ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قىرىنداشلىرىم ھەر بىرىڭىزگە ئۇلۇغ ئاللاھدىن خاتىرجەملىك ،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق
،تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن . ئامىن !
بۈگۈن تور ئارلاۋىتىپ تۇيۇقسىز ئۇچىراپ قالغان بىر بىلوگ توغىرسىدا سىزلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ،ھەمدە بىرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن دىيارىم مۇنبىرىگە ئىشتىراك بولدۇم .
ئوغۇل بالا ئۆز دەۋرىدە ھەم كەلگۈسىدە ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ،ۋەتەننىڭ باتۇرى ،پەخرى ،ۋە قەھرىمانى ھىساپلىنىدۇ .قىز بالا ھەم (ئۆز دەۋرىدە ھەم كەلگۈسىدە ) يەنە شۇ مىللەتنىڭ ھەم ۋەتەننىڭ ۋىجدانى ،ئۇستازى ۋە ئانىسى ھىساپلىنىدۇ .
بۇ مەيلى دۇنيادا نوپوسى ئەڭ كۆپ خەنزۇلار بولسۇن ياكى دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە تاراپ كەتكەن ئىندىئانلار ئارىسىدا بولسۇن ھەممىگە ئايدىڭ بىر مەسىلە .
دۇنيادا نۇرغۇن شەيئىلەر ئىچىدە ئاڭ بويىچە تەپەككۇر قىلالايدىغانلاردىن پەقەت ئىنسانلارلا بار .
بۇلار سان بويىچە ئەمەس تۈر بويىچە ئايرىلغاندا پەقەت ئىككىلا (ئەر ،ئايال )دىن ئىبارەت .دۇنيا ئەرسىز مەۋجۇد بوپ تۇرالىشى مومكىن ئەمەس ، ئايالسىزمۇ ھەم شۇنداق .
ئەمدىكى ،گەپنىڭ ئاساسى مەخسىدىگە كەلسەك دىيارىمزدا بىر ئۇچۇم ئاڭسىز ئىككى پۇتلۇقلار
پەيدا بوپتۇ (ئادەم دىيىشكە ئىغىزىم بارمايدۇ ). بۇلار نىمە ئويلايدۇ .ھاياتىدىن ۋازكەچكەنلارمۇ
ياكى مىللىتىدىن ،مەن بۇنىڭغا ھىچقانداق جاۋاپ تاپالمىدىم .
بۇنى مۇشۇ يەردىن كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ
http://blog.fenbei.com/8963503 ئاخىردا ،ئوغۇللىرىمىز قىزلىرىمىزنى بىر تۇققىنىمىزدەك ئاسىرايلى ھەر ئىشتا دىققەت قىلايلى .
قىزلىرىمىزمۇ ھەم ھەر بىر يامان ئىشنىڭ ئالدىغا ھازىرلانغاندا جاپاكەش ئاتا ئانىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەكىلىپ ئۆزىمىزنى توسايلى (ئوغۇللارمۇ ھەم ).
ھاياتلىقتا ئويۇن تۈگىمەيدۇ ،پەقەت تۈگەيدىغان ۋاقتى تۇپراقنىڭ تىگگە كىرگەندە ،يەنە بىرى
لەنىتى ئىبلىس (شەيتان )ئاخىرەتتە جاجىسنى يىگەندە .