ﻣﺎﺳﻼﺷﻤﯩﺪﯨﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ، "ﺩﯨﯖﭙﺎﯞ"ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ،
"ﺗﯘﯕﻜﯘ "ﺩﻩﻳﺪﯗ ﭘﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ،
"ﻳﺎﯞﻳﯜﻩﻥ "ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺩﯦﻤﻪﻱ "ﻛﯘﻟﻰ"ﺩﻩﭖ ،
ﺗﯜﻟﻜﻪ ﺩﯦﻤﻪﻱ "ﺧﯘﻟﻰ "ﺩﻩﭖ ،
ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﻨﻰ "ﺟﯘﻟﻰ"ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ "ﻓﺎﻛﻮﻩﻥ "ﺩﻩﭖ ،
ﺳﻮﺗﺨﺎﻧﯩﻨﻰ "ﻓﺎﻳﯜﻩﻥ "ﺩﻩﭖ ،
ﻛﻮﺭﭘﯘﺱ ﺩﯦﻤﻪﻱ "ﺩﻩﻧﻴﯜﻩﻥ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﺎ "ﺗﯘﺷﯘﮔﯜﻩﻥ "،
ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻼﺭ "ﻓﯘﯞﯗﻳﯜﻩﻥ "،
"ﺳﺎﯞﻣﯩﻲ "ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯚﻟﺠﯜﺭﮔﻪﻥ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﭘﯩﯖﺰﺍ"ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﺎ ،
"ﺷﯩﺠﯘﺍﯓ"ﻛﺎﺳﺘﯩﻴﯘﻡ-ﺑﯘﺭﯗﻟﻜﺎ ،
"ﮔﯘﯕﮕﺎﯞ" ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻟﻮﺯﯗﻧﻜﺎ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺗﯩﻜﻜﯜﭼﯩﻨﻰ "ﺳﻪﻳﭙﯘﯓ"ﺩﻩﭖ ،
"ﺧﯘﯕﻤﯩﻴﻪﻥ ﻛﺎﯞﺭﯗ ﻟﻪﯕﭙﯘﯓ ﺩﻩﭖ ،
ﺳﯘ ﺋﯜﺯﯛﺷﻨﻰ "ﻳﯘﯞﻳﯘﯓ"ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﻣﺎﻣﯘﻕ ﭼﺎﭘﺎﻥ "ﻳﯜﺭﯛﯕﻔﯘ "،
ﺭﺍﻫﻪﺕ ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ "ﺷﯩﻴﯘﯞﺷﯩﻴﻪﻧﻜﯘ"،
ﺋﯩﭻ ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﻰ ﺩﻩﭖ "ﺷﻪﻧﻜﯘ" ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺋﯩﭻ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ "ﻧﯩﻴﻴﻰ"ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻛﯩﻴﻤﻰ-"ﺷﯜﻳﻴﻰ"ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ "ﺷﯚﺑﯩﻲ"ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺗﻮﻙ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ "ﺩﯨﻴﻪﻧﻔﯩﻲ"ﺩﻩﭖ ،
ﻗﻪﺭﺯ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ "ﭼﯩﻴﻪﻧﻔﯩﻲ"ﺩﻩﭖ ،
ﺧﻮﺷﻪ ﺩﯦﻤﻪﻱ "ﮔﻪﻧﺒﯩﻲ"ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﻣﺎﺑﯘ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺟﺎﻣﺒﯩﻨﻰ ،
"ﺩﻩﻳﺰﻯ "ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺧﺎﻟﺘﯩﻨﻰ ،
"ﻛﺎﯞﺑﺎﯞﺯﻯ "ﺩﻩﯓ ﺳﺎﻣﺴﯩﻨﻰ ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﺗﯩﯖﺠﻰ"ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻥ ،
"ﺩﺍﺑﺎﯞ"ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﻪﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ،
"ﻟﯩﻴﯘﯞﺟﻰ"ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﻪﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﮔﯘﯕﮕﺎﯞ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺋﯧﻼﻧﻨﻰ ،
"ﺧﯘﯕﺰﺍﯞ"ﺩﻩﻳﺪﯗ ﭼﯩﻼﻧﻨﻰ ،
ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ ﻳﯩﻼﻧﻨﻰ !
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﻟﯧﻨﺘﯩﭽﯩﻨﻰ "ﺩﻩﻳﭽﻰ "ﺩﻩﭖ ،
ﯞﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺘﻨﻰ "ﺳﻪﻳﭽﻰ "ﺩﻩﭖ ،
ﺩﻩﺭﺱ ﺗﺎﺷﻼﺵ "ﻛﯘﯕﻜﻰ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﺗﻮﺷﻪﻱ "ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺳﺎﭘﻤﺎ ﻛﻪﺵ ،
"ﻟﯘﺯﺍ "ﺑﻮﻟﺪﻯ ﭘﯩﻠﺘﻪ ﻣﻪﺵ ،
ﺑﯘ ﻣﻮﺩﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻏﻪﺵ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﺟﯩﻴﺎﯕﺘﻪﻱ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ،
"ﺷﯩﻴﺎﯕﺸﯜﻱ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺋﻪﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ،
"ﻛﺎﺷﻰ "ﺩﻩﻳﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﺳﺎﯕﻨﺎ "ﺩﯦﺪﯗﻕ ﻣﯘﻧﭽﯩﻨﻰ ،
"ﻣﯩﻴﻪﻧﺠﺎﯓ" ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺋﯘﻧﭽﯩﻨﻰ ،
"ﺷﯩﻴﺎﯞﺧﯘﺍ "ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ ﻏﯘﻧﭽﯩﻨﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﻳﯧﻴﯩﺸﯩﻤﯩﺰ "ﺧﻪﻧﺒﺎﯞﺑﺎﯞ "،
ﺋﯘﭼﯩﻤﯩﺰﺩﺍ "ﻣﯩﯖﺘﯩﺠﯩﻴﺎﯞ "،
ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﯩﻤﯩﺰ "ﺭ. ﺑﺎﭼﯩﻴﺎﯞ "،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺗﻮﺧﯘ ﻗﻮﺭﺩﺍﻕ- ﺩﺍﭘﻪﻧﺠﻰ ،
ﺧﯜﻳﻤﯩﻴﻪﻥ ،ﺑﻪﻧﻤﯩﻴﻪﻥ ،ﻻﺯﯨﺠﻰ ،
ﺩﯨﯔ ﺩﯨﯔ ﺳﻮﻣﯩﻴﻪﻥ ﺟﻮﯞﻣﺎﺟﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺳﯘ ﻣﺎﻧﺘﯩﻨﻰ "ﺟﯘﯞﺍﯞﺍ" ،
ﻛﺎﯞﺍ ﺩﯦﻤﻪﻱ" ﺧﯘﻟﯘﮔﯘﺍ" ،
ﻳﻪﺭ ﻳﯘﻳﻐﯘﭼﻨﻰ ﺩﻩﭖ "ﺗﻮﯞﺑﺎ" ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺑﻪﺭﻩﻧﺠﯩﻨﻰ ﻳﺎﯕﻴﯘ ﺩﻩﭖ ،
ﺗﯧﺘﯩﺘﻘﯘﺳﯘ -ﺟﯩﻴﺎﯕﻴﯘ ﺩﻩﭖ ،
ﺗﻮﺭﺩﺍﺵ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﯞﺍﯕﻴﯘﯞ ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﺎﻻ -"ﺧﯘﯕﻨﯩﻴﯘﯞ"ﺩﻩﭖ ،
ﺩﻭﺳﯩﺘﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯘﻕ "ﭘﯩﯖﻴﯘﯞ"ﺩﻩﭖ ،
ﻗﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪﻙ ﺋﻪﻳﻴﯘ ! ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﻻﺟﻰ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻨﻰ ،
"ﯞﺍﯕﺠﻪﻥ "ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻨﻰ ،
"ﻳﯘﯞﺟﯩﻴﻪﻥ "ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺋﯧﻞ-ﺧﻪﺗﻨﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﺩﺍﭼﯩﻴﺎﯞ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﻨﻰ ،
"ﺟﯘﺯﻯ "ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻨﻰ ،
"ﺷﯩﺘﻰ "ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ ﺋﯚﻟﯜﻛﻨﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﻓﺎﭘﯩﻴﺎﯞ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺗﺎﻟﻮﻧﻨﻰ ،
"ﯞﻩﻳﺪﻩﻱ "ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺑﺎﻟﻮﻧﻨﻰ ،
ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ ﻗﺎﻟﯘﻧﻨﻰ ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﺩﺍﺷﯚ"ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﯘﻧﯩﯟﯨﺮﯦﺴﺘﯧﺖ ،
"ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ "ﺑﻮﻟﺪﻯ ﭘﯩﺮﯨﺰﺩﯨﻨﯩﺖ ،
"ﺩﺍﺷﯚﺳﯩﯖﺪﯗﺭ "ﺳﯩﺘﯘﺩﯨﻨﯩﺖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺑﺎﺗﺎﺭﯨﻴﻪ"ﺩﯨﻴﻪﻧﭽﻰ"ﺩﻩﭖ ،
ﺑﯘﻏﺪﺍ ﻛﯚﻟﻨﻰ -ﺗﯩﻴﻪﻧﭽﻰ ﺩﻩﭖ ،
ﻣﯚﻫﻠﻪﺕ ﺋﺎﺷﺴﺎ "ﻳﻪﻧﭽﻰ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﮔﯘﺍﯕﭽﺎﯓ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ،
"ﭼﯩﻴﻪﻧﺒﺎﯞ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﭘﯘﻟﺪﺍﻧﻨﻰ ،
"ﺷﯚﯞﯨﻲ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻨﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺩﯨﻠﻬﻮﺯﯗﺭﻧﻰ "ﺩﯨﻴﻪﻧﺸﻰ "ﺩﻩﭖ ،
ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻳﯘﻳﺴﺎ "ﮔﻪﻧﺸﻰ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺩﯨﻤﻪﻱ "ﻳﯘﯞﺷﻰ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻪﻛﻨﻰ "ﻳﺎﯞﻛﯘﯓ "ﺩﻩﭖ ،
ﺳﯩﻴﯩﺖ ﻧﻮﭼﻰ ﮔﺎﯕﮕﯘﯓ ﺩﻩﭖ ،
ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺗﻪﭘﺴﻪ "ﺩﺍﯞﮔﯘﯓ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺋﺎﻝ ﺗﯚﻙ ﺩﻩﻳﻠﻰ" ﺷﺎﺯﯨﻨﻰ "،
ﺋﯩﺸﻜﺎﭖ ﺩﻩﻳﻠﻰ "ﺟﺎﺯﯨﻨﻰ "،
ﭘﺎﻳﭙﺎﻕ ﺩﻩﻳﻠﻰ "ﯞﺍﺯﯨﻨﻰ "،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺋﯜﺯﭼﺎﺕ ﺩﻩﻳﻠﻰ "ﻛﻪﻳﮕﯜﻥ"ﻧﻰ ،
ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﺩﻩﻳﻠﻰ "ﺩﺍﺳﯜﻩﻥ"ﻧﻰ ،
ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯘﺕ ﺩﻩﭖ "ﺷﯚﻳﯜﻩﻥ"ﻧﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﺩﯗﺑﻮ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﻗﯩﻤﺎﻧﻰ ،
ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ "ﻣﯩﻤﺎ"ﻧﻰ ،
ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻤﺎﻧﻰ !!!
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﻣﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺷﺎﻟﻐﯘﺕ ﺗﯩﻞ ،
ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﯩﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻞ ،
ﺧﺎﺭﺍﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺷﺎﻟﻐﯘﺗﻼﺷﺘﻰ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ،
ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰ ،
"ﯞﯨﻴﺰﯗ "ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻠﻰ ،
ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻠﻰ ،
ﺷﺎﻟﻐﯘﺕ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺗﯜﺯﻩﻳﻠﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﻪﺭ ﻏﯧﻤﻰ ،
ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﻗﯧﻨﻰ ؟
ﺋﻪﻝ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭ ﻗﯧﻨﻰ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﺋﯩﺶ ،
ﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺶ ،
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﺴﯩﺰ ﻳﯧﺰﯨﻢ ،ﻗﯩﺶ !!!!
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎ !
ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﺳﯩﺰ ،
ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﺴﯩﺰ ،
ﺋﯚﻟﻪﻱ، ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ ﺳﯧﻨﯩﯖﺴﯩﺰ !
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎ !
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻐﺎ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﻟﯘﻓﺎﯓ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺑﯩﻨﺎﻧﻰ ،
"ﺧﺎﺑﺎ "ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﻰ .
"ﻣﯩﻴﻨﯜ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺭﻩﻧﺎﻧﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﻟﯘﻓﺎﯓ "ﺋﺎﻟﺪﯗﻕ "ﺩﻩﻳﻜﯜﻩﻥ"ﮔﻪ ،
"ﺟﯘﺍﯕﺸﯩﻴﯘﯞ "ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ "ﻳﯩﯟﻩﻥ"ﮔﻪ ،
ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻗﻤﯘ ﺩﻩﺗﻤﻪﻧﮕﻪ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻧﻰ "ﺑﯩﯖﺸﯩﻴﺎﯓ "ﺩﻩﭖ ،
ﻳﺎﯕﺮﺍﺗﻘﯘﻧﻰ "ﻳﯩﯖﺸﯩﻴﺎﯓ "ﺩﻩﭖ ،
ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﯩﻤﯘ "ﺗﯩﺸﯩﻴﺎﯓ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﮔﯘﯕﯟﯗﻳﯜﻩﻥ"ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻣﯘﺭﻧﻰ ،
"ﭼﯩﻴﻪﻧﺰﻩ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺋﺎﻣﺒﯘﺭﻧﻰ ،
ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﺭﻣﯩﺰ ﺗﻪﻣﺒﯜﺭﻧﻰ ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﻛﯚﻣﯜﺭﮔﺎﺯﻧﻰ "ﻣﯩﻴﭽﻰ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﺎﻛﻮﺭﯨﺘﻨﻰ "ﭘﯩﭽﻰ "ﺩﻩﭖ ،
17ﻧﻰ "ﻳﺎﯞﭼﻰ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﯞﻭﺷﻰ "ﺩﯦﺪﯗﻕ ﻳﺎﺗﺎﻗﻨﻰ ،
"ﺷﯧﺰﻯ "ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺋﺎﻳﺎﻗﻨﻰ ،
"ﻟﯩﻴﯘﯞﻻﯕﺨﻪﻥ "ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻳﺎﻗﻨﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﻛﻪﺭﻩﭘﺸﯩﻨﻰ "ﭼﯩﯖﺴﻪﻱ "ﺩﻩﭖ ،
ﻛﯜﺩﻩ ﺩﯦﻤﻪﻱ "ﺟﯜﺳﻪﻱ "ﺩﻩﭖ ،
ﭘﺎﻟﻪﻛﻨﯩﻤﯘ "ﺑﻮﺳﻪﻱ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﺧﺎﯕﮕﺎ "ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺗﻪﺭﺧﻪﻣﻪﻙ ،
"ﺑﻪﺳﻪﻱ "ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﯧﺴﯩﯟﯨﻠﻪﻙ ،
ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻠﻪﻛﺘﯩﻦ ﻣﯩﯔ ﺧﻪﻣﻪﻙ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﺷﯘﯞﺟﻰ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻨﻰ ،
"ﺷﯩﻴﺎﯕﺰﺍﯞ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺳﻮﭘﯘﻧﻨﻰ ،
"ﻻﯞﭘﻮ"ﺩﻩﺭﻣﯩﺰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﻛﺎﺭﺗﺎ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﻛﺎ ﺩﯦﺪﯗﻕ ،
ﻳﺎﭘﻤﺎ ﺧﯩﺸﻨﻰ ﯞﺍ ﺩﯦﺪﯗﻕ ،
ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺴﻪﻙ ﺳﺎ ﺩﯦﺪﯗﻕ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﻨﯩﻤﯘ "ﺟﻮﺯﺍ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻨﻰ "ﻳﯩﺰﺍ "ﺩﻩﭖ ،
ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯘﺭ -"ﺟﯩﺰﺍ "ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺑﯘﺱ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﻧﻰ "ﭼﯘﯞﻳﻪﻧﺠﻰ "،
ﺷﺎﻣﺎﻟﭽﯩﻨﻰ "ﮔﯘﭘﯘﯕﺠﻰ "،
ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻤﯩﺰ "ﻓﯘﻛﯩﺠﻰ "،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺋﯧﺮﻯ ﻣﺎﯕﺪﻯ "ﺟﯩﻴﯘﯞﺑﺎﻏﺎ "،
ﺧﻮﺗﯘﻥ ﭼﺎﻳﻐﺎ "ﺩﯨﺒﺎﻏﺎ"،
ﺑﺎﻻ ﻛﯚﻧﺪﻯ "ﯞﺍﯕﺒﺎﻏﺎ "،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ "ﻳﯚﺧﯜﻱ"ﺩﻩﭖ ،
ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺩﯦﻤﻪﻱ "ﻛﻪﻳﺨﯜﻱ"ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻧﻰ "ﻳﯘﯞﺧﯜﻱ"ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﺩﺍﺟﻰ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﺋﻪﺭﺯﺍﻧﻨﻰ ،
"ﻧﯜﻩﻧﭙﯩﯔ "ﺩﯦﺪﯗﻕ ﭼﺎﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ،
"ﺷﯘﺟﯜﻛﯘ"ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻧﺪﺍﻧﻨﻰ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ-ﺳﯜﺭﻩﻥ "ﺯﺍﻳﯩﻦ"ﺩﻩﭖ ،
ﺧﻪﺕ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﻨﻰ "ﺩﺍﻳﯩﻦ"ﺩﻩﭖ ،
ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﻧﻰ "ﻓﺎﻳﯩﻦ"ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﺷﯩﮕﯜﻩﻥ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﻛﯚﻧﮕﻪﻧﻨﻰ ،
"ﮔﯜﻩﻧﺠﯜﻥ"ﺩﯦﺪﯗﻕ ﻳﻪﯕﮕﻪﻧﻨﻰ ،
ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﻪﻧﻨﻰ ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ "ﻳﯘﯞﺷﯩﻴﯘﯞ"ﺩﻩﭖ ،
ﺭﯨﻤﻮﻧﯩﺘﻨﻰ "ﺩﺍﺷﯩﻴﯘﯞ"ﺩﻩﭖ ،
75ﻧﻰ "ﭼﯩﺸﻴﯘﯞ"ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ ﺋﯧﺪﯨﺶ "ﮔﺎﯕﺰﺍ "ﺩﻩﭖ ،
ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻧﻰ "ﺟﺎﯕﺰﺍ "ﺩﻩﭖ ،
ﺷﯘﻡ ﺋﻮﭼﺎﻗﻨﻰ "ﻟﯩﯖﺰﺍ" ﺩﻩﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
ﺩﺍﺑﺎﺯﺍﺩﺍ ﺯﺍﺳﯜﻱ ﻳﻪﭖ ،
ﻛﯩﻨﺪﯨﺠﯩﺪﺍ ﺟﯩﺘﯜﻱ ﺩﻩﭖ ،
ﭼﺎﯕﺰﺍ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺧﻮﺗﯜﻱ ﻳﻪﭖ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﮔﺎﺯﯨﺮ" ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺷﯩﻤﯩﺸﻜﻪ ،
"ﻧﻪﻳﭙﯩﯔ "ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﯩﻤﺰﯨﮕﻪ ،
ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ﻧﯩﻤﯩﺸﻜﻪ ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
"ﺧﻮﮔﻮ" ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﻪﻟﻘﺎﺯﺍﻥ ،
"ﮔﻮﻟﯘ" ﺑﻮﻟﺪﻯ ﭘﺎﺭﻗﺎﺯﺍﻥ ،
"ﺩﯨﻴﻪﻧﻔﻪﻧﮕﻮ"ﺑﻮﭖ ﺗﻮﻙ ﻗﺎﺯﺍﻥ ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ .
مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.
[ totem تەرپىدىن 2008-06-20 11:09 قايتا تەھرىرلەنگەن ]