تۇمارىس
ئابدۇللا ساۋۇت
مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 531-يىلى.
تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي-جەنۇب ئېتىكىدىكى بۈك-باراقسان ئۆسكەن، باش-ئاخىرى كۆرۈنمەيدىغان قوچۇرا ئورمانلىقلىرى بارا-بارا ئارقىدا قالدى. ئاتلار، كالىلار قوشۇلغان، ئۇزۇن ئوقلۇق چاقلىرى ئېگىز ھارۋىلار سېپى چەكسىز كەتكەن تۈزلەڭلىككە كىرىپ كەلدى. دۇمباق، ناغرا-نەي ئاۋازلىرى ھاۋانى تىترىتەتتى. ھارۋا سەپلىرىنىڭ ئىككى يېنىدا، ئارقىسىدا قوراللانغان چەۋەندازلار، ئەر-ئايال ئاتلىقلار كەلمەكتە ئىدى. قويۇق ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر، گۈل-گىياھلار قۇياش نۇرىدا جۇلالاپ ئالتۇن رەڭگە كىرىپ كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى. سول تەرەپتىكى يانباغىرلاردا يىلقىلار توپى چېپىشىپ، كىشنىشىپ يۈرۈشەتتى، بىر-بىرىنى تېپىشەتتى، قوغلىشاتتى. توسۇن ئاتلار سەكرىشىپ، ئەركىلەپ ئوينىشاتتى. ئوڭ تەرەپتە_ يىراقلارغا سوزۇلغان چۆل-دەشتىلەردە لوكىلىرى تىك كۆتۈرۈلگەن تۆگىلەر بوي تارتىپ قالغان بوتىلاقلىرىنىڭ سۆڭگىچىنى پۇراپ، بوۋف!-بوۋف! قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ ئۇيان- بۇيانغا يانتاق ئىزدەپ ماڭاتتى.
يىراقتا مال ئىتىنى ئەگەشتۈرگەن، چەۋەندازلارچە ياسىنىۋالغان ئاتلىق چوپان ناخشا ئېيتماقتا ئىدى:
ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،
ئىسسىز ئاژۇن قالدىمۇ.
ئۆزلەك ئۆچىن ئالدىمۇ،
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.
(باتۇر ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،
ۋاپاسىز دۇنيا قالدىمۇ.
پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ،
ئەمدى يۈرەك پارە بولۇر.)
ئەفراسىياپنىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلانغان، ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇلۇق، مەڭگۈ ئۇنتۇلماس داستان ئاھاڭلىرىنى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى. تۇمارىسنىڭ گۈزەل چىرايى غەمكىن تۈس ئالدى، ئۇزۇن، قاپقارا كىرپىكلىرىدە ياش تامچىلىرى يالتىرىدى. قۇم بارخانلىرى تەرەپتىن قولىغا قارچىغا قوندۇرۇۋالغان ئوۋچى جاۋابەن ناخشا ئېيتتى:
ياغى ئوتىن ئۆچۈرگەن،
تويدىن ئانى كۆچۈرگەن.
ئىشلار ئۇزۇپ كەچۈرگەن،
تەگدى ئوقى ئۆلدۇرۇ.
(دۈشمەن ئوتىنى ئۆچۈرگەن،
ئۆز يېرىگە قوغلىغان.
بېشىدىن جىق ئىش ئۆتكەن،
بىراق ئەجەل ئوقى تەگدى.)
ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ ئاتالغان تۇران پادىشاھى ئەفراسىياپ ئىران ئەھمانىيلار سۇلالىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىغا قارشى بىر ئۆمۈر جەڭ قىلغان قەھرىمان ئىدى. بىر قېتىملىق جەڭدە پادىشاھ قوبىينىI نۆدەرنىڭ دادىسى مۇنى چەھرە ئەفراسىياپنىڭ لەشكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئەفراسىياپ دادىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلانغان قوبىينىI نۆدەر بىلەن قاتتىق ئۇرۇشلارنى قىلىپ ئۇنى يەڭدى. بۇنداق ئۇرۇشلار كېيىنكى چاغلاردىمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەردى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 632-يىلى بىر قېتىملىق جەڭدە ئەفراسىياپ مۆكۈپ ياتقان دۈشمەننىڭ ئاتقان ئوقىدا ھالاك بولدى. تۇران زېمىنىدا ياشاۋاتقان ساك، ئاۋار-ئارىيان، ھۇنگار، تۇرا، تۈرك.....قەبىلىلىرى ئۇلۇغ پادىشاھ ئەفراسىياپنىڭ ئۆلۈمىگە يىغلاپ قوشاق قېتىشتى. تۇمارىس زامانىسىغا كەلگەندە بۇ قوشاقلار كۆپىيىپ، بېيىپ نەچچە يۈز كۇبلېتلىق مەشھۇر داستانغا ئايلاندى. پادىشاھ-خانلار، ئاقساقال-سەركەردىلەر، باقشىلار ئۆلسە ئاشۇ داستان ئاھاڭغا سېلىنىپ ئوقۇلاتتى. توي-تۆكۈن، بەزمە-سۈرجەكلەردىمۇ ئاۋۋال ئەفراسىياپ كۈيلەنگەن ئاشۇ قوشاقلار ئوقۇلۇپ، ئاندىن باشقا ناخشىلارغا ئۆتەتتى. چوپانلار، ئوۋچىلار، چەۋەنداز-جەڭچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قوشاق-داستاننى يادقا بىلەتتى ۋە بالىلىرىغا ئۆگىتەتتى.
ھارۋىلار سېپىنىڭ ئالدىدا كەڭ سايىۋەنلىك، چاقلىرى بىرونىزىدا چەمبەرلەنگەن، شوتىسىغا تۆت ئاق ئات قوشۇلغان شاھانە ھارۋا كەلمەكتە ئىدى. ھارۋىدا تۇمارىس ئولتۇراتتى. ھارۋىنىڭ ئىككى يېنىدا ئۇچلۇق تېرە قالپاق، تېرە پەشمەت-شىم، تېرە چورۇق كىيگەن، سىدىرىملىرىغا ئەگنەك ئاسقان ئالتە چەۋەنداز ۋە تۇمارىسنىڭ قىرناقلىرىدىن تۆتى ئاتلىق ھالدا كېلەتتى. تۇمارىس ئوغلى سىپارگاپىرىسنىڭ توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ تاپتا ئۇ كېلىن كۆچۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. كېلىن_ ئىلى ۋادىسىدىكى قۇزئوردۇ ئاقساقىلىنىڭ گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق، ساھىبجامال قىزى _ زارىنا ئىدى. قۇزئوردۇ _ ئەفراسىياپنىڭ قىزى قەۋزىن ئۆز نامىغا بىنا قىلدۇرغان شەھەر ئىدى. زارىنا بولسا قەۋزىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ئۇ، قوينى كەڭ، ساپ ھاۋالىق، باغۇبوستانلىق گۈزەل دىيار ئىلىدا ئۆسكەچكىمۇ ياكى ئالىي نەسەبلىك ئائىلىدە تۇغۇلغاچقىمۇ، ئىشقىلىپ بالقاش كۆلى، دەشتئاتا، ئىلى ۋادىسى، پەرغانە، تەڭرىتاغ ئەتراپلىرى، ئوردۇكەنت ۋە ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدە ياشايدىغان قەبىلە-قوۋملار ئارىسىدا گۈزەللىكتە داڭقى بار ئىدى، تېرىدىن نەپىس ئىشلىنىپ تىكىلگەن تويلۇق كىيىملەر ئۇنىڭ زىبا بەستىگە بەكلا ياراشقان ئىدى. قالپىقى، بوينى، قۇلاقلىرىغا ئېسىلغان جېنجۇلار ئۇنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى.
ئىزاھات
1.قوچۇرا_ قارىغاينىڭ بىر خىلى.
2.باقشى_ ئالىم، ئالدىن بېشارەت بەرگۈچى.
3.سۈرجەك_ مەشرەپ.
4.سىدىرىم_ تاسما، كەمەر.
5.ئەگنەك_ قىلىچ.
6.قىرناق_ چۆرە، دېدەك.
7.قۇزئوردۇ_ ئىلىدىكى قاش دەرياسى بويىغا بىنا قىلىنغان شەھەر.
8.بالقاش كۆلى_ قازاقىستاندىكى كۆل.
9.دەشتئاتا_ گەنسۇدىكى دۈنخۇاڭ.
10.پەرغانە_ ئۆزبېكىستاننىڭ بىر رايونى.
11.ئوردۇكەنت_ ھازىرقى قەشقەر.
12.ھىندىقۇش_ جۇڭگو، ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان چېگرىلىرىدىكى تاغلار.
13.جېنجۇ_ ئۈنچە-مەرۋايىت، گۆھەر.
داۋامى يوللىنىدۇ[ ajrim تەرپىدىن 2008-06-18 18:12 قايتا تەھرىرلەنگەن ]