ئەزىز دىيارىمدىكى كەڭ بىلىمخۇمار قېرىنداشلار يىقىندىن بۇيان رايونىمىزدا سىرىتقا چىقىپ ئۇقۇيدىغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بارغانسىرى كۈپىيۋاتىدۇ.ھەم جەمىيتىمىزدە ناھايىتى ياخشى تەسىر پەيدا قىلۋاتىدۇ.
ھازىرقى تۇرمۇش رىتىمىمىزغا قارايدىغان بولساق نۇرغۇن ئادەملەر چەتكە چىقىپ ئوقۇشنى تاللاۋاتىدۇ،ئۇچۇقراق دىسەك،شارائىتى يار بېرىدىغانلار چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇپ،نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،بىلىمىنى ئاشۇرىدىغان بۇنداق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.بىراق،چەتئەلدە ئوقۇش ھەر بىر ئادەم،ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن چوڭ بىر ئىش،چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن،نىمە مەقسەتتە ئوقۇيدىغانلىقىمىزنى،ئوقۇش ئارقىلىق نىمىگە ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى ئويلىشىشىمىز كېرەك،ئۇنداقتا چەتئەلدە ئوقۇشنىڭ قانداق ياخشى تەرەپلىرى بار؟
1.ئاۋال،ھازىرقى جەمىيەت ئىنتايىن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ،سىز بەلكىم ئاخبارات،تور ئارقىلىق تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنى كۆرەلەيسىز،ئۇلارنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالايسىز،بۇ خىل ھىس قىلىش بىلەن دەل شۇ دۆلەتلەرگە بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىككى خىل ئىش،چەتئەللەردە ئوقۇسىڭىز،ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالىسىز،كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مېھرىبانلىقنى ھىس قىلىسىز،دۆلەت ئىچىدە تۇرۇپ سىز بۇ ئىشلارنى بىلمەيسىز.چەتئەللەردە ئوقۇش ئارقىلىق نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىسىز،كۆپ خىل مەدەنيەتنى قۇبۇل قىلىسىز،مۇستەقىل مۇلاھىزە قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى چېنىقتۇرىسىز،مەغلۇبىيەت ۋە غەلبە ئالدىدىكى كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشنى ئۆگىنىسىز.يەنە كىلىپ،جەمىيەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىڭىزگە،ۋەتەننى قىزغىن سۆيىشىڭىزگە ياردىمى بۇلىدۇ.
2. چەتئەللەردە كەسپلەر ھەر-خىل. بۇ ئىككى خىل مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:a.چەتئەللەردە كەسپلەر ئىنتايىن كۆپ،نۇرغۇن كەسپلەر دۆلەت ئىچىدە يوق ياكى ئوخشاش تۇردىكى دۆلەت ئىچىدىكى كەسپلەر دۆلەت سىرتىدا ئېتراپ قىلىنمايدۇ،ئەگەر سىز چەتئەللەردە خىزمەت قىلماقچى بۇلسىڭىز،چەتئەللەردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۈنۋانىنى ئېلىشىڭىز كېرەك.b.جۇڭگودا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچى بۇلسا يەنىلا تۇلۇق كۇرستىكى كەسپ بىلەن ئوخشاش بۇلۇش تەلىۋى قۇيىلىدۇ.چەتئەللەردە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش سەل ئۇڭاي،ئىمتاھان ئېلىنمايدۇ ھەم كەسپ ئالماشتۇرۇشقىمۇ بۇلىدۇ،مەسىلەن:ئىنگىلىز تىلى كەسپىنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار بۇغالتىرلىق،مائارىپ،ئاخبارات كەسپلىرىنى تاللاپ ئوقۇسا بۇلىدۇ،لېكىن دۆلەت ئىچىدە بۇنداق قىلىشقا بۇلمايدۇ.
3.ئوقۇش ئۈنۈمىگە كەلسەك،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇنۋېرسىتلار ئوتتۇرسىدا كۆرىنەرلىك پەرق بار،بىر تەرەپتىن،تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،قائىدىسى،ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر ئىلغار،يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى :ۋاقىت،دۆلەت ئىچىدە تۇلۇق كۇرس ئوقۇش ۋاقتى بەش يىل،ئاسپىرانتلىق ئۈچ يىل،چەتئەللەردە بۇلسا ئاساسەن ئۈچ يىل،ئاسپىرانتلىق بىر -ئىككى يىل،بۇ ئوقۇش ۋاقتىدىكى كۆپ ئىقتىسادنى تىجەپ قالىدۇ.شۇڭا دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردىن بۇرۇنلا خىزمەت تاپالايسىز.
4. نۇرغۇنلىغان ئادەملەر چەتئەللەردە ئوقۇشنى ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش دەپ قارايدۇ،ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىنتايىن ياخشى خىزمەت ئورنى بۇلسىمۇ ،يەنىلا كەسپتە ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئويلايدۇ،كىرىمى يۇقىرى بۇلسىمۇ ،ھازىرقى ۋاقىتتىكى رىقابەتنى كۆز تۇتۇپ،ئۆزىنى داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەك دەپ ئويلايدۇ.ياكى بۇلمىسا خىزمەتتە خېلى يۇقىرى ئورۇندا تۇرسىمۇ ،يۇقىرى ئۆرلەش تەس بىلىنىپ،چەتئەلدە ئوقۇشنى تاللايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ئادەملەر ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى خىزمىتىدىن رازى بۇلمايدۇ،چەتئەللەردە ئوقۇپ،ئۈنۋان ئېلىپ،ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسپ بىلەن شوغۇللىنىدۇ.
ئومومەن ئېيتقاندا،چەتئەلدە ئوقۇش كىشىلىك ھاياتتىكى بىر چوڭ ئىش،كىشىلەر كۆپ مىقتاردا ئەقلىي ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ،چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،پەقەت دىپلۇم ئۈچۈن ئوقۇماي،ھەر قايسى جەھەتلەردە ئۆزىنى چېنىقتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
چەتئەلدە ئوقۇش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بۇلساڭلار :www.yahxi.cn دىن كۆرسەڭلار بۇلىدۇ،مىنىڭ چ چ:821974437تۈۋەندە مەن مائارىپى تەرەققى قىلغان گۈزەل دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولغان كورىيەدە ئوقۇشنىڭ بىر قاتار شەتلىرنى دوسلارغا تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتمەكچىمەن.
كورىيەگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئارزو قىلۋاتقانلار پايدىلنارسىزلەر:
1
.تۇلۇق ئوتتىرىنى ، مەخسۇس كۇرسنى ياكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ ،داۋاملىق ئۇقىمىغان ئەھۋالدا ، پۈتتۈرگەندىن كىيىن ۋاقىت ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .
2.ئالىي مەكتەپتە تۇلۇق كۇرس،مەخسۇس كۇرستا ئوقۇۋاتقان بولسا بۇلىدۇ.
3.ئىقتىسادى ئاساسى بىر قەدەر ياخشى بۇلىشى كېرەك .،كورىيەدە ئوقۇغۇچىلار ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيالايدۇ،تىل ئۆگىنىپ بۇلغاندىن كېيىن ،ئۆزلىرى ئىشلەپ،ئوقۇش ۋە تۇرمۇش چىقىملىرىنى ئۆزى قىلالايدۇ.قىنى ئۆزىڭىزنى بىر سىناپ بىقىڭ.......پۇرسەت ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ.
[ islam~1400 تەرپىدىن 2008-06-20 11:45 قايتا تەھرىرل ]