ئۇيغۇر ئېمپىريىسىنىڭ شەرقىي چېگرىسى تىنچ ئوكيانغا، غەربىي چېگرىسى ھازىرقى روسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرى جايلاشقان زېمىننى بويلاپ، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يىراقلارغا سوزۇلۇپ ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتاشقان ئىدى. شىمالىي چېگرىسىغا ئائىت خاتىرىلەر يوق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شىمالىي چېگرىسىنى شىمالىي مۇز ئوكيانغا تۇتاشقان دەپ پەرەز قىلىش مۈمكىن. جەنۇبىي چېگرىسى بولسا ھىندىچىنى، بېرما، ھىندىستان ۋە پېرسىيەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى __ قۇياش ئېمپىرىيىسى مۇغا تەۋە ئەڭ چوڭ مۇستەملىكە خاراكتىرلىك ئېمپىرىيە بولۇپ، دۇنيادا تونۇلغان ئېمپىرىيىلەر ئىچىدە مۇدىن قالسىلا ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىدىن چوڭ ئېمپىرىيە يوق ئىدى.
ئۇيغۇر تارىخى دىمەكلىك __ ئارىئانلارنىڭ تارىخى دىمەكتۇر. چۈنكى بارلىق ئارىئانلار ھەقىقى ئارىئان ئېرقىدىكىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ياۋروپانىڭ مەركىزىنى بويلاپ ماكانلاشقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىلىنىش تارىخىنى تاكى ئۈچۈنچى ئېرا دەۋرىگىچە سوزۇش مۈمكىن. ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن غايەت دەھشەتلىك يەر پوستى ئۆزگىرىشى ۋە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى نەتىجىسىدە ئېمپىرىيە ۋەيران بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇ ئاپەتلەردىن ئامان قالغانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ياۋروپادا قايتىدىن ئاھالە بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ پېلىستوسىن دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. سىلاۋىيانلار، تيوتنلار، كېلىتلار، ئېرلاندلار، بېرتونلار ۋە باسكلار ئۇيغۇرلاردىن پەيدا بولغان مىللەتلەردۇر. بېرتونلار بىلەن باسىكلار ۋە ھەقىقى ئېرلاندلار ئۈچۈنچى ئېرا دەۋرىدە ياۋروپاغا كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن تارقالغان خەلقلەردۇر ھەم بۇلار دەل ھېلىقى يەر پوستى ئۆزگىرىشى ۋە تاغلار ئۆزگىرىش ھەركىتىدە ئامان قالغانلاردۇر.
ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى گۈللەپ ياشنىغان ھېلىقى دەۋرلەردە ھەزىرقى گوبى چۆللۈكى سۈيى ئەلۋەك مۇنبەت تۈزلەڭلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايدىكى پايتەختى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، 1896- يىلى تىبەتتىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قەدىمقى شەھەر قارا خوتۇنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى مۇشۇ قارا خوتۇ شەھىرىنىڭ ئاستىدا بولۇشى مۈمكىن دەپ قىياس قىلىشىپ بۇ خارابىلىقنى قېزىشنى باشلىۋەتكەن ۋە 40 فۇت قېلىنلىقتىكى قورام تاش قاتلىمى، شالغۇم ۋە قۇم قاتلاملىرىدىن ئۆتۈپ قەدىمقى پايتەخت شەھەرنىڭ خارابىسىنى تاپقان ھەمدە نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئېرىشكەن. لېكىن شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قېزىش راسخوتى تۈگەپ كەتكەنلىكتىن بۇ ئارخېئولوگىيە پائالىيىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان ھەم بۇ قېتىمقى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنى روسىيەلىك داڭلىق ئارخېئولوگ كوزلوفقا ئېيتقان. كېيىن كوزلوف بىر ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ ئۇلارنىڭ قارا خوتۇدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا: غايىپ بولغان قۇرۇقلۇق مۇنى باش ئەگدۈردۈم __ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
شەرقتىكى ئەللەردە كەڭ تارقالغان رىۋايەتلەردە : پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئورنى بىر زامانلاردا مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلەر، ئورمانلىقلار، كۆل ۋە دەريالار بىلەن تولغان بىپايان تۈزلەڭلىك ئىدى. ئۇ جايلاردىكى كەڭ ھەم تۈپتۈز يوللار چوڭ - كىچىك شەھەر بازارلارنى بىربىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى. بۇ كاتتا شەھەرلەردە ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانىلار ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورۇنلىرى، ھۆكۈمرانلارنىڭ سۈرلۈك ئوردا قەسىرلىرى بار ئىدى - دىيىلگەن. ھازىرمۇ گوبى چۆللۈكىدىكى ھېلىقى توپان سۈيىنىڭ يالاپ قوراملىققا ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن ئامان قالغان تۇپراق قاتلاملىق قىسىملىرىدا قۇرۇپ كەتكەن دەريالارنىڭ قىنى، قاناللار ۋە كۆللەرنىڭ ئىزنالىرى ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىدۇ. گوبى چۆللۈكىنىڭ بىرقانچە جايلىرىدا ھېلىقى توپان سۈيى يالاپ كەتكەن دائىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن تارىخلار بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدرەت تاپقان ھېلىقى دەۋرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. تەلىيىمىزگە يارىشا بىز بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەرگە مۇھتاج ئەمەس، تىبەتلەرنىڭ بىر ئىبادەتخانىسىدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نائاكال خانلىقىغا ئائىت يازما خاتىرىلەر ساقلانغان. مەن ئۇنىڭدىكى- 7000 يىللار ئىلگىرى نائاكاللىقلار ئۆز ۋەتىنى ھەققىدىكى مۇقەددەس يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىگە يوللىنى - دىگەن نەقىلنى ئالساملا كۇپايە. رىۋايەت تۈسىنى ئالغان نەقىللەر نامەلۇم يۇرتلاردىن ئاسىياغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ باشتا ھازىرقى سېرىق دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ ماكانلاشقانلىقىدىن مەلۇمات بېرىدۇ.
ئۇلار ئۇ جايدىن ئىچكىرىگە قاراپ كېڭەيدى، ئۇلارنىڭ دەسلەپتە يېتىپ بارغان جايى __ تۈز كەتكەن سۇغۇرۇشقا ئەپلىك تۈزلەڭلىك (گوبى) دۇر. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگەللەپ كاسپىي دېڭىز بويلىرىغا ۋە ئاندىن كېيىن مەركىزىي ياۋروپانى بېسىپ ئاتلانتىك ئوكيانغا كېڭەيدى.
خەنزۇلارنىڭ بەزى خاتىرىلىرىدە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 500- يىللاردىكى تەققى-تۇرقى قوڭۇر چاچ كۆك كۆز خەلق،ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايى ئاق سۈزۈك، قوڭۇر كۆز ۋە قوڭۇر چاچ كېلىدۇ. شىمالدىكى جايلاردا ياشىغانلىرى ئاساسەن كۆك كۆز سېرىق چاچ، جەنۇپتا ياشايدىغانلىرى قارا چاچ قارا كۆز كېلىدۇ ، دەپ تەسۋىرلەنگەن.
بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن تاكى لېنا دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغىچە بولغان جايلار ۋە شىمالىي مۇز ئوكيان بويىدىكى ئاراللاردا بۇنىڭدىن بىرقانچە مىڭ يىللار مۇقەددەم شىددەت بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن مۇز ئارىلاشمىغان دەھشەتلىك سۇ دولقۇنى جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ بۇ يەرنى يالماپ ئۆتكەنلىكىدەك بىر پاكىتنى ئاشكارىلىدى. گېرىنىۋىچ سىزىقىنىڭ 110 -گىرادۇس شەرقىغىچە بولغان جايلاردا بۇ تاشقىن ئاپىتىنىڭ ئىزنالىرى بايقالدى، لېكىن بۇ دائىرىدىن شەرققە قاراپ ماڭغاندا شۇ قېتىملىق تاشقىن ئاپىتىنىڭ ئىزنالىرى ئۇچرايدۇ. ھېلىقى تاشقىننىڭ جەنۇپتىن باستۇرۇپ كېلىپ شىمالغا كەتكەنلىكىگە ئائىت دەلىللەر ھەممىلا جايدا ئۇچراپ تۇردىيۇ، لېكىن سىبىرىيىنىڭ ھىچقانداق جايىدا ھېلىقى تاشقىنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇزلاردىن قالغان بىرەر ئىزنالارى بايقالمايدۇ. تاشقىن ئەڭ قاتتىق بېسىپ ئۆتكەن يەر لېنا دەرياسى بولسا كېرەك.
لېنا دەرياسىنىڭ ئېغىزىدىن چىققاندىن كېيىنكى جاي للاكوف ئارىلى. بۇ ئارال مامونت ۋە باشقا ئورمان ھايۋانلىرىنىڭ ئۇستىخان ۋە چىشلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، بۇلارنى ھېلىقى تاشقىن موڭغۇلىيە ۋە سىبىرىيە دالىلىرىدىن ئېقىتىپ كېلىپ تاشلىغان. چۈنكى بۇنداق ھايۋانلا للاكوف ئارىلىدا ياشىغان ئەمەس. بۇ ئۇستىخانلاردىن بىز شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمىزكى، تاشقىنغا ھىچقانداق مۇز ئارىلاشمىغان، بولمىسا بۇ ھايۋانلارنىڭ تېنى ئۇستىخانلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يانچىلىپ ئۇماچ بولۇپ كەتكەن بولاتتى، يەنى شەرقى شىمالىي ئامېرىكىدەك ھالەت كېلىپ چىققان بولاتتى، ئۇ جايدا للاكوف ئارىلىدىكىدەك بۇنداق قالدۇق ئىزنالارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن تارىخلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل ئوتتۇرا ياۋروپاغا تارقىلىپ ماكانلاشقان، ھىندىلارنىڭ قەدىمقى كىنابى < مانۇ >دا مۇنداق يېزىلغان: ئۇيغۇرلار كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي قىرغاقلىرىنى بويلاپ ئولتۇراقلاشقان .، بۇلار ماكىس مۇللېر ئېيتقان پلېي سىتوسېن دەۋرىدىكى كۆچمەنلەرگە ئوخشاش ئىككىنچى قېتىم ياۋروپاغا كۆچۈپ كىرگەن ئۇيغۇرلار بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. مېنىڭچە شەك شۈبھىسىزكى ئالىملار ئېيتقان شەرقىي ياۋروپانىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۆزلەشتۈرگۈچىلىرى دەل ئادىمىزاتسىز چۆلدەرەپ قالغان ھېلىقى تاغلىقتىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قالدۇقلىرىدۇر. بۇ قاراش ماكىس مۇللېر تەرىپىدىن دەلىللەنگەن. ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق يازغان: دەسلەپتىكى بۇ بىر كىچىك توپ كاۋكازلىقلار مەركىزىي ئاسىيانىڭ تاغلىقلىرىدىن كەلگەن. ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
ئۇلار كاۋكاز دالىلىرىغا پلېي سىتوسېن دەۋرىدە يەنى يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىققان دەۋرلەردە يېتىپ بارغان. يۇقۇرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىقىشتىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ياۋروپادا ئۇيغۇرلار بار ئىدى. ھازىرمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان نۇرغۇن قەۋملەر ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىققان ھېلىقى دەۋرلەرگە سۈرىدۇ.
يوقالغان قۇرۇقلۇق مۇ دىگەن كىتابىمدا كوزلوف قارا خوتۇدىن تېپىپ سۈرەتكە ئالغان بىر قىسىم سىمۋوللۇق رەسىملەرنى ئايرىپ چىقىپ مەنىسىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن ئىدى.
تىبەت ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان، ئۇ شەرقتە جۇڭگو، شىمالدا موڭغۇلىيە، جەنۇپتە ھىندىستان، غەرپتە كەشمىر ۋە تۈركىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. گوبى چۆللۈكى ئۇنىڭ شىمالىي چېگرىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
تىبەت بىر زامانلاردا بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. يەنى ئۇ چاغلاردا تېخى يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلپ چىقمىغان بولۇپ، بۇ ئەلنىڭ زېمىنى مۇنبەت تۈزلەڭلىك ئىدى. ھازىر بۇ جاي غەرپتىن شەرققە قاراپ سوزۇلغان تاغ تىزمىلىرى بىلەن تولغان دۇنيا بويىچە ئەڭ بۈيۈك ئىگىزلىك. جەنۇبىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز تاغ تىزمىسى ___ ھىمالايا تاغلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ مۇشۇ تاغ تىزمىلىرى ئىچىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز چوققا ___ جۇمۇلاڭما چوققىسى تىبەت چېگرىسىغا جايلاشقان، شۇڭا تىبەت <دۇنيانىڭ ئۆگزىسى > دىگەن نام بىلەن مەشھۇر.
جۇڭگو __ خەنزۇ مەدەنىيىتى ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرسى دىيىلىپ ۋە شۇنداق قارىلىپ كەلدى، لېكىن خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ئارانلا 5000 يىل ئەتراپىغىلا بارىدۇ. ئۇلار ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ئۆزىمىز راۋاجلاندۇرغان دەپ ئىشىنىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۇلارغا ئاتىلىرى تەرىپىدىن مىراس قالدۇرۇلغان، يەنە بىرسى خەنزۇلار قارىماققا موڭغۇللارغا بەك ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلار يېرىم موڭغۇل ئېرقىغا تەۋە، ئۇلارنىڭ يىراق بوۋىلىرى ئاق تەنلىك ئارىيانلاردۇر. ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى دەۋرىدە بىر مۇنچە ئاق تەنلىك ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەللەردىكى سېرىق تەنلىك موڭغۇللار بىلەن ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغان ۋە ئەنە شۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى خەنزۇلارنىڭ تۇنجى ئېمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان، قەدىمكى يازمىلاردا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرى سېرىق تەنلىك بەدىۋىلەرنىڭ ئارىسىدىكى چىرايلىق ئاياللارنى تاللاپ ئەمرىگە ئالاتتى - دەپ قەيت قىلىنغان. شەك شۈبھىسىزكى بۇ تەرجىمىدىكى خاتالىق، چۈنكى ئۇ چاغلاردا بۇنداق تويلىشىشنىڭ بولۇپ تۇرغانلىقى ئېنىق، دۇنيادا بەدىۋىلەر ھىچقاچان چىراي تۇرقىدىن مەلۇم بولمايدۇ، دىمەك ئۇنىڭ مەنىسى سېرىق تەنلىك ئەبگا ئېرق دىگەنلىكتۇر، ئەنئەنە جەھەتتە بۇ سېرىق تەنلىك موڭغۇللار ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەدىۋى ھالەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن تۇراتتى . دىگەننى ئىسپاتلايدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇن خەنزۇلارنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي نەسەپتىكىلىرىنىڭ ئۆڭى ئاق سۈزۈك بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تومۇرىدىكى ئۇيغۇر قېنىنىڭ ئالامىتىدىن ئىبارەت. بۈگۈنكى تۆۋەن نەسەپلىك، ئادەتتىكى قارا ئىش قىلىدىغان خەنزۇلاردا ئۇيغۇر قېنى يوق، مانا بۇلار بولسا قەدىمقى سېرىق تەنلىك موڭغۇللارنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر.
مەنبە: جامەس چۇرچۋارد نىڭ “غايىپ قىتئە – مۇ” ناملىق كىتابىنىڭ 13 – بابىدىن تەرجىمە قىلىنغان
<كونا بەش دەۋىر تارىخى. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى> 55-بەت
ئاپتۇرى:كوكلەم.
[ sertlan تەرپىدىن 2008-06-20 11:54 قايتا تەھرىرلەنگ ]