بۇ بەتتىكى تېما: بۇ قانداق پىلاستىنكا ؟ ناخشىلىرىم سىزگە ھەمراھ . . . تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 936 قېتىم كۆرۈلدى
ajrim
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 14310
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1934
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1934دانە
شۆھرەت: 2100 نۇمۇر
پۇل: 2681 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :698(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 بۇ قانداق پىلاستىنكا ؟ ناخشىلىرىم سىزگە ھەمراھ . . .

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما Ataman تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-06-18)
« ناخشىلىرىم سىزگە ھەمراھ »غا نەزەر


ئاپتورى : مۇھەممەت ئىمىن


گۈلجەننەت  ھۇسەيىن ئىجراسىدىكى  « ناخشىلىرىم سىزگە ھەمراھ»  ناملىق MTVپىلاستىنكىسى  نەشىر قىلىنىپ  بازارغا سېلىنغىلى  يېرىم يىل بولدى .  ئەمما بۇ پىلاستىنكا  نۇرغۇن  ئېسىل پىلاستىنكىلار ( جۈملىدىن  سەنئەت مەھسۇلاتلىرى )  غا ئوخشاش «سەنئەت خۇمار»  ھەتتا «سەنئەتكار»  خەلقىمىز   تەرپىدىن  تۈزرۈكرەك باھا  ،  ئېتىراپ ،  ھەتتا بازارغا   ئېرىشەلمەي  تولا  ئۇچرايدىغان ئۇۋالچىلىق  « گۆھەر ياتىدۇ سايدا ، تونۇمىساڭ نېمە پايدا »  دېگەن   ئەھۋالغا دۇچار بولدى .  بىز  بۇ پىلاستىنكىغا  نەزەرئاغدۇرۇپ  باقايلى !
1مۇزىكا ئىجادىيىتى


ئاۋۋال پىلاستىنكىدىكى ناخشىلارغا قاراپ باقايلى : پىلاستىنكىدا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ھەر جايلار ۋارىياتلىرىدىن بولۇپ ، سېنى دەيمۇ ، (تۇرپان) ھەمراھىڭ بولاي ، ئاي خېنىم سۇزۈك چىراي (قۇمۇل) سەھەر ئەللىيى ، (دولان ، مەكىت) قاتارلىق خەلق ناخشىلىرى ، تەشنامەن ، تۇرنىلار قاتارلىق نەپىس ئۆز بېكچە ناخشىلار ، ئىجادچان ، تىرىشچان ئۇيغۇرلىرىمىزدىن ئۇيغۇر كومپىزوتىرلىرىدىن كۆپكە قادىر ئۇستاز ياسىن مۇخپۇل ئەپەندى ئىجادىيەتلىرىدىن « مېنىڭ ناخشام، قارا كۆز ، قايدا سەن جانان ( كۆرمىدىم )؛ ئۇستاز كومپىزىتور ، ماھىر سازەندە ، يىتۈك ئاككورلاشتۇرغۇچى مەرھۇم ھېكىم ھەسەن ئىجادىيەتلىرىدىن « بىر قىزغا مىڭ كۆز » ياش ئىجاتكار ، چالغۇچى ئابدۇسالام ئابدۇسوپۇر ئىجادىيەتلىرىدىن « بىھايا ياشلىق » «بار» سەنەۋەر تۇرسۇننىڭ « سارغايغان ياپراق » « دوستلارغا » قاتارلىق ئەسەرلىرى بار . ھەممىگە ئايانكى يۇقىرىدا ئاتالغان خەلق ناخشىلىرى ۋە ئىجادىيەت ناخشىلارنىڭ ئىجادكارلىرى ئۇزاقتىن بۇيان خەلقىمىزگە روھىي ئۇزۇق بېرىپ كېلىۋاتقان سىناقتىن ئۆتكەن ئەسەرلەر ھەم كومپىوزىتورلاردۇر . خەلق ناخشىلىرىنى قويۇپ تۇرساق بىز ساناپ ئۆتكەن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان كومپوزىتورارنى مىسالغا ئالساق ، ياسىن مۇخپۇل ئەپەندى كۆپ قىرلىق سەنئەتكار بولۇپ ، خەلقىمىز ئۇنىڭ بىر - بىرىدىن ئېسىل شېئىرلىرى ، شېئىرلىرىغا ئىشلىگەن ئامبىباپ ، ئۇيغۇرچە پۇراق گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان يېنىك ، لېرىك ، ئېسىل ئاھاڭلىرى بىلەن ، سەنئەت تەتقىقاتى ، جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ سەمەرىسى بولغان ئېسىل ئىلمىي ماقاللىرى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان تونۇش ، كەمتەر خۇشپېئىل كۆپ قىرلىق سەنئەت ئۇستازى ياسىن مۇخپۇل ئەپەندىن 1990 - يىللاردىكى ئۇيغۇر سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسى ، ئۆلمەس ئىجادىي ئەسەرلىرى بىلەن خەلقمىز قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان . نۆۋەتتە سەنئەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ مۆھتىرەم زاتنىڭ تازا قەدرى ئۆتۈلمەكتە . يەنە خەلقىمىز ئۇنىڭدىن يەنە ئېسىل ناخشا ئەسەرلەرنى كۈتمەكتە .مۇمكىن بولسا ياسىن مۇخبۇل ئەپەندى خەلقىمىزگە يەنە يېڭى ئەسەرلەرنى ئىشلەپ بەرسە بولاتتى . مەرھۇم ھېكىم ھەسەن بولسا ئاھاڭ ئىجادىيىتى ، دىرژورلۇق ،ئاككوردلاشتۇرۇش جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى ياراتقان ،ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىش قىلغان ئۇستاز كومپوزىتور ئىدى . ئۇنىڭ ئاجايىپ ئاھاڭدار ، يۇقىرى كەيپىيات مىلودىيە ، پۇراق ، رىتىملىرى ئۆزگىچە ھالدا ئاككوردلاشتۇرغان مۇزىكىلىرى ئۇيغۇر سەنئىتىگە يېپيېڭى رەڭ بەرگەن ئېلېكتورونلۇق چالغۇنى بۇلبۇلدەك سايرىتىپ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ، مۇقاملىرى ئىجادىي ناخشىلارنىڭ ھەر بىر پۇراق ، رېتىم ، ئۆزگىرىشلىرىگىچە جان كىرگۈزۈۋەتكەن بۇ زاتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئۈچۈن راستىنلا چوڭ يوقىتىش دېمەكتۇر .
خوش ئۆزىمىزگە قايتىپ كەلسەك ، « ناخشىلىرىم سىزگە ھەمراھ » ناملىق پىلاستىنكىنىڭ ئاھاڭ ئىجادىيىتى كۆپ قاتلاملىق ، كۆپ قۇتۇپلۇق ، دائىرىسى كەڭ تېمىسى رەڭدار بولۇپ ھەرخىل تاماشىبىنلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ . جۈملىدىن چوڭلارمۇ ، ياشلارمۇ ،چەتكە چوقۇنغۇچىلارمۇ  » بۇ پىلاستىنكىدىن ئۆزى ياختۇرۇدىغان ئاھاڭنى تاپالايدۇ .
دىققەت قىلىش كېرەككى ، پلاستىنكىدىكى ھەر بىر ناخشا ئاھاڭ جەھەتتىن مەلۇم قانۇنىيەت يەنى كىرىش ، راۋاج ، ئەۋج (كولمىناتسىيە )، يېشىمى بار تولۇق ئوي پىكىرلىك ناخشىلاردۇر . شۇڭا بۇ ناخشىلارنىڭ ھەر بىرىنى تېكىستىدىن ئايرىۋېتىپ ئاڭلىسىمۇ ياكى بىرەر مۇزىكا (ساز) ئاساس قىلىپ چېلىنسىمۇ  ، ئوركىستېرلاشتۇرۇلسىمۇ ئادەمگە تولۇق ئوي- پىكىرنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان مۇستەقىل ، گۈزەل ئاھاڭلاردۇر . بولۇپمۇ « مېنىڭ ناخشام » « تۇرنىلار» « سېنى سورايمۇ » « تەشنا مەن »قاتارلىقلار .
2) ئاككوردلاشتۇرۇش.    مۇشۇنداق ئېسىل ئاھاڭلارنى ئەلۋەتتە ، ياخشى ئاككوردلاشتۇرۇش كېرەك . بىزدە نۇغۇن ئېسىل ناخشىلار بەزىدە ياخشى ئاككوردلاشتۇرۇلمايدۇ . شۇنداقلا بەزى ناچار ئاھاڭلارمۇ ياخشى ئاككوردلاشتۇرۇپ جان كىرگۈزۈۋەتكەن . مەسىلەن : ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن ئاتۇش ۋارىيانت «ئوتۇڭ يامان» ناملىق ناخشىنى نۇرگۈل ئېلى بۇرۇندىن تارتىپ ئورۇنلاپ كەلگەنىدى . ئەمدىلىكتە ئەيسا بەگ مامۇتنىڭ پىلاستىنكىسىغا كەلگەندە ئۆزگىچە ۋە يېڭىلىق بىلەن ئاككوردلاشتۇرۇلغان «ئوتۇڭ يامان» كۆپلىگەن تاماشىبىنلارنى جەلب قىلىۋالدى .
ئەمدى « ناخشىلىرىم سىزگە ھەمراھ » نىڭ ئاككوردلاشتۇرۇلۇشىغا قارىساق ياخشى ئاھاڭلار ياخشى ئاككوردلاشتۇرۇلغان . ئاككوردلاشتۇرۇش _ مۇزىكا ئىپادىلىمەكچى بولغان ئېستىتىك مەزمۇن ، مۇستەقىل ئوي پىكرىنى بىر قەدەر تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەن . « مېنىڭ ناخشام» « تۇرنىلار» ،«كۆرمىسەم» ،« ئاي خېنىم سۈزۈك چىراي» ،« سەھەر ئەللىيىسى » ،« سېنى سورايمۇ »، قاتارلىق بۇرۇنمۇ ئاككودلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، مەركۇز پىلاستىنكىغا كەلگەندە بۇ ناخشىلار زامانىۋى ، يېڭى ئۆزگىچە ئاككوردلاشتۇرۇلۇپ ،   كونا مۇڭلار يېڭى دەۋردە يېڭىچە قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان . « مېنىڭ ناخشام » دىن بىز خۇشاللىق ، جۇشقۇنلۇق «كۆرمىدىم » دىن ۋەزمىنلىك  ، يېقىملىقلىق ؛ « تۇرنىلار»دىن چەكسىز ئىزتىراپ ، مۇڭنى ھىس قىلالايمىز . گىتتار ، دۇتتار ، تەمبۇر ، ساكىس ، نەي ، دولان راۋابى ، دۇمباق ۋە كومپىيوتىردا تەڭشەلگەن پىئانىنو ، ئىسكىرىپكا ، كېلارنىت ئاۋاز تۈسلىرىنىڭ ھەممىسى بىزگە ئەنئەنىۋىلىك ۋە زامانىۋىلىقنىڭ ماس ھالدىكى گىرەلەشمىسى سۈپىتىدە ھەقىقىي ئىستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ .
« تۇرنىلار » بۇنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالى . « تۇرنىلار» كىلاستىك ئۆزبېك خەلق ناخشىسى بولۇپ ، پىلاستىنكىسى بۇنىڭ يەنە بىر گۈزەل ۋارىيانتىدۇر . دېمەككى ، سەنئەتتە ئۆتۈشۈش بولىدۇ ھەم بولۇش كېرەك ،ئۆتۈشۈش بولغانىكەن بىز ئەڭ ياخشىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئورۇنلىساق بولىدۇ .
3) تېكىست ئىجادىيىتى.        « ناخىشلىرىم سىزگە ھەمراھ » پىلاستىنكىسىغا تاللانغان ناخشا تېكىستلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى خەلق قوشاقلىرى ،ئىجادىي شېئىرلار بولۇپ بۇلۇپمۇ پىلاستىنكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ مۇھىم ئامىلى . پىشقەدەم مائارىپچى ، ئۇستاز ئابدۇسالام توختى ، ياسىن مۇخپۇل ، ئۆزى بىمەھەل كەتكەن ، ئەجرى ئىجادىي ئۇنتۇلمايدىغان تالانتلىق شائىر باتۇر روزى ، شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق ئىجادكارلارنىڭ شېئىرلىرى ئېسىل ئاھاڭلار بىلەن بىرىكىپ پلاستىنكىدىكى ئەسەرلەر قېنى بار گۆشى بار ، شۇنداقلا قوۋرۇغىسى بار ناخشىلارغا ئايلانغان
4) كۆرۈنۈش.     پلاستىنكىسىنىڭ ئادەمنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدىغان تەرىپى دەل MTV كۆرۈنۈشلىرىنىڭ مۇۋەپىقىيىتى .  پلاستىنكىدىكى ھەر بىر ناخشىغا ماس ھالدا كۆرۈنۈش لاھىيىلەنگەن بولۇپ ناخشا كەيپىياتىغا ، ناخشا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنغا تولىمۇ ماس كەلگەن ئارتىسنىڭ ( گۈلجەننەت ھۇسەننىڭ )مىمىكا ( چىراي ئىپادىسى) ئىپادىسىمۇ تولىمۇ ئۇتۇقلۇق چىققان . شۇڭا ھەر بىر ناخشىدا دېمەكچى بولغان نىشان يەنى ناخشىنىڭ خوشاللىق ، مۇڭ ، تراگېدىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ھېسسىيات كۆرۈنۈش قاتارلىقلار ئورگانىك گىرەلىشىپ كەتكەن .  پىلاستىنكىنىڭ كۆرۈنۈش مۇھىت دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ ، تاغلار -سۇلار، باغ - كۆللەر ، ئورمانزار- يېشىللىق ، بىنالار - سەھرالارغىچە تېپىلىدۇ . ئاپپارات - رەڭ نۇر ، يورۇقلۇق چىراغ قاتارلىقلار يۇقىرى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ سىتورولۇق گۈزەللىك تۇيغۇسى ھاسىل قىلىنغان . ئارتىسلارنىڭ كىيىم - كېچەك گىرىملىرىمۇ كۆرۈنۈش ۋە ناخىشنىڭ كەيپىياتىنى تولۇق ئىپادە قىلالىغان . mtv رېژسورلىرىدىن گۈلجەننەت ھۇسەن ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى لاھىيلەپ بەرگەن بولسا ، ياش ئىجادچان ، ئۈمىدلىك رېژىسور بۇ لاھىيىنى ئاپپارات ، رىلىس ، كىران  ، رەڭ ،  نۇر ، مەنزىرە قاتارلىقلار بىلەن باغلاپ mtv مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن زېھنىنى سەرپ قىلغان .

2. گۈلجەننەت ھۇسەننىڭ سەنئەت مۇساپىسىگە نەزەر


بىر ئەل، بىر مىللەتنىڭ ناخشىچىلىرى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت - سەنئىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى ، سەنئەتنىڭ ۋەكىلى ، جۇملىدىن شۇ مىللەتنىڭ ۋەكىلى . مۇزىكا - تەرجىمانسىز سەنئەت بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن رايون ، قىتئە ئاتلاپ ھەر ۋاقىت ھەر خىل تاماشىبىنلار قاتلىمى ئىچىدە تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ . بىز مايكىل جېكسون ئارقىلىق ئامېرىكا مەدەنىيىتى ، بارىشمانچۇ ئارقىلىق تۈرۈك مەدەنىيىتى ، شىرئەلى جورايوف ئارقىلىق ئۆزبېك سەنئىتىنى  ،خۇلىئو ئارقىلىق لاتىن مۇزىكىسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىمىز . ئايال ناخشىچىلارمۇ بىر مىللەت سەنئىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا كەم بولسا بولمايدۇ .
سارا بىرگىمان ، مادوننا ، شاكىرا قاتارلىقلارغا ئوخشاش يەنە تۈرك سەنئىتىنىڭ ماھىر ئىجاتچىسى جاندان ئەرچەتىن ، روس ناخشىچىسى ئاللا پوگا چىۋا ، ئۆزبېك ناخشىچىسى يۇلتۇز ئوسمانوۋا ، خەنزۇ ناخشىچىسى دېڭ لىجۈن ، ماۋ ئامىن قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئايال ناخشىچىلىرىدىن دىلبەر يۈنۈس ؛ پاشا ئىشان ، ئايشەم قىيۇم ، گۈلباھار ھامۇت ، ئارزىگۈل تۇرسۇن قاتارلىقلارمۇ ئۆز ئۈسلۈبلىرى بىلەن ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ناخشىچىلىرىمىزدۇر . ئۆز ئاۋاز تۈسى ، ئاۋاز دائىرىسى ، بىر يىلچە ياخشى تەربىيلەنگەن ، خاسلىق يارىتىپ 10 نەچچە يىلدىن بېرى خەلقىمىزگە ئېستىتىك زوق بېرىپ كېلىۋاتقان تىرىشچان ناخشىچى گۈلجەننەت ھۈسەيىنمۇ ئۇيغۇر سەنئەت ئاسمىنىدىكى جۇلالىق يۇلتۇزلارنىڭ بىرىدۇر . ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراق ، يېقىملىق ،سۈزۈك ،  بولۇپمۇ جانلىق ، ۋەزمىن ، ھېسسىياتلىق ۋە يارقىن بولۇپ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ تۇرپان ۋارىيانتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىجادىي ئامبىباب ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ . گۈلجەننەت ھۇسەيىن ئۆزىنىڭ ئاۋاز خاراكتېرىگە ئاساسەن ئۆزىگە ماس ناخشىلارنى تاللاپ ئېيتىشقا ماھىر بولۇپ ،ئۇنىڭ كۆپلىگەن ناخشىلىرىدا بۇ ھالەت گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ چىققان . شۇڭا بەزى ناخشىلار خۇددى ئۇلا ئورۇنلىمىسا بولمايدىغاندەك ھالەتتە روياپقا چىققان . مەسىلەن : « ئوماق قىز » « ئەلۋىدا» « سېنى سورايمۇ » « قارا كۆز » « تۇرنىلار » قاتارلىقلار. ئاڭلىماققا ئۇنىڭ ئاۋازى خۇشاللىق تۈسىدىكى ناخشىلارنى ئورۇنلاشقا ماس كېلىدىغاندەك بىلىنىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى سېھرىي كۈچ يەنىلا مۇڭلۇق ناخشىلاردىلا بەكرەك گەۋدىلىنىدۇ . شۇڭا « تۇرنىلار» قاتارلىق ناخشىلاردىكى ھېسسيات تېخىمۇ گۈزەللىشىپ پاكىز تۇيغۇسىنى بېرىپلا قالماي ، ھەسرەت ۋە مۇڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرغان .
گۈلجەننەت ھۈسەيىن 1992 - يىلى « ئوماق قىز » ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇلغاندىن بېرى تاماشىبىنلار ئالقىشلىغان ناخشىچىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە « تېگىشلىك ئوبراز ۋە باھاغا ئېرىىشپ كەلدى. « ئوماق قىز » لېنتىسى قاتتىق داغدۇغا قوزغاپ ، تاماشىبىنلار ئالقىشلىغان لېنتا بولۇپ ، گۈلجەننەت ھۈسەيىننىڭ ئۈمىدلىك ناخشىچى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن بولسا ، گۈلجەننەت ھۈسەيىنمۇ ئۆز ئۈسلۇبى بىلەن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى . كېيىنچە ئۇنىڭ سەھنە - ئېكرانلاردا ناھايىتى ئاز كۆرۈنسىمۇ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىك جەلىپكارلىقى ئاجىزلاپ قالغىنى يوق . ئۇ ھامان پىنھان ھالدا ئۆزىگە ماس ئۆزىگە خاس ھالدىكى ناخشىلارنىلا ئورۇنلاپ كەلدى . ئۆز ئوبرازىنى قەدىرلەپ كەلدى . ئۇ ئۆزى ناخشىلىرى ئارقىلىق ياراتقان بەدىئىي مۇھىتىدا ياشاپ كەلدى . ئۇنىڭ « ئوماق قىز» « قارا كۆز » «ئەلۋىدا» « مېنىڭ ناخشام» قاتارلىق ئېسىل كۈيلەر بىلەن نەقىشلەنگەن سەنئەت مۇھىتىدا خەلق سۆيگەن ھەقىقي ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ، سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۇيغۇر ئامبىباب ناخشىچىلىقىنىڭ دۇردانىلىرى ۋە ئاشۇ سەنئەتكە شەيدا بىر تۈركۈم ئىخلاسمەن سەنئەت شەيدالىرى بار ئىدى .
گۈلجەننەت ھۇسەيىن ئۇستازلار سەنئەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بايقىشى بىلەن زېھىن - ئەجىر سىڭدۈرىشى بىلەن خاسلىقى بار ناخشىچىغا ئايلاندى .
كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىسى رىشىت قاسىمى ئىشلىگەن « ئوماق قىز » قاتارلىق ئاھاڭلار ، ياسىن مۇخپۇل ،ھېكىم ھەسەن ، ئابدۇسالام ئابدۇسوپۇر قاتارلىقلار ئىشلىگەن ئىجادىيەتلەر ئابدۇسالام توختى ، مۇھەممەت نىيازى ، ياسىن مۇخپۇل ، باتۇر روزى قاتارلىقلار يازغان ، «ياشلىق ، قارا كۆز ، بىر قىزغا مىڭ كۆز ، ھايات سازى ،» قاتارلىق ئېسىل شېئىرلار ... نىڭ ھەممىسى گۈلجەننەت ھۈسەيىننىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ، ئورۇنلاش ماھارىتى ئارقىسىدا خەلقىمىز ياقتۇرىدىغان ناخشىلارغا ئايلاندى . مانا ئەمدىلىكتە گۈلجەننەت ھۇسەيىن « سېنى سورايمۇ » « ئاق بوز ئاتىم » « رەنجىمە يارىم » « دەردىڭىز يامان » قاتارلىق پىچان خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداپلا قالماي « ئاي خېنىم سۈرۈك چىراي » « سەھەر ئەللىيى » قاتارلىق ناخشىلارنىمۇ يۇقىرى سەۋىيە بىلەن ئورۇندايدىغان سەۋىيىگە يەتتى . مانا بۇ ئۆزىدىكى سەنئەت تالانتىنى تىرىشچانلىق ئارقىلىقلا ۋايىغا يەتكۈزۈشنىڭ تىپىك مىسالى . بىز گۈلجەننەت ھۈسەيىندىن يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز ۋە كۈتەلەيمىز .

3 . تاماشىبىنلارغا نېمە بولدى ؟


مۇشۇنداق ياخشى پلاستىنكىنىڭ سېتىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى مېنى ھەيران قالدۇردى . ئەجەبا ، بىز مۇشۇنداق بىر ياخشى پلاستىنكىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى بىلمەي قالدۇقمۇ ؟ مېنىڭچە بۇ پىلاستىنكىنىڭ سېتىلىش سۇرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشىتىكى سەۋەب تۆۋەندىكىچە :
1) ئېلان تەشۋىقاتىنىڭ يېتەرسىزلىكى ھازىرقى دەۋەر ئېلان - ئۇچۇر دەۋرى . خەلقىمىز ئېلانلارنى مىڭ تىللىغىنى بىلەنمۇ ئېلاندىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدۇ . شۇنداقلا بەزى كىشىلەر ئويلىغىنىدەك « ياخشى نەرىسگە ئېلان كەتمەيدۇ دېيىشكە بولمايدۇ » شۇڭا ياخشى مەھسۇلات بولسۇن ناچار بولسۇن بازارغا سالمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ئېلان بېرىشىڭىز كېرەك . ئەمما ھازىر تېرەك قاپاق پۇل ئەمەس ، باراڭ پۇل بولۇۋاتقان شارائىتتا مۇشۇ پىلاستىنكىغا ئوخشاش ئېسىل سەنئەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار تاپالماسلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرماي قالمايدۇ . « مەن باراي » « ئاشىق بىمارمەن » دېگەندەك ئاتالمىش«ناخشىلار » بازار تېپىپ ئېلانلىرى ئۈن - سېن دۇكىنىدىن تارتىپ تېلېۋىزىيە ، تور بەتلەرگىچە تارقالدى . بۇنداق ئەھۋالدا ياخشى پىلاستىنكىنىڭمۇ تەشۋىقاتىنى قىلماي بولمايدۇ . ھازىرقى ئۈن- سىن بازارلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندىمۇ سەنئەتنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيدىغان ئۈن -سىن سورىگەرلىرى بازارغا سېلىپ ھە دەپ تەشۋىقات قىلىۋاتقان نەرسىلەرگە تاماشىبىلىرىمىزنىڭ باھاسى ياخشى بولۇۋاتىدۇ . ئەمەلىيەتتە بىزدە ساپالىق تاماشىبىنلاردىن ساپاسىز تاماشىبىنلار كۆپ . مەسىلەن : تازا « دەۋىر سۈرۈۋاتقان » « تاماكا بايان» دېگەن ناخشا غا قاراپ باقايلى تاماكا بايان دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى ھەقىقىي شائىرى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ ئېسىل شېئىرى !! بۇنداق شېرلارغا ئاھاڭ ئىشلەشتە مەسئۇلىيەتچانراق بولۇشى كېرەك . ھېلىقى ياش ناخشىچى سۇنئىي ئاۋازى بىلەن  ئېيتىۋاتقان سۇنئىي ھېسسىيات يىغلاڭغۇلۇققا تولغان «تاماكا بايان» نىڭ ھېچقانداق يېرى ، ئەسلى شئېىر ئىپادىلەپ بېرىۋاتقان ئالەمشۇمۇل مەزمۇننىڭ بىرەرىگىمۇ يېقىنلاشمايدۇ . بۇنداق ئاھاڭ ، بۇنداق سۇنىي ھىسياتلىق ناخشىچىغا « چاقچاق قىلىپ دەپ قويسام » دېگەندەك خەۋەر جۈملە شەكىلىدىكى يەنى ئاغزاكى « گەپ شەكىلدىكى ناخشىلارلا ئەڭ ماس كېلىدىكەن . ئۇنداق بولمىسىمۇ  «تاماكا بايان » لارغا چىقىلماي تۇرۇڭ... .. مانا بۇمۇ تاماشىبىنلارنىڭ ساپاسىزلىقىنىڭ مەھسۇلى !
«  ناخشىلىرىم سىزگە ھەمراھ » نىڭمۇ تەشۋىقاتىنى ياخشى قىلىش كېرەك ئىدى . شەخسەن مەن بۇ پىلاستىنكىدىن ھازىرغىچە 11 نى ئېلىپ دوستلىرىم ،  تۇغقانلىرىمغا سوۋغا قىلىپ بولدۇم . ھەممىسى بەك ياخشىكەن قاچان چىقىپتۇ ؟ نەدە باركەن ؟ دېيىشپ كەتتى . ھەممە دۇككاندا دېگۈدەك بار بولغان بۇ پىلاستىنكىنى كىشىلەر نېمىشقا بىلمەيدۇ ؟ ئۈن -سىن دۇككانلىرى ھەدەپ ئۆزبېك ياكى ئەڭ ناچار ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى قۇلاقنى يارغۇدەك قويۇۋالغان ،  كىرىپ قايسى پلاستىنكىنى ياخشى دېسىڭىز ئەڭ ناچارلىرىنى قولىڭىزغا تۇتقۇزۇپ قويۇۋاتقان ... بۇنداق ھالدا ياخشى پىلاستىنكىلار جاھازىدا تۇرۇپ تۇرۇۋېرىدۇ - دە ! قارلۇق ئۈن - سېن شىركىتى ئىشلىگەن «سۆيگۈ ئىزدەپ »، «ۋادەرىخا » ، يەنە خۇشتار ئابلىمىت ئىجراسىدىكى « دىلرابا»  ، دىلشات رايىدىن ، تۇرسۇنلار ئورۇنلىغان « ھارۋىكەش ناخشىسى» قاتارلىق پلاستىنكىلارمۇ ئۆزىنىڭ ئېسىللىقى بىلەن جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ ئۇنى كۆرگەن كۆزلەر تولىمۇ ئاز بولدى .
2) پلاستىنكىنىڭ ئىسمى ياخشى قويۇلمغان . گۇلجەننەت ھۇسەننىڭ نۇرغۇنلىغان ۋەكىل خاراكتېرلىك ناخشىلىرى بار . شۇلاردىن بىرەرنى قويۇشقىمۇ بولاتتى ، يا بولمىسا بىرەر چىرايلىق ئومۇمىي ئىسىمدىن بىرەرنى قويۇشقىمۇ بولاتتى . مەسىلەن : « سېغىنىش » ،  « ئىنتىزار» دېگەندەك ، يا بولمىسا « قارا كۆز » ،« مېنىڭ ناخشام » ،« تۇرنىلار » ،«سەھەر ئەللىيى » ،« تەشنامەن ياكى تەشنالىق » دېگەندەك ئىسىملارمۇ بولىۋېرەتتى .
بىزدە پىلاسىنكا ئىسمى ياخشى قويۇلماي بازار تاپالمىغان پىلاستىنكىلار ئاز ئەمەس ، مەسىلەن: 1) ۋادەرىخا  ، بۇ بىر ئىنتايىن ياخشى پىلاستىنكا ئىدى . 2) «1962- يىلى» ، بۇ «ۋادەرىخا» ناملىق پلاستىنكىدىكى ياخشى ناخشىلارنىڭ بىرى ئىدى . 3) « سۆيگۈ ئىزدەپ»  ، بۇ قۇربان ساقىنىڭ پلاستىنكىسىنىڭ ئىسمى ، 4) سېغىنمىدىڭمۇ  ، بۇ ئەسلى « سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ » دېگەن شېئىر ئىدى( باشباشتاق فىلىم ئىشلىگۈچى بۇنى مۇشۇنداق ئۆزگەرتىۋەتكەن ) ، ئەمەلىيەتتە قارلۇق شىركىتى ئەڭ سۈپەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەپ ياخشى ئىسىم قويسىمۇ بەزىدە يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا كەتكۈزۈپ قويغان بولسا ، «كىم كېرەك» «ئۇنتالمايسىز» « كەلمىسە كېرەك » « كىملەر يىغلىسۇن » « ئاشىق بىمارمەن » « ياش تۆكەلەمسەن» دېگەندەك يېرىمى بار - يېرىمى يوق كۈلكىلىك ناخشا ئىسىملىرىمۇ مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ . تېخى مۇشۇنداق ناخشىلار مودا بولۇۋاتىدۇ . شۇڭا بۇ پىلاستىنكىمۇ « ناخشىلىرىم سىزگە ھەمراھ » دېگەن ئىنتايىن ئەقەللىي مەزمۇن ئىسىم قىلماي ، « تۇنجى سۆيگۈ » «شېرىن چۈش » «سېغىنىمەن » « توغراق كۈيچىسى» «سەنسىز » دېگەن ياخشى تېمىلارغا ئوخشاش ئىسىم قويۇلۇشى كېرەك ئىدى .
خوش مەن « ناخشىلىرىم سىزگە ھەمراھ» پىلاستىنكىسى ھەققىدە مۇشۇنچىلىك توختىلاي ، تەكىتلەيمەنكى ، بۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر پەقەت ئۆزەمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ . شۇنداقلا بۇ پىلاستىنكىنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىرىمۇ يۇقىرىقىدا ئېيتىلغاندەك چوڭقۇر بولغان شۇڭا مەن ھېسياتىمنى ئىپادىلىدىم . بۇ پىلاستىنكا ياخشىمۇ - يامانمۇ ، بۇ ھەقتە كۆپچىلىكنىڭ پىلاستىنكىنى كۆرۈپ بېقىپ مېنىڭ يازمامغا باھا بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن . مەن پىلاستىنكىدىن ئۈمىدسىزلەنمىدىم ، سانسىز تاماشىبىنلارنىڭ ھالىدىن ئىستېھزالىق كۈلدىم .





============================

(بۇ ئەسەر دىيارىم تورىغا تەۋە قالايمىقان ئىشلەتمەڭ )

بۇ پىلاستىنكىدىكى ناخشىلارنى  دىيارىم MVT كۇلۇبىدىن كۆرۈڭ 


http://mtv.diyarim.com/index.asp?djcat_id=1
[ ajrim تەرپىدىن 2008-06-19 17:09 قايتا تەھرىرلەنگەن ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    مىللەت تۈزەلمىگىچە ،
                  ئىللەت تۇزەلمەس !
    | ۋاقتى : 2008-06-17 19:40 [باش يازما]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
    nazirkom
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32941
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    ئالدى بىلەن مۇشۇ ئەسەرنى يازغۇچىغا ۋە تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت ئېيتىمەن.
    بىر نەچچە ئاي ئالدىدا يۇقىردا ئېيتىلغان پىلاستىنكىدىكى ناخشىلارنى مەلۇم بىر تور بەتتە كۆرۈپ قالدىم. ئۆزۈمنىڭ خەلق ناخشىلىرىغا بەك ئامراقلىقىمدىن ۋە گۈلجەننەت ھۈسەننىڭ ئاۋازىنىڭ سۈزۈكلىكى، شۇ ناخشىلارنى ھەقىقەتەنمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتقانلىقىنى، ناخشا موزىكىلىرىنىڭ شۇنداق ياخشى ئاكوردلاشتۇرۇلۇپ، MTVسىنىڭ ئىنتايىن سۈپەتلىك ئىشلەنگەنلىكىنى كۆرۈپلا ئۇ پىلاستىنكىنى چوقۇم سېتىۋالىمەن دەپ ئويلىدىم بىراق ئۆزۈم باشقا يۇرتتا بولغاچقا سېتىۋىلىشقا مومكىن بولمىدى. (خۇدايىم بۇيرىسا بىر ئايدىن كىيىن ئۈرۈمچىگە قايتقاندا چوقۇم سېتىۋالىمەن.)
    بۇنداق ياخشى پىلاستىنكىنىڭ سېتىلىش سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالغانلىقىنى ھازىر ئۇقۇپ ھەيران قالدىم بەلكىم بۇنىڭدىن يۇقىردا ئېيتىلغاندەك ساپاسىز تاماشىبىنلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى يەنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ قانداق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرىۋېلىش مومكىن. چۈنكى بىزدە ئۆز-ئۆزىمىزگە نىسبەتەن تونۇش، ئۆزىمىزنىڭكىنى قەدىرلەش تۇيغۇسى كەمچىل، ئەلۋەتتە بۇنى ھازىرقى رىئاللىقىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇقەررەرلىك دېيىشكە بولىدۇ. بىراق نىمىشقا يەنە ئويغانمايمىز؟!مۇشۇ پىتى كېتىۋەرسەك كەلگۈسىمىز قانداق بولۇپ كېتىدۇ، نىمىشقا ئويلانمايمىز؟!
    بىر يىل ئالدىدا «شىىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئۆزبىكىستان ئانسامبىلى شەھرىزادە چىقارغان پىلاستىنكا «ئويناسۇن» سېتىلىش سۈرئىتى، سانى جەھەتتە ئۈن-سىن ساھەسىدە رىكورد يارىتىپتۇ! ئاشۇ بىزنىڭ ئەڭ داڭلىق ناخشىچىلىىمىز چىقارغان پىلاستىنكىلارمۇ ئاشۇ ئورۇنغا چىقالماپتۇ، نىمە ئۈچۈن؟ ئەلۋەتتە «ئويناسۇن» پىلاستىنكىسىدىكى ناخشىلار ھەممىسى دىگۈدەك ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ياكى بۇرۇنقى ئۇيغۇر ناخشىلىرى، پەقەتلا ئاكوردلاشتۇرۇش ياخشى بولغان دىيىشكە بولىدۇ بىراق ئۇ قىزلارنىڭ قىلىقلىرى، كېيىنىشلىرى قانداقمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس؟ بەلكىم سېتىلىش سانىنىڭ كۆپلىكى ئۇ پىلاستىنكىنى باشقا مىللەتلەرمۇ ياقتۇرۇپ قالغانلىقىدىندۇر. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ پىلاستىنكىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى «گۈليارۇ»پىلاستىنكىسى چىقىرىلدى (سېتىلىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمەيمەن لىكىن ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان، سەنئەت سۆيەر ئۇيغۇرنىڭ چوقۇم ياقتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن)
    «ناخشىلىرىم سىزگە ھەمراھ» پىلاستىنكىسىغا كەلسەك، بۇ ئەھۋال تېمىدا دىيىلگەندەك تېخى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىلمەي قالغانلىقىدىن ۋە  ساپاسىز تاماشىبىنلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېيىشكە بولىدۇ دىمەك سېتىلىشىدىكى مەسىلە ھەرگىزمۇ پىلاستىنكىدا ئەمەس.
    ئاخىرىدا گۈلجەننەت ھەدىمىزنىڭ ئاشۇ بۇلبۇلدەك ئاۋازى بىلەن كېيىنچىمۇ مۇشۇنداق ياخشى پىلاستىنكىلارنى چىقىرىشىنى، تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-18 01:02 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    parida39
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27071
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 238
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە238دانە
    شۆھرەت: 238 نۇمۇر
    پۇل: 824 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :160(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاي باشلىق ئنكاس  يازاي دىسەم بەك  كوپكەن  كوزۇم  ئاجىز  بولغاچ  ئوقۇپ بولالمىدىم  ، كوچۇرۇڭ  ھە ؟
    http://mtv.diyarim.com
    ۋاقتىڭ كەتتى- بەختىڭ كەتتى دېمەكتۇر~!
    | ۋاقتى : 2008-06-18 01:19 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    $$ecw$$
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23981
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 165
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە165دانە
    شۆھرەت: 178 نۇمۇر
    پۇل: 773 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :126(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت جاپاچىكىپسىز 
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-06-18 09:24 3 -قەۋەت
    totem
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 13600
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 2954
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2954دانە
    شۆھرەت: 2463 نۇمۇر
    پۇل: 4032 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :951(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاۋۇ پىلاستىنكىدىكى ناخشىلاردىن بىر نەچچىنىڭ ئاڭلاش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن.ئاڭلىماي تۇرۇپ باھا بەرگىلى بولماس.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
     روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
    | ۋاقتى : 2008-06-18 19:51 4 -قەۋەت
    bihzat
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4048
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 554
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە554دانە
    شۆھرەت: 186 نۇمۇر
    پۇل: 1026 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :146(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۆز ۋاقتىدا بېتخوۋىن بولكا ئالالمىغۇدەك دەرىجىگە چۈشۈپ قالغاندىمۇ ، خەقتىن  ئاغرىنىپ
    كەتمىگەن. ھېچنىمە بولمايدۇ، بۇ سەنئەت يولىدىكى نۇرمال ئەھۋال. ئالتۇنمۇ - قەلەيمۇ ۋاقىت بەلگىلەيدۇ.
    توپىغا كۆمۈلۈپ قالغان ئالتۇن ھامىنى پاقىرايدۇ، ھەل يالىتىلغان تۆمۈرنى ھامىنى دات باسىدۇ.
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-06-19 01:56 5 -قەۋەت
    EPSUS
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 13507
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 150
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە150دانە
    شۆھرەت: 47 نۇمۇر
    پۇل: 252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    توپىدا ياتسا گەۋھەر
    بولماس باھاسىغا زىيان
    سۇ ئاقۇر ئاققان ئېرىقتىن
    سايدا تاشقىن ھەم قىيان
                                                    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرى
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-06-19 13:24 6 -قەۋەت
    tohri
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4053
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 308
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە308دانە
    شۆھرەت: 318 نۇمۇر
    پۇل: 1900 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :101(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    پۇلۇم يوق ئالمايمەن!!  ئېيتىپ بولغان ناخشا ئالمايمەن!!    ئاڭلاپ بولغان ناخشنى ئاڭلىغىم يوق!!  ئالمايمەن !!  گۈلجەننەتنىڭ ئاۋازىنى ياقتۇرمايمەن !!!  رادىئودا تولا ئېلان سۆزلاپ قۇلۇقۇمنى پاڭ قىلىپ قوياي دىدى ئالمايمەن!! 
                بولمامدىكەن!>؟؟    قىزىق !!  ناچار مەھسۇلات سېتىلماي قالسا مۇنداق ئېلان بەرگەننى كۆرۈپ باقمىغان!!    
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    قاننى سوغۇق سۇدا يۇغىن!!
    | ۋاقتى : 2008-06-19 17:54 7 -قەۋەت
    tapsamtaptim
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32367
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 514
    ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە514دانە
    شۆھرەت: 514 نۇمۇر
    پۇل: 1635 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :44(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن  نىمە  دەي                                  لام  جىم                     
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-06-19 18:17 8 -قەۋەت
    only1
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33074
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    گۈلجەننەتقۇ ناخشىنى ياخشى ئيتىدۇ بولمىسا ،ئاۋازىمۇ چىرايلىق،لېكىن ھازىر ناخشىچىلارنىڭ جىقلىقىدا زادى    كىمنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاشنى بىز مۇ ئاڭقىرىپ بولالمايۋاتىمىز! بىر ئادەم ئاڭلىغۇسى يوق ناخشىنى زورلاپ  ئاڭلىمايدۇ دە!               
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    | ۋاقتى : 2008-06-19 18:25 9 -قەۋەت
    nazirkom
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32941
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇر.........
          ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
      ؟؟                ؟؟؟ 
    ؟                      ؟؟؟
                            ؟؟؟
                          ؟؟
                        ؟؟
                    ؟؟
                  ؟؟
                  ؟؟
                  0

           
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-06-20 00:51 10 -قەۋەت
    EPSUS
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 13507
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 150
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە150دانە
    شۆھرەت: 47 نۇمۇر
    پۇل: 252 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ئېلان ئەمەس ، خەلقىمىز ئېلاننىڭ نېمىلىكىنى ، سەنئەتنىڭ نېمىلىكىنى قاچانمۇ چۈشىنەر ......بىراۋنىڭ توردا بىر پلاستىنكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھوقۇقى يوقمۇ ؟  تىللاپ سېسىتىش كېرەكمۇيا
    بۇ پلاستىنكا ماڭىمۇ ياقتى 2-قىسمىمۇياخشى ئىكەن.
    لېكىن ، خېرىدار دىگەن پادىشاھ ، نېمىنى خالىسا شۇنى ئالىدۇ ، ھېچكىم سىزنى ئال دېمەپتۇ ، ئالامسىز ، ئالمامسىز ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ،
    مېنىڭچە . ئاپتور نىڭ قاراشلىرى ئۆزگىچە ھەم توغرا
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-06-20 14:03 11 -قەۋەت
    alnur0997
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30838
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە40دانە
    شۆھرەت: 40 نۇمۇر
    پۇل: 227 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :42(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇ  ناخشىلارنىڭ  بىرەرىنىڭ  ئاڭلاش  ئادرىسىنى  قالدۇرۇپ  قويساڭلار  بۇپتىكەن .
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-06-20 17:54 12 -قەۋەت
    jonis
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32805
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    پۇل: 136 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    <<توخرى>>يولداش بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپسىز!ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ!مەن گۈلجەننەتنىڭ ناخشىلىرىنى بەكلا ياقتۇرىمەن!باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!                
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-20 23:20 13 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-21 16:54
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation