سىتودېنت ئىنىمغا ئوچۇق خەت
ئىنىم x x ، ياخشىمۇسەن ؟ ئەڭ ئاۋال تېنىڭگە سالامەتلىك تىلەيمەن . ئاندىن سېنىڭ غايىلىك ، تىرىشچان ، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، ھەققانىيەتچى، باتۇر، پاك-دىيانەتلىك ئادەم بولۇشۇڭنى ئۈمۈد قىلىمەن .
سېنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنىشىڭ بىزنى، بولۇپمۇ ئاتا- ئانىمىزنى يەنە بىر قېتىم قەۋەتلا خوش قىلغان ئىدى. بۇ ئېگىز-پەس، ئەگرى توقاي ھايات يولىدا نۇرغۇن دانىشمەن ، ئالىيجاناپ كىشىلەر بىلەن تونۇشىسەن. نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كۆرۈشىگە نېسىپ بولمىغان ھەر -خىل مەنزىرە ، كارامەتلەرنى ئۇچرۇتىسەن. ئەمما ساختا نەرسىلەر بەكرەك كۆپ ئۇچرايدۇ . بۇنداق ساختىلىقلارنى كۆرگەندە ئۆزۈڭنى يوقۇتۇپ قويما. رەڭلىك ھايات ، رەڭلىك چىراقلار سېنى ئۆزگە رام قىلىۋالمىسۇن . شەيتانلارنىڭ كەينىگە كىرمە، ئۇلار سېنى ئازدۇرمىسۇن . ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن دوستانە، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىدە بول. ئەخلاقسىز ، يامان ئادەملەر بىلەن ئارىلاشما ، چۈنكى ئۇلار مەرتىۋەڭنى، يۈزۈڭنى چۈشۈرىدۇ. ئامانىتىڭگە خىيانەت قىلىدۇ . ئىچكى سىرىڭنى پاش قىلىدۇ ، يالىسى يۇقىدۇ .
دوست تۇتۇشتا پايدا قوغلاشما . پايداڭغا كۈلۈدىغان، زىيىنىڭغا يىغلايدىغان دوست تۇت . چىنلىق بىلەن ساختىلىقنى پەرىقلەندۈرۈشنى ئۈگۈنىۋال.
بىغەم- ھورۇنلۇق قىلىش، ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىش، ئورۇنسىز كۆپ كۈلۈش، پايدىسىز نەرسىلەرگە ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈشتەك ناچار ئىللەتلەر ئەقىل بىلەن ئىلىمنى نابۇت قىلىدىغان نەرسىلەر . سېنىڭ ھازىرقى ۋەزىپەڭ ئوقۇش بولغاندىكىن، دەرىسلەرنى ۋاقتىدا ياخشى ئۆزلەشتۈر . ئانا تىلنى قوغدىغان ئاساستا، باشقا تىللارنى قوشۇمچە ئۈگەن . ئانا تىلدىن يىراقلىشىش ، ياتلىشىش ئۆزىمىزدىن، مەدەنىيىتىمىزدىن، ئەجداتلاردىن ياتلاشقانلىق . ئانا تىلدىن ئاينىش - مىللىتىمىزگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ئاسىيلىق .
مەكتەپنىڭ قائىدە تۈزۈم، پىرىنسىپلىرىغا بويسۇن ، سەھەر تۇرۇپ چېنىق ، ئىمونتىت كۈچۈڭ ئاشىدۇ ، روھلۇق بولىسەن . بوش ۋاقىتلاردا كۈتۈپخانىغا چىقىپ كىتاپ كۆر ، تەپەككۇر ، تەسەۋۋۇرغا باي بولىسەن . ئاددى كىشىلەرنى كەمسىتىشتىن ، غەيۋەتخورلۇقتىن ساقلان . تاشقى قىياپىتىڭنىڭ غېمىنى يەپ ئولتۇرما ، پاكىز بول .
ئاتا - ئانىمىز بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش ، ئوقۇتۇش جەريانىدا بەللىرى يادەك ئېگىلدى . چاچلىرى قاردەك ئاقاردى . يۈزلىرىنى قورۇق باستى . ئۇلارغا ئەمدى ھەقىقى قېرىلىق يەتتى . << ھەر بىر ئەركەككە 72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ >> دېگەن گەپ بار . ئائىلىدىكىلەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتمەكچى بولساڭ ( خالىساڭ) ، دەم ئېلىش كۈنلەردە ئاشخانىلادا ئىشلىسەڭمۇ ، باققالچىلىق ، مايلامچىلىق ..... قىلساڭمۇ بولىدۇ . ئەخلەتتىن نەرسە-كېرەك تېرىپ ساتىدىغانلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم ئەمەسمۇ ؟! << ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە ، كۈچۈڭنى خار قىل >> .
ھازىر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش مەسىلىسى - باشنى ئاغرىتىدىغان قېيىن مەسلىگە ئايلاندى . سەن بىلىملىك ، ئىدىتلىق ئادەم بولساڭ، خىزمەتكە ئورۇنلىشالماي قالساڭمۇ ،ئېگىلىك تىكلىيەلەيسەن .
ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئارزۇسى _ سېنىڭ جەمىيەتكە تۆھپە قوشالايدىغان ، ياخشى ئادەم بولۇشۇڭنى كۆرۈش .
ئەسلى بۇ سۆزلەرنى تىلىفۇندا ياكى خەت ئارقىلىق دېسەممۇ بولاتتى. نىمىشقىكىن مۇنبەردە دېگۈم كېلىپ قالدى . كۆپرەك سۆزلەپ قويدۇم . پايدىلىنىشقا تېگىشلىك تەرەپلەردىن پايدىلىنارسەن .
خەير - خوش
ھۆرمەت بىلەن يىراق شەھەردىكى ئاچاڭ : x x
[ xadia تەرپىدىن 2008-06-20 14:12 قايتا تەھرىرلەنگەن ]