بۇ بەتتىكى تېما: (چوغلۇق) ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيتى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 282 قېتىم كۆرۈلدى
chogluk
دىيارىم كاتىۋى
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 25099
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 174
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە174دانە
شۆھرەت: 547 نۇمۇر
پۇل: 1177 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :316(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 (چوغلۇق) ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيتى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما manggutax تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-06-18)
ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيتى




قۇي پىيالىگە چاينى ،
ئىچەيلى مۇڭدىشىپ بىردەم .
كېتەر ئىنسان ، قالار دۇنيا ،
ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق ھەر دەم.


بۇ ماقالە دىيارىم تورىغا تەۋە خالىغانچە كۆچۈرمەڭ

«4»


ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيتى بىلەن ئالاقىدار ئۆرىپ - ئادەتلەر

ئۇيغۇرلار ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ، تۇرمۇش ئادەتلىرى ، ياشىغان ئېكولوگىيلىك مۇھىيتى ، مىزاجى يېمەكىلكلىرى ، جۈملىدىن دېنىي ئىتقادى ۋە گۈزەللك قاراشلىرىغا ماس كېلىدىغان ، ئۆزگە خەلىقلەردە ئانچە كۆپ كۆزگە چېلىقمايدىغان چاي قاينتىش ، دەملەش ، قويۇش سۇنۇشنىڭ بىر يۈرۈش قائىدە - يوسۇنلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئۇلار قەدىمدىن تارتپ تا ھازىرغىچە چاينى كۈندىلىك تۇرمۇشى ، توي - تۆكۈن ، نەزىرە - چىراغ ۋە مېھماندارچىقلاردا كەڭ ئىستېمال قىلغاندىن باشقا ھاردۇق چىقىرىش ، تاماق سىڭدۈرۈش ، ھېسيات - روھىنى ئۇرغۇتۇش ، مىزاجىنى تەڭشەش ، مېھمان كۈتۈش ، دوسلۇق - مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ، ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش ، كىشىلەر ئارسىدىكى گىنە - ئاداۋەتنى تۈگۈتىپ ئىتپاغلىقنى كۈچەيتىش ، قىز - يىگىتلەرنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىغا بەخىت تىلەش ۋە كۆڭۈل ئېچىشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ كەلگەن . مانا بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر چاي مەدەنىيتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چاي مەدەنىيتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئۆرىپ - ئادەتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :


بىرىنچى ، چايخانىدىكى ئادەتلەر

ماتېرياللارغا قارغاندا ، قەدىمكى دەۋىردىن تارتىپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىغا قەدەر ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ، يىزا - كەنىتلەردە ، يىپەك يولى بويىدىكى ئۆتەڭ - سارايلاردا ئازادە ، ئارامبەخىش ، ئۆزگىچە بېزەلگەن چايخانىلارنىڭ بولغانلىقى مەلۇم . تەتقىقاتچى ئابدۇ رەھىم ھەبىبۇللا «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيسى» ناملىق كىتابتا : «چاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەخسۇس ئىچىملىكلىرىدىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . شۇڭا مەخسۇس چايخانا ئېچىپ ، چاي ساتىدىغان (قوشۇمچە نان) كەسىپ شەكىللەنگەن » دەپ كۆرسەتكەن . ئۇيغۇر تىلى لوغەت تەركىبىدە «چايخانا» «ساماۋەرخانا» «چايچى» ، «چايچىلىق» دېگەنگە ئوخشاش مەخسۇس چايخانىغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلار بار . بۇلاردىن باشقا يەكەن ناھىيسىدە «چايخانا كەنتى» دېگەن بىر جاي بار . بۇلار ھەقىقىتەنمۇ ئۇيغۇرلاردا چايخانا ئېچىپ ، چاي سېتىشنىڭ بىر خىل كەسىپكە ئايلانغانلىقىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلايدۇ .
چايخانىلاردا ئادەتتە چاينى مەخسۇس چاي دەملەش ئۇستىللىرى دەملەيدۇ . ئۇلار ئادەتتە چايلارنىڭ خۇسۇسىيتى ، تەمى ، رەڭگىگە ئائىت ساۋاتلارغا پىششىق بولۇپ ، خېرىدارلارنىڭ تەلپىگە ئاساسەن چاي دەملەيدۇ .
چايخانىلاردا ئادەتتە چاينى دوست بۇرادەرلىرىنى چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلغۇچى قۇيىدۇ . ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى خىل شەكلى بار : بىرى ، ساھىپخانا چاينى مېھمانلارغا پەقەت بىرلا پىيالە بىلەن نۆۋەتلەشتۈرۈپ قويىدۇ ؛ يەنە بىرى ، ھەر بىر مېھمانغا ئايرىم - ئايرىم پىيالىدە چاي قويۇلىدۇ . بۇ يەرگە توپلانغان يار - بۇرادەرلەر چاي ئىچكەچ بىر - بىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئوقۇشىدۇ ، بەزى بىر مۇھىم ئىشلار ھەققىدە مەسلىھەتلىشىدۇ ، لەتىپە چاقچاقلار بىلەن كۆڭۈللىرىنىڭ ئېچىشىدۇ . ئەڭ مۇھىمى ، بۇنداق چايخنىلارغا ئەلنەغمىچىلەر ، داپەندىلەر ، مەدداھلار ، توپلانغان بولۇپ ، ئۇلار دۇتتار ، تەمبۈر ، راۋاپ ، داپ ، ساتار ، غىجەك ، قاتارلىق ئەنئەنۋى چالغۇلار ئارقىلىق خەلىق ناخشا - مۇزىكىللىرىنى مۇقاملارنى ئورۇنلايدۇ ، قىسسە داستانلارنى سۆزلەيدۇ . دېمەك ئۇيغۇر چايخانىللىرى ئۇچۇر كۆزنىكىگە دوسلۇق - ئىتىپاقلىقنى كۈچەيتىش سورۇنىغا ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەنئەنلىرىنى تارقىتىدىغان ۋە ساقلارپ قالىدىغان مەكتەپكە ئايلانغان .


ئىككىنجى ، ئۇيغۇرلارنىڭ چاي قويۇش ، چاي سۇنۇش ۋە چاي ئىچىشتىكى ئەدەپلىرى

ئۇيغۇرلار ئەنئەنۋى ئادىتى بويۇنچە تاڭ سەھەردە تورۇپ ، بامدات نامىزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن ، نان ، چاي ، سۈت ، قايماق دېگەندەك تائاملار بىلەن ناشتا قىلىپ ، ئاندىن ئىش - ئەمگەككە ئاتلىنىدۇ .
مۇشۇ نوقتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇش پائالىيتى ئادەتتە ئەتىگەنلىك چايدىن باشلىنىدۇ دېيىشكە بولىدۇ . ئەجداتلىرىمىز چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان دەۋىرلەردىن باشلاپلا كالا ، قوي ، ئۆچكە سۈتى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ بۇ ئادەت تارىختىن بويان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە .
ناشتىدا ئائىلە ئەزالىرى داستىخان ئەتراپىدا ياش پەرىقى بويۇنچە رەتلىك ئولتۇرۇپ ، ناننى چايغا چىلاپ ياكى تۈگۈرۈپ ئەدەپ بىلەن يەيدۇ . ئادەتتە داستىخان ئۈستىدە ئارتۇقچە گەپ - سۆز بولمايدۇ .
ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن ، نەزىر - چىراغ ، ھېيت - بايرام ۋە مېھماندارچىلىقلاردا چاي كەم بولسا بولمايدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بويۇنچە ئېتقاندا مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىلگەندىن كېيىن ، ئاندىن ئالدىغا داستىخان سېلىنىپ ، نان ، قەنت - گېزەك ، قورۇق مىۋە - چىۋىلەر ۋە دەملەنگەن چاي كەلتۈرۈلىدۇ ، ساھىپخانا چاينى پىيالىلەرگە كۆپۈك چىقارماي قويۇپ مىھمانلارغا پەتنۇس بىلەن قوش قوللاپ سۇنىلىدۇ ؛ پەتنۇس بولمىسا ، پىيالىنى ئوڭ قولى بىلەن سونۇپ ، سول قولىنى ئېچىپ مېھماننى چاينى ئېلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ . مېھمان چاي ئىچمەكچى بولسا ، باشقا مېھمانلارنىمۇ چايغا تەكلىپ قىلىدۇ . باشقىلارن قېنى «ئۆزلىرىدىن كەلسۇن» دەپ تەكەللۇپ بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ ، بۇ ئەگەر ساھىپخانا چاينى كوركىرتىپ كۆپۈك چىقىرىپ قۇيسا ھەمدە مېھمانغا پەتنۇس بىلەن تاكى قوش قوللاپ سۇنماي ، بىر قولى بىلەن سۇنسا ئۇنىڭغا بىھۆرمەتلىك قىلغان بۇلىدۇ . شۇڭا ئۇيغۇرلار مېھمانلارغا چاي قويۇش ۋە ياكى سۇنىشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ .
بىزدە يەنە قىززىق چاينى پۈۋلەشنى يامان ئالىدىغان ، چاينى بىرىنجى قېتىم چاينى تاق ئوتلايدىغان ئىككىنجى قېتىم ئۈچ ئوتلايدىغان ئۈچىنچى قېتىم بەش ئوتلايدىغان ، ئومۇمەن ھەر قېتىم تاق ئوتلايدىغان ئادەتمۇ ساقلانغان . بۇنىڭدىن چاي ئىچىشنىڭمۇ ئۆزىگە يۇسۇنى بارلىقىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ .


ئۈچىنچى ، ئۇيغۇرلار سەنئىتىدىكى چاي مەدەنىيتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەر

ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ، تۈرى كۆپ ، مەزمۇنى مول بولۇپ ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ نورغۇن تەرەپلىرى بىلەن تۇتشىدۇ . ئۇيغۇر موقاملىرى ، خەلىق ناخشىللىرى ۋە ئۇسسۇللىرىدىن كۇچا سەنىمى ، چىنە - تەخسە ئۇسسۇللىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزتىدىغان بولساق ، ئۇلارغا ئۇيغۇر چاي مەدەنىيتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نورغۇن ئېسىل ئادەتلەرنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز .
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى موقامى ، دولان مۇقامى ، قومۇل موقامى ، تۇرپان موقامى ۋە ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىلىرىنىڭ تېكىستلىرىدە قىز - يىگىتلەرنىڭ ئوتلۇق مۇھاببىتى ، ۋىسال شاتلىقلىرى ، ئايرىلىش ئازاپلىرى ۋە گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرى چاي ئىبارىسى بىلەن سېموۋۇللاشتۇرۇلغان ھەتتا ئۇلاردا چاينىڭ تۈرلىرى ، چۆگۈن ، ساماۋار ، پىيالە قاتارلىق چاي سايمانلىرىمۇ كۆپ تىلغان ئېلىنغان .
. 1 چىنە - تەقسە ئۇسسۇلى : بۇ ئۇيغۇر خەلىق ئۇسسۇللىرى ئىچىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى يوقىرى ئۇسسۇل بولۇپ ، بۇنىڭدا ئايال ئۇسسۇلچىلار ماھارىتىنىڭ يوقىرى - تۆۋەنلىكىگە قاراپ بەشتىن يەتتە گىچە پىيالىن بېشىغا قويۇپ ، مۇزىكىنىڭ ئۇدارىغا ماسلاشقان ھالدا ھەرخىل ھەركەتلەرنى قىلىدۇ . بىز بۇ ئۇسسۇلدىن مۇنداق ئىككى نوقتىنى ھېس قىلالايمىز : بىرىنچى ، بېشىغا پىيالە قويۇپ ئۇسسۇل ئويناش ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلقىدىكى بىر يۈكسەك ماھارەتنىڭ ئىپادىسى ؛ ئىككىنچى ، پىيالىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلقىدا ئىشلىتىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىدە داۋاملىشىشى ۋە ئىپادىسى ھېساپلىنىدۇ .
2 . ساماۋار ئۇسسۇلى : ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كۇچا سەنىمى ياكى مەشىرەپلەردە «ساماۋار ئۇسسۇلى» دېگەن بىر خىل ئۇسسۇل ئوينىلىپ كەلمەكتە بۇنىڭدا بىر ئەر ئۇسسۇلچى چوڭ پەتنۇس ئۈستىگە قويۇلغان ساماۋەرنى بېشىغا قويۇپ ، مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ . ساماۋەر ئەتراپىىدا بىر قانچە پىيالىمۇ بولىدۇ . بۇ ئۇسسۇلمۇ ئۇيغۇر چاي مەدەنىيتىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىدىكى بىر ئوبرازلىق ، جانىلىق ، يارقىن ئىپادىسى ، خالاس .
3 . دولان مەشرىپىدىكى پىيالە ئۆرۈپ بېيت ئېيتىش ئادىتى : دولان مەشىرىپىدە ھەربىر باسقۇچلۇق ئۇسسۇل ئارىلىقلىرىدا مۇقامچىلارنى ئازراق دەم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يىگىتبېشى بىر جۈپ چىرايلىق پىيالىگە چاي قويۇپ (يېرىم قويۇلىدۇ) مەشرەپ سورۇنىدىكى خالىغان بىرەيلەنگە بېرىدۇ ئۇ كىشى چاينى بېيىت ئوقۇپ خالىغان بىر ئايالغا تۇتىدۇ . بۇ ئايال چاينى ئالماقچى بولۇپ قول سۇنغاندا ، چاي تۇتۇقۇچى ئىككى قولىدىكى پىيالىنى ئىنتايىن چاققانلىق بىلەن ئەپچېقىپ ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ، يەنە قايتىدىن تۇتىدۇ . پىيالىنى ئايلاندۇرغاندا ، ئۇنڭدىكى چاي تۆكۈلۈپ كەتمەسلىكى كېرەك . ئەگەر ئۇنداق بولمىسا . قىز پىيالىنى ئالمايدۇ ھەم رەنجىيدۇ . شۇنىڭ بىلەن مەشرەپ نازارەتچىللىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ ، چاي تۇتقۇچى ئۈستىدىن يىگىتبېشىغا ئەرىز - شىكايەت قىلىدۇ ، يېگىتبىشى مەشىرەپ ئەھلىنىڭ تەلىپى بويۇنچە پىيالە ئۆرىگۈچى كىشىگە جازا بۇيرۇيدۇ . ئەگەر چاي ئەپچىللىك بىلەن ئۆرۈلۈپ تۆكۈلمىىسە ، قىز - چوكانلار يىگىتنىڭ ماھارىتىدىن رازى بولىدۇ . بۇ چاغدا يىگىت بېيت ئوقۇپ ، پىيالىدىكى چاينى بىر ئوتلىغاندىن كېيىن ، قىزغا تۇتىدۇ ئەگەر بىر جۈپ پىيالىدىكى چاي تۆكۈلۈپ تۈگمەي پۈتۈن سورۇننى بىر قېتىم ئاللىنىپ چىقسا ، ھەممەيلەن ئۇنىڭغا تەنتەنە قىلشىدۇ . يىگىتلەر ئادەتتە يوقۇرقى ھەركەتنى موۋاپىقىيەتلىك ئورۇنداپ ، پىيالىنى قىزغا تۇتقاندا ، مونۇ بېيتنى ئېيتىدۇ :

باغىمدىكى كۆلچەكتىن
چېلەك بىلەن سۇ تارتتىم .
ئۆزۈم كىچىك بولساممۇ ،
دەردڭىزدە ئۇھ تارتتىم .
ئىچىمدە دەردىم تولا ،
چاي ئىچسەم نېم بولا ؟



قىز يىگىت قولىدىن پىيالىنى ئالغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا جاۋابەن تۆۋەندىكى بېيىتنى ئوقۇيدۇ :

ئاق تاۋاردا كۆڭلەكىم
كۆك تاۋاردا كۆڭلىكىم
مەن يارىمغا بەرگىنىم
ئالما ئەمەس يۈرىكىم
گەپلىرىدە تۇراملا ؟


يىگىت قىزنىڭ بېيتىگە جاۋابەن مونۇ بېيتنى ئوقۇيدۇ

پىيالىنى ئۆرۈدۈم ،
سىز يارىمغا تۇتقىلى .
ئوتتۇز ئوغۇل ئالدىدا
كۆڭلىڭىزنى ئۇتقىلى .
چاينى ئىچسەك ئىچەيلى ،
ئۆمۈرلۈك يار بولاملا ؟


ئاندىن قىز يىگىتكە ئوخشاش چاي قويۇلغان پىيالىنى ئايلاندۇرۇپ ئۆرۈيدۇ . قىز پىيالىنى ئۆرۈگەندە ، ئىچىدىكى چاي تۆكۈلۈپ كەتمەسلىكى شەرت . قىز - چوكانلار پىيالىنى ئايلاندۇرۇپ ئۆرۈگەندىن كېيىن ، چايدىن بىر ئوتلاپ ، كۆڭلى يېقىن بىرىگە بېيىت ئېيتىپ تۇتىدۇ .
4 . چىنەگۈل ئويۇنى : دولان مەشرىپىدە ئادەتتە مەشرەپ سورىنىدا چۆرىدەپ ئولتۇرغانلاردىن بىرى قولىغا گۈللىك چىنىنى ئېلىپ ، ئوسسۇل ھەركىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆچ قېتىم «چىنەگۈل» دەپ ئۇنىڭغا ئۇلاپ ئۈچىنجى ، تۆتىنجى كىشى بىردىن گۈلنىڭ نامىنى ئاتاپ توۋلايدۇ. بۇنىڭدا گۈللەرنىڭ نامى ھەرگىز تەكرارلانماسلىقى كېرەك . ناۋادا بىرەرسى باشقىلار توۋلىغان گۈلنىڭ نامىنى تەكرارلاپ قويسا ئۇ يېڭىلگەن ھېساپلىنپ ، مەشىرەپ قائدىسى بويۇنچە قوشاق - بېيت ئېيتىپ بىرىشكە ياكى بىرەر قىزقارلىق ئويۇن كۆرسىتىپ ، مەشىرەپ ئەھلىنى كۈلدۈرۈشكە مەجىبۇر بولىدۇ .


چاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەت - قائىدىلەر ۋە مۇسۇلمانلار
1 . كىچىك چاي ۋە چوڭ چاي : ئۇيغۇرلاردا ئوغۇللار توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە ، ئاتا - ئانىسى ئورۇق - تۇققانلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، يىگىتنىڭ كۆزى چۈشكەن قىزنىڭ ئۆيىگە ئاددى داستىخان راسلاپ بېرىپ ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىغا تويلىشىش تەكلىپىنى قويىدۇ . بۇ ئادەتتە چاي ئاپپارماق ياكى چاي ئىچۈرمەك دېيلىدۇ . قىز تەرەپ يىگىت تەرەپنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلسا ، قىزنىڭ ئۆيىگە كىچىك چاي ئاپىرىلىدۇ (بۇ لوپنۇر دىئالېكتىدا چانچىق تۈگۈش دېيلىدۇ ) . ئارقىدىن قىز تەرەپ ئورۇق - تۇققان ، دوست بۇرادەرلىرىنى ئاساس قىلغان ھالداچوڭ چاي ئۆتكۈزڭدۇ (بۇ لوپنۇر دىئالېكىدا قولتۇقلۇق بولۇش دېيلىدۇ .) بۇنىڭدا ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە تويلۇق سوۋۇغاتلىرىنى ئاپىرىدۇ . دېمەك ئۇيغۇرلار چاينى قىز يىگىتلەرنىڭ كەلگۈسى تۇرمىشىنىڭ مۇقەددىمىسى سۈپتىدە ئولۇغلايدۇ . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ زور خۇشاللىقى - توي مۇراسىمىنى چايدىن باشلىشى ئۇيغۇر چاي مەدەنىيتىنىڭ ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىكى ھېساپلىنىدۇ .
2 . ناماقۇللۇق ئۇيغۇرلاردا تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئارازلىشىپ قالغان ئورۇق - تۇققان ، دوست - بۇرادەر ، قولۇم - قوشنىلار ئارسىدىكى نىزا - ئاداۋەتنى تۈگۈتىپ ، ئىناق - ئىتپاقلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل ئېسىل چاي ئادىتى بار بۇ ناماقۇللۇق چېيى دېيلىدۇ . بۇنىڭدا ئارازلىشپ قالغان ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار ، يۈز - ئابرۇيلۇق بىرەيلەن داستىخان ھازىرلاپ ئىككى تەرەپنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ، ئۇلاردىن ئازارلىشىپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى سورايدۇ . ئۇلار قىلغان - ئەتكەنلىرىنى ۋە بولۇنغان گەپ - سۆزلەرنى بىر قۇر سۆزلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ياراشتۇرۇش باشلىنىدۇ . قايسى تەرەپتىن سەۋەنلىك كۆپرەك ئۆتكەن بولسا ، شۇ ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تەرەپكە چاي تۇتۇپ ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورايدۇ ، قارشى تەرەپمۇ ئۆزىدىن ئۆتكەن تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ، چاينى قوبۇل قىلىدۇ . ياكى بولمىسا ياراشتۇرغۇچى ھەر ئىككى تەرەپكە ئۆز قولى بىلەن چاي قويۇپ ، ئۇلاردىن بىر - بىرىنى ئەپۇ قىلۋېتىشنى ئۆتۈنىدۇ . ئۇلار چاي ئىچىشكەندىن كىيىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئارىدىكى ئىناقسىزلىق ، ئىتتىپاقسىزلىق تۈگەپ ، بىر - بىرىگە ئاداۋەت ساقلاپ يۈرمەيدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلاردا ئازارلىشىپ قالغان ئىككىيلەندىن بىرەيلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ قارشى تەرەپنى ئۆيىگە ياكى ئاشخانىغا چاقىرىپ ، چاي قۇيۇپ ناماقۇللۇقنى بىلدۈردىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت . دېمەك ئۇيغۇر خەلقى چاينى نوقۇل ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ، تاماق سېڭدۈرۈش ، مىزاج تەڭشەش ئۈچۈنلا ئېستىمال قىلماستىن ، بەلكى كىشىلەر ئارسىدىكى نىزا - ئاداۋەتنى تۈگىتىپ ، دوسلۇق ئىتپاقلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ كەلگەن . مانا بۇ ئۇيغۇر چاي مەدەنىيتىنىڭ زور ئىجدىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئالاھىدىلىكىدۇر .
گۈل چاي : بۇ لوپنۇر رايۇنىدا ئومۇملاشقان ئەڭ يېقىن دوست - ئاغىنىلەر ئارسىدا بولىدىغان بىر خىل چاي . بۇنىڭدا بىرەر كىشى تەبرىكلەشكە تېگىشلىك بىرەر ئىشقا مۇيەسسەر بولسا ، يېقىن بۇرادەرلىرىدىن بىرەيلەن مەخسۇس داستىخان تەييارلارپ ، ئۈستىگە گۈل قويۇپ ، سوۋغاتلارنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ . ساھىپخانا داستىخان ۋە سوۋغاتلارنى رەھمەت ھېشقاللا ئېيتىپ قوبۇل قىلىدۇ . گېزى كەلگەندە تەبركلەنگۈچىمۇ قارشى تەرەپنىڭ داستىخىنىدىن ئاشۇرۇپراق داستىخان تەييارلاپ ، ئۈستىگە گۈل قويۇپ ، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارىدۇ . دېمەك ، گۈل چاي لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر - بىرىگە بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئېسىل چاي ئادىتى بولۇپ قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئېسىل ئەنئەنە ھېساپلىنىدۇ .
4 . ئىلىك چاي (يىلىك چاي) : بۇ لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئارسىدا قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل چاي . بۇنى ئاساسەن يېقىن دوسىت - بۇرادەرلەر ئوينايدۇ . بۇنىڭدا مەلۇم بىر كىشى قوي سويۇپ ، يېقىن بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىردۇ . گۆش پىشىپ داستىخانغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ، ساھىپخانا قوينىڭ ئارقا پۇتىنى مەقسەتلىك ھالدا ئۆزى خالىغان بىر مېھماننىڭ ئالدىغا قويۇپ قويىدۇ . مېھمان گۆشنى يەپ بولغاندىن كېيىن ، ساھىپخانا ئۇنىڭغا : «ئانداق بولسا يىلىك سۆڭەكنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىڭ » دەيدۇ شۇنىڭ بىلەن مېھمان ئۇ سۆڭەكنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا سۇندۇرۇشقا كىرشىدۇ . ناۋادا ئۇ سۆڭەكنى سۇندۇرالمىسا شۇ سورۇندىكى ھەممەيلەننى ئۆز ئۆيىگە چاقىرىپ ، قوي سويۇپ مېھمان قىلىدۇ . سۇندۇرۋەتسە ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭ شەرپىگە يەنە بىر قوي سويىدۇ ياكى بولمىسسا ئۇنىڭغا باشقىچە شەكىلدە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدۇ . لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئادەتتە ئەرلەرنىڭ كۈچتۈڭگۈر ياكى ئەمەسلىكىنى ئەنە شۇ ئۇسسۇل ئارقىلىق سىنايدۇ .
5 . دوۋۇق چاي : دوۋۇق قوينىڭ ئارقا پۇتىدىكى ھەركەتلىنىپ تۇرىدىغان ئاي شەكىللك بىر خىل سۆڭەك . مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا : «توپۇق - قوينىڭ توپۇق سۆڭكىدىن قىلىندىغان غىزا» (1 - توم ، 492 - بەت )دېگەن مەلۇماتنى بەرگەن . ئەنە شۇ توپۇق لوپنۇر دىئالېكىتىدا «دوۋۇق» دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن . دوۋۇق چايمۇ لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئارسىدىكى ئومۇملاشقان . بۇنىڭدا ساھىپخانا دوۋۇقنى ئالدى بىلەن چۆچۈرە ، مانتا ، پەرمۇدە ، سامسا قاتارلىق تائاملارنىڭ ئىچىگە سېلىپ پىشۇردۇ . مېھمانلارغا تائام تارتىلغاندا ، دوۋۇق سېلىنغان تائام ساھىبخانا كۆڭلىگە پۈككەن مېھماننىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ ، ئۇ كىشى تائام يېيش جەريانىدا دوۋۇقنىڭ ئۆزىگە كەلگەنلىكىنى ئاشكارلايدۇ . دوۋۇق چىققىۇچى شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنى كىچە - كۈندۈز يېنىدىن ئايرىماي ساقىلىشى كېرەك . ساھىپخانا مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ، خالىغان جايدا ئۇنىڭدىن دوۋۇقنى تۇيۇقسىز سورايدۇ . ناۋادا ئۇ دوۋۇقنى يېنىدىن ئېلىپ كۆرسىتەلىسە ، ساھىپخانا يېڭىلگەن بولىدۇ - دە ئەينى ۋاقىتتا جەم بولغان دوسلىرىنى يەنە ئۆيگە چاقىرىپ قوي سويۇپ ، دوۋۇق چاي بېرىدۇ . ناۋادا دوۋۇق چىققۇچى دوۋۇقنى ساھىپخانا سورىغاندا چېقىرىپ بىرەلمىسە ، ساھىپخاننىڭ تەلىپى بويۇنچە قوي سويۇپ ، ئاغىنە - بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ دوۋۇق چاي بېرىدۇ .
دوۋۇق چاي قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئارسىدا ئىز چىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل چاي ئادىتى بولۇپ ، كىشىلەرنى چېچەن ، ھوشيار ، چاققان بولۇشقا ئۈندەيدۇ .
6 . مايسا چېيى : بۇمۇ لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئارسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئەنئەنۋى چاي ئادىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . بۇنىڭدا ئالدى بىلەن مەلۇم بىر ئائىلە قاچىغا مەلۇم مىقداردا پاختا سېلىپ ، ئۈستىگە ئازراق سۇ قويۇپ ، بۇغداي تېرىيدۇ . بۇغداي مايسىسى ئۆسۈپ چىققاندىن كېيىن ، ئۇنى گۈل ۋە چىرايلىق رەخىتلەر بىلەن بېزەپ مېھمان چاقىرىپ ، ئۇنىڭ شەرپىگە چاي بېرىدۇ . مېھماندارچىلىق ئاخىرلىشاي دېگەندە ، ساھىپخانا مايسىنى يېقىن ئاغىنىسىگە تۇتىدۇ مايسىنى تاپشۇرۋالغۇچى مېھمانلارنى ئۆز ئۆيىگە چايغا چاقىرىدۇ . ئەگەر ئۇ كىشى چاينى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىسا ، قايتىدىن بۇغداي مايسىسى ئۆستۈرۈپ ، يەنە بىر ئاغىنىسىگە تۇتىدۇ . مايسا چېيى ھەر يىلى قىشتىن تارتىپ ئەتە يازغىچە ، يەنى نورۇز بايرىمىغىچە ئوينىلىدۇ . ئۇنىڭ مەقسىتى زېرىكىشلىك قىشنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش ، يىشىللىقنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت .
يۇقىرقىلاردىن باشقا ، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا يەنە مېغىز چاي ، كۆيۈك چاي ، قوشماق چاي قاتارلىق چايلار بولۇپ ، ئۇلار ئاساسەن ئەڭ يېقىن ئاغىنىلەر داۋاملىق كۆرۈشۈپ ، مۇڭدىشىپ تۇرۇش مەقسىتىدە ئۆز - ئارا ئويلىنىدۇ .
لوپنۇر قارچىغا يېزىسىدىكى 105 ياشلىق سىدىق ئەلى نىياز ۋە ئاق سۇپا يېزىسىدىكى 92 ياشلىق روزى ئىسمايىل بوۋايلارنىڭ ئېيتىشىچە ، يۇقارقى جايلار لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان ئېسىل چاي ئادەتلىرى بولۇپ ، ئۇلار بېيىت - قوشاق ، قىسسە - داستان ۋە لوپنۇر ناخشىللىرى ئېيتىلىدۇ ، ئۇسسۇل ئوينىلىدۇ ۋە بىر قاتار قىززىقچىلار بولىدۇ .

« 5 »


ئۇيغۇر خەلىق بېيىت - قوشاقلىرى ، خەلىق ناخشىللىرى ۋە موقام تېكىستلىرىدىكى چاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك پارچىلار

ئىچىم قاينايدۇ قاينايدۇ ،
قازاندا قاينىغان چايدەك .
سېنىڭ ئالدىڭدا خار بولدۇم ،
ئېچىلماي توزىغان گۈلدەك .

يايرىم بارمىغان تويغا ،
مەن سورىماي بارالمايمەن .
يارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك ،
چاي قۇيۇپ ئاللمايمەن .

ئاسماندىكى ئاي بولۇپ ،
جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم .
پىيالەڭدە چاي بولۇپ ،
لەۋلەرىڭنى كۆيدۈرسەم .
(كورلا خەلىق ناخشىلىرىدىن)

سەن يارىم ئىشتىتىڭمۇ
چايغا چىللىغانىمنى
كۆڭلىڭگە ئېغىر ئالما
ئويناپ تىللىغانىمنى

دۇتتارىيەي ، دۇتتارى
دۇتتارىدا پەي تارى .
ئاخشام ئىچكەن سىنچاينىڭ
ئەمدى تۇتتى خۇمارى
( كۇچا خەلىق ناخشىلىرىدىن)

كەتتى يار كۆڭلى قارا
كېلەمسەن يارىم دېمىدىم .
چىنىگە چاينى قويۇپ ،
ئىچەمسەن يارىم دېمىدىم .

جېنىم مازلىق ، خېنىم مازلىق ،
نېمانچە مازلىق .
چېينى دەملەپ قويۇپ ،
قايماققا كەتكەن يارىم .

ساماۋارىم بولسىدى ،
چايلىرى قايناپ تۇرسىدى .
بىر چىنە چاينى ئىچكىچە ،
يارىم ئويناپ تۇرسىدى .

ساماۋەرنىڭ سازىمەن ،
چۆلدە ئۇچقان غازىمەن .
دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ ،
ئۆلۈپ كەتسەم رازىمەن .
(قۇمۇل موقاملىرىدىن)

چىنىنى بەرمەڭ نادانغا ،
چېكىپ ئويناپ سۇندۇردۇ .
بىگۇناھ كىشىنىڭ يارى ،
قاچان كۆڭلىنى تىندۇردۇ .

چىنىنى سۇنىڭ دېمەڭلار ،
چىنىدىن كۆڭلۈم سۇنۇق .
يار ، بۇ يەردىن كەتكىلى ،
دۇنيا ماڭغا قاراڭغۇلۇق .

قىزىل گۈل تۈۋىدە سىنچاي ،
ئىچىپ خۇمارۇ بولدۇممەن .
سېنىڭدەك بىۋاپا يارغا ،
ئەجەب ئاۋارە بولدۇممەن .

خۇمارىمما خۇمارىم ،
بوينۇمغا ئاسقان تۇمارىم .
ئاخشام ئىچكەن سىنچايغا ،
يەنە تۇتتى خۇمارىم .
(قومۇل مۇقاملىرىدىن )

ئوڭ قولۇمدا ئارغامچا ،
سالىمىنى ئاتاي دەيمەن.
يارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك ،
چاي قۇيۇپ ئالالمايمەن .

چاينى ئىچتىم جوزىدا
تولدۇرۇپ پىيالىدا .
سوراپ بىقىڭ يايرىمدىن
كىم باردۇ خىيالىدا .

ئىشىكىڭدىن ئۆتتۈم مەن
ئاتنى مىنىپ يۆتىلەپ
مەيلىڭ بولسا چىقمامسەن
چىنىدە چاي كۆتۈرۈپ .

« چاي تۇتۇش قوشىقى »

چاي دەيدۇ چاي دەيدۇ ،
چاينىڭ قايماقى بار .
قەستىمىزغۇ چاي ئەمەس ،
ئويناپ كۆڭۈل ئاچماقى بار .

ئاي چىنىدە كەلگەن چاي
ئاپپاق جۇۋان ئەتكەن چاي
تۇتۇپ قوبۇل ئېتەلا ،
كۆيدۈرۋالماي ئىچەلا .

ئەجەپ ئىكەن چايلارى ،
شېرىن سۆزلۈك لەۋلەرى .
شۇنچە خەق ئاراسىدا ،
قالدى ئىپار تەملەرى .

* * *

كۆككىنە كەپتەر ئەمەس
كۈندە - كۈندە كەلگىلى
كۈندە كەلسەممۇ كېلەرمەن
ئاي يۈزىڭنى كۆرگىلى

ئاي يۈزىڭنىڭ شولىسى
چۈشتى پىيالە - چىنىگە
قارىمايسىز ئەجەپمۇ
مەن يىتىم بىچچارىگە



دېمەك ، چاي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتا مىراس ئاساسلىق ئىچىملىكى بولۇپ ، تارىختىن بويان ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھالاۋىتىگە ھوزۇر ، خۇشللىقلىرىغا خۇشالىق قوشۇپ ، دەرت - ئەلەملىرىگە بەرھەم بېرىپ ، تۇرمۇشنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن . ئۇيغۇرلار چاي ئارقىلىق ئەڭ نازۇك ھېس - تۇيغۇلىرىنى ، ھاياتقا بولغان ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى ئىپادىلىگەن ؛ كۆڭۈللەر رىشتىسىنى بىر - بىرىگە باغلاپ دوسلۇق ئىتپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن ؛ بەدەن - مىزاجىنى تەڭشەپ ، ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزگىچە رەڭدار چاي مەدەنىيتىنى ياراتقان .

(ئاپتۇر: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىن تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش)
[ chogluk تەرپىدىن 2008-06-18 21:11 قايتا تەھرىرلەنگ ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-18 19:26 [باش يازما]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
    guldildar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26151
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يېزىپسىز ،  بۇ تېمىنى بىز بىلەن يۈزكۆرۈشتۈرگۈچە ھارغانسىز ھە قاچان قېنى  بۇ  ئىسسىق چاينى ئىچىپ ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىۋالارسىز    ! داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-18 20:31 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    ginit
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32790
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :35(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايىتى  ياخشى يىزىپسىز رەخمەت سىزگە
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ئابۇدۇ غىنى .  قۇتبىدىن
    | ۋاقتى : 2008-06-18 20:39 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    sertlan
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25991
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 669
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە669دانە
    شۆھرەت: 674 نۇمۇر
    پۇل: 2393 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :234(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىنكاسنى  ئۈچۈرۋىتىپسىز  شۇنداقمۇ  قىرىندىشىم 
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-18 20:39 3 -قەۋەت
    sertlan
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25991
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 669
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە669دانە
    شۆھرەت: 674 نۇمۇر
    پۇل: 2393 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :234(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋۇي ياخشى  يىزىپسىز ، جاپا چىكىپسىز      چاي ئىچىڭ  دىسەم  بۇلامدۇ.  تىمىنى يازغانكى  مۇنازىرە  قىلىش  كىرەك. ئۇقۇپ  قۇيسىلا  بولمايدۇدە
    [ sertlan تەرپىدىن 2008-06-18 22:23 قايتا تەھرىرلەنگ ]
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-06-18 20:47 4 -قەۋەت
    kaxkar.ogli
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26513
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 606
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە606دانە
    شۆھرەت: 606 نۇمۇر
    پۇل: 2002 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى يىزىپسىز.رەخمەت سىزگە.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-06-18 21:21 5 -قەۋەت
    napaliyon
    دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 31189
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 64
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە64دانە
    شۆھرەت: 64 نۇمۇر
    پۇل: 292 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :26(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-18 22:01 6 -قەۋەت
    budynya
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9822
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 498
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە498دانە
    شۆھرەت: 62 نۇمۇر
    پۇل: 779 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :92(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ قىتىم قەشقەرگە بارغاندا زەگەر بازىرى كەينىدىكى ساماۋەرخانىدا ئولتۇرۇپ ، ئىككى چەينەك چاي بىلەن ئۈچ گىژدىنى يەپ بوپتىمەن ، قورسىقىم ئاچ ئەمەستى بولمىسا .
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ئاھ ، تەنھالىق !
    | ۋاقتى : 2008-06-20 02:45 7 -قەۋەت
    salkinxah
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28504
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 102
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە102دانە
    شۆھرەت: 132 نۇمۇر
    پۇل: 425 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     


    بۇ مۇزىكىنى بۇ نادىر تېمىغا قېتىپ قويايچۇ زايا كەتمىسۇن يېنە ~
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ئىززەتلىسە ئىززەتلە ، ئىززەتلىمىسە تېزەكلە !
    ئادەمنى تىلىڭدا ئەمەس ، دىلىڭدا سۆيگىن !
    | ۋاقتى : 2008-06-20 19:57 8 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﯩﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-21 16:54
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation