ئىنتايىن مۇھىم بىر يازما بوپتۇ بۇ! سىزگە كۆپ رەھمەت!
مېنىڭ بىر سۇئالىم بار، سۇئالىمنى قۇيۇشتىن بۇرۇن مۇنازىرىگە قاتناشقان ئادەملەرنىڭ ساپالىق، تەمكىن بىلەن پىكىر قىلىپ سۆز قالدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قارا قوساق، ئۆتنەم يولداشلار بولسا بۇنى ئوقۇمايلا كېتىۋىلىڭ. باشلاي ئەمسە: بۇ ئەسەردە "ئۇيغۇر" نىڭ زادى قاچان كەلگەنلىكىنى ئېنىق دىمەپتۇ. "ئۇيغۇر" نىڭ ئالدىدا بىز "تۈرك" ۋە "ھۇن" نىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ كەلدۇق، ياكى بولمىسا بۇنداق دەي، بىزنىڭ ئاجدادىمىز "تۈرك" ۋە "ھۇن" لاردۇر. ئۇنداقتا "ئۇيغۇر" ئېنىقراق قاچان شۇنداق دەپ ئاتالغان؟ "ئۇيغۇر" مەدىنىيىتى قاچان پەيدا بولغان؟
بۇنداق سورىشىمدىكى سەۋەب، بىر قىسىم يولداشلىرىمىز كەلسە-كەلمەس، ئۇ ئۇيغۇر بۇ ئۇيغۇر دەپ جۆيلۈيدىغان بولۇپ قالدى. ئۆتكەن قارىسام، توردا بىرەيلەن توردا ئۆزىگە "ئاتتىلا ئۇيغۇردۇر" دەپ نام قۇيۇۋاپتۇ. بىلىشىمچە ئاتتىلا 406 دىن 453 غىچىلىك ياشاپ، ھۇن ئىمپىرىيىسىنى باشلاپ ياۋرۇپاغا ھۇجۇم قىلىپ كۆپ يەرلەرنى ئىشغال قىلىۋالغان. wiki دىكى ماتېرياللارغا ئاساسەن، 453-يىلى توي كۈنىسىدە ھاراقنى كۆپ ئىستىمال قىلغانچقا تۇمۇر يېرىلىپ قان چىقىپ، ئۇخلىغاندا ناپەس سېستىمىسى تۇسۇلۇپ قازا قىلغان... نۇقتىدىن يىراقلاپ كەتتىم، دىمەكچىمەنكى ئاتتىلا ھۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئوتتۇر ئاسىيا دائىرىسىدىن خېلىلا يىراقلاپ كەتكەن. مېنىڭ قىزىقىدىغىنىم، "ئۇيغۇر" نىڭ پەيدا بولۇشى، دېققەت، "ئۇيغۇر" دىدىم، "ھۇن" ئەمەس، قەدىمقى "تۈرك" مۇ ئامەس، چۈنكى ئۇلار بارلىق تۈرك مىللەتلىرىگە تەۋە تارىختۇر. توققۇز قەبىلە ئېنىقراق قاچان بىرلىشىپ، ئۆزلىرىنى "ئۇيغۇر" دەپ ئاتىغاندۇ؟؟؟ ئازراق ماتېريال ئىزدەپ ئوقۇپ باقسام بۇ توغۇرلۇق بەك ئېنىق نەرسە يوق ئىكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا "ئۇيغۇر" نىڭ پەيدا بولۇشى 200 بىلەن300 - يىللار ئەتراپىدا ئوخشايدۇ.
بۇ ئەسەردە 6412 يىلدىن بۇرۇن تېپىلغان ئايال جەستىنىمۇ "ئۇيغۇر" ئايال دەپ ئاتاپ بوپتۇ، مېنىڭچە بۇ مۇۋاپىق ئەمەس. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى تۈرك مىللىتىنىڭ ئەجدادى ياكى بۇ ئەڭ دەسلەپكى ئوتتۇر ئاسىيادا ياشاپ كەلگەن ئادەم دەپ قاراش كېرەك. تارىخنى توغرا ۋە ئېنىق تۇنۇغاندا ئاندىن ئۆزىمىزنى ئېنىق تۇنۇيمىز.
http://eynek.blogbus.com[ eynek.blog تەرپىدىن 2008-06-20 18:41 قايتا تەھرىرل ]