقتا تاشقا خەت ئويۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال ئادىرسىنى ئالدىم-دە ئۇنى ئىزدەپ باردىم.شۇنىڭدىن كېيىن بىكار بولساملا قەۋرىستانلىققا قاترايدىغان بولدۇم.بىزدىكى ئازادىلىك مىنى خوشال قىلماي ئەكسىچە ھەر قېتىم قەۋرىستانلىققا چېققىنىمدا ئېغىر خۇرسىنىپ ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ ئىچىمنى بىر نەرسە يەۋاتقاندەك ئاچچىق ۋە غەزەپنى يۇتۇپ پاراسلاپ چۈشۈپ كىتەتتىم...ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەي كۆپ يىللار ئەشۇ قەۋرىستانلىققا خېلىلا زور ئۈنتۈنسىز ئەجىر قىلغان ئاق كۆڭىل يۇۋاش بۇ دوستۇمنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇم.شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم.شۇندىن ئىتىۋارەن قەۋرىستانلىققا ئانچە يورغىلاپ كەتمىسەممۇ ئەمما ئۇ يەرلەردىكى ئاجايىپ ھېكايەتلەر دايىم مەيدەمنى تېىپىپ تۇردى.قانداق قىلاي،ئوقۇرمەنلىرىمگە تازا بىر دەۋىلىپ ئىچىمنى بوشىتىۋالسام يەڭگىللەپ قالارمەنمىكىن دەپ ئويلۇدۇم.
<1>
قەۋرىستانلىق ھەقىقەتەن چوڭ ئىدى.شۇڭىمۇ رايۇن-رايۇنلارغا بۆلۈنۈپ تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ بىر بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن ئازادە يوللار،بۆك-باراقسان دەرەخ،باغلىرى بىلەن سالقىن ۋە پاكىزلىق ئاتا قىپ تۇراتتى.
چىرايلىق ،رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەر بىر رايۇندىكى گۈمبەزلەرگە قارىسىڭىز خۇددى ئۆزىڭىزنىڭ ئاخىرەتلىكىدىن خاتىرجەم بولغاندەك كۆڭلىڭىز ئىچىلىپ قالىدىكەن.دەرۋەقە،بۇ قەۋرىستانلىق يېزىلاردىكى قەۋرىستانلىقلارغا تۈپتىن ئوخشىمايتى.دىيارىمزنىڭ جەنۇپ -شىمالىدا كىشىلەر ئۆزى ساقلاپ كەلگەن قايىدە-يۇسۇن،ئۇدۇملىرى بىلەن تۇپراق بىشىنى ھەر تۈرلىك شەكىلدە يوقلاپ تۇردۇ.بەزەن جايلاردا تۇپراق بېشىغا بىر نەرسە ئورنىتىپ قويماي نەچچە كۈن ئىزدەپ يۈردىغان ئەھۋاللارمۇ بار.بەزەن جايلاردا تېخى توپىسىنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىپ كىشىلەر قەۋرىستانلىققا قاراپ دۇئا قىلىپلا ئاستا قايتىدۇ.بۇ قەۋرىستانلىق بولسا سىمۇنىت بىلەن كۆركەم،سىپتا قاتۇرۇلغان بولۇپ پۈتۈن قەۋرىلەرنىڭ ئالدىدا ۋاپات بولغۇچىنىڭ كىملىكى،قاچان تۇغۇلۇپ-كەتكەنلىگى ئويۇلغان تاش ئورنىتىلغان ئىدى.بۇ ئۆزگىچىلىكلەرگە ھەۋەسلەنگەن مەن رايۇن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ بىردىنلا يەنە بىر رايۇندا توختاپ قالدىم.بۇ رايۇن باشقا رايۇنلاردىكىن پەرىقلىق ئىدى.گۈمبەزلەرنىڭ ياسىلىشى،ئورنۇتۇلغان تاش،ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى جەھەتلەردىن پەرىقلىق ئىدى.
-ھەيران قالما،بۇنۇڭدىنمۇ كاتتىللىرى بار...ئۇ قەۋرىلەرنى كۆرسەڭ داچىغا بېرىپ قالغاندەك بولىسەن...-دىدى دوستۇم بىردىنلا مىنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىمنى ھېس قىلغاندەك.
شۇنداق،قەۋرىستانلىقتا كىشىنى شۇبھىلەندۈردىغان مۇشۇنداق ئىشلار ئاز ئەمەس ئىدى.باي-كەمبىغەللىك،يۇقرى-تۆۋەنلىك يالغۇز بىزنىڭ ئىجدىمايى تۇرمۇشىمىزدا ،ياشاش ئەملىيىتىمىزدىلا ئەمەس قەۋرىستانلىقىمىزدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تىپىپ جۇلالىنىپ تۇراتتى.نەچچە ئون مىڭ يۇئەن خەجلەپ ھەشەمەتلىك سېلىنغان بىر نەچچە ئېغىز ئۆينىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن بۇ قەۋرىلەرنى كۆرسىڭىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھەسرەت بىلەن ئىتىراپ قىلىسىز.قەۋرىلەرنى ئارىلاپ كېتىۋىتىپ مىنى ئۆزىگە يەنە بىر رام قىلىۋالغان ئىش-قەۋرە ئۈستىگە تىزىۋىتىلگەن راڭگا-رەڭ سىلياۋ گۈللەر بولدى.مەن ئىلگرى گۈل چەمبىرەك قويۇش خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىشى دەپ يۈرۈپتىكەنمەن.بىزنىڭ يۇرتتا قوناق چېچىپ شاشقانغا ئۇگا قىلىپ بېرىمىز،قايسى بىر يۇتتا « ب د ت» نىڭ مەھكىمسىدەك ھەر خىل بايراق تىكلىۋەتكىننى كۆرگەن. ئەسلى مۇنداق قىلساق بولىدىكەن-دە!؟
<1-قىسمى تۈگىدى>
داۋامى داۋاملىق يوللىنىلدۇ.
[ danggal تەرپىدىن 2008-06-20 22:06 قايتا تەھرىرلەنگ ]