ئانامغا تېلىفۇن قىلىپ قويۇڭ
خىزمەتدىشىم ئەسقەر ئىشخانىغا ناھايىتى خاپا كىرىپ كەلدى. ئۇ ئادەتتە مېنى ئۆزىگە يېقىن ھېساپلايتتى.
-مۇشۇ ئاداشنىڭ بەزى قىلىقلىرى ئاجايىپلا، ھە دىسە ئانامغا تېلىفۇن قىلىپ قويغىن،تېلىفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراپ قويغىنلا دىگەن ... ئەجەپ تويدۇم،-دېدى ئۇ زەردە بىلەن ئورۇندۇقنى سىلكىپ تارتىپ ئولتۇرۇپ.
-كىمنى دەيسەن ۋوي؟ نىمانچە ئاچچىقلايسەن؟ -دېدىم ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا كۈلگۈم كېلىپ.
-ۋاي كىم بولاتتى،كامىل بولمامدۇ؟ ئۇ ھە دېسىلا مېنى ئانىسىغا تېلېفۇن ئۇرغۇزىدۇ،شۇ ئىشىدىن بەك زېرىكتىم بۇ ئاداشنىڭ.
-نىمە دەپ ئۇنىڭ ئانىسىغا تېلىفۇن قىلىدىكەنسەن؟
-ئەھۋال سوراپ بولمامدۇ.شۇنداق قىلسام ئۇنىڭچە ئانىسى خۇش بولارمىش... ئىشى جىق ئاداشكەن بۇ،-گېپىمىزنىڭ ئاخىرى چۈشمەيلا ،ئۇنى باشلىق چاقىرتتى.ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، تۇرۇپلا ئۇنىڭ ساقچىخانىدا ئىشلەيدىغان دوستى كامىل توغرىلىق ئويلىنىپ قالدىم.كامىل بىلەن مەنمۇ خېلى تونۇشاتتىم.ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى مەرد،قىزغىن، چىقىشقاق،گەپ-سۆزلىرى جايىدا يىگىت ئىدى.ئۇنىڭ ئەسقەرنى ئانىسىغا تېلېفۇن بەرگۈزىدىغان مىجەزى ماڭا غەلىتە تۇيۇلدى.ئۇنىڭ ئانىسى نەدىدۇ؟نېمىش قىلىدىغاندۇ؟نېمە دەپ باشقىلارغا تېلېفۇن بەرگۈزىدىغاندۇ؟دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار خېلىغىچە كاللامغا كىرىۋالدى.ئەسقەر شۇ چىقىپ كەتكەنچە باشلىق بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم،ئايالىم ئالدىراش تاماق تەييارلاۋاتاتتى.
-ئانىڭىز بولغان ئادەممۇ سىڭلىڭىزنىڭكىدە يېتىپلا ئالدى،تېزرەك كەلسە بولاتتى،-دېدى ئۇ مېنى كۆرۈپ،-بۈگۈن سىرتقا چىقىمەن،مەرداننىڭ تاپشۇرۇقىغا قاراپ قويارسىز-ھە؟نۇسىرەت ئانىسىنى ئەكەپتىكەن،نەچچە كۈندىن بېرى، ئاكىسىنىڭكىدە ئىكەنتۇق. ھە راست،ئۇنىڭ ئاكىسىنى سىزمۇ تونۇيسىز،ھېلىقى ساقچىخانىدىكى كامىلچۇ.
ئايالىمنىڭ چىرايىمغا قارىغۇدەكمۇ ۋاقتى يوق ئىدى،تاماقلارنى جوزىغا ئالدىراش تىزىپ بولۇپ ئۆزىنى بىرەر قۇر تۈزىگەن بولدى-دە،دوستىنىڭكىگە ماڭدى.كاللامدا نۇرغۇن چىگىش سوئاللار پەيدا بولدى.بۇ ئاكا -سىڭىللار قىزىقكىنە،ئانىسى بەك قالتىس ئايالمىدۇ،شۇنچە خەققە كۆز -كۆز قىلغۇدەك.ئۇ كۈنى ئايالىم كەلگەندەمەن ئۇخلاپ بولغان ئىدىم. شۇ تەرىقىدە يەنە نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتتى.خىزمەت،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە كامىل ۋە ئۇنىڭ ئانىسى توغرىسىدىكى ئىشلارنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كەتتىم.بىر كۈنى ئىشخانا مۇدىرى ماڭا جەمئىيەت ئامانلىقى توغرۇلۇق ئېچىلىدىغان بىر يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇردى.يىغىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدا ئېچىلىدىكەن.يىغىنغا باردىم.ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ قارىسام يېنىمدا كامىل ئولتۇرۇپتۇ. بىز قىزغىن كۆرۈشۈپ بىرەر قۇر ئەھۋاللاشتۇق.يىغىن بالدۇرلا تۈگۈدى. كامىل مېنى ئىشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ كەتكىن،دەپ تۇرۇۋالدى.مېنىڭمۇ باشقا جىددى ئىشىم يوق ئىدى. بىز ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۇ يەر-بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق،گەپلىرىمىزدە خېلى ئورتاقلىق بار ئىدى.سۆز تېمىمىز قانداق بولدى، ئاتا-ئانىلارغا يۆتكىلىپ قالدى.
-چوڭلار ياخشى تۇرامدۇ؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-خۇداغا شۈكۈر،ئانام ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ،دادام 10يىلنىڭ ئالدىدا تۈگەپ كەتكەن.ئانامنى يېنىمغا ئەكېلىۋالغان،-دېدى ئۇ.
-ھە،ئاناڭ ئىلگىرى نېمىش قىلاتتى؟-دېدىم ھېلىقى سوئاللىرىمغا جاۋاپ ئىزدەپ.
-دېھقان،بىچارە ئانامنىڭ سىڭلىم ئىككىمىزدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق دېگىنە،كۆڭلى بەك سۇنۇق.يېقىندا ھەدىسى تۈگەپ كەتتى،مىجەزى يوق،ياتاقتا ياتقىلى ئۇنىماي ئۆيدە ئوكۇل سالدۇرۇۋاتىدۇ.بىچارە ئانام...-كامىلنىڭ چىرايىدا بىر خىل مۇڭ ئەكس ئەتتى.ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزلىرىدىن ئانىسىغا بولغان ئىچ ئاغرىتىش،مېھرىبانلىق،ئامراقلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
-ئانام ئۆيدە بەك يالغۇز دېگىنە،-دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،-يېزىدا قويۇشتىن خاتىرجەم بولالمىدىم،لېكىن ئانام يېزىنى بەك سېغىنىدۇ.ئايدا بولسىمۇ بىر قېتىم يېزىغا ئاپىرىپ كونا قولۇم-قوشنىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ ئەكىلىمەن بولمىسا،لېكىن ئانام ھازىرغىچە شەھەر تۇرمۇشىغا كۆنەلمىدى. بىنا ئۆينى قەپەسكەن، ھېچكىم كىرمەيدىكەن،ھېچكىمنىڭ بىر-بىرى بىلەن كارى بولمايدىكەن دەپ كۆڭلى يېرىم. بۇ يەرنىڭ شارائىتى شۇنداق.سەن بىلىسەن، ھەممە ئادەم ئالدىراش.چوڭلارنى قانداق قىلساق رازى قىلارمىز،ھە ئاداش...
شۇ چاغدا ئۇنىڭ تېلېفۇنى سايرىدى.تېلېفۇن ئۇنىڭ سىڭلىسىدىن كەلگەن ئىدى.
-سېنى ئۇزىتىپ قوياي،-دېدى ئۇ تېلېفۇندا،-ھە...ھە...ئۇنداق بولسا مەيلى،لېكىن ئانامغا تېلېفۇن قىلىشنى ئۇنتۇما-ھە؟ بولسا دوسلۇرۇڭمۇ-ھە... ھە سەنغۇ بىلىسەن،شۇنداق بولسىمۇ دېگىنىم. ئەمىسە ئاللاغا ئامانەت، ئۆزۈڭنى ئاسرا،-ئۇ تېلېفۇننى قويۇپ مەندىن ئۆزرە سوراپ كەتتى،-كەچۈرگىن ساڭا قارىتىپ تېلېفۇن ئېلىپ كەتتىم.سىڭلىم ۋىلايەتكە ئۆگىنىشكە مېڭىپتىكەن،شۇڭا تېلېفۇن قىپتۇ.
-ھە،مەنمۇ شۇنداقمىكىن دەپ ئويلىدىم،ھېچقىسى يوق،-دېدىم مەن.نىمىشقىدۇر كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى.ئانامنىڭ سولغۇن چىرايى،تەلمۈرۈپ قاراشلىرى،بىچارىلەرچە قىياپىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى.
-دوسلىرىمدىن بىرەرسى تېلېفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراپ قويسا ياكى كۆرگىلى كەلسە، ئانام شۇنداق خوشال بولۇپ،نەچچە كۈنگىچە ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلىپ كېتىدۇ.ئادەم خۇمار بولىدىكەن،خۇددى كىچىك بالىلاردەكلا.ھە راست، سەنمۇ ئاناڭ بىلەن بىللە تۇرىدىكەنسەن -ھە؟سەن بۇنى بەك چۈشۈنىسەن چوقۇم.
-ھە...-دېدىم مەن.تېخى شۇ چاققىچە ئانامنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈپ نېمىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقى،كىملەردىن كۆڭلى سۇ ئىچىپ كىملەردىن رەنجىۋاتقانلىقىنى پەقەت ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرمەپتىكەنمەن.
-ئۆيۈڭنىڭ تېلېفۇنىنى بەرگىنە،ئاناڭغا تېلېفۇن قىلاي،بولسا ئانام بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويايلى،ئىككى موماي بېرىش -كېلىش قىلىشىپ ئۆتسۇن، بولامدۇ -يا
-بولىدۇ،ئەلۋەتتە بولىدۇ...بولسا شۇنداق قىلايلى...-ئاۋازىم تىترەپ چىققاندەك قىلدى. خۇددى بىر ئىشلىرىم چالا قالغاندەك بىئارام بولدۇم.كامىل ئانىسى توغرۇلۇق خېلى ئۇزۇن پاراڭ قىلىپ بەردى.ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغانسېرى شۇنچە بىئارام بولۇۋاتاتتىم.ئۇنىڭغا قارىغاندا مەن ئانامغا ھېچ نىمە قىلىپ بەرمەپتىمەن.مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ چىقتىم.ئىشتىن چۈشۈدىغانغا يەنە بىرەر سائەتچە ۋاقىت بار ئىدى.كۆڭلۈم ناھايىتى پاراكەندە،يىغلىغۇملا كېلەتتى.خۇددى قاتتىق گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك بالىدەك ھېسسىياتىم ناھايتى چىگىش ئىدى.دادام تۈگەپ كەتكەندە چوڭ ئاچام16ياشتا، ئەڭ كىچىك سىڭلىم تېخى تۆت ياشتا ئىدى.مەن بالىنىڭ ئۈچۈنچىسى،يەنە كېلىپ بىر دىنبىر ئوغۇل ئىدىم.تۆت قىزنىڭ ئالدىدا ئورنۇممۇ ئالاھىدە ئىدى.قىسقىسى مەن رەھمەتلىك دادام، جاپاكەش ئانامنىڭ بىردىنبىر ئۈمۈدى،ئارمانى ئىدىم.ئۇلارچە قىزلار دېگەن ئاجىز ، كىشىنىڭ ئادىمى،پەقەت مەنلا بۇ ئۆينىڭ نىجاتكارى،كەلگۈسىدىكى يۆلەنچۈكى ئىدىم.دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن قىزلار ئوقۇيالمىدى.پەقەت مەنلا <<چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان>>ئوغۇل بالا بولغاچقا،ئانام ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئىچىدىمۇ ۋاي دېمەي مېنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتتى.مەنمۇ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇشنى تاماملاپ ھازىرقى ئىدارەمگە ئىشقا چۈشتۈم.خىزمەت كىيىمىمنى كىيىپ تۇنجى ئۆيگە بارغىنىمدا ئانام ۋە قىزلارنىڭ ھاياجاندىن يىغلاپ كەتكىنى ھازىرغىچە ئېسىمدە...مانا ئەمدى توي قىلىپ بالىلىقمۇ بولدۇم.بۇ چاغدا ئەڭ كىچىك سىڭلىممۇ توي قىلىپ كەتكەچكە،ئانامنى بېقىش ئۈچۈن ئۇنى شەھەرگە ئەكېلىۋالغان ئىدىم.ئانام ئۆيىمىزگە كەلگەندىن كېيىن كىر يۇيۇش، تاماق ئېتىش، بالىغا قاراشقا ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈن-تىنسىز ئۈستىگە ئالدى.ئايالىمنىڭ خىزمىتىمۇ ئالدىراش ئىدى.ئۇمۇ، مەنمۇخىزمەت،ئادەمگەرچىلىك ئىچىدە ئانامنىڭ بۇ« مېھرىبانلىقى»نى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ كەلدۇق.ئويلاپ باقسام ھېچقاچان ئانام بىلەن بىرەر قېتىم تەپسىلى ئەھۋاللىشىپ باقماپتىمەن. بەزىدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان چاغلىرىمدا ياكى ئاندا -ساندا يالغۇز قالغان چاغلىرىمدا ئانام ماڭا نېمىنىدۇر دېمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.لېكىن مەن ھېچقاچان ئۇنىڭ ماڭا نىمە دېمەكچى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىدىم.ئەڭ كۆڭۈل بۆلدۈم دېگەندىمۇ،<تاماقنى كۆپرەك يېگىنە ئانا،ھېرىپ قالساڭ كۆپرەك دەم ئالغىن،بۇ پۇلنى خەجلىگىن...>دېگەندەك گەپلەرنى قىلدىم، خالاس.مەن قىلغان ئەڭ چوڭ ئىش شۇ بولدى. شۇ چاققىچە ئانامغا سىرتتىن ياكى ئىشخانىدىن بىرەر قېتىممۇ تېلېفۇن قىلىپ باقمىدىم.سىرتتىكى چاغلاردا تېلېفۇن قىلسام ئانام ئېلىپ قالسا دەرھال،<<تېلېفۇننى رەشىدەگە بېرىڭ>>دەيتتىم...ئانامنى ئۆيگە ئەكېلىۋالغىلى تۆت يىلدىن ئاشتى.ئانام بىچارە يېزىنى،تۇرغان مەھەللىنى سېغىندىم دېسە،<نېمە بار ئۇ سەھرادا > دەپتىمەن.قىزلىرىمنىڭ ئۆيىگە باراتتىم دېسە ئايالىمنىڭ گېپىنى ئورۇنلۇق ھېس قىلىپ،<ئالدىمىزدىكى شەنبە ياكى يەكشەنبەبېرىڭ > دەپتىمەن.شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىدە بولسا تۈگىمەس مېھماندارچىلىق، ئادەمگەرچىلىك بىلەن ئايالىمنى ئېلىپ ئانامنىڭ تەلمۈرۈپ قاراشلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ،<بالا سىزگە قالدى> دەپ كېتىپ قاپتىمەن.ھېچقاچان ئانامنى قوللىرىدىن تۇتۇپ ئاۋات بازارلارغا،ئازادە باغچىلارغا،بىرەر دوستۇمنىڭكىگە ئاپىرىپ باقماپتىمەن. كامىل ئانىسىنى ھەر يىلى ساياھەتكە ئېلىپ چىقىدىكەن،ئايالى نەرسە -كېرەك سېتىۋالغاندا ئانىسىنى بىللە ئېلىپ چىقىدىكەن. كەچلىرى بىللە ھاۋا يەيدىكەن، مۇڭدىشىدىكەن، مەنچۇ؟ئاچا -سىڭىللىرىم ئانامنى كۆرۈش ئۈچۈن يېزىدىن ئايالىمغا خوشامەت قىلىپ نان-توقاچ، قېتىق، قايماق،سەي-كۆكتات ئېلىشىپ ياسىداق ئۆيۈمگە شۇنداق قورۇنۇپ كىرىشىدۇ.شۇنداق تۇرسىمۇ ئۇلارغا بىر ئاخشام قونۇپ كەتكىن دەپ يا مەن يا ئايالىم دېمەيمىز.ئاشۇ قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس بىر قازان تاماق ئېتىلمەيدۇ.ئەجەبا ئۇلارنىڭ تۇپا -چاڭ قونغان كىيىملىرى يوتقان -كۆرپىلەرنى مەينەت قىلىۋىتەرمىدى؟ بىچارە ئانامنىڭ ئۆز قىزلىرى بىلەن تاغدەك ئوغلىنىڭ ئۆيىدە قانچە يايراپ مۇڭداشقۇسى كەلگەندۇ؟قانچە قورۇنغاندۇ؟ تۆت يىلدىن بۇيان ئانامنى مەن باقتىممۇ ياكى ئانام بىز ئۈچەيلەننى بېقىۋاتامدۇ؟رەھمەتلىك دادامنىڭ، جاپاكەش ئانامنىڭ مەندەك بىردىنبىر ئوغۇلدىن كۈتكىنى شۇمىدى؟نېمىشقا بۇ سوئاللار بالدۇرراق مېنى ئويغاتمىدى؟ كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ياشقا تولدى.دەرھال ئۆيگە قايتىشىم كېرەك،ئانام پەقەت مېنى دەپلا ئاشۇ«قەپەس»تە تۇرۇۋاتىدۇ،مەندىن ھەر كۈنى يىڭى ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ يولۇمغا قاراۋاتىدۇ...ھەي، ئەقىلسىزلىق، نادانلىق! خۇداغا مىڭ شۈكۈر،نېمىلا بولمىسۇن ئانامنىڭ ھايات ۋاقتىدا مېنى كامىلدەك ۋاپادار ئوغۇللار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ،كاللامنى سەگىتتىڭ.ئالدىراش دېسە كامىلنى دېسە بولىدۇ، ۋاقتى يوق دېسە ئۇنىڭ ھۆكۈمەتتە كاتىپ بولۇپ ئىشلەيدىغان سىڭلىسىنى دېسە بولىدۇ.
ئىشىك قوڭغۇرقىنى باستىم،ئادەتتە ئاچقۇچ سېلىپ كىرەتتىم،ئانام ئىشىكنى ئاچتى.ئۇ ئادەتتە تولىمۇ كەچ قايتىدىغان ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپلا قالدى،ئۇنىڭ قوللىرى ئۇن يۇقى ئىدى.ئېنىقكى ئۇ بىزگە كەچلىك تاماق ئېتىۋاتاتتى.ئەجەپ بالدۇر كەپسىزغۇ ،بالام؟-دېدى ئانام مېھرىبانلىق بىلەن.
-ھەئە... ئۆزۈمچە سىزنى سېغىنىپ...-بىلمىدىم،شۇ گەپلەرنى ئارانلا دىيەلىدىم،كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار قويۇلدى،ئانامنى قۇچاقلىدىم ، ئۇ دەسلەپ مەڭدەپ قالدى،كېيىن باشلىرىمنى سىلاپ بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.ئۇ گويا مەن ئەقىلسىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغاندەكلا قىلاتتى.بىز خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەندەك بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزلىرىنى سىلايتتۇق،كۈلۈپ تۇرۇپ يىغلايتتۇق...ئاھ ئانا باغرى نېمىدېگەن ئىللىق ھە!تېلېفۇن جىرىڭلىدى.ئانام ئەزەلدىن بىز بار چاغدا تېلېفۇن ئالمايتتى،چۈنكى ئۇنى ئىزدەيدىغان ئادەم يوق ئىدى.بۈگۈن جىم تۇرغىنىمنى كۆرۈپ تېلېفۇننىڭ يېنىغا باردى.-ھە،كامىلجان دېدىڭىزما،بالام؟ ھە...سىز ئابلەتنىڭ دوستىما؟ھە...ھە،،،ۋاي خۇدايىم...ياخشى،مەن ياخشى بالام...ئېنىقكى، بۇ كامىل ئۇرغان تېلېفۇن ئىدى.ئانامنىڭ تۇرۇپكىنى تۇتقان قوللىرى ئىختىيارسىز تىترەيتتى.چىرايىدىكى خوشاللىق،رازىمەنلىكنى مەن خېلى يىللاردىن بۇيان كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.ئۇلار خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى.ئىسمى كامىلجانكەن،-دېدى ئانام تېلېفۇننى قويۇپ ھاياجانلىنىپ،-تېخى سىزنى ئىزدەيدۇ دەپتىمەن،ئاتايىتەن ماڭا ئۇرۇپتۇ...سىلىنى يوقلاپ بارىمەن دەيدۇ...ئۇ بالىنىڭ ئانىسى بىلەن تەڭ دېمەتلىككەنمىز،ئۆزى شۇنداق دەيدۇ...سىلىنى ئالغىلى باراي، ئانام ئىككىڭلار مۇڭداش بولۇپ ئۆتۈڭلار دەيدۇ تېخى...ئەجەپ ئوڭلۇق بالىكەن.توۋا،ماڭا تېلېفۇن قىلىدىغان ئادەممۇ باركەن...
ئانام كىيىنكى گەپنى دەۋېتىپ خۇددى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ئىتتىك ئاغزىنى ئېتىۋالدى.ئۇ يەنە مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ تۇراتتى.شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئانامنىڭ بۇنچىلىك خوشال بولغىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن. دوستۇم ئۇرغان تېلېفۇنغا شۇنچە خوشال بولغان ئانام مەن قىلغان تېلېفۇنغا قانداق قىلىپ كېتەر ئىدى ھە؟ بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى كىچىككىنە ئىش، چوڭلار ئۈچۈن باشقىچە مەنىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
-يۈرۈڭ ئانا،تاماق ئەتمەڭ ،ئەتە شەنبە ئىشلىمەيمەن ،ماشىنام بىلەن سىزنى چوڭ ئاچامنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوندۇرۇپ كېلەي،ئەتە ئاچامنى ئېلىپ قالغان قىزلارنى ھەم كونا قوشنىلىرىڭىزنى يوقلايلى،ئۇلارنى مېنىڭمۇ بەك كۆرگۈم كەلدى.
ئانام خۇددى يىڭى دۇنياغا كۆز ئاچقان سەبىي بالىلاردەك ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارايتتى.مەن ئانامنى يېنىككىنە ئىتتىرىپ ھوجرا ئۆيگە كىرگۈزدۈم؛
-تېز بولۇڭ ئانا،ۋاقىتنى چىڭ تۇتايلى،بولمىسا كەچ بولۇپ كېتىدۇ.
شۇ چاغدا ئېسىمگە بىر ئىش كېلىپ كامىلغا تېلېفۇن قىلدىم؛
-ئاداش،ماڭىمۇ ئۆيۈڭنىڭ تېلېفۇنىنى دەپ بەرگىن!
[ بۇ يازما mustabit008 تەرپىدىن2008-12-01 03:52 PMدە ]