چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 1612 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ماركا مەدەنىيىتى ۋە بىزنىڭ ماركىلىرىمىز پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

turkinaz
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20648
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1268
شۆھرەت: 1541 نۇمۇر
پۇل: 5084 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 515(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 ماركا مەدەنىيىتى ۋە بىزنىڭ ماركىلىرىمىز

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 kuxbeg526 设置为精华(2008-10-14)
ماركا مەدەنىيىتى ۋە بىزنىڭ ماركىلىرىمىز

ئاپتۇرى : كۇچا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى قۇربان داۋۇت شاھىدى
ئەڭ بۈيۈك مەدەنىيەتنى خەلق ئۆزى يارىتىدۇ.
                                                                   - ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ھاياتلىق ئالىمى ھەقىقەتەنمۇ يۈكسەك مەدەنىيلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. مەدەنىيلىشىش ئۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى ئاڭ، تەسەۋۋۇرىمىز ئاللىقاچان ئۆزىگە سىغدۇرۇپ بولدى. مەدەنىيلىشىش سۆزىنىڭ ئۆزى مەدەنىيەتلىك بۇلۇشنىڭ يىنىك ھەم ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇرۇپ ئېيتىلىشى بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئورامىدا بىلىملىك بولۇش، پەزىلەتلىك بولۇش، قائىدە- يۇسۇنلۇق بولۇش، ھەققانىي، ئادىل بولۇش، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى چۈشىنىش، قولىدىن ئىش كېلىدىغان بولۇش دېگەندەك نۇرغۇن مەنالار چاقناپ تۇرىدۇ. مەدەنىيلىشىشنىڭ بىر ئۇچىنى ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى ئەجدادى بولغان ئورمان قەدىمكى مايمۇنلىرىنىڭ دەرەخ ئۈستىدىن يەرگە چۈشۈپ ياشاشقا باشلىغان دەۋرىگە ئۇلاش مۇمكىن. شۇندىن باشلاپ ھېساپلىغاندا يەر شارىدا ئىنسان پەيدا بولغىلى مىليۇن يىللاردىن ئاشتى. بۇ جەرياندا ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەدەنىيەتكە تەئەللۇق ھادىسە دەپ خۇلاسە قىلدۇق. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا مەدەنىيەت ئۇقۇمى بىلىش، چۈشىنىش ۋە يارىتىشتا ئۆز ئەۋجىگە يەنىمۇ يېقىنلاشتى. ئادەملەرنىڭ يەردە رۇس مېڭىشنى ئۆگىنىشى مەدەنىيەتنىڭ باشلىنىشى دىيىلسە، ئىنسانلارنىڭ ئاسماندا پەرۋاز قىلىشى مەدەنىيەتنىڭ پارلاق نوقتىسى بولۇپ قالدى. دەرۋەقە، ئىنسانلار ئەنە شۇنداق قايناق مەدەنىيەت ئېقىنىدا ئۆز تەغدىرى بىلەن چېلىشىپ كەلدى. شۇنداقلا بۇ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھەر قايسى مىللەتلەر، قەۋم ئەزالىرى ، يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئاڭ، ئېتقاد دائىرىسىدە ئوخشاش بولمىغان ئىرسىيەت گېنى نوقتىسىدا تۇرۇپ، ئۆزىگە خاس بولغان ياشاش ئۇسۇلىنى،. مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى ياراتتى. ئاشۇ يارالمىش مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىنىڭ بىر قىسملىرى زامان بىلەن تەڭ ياشاپ ئېقىم سۈپىتىدە بۈگۈنگە ئۇلاشتى. يەنە بىر قىسىملىرى ئېسىمىزدىن ، ياشاش ئادىتىمىزدىن ئاستا- ئاستا يىراقلاشتى. يەنە بىر قىسىم مەدەنىيەت مىزانلىرىمىزنى بولسا ئىزدەپ ئاۋارە بولىۋاتىمىز. زاماننىڭ تەرەققىياتى بولسا بىزدىن ئۆزلۈكسىز مەدەنىيلىشىشنى ، يېڭى- يېڭى مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. نىھايەت ، بىزمۇ زاماننىڭ بۇ خىل تەلەپ- تەقەزاسىغا ھەر ھالدا ئۈلگۈرۈپ كېلىۋاتىمىز. مانا مۇشۇنداق مەدەنىيلىشىش دۇلقۇنىدا بىز دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نوقتا بار. ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئەمگىكىمىز ۋە تۇرمۇش مەشخۇلاتىمىزدىكى يېڭى يۈزلىنىش بولغان نام، ئاتاق ئىجاد قىلىش يەنى ماركا يارىتىش تۇنۇشىمىزدۇر. ھازىر بارلىققا كېلىۋاتقان ھەر قانداق يېڭى شەيئى بىر خىل نام بىلەن، ئۆزگىچە بىر خىل ئىسىم بىلەن مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ. بىز بۇ ناملارنى <<ماركا>> دەپ ئاتاۋاتىمىز. بىز ئويغۇرلاردا سودا، تىجارەت ئىشلىرىدا تارىختىن بۇيان ئۆرنەك مىللەت بولۇپ كەلگەن بولساقمۇ، لىكىن <<ماركا >> ھەققىدە سەل كىچىكىپ ئويلانغان ئىكەنمىز. نۇرغۇن ئېسىل مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئىلگىرى بىرەر مۇنتىزىم بولغان جانلىق ماركىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بازاردا تەمتىرەپ يۈرگەن ئىكەن.
شوڭا ،ئەسلىدە بىز ئىشلەپچىقارغان بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىمىز چېچەن تىجارەتچىلەرنىڭ قۇلىغا چۈشكەندىن كىيىن، ئۇنىڭغا ئىسىمدىن بىرنى قۇيۇپلا ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزىۋاپتۇ. مانا ھازىر بولسا بىزمۇ بۇ نوقتىنى تۇنۇپ يىتىپ، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىمىزغا ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بولسىمۇ ئىسىمدىن بىرنى قۇيۇپ، بازارغا سالىدىغان بولدۇق. ھەقىقەتەنمۇ بىر قىسىم تاۋارلارنىڭ ماركىسى ئالەمگە داڭق چىقاردى. بىز بۇنىڭدىن ماركىنىڭ پۇل بۇلىدىغانلىقىنى، ئۈنۈم يارىتىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق. شۇنداق قىلىپ ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ماركا يارىتىش قىزغىنلىقى بىر خىل ئېقىم سۈپىتىدە ئۇمۇملاشتى. بۇنى بىر خىل ياخشى يۈزلىنىش، ئىجادىي كەيپىيات دىيىشكە بۇلىدۇ. يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ تۇنۇپ يەتكىنىمىزدە بۇ خىل ماركا يارىتىش قىزغىنلىقىنى خەلقىمىزنىڭ ماركا مەدەنىيىتى دەۋرىنى ئاچقانلىقىدىن چۈشەنسەك بولغۇدەك.
دېمەك، بىزنىڭ مىللىتىمىزمۇ ھازىر تارىختىكى يەنە بىر بۈيۈك مەدەنىيەت دەۋرىنى، يەنى ئۆزلىرى ياراتقان ماركا مەدەنىيىتى دەۋرىنى باشتىن كەچۈرىۋېتىپتۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاپىرىن ئۇقۇشقا ئەرزىيدۇ. شۇنداق بىر مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىش ، ھەم بۇ مەدەنىيەتنىڭ تىز سۈرئەتتە ئۇمۇملىشىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر سۈيۈنۈشلكۈ ئىش. نېرىقى زامانلاردا ھەتتا چوڭراق ئاشپۇزۇل ، ساتراچخانىنىڭمۇ ماركىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ بىرەر ئۆزگىچە قۇيۇلغان نامى بولمىسىمۇ ئىگىسھىنىڭ ئېتى بىلەن ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كىتىۋىرەتتى. خېرىدارلىرىمۇ شۇنىڭغا كۆنۈك ئىدى. ھازىر ماركا، نام قوغلىشىپ خېرىدار بولىدىغان ھالەت ئۇمۇميۈزلۈك شەكىللەندى. شوڭا مۇشۇنداق زۈرۈرىيەت ئاستىدا ئاچقان دۇكان- سارايلارغا ، ئىشلەپچىقارغان تاۋارلارغا، ئېتىزدىن چىققان يەرلىك مەھسۇلاتلارغا، ئېغىلدا تۇغۇلغان جاندا- چارىپايلارغا قەدەر بىرەر ماركا ئويلىشىش ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ. چۈنكى <<زامانغا باققان دانىشمەندۇر>> دېگەن بىر ھېكمەتمۇ بار ئەمەسمۇ. ياشاشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن رىقابەت جېڭىدە ھەممە ئادەم ئۆزىگە پىششىق بۇلىشى كېرەك. ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا مەسئۇل بۇلۇش ئۈچۈن ھەر كىم ئۆزىگە يارىشا چېچەنلىك كۆرسەتمىسە ،دەۋر، تۇرمۇش بېسىمى ئۇنىڭ ھالىنى باشقىچە قىلىپ قويىدۇ. شوڭا ھازىرقى دەۋر كىشىلىرى بىلىش نوقتىسىدىن بولسۇن ياكى ئېقىمىغا ئەگىشىش خاھىشىدىن بولسۇن، تۈرلۈك- تۈمەن يېڭىلىقلارنىڭ ، تەرەققىيات ھادىسىلىرىنىڭ ئېتەك- پەشلىرىگە مەھكەم ئېسىلىپ، ھايات ھەلەكچىلىكىنىڭ توسقۇنسىز ئېقىنىدا پىرقىراپ يۈرۈشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىزنىڭ يېڭىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان ماركا مەدەنىيىتىمىزدە بىر قىسىم بازار قوغلىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان نامۇۋاپىق ماركىلىرىمىز ئىستىمال تۇرمۇشىمىزدا سىغدىلىپ يۈرۈيدۇ.
مەن مۇشۇ قۇرلارنى يىزىۋاتقىنىمدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئۇقۇۋاتقان ئوغلۇم بىلەن ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق سۆھبەتنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. تېلىۋىزۇردا <<سۇجۇپ ئابىھاياتلىرى>> نى ماختاۋاتاتتى. ئوغلۇم تۇيۇقسىز سوراپ قالدى.
-ئاتا، ئابىھايات دېگەن نېمە؟
مەن ئوغلۇمغا بىر قارىۋېتىپ چۈشەندۈردۈدم.
- ئابىھايات دېگىنىمىز ھاياتلىق بەخش ئەتكۈچى سۇ دېگەن گەپ.
-سۇجۇپ دېگەنچۇ؟
مەن دەماللىققا نېمىدەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. مەن شۇ كەمگىچە ئوغلۇمغا سۇجۇپ ھەققىدە چۈشەنچە بەرمىگەن ئىكەنمەن. ئەسلىدە سۇجۇپنىڭ يۇرتىدا تۇغۇلغانلىقىم ئۈچۈن بالا- چاقىلىرىمغا سۇجۇپقا ئوخشاش يۇرتىمىزدىن چىققان ئالىم- ئۆلىمالىرىمىزنى بىلدۈرۈپ قۇيۇشۇم كېرەك ئىدى. بىراق مەن ئوغلۇمنى كىچىك دەپ قاراپ قالدىممۇ قانداق، ئۇنىغڭا ئەجدات تەربىيىسى، ئەنئەنە تەربىيىسى بىرىشكە سەل قارىغانلىقىمدىن تولىمۇ ئۈكۈندۈدم. شۇنداقتىمۇ مەن ئوغلۇمغا قىسقىلا قىلىپ مۇنداق دىدىم.
-سۇجۇپ دېگەن بۇ كىشى يۇرتىمىز كۇچادا ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ ئادەم.
ئوغلۇم يەنە سوراپ قالدى:
- ئاتا بوتولكىدىكى ھاراق ئىكەنغۇ ؟
- شۇنداق، ھاراق ئۇ بالام.
- ئاتا، سۇجۇپ دېگەن ئۇ ئۇلۇغ ئادەم ھاراقكەشمىتى؟
مەن ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم . ئەمدى ئوغلۇمغا بىر قانچە ئېغىز گەپ بىلەن بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايتى.
مەن ئويلاپ قالدىم، سۇجۇپ زادى كىم؟! سۇجۇپ بىلەن ھاراقنىڭ زادى قانداق باغلىنىشى بار؟! سۇجۇپ مىلادىي 6- ئەسىردە ھازىرقى كۇچادا تۇغۇلغان بۈيۈك مۇزىكا ئۇستازى بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان مۇزىكىلىرى ئوتتۇرا ئىقلىمغا، ھىندى، ئەرەپ، پارىس مۇزىكا مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، ئويغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ تارىخىدىكى ئىپتىخارلىق نامايەندە، ئۇلۇغ ئالىم ئىدى. بىز قانداقىسىگە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نامىنى ئالدىراپ تىلغا ئېلىشقىمۇ ئادەم ئەيمىنىدىغان ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى ھاراق- شارابقا ماركا قىلىپ تاللىدۇق؟! بۇنىڭدىكى زۆرۈرىيەت نەدە ؟!
بۇ يەردە يەنە بىر مىسالنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
شاھ مەشرەپ تىلاۋەت قىلغان كوچا،
ئۇغۇزخان ماركىلىق ھاراق سېتىلغان.
بولغاچقا ئېتىقاد سىيىت نوچىدا،
راۋاپنىڭ تارىدا چوغلۇق ئېچىلغان.
دۇرۇس، بىر مەزگىل بەزمە- سۇرۇنلاردا <<ئۇغۇزخان>> ماركىلىق ھاراق ئىچىلىپ، كىشىلەر مەست- ئەلەس يۈرۈشتى. <<ئۇغۇزخان>>نى ئىچكەن نۇرغۇن ئادەملەر ئادەم قىلمايدىغان قىلىقلارنى قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يۇندا ئازگاللىرىدا يېتىپ قېلىشتى. ئۇنداقتا، بىزنىڭ روھىي تىرىكىمىز بۇلۇپ كىلىۋاتقان ئۇغۇزخان كىم ؟ بۇ مۇبارەك ئۇلۇغ نامنىڭ ئارقا كۈرۈنۈشى، مەنبىئى ھەققىدە دىلى رۆشەن، پاكىز ۋۇجۇد ئىگىسى ئۆزى ئويلاپ كۆرسۇن. تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سەمىدە بولسا كېرەك. بىر چاغلاردا <<ئىپارخان>> ماركىلىق تاماكا پەيدا بۇلۇپ قالغان ئىدى. تىلغا ئېلىپ كەلسەك ھىسياتىمىز، مىللىي پىسخىك تۇيغۇمىز كۆتىرەلمەيدىغان ئەنە شۇنداق ماركىلاردىن خېلى كۆپلىرىنى ساناشقا بۇلىدۇ. بىز نېمە مەخسەتتە كىشىلەرنىڭ روھىنى زەھەرلەيدىغان ، زەئىپلەشتۈرىدىغان ماللارغا، ئىنسانلارنىڭ روھىي نىجادىيەت ئالىمىگە، ئاڭ، تەسەۋۋۇر ئىقبالىغا يىتەكلىگەن بۈيۈكلەرنىڭ نامىنى ماركا ئورنىدا ئىشلىتىشنى راۋا كۆردۇق؟ ئەگەر رىئاللىق يەنىلا شۇ بۇيىچە بۇلىۋەرسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە <<يۈسۈپ خاس ھاجىپ>>،<< مەھمۇت قەشقىرى>>،<<زوردۇن سابىر>> ماركىلىق تاماكا، ھاراقلارمۇ ئىشلىنىپ قالارمۇ ؟ ! بىزدىكى ئادىمىيلىك پىرىنسىپ، مىللىي مەسئۇلىيەت شۇ دەرىجىدە سۇسلاپ كەتتىمۇ ؟! پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشنىڭ ئالدى- ئارقىسىنى ئويلاشمايلا ئۆزىمىزنى بازارغا سالساق غۇرۇر، ئىپتىخار تۇيغۇمىزغا دەز يۈرۈپ كەتمەمدۇ ؟! بىز پۇلنىمۇ تاپايلى، بىراق ئۇنى ئۆزىمىزنى سېتىش، شەرمى- ساز قىلىش بەدىلىگە ئەمەس، ئىنساننى قەدىر- قىممىتىمىزنى ساقلىغان ئاساستا، يۈز ئابرۇيىمىز بىلەن تاپايلى. تاپقان پۇلىمىز بىزگە شات- خوراملىق، كۈڭۈل ئازادىلىكى ئېلىپ كەلسۇن. ئاشۇ پۇللىرىمىزنى يەنە جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى ، يىتىملار ئاتىسى نۇرتاي ھاجىمدەك ئۇلۇغ ئىشلارغا سەرپ ئىتەيلى. ئەگەرقۇلىمىزدىن كەلسە  ئەللامە، ئۇستازلىرىمىز ھەققىدە داستان، كىتاپلارنى يىزىپ قالدۇرايلى . ئەۋلادلىرىمىز ئىچىپ، چىكىپ ئەمەس، ئۇقۇپ، ئانالىز قىلىپ ھۇزۇرلانسۇن، ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەن قىياسى ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى گۈزەللىك نۇرى بىلەن ئاۋۇندۇرسۇن. بىز ياراتقان ماركىلار بىزنى بىزار قىلىدىغان ، ئازاپلايدىغان ئەمەس، بەلكى بىزگە ھاياتى كۈچ بېغىشلايدىغان ، بىزگە ئەقىل ئۆگىتەلەيدىغان بولسۇن. بىزدە ئەنە شۇنداق خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۇرۇن ئالغان گۈزەل ماركىلار بارمۇ دېگەندە، بەرھەقكى بار. مەسلەن : <<ئارمان>>، <<ئامىنە>>، <<ئىخلاس>>، <<رۇسلان>>، <<ئەجرىم>>، <<تەكلىماكان>>،<<كىرورەن>>، <<ئەلقۇت>>، <<پاكنۇر>> دېگەندەك نۇرغۇن ئېسىل ، يېقىشلىق ماركىلار بار. بۇلۇپمۇ بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى داڭلىق ماركا <<ئارمان>> بىزنىڭ قەلب ئالىمىمىزدە ئاجايىپ زىلزىلە پەيدا قىلدى. كىشىلەر چوڭىدىن كىچىكىگىچە بۇ قۇۋۋەت تالقىنىنى ئىچىپ شاتلانسا، ئۇنىڭ <<ئارمان>> دېگەن ئىسمىدىن ئۆزلىرىدىن ئارزۇ- ئارمانلىرى ھەققىدە خىيال سۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. <<ئارمان>> ناملىق بۇ ماركا ئۆزىنىڭ سىھرى كۈچى ئارقىلىق ئادەملەرنى ، جەمىيەتنى تەربىيلەش، بىر گۈزەل ئىستەككە يىتەكلەش رۇلىنى ئوينىدى.
تاۋارلارنىڭ ماركىسى گەرچە كارخانىچى- تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە قۇيۇلسىمۇ، لىكىن ئۇ جەمىيەتكە چىققاندىن كىيىن كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئارلىشىدۇ، ھاياتىمىزنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى بۇلۇپ قالىدۇ. شوڭا ئىجاد قىلغان ماركىلىرىمىزنىڭ سالاھىيىتى جەمىيەت ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. بۇ ھەقتە مۇكەممەل قانۇن- تۈزۈملەرمۇ بار. مۇناسىۋەتلىك قانۇن تارماقلار ماركا ئىجادىيىتىنى نازارەت قىلىدۇ، ھەم ماركا ھۇقۇقىنى قوغدايدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا بىزنىڭ ماركا مەدەنىيىتىمىز ساغلام، توغرا لىنيە بۇيىچە تەرەققى قىلىشى كېرەك. ھەر بىر ماركىنىڭ بارلىققا كەلگەندىن كىيىنكى جەمىيەتكە بىرىدىغان تەسىرىنى ئوبدان ئويلىشىش، كىشىلەرنى مۇئەييەن دەرىجىدە رازى قىلىش، تەربىيلەش قىممىتىنىڭ بار- يوقلىقى بىلەنمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ھىساپلىشىش كېرەك. ماركا ئوغىرلايدىغان، ماركا ھۇقۇقىغا ساختىپەزلىك قىلىدىغان ، سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارغا داڭلىق ماركىلارنى سۈيئىستىمال قىلىپ ، كىشىلەرنى ئالدايدىغان سودا، تىجارەت ئەخلاقىغا يات ئىشلارنى ھەر بىر پۇخرا نازارەت قىلىش كېرەك. ماركا، تاۋار ئىگىلىرى تېخىمۇ پەخەس بۇلۇشى كېرەك. چۈنكى بىزنىڭ ماركىلىرىمىز بىزنىڭ خوشاللىقىمىز، تۇرمۇش پاراۋانلىقىمىزنىڭ تۈپ بەلگىسى. جەمىيەت ئالدىدىكى ،دۇنيا ئەللىرى ئالدىدىكى ئابروي، ئىناۋىتىمىز . مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا ھەر بىر ماركا دۇنياغا كىلىشتىن بۇرۇن ئىجات قىلغۇچىنىڭ، تاۋار ئىگىسىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق، بىراق بىر يېڭى ماركا جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىنلا يەنە ئۇ ئۇمۇمى خەلىققىمۇ تەۋە بۇلىدۇ، يىغىپ ئېيتقاندا ھەر بىر ماركا ئاخىرقى ھىساپتا خەلقنىڭ ماركىسى، خەلقنىڭ بايلىقى بۇلۇپ قالىدۇ. جەمىيەت ئەزالىرى ۋە خەلقىمىز ئۆز ماركىلىرىنى قوغدايدۇ، ھەم ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىدۇ. بىر ماركىدىكى بىر جۈملە سۆز ، بىر تال ئىسىم ئۆز نۆۋىتىدە كىشىلەرگە بىر توم كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى بىرەلەيدۇ. كىشىلەر ئاشۇ ماركىلارنى ھەر قاچان ئۇقۇپ كۆرىدۇ. ئىسىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇنى بەزى ئىشلىرىغا ئەنداز قىلىدۇ. شۇ سەۋەپلىك ماركىمۇ مەھسۇلاتقا چۇشلۇق بۇلىشى، ئىشلەپچىقارغان تاۋار، مەھسۇلاتلىرىمىز سۈپەتسىزلىكى بىلەن ماركىنى ئۆلتۈرۈپ قويماسلىقى، ماركىلىرىمىزمۇ ئىسىل مەھسۇلاتلىرىمىزنى نابۇت قىلىپ قويماسلىقى كېرەك. چوڭ- كىچىك تىجارەت سۇرۇنلىرى، تۈرلۈك- تۈمەن تاۋارلار مۇناسىپ بولغان ماركا ئىچىدە يۈز تاپىدۇ ھەم چاقناپ تۇرىدۇ.
ئىشىنىمىزكى، تىجارەتچىلىرىمىز، كارخانىچىلىرىمىز قەدىمى يىپەك يۇلى ئېقىنىدا سودا، تىجارەتنىڭ ئىنقىلاب خاراكتىرلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە شۆھرەتلىك ماركىلارنى كۆپلەپ روياپقا ئەچىقالايدۇ. ئىستىمال ساپلىقىغا، سۈپەت ساپلىقىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان بۇلىدۇ. ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنيانى خانىۋەيران قىلىۋىتەلەيدىغانلىقىنى سودىگەرلىرىمىز چۇقۇم چۈشىنىپ يىتىدۇ. بىز ئىستىمالچىلار كىچىك بالىغا ئوخشايمىز، تىجارەتچىلەر نىمە بەرسە شۇنى لازىم قىلىمىز، شوڭا بىزنىڭ تىجارەت سۇرۇنىمىز <<قاراڭغۇ بازار>> ئەمەس بەلكى، ۋىجدان قۇياشى نۇر چېچىپ تۇرغان ئاۋات رەستە بۇلىشى كېرەك. بىزنىڭ ماركىلىرىمىز ئەشۇ رەستە، بازارلىرىمىزدا گۈزەل ئوبرازى بىلەن مەڭگۈ جەۋلان قىلىپ تۇرسۇن. دۇنيا ئەللىرى بىزنىڭ ماركىلىرىمىزغا مەپتۇن بولسۇن، كۇللى ئىنسان ئۇنىڭ خېرىدارى بولسۇن، ماركىلىرىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز!
[ 此贴被turkinaz在2008-10-14 17:16重新编辑 ]
تېما تەستىقلىغۇچى : turkinaz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-10-14, 09:19
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ياخشى ماقالە
  • شۆھرەت:+10(kuxbeg526) ياخشى ماقالە
  • «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-14 04:44 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    ئاھۇ
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29693
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 298
    شۆھرەت: 318 نۇمۇر
    پۇل: 48 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 558(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    ياخشى ماقالىكەن.سودا-سانائەت ئورۇنلىرى شىنجاڭنىڭ يەرلىك مىللى ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن بۇ ھەقتە بىر قانۇن-تۈزۈم چىقارسا بولغىدەك.دىمىسىمۇ قالايمىقان قوللىنىلغان ماركىلاي كۆپىيىپ كەتتى.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 05:54 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    001zero
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29842
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    شۆھرەت: 8 نۇمۇر
    پۇل: 124 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-14

     

    راس زادى مۇشۇ ماركىغا دىقەت قىلىش كېرەك
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 07:16 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    amarjanapiz
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 29227
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 79
    شۆھرەت: 79 نۇمۇر
    پۇل: 337 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 94(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    راسىت ،ھازىر ماركا _پۇل بۇلۇپ قالدى.يەككە تىجارەتچىلەر ئەڭ ئاۋۋال ئادىمىيلىكىنى ۋە سەممىي ئىشەنچىلكنى ئۆزىگە پىرنسىپ قىلغان ئاساستا تىجارەت قىلىغىنى تۈزۈك.ھازىرىغۇ بۇنداق تىجارەتچلەر ئازلاپ كېتىپ باردۇ.
    ئاپتۇر بۇ يېڭچە يولغا يېڭچە پىكر يولى بىلەن كىرىپ كەپتۇ،پىكىرلىرى ئورۇنلۇق ئىكەن .مۇشۇنداق تىملارنى كۆپىرەك يوللاپ تۇرغايسىز،ئامان بۇلۇڭ.
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 07:20 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    ~naz~
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 31081
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 50
    شۆھرەت: 50 نۇمۇر
    پۇل: 250 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24

     

    ماركىلار بەك كۆپكەنغۇ ھازىر ،تىلېۋۇزۇرنى ئاچسىلا شۇنىڭ گىپى........بۇغۇ ياخشى ئەھۋال ئەمما بەزى ماركىلار بەكلا كۇلكىلىك،ئۆز مەھسۇلاتىغا ماس كەلمەيدۇ......
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 07:55 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    amat007
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30195
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    راس  دەيسىلە  بەزى  ماركىلار ھەقىقەتەن ماس  كەلمىگەن  مەسىلەن  ھاراقلارغا  نەۋرۇز، قەشقەر ، مەشرەپ دەپ  قالايمىقان ماركىلارنى قوللىنىۋىردىكەن  مىنىڭچە ماركا ئەنگە ئالدۇردىغان  ئورۇنلارنىڭ  بۇنىڭغا  سەل  قارىغانلىقىغا   مەن  ھەيران  ياكى  ئۇيەرلەردە  ئۇيغۇر  يوقتىكىدەك
    ماركىلار ھازىر  بەكلا  كۆپۈيۈپ  كەتتى  ئۇنىڭغا  ئەگىشىپ  دۇكانغا ماس كەلمەيدىغان  مەھسۇلاتلىغا  ماس  كەلمەيدىغان ماركىلارمۇ  ئاز  ئەمەس
    ماركا باشقۇرۇش ئورۇنلىرى  خىزمەتنى  ناھايىتى  بىجىرىم  ئىشلەيدىغان  ئوخشايدۇ شۇنىڭغا  قارىغاندا
    بۇنىڭغا  سەل  قارىساق  بولمايدۇ  جىمۇ؟  ئەتە  ئۆگۈن  مىللىتىمىزنىڭ  نامىنىمۇ  پۇلغا ساتمايلى  ئەمدى؟؟!!!!!!!
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 08:23 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    hoxqakqak
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19426
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1197
    شۆھرەت: 1092 نۇمۇر
    پۇل: 3275 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    رەھمەت
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ?????????
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 08:46 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    barquk8
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29067
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 165
    شۆھرەت: 165 نۇمۇر
    پۇل: 693 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 126(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

     

    Quote:
    引用第5楼amat007于2008-10-14 20:23发表的  :
    راس  دەيسىلە  بەزى  ماركىلار ھەقىقەتەن ماس  كەلمىگەن  مەسىلەن  ھاراقلارغا  نەۋرۇز، قەشقەر ، مەشرەپ دەپ  قالايمىقان ماركىلارنى قوللىنىۋىردىكەن  مىنىڭچە ماركا ئەنگە ئالدۇردىغان  ئورۇنلارنىڭ  بۇنىڭغا  سەل  قارىغانلىقىغا   مەن  ھەيران  ياكى  ئۇيەرلەردە  ئۇيغۇر  يوقتىكىدەك
    ماركىلار ھازىر  بەكلا  كۆپۈيۈپ  كەتتى  ئۇنىڭغا  ئەگىشىپ  دۇكانغا ماس كەلمەيدىغان  مەھسۇلاتلىغا  ماس  كەلمەيدىغان ماركىلارمۇ  ئاز  ئەمەس
    ماركا باشقۇرۇش ئورۇنلىرى  خىزمەتنى  ناھايىتى  بىجىرىم  ئىشلەيدىغان  ئوخشايدۇ شۇنىڭغا  قارىغاندا
    بۇنىڭغا  سەل  قارىساق  بولمايدۇ  جىمۇ؟  ئەتە  ئۆگۈن  مىللىتىمىزنىڭ  نامىنىمۇ  پۇلغا ساتمايلى  ئەمدى؟؟!!!!!!!


    بۇ تورداشنىڭ پىكىرى تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق بوپتۇ
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 10:14 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    almaliq
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 2525
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 86
    شۆھرەت: 65 نۇمۇر
    پۇل: 298 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

          ماركا مەدەنىيىتى دېگەنگە كەلسەك، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ئۇيغۇر تاۋار ۋە مۇلازىمەت ماركىلىرىدا مەدەنىيەت تېخى شەكىللەنمىدى. ماركىغا بولغان تونۇش ھېسسىي بىلىش دائىرىسىدا توختاپ قېلىپ، كەسپىي بىلىم دائىرىسگە كۆتۈرۈلمىگەن مۇشۇنداق پەيتتە يۇقىرىقىدەك بىر تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى پۇرىتىپ ئۆتۈشى يالغۇز كارخانىچى ۋە سودىگەر، تىجارەتچىلەرگىلا ئەمەس، بارلىق ئۇيغۇر ئىستېمالچىلىرىغا ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ قالغان.
          ماركا دېگەن نېمە؟ دېگەن بۇ سوئالغا توردىن پايدىلىنىپ (بىرمۇ-بىر ئىزدەش تورى، بىلگ ئىزدەش تورى)جاۋاب ئىزدەپ باققىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك قۇرلار كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ:  
    ___________________________________________________
    تاۋار ماركىىسى دېگەن نېمە؟جاۋاپ: تاۋار ماركىىسى دېگىنىمىز،تاۋار ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى بىرەر كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنى باشقا كارخانىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقان تاۋاردىن پەرقلەندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بىر تۈرلۈك مەخسۇس بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.ئەڭ كۆپ تاۋار ماركىسى يېزىق،شەكىل ياكى يېزىق بىلەن شەكىلنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا تاۋار ماركىسىنىڭ بەزىلىرى تاق سۆزدىن،ھەرپتىن،رەقەمدىن،شەكىلدىن،بەلگىدىن، ئىمزادىن،رەڭدىن،گىرەلەشتۈرۈلگەن ھەرىپتىن ۋە ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەركىب تاپىدۇ. (مەنبە:شىنجاڭ چەۋەنداز ماركا ئىشلىرىhttp://www.qavandaz.com.cn/uyghur/m_bilim/ArticleShow.asp?ArticleID=18)
    ___________________________________________________
    تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن تاۋار ماركىسى قانۇنى توغرىسىدا مۇلاھىزە (تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئادرېستا:http://www.bilqut.com/bbs/read.php?tid=5609&page=e&fpage=2&skinco=black)
    __________________________________________________
    ماركا بازاردىكى بايراق (تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئادرېستا: http://okya.cn/news.asp?id=208)
    ___________________________________________________
    شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىلىرى (http://okya.cn/xjmark.asp)
    ________________________________________________
    ماركا قىلىشقا بولىدىغان نادىر ئىسىملار (http://okya.cn/news.asp?id=284)
    _____________________________________
    توردا ماركا تەكشۈرۈش (http://202.108.90.72/trade/index.jsp)
    __________________________________________
    ..............................
    [ 此贴被almaliq在2008-10-14 23:16重新编辑 ]
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 10:55 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    almaliq
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 2525
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 86
    شۆھرەت: 65 نۇمۇر
    پۇل: 298 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ئۇيغۇر ئىزدەش تورلىرىدىكى يۇقىرىقى ماركىغا بېرىلگەن ھەرخىل جاۋاب، ئېنىقلىما، تەبىرلەر بولسۇن ياكى باشقىچە چۈشەنچىلەر بولسۇن، مۇتلەق كۆپچىلىكى ماركا دېگەن بۇ سۆزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ [تاۋار ماركىسى قانۇنى商标法]نى چۆرىدىگەن ئاساستىكى يەشمىسى، چۈشەندۈرۈلۈشى. ئەمما، يۇقىرىدىكى تېمىدا ئاساسلىق تەھلىل قىلىنغىنى تاۋار ياكى مۇلازىمەت ماركىسى(商标)بولماستىن، بەلكى يەنە بىر تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئۇقۇم (品牌) ماركا ئۇقۇمىدۇر.
    پاي چىكى تورى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 11:23 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    almaliq
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 2525
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 86
    شۆھرەت: 65 نۇمۇر
    پۇل: 298 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ماركىنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىگە نوقۇللا ئۇنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىلىشى ۋە ھەرخىل تۈزۈم-تەرتىپلەر بويىچە تىزىمگە، رويخەتكە ئېلىنىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە، ماركىنىڭ بۇنداق قانۇنىي جەھەتتىكى قوغدىلىشى ئۇنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرسى. بۇنى ئىنكار قىلمايمىز. ئەمما ھازىرقى ۋاقىتتا كارخانىچى، سودىگەر، تىجارەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ماركا ئىشلىتىش، ماركىدىن پايدىلىنىش، ئاخىرىدا ئۇنى مەدەنىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش چۈشەنچىسى بەكلا يۈزەكى، بەكلا ئاددىيمىكىن دەپ قالىدۇ كىشى. بۇنىڭغا كىم سەۋەبچى دەپ تالاشساق، مەسئۇلىيەتنى بىرلا تەرەپكە ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 11:34 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    oguzogly
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29308
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 207
    شۆھرەت: 207 نۇمۇر
    پۇل: 770 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1603(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    خلى ئەھمىيتى بار ماقالىكەن.............رەخمەت.........
    ھازىرقى شارائىتتا ماركا تۇنۇشمىزنى تىخمۇ ئۇستۇرۇشكە توغرا كىلدۇ...
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-15 01:43 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    orkixi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10424
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 609
    شۆھرەت: 277 نۇمۇر
    پۇل: 1410 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-10

     

    ماقالىنى ناھايىتى تەستە ئوقۇپ تۈگەتتىم . ماقالىنى ۇرغان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن . ئەھمىيەتلىك تېمىكەن . دىمىسىمۇ  ماركا ، ۋىۋېسكىلارنى قېلىپلاشتۇرۇدىغان  بىرەر ئورگان يوقمىدۇ . بەزى ماركا ، ۋۋىۋېسكىلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ بىر تۇرۇپ كۈلگىسى ، بىر تۇرۇپ ئاچچىقى كىلىدۇ .  
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-15 02:49 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    alimdar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30618
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 41
    شۆھرەت: 41 نۇمۇر
    پۇل: 237 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-28

     

    مانا بۇ ھازېرقى ،تۇزتۇشكە،تىگىشلىك،مەسىلە.ئويلۇنۇشقا،تىگىشلىك،ئىشلار.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-15 03:36 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    almaliq
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 2525
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 86
    شۆھرەت: 65 نۇمۇر
    پۇل: 298 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

        <ماركا> سۆزى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ۋېسكى ھارىقى قاچىلىنىدىغان ياغاچ تۇڭلارنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قويۇلغان بەلگىلەردىن كەلگەن. <ئوگلىۋېي> باش ھۆكۈماسى دېيۋېد ئوگلىۋېي (ئېلان-ماركېتىڭ ساھەسىدىكى دۇنياۋى داڭلىق كارخانا قۇرغۇچىسى، كارخانا نامى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ، يېرىم ئەسىرلىك تەرەققىياتتىن كېيىن ھازىرقى خەلقئارالىق ئېلان شىركىتىگە ئايلانغان)نىڭ ماركىغا بەرگەن ئېنىقلىمىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: ماركا مۇرەككەپ سىمۋوللۇققا ئىگە، ئۇ خاراكتېر، ئىسىم-نام، باھا، تارىخي ئارقا كۆرۈنۈش، ئىناۋەت، ئېلان ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنىڭ كۆرۈنمەس بىرىكمىسى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماركا ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتى ۋە تەجرىبىلىرى بىلەن بەلگىلىنىپ تۇرىدۇ. ماركا مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنى مۇنداق تۆت تەرەپتىن بىلىش كېرەك: 1. ماركا پەرقلەندۈرۈش، ئايرىش ئىقتىدارىغا ئىگە؛ 2. ماركا ئۇچۇر توپلاش، ئالاقىلىشىش بەلگىسى؛ 3. ماركا بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە يەنى ۋەدە بېرىش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر؛ 4. ماركا كۆرۈنمەس قىممەتكە ئىگە بولۇش بىلەن قىممەت ئىقتىدارىغا ئىگە.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-15 05:59 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.055811(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 10:47
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号