ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش
بىر ساقچى جىنايەتچىنى تۈرمىگە ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، توساتتىن ئۇنىڭ شىلەپىسىنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىپتۇ.
- شىلەپىڭىزنى ئەكىلىپ بېرەيمۇ؟ - دەپتۇ جىنايەتچى ساقچىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن.
- ھىم، ئۆزۈڭچە مېنى ئەخمەق كۆرۈۋاتامسەن، ـ دەپتۇ ساقچى جىنايەتچىگە، ـ سەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇر، ئۆزەم ئېلىۋالاي.
تويدىن كىيىن
ئا: توي قىلغاندىن كىيىن قانداق ئۆتۈۋاتىسىلەر؟
ب: تۇرمۇشىمىزدا ئۆزگىرىش كۆپ.
ئا: قانداق ئۆزگىرىش؟
ب: توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايتتى، شىرىن ئاي كۈنلىرى مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان بولدۇم، ھازىر ئىككىلىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ گىپىگە پىسەنت قىلمايدىغان بولۇپ كەتتۇق.
يېڭى بەلگىلىمە
توي قىلىپ ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي خوتۇنى ئىرىگە: «بۇنىڭدىن كىيىن ھەر ئىككىمىز ‹مېنىڭ› دىگەن سۆزنى ئىشلەتمەي، ‹بىزنىڭ› دىگەن سۆزنى ئىشلىتىمىز» دەپ شەرت قويۇپتۇ. ئېرى ماقۇل بوپتۇ.
بىر كۈنى ئەر مۇنچىغا كىرىپ، كېتىپ ئۇزاققىچە چىقماپتۇ. خوتۇنى ئەنسىرەپ:
- قەدىرلىكىم، نىمە قىلىۋاتىسىز؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- سۆيۈملۈكۈم، مەن ھازىر بىزنىڭ ساقىلىمىزنى ئېلىۋاتىمەن! – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئېرى.
پىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن
ئوغلى ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن بىر ئائىلە باشلىقى، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:
- مۇدىر ئەپەندى، ئوغلۇمنى پىشقان سىنىپ مۇدىرىغا بەرسەم دەيمەن؟ - دەپتۇ. مەكتەپ مۇدىرى بۇ ئادەمنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ياشقا چوڭراق، پىشقەدەم بىر ئوقۇتقۇچىنى يىراقتىن كۆرسىتىپ تۇرۇپ،- ئۇ ئوقۇتقۇچى مەكتىۋىمىزدىكى ئەڭ پىشقەدەم، تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچى، شۇنىڭغا بەرسىىڭىز بولغىدەك.
- مۇدىر ئەپەندى، - دەپتۇ ھىلىقى ئائىلە باشلىقى، - ئۇ ئوقۇتقۇچى قارىماققا پىشىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ.