چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2345» Pages: ( 1/21 total )
بۇ تېما 66797 قېتىم كۆرۈلدى
marwary
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23531
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 150
شۆھرەت: 182 نۇمۇر
پۇل: 670 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 368(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 مەن خەقنىڭ  كىچىك خوتۇنى!~~~~

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
本帖被 gvzal3.8 执行置顶操作(2008-10-19)
   مەن  توي قىلدىم.  ئەل_جامائەت ئالدىدا،ئۇرۇق_تۇغقان ،دوست_دۇشمەن ئالدىدا ھەممىنى ھاڭ_تاڭ قالدۇرغىدەك داغىدۇغىلىق توي قىلدىم. ھەقىقەتەن ئاتا_ئانامنى خۇشال قىلالىغۇدەك ھەم قول_ئىلكىدە بار ھەم ھەر قايسى دۆلەتلەردە يۈز_ئابرويى بار بىرى بىلەن توي قىلدىم.مەن توي قىلغاندا ئەمدى تېخى 24ياشقا ،يولدىشىم بولسا 29 ياشقا كىرگەنىدى.
   گەپنى قەيەردىن باشلىسام بولار،يەنىلا شۇ يولدىشىم بىلەن تونۇشۇپ قېلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى ئىشلاردىن باشلاي.
    مەن ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردىم،ھەم كەسپىم چەت تىلى بولغاچقا ئوقۇش پۈتتۈرمەي تۇرۇپ يەرمەنكىلەرگە قاتناشتىم . دۆلەتنىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك  نۇرغۇن يىغىنلارغا قاتنىشىپ تەرجىمانلىق قىلىپ  ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرالىدىم.چەت دۆلەتلەردىنمۇ نۇرغۇن خېرىدارلىرىم بار بولدى.ئوقۇش پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا ئۆزۈمنىڭ ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالالايدىغان بولدۇم.ئۆيۈمدىكىلەرگىمۇ تۇرمۇش پۇلى دېمەيدىغان بولدۇم.لېكىن چوڭ خەجلەپ بەتخەجلىك قىلمىدىم.تاپقان پۇلۇم يۈز يۈەن بولسىمۇ مىڭ يۈەن بولسىمۇ ئۇدۇل ئەكىلىپ دادامغا تاپشۇردۇم.چۈنكى دادامنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىدى. مۇقىم خىزمىتى يوق بولغاچقا كېسەل بولۇپ يېتىپلا ئۆيىمزنىڭ بىردىنبىر ئىقتىسادى كىرىمى يوقالدى.ئىقتىسادى جەھەتتىن چوڭ كىرزىسقا دۇچ كەلگەن ئىدۇق.ھېلىمۇ ئۇرۇق_تۇغقانلارنىڭ ياردىمىدە دادامنى تۆت قېتىم خىمىيىۋى داۋالاش قىلدۇق.ئۆپكە راك دېگەن بۇ كېسەلنى ئەڭ باشتا ئاڭلىغىنىمىزدا ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇلۇپ،بىر ئائىلەكىشىلىرى چوڭ غەمگە پاتقان ئىدۇق.ئۇنىڭغا قۇشۇلۇپ دادامنىڭ بىردىنلا چۈشكۈنلىشىپ كېتىشى بىزگە تېخىمۇ چوڭ بىسىم ئېلىپ كەلدى.
   مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان يىلى مەلۇم دۆلەتتىن خېرىدارلىرىم كەلدى.سودىگەرلەر ئەمەس بەلكى ھۆكىمەتنىڭ خېلى چوڭ ئەمەلدارلىرى ئىدى.مەن ئۇلار بىلەن نۇرغۇنلىغان يىغىنلارغا  باردىم.جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان سودا توختامى بولامدۇ ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولامدۇ، ئىشقىلىپ ئېغىزنى ئېچىپ گەپ قىلىشقا توغرا كەلگەن سورۇننىڭ ھەممىسىدە مەن بىللە ئىدىم.چۈنكى بىر_بىرىنىڭ گېىپىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، گەپ قىلىشماي قول ئىشارىتى قىلىپ تۇرۇپ ھېچقانداق ئىش ھەل بولمايتتى.
   شۇ قېتىم كەلگىنىدە ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىنى بېزەش ئۈچۈن نۇرغۇن ماتىرىيال ئالدى. ھۆكىمەتنىڭ پۇلىنى يەپ ئۆزىنى چىڭىتىدىغانلار ھەممىلا يەردە بار ئوخشىمامدۇ؟بۇمۇ ياخشى بولدى،ماڭا پايدا بولىدىغان بولدى.ئەسلىدە بىر كۈندە بىرەر_ئىككى يىغىنغا بىللە بېرىپ،يىغىن باشلانغاندا ئادەملىرىمنىڭ ئىسمىنى،سالاھىتىنى بىرەرقۇر تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتسەم، نېمە دېسە شۇنى قارشى تەرپكە تەرجىمە قىلىپ بەرسەملا ماڭا يۈز دوللار تېگەتتى.بىراق شۇ قېتىم ئۇلار ئۆي بېزەيدىغان جابدۇق ئالغاچقا،مېنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى.ھە،خېرىدار يېتىلەيدىغانلارنى  نېمانداق بىر كېچىدىلار باي بولۇپ كېتىدىغاندۇ دېسەم ئەسلى ئىش مۇنداقكەندە!؟ مەن بۇلار بىلەن تومۇز ئىسسىقتا ۋە قەھرىتان سوغوقلاردا توپ بازارلارنى چۆرگىلەپ يۈرمىگەچكە ،يىغىن ئاچىدىغان چوڭ زاللاردا ۋە يىغىندىن كېيىن زىياپەتلەردە بىللە بولۇپ جاپانىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي يۈرۈپتىكەنمەن. مانا ئەمدى ئېگىز پاشنىلىق ئاياق بىلەن نەچچە سائەت بازار چۆرگىلەپ  جۇلۇقۇم چىقىپ كېتەي دېدى. ئىسىت!بۇنداق جاپا تارتىپ يۈرگىچە سىڭگەن نېنىمنى يەپ كۈنۈمگە يۈز دوللار خەجلەپ ئۆتسەمچۇ!؟ بىراق بەرداشلىق بەردىم.دادامنىڭ كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا يېتىشىگە ئەگىشىپ مەنمۇ ئۆيگە ئۈچ كۈندىلا   15مىڭ يۈەن ئەكىردىم.ئۆزۈمدىن _ئۆزۈم پەخىرلىنەتتىم.دەل شۇ مەزگىلدە دادام مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىللق ئوقۇش پۇلۇمنى بېرىمەن دەپ ئۆزىنىڭ داۋالىنىشىنى ئېلىپ بارمىغانىدى. مەن ئۆزۈم دادامنىڭ قولىدىن تۇتۇپ دوختۇرخانىغا يېتىلەپ ئاپاردىم. ئۇنىمىغىنىغا_ئۇنىماي ، ئوقۇش پۇلىڭىزنى تۆلەڭ قىزىم دېگىنىگە قارىماي يەنە بىر قېتىملىق خىمىيىۋىيلىك داۋالاش ئېلىپ بارغۇزدۇم.بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئۆز تۇرمۇشىنى قامدىمىقى ھەم تېخى ئۆيىدىكىلەرنىڭمۇ ھاجىتىدىن چىقالىشى تەس بولۇپلا قالماي ئۇنداق قىلىدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىدى.مەن شۇ قېتىمقى پۇلۇمنى بەكمۇ جايىدا ئىشلەتكەنىدىم.داداممۇ يىغلاپ كەتكەنىدى.چۈنكى كېسەل ئەھۋالىنى بىلگەندىكىن بېرى تولىمۇ يىغلاڭغۇ بولۇپ قالغان ئىدى.چوپچوڭ بىر ئەر كىشى_سىز كىچىگىڭىزدىن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان،سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئەڭ سالاپەتلىك،قەيسەر،تىك تۇرىدىغان مەزمۇت بىر دەرەخ لىڭشىپ كەتسە سىزنىڭ كۆڭلىڭىز يېرىم بولامدۇ بولمامدۇ؟ ئائىلە بويىچە مېنىڭ كۆڭلۈم ھەممىدىن بەك نازۇك بولغاچقا دادام كېسەل سەۋەبىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ بىر تامچە يېشىنى ئاققۇزۇپ بولغۇچە مەن ئېسەدەپ بولاتتىم.دادامغا ئۆزۈمنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسەم بولمايتتى. شۇڭا ئۆزۈمنىڭ ھوجرىسىغا، ۋە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ يىغلاپ_يىغلىۋېلىپ چىقاتتىم.
   شۇ ۋاقىتلار يەنە دەل مېنىڭ  ئىككى يىل يۈرگەن مۇھەببىتىمدىن ئايرىلىپ تولىمۇ ئازاپ چېكىۋاتقان ۋاقتىم بولۇپ بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ باي ئائىلە ئەمەسلىكىنى ھەم دادامنىڭ مۇقىم خىزمەت ئورنى يوقلىقىنى،ئۆزلىرىنىڭ كورلىلىق مېنىڭ ئۈرۈمچىلىك  بولغانلىقىم ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ  ئۆيىدىلەرنىڭ ئايرىۋەتكەن ھەم  ئۆزلىرىدەك بىر باينىڭ قىزىنى تونۇشتۇرۇپ قويغان ۋاقتى  ئىدى .مېنىڭ بۇ  ئەخمەق ئوغۇل دوستۇممۇ شۇ باي قىز بىلەن ئارىلىشىش ئۈچۈن مەن بىلەن ئايرىلىپ كېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۆزىچە ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمىگەن ۋاقىتلىرى ئىدى.ئۇنىڭ بۇ قارارى ماڭا راستلا بەك ئېغىر زەربە بولغانىدى.ئۇ شۇ قېتىملىق يازلىق تەتىلدە كورلىدەك يەرگە بېرىۋېلىپ شۇنچىۋالا ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى.<چۈنكى ئۇ ھەر تەتىلدە يۇرتىغا قايتاتتى،ئىككى ئاي كۆرۈشۈشمەي ،كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق دېگەندەك>قوڭىنى يۈزىگە چاپلاپلا  مەندىن يۈز ئۆرىگەنىدى .شۇ چاغلاردا خۇددى ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغاندەكلا تۈگىشىپ بىر تەتىلدىلا ئورۇقلاپ ئىش قىلىشمۇ،سىرتقا چىقىشمۇ خوشياقمايدىغان بولۇپ قالغانىدىم.بارا_بارا دوستلىرىم بىلەنمۇ ئىزدەشكۈم كەلمەيدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەنىدىم.
   مانا تەتىلمۇ توشتى، ئوقۇش باشلىدى،ئۇمۇ قايتىپ كەلدى،ئۇ قايتىپ كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن دەل مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن خېرىدارلىرىم تۇيۇقسىز يەرمەنكە باشلىنىدىكەن دەپ بىزنىڭ دۆلەتكە كەلگەن،ھەم قەيەرگە بارسا مېنى ئېلىۋېلىپ،مېنىڭ قاتتىق ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ۋاقتلىرىم ئىدى.كىشى ئالدىراش بولسا نۇرغۇنلىغان غەملىرى ئۇنتۇلىدىكەن.ئىسىت بالدۇرراق مۇشۇنداق مەشغۇل بولىدىغان ئىشتىن بىرنى تاپسامچۇ؟ئۇنى ئەسلەيدىغان ۋقىتلىرىمدا تەرجىمە قىلىدىغان ماتىرىياللار بىلەن ئالدىراش بولدۇم،ئۇنى كۆرگۈم كەلدى دەپ تەلۋىلەرچە ئىزدەيدىغان ۋاقىتلىرىمدا  بولسا يىغىنلاردا بولدۇم.ئۇ مەن ئۇرۇمچىگە قايتىپ كەلدىم كۆرۈشەيلى دېگەندە مەن خېرىدارلىرىم بىلەن بازار چۆگىلەپ مال سېتىۋالدۇق.قانداق؟ ئۇنى شۇنچىلىك زارىقىپ كۈتكەنىدىم،ئەمدى ئۇ يېنىمغا قايتىپ كەلدى،كۆرۈشەيلى دېگەندە مېنىڭ ۋاقتىم چىقمايۋاتقىنىنى دېسە؟! شۇنداقتىمۇ ئۇنى بىر كۆرۈش ئىستىكى مېنى قىستاۋاتاتتى.بەلكىم تەتىلدىكى ئۇقۇشماسلىقلار تۈگەپ بىر_بىرىمىزنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈشكەندىكىن كونا ئوتلار يەنە تۇتىشار دېگەن داۋخو ئۈمۇدۈمدىن غالىپ كېلەلمەي  ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش قارارىغا كەلدىم. ئاخىرى كۆرۈشتۇق،ئىككى سائەتتەك پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق.ئۇنى قايتا كۆرەلىگىنىمدىن خوشال بولساممۇ بىراق ئۇ كۆزۈمگە بەكلا سەت كۆرىنىۋاتاتتى. ئۆز_ئۆزۈمگە توۋا دېگۈم كېلەتتى. قېنى مېنىڭ كۈتكەن ئادىمىم؟ مەن بۇنداق بىرىنى كۈتمىگەنىدىمغۇ؟ ئۇ ئالدىمدا شۇنچىلىك ھاكاۋۇر ئىدى.ئۇ ھەقىقەتەن باشقا  بىر قىز بالا بىلەن ئارلىشىۋېتىپتۇ.ئۇنىڭ مەندىن باشقا بىر قىزبىلەن قولتۇقلىشىپ، كۈيۈنۈپ كېتىۋاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقتىم،شۇ ھامان كاللامنى قاتتىق سىلكىۋەتتىم. مەن بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەنمەن. ھەقىقەتەن ئۇ خىل مەنزىرىنى كۆرۈش ئەمەس خىيال قىلىشقىمۇ پېتىنالمىدىم،قەتتىيلا چىدىمىدىم. ئىچىمدە خەپ دېدىمدە، ئۇنىڭغا يارىشا مەنمۇ ھالىمنى تازا يوغان قىلدىم.مېنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىمنى نەچچە كۈندىن بېرى نېمىشقا ۋاقتىم چىقمىغانلىقىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ ئىچىنى تازا قىززىتتىم.ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ نەزىرىدە پۇل ھەممىدىن ئۈستۈن بولغاندىكىن،مېنىڭ قابىلىيىتىمگە قول قويۇپ قالسا پۇل تاپالايدىغىنىمنى كۆرۈپ ئىدىيىسى ئۆزگىرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ،  قىز بالىلىق ئىززىتىمنى قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭغا ئىشىمىزنىڭ يەنە مۇمكىنچىلىكى بار يوقلىقىنى سورىدىم.ئۇ ئاتا_ئانىسىنى باھانە قىلىپ تۇرىۋالدى.بۇ دېگەن بىر باھانە،ھەقىقىي ئىرادىسىي بار ئەركەك ھەرگىز ئايرىلىپ كەتمەيدۇ،ئايرىلىپ كەتسىمۇ بىردەمدىلا ئاتا_ئانىسى تونۇشتۇرۇپ قويغان قىز بالا بىلەن يۈرىۋالمايدۇ. ئۇنىڭدىن بەك سەسكىنىپ كەتتىم.
_بىز نەۋاق سېنىڭ ئىشىڭنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكىلى!(ئۇنىڭ بىز دېگىنى ھېلىقى قىز بىلەن ئۆزىنى دېمەكچى ئىدى)
   ۋاي قوۋغام!مەن ما ئۈچىنجى شەخسنى بىر تەرەپ قىلىۋەتمەكتە يوق ئۇ مېنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپتۇما؟بۇ گەپ ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتتى.مەن ئۇ بۇنچىلىك خارلايدىغان قىز بالا ئەمەس! پەقەت ئۇنىڭغا قىلغان ئەقىدەمنىڭ يەرگە ئۇرۇلغانلىقىغا  چىدىماي قالدىم.ئۇنىڭ بۇ گېپى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئەلەم ئېلىپ كەلدى. قانداق قىلىپ قولۇم تىگىپ كەتكىنىنى بىلمىدىم.ئۇنىڭ سول يۈزىگە بىر تەستەك سالدىم. شۇنچىلىك ھاكاۋۇر ئولتۇرغان بايۋەچچە بۇ تۇيۇقسىز بېرىلگەن زەربىدىن ھەقىقەتەن بەك چۆچۈپ كەتتى.ئۇنىڭ كۆزلىرى غەزەپكە تولدى.مېنى ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرۈپ بولۇپ توختاپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاچچىقتىن غەزەپكە تولغان بولسا مېنىڭ قان_يىرىڭغا تولغانىدى. توغۇلۇپ تا ھازىرغىچە ھېچكىمگە بۇنداق زومىگەرلىك قىلىپ باقمىغانىدىم،قول تەككۈزۈش تۇرماق تىلمۇ تەككۈزۈپ باقمىغانىدىم.ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە قاراپ،تۇرۇپ قالدى.چۈنكى بىر ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئاتا قىلغان كۆزلەر ئەمدىلىكتە بولسا نەپرەپ بېغىشلاۋاتاتتى.  تۇنجى قېتىم ئىللىق مۇھەببەت ئورنىغان يۈرەكلەردە ئەمدىلىكتە تومۇز ئىسسىقتىمۇ ئېرىمەيدىغان مۇز قاتقانىدى.ئۇ مېنى چوقۇم تەلۋىلەرچە ياقامغا ئېسىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمۇ ئىشقىلىپ قول ياندۇرمىدى. مەن بولسام ئاچچىقىمدىن قىزىرىپ ھاسىراپ كەتكەنىدىم. ئۇنىڭغا تەگكۈزگەن بىر شاپىلاق ناھايىتى جايىغا تەگدىمۇ قانداق ئۇرۇپ بولۇپ خېلى يىنىكلەپ قالغانىدىم.شۇنداق قىلىپ سۆھبىتىمىز ئاخىرلاشتى.ئۇ كەتتى.
   مەن بولسام چۈشتىن كېيىنلىك يىغىنغا تەييارلىق قىلدىم.پاكىزە ،رەتلىك .ھەم ئوقۇغۇچى سۈپەت كىيىنىپ ھەممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتىم.ئەمما يۈرىكىم ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت ۋە كۈچلۈك سېغىنىش،شۇنداقلا ھەسرەت ھەم ئۇنىڭغا ئارىلاش نەپرىتىم بىلەم تولغانىدى،كاللاممۇ جايىدا ئەمەس .يىغىندىن قايىتقاندا جوڭگو تەرەپ بىزگە چوڭ زىياپەت بەردى.بۇ قېتىمقى زىياپەتنىڭ  مېنىڭ تەغدىرىمنى پۈتۈلەي ئۆزگەرتىۋېتىدىغىنىنى ئويلىماپتىكەنمەن.
_ئىنگىلىز تىلىنى بەك راۋان ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز ،_تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ سۆزدىن يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالغانىدى.بۇ مىھمانلارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ مەن ئۇيغۇر تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان بىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن.ئۇ بولسا چەت دۆلەتتە چوڭ كارخانىسى بار  ھەم نەچچە شېركىتى بار ھەم ئۇنىڭدىن سىرتمۇ نۇرغۇن مەبلەغلىرى بار،ھەم چەتئەلدە تۇرۇشلۇق،بەلگىلىك يۈز ئابرويى بار بىر بالا بولۇپ، قارىماققا بىزدىن 3-4ياش چوڭ  بولۇپ،خېلى تۇنۇلغان بىر شەخىس ئىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى قەتئىي ھېس قىلماپتىكەنمەن.مېنىڭ ۋەزىپەم يىغىنغا تەرجىمانلىق قىلىش بولغاندىكىن يىغىندىن قايتىپلا ئۆز ئىشىم بىلەن بولۇپ،شەخسى تۇرمۇشنى پاراڭلىشىدىغان ۋاقىتمۇ يوق ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار بىلەن شەخسى پاراڭلىرىنى  قىلىشىدىغانغا رايىممۇ يوق ئىدى.


   تورداشلىرىم! داۋامى يېزىپلىپ بولدى! بەت ئاختۇرۇڭ! مەن داۋامىنى يېزىپ بولغىنى بىر ئايدىن ئاشتى.
[ بۇ يازما marwary تەرپىدىن2008-12-04 09:20 PMدە قاي ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-10-14, 05:38
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ئىجادىيەت
  • «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-14 01:34 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    kunkiz
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ...
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6096
    شۆھرەت: 3094 نۇمۇر
    پۇل: 98570 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 377(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    قارسام بۇ تىمنىڭ داۋامى پات تۈگەيدىغاندەك ئەمەس لېكىن  بەك قىزقىپ قالدىم  داۋامنى  تىزراق يېزىڭ . ئۇ قىز شۇ شىركەتلىرى بار  باي سودىگەرگە  كىچىك خوتۇن بولۇپ قالماس ھە ....؟ مەن  بالدۇر ھۆكۈم چىقارماي تۇراي ، پەرزىم بەلكىم خاتادۇ ، بۇ تىمىڭىز  بۇرۇن بىرسى يوللىغان تىمغا بەكمۇ ئوخشىشىپ كىتىدىكەن بەلكىم خاتا پەرەز قىلغاندىمەن ، تىمنىڭ داۋامنى كۆرۈپ ئاندىن بىر نىمە دەيلى قىنى ...............
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 01:55 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    جانان
    http://blog.retim.cn/632174
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29219
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 343
    شۆھرەت: 774 نۇمۇر
    پۇل: 618 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 340(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    مەن خەقنىڭ كىچىك خوتۇنى،مەن خەقنىڭ ئاشنىسى،،،مەن خەقنىڭ قانۇنلۇق ئىككىنچى قىز دوستى،،،،مەن خەقنىڭ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

    ئۇيغۇر يىزىقچىلىقى مۇشۇ دائىرىدە چۆگلەيدىغان بولۇپ قالدى،،،،،،،،،،،،چۈنكى ئەتىراپىمىزدىكى قالايمىقانچىلىق يىزىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ،يازغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ،،،،،،،

    قىنى داۋامىنى يىزىڭ،شۇنىڭدىن كىيىن ئوقۇي،،،،،،،،،،
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 02:07 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    turkinaz
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20648
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1268
    شۆھرەت: 1541 نۇمۇر
    پۇل: 5084 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 515(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    Quote:
    引用第3楼kunkiz于2008-10-14 13:55发表的  :
    قارسام بۇ تىمنىڭ داۋامى پات تۈگەيدىغاندەك ئەمەس لېكىن  بەك قىزقىپ قالدىم  داۋامنى  تىزراق يېزىڭ . ئۇ قىز شۇ شىركەتلىرى بار  باي سودىگەرگە  كىچىك خوتۇن بولۇپ قالماس ھە ....؟ مەن  بالدۇر ھۆكۈم چىقارماي تۇراي ، پەرزىم بەلكىم خاتادۇ ، بۇ تىمىڭىز  بۇرۇن بىرسى يوللىغان تىمغا بەكمۇ ئوخشىشىپ كىتىدىكەن بەلكىم خاتا پەرەز قىلغاندىمەن ، تىمنىڭ داۋامنى كۆرۈپ ئاندىن بىر نىمە دەيلى قىنى ...............


    مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قېلىۋاتىمەن جۇمۇ ئاداش . قېنى داۋامىنى كۈرۈپ باقايلى ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ .
    ھازىر سائەت 12 بولدى. دەرستىن چۈشتىڭىزمۇ خان؟ بىزنى تەقەززا قىلماڭە.
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 02:10 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    marwary
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23531
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 150
    شۆھرەت: 182 نۇمۇر
    پۇل: 670 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 368(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

       داۋامى
       تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتىمىز قىسقا ئەمما ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى.مەن دېگەن ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىقىنىڭ تەرجىمانى،شۇڭا ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزۈمنىڭ ئەڭ مۇلايىم،ئەڭ سەمىمىي،ئەڭ ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالىتىنى كۆرسىتىشم لازىم ئىدى.بولمىسا ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ قالاتتى.ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ھەر قانداق ئادىمى مېنى خۇددى ئۆزىنىڭ شۇ باشلىقىنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەيتتى.ھەرگىز قالايمىقان چاقچاق قىلمايتتى.مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىز كەلسە _كەلمەس سۆزلەردە ۋە ئىش_ ھەرىكەتلەردە بولمايتىم.شۇڭا ئۇ ئۇيغۇرغىمۇ تۈزۈك گەپ قىلمىدىم.پارىڭىمىزنى ئاز ھەم ساز ئاخىرلاشتۇردۇم.
       ئۇنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرى بەكلا رەتلىك،خۇددى ئۆزبەكنىڭ بايۋەتچىلىرىدەك يۈرەتتى.ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپلا ئۇلار ئۆز دۆلىتىگە قايتماقچى بولدى . شۇ ئىككى كۈندە مەن ئۇلارنى بازار چۆگىلىتىپ مال ئېلىپ بەردىم .ئارلىقتا بىر كۈنى ئۇ ئاكاش ماڭا بىللە تاماق يەپ كېلەيلى دېدى.مەن قوشۇلماي دېسەم ئۇ دېگەن مېنىڭ خېرىدارىم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئىشقىلىپ مەن رەت قىلمىدىم .
       تاماق يېيىش جەريانىدا ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ كارخانىسى ۋە ئۆزى چوڭ بولغان يۇرتنى، كىچىك چاغلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەچكە مىجەزلىرىمۇ شۇ جايغا سىڭىپ كەتكەنىدى . تاماق ئۈستىلىگە كېلىپ ئولتۇرسا ئەڭ جىق ئىشلىتىدىغىنى قەغەز ئىدى .تاماق ئۈستىلىنى قايتا—قايتا سۇرتۈپ ئاندىن ئولتۇراتتى. چاي چىنىسىنىمۇ قايتا—قايتا چايقاپ ئاندىن ئىشلىتەتتى. تازا بىر ھەسەلخان پاكىزمۇ نېمە بۇ دەپ ئويلاپ قالغانىدىم.تاماق يېسە تەخسىسىدىن ئېلىۋەتكەن يېمەيدىغان نەرسىلەرنى ياكى ئۇستىخان سۆڭەكلەرنى ھەرگىزمۇ بىزدەك تەخسىنىڭ يېنىغا ياكى ئۈستەلنىڭ قىرىغىلا قويۇپ قويمايتى.ئايرىم بىر تەخسە ئەكېلىپ شۇنىڭغا قوياتتى.باشقىلار تاماق يەپ بولغان ئۇستەللەردە تاماق قالدۇقى ۋە سۈڭەك دېگەندەك ئەخلەتلەر بولسا ئۇ تاماق يەپ قوپۇپ كەتكەن ئۈستەل پاك-پاكىز ھەممە نەرسە ئەخلەت بولسىمۇ چىنە-تەخسىنىڭ ئىچىدە بولاتتى.ئۈستەل پاكىز قالاتتى.
       ئۇ ئۆزىنىڭ قەشقەرگىمۇ جىق بارىدىغانلىقىنى،شۇ يەردىمۇ ئۆيى بارلىقىنى، ئۈرۈمچىدە بولسا ئىككى ئۆيى بارلىقىنى، چەتئەلدە ئاتا—ئانىسى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى بارلىقىنى دېدى. مەن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بار-يوقلىقىنى بىلمىگەچكە ئۇنىڭدىن قانداق سوراشنى بىلمەي:
    -سىز ئۇ يەردە ئاپىڭىز داداىڭىز بىلەن بىللە تۇرامسىز؟
    -ھەئە.ئۇ مەقسىتىمنى بىلىۋالغاندەكلا.مەن تېخى توي قىلمىغان تۇرسام ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇدە.ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئالغۇم بار ،سىزدەك  ياخشى قىز بولغان بولسا....ئۇنىڭ ئاخىرقى بۇ بىر ئېغىز گېپىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ ئولتۇردۇم. بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا شۇنچىلىكلا گەپ_سۆزلەر بولۇپتۇ. ئەتىلا ئۇلارنىڭ بۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ۋاقتى توشاتتى.
       ئەتىسى ئۇلارنى ئۆزۈم ئايردرومغا  ئەچىقىپ قويدۇم.ئۇلارنىڭ ئىچىدەھەممىدىن  ئۇنىڭ كۆزلىرى بەك نۇرلۇق ئىدى.ماڭا بىردەم_بىردەم قاراپ قوياتتى. مەن بولسام قەستەن چاندۇرماي ئۇياق-بۇ ياققا قاراپ تۇرىۋالاتتىم.بىراق نېمىشقىدۇر مېنىڭمۇ ئىچىمدە بىريەرلىرىم پىژ-پىژ قىلاتتى.ئۇلار زال ئىچىگە كىرىپ كەتتى .ئۇ ھەممنىڭ ئارقىدىن كىرىپ،ماڭا قاراپ قول پۇلاڭلىتىپ خوش دېدى.مەنمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ خوش دېدىم .تېلىفون قىلىڭ دېدى .ئۇ قول ئىشارىتى بىلەن.ئايردرومدىن ئۆزۈم يالغۇز قايتىپ چىقىپ ،خۇددى ئوغۇل دوستۇمنى.چىن يۈرۈكۈمدىن سۆيگەن ئاشۇ ۋاپاسىزنى ئۇزىتىپ قويىۋاتقاندەك بىريەرلىرىم تارتىشاتتى. ۋاي-ۋاي،نېمە ئىش بۇلۇپ كەتتى بۇ ھە؟دەپ ئۆزۈمنىڭ شەيتىنىغا ھاي بېرىپ يول بويى قىلغان قىلىقلىرىمغا كۈلگۈم كېلىپ ماڭدىم.
       مەكتەپكە قايتىپ ساۋاقداشلىرىمغا بۇ مېھمانلىرىمنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەچ ئۇ ئاكاشنىڭمۇ گېپىنى قىلىپ بەردىم.
    —ۋاھ!ئاشۇنداق پۇلى بار بىرسى بولغان بولسا ياخشى كۆرىمەن كۆرمەيمەن دەپ ئولتۇرماي موكلا تەگكەن بولاتتىم .
       ما قىزلار نېمە دەيدۇ ئەمدى.بۇلارنىڭ گېپى بويىچە بولسا مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ يۈرگەن مۇھەببىتىنى ئۇنۇتالمىدىم.بۇنى ياخشى كۆرەلمەيمەن دەپ ئولتۇرمايلا ۋاھ خۇدايىم بەردى دەپ موكلا تەگسەم بولىدىكەندە ھە.  
    ھەي ،خەق ماڭا نۇرغۇن شەپىلەرنى بەردىغۇ؟توي قىلمىدىم دەپ .تېخى گەپنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ سىزدەك ياخشى ئۇيغۇر قىزىدىن بىرنى تاپالماي شۇ دەپ چاقچاق قىلدىغۇ؟!بولدىلا جىق ئويلىماي  ئۇيقۇمنى ئۇخلاپ قالاي.
       پۈتتۈرىدىغان يىلى بولغاچقىمىكىن دەرىسمۇ يوق .ھەتتاكى پىراكتىكا قىلىڭلار دەپ قويۇپ بەرسە نۇرغۇن بالىلار دادام  مېنىڭ خىزمىتىمنى تەييار قىلىپ بولغان، پراكتىكا قىلغان نەرسە ۋاقتى كەلگەندە ھېچنېمىگە ئاقمايدۇ.ھامىنى يول ماڭمىسا بىكار ،دەپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغىلى تۇردى.
       مېنىڭ دادامنىڭمۇ قۇربى بولغان بولسا مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بالام خىزمىتىڭىزنى ھەل قىلىپ قويدۇم دېسە مەنمۇ باشقىلاردەك خاتىرجەم ئۆتسەم بولمامدۇ ھە. بىسىم بولغاچقىمىكىن  پراكتىكامنى ئەستايىدىل ھەم تولۇق قىلدىم.بەشىنجى ئايمۇ چىقىپ قاپتۇ.مېنىڭ ئۇ ئاكىشىم بولسا ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر تېلىفون قىلىپ ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئالدىراشلىقىنى بىرەرقۇر سۆزلەپ ئۆتەتتى.مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئاۋۇ ئەقىلسىز مۇھەببىتىم بولسا ئالدىمدا نەچچە قېتىم يېڭى قىز دوستىنى تەنتەنە بىلەن قولتۇقلاپ ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ تولىمۇ ئادەتتىكىچە بىر قىز ئىكەن.سېمىز ھەم بەك چىرايلىقمۇ ئەمەسكەن.بىراق ئۇنىڭ پۇلى چىرايلىقتە؟مېنىڭ يۈرۈكۈم مۇجۇلۇپ-مۇجۇلۇپ نېمە بولغىنىمنى بىلەلمەي قالدىم.بېرىپلا ئۇرماقچىمۇ بولدۇم.تاياق يىسەممۇ مەيلى دەپ ئويلىدىم.بىراق ئۇنداق قىلسام ئۇ تېخىمۇ كۆرەڭلەر ھەقىچان؟ئەتىدىن _كەچكىچە ،مېنى ئىككى قىز بالا تالىشىپ مۇشلىشىپ ئاغزى بۇرنى قان بولۇپ كەتكەن، دەپ يۈرمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم.  
        تەتىلگىمۇ ئاز قاپتۇ. ئۇ ئاكاش ئۆزىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى يەنە قول ئاستىدىكى ئادەملەرنى باشلاپ جەنۇپقا مىۋە-چىۋە  ئۇقۇشقىلى بارىدىغانلىقىنى دېدى.بۇ قېتىم مېنىمۇ جەنۇبقا بىللە بېرىشىمنى،ئۇ يەردە جىق باشلىقلارنىڭ خەنزۇ ئىكەنلىكىنى ھامىنى تەرجىمان لازىملىقىنى ئېيتتى. چۈنكى ئۇ چەتئەلدە چوڭ بولغاچقا خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلمەيتتى.مەن قوشۇلمىدىم. ئۇ يەنە ئارىسىدا ئالدىنقى قېتىمقى ئەڭ چوڭ باشلىقىنىڭ قىزىنىڭمۇ بارلىقىنى،مەن بارسام شۇ قىزغا ھەمرا بولىدىغانلىقىمنى ئېيتتى.ئۆيۈمىدكلەرگە ئېيىتتىم.بىزدە  مۇسۇلماننىڭ قائىدىسىدە ئاتا_ئانا ھەرگىزمۇ قىزىنى يالغۇز باشقا شەھەرگە ئېۋەتمەيدۇ.بولۇپمۇ مېنىڭ ئاتا_ئانام ھەرگىز  قوشۇلمايدۇ.
       شۇنداق قىلىپ مەن رەت قىلدىم.ئۇ ئاكاش يەنە ئۆتكەنكى باشلىق بىلەن ئادەملىرىنى ئېلىپ قەشقەرگە كەتتى.بىز كۆرۈشەلمىدۇق.توۋا! ئۇنىڭغا پەقەت قىززىقىپلا باققان تېخى ياخشى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن. ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇش پۈتتۈرۈشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە كاللامغا باشقا ئوي كىرمىگەنلىكتىنمىكىن ئۇنى كۆرۈشكە بەكمۇ ئىنتىزار بولۇپمۇ كەتمىگەنىدىم.بىراق ئۇلار قەشقەرگە بېرىپ 3 كۇن بولمايلا تېلىفون قىلىپتۇ.
    -سىز كەلمىسىڭىز بولمىدى خان.بۇ يەردە مەن بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ  تىلىنى بىلگەچكە ئۇيغۇرچىنى بۇلارغا تەرجىمە قىلىپ بېرەلىدىم. بىراق خەنزۇ تىلىدا بەكلا قىينالدۇق .<ئەپەندىم>مۇ سىزنى كېلىپ ياردەملەشسۇن،بىزگە تەرجىمان لازىم دەيدۇ.ئەگەر بىز بۇ يەردىن بىر تەرجىمان تەكلىپ قىلساق ئۇ چاغدا سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بىراقلا تۇگەيدۇ.ئۆزىڭىزگە پايدىسى بولماي قالارمىكىن دەيمەن.
        ئۇنىڭ بۇ سەمىمىي پىكرىنى ئويلىشىپ قالدىم.ئاتا_ئانامنى مىڭ تەستە قايىل قىلدىم.شۇنداق قىلىپ ئۇلار ماڭا ئايروپىلان بېلىتى زاكاس قىلىپ بەردى . مەن نەرسە-كېرەكلىرىمنى تولۇق ئېلىپ ماڭدىم.راست دېگەندەك ئۇ يەردە بىز دىيىشكەن < ئەپەندىم>نىڭ قىزى بار ئىدى.ئۇ ئىككىمىز بىردەمدىلا چىقىشىپ كەتتۇق.بىر ھەپتە قەشقەر.خوتەن.ۋە كورلىنى چۆرگىلەپ كۈزلۈك مىۋە كۆردۇق.ھەربىر شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقلىرى ناھىيەنىڭ ھاكىملىرى بىلەن بىللە  نۇرغۇنلىغان باغلارنى كۆردۇق.مەن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ  سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بەرسەم ئۇ  ناھايىتىمۇ ئەركىن سۆز قىلاتتى،ئەكسىچە ئۇنىڭغا قارىغانسېرى مەن جىددىيلىشىپ كېتەتتىم.ئۇ  بولسا خۇددى ناتونۇش كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى.مانا بۇ ئۇنىڭ خىزمەتكەتۇتقان پوزىتسىيىسى ئىدى.
       شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى قېتىم تېخى بىخ سۇرۇپ بولالمىغان مۇھەببەت، ياق .مۇھەببەت ئەمەس .قىززىقىش، بىردەملىك ھېسيات دېسەم توغرا بولىدىكەن.بۇ قېتىم بىخ سۇرىدىغانغا ئوبدان پۇسەتتىن بىرى چىققاندەك قىلاتتى.ئۇنىڭ يۈرۈش تۇرۇشىغا ئايىقىدىن چوققىسىغىچە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم.ھەربىر ھەرىكىتى ناھايىتىمۇ پىلانلىق، نىشانلىق ئېلىپ بېرىلاتتى.
       بىزنىڭ پۈتۈشىدىغان سودىمىزمۇ توختاملىرمىزمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەپ قالغانىدى.بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلىمىز كورلا بولۇپ ئەتە_ئۆگۈن قايتىشىمىز مۇمكىن ئىدى.
        بىر كۈنى مەن ئۇ چەتئەللىك قىزچاق بىلەن ياتىغىمدا ئولتۇرسام ئۇ تېلىفون قىلدى.
    —پەسكە چۈشۈپ ئايلىنىپ چىقايلى كورلىنىڭ مەنزىرىسى بەك چىرايلىق. دېدى.
       بەك كەچ بولۇپمۇ كەتمىگەنىدى.شۇنداقتىمۇ بۇ قىزچاقنى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتسەم كىشىنىڭ يۇرتىدا نەگە بارىدىغاندۇ بۇ دەپ ئويلاپ قالاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز بالىدا بولۇشقا تىگىشلىك ئېشىۋېلىش خۇسۇسىيىتى مەندە بىخ ئۇرماقتا ئىدى.بۇرۇنقى ئوغۇل دوستۇمنىڭ ئالدىدا ئېشىۋېلىشنىمۇ ئۇقمايتتىم.ئاخىرى كېلىپ ئۆزى ماڭا ئۆگەتتى. ئېشىۋېلىش دېگەن مۇنداق نەرسە دەپ.ھازىرمۇ ئاشۇ چاقىرغان بولسا بەلكىم ئېشىۋالمايلا چىقاتتىم.بىراق ئۇ ئاكاش يەنە:
    —ماشىنا بىلەن چۆرگىلەپ كېلەيلى.كۆرلىنىڭ ناتاشا ماروژنىخاسىنى داڭلىق دەيدۇ بېرىپ يەپ كەلمەمدۇق؟.....ئۇنىڭ ئۈستىگە... سىزگە دەيدىغان جىق گەپلىرىم بار. بۇگۈن دىيەلمىسەم ئەتە يولغا چىقىپ قالساق ئەمدى دەيدىغان پۇرسەت يوق ئوخشايدۇ.
       بۇ گەپنى ئاڭلاپ قارشى تەرەپ يېنىمدا بولمىسىمۇ يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى.يۈرۈكىم ئىتتىك سوقۇپ كېتىۋاتاتتى.تىترەۋاتقان قوللۇرۇم بىلەن ئىشكاپتىن ئەڭ چوڭ سۇپەت كىيىمىمنى ئېلىپ كېيىپ ئەينەككە تازا قارىۋېتىپ ئاندىن ياتاقتىن چىقتىم.دېگەندەك ئۇ ئاكاش جەنۇب تەرەپتە ھەيدەيدىغان ئېسىل ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە خۇددى مەلىكىسىنى ساقلاۋاتقان شاھزادىدەك شۇنداق سالاپەتلىك ئولتۇرۇپتۇ.مېنىڭ چىققىنىمنى كۆرۈپ ئالدىراش ماشىنىدىن چۈشۈپ ماڭا ئىىشىكنى ئېچىپ بەردى.ھازىر ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم دەپ ھېساپلىمىساممۇ ئىشقىلىپ ھېسابتا خىلى خوشال ئىدىم.
       ئۇ ماشىنىنى ھەيدىدى.كورلىنىڭ پاكىز ھەم كەڭ كوچىلىرىدا دېرىزىدىن كىرگەن شامال چاچلىرىمنى يەلپۈپ مېنى خىيال دېڭىزىغا غەرق قىلدى.بۇ دېگەن كورلا ھە؟مەن ھازىر كورلىدا شۇنداقمۇ؟ تۇيۇقسىز كورلىنىڭ ئېگىز-ئېگىز بىنالىرىغا قاراپ كاللام يەنە پەلىپەتىش خىياللار بىلەن بەنت بولدى.ئەسلى مەن مۇشۇ كۆرلىنىڭ ئەتىۋارلىق كىلىنى ئىدىم .ئۆز يۇرتۇم ،ئۆزۈم چوڭ بولغان شەھەر، ئۈرۈمچىنى تاشلاپ مۇشۇ شەھەرگە كېلىشكە رازى ئىدىم ئەمەسمۇ.قېنى ئامرىقىم سەن قېنى。سەن مۇشۇ كورلاڭدىن ۋاز كېچەلمەي مېنى تاشلىۋەتكەن ئىدىڭ.بىراق مەن ئۈرۈمچىنى تاشلاپ بىراۋ تاشلاشقا  قىيمىغان مۇشۇ شەھەرگە  كېلىشكە رازى ئىدىم. ئەمما شۇنداق قۇربانلىق بېرىشىمغىمۇ پۇرسەت چىقمىدى.مانا مەن ھازىر بىراۋلار  كۆزى  قىيمىغان شەھەرنى كۆردۈم.كۆرۈش نىسىپ بولدى.ھەم كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن.مانا مەن كەلدىم.سۆيگەن يىگىتىمنى  ئۈرۈمچىدە قېلىشقا باش ئەگدۈرەلمەي ئەمدى ئۆزۈم باش ئىگىپ كەلدىم....
    —نېمە خىيال قىلىۋاتىسىز....
    ئۇنىڭ تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالىدىن خۇددى ئۆزەمنى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم.دېمىسىمۇ مەن نېمانداق نومۇسسىز؟!قېشىمدا كىم بار؟؟؟ مەن كىمنى خىيال قىلىۋاتىمەن؟؟؟ۋاپا كەلسىچۇ تېخى ئۇ خىيال قىلغان ئادىمىمدىن ھە؟!

        يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش بېرىپ قوياي تورداشلىرىم،بەت سانىغا قاراڭلار!!!بۇ ئەسەر پۈتۈپ بولدى!يەنە داۋامىچۇ دېسەڭلار مەن تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىدىكەنمەن.
    [ بۇ يازما marwary تەرپىدىن2008-12-04 10:16 PMدە قاي ]
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 06:38 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    hiyalqan213
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31768
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 42
    شۆھرەت: 42 نۇمۇر
    پۇل: 226 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 338(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

     

    مەن چىدىمىدىم^^^جەمىيىتىمىزدە مۇشۇنداق^^ئىككىنجى خوتۇن ئالدىغان ئىشلار^^شۇنداق كۆپۇيۇپ كەتتىمۇ^^^ۋەياكى^^مىللىتىمىزنىڭ يىزىقچىلىق ئىشلىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدىغان^^ئەسەريىزىش ئارقىلىق كىتاپخانلارنى جەلىپ قىلامدۇ^^^ياكى مەن زاماننىڭ كەينىدە بەكلاقالدىممۇ^^^كىنوچىلىقىمىزمۇ ھەم شۇنداق ^^^مەلۇم بىرپىرسۇناژغاغەزەپلىنىپ^^مەلۇم بىرپىرسۇناژغاھىسداشلىق قىلىپ تۇرۇپ كۆرىمىز^^^^ئاخساقاللىق قىلىپ كەتتىم^^^مەنمۇ يوللىنىپ تۇرشىغاكۆرگەن لىكىن ئىنكاس يازمىغان ئىدىم^^^ئاخىرىنى كۆرەي دەپ ^^ئاخىرى ئەتىگەقالدىغان ئوخشايدۇ^^ئەمدى تىخى كورلىنى چۆگلەۋاتساڭلار^^^^ئاخىرىنى تىزىراق يىزىشىڭىزغاتەشنامەن^^مەنمۇ ئورنۇمنى چىڭ ساخلاپ يازمىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ساقلاي^^^تىزراق يىزىڭ ^^تىزراق يىزىڭ^تىزراق يىزىڭ^^^
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-14 08:36 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    chayka
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 453
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 421
    شۆھرەت: 339 نۇمۇر
    پۇل: 201 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 278(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-06

     

    تېمىنى ئۇقۇپلا ئالدىنقى قېتىملىق ئىچكىر سەپىرىمدە داليەندە كۆرگەن بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئىسىمگە كىلىپ قىالدى ،شۇ چاغدا بىچارە قىزنىڭ نىكاھ قىلىپلا بىر ئۆيگە كىرۋالغان بىر ئەرەپ مەينەتنىڭ 3-خۇتۇنى (تۇقال)بولغانلىقى ۋە ئىككى بالسى بولغانلىقنى ،لىكىن ئۇ گۇينىڭ كاككۇك بالسىغا ئىگە بولمغاندەك ،جۇڭگۇ دىكى ئىشلىرى تۈگىگەندە بىر كەچتىلا كۆزدن غايىپ بولغانلىقنى ئاڭلىغاندىم............چەتئەللىك بولسىلا سۈرۈشتۈرمەي ئىشتان بېغىنى يىشۋىتىدىغان قىزلىرمىز ھىلىمۇ كۆز ئالدىدىكى ئاچچق تەجىربىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە پەس كۆڭۈللەرنى تۇتالمايۋاتدۇ ...........بۇنداق ئىشلار ئىچكىردە بىرنىڭ كەينىدىن بىرى پەيدا بۇلۇپ كىشنى بىئارام قىلماقتا ............
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-15 03:38 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    marwary
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23531
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 150
    شۆھرەت: 182 نۇمۇر
    پۇل: 670 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 368(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

      داۋامى
      

        بىز كورلىنىڭ ماروژنىخانىسىغا كىردۇق.<خوگو ماروژنا> يېدۇق.ئۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىمنى ئۆزۈم بىلىمەن.بىرەسى ئۇچراپ قالىدىغاندەكلا.چۈنكى تەتىلگە ئاز قالغان ۋاقىتلار بولغاچقا ئوغۇل دوستۇم چوقۇم كورلىدا دەپ ئويلىدىم.چۈنكى ئۇنىڭ پراكتىكا قىلىش ئۈچۈن كورلىغا كەتكەنلىكدىن ئاز_تولا خەۋەردار ئىدىم. چۈنكى ئۇنىڭ ۋە مېنىڭ دوستلىرىمنىڭ ئارىسىدىمۇ ماڭا خەۋەر يەتكۈزىدىغانلار بار ئىدى.كۆزلىرىم بىراۋنى توختىماي ئىزدىدى.يۈرىكىم ئىختىيار ئەمەس سوقۇپ كېتىۋاتاتتى.نېمە ئۈچۈندۇر ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك،ئۇ كۆرۈپ قالسا ئۇنىڭغا تىزلىنىپ،يالۋۇرۇپ تۇرۇپ ،بۇ ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئىش يوق،توغرا چۈشەن دەپ يىغلايدىغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم.يەنە بىريەرلىرىمدىن مەن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن تۇرسام،ئۇ ئاۋال مېنى تاشلاپ باشقا بىرى بىلەن يۈرىۋالغان تۇرسا مەن خەق بىلەن ئارىلاشسام نېمە بوپتۇ دەپمۇ ئويلىدىم. بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن ئارىمىزدا گەپ باشلاندى.
    _سىزنىڭ ئوقۇشىڭىز پۈتتى شۇنداقمۇ؟
    _ھەئە،ئەمدى  پراكتىكا نەتىجىسىنى تاپشۇرساق،مەۋسۈم ئاخىرى دېپلومنى ئالساقلا مەكتەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز تۈگەيدۇ،-ئۆزۈمنى شۇنداق ئەركىن تۇتاي دېسەممۇ ئاۋازلىرىم تىترەپ پۇت قولۇمدا جان قالمىغانىدى.
    _ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نېمە ئىش قىلاي دەيسىز؟
    _ئوقۇتقۇچى.مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بار،كىچىگىمدىن تارتىپلا مەھەللىدىكى بالىلارنى يىغىۋېلىپ ئاغزىمغا قارىتىپ قويۇپ دەرىس سۆزلەشنى ياخشى كۆرەتتىم.  سەبىيلەرچە سۆزلەپ كەتتىم.چۈنكى بۇ  مېنىڭمۇ ھەم دادامنىڭمۇ ئارزۇسى ئىدى.
       بۇ گېپىم بەك گۆدەكلەرچە بولۇپ كەتتىمۇ ياكى  ئوقۇش پۈتتۈرمەي تۇرۇپ مۇشۇنداق چوڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ئادەم ئوقۇتقۇچى بولىمەن دېسەم كۈلكىلىك تۇيۇلدىمۇ ئۇ ئاكاش بەك كۈلۈپ كەتتى.نېمىلا بولمىسۇن ئۇ دېگەن مېنىڭ كىچىگىمدىن باشلاپ كۈتىۋاتقان ئارزۇيۇم،يەتمەكچى بولغان نىشانىم تۇرسا.ئۇ ئاكاش بەك چەتئەل مىجەز بولۇپ كەتكەچكە بۇ ئارزۇيۇمنى كۆزگە ئىلمىدىمۇ يا؟ئوقۇتقۇچى دېگەن پەس خىزمەت ئەمەستۇ؟
    _چەتكە چىقىشنى ئويلاشمىدىڭىزما؟
    _ئويلاشمايدىغان ئىش بولامدۇ؟ كەسپىم چەتئەل تىلى تۇرسا،بىراق ھازىر نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار؟
    _پاسپورتىڭىز بارمۇ؟
    _ياق تېخى  ھەل قىلمىدىم.
    _چىقسىڭىزمۇ چىقمىسىڭىزمۇ ھەل قىلىپ قويۇپ كېيىن دەماللىققا لازىم بولغاندا ئىشلەتسىڭىز ئوڭاي بولمامدۇ؟
    _ھە.......ئۇ ئاكاشنى نېمىشقا كۈلۈپ كەتتىكىن ئۇ ئاكاش مېنى<ئەمدى،،،سىزنىڭ يولىڭىز بولغاندىكىن ماڭا بىرە خىزمەت تېپىپ بېرەرسىز.....>دەيدۇ،چوقۇم چوڭ يەردىن چۈشىدۇ،مەندىن پايدىلىنىشنى ئويلاپدۇ دەپ قاپتىكەن. بىراق مەن ئۆزۈمگە لايىقلا ئاددىي ھەم ھەممە ئادەم پەخىرلىنىدىغان خىزمەتتىن چۈشتۈم. بىز خېلى پاراڭلاشتۇق.ئۇ ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىكى كىشىلەر توغرىسدا،ئاتا_ئانىسى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.
    _..........ئەمسە ماڭامدۇق؟  بىز مېڭىشقا تەييارلاندۇق.
       ئۇ ئالدىمدا چىقىپ ماشىنى ئەگىلدۈرۈپ ئەكەلدى.مەن ماروژنىخانىنىڭ ئىشىگىنى ئاچاي دەپ تۇرۇشۇمغا، ئەينەك ئىشىكتىن نەچچە ئايدىن بېرى تەلمۈرۈپ ئىزدىگەن،تەشنا بولغان سىمانى غىل_پال كۆرۈپ قالدىم.ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كېتىشكە قولۇم بارمىدى. مەن تەلمۈرگەن ئۇ گەۋدە بولسا بىراۋلار بىلەن چىڭ قولتۇقلىشىپ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى.مېنى كۆرمىدى بولغاي كۈلكە_چاقچاق بىلەن ماروژنىخانىنىڭ ئىشىگىگە قولىنى ئۇزۇتۇپ، مەن قانداق قېتىپ تۇرۇپ قالغان بولسام شۇنداق تۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىرنەچچە كورلىلىق ئاغىنىلىرىمۇ بار ئىدى.ئۇلار ھەممىسى ئۇرۇمچىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى بالىلار بولغاچقا مېنى ئوبدان تونۇيتتى.ھەممىسى جايىدا قېتىپلا قالدى.قانداق قىلىشىم كېرەك؟ئەگەر نەچچە ئاي بۇرۇن ئۇرۇمچىدە ئۇچرىغان بولسا چوقۇم شۇ ۋاقىتتىكى ئاچچىقىمغا پايلىماي ئۇدۇل بېرىپ يۈزىگىلا چاڭ سالغان بولاتتىم.مېنىڭ ئورنۇمغا دەسسىۋالغان ئۇ <چىرايلىق>نىڭمۇ چېچىنى يۇلۇپ تاز قىلىپ قويغان بولاتتىم.ئۆزۈم تاياق يەپ ئۆلسەممۇ مەيلى ئىشقىلىپ ئۇنى يۈزسىزلىك قىلغانغا پۇشايمان قىلدۇرغان بولاتتىم. بىراق ئۇنداق قىلمىدىم،ئۇنداق قىلىشمۇ خوشياقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. دەل مۇشۇنداق ئۇدۇلمۇ_ئۇدۇل ئۇچرىشىپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟مەن چاققان چىقىشىم كېرەك،ئۇنىڭدىن ئاۋال چىقىپ،مەن ئۇنى ئارقىغا قاراپ قالغۇدەك تاشلاپ مېڭىشىم كېرەك.مەن ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كەتتىم.ئۇنىڭ ئاغىينىلىرى مېنى ئۇنى ئىزدەپ كەلدى دەپ ئويلاپ قالغان ، ئۇ بىچارە بولسا مېنى چوقۇم ئۇرىشىدۇ ،ئەمدى چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان چېغى  مەندىنمۇ بەك ئەنسىرەپ ھودۇقۇپ كەتكەنىدى.مەن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئولارنىڭ ئالدىدىن بېشىمنى ئېگىز كۆتـۈرۈپ ،قەددىمنى تىك تۇتۇپ ئۆتۈپ كەتتىم.كەينىمگىمۇ قارىماي،ئۇ ئاكاش ئالدىمغا تەييار توختىتىپ كەلگەن ماشىنىغا چىقىپ كەتتىم.بىراق ئۇزۇندىن بېرى تەلمۈرگەن چىراينى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كارىم بولماي كەتكىنىمدىن پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم،بىر تەرەپتىن ئۇنى باشقا بىرى بىلەن يەنە ئۇچراتىقىنىمغا ئۇنىڭغا نەپرەتلىنەتتىم.ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن ئارقىمغا قارىدىم.ئۇلار ھەممىسى ماشىنىنىڭ ئارقىدىن قاراپلا قېلىۋاتاتتى.
       ئاكاش يەنە ماشىنا ھەيدەپ مېنى ياتاققا ئەكېلىپ قويدى.مەن ياتاققا كەلگەندە ئۇ چەتئەللىك قىز ئاللىبۇرۇن ئۇخلاپ قالغانىدى.پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كارىۋېتىمغا چىقىۋالدىم.كاللامدا ئىككى ئوغۇل بالىنىڭ خىيالى.مەن سەل سۇيۇق بولۇپ قالدىممۇ يا؟ ئۆز_ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كېلىۋاتسىمۇ ئۇنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا قىلغانلىرىغا قاراپ ئەمىن تېپىپ قالاتتىم. بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى دەپ تەسەللىي بېرەتتىم.
    بايا ئۇنىڭ باشقا بىر قىز بالىنى قولتۇقلاپ ماڭغان ھالىتى كۆز ئالدىمدىلا ئىدى.ئاشۇ قىز ئەسلى مەن بولىشىم كېرەك ئىدى ھە؟
       ئەتىسى ئۇلار يەنە قەشقەرگە قايتىدىغىنىنى سودىسىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق پۈتكەنلىكىنى ئېيتتى.مەن مەكتەپتە يەنە ئىشىم بارلىقىنى كەتمىسەم بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كورلىدىنلا ئۈرۈمچىگە  قايىتىپ كەلدىم.چۈنكى ئۆيدىكىلەردىن مەن بىر ھەپتىلىك رۇخسەت ئالغان،ئۆيگە چۈشكەن كۈنۈم ئالتە كۈن بولىدىكەن.
       بۇ قېتىمقى سەپىرىمنى كۆڭۈللۈك بولدىمىكىن دېسەم كونا دەرتنى بىللە ئېلىپ كەلگەنىدىم.كۆڭۈلسىز بولدىمىكىن دېسەم نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم.ئۆزۈمنىڭ بىلىمىنى ئىشلىتەلىدىم.بىراق بۇ دېگەن ماڭا مەڭگۈ باقىۋەندە بولىدىغان خىزمەت ئەمەس،يىغىن بولسىلا پۇل تاپالايمەن،يىلدا بىرنەچچە قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىن مېنىڭ پۇتۈن تۇرمۇشۇمنى قالدىيالمايدۇ ئەلۋەتتە.
       شۇنداق قىلىپ پراكتىكا نەتىجىسىنى تاپشۇردۇم، ئوقۇشۇممۇ پۈتتى.ئۇ ئاكاش كەتكىلىمۇ يېرىم يىل بولۇپ قالدى.ئەزەلدىن ئۇنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدەپ تېلىفون قىلمىدىم.ئۇ ئۆزى ھېلى بىر دۆلەتتىن ھېلى يەنە بىر دۆلەتتىن تېلىفون قىلىپ تۇردى.بەزىدە ئۆزۈمگە ئۇنى چىڭ تۇتۇش كېرەك دەپ ئەسكەرتىش بەردىم.ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ قالسام ھەتتا خىزمەتتىنمۇ غەم قىلمايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم.بىراق بۇنداق غايىۋېي خىيالغا پېتىپ قېلىشىمنى قېلىشىمنى ئۈمۈت قىلمايمەن.مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا بەك ئۈمۈتتە بولۇپ كەتسەم،ۋاقتى كەلگەندە تۇيۇقسىزلا يوق بولسا زەربە يەپ كېتىشىمدىن قورقاتتىم.ئەمدى يۈرىكىمنىڭ زىيدە بولغۇدەك يېرىمۇ قالمىغانىدى.ھېچنېمىنى ئويلىمايمەن،خىزمەت! خىزمەت! خىزمەت! مېنىڭ بېشىمنى ئەڭ قاتۇرىۋاتقان مەسىلە شۇ ئىدى.ئاكاشقا تېخى خىزمەت تاپمىغىنىمنى ئېيتتسام،ئۇ مېنى چەتكە بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغىنىنى ،شۇ يەردە خىزمەت تېپىپ بېرىدىغىنىنى ئېيتتى.بۇ بىر خىل ئەخمىقانە پاراڭ بولسىمۇ قىززىقىپ قالدىم.بىراق تېگى-تەكتىنى بىلمەيدىغان بىرسى بىلەن چەت دۆلەتكە بىللە چىقىپ خىزمەت قىلىمەن،خەق خىزمەت تېپىپ بېرىدىغان بولدى ،دەپ پىقىراپ يۈرۈشنىڭ ئۆزى بىر ئەخمەقلىق.
        شۇ ئارىدا مەن بىر ساياھەت شېركىتىدە ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلىدىم.يېرىم يىلدىن كېيىن  ساياھەتچىلەرنى ئىچكىرىكى ئۆلكىلەرگە بىللە ئېلىپ  بېرىپ ساياھەت قىلدىم.شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاكاشنىڭمۇ مۇشۇ شەھەردە بىر تارماق شېركىتى بارلىقى ئېسىمگە كېلىپ ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدىم.ئۇ باشقا دۆلەتتە ئىكەن.ئۇ مېنىڭ مۇشۇ شەھەردە ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپ، مەن ئىچكىرىدە تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،<شۇ يەردىكى تارماق شېركەتتىن چاتاق چىقىپتۇ،شۇڭا ئالدىراشلا كەلگەن> دەپ ئالدىمدا تۇيۇقسىزلا پەيدا بولدى.
       مەكتەپ ھاياتىمدا ئوقۇش بىلەن ئالدىراش بولغاچقىمىكىن،ياكى ئوقۇغۇچىدەك يۈرگەچمىكىن ئەمدىلىكتە بىراقلا  خىزمەتكە چىققان قىزلاردەك،ھەقىقىي ساياھەت يېتەكچىسىدەك كىيىنىپ يۈرسەم ئاكاش مەندىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قاپتۇ.مەنمۇ ھەم ئىچكىرىدە بولغاچقا ئۇيغۇر كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ يۈرىۋاتاتتىم.ئاكاشمۇ مېنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا خىزمەتتە ۋە تۇرمۇش يولىدا جىق پىشقانلىقىمنى ئېيتىپ ئۆتكەچ،ئۆزىنىڭ مېنى جىق كۆزەتكەنلىكىنى،جىق سىنىغانلىقىنى،ھەم بىز تونىشقىلىمۇ بىر يىلدىن ئاشقانلىقىنى،كۆڭۈللۈك ساياھېتىمىزنىڭمۇ بولغانلىقىنى بىرە قۇر دەپ ئۆتتى.
    _بۇ خىزمىتىڭىز بەكلا جاپالىق،شېركەتنىڭ قولىغا قاراپ،ئازغىنە مائاشقا سىز ئۆز تۇرمۇشىڭىزنى قامدىغان بىلەن،دادىڭىزنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ھەممىگە ئۈلگۈرۈپ بولالمايسىز.
       يامان يەردىن تۇتتى!مەن ئۇنىڭ ئالدىدا كىچىككىنە بىر ئادەم.ئۇ ھەقىقەتەن قولىدىن ئىش كېلىدىغان،ئىستىقباللىق كىشى.ئۇنىڭ ئالدىدا بىرەر گەپتىن كېتىپ قالسام ئۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقىنى چاندۇرۇپ قويىمەن.بىرەر ئېغىز گەپنى ئۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرى تەپەككۈر قىلغاندەك تەپەككۈر قىلمايتتى.جىق ئويلاش،قايتا_قايتا كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە توغرا يەكۈن چىقىرالايتتى.
    _ھەئە،توغرا دېدىڭىز.بىراق ئەجەل دېگەن خۇدايىمنىڭ قولىدىكەن.دوختۇر دادامنى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرەلمەيدۇ دېگەن .دادام ئۆزىمۇ ئوقىغان ئادەم بولغاچقا ئۆزىنىڭ كېسىلىگە ئۆزى توغرا قارىيالىدى، ئۈمۈتۋار بولدى،چۈشكۈنلەشمىدى.ھەممىمىزنىڭ خوشال بولىدىغىنى مۇشۇ. ئەمدى ئىقدىساتقا كەلسەك ئۆيدىكىلەر ،بىز سىزنىڭ مائاشىڭىزغا قاراشلىق، دەپ بىسىممۇ قىلمايدۇ.
    _ئوقۇشىڭىزمۇ پۈتۈپتۇ،توي قىلىشنى ئويلاشمىدىڭىزما؟......   كاللا دېسەم پاقالچاق دەمدۇ نېمە بۇ ئاداش؟نېمىدېگەن تۇيۇقسىز سورالغان سۇئال بۇ؟!
    _توي؟...،مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم._تېخى ئويلاشمىدىم.بىر قېتىم زەربە يېگەن ئادەمنىڭ يەنە بىر قېتىم تەۋەكككۈل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.مۇمكىن بولسىمۇ مېنىڭ ئۇنچىلىك جۈرئىتىم يوق.
    _مەن چوقۇم سىزنى بەخىتلىك قىلىمەن.ماڭا ئۇيغۇر قىزى كېرەك،مەن ئۇيغۇرنى ئالىمەن دەپ...
       ئاخىرقى گەپلەر كاللامغا كىرمىدى.بۇرۇن ئوغۇللار بىز يۇرەيلى دەپ تەلەپ قوياتتى.كارىم بولماي پىشىمنى قېقىپ قويۇپ كېتىپ قالاتتىم.بۇگۇن بۇ تەلەپ بەكلا يۇقىرىمۇ قانداق؟ يۈرۈش ئەمەس ئۇدۇللا تويدىن چىقىۋاتاتتى.
       ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئۇ مېنىڭ قول ئاستىمدىكى مېھمانلارنىڭ ھەممىنى باشلاپ كېلىشىمنى،بىر مېھمانخانىنىڭ تاماق زالىدا چوڭ تىپتىكى زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.مەن ئۇنىمىدم،چۈنكى پىلاندا يوق يەرلەرگە قالايمىقان بېرىش خىزمەت دائىرىمىزدە يوق ئىدى.ئۇ ئاكاش مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي زىياپەت ئورۇنلاشتۇردى.بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا بەك ئامراق ئىدى. شۇڭا ئۇلار رەت قىلمايلا بېرىشنى قارار قىلدى.بۇ ناھايىتىمۇ ئېسىل مىھمانخانا بولۇپ،لەرزان مۇزىكا قويۇپ بېرىلىۋاتاتتى.بىز ھەممىمىز نېمە خالىساق شۇنى يەپ ئۆزىمىز ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتاتتۇق. قارىغاندا مېھمانلىرىم بەكمۇ خوشال بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ،ھەممىسى بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن بەكمۇ رازىدەك قىلاتتى.بىردەمدىن كېيىن ئۇ ئاكاش ئالدىغا چىقىپ سۆز قىلدى،سۆزلەپ بولۇپ مەن خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئشىتىن بىرنى قىلدى .ۋە شۇ جايدا پۈتۈن مېھمانلىرىمنىڭ ئالدىدا ماڭا توي قىلىش تەكلىبى قويدى ۋە قوشۇلمىساممۇ،ئويلاشساممۇ بىر قۇر زىببۇ زىننەتنى قۇبۇل قىلىشىمنى ئېيتتى.ئۈزۈك،بېلەيزۈك،زەنجىر...مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بۇنچىلىك قىلىشىغا ئەرزىمەيتتىم. ئۇنىڭغا ئالدىن ئالا دەپ قويدۇم،مەن ئۆيۈمدىكىلەرگە مەسلىھەت سېلىشىم كېرەكلىكىنى،ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ تېخى ئويلىشىپ بولالمىغانلىقىمنى،ئەگەر ئۆيدىكىلەر قوشۇلمىسا مېنىڭمۇ ئامالىم يوقلىقىنى،بۇ نەرسىلەرنى ھازىر پەقەت ئۇنىڭ يۈزىنى قىلىپ مىھمانلارنىڭ ئالدىدا مۇنداقلا  قۇبۇل قىلغانلىقىمنى،بولمىسا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىمنى دەپ ھۆزىرخاھلىق ئېيتتىم.
       مەن مېھمانلىرىم بىلەن خىزمىتىمنى ئوڭۇشلۇق تۈگىتىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم ۋە بىر ھەپتىلىك دەم ئېلىش ئالدىم.دادامنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىنمۇ خاراپ ئىدى.چېچى چۈشۈپ كېتىپتۇ،خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ ئەكس تەسىرى كۆرىلىۋېتىپتۇ.ئوكۇل قويغان قولىنىڭ گۆشى سېسىپ قاپقارا بولۇپ قاپتۇ......مېنى كۆرۈپ يىغلاپ كۆرۈشـتى.ئىچىلىرىم سىيرىلىپ كەتكەنىدى.
        ئەتىسى مەن ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئاپام ماڭا توي ئىشىمنى ئويلىشىشىمنى،ئوغۇل دوستۇم بار-يوقلىقىنى،دادامنىڭ مېنىڭ تويۇمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈسى بارلىقىنى ئېيتىقانلىقىنى دېدى.مانا گەپ تېشىلدى.قانداق سۆز ئاچارمەن ئولتۇرغانىدىم.



      
    [ بۇ يازما marwary تەرپىدىن2008-12-04 11:18 PMدە قاي ]
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-15 10:40 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    sirajil
    ئالىي باشقۇرغۇچى
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3889
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1139
    شۆھرەت: 1564 نۇمۇر
    پۇل: 11334 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    مەن بۇ ئەسەرنى مۇشۇ يەرگىچە كۆرۈپتىمەن.ئەسەر ناھايىتى تەبىئىي چىقىپتۇ.قارىغاندا ئەسەرنىڭ نەق مەزمونىغا تېخى ئەمدى يېقىنلىشىۋتقان بولساق كېرەك.ئەمما بەزى ئىنكاسلار كۆڭلۈمنى غەش قىلدى...
    ئەدەبىياتىمىز ھەرگىزمۇ قانداقتۇر مەن خەقنىڭ ئاشنىسى،مەن خەقنىڭ كىچىك خوتۇنى، مەن ئانداق-مانداق دەپ يېزىلغان ئەسەرلەر بىلەن خارابلىشىپ كەتمەيدۇ.
    بۇ دېگەن تورغا يوللانغان ئەسەر،تور ئەدەبىياتى دېسەك خاتا بولماس.يۇقارقى ئەسەر ئاپتورى ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ھەۋەسكارلار ۋە ياكى مەتبۇئاتلارغا ئەسەر ئەۋەتىشكە قۇربى يەتمىگەن ھەم ئەۋەتەلمەيۋاتقان نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز مانا مۇشۇ تور ئەدەبىياتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز قەلىمىنى تاۋلاۋاتىدۇ.جەمئىيەت،تۇرمۇشتىن ئۇچرىغان ناھەقچىلىقلىرى ھەم يۈرەك سۆزلىرىنى ئۆزى ھېچقانداق تونىمايدىغان،چىرايىنىمۇ بىلمەيدىغان كىشىلەرگە سۇنۇش ئارقىلىق قەلىب يارىسىغا ئاز-تولا بولسىمۇ مەلھەم ئىزدەۋاتىدۇ...
    بەزى ئەسەرلەردە سۆزلىنىۋاتقان مەزمونلارنى ھەقىقەتەن ھېچقايسىمىزنىڭ كۆرگىمىز يوق.ئەمما بۇ دېگەن ئەمەلىيەت.ئەمەلىيەتتىن باش ئېلىپ قاچقىلى بولمايدۇ.ھەممەيلەن ئەمەلىيەتكە،ھەقىقەتكە يۈزلىنەلىشىمىز ھەم يۈزلىنەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك.بۇ دۇنيادا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىمىغان،دەرت تارتمىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك.بولسا بۇ ياقتىن كۆرۈپ ئۇ ياقتىن بېلىگە تەپمەي،ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىكلىرىدىن ئىبرەت ئالساق،ھېسداشلىق قىلىشقا تېگىشلىكلىرىگە ھېسداشلىق قىلساق،نەپرەتلىنىشىكە تېگىشلىكلىرىگە نەپرىتىمىزنى ياغدۇرساق...
    خەير،ئەسەر مەزمونىدىن بەكلا يىراقلاپ كەتتىم،ئەسەر ئاپتورىدىن كەچۈرۈم سورايمەن. بۇ ئەسەر بەلكىم ئاپتور ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى بولۇشى ۋە ياكى پەقەتلا بىر ھېكايە بولۇشى مۇمكىن.بولسا ئەسەرنى باشقىلارنىڭ شەخسىي تورمۇشىغا تاقىۋالماي ئەسەرنىڭ ئۆزىنى تەھلىل قىلىشنى تورداشلارغا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.
    ئەسەرگەقارىتا ھازىرقى يۈزەكى تونۇشۇمنى ئېيتسام،ئەسەر قانداقتۇر ساختىلىقلاردىن خالىي ھالدا چىن ھەم تەبىئىي يېزىلىۋاتىدۇ.ئاپتورنىڭ بۇ ئەسەردىكى مۇشۇ چىنلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەسەرنىڭ داۋامىنى يېزىپ پۈتتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ئاخىرىدا ئاپتورنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئوقۇشلىرىغا ئۇتۇق،ئەسەر باش قەھرىمانىنىڭ ئەزىز دادىسىنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلەيمەن.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) بارىكاللا
  • چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 12:01 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    marwary
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23531
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 150
    شۆھرەت: 182 نۇمۇر
    پۇل: 670 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 368(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

      داۋامى
        

       توي ئىشىنىڭ گېپى چىقىشى مېنى بىر تەرەپتىن خۇشال قىلاتتى،چۈنكى ئۆزۈم قانداق گەپ تېشىشنى بىلمەيۋاتاتتىم.بىراق كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بىرسىگە تارتىشاتتى.خۇددى ھازىرلا مېنى كۆچۈرۈپ ئەكىتىدىغاندەك،كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى.دادامنىڭ مېنىڭ تويۇمغا ئۆزى قاتنىشپ،ئۆزى بەخىت تىلەپ ئۇزاتقۇسى باركەن.بۇ گەپچە دوختۇر بىرەر نەرسە دېگەن ئوخشىمامدۇ. قايسى ئاتا-ئانىنىڭ قىزىنى بالدۇر چىقارغۇسى بار؟ئەلۋەتتە يوق!بىراق دادام....قارىغاندا كۆلى بىرە نەرسىنى تويغان ئوخشىمامدۇ؟؟؟نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق خىياللار بۇ؟؟؟بولدىلا ئويلىماي.
       مەن ئاپامغا دەماللىققا جاۋاپ بەرمىدىم.ئاپاممۇ كوچىلاپ سورىمىدى.چۈنكى مېنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستۇمدىن ئايرىلىپ ئىككى ئايدىلا ئورۇقلاپ تۈگىشىپ كەتكىنىمنى ئوبدان بىلىدۇ.شۇندىن كېيىن ناھايىتى تەستە ئۆزۈمنى ئوڭشاپ ئادەم بولغانلىقىمنىمۇ ،ئۇ خەقنىڭ بىزنى كۆزگە ئىلماي قوشۇلمىغىنىنىمۇ بىلىدۇ.شۇڭا مېنىڭ قاتتىق ئىرادە بىلەن،< پۇل دېگەن سەنمۇ تاپىدىغان مەنمۇ> دەپ ھالال ئەمگىكىم  بىلەن يول تېپىپ نەتىجە قازانغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ئىدى.ئاپام مېنىڭ ئۇنى ئۇنتىيالمىغىنىمنىمۇ سېزىپ قالغانىدى.چۈنكى نەچچە قېتىم ياستۇقۇمنىڭ ئاستىدىكى ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ قالغانىدى.نەچچە رەت تۈن نىسپىدە قۇپۇپ  ئۇنىڭ مەندە قالغان كىيىملىرىنى باغرىمغا بېسسىپ ھىدلاپ،چىڭ قۇچاغلاپ يىغلىغانلىرىمنى سېزىپ قالغانىدى.شۇنداق تۇنجى مۇھەببتنى ئۇنۇتۇش تەس ئىدى.تۇۋا دەيغىنىم بىريېرىم يىلدىن بېرى ئۇ ماڭا ئۇچراپ باقمىدى.ئۇنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپى بىلەن مېنىڭ ئ.ۆيۈم بىر يەردە تۇرۇپمۇ نۇرغۇن دوستلۇرۇمغا يېڭى مۇھەببىتى بىلەن قۇچاغلىشىپ مېڭىپ ئۇچراپتۇ.ماڭا شۇنچىلىك يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىماي كورلىدا ئۇچرىغىنىغا مەن بەك ھەيران.ياكى ئاللا تائاللا شۇنداق ئورۇنلاشتۇردىمۇ؟؟؟بۇ قىزنى سەن ياراتماي تاشلىۋەتكەن بىلەن باشقىلار چىككىسىگە گۈل قىلىپ قىسىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتكىنىمۇ يا؟كاللامدا نۇغۇن خىياللار جۇش ئۇرىۋاتاتتى.ئاپامنىڭ تاماق پىشتى دېگەن سۆزى خىيالىمنى بۇزدى.
    _ئەپەندىم!؟بىزنىڭ ئەپەندىم تاماق پىشتى،قوپۇڭلا ھە قوپۇڭلا....سىلە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كاۋا مانتىسى ئەتتىم،ئىسسىغىدا يەۋېلىڭلا ھە!مەن ئۆزۈم ئېلىپ بېرەي،بىزنىڭ ئەپەندىم مەن ئېلىپ بەرسەم بەك جىق يەيدۇ جۇمۇ تاماقنى...
       ۋاي خۇدايىم،بۇ بىر نەچچە ئاي ئىشلەيمەن دەپ ئۆيگىمۇ تۈزۈك كېلەلمەپتىكەنمەن.ساياھەتكە چىقتىم دەپ دادامنىڭ بۇنچىلىك ئۆزگىرىپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەپتىكەنمەن.ئۆيۈمنىڭ بۇنچىلىك ياسالما ئەركىلەتمىگە تولغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن.بۇنداق ئەركىلەتمە دېگەن كىچىك بالىغا ئىشلىتىلەتتى.بىراق كىشى ياشانغاندا شۇنداق ئەركىلىتىشكە موھتاج بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ياق ياق ...كېسەل!بۇ كېسەل ئادەمنى شۇنداق قىلىپ قويىدىكەن.ئەركىلەتكەنسېرى خۇشاللىق تېپىپ كىچىككىنە ۋارقىراپ قويسا كۆڭلى يېرىم بولۇپ كىچىك بالىدىنمۇ نازۇك بولۇپ يىغلايدىغان ئىشكەن.جىنىم دادام!!!بۇرۇن ئاپامنىڭ مىجەزى تەرسا ئاچچىقى يامان بولغاچقا ئاپام خاپا بولغان چاغلاردا بىزگە كۆزىنى قىسىپ قويۇپلا :
    _ۋاي خاپا بولماڭلا ،-دەپ ...تېخى بەزىدە_ۋاي سىلى ئولتۇرۇڭلا مەن ئېتەي،- دەپ بىزگە سوميەن ئېتىپ بېرەتتى.ئاپام ئەتسە يېمەيتتۇق،دادام سوميەن ئېتىپ بەرسە سىڭلىم،مەن ئاپام ئۈچىمىز ئولتۇرۇپ ئوخشاپتۇ دەپ يەپ كېتەتتۇق.دادام خۇددى ئاشخانىدىكىدەك قىلىپ ئوخشىتىۋېتەتتى.ئاپام جىلە بولۇپ قالسا يول قويۇپ بەزلەيتتى.دادامنىڭ ئەزەلدىن ئاچچىقى كەلگەننى بىلمەيتتۇق.ھازىر بولسا ئاغزىغا تاماق تېتىمىسا ۋارقىراپ جىلە بولاتتى.كىچىك ئىشلارغىمۇ چېچىلاتتى.ئۆزىدىن بارا-بارر ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ سىرتقىمۇ چىقماي يېتىۋالاتتى.ئوقۇغان زىيالى،بۇرۇن ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم بولغاچقا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۇققاندا ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي ئۈمۈت بىلەن ياشاپ ھازىرغا كەلدى.بىراق مۇشۇ يېقىندا بەكلا تۈگىشىپ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىۋاتاتتى.بىچارە ئاپام بولسا قاتتىق يول قويۇپ نېمە دېسە ئايىقىدا پاي-پېتەك بولۇپ كېتىۋاتاتتى.بىر نەچچە كۈن ئۆتتى.مېنىڭ دەم ئېلىشىم توشتى.شېركەتنىڭ ياتىقىدا ياتساممۇ ئۆيگە پات كېلىپ تۇردۇم.
       بىر كۈنى سىڭلىمنىڭ ،_ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا كەل ،_دېگەن تېلىفونىنى ئاڭلاپ بەك ئەنسىرىدىم.ئىشنى قويۇپلا دوختۇرخانىغا باردىم.يەنە بىر قېتىملىق خىمىيىۋېي داۋالاش ئېلىپ بىرىلىۋاتاتتى.ئۇ پەقەت ئۇكۇل ئىدى،3 كۈن ئوكۇل ئۇرۇپ بولۇپلا ئالدى كەينى 10 كۈندە دوختۇرخانىدىن چىقسا بولاتتى.بىراق بۇرۇن ئوكۇل ئۇرسا ئۇنچىلىك قىينالمايدىغان دادام بۇ قېتىم تولا ياندۇرۇپ ھوشىدىن كېتىپ بىزنى بەك ئەنسىرىتىۋەتتى.بانكا كارتامدىن پۇل ئېلىپ دادامنىڭ دوختۇر كارتىسىغا يۆتكىدىم.<ئۇف!>دېدىم ئىچىمدە
    ھە نېمە بولسا مائاشىمدىن سىرت مۇكاپات ئۇ بۇ پۇللارنى قالايمىقان خەجلىمەپتىكەنمەن.دادام دوختۇرخانىدىن چىقمايلا ،ئاكاش باشقا شەھەردىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلدى.ئىشتىن چۈشۈپ تەستە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئالدىراش ئىشىم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ مېنى ئاپىرىپ قويماقچى بولدى
    _نەگە بارىسىز؟
    _دوختۇرخانىغا.ئەسلى ئۇنىڭغا دادامنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىگىنى دېگۈم يوق ئىدى.بىراق ئۇ دادامنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئىدى.
    _مەنمۇ بىللە  كىرىپ يوقلاپ چىقاي.سىىز ئۆيىڭىزدىكەرگە تېخى مەسلىھەت سالماپسىز...
       بۇگەپنىڭ تېگىدە گەپ بار ئىدى.ئويلاپ باقسام توغرىدەك قىلىدۇ.دوستۇم دەپ ئەكىرىپ ئاخىرىنى ئۆزلىرى چۈشىنىۋالسۇن،بىراق گەپنىڭ راستى، ئۇنىڭغا ئۆيۈمدىكىلەرنى دوختۇخانىدا كۆرۈشـتۈرگۈم  يوق ئىدى.ئۆيدە چىرايلىق ئىززىتى بىلەن كۈتىۋالغۇم بار ئىدى.شۇنداق قىلىپ بىز بىللە گۈل ۋە  مىۋە-چىۋىلەرنى كۆتـۈرۈپ كىردۇق.ئاپام-دادام .ۋە ئاپامنىڭ ئىنى_سىڭىللىرىمۇ يوقلاپ كەپتىكەن.ئۇرۇغ_تۇغقانلارنىڭ ھەممىسى باركەن.بۇ ئالامەتنى كۆرۈڭ! يا ئۆزۈمنى چاندۇرۇپ ئارقىمغا يېنىپ چىقىپ كەتكىلى بولمىغان.ئىككى مەڭزىم قىپقىزىل بولۇپ كەتتى.ئاپامنىڭ ئىنى-سىڭىللى بەك شاڭخوچى بولغاچقا :
    -كېلىڭلار كېلىڭلار!!!ۋاي ئەزىز مېھمىنىمىز كېلىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟خەۋەر قىلىۋەتسىڭىز بولمامدۇ ئۇكام!!!تەييارلىقسىز ئولتۇرۇپتۇق.
       ما گەپنى كۆرۈڭ،مەن ئەمدى،خالايىق!تەييارلىق قىلىپ ئولتۇرۇڭلار !مەن توي قىلىدىغان يىگىتىمنى باشلاپ بارىمەن دەپ جار سالىدىكەنمەندە؟ئاكاش دادام بىلەن ،ئاكىلىرىم بىلەن سالاملىشپ ئورۇندۇقنى بىر چەتكە تارتىپ ئولتۇردى.ئارىدا قانداق< ئەھۋالىڭىز،قاچان دوختۇرخانىدىن چىقىسىز....>دىن ئارتۇق تۈزۈك پاراڭ بولمىدى.بىز دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتۇق.مەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇپ دادامنىڭ قېشىغا كىرىپ كەتسەم ئېننىقلا ئاكا-ھەدىلىرىمنىڭ قىززىقىپ سورالغان سۇئاللىرىغا دۇچ كېلىمەن،ئۇنىڭدىن كۆرە بىللىلا چىقىپ كەتتىم.ئاكاش مەندىن توينىڭ جاۋابى دەپمۇ سورىمىدى.مېنىڭ كۆڭلۈمنىڭ ئارامىدا ئەمەسلىكىنى بىلەتتى.ئۇ بۇ قېتىممۇ سەل ئالدىراشتەك ئۈرۈمچىدە قىلىدىغان جىق ئىشلىرى باردەك قىلاتتى.مەنمۇ ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ ئەمدى ئاغزى ئېچىلىدىغانلىقىنى جاۋابنى ئەمدى بېرىدىغانلىقىمنى پۇرىتىپ قويدۇم.
       بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا ئاكاش بىلەن كۆرۈشتۈم،ئەمدى كۆرۈشۈپ تۇرسام ئۆيدىن جىددىي تېلىفون كەلدى.بىزدە ماشىنا بولغاچقا بەش منوتتىلا ئۆيگە كەلدۇق.،ەم ئۆيگە كىرگەندە دادام ھوشىدىن كەتكەنىدى.ئاپام120گە تېلىفون قىلىپتىكەن ئۇلار تېخى كەلمەپتۇ.ئاكاش بولسا نېمە ئىش بولغانلىقىنى خەۋەر قىلىۋېتىشىمنى كۈتـۈپ ماشىنىدا ساقلاپ ئولتۇرىۋاتاتتى.مېنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزۈمنى ئاڭلاپلا:
    _ئۆيىڭىز قانچىنجى قەۋەتتە ؟،دېدى.ئۇ ئۇچقاندەكلا كىردىدە دادامنى ھاپاش قىلىپ ماشىنا بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ  ماڭدۇق.مەن ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم،ئاپام دادامغا قاراپ ئارقىدا ئولتۇردى.ئۇنىڭ ماشىنا ھەيدىگەن ھالىتىگە قارىدىم.مەندىنمۇ جىددىي،مەندىنمۇ ئالدىراش ماشىنىنى ئۇچۇرتۇپ مېڭىۋاتاتتى.ئۇ كۆزۈمگە مېنىڭ نىجاتچىمدەك كۆرۈنۈپ كەتتى.بىز دوختۇرخانىغا كەلدۇق.ئۇ بىزنى كىرگۈزىۋېتىپ ئۆزى پەستە قالدى.بىر ۋاراق قەغەزنى كۆتۈرۈپ دادامنى پۈتۈن سايمانلارغا سېلىپ تەكشۈرتۈپ چىقتۇق.دوختۇرنىڭ دىيىشىچە سەل كېچىككەن بولساق تېخىمۇ يامان بولارىكەنتۇق،ھېلىمۇ ۋاقتىدا كېلىپتۇق .
       تاڭمۇ ئاتتى،ئەڭ ئاخىرى دادامنى ئەڭ ئالىي بالنىتسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قارىسام 12مىڭ يۈەن بولۇپتۇ.ئەمدى يەنە بىر خىل ئوكۇل ئۇرىمىز بىر تېلى 16مېڭ دەيدۇ.بىراق كاللامدىن ئۆتمىگىنى دوختۇرلار ھەجەپ پۇل دېمەيلا تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇردىغۇ؟ھەر ئايدا كېلىپ داۋالاش ئېلىپ بارغاچقا بىزنى تونۇش بالىلاركەن دەپ شۇنداق قىلدىمۇ يا؟ۋاي ما دۆت كاللامنى،ھازىر نەدە نېسىيگە ئىش بار؟مەسئۇل دوختۇرىدىن سورىدىم.بۇ تەكسۈرۈشلەرھەقسىزمۇ دېسەم، ئۇ، مېنىڭ كومپيوتىردا تەكشۈرۈپ بېقىشىمنى ئېيتتى.تەكشۈرسەم پۇلى تۆلىنىپ بولغان دېدى. قانداق ئىش بۇ؟؟؟؟؟؟......
       ھە راست!يېرىم كېچىدە ئۇ بىللە كېلىپ پەستە قېلىپ قالغانتى ئەمەسمۇ؟ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،بىردەمدە تاڭ ئېتىپ كېتىپتۇ،تېلفونۇمنىڭ توكى يوق ئۆچۈپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن.يۈگۈرۈپ بىرىنجى قەۋەتكە چۈشتۈم.ئۇ زالدىكى ئورۇندۇقتا،چاپىنىنى چىڭ يۆگەپ ئولتۇرۇپتۇ، كۆزلىرى ئۇيقۇغا كېتىۋاتاتتى.ھەربىر كۆزى ئۇيقۇغا كەتسە چۆچۈپ ئويغىنىپ ئۈستىنكى قەۋەتكە قاراپ قوياتتى.ئۇنى كۆرۈپ شۇ جايىمدا قېتىپ قالدىم.قانچىلىك تۇرغانلىكىمنى بىلمەيمەن.كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم،ئويغۇتۇشقا قولۇم بارمىدى.ئۇنىڭ بىردەم-بىردەم ھارغىنلىقتىن ئۇيقۇغا چۈشۈپ كېتىۋاتقان بېشىنى ئاستا ئالىقانلىرىمغا ئالدىم،مەيدەمگە باستىم.ئۇمۇ ئويغىنىپ مېنى بېلىمدىن بوشقىنە قۇچاغلىدى.پۇتۈن بەدىنىم بىر خىل خۇشاللىق دېسە خۇشاللىق ئەمەس لېكىن تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ھېسياتقا تولدى.
    _دادىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
    _ياخشى،نېمىشقا ئۇنداق قىلىسىز؟
    _قانداق قىلىپتىمەن؟
    _سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم...جۇرۈڭ دادامنىڭ يېنىغا چىقايلى.
       بىز دادامنىڭ يېنىدا بىردەم ئولتۇردۇق.دوختۇر كىرىپ شۇ ئوكۇلنى ئۇرمىساق بولمايدىغانلىقىنى،ھەر ئىككى ئايدا بىر ئۇرغۇزىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇ دوختۇرنىڭ قولىدىكى قەغەزنى ئېلىپلا چىقىپ كەتتى.مەن بەكلا خىجىلچىلىقتا قالدىم.
    _قەغەزنى ئەكېلىڭ!
    _ياق،بولدى مەن....
    _مەن سىزنىڭ بۇنداق قىلىشىڭىزنى خالىمايمەن،ھەم قىززىقمايمەن.
    _قېينى ئاتامنى داۋالاش ھوقوقۇمغۇ باردۇ؟،_قېينى ئاتام؟بۇ سۆز قۇلۇقۇمغا بەكمۇ يېقىنلىق ئاڭلاندى.
       شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىم ئۇنىڭغا جىق قەرزدار بولدۇم.لىكىن ئۇنىڭ پۇلى ئەمەس ئۆزى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئورۇن ئالماقتا ئىدى.ئۇ دادامنى دوختۇرخانىدىن ئەچىقىپ قويۇپتۇ،ئۇ كۈنى مەن ئىشلەۋاتقان بولغاچقا دوختۇرخانىغا بارمىغانتىم.ئۇنىمۇ بېرىڭ دېمىگەن بىراق ئۇ ئۆزى ساقلاپ تۇرۇپ ماشىنىسىغا قېينى ئاتىسىنى ئولتۇرغۇزۇپ ئۆيگە ئەچىقىپ قويۇپلا ئۆيگە كىرىڭ دېسىمۇ ئۇنىماي قايتىپ كېتىپتۇ.    
      
    [ بۇ يازما marwary تەرپىدىن2008-12-04 11:50 PMدە قاي ]
    پاي چىكى تورى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 02:14 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    浪漫姑娘
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29368
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 124 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 176(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ھۆرمەتلىك تورداشلار:
    مۇمكىن بولسا يازغۇچى ئاپتۇرنى ئالدىراتمىغان بولساڭلار. مىنىڭچە ئەسەر يازماق ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇنى يازسىلا ھىساب ئەمەس. ئۇ چۇقۇم ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل، چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۈرگەن، ئوقورمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدۇرالايدىغان بولۇشى كىرەك.
    ئاپتۇر بەلكىم ئوقوۋاتقان ئوقوغوچى بولۇشىمۇ، ۋە ياكى مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن مەلۇم بىر يەردە ئىشلەۋاتقان ئادەم بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇمۇ ئامالنىڭ بارىچە ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ ئەسەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ ئەلۋەتتە.
    بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆردۇم. ھەممىسلا ئوخشاش ئالدىرتىۋاتىدۇ. لىكىن بۇمۇ داۋامىنى كۆرۈشكە قىزىققانلىقتىن بولىدۇ ئەلۋەتتە. شۇنداقتىمۇ سەۋىر-تاقەت قىلىپ ساقلايلى، (ئەسەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن).
    يەنە بەزىلەر بۇ مەزمۇندىكى تېىمىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئاشۇ تورداشلارنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكىدەك «ناھايىتىمۇ ساغلام» بولغان ئەسەرلىرىنى مۇنبەرگە يوللىشىنى «تۆت كۆزۈم» بىلەن كۈتىۋاتىمەن. ئاشۇلارنىڭ يوللاپ باققىنىنى بەكمۇ كۆرگۈم بار........... بىز ئۇلارنى بۇ ئەسەرنى چوقۇم كۆرۈڭ دەپ مەجبۇرلىمىدۇق ھەم زورلاپ ئەكىرمىدۇق. خالىمىغان ئادەم كۆرمىسىلا كۇپايىغۇ.........
    ھۆرمەتلىك ئاپتۇر، مەن سىزنىڭ مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن ئەسەرنى ئۆزىڭىز ئويلىغاندەك ئاياغلاشتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم داۋامىغا تەشنامەن.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ياخشى ئىنكاس
  • ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 03:21 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    sirajil
    ئالىي باشقۇرغۇچى
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3889
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1139
    شۆھرەت: 1564 نۇمۇر
    پۇل: 11334 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ئەسەرنىڭ شۇنچە كۆپ ئادەمىڭ تەقەززالىق بىلەن ئالدىراتقىنىمۇ ئاپتورنىڭ بىر غەلبىسى.يارايسىز قىزچاق.غەيرەت قىلىڭ.
    بولسا يۇقىرىقى قەۋەتتىكى تورداشىمىز ئېيتقاندەك ئاپتورنى بەك ئالدىراتمىساق،ئۇنىڭ ئەسەرنى جىددىي تۈگىتىمەن دەپ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ياخشى چۈشىرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 04:02 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    marwary
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23531
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 150
    شۆھرەت: 182 نۇمۇر
    پۇل: 670 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 368(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

      داۋامى

       شۇ قېتىمقى ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭغا قەرزداردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.ئۇ ئاكاشمۇ ماڭا جىق ئادەمگەرچىلىك قەرزى ئۆتكۈزۈپ قويۇپلا ، توينىڭ جاۋابىنى ئالدىرىتىپ كەتمىدى،ھەم ئۇنداق بۇنداق بىمەنە تەلەپمۇ قويمىدى.مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم شۇ ئىدى.بىراق ئۇ ھەتتاكى مەن تېلىفون قىلمىسام تېلىفون قىلمىدى.چۈنكى بەكلا ئالدىراش ئىدى.بىر كۈنى ئاپام تېلىفون قىلىپتۇ:
    _ئاپپاق بالام ،بۇگۈن سىز ئامراق گۆشنان ئېتىمەن،كېلەمسز؟كېلىپ يەپ كېتىڭ.
       بۇ كېلىپ يەپ كېتىڭنىڭ تېگىدە چوڭقۇر يەنە بىر كېلىپ يەپ كېتىڭ بار ئىدى.بۈگۈن گەپ تېشىلماقچى . بوپتۇ ھېلىمۇ ئىچكىرىدىن كەلگەندىن بېرى ئىچىم بۇرۇختۇرما بولۇپ يۈرەتتىم.ئۇنى ئۆزۈممۇ ياخشى ياختۇرۇپ قالغاندەك قىلاتتىم.قەلبىمنىڭ چوڭقۇرىغا ئورناپ كەتكەن ئۇ ۋاپاسىز ئەمما سۈيۈملۈك،رەزىل ئەمما يېقىملىق،مەن زارىقىپ كۇتىدىغان ئەمما نەپرەتلەنگەن ئاشۇ سىمانى ئۇنتۇپمۇ كەتكەندىمەن؟!ھەي تاڭ جۇمۇ...تۇنجى مۇھەببەت.....
       ئۆيدىلەر بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىمىگىلى ئۇزۇن بولۇپتىكەن.تاماقتىن كېيىن مەن ئاپام بىلەن پاراڭلاشتىم.ئاپامغا ئۇنىڭ بىزگە جىق ياردەملەرنى قىلغانلىقىنى ، ماڭىمۇ جىق كۆز_قۇلاق بولغانلىقىنى مېنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم.ئاپام ئۇنىڭ تېگى _تەكتى قاتارلىقلارنى سوراپ بولۇپ جىمىپ قالدى.دادام بولسا مەن خۇشال بولساملا ھېچقانداق قارشىلىق بىلدۈرمەيدىغېنىنى،مەن بەخىتلىك بولساملا ،  ھېچكىمنىڭ بۇ تويغا قارشىلىق قىلالمايدىغىنىنى ئاپامغا دەپتۇ..مەن ئاكاشنىڭ بارلىق ئىش پائالىيەتلىرىنى سۆزلەپ بەردىم....شۇنداق قىلىپ ئاپام ئىككىمىز خۇشال پاراڭلىشىپ ئۇخلاپ قالدۇق
       _ئۆزىڭىز ياخشى كۆەمسىز بالام؟
       بۇ گەپ يۈرۈكىمگە نەشتەردەك سانجىلدى.ئاپامنىڭ خىجىل بولماي شۇ گەپنى قىلىۋاتقانلىقىغا خىجىل بولۇپ يالغاندىن سەت ھېيجىيىپ تۇرۇپ:
    _ قېلىن ئاپام ،دەپ قويدۇم.
         مەن بۈگۈن ئۆيدە قونۇپ قالدىم .راست ئۇنى ياخشى كۆرەرمەنمۇ؟كىيىم ئىشكاپلىرىمنى،تارتمىلىرىمنى بىرەر قۇر رەتلەپ قويدۇم،قولۇمغا بىر پارچە رەسىمنىڭ چىقىشى مېنىڭ كونا دەردىمنى قايتا قوزغىغانىدى.بۇ رەسىمنى چوقۇم ئاپام ياكى سىڭلىم ياستۇقۇمنىڭ تېگىدىن ئېلىپ مۇشۇ تارتمىنىڭ ئىچچىگە تىقىپ قويغان گەپ.قىز بالا دېگەن بەكلا داۋخو ھە؟ئىختىيارسىز رەسىم يۈزىنى قولۇم ئاۋايلاپ سۈرتۈپ يۈرۈكۈمگە باستىم.چوقۇم بۇرۇنقىدەك جىددىيلىشىپ كەتمەيمەن دەپ ئويلىغانتىم.نەدىكى!پۇت_قولۇم تېخىمۇ تىترەپ كەتتى.رەسىم خۇددى ماڭا <مېنى قويىۋەت،سەن دېگەن خەققە خوتۇن بولىسەن مېنى تۇتما>دەۋاتقاندەك،يەنە بىر تەرەرپتىن ئۆز_ئۆزۈمگە تەسەللى بىلەن:<ئۇنى قويىۋەت!!!ئۇ دېگەن پۇل ئۈچۈن سېنى تاشلاپ ئاللىبۇرۇن خەقنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ۋىجدانسىز!>دەۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.توغرا ئۇ دېگەن ۋىجدانسىز!مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن كۈنلەرنى،دادامنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدۇ،شۇنداق بولغاندىكىن مېنىڭ يۈرۈكۈمنى لەختە قىلماي،بېسىمىمنى يېنىكلەتمەي قوش_قوش ئازاپ ئېلىپ كەلگەن ....شۇلارنى ئويلاپ يەنە چەلەڭگۈش خىياللار بىلەن قاچان ئۇخلاپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەپتىمەن.
       ئەتىسى ئاكاش بىللە تاماق يەپ كېلىشنى ۋە بۇ بىرنەچچە كۈن بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكى،مېنى ئىزدىيەلمىگەنلىكى توغرىسىدا ئۆزرىخالىق ئېيتتى.مەنمۇ تازا كۆرۈشەي دەپ تۇرغان.دادامنىڭ ياخشىلىقىغا تېخى رەھمەتمۇ دېمىگەنىدىم.بىز كۆرۈشتـۇق.
    _دادىڭىزىنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
    _ياخشى،يەنە بىر قېتىملىق ئوكۇل ۋاقتى توشقاندا ئۇدۇل مېنىلا ئىزدەڭ،دوختۇرنىڭ قولىدىكى خەت مەندە ئىدى،مەن ئوكۇلنى زاكاز قىلىپ،رەسمىيەتلىرىنى ئۆتۈپ قويدۇم.ئەمدى قېينى ئاتامنى ئۆزۈم داۋالىتىمەن.   ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدىم،نەدىن كەلگەن جۈرئەت بۇ؟ ئۆزۈممۇ بىلمىدىم،ئۇنىڭ سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزىگە قاراپ تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدىم.
       ئىلايىم توي قىلغاندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئويلىغايسىز،ئاللا كۆڭلىڭىزگە ئىنساب بەرسۇن،دەپ پىچىرلىدىم ئۆز_ئۆزۈمگە.
      شۇ كۈنى تاماقنى يەپ بولۇپ  ئۆزۈم ئاكتىپلىق بىلەن سۆز ئاچتىم. ئۇنىڭغا ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتىم.ئۇمېنىڭ جاۋابىمنى ئاڭلاپ خوشاللىقىدا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي،ماشىنىدىكى ناخشا ئاۋازىنى چىڭ قىلىپ ئۇچۇرتۇپ ھەيدەپ كەتتى.بىز خەلق مەيدانىغا كەلدۇق.ماشىنىدن چۈشۈپ ئادەم ئاياق ئىزى تەگمىگەن قارنىڭ ئۈسىتدە ماڭدۇق.تۇيۇقسىز ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ پىقىرىتىۋەتتى.ۋاي ئاللا كاللا!ئۇ دېگەن يىغىندا نەچچە مىڭ ئادەمنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ھەر دۆلەتلەردە سودا توغرىلىق نۇتۇق  سۆزلەپ ھەممە كىشىلەرنى قايىل قىلىپ كېلىۋاتقان،ئۆزىنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ ئەمما چوڭ_كىچىكنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتلەيدىغان شەخس.ئەمدىلىكتە ئوپئوچۇق مەيداندا مەندەك بىر ئاددى قىزنى كۆتۈرۈپ پىقىراپ يۈرۈيدۇ..
       شۇنداق قىلىپ بىز ئالدىراشلا توي كۈنىنى بىكىتتۇق.يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن تويۇم بولاتتى.مېنىڭ تويۇم بولىدىغىنى پۈتۈن ئۈرۈمچىگە پۇر كەتكەن چېغى.كۈنىگە تەبرىك تېلىفونىدىن ئاز دېگەندىمۇ 20_30 نى تاپشۇرىۋالاتتىم. بىر كۈنى مېنىڭ كونا ئوغۇل دوستـۇم تـېلىفون قىلىپتۇ.توي قىلىدىغىنىمنى ئاڭلىغان ئوخشايدۇ.ئۈرۈمچىدە ئىكەن.قانداق قىلاي؟كۆرۈشكىلى چىقايمۇ چىقمايمۇ؟
       ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتىم،ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەن ۋاقىتلاردا  باشقا ئوغۇللار  بىلەن كۆرۈشۈشۈش تۇرماق قاراپمۇ قويمايتىم.ئەمدى توي قىلىدىغان ۋاقتىمدا يەنە باشقا ئوغۇل بالا بىلەن كۆرۈشكىلى چىقىپ كېتىۋاتىمەنا؟ئۇنىڭغا شۇنداق ساداقەتمەن ئىدىم،ئەمسە مەن ھازىرقى توي قىلىدىغان يىگىتىمگە ساداقەتمەن ئەمەسمۇ؟ يۈرىكىم يەنە ئىتتىك سوقۇپ كېتىۋاتاتتى.قايسى بىر تەلپۈنگەن يۈرەككە يۈرەككنى ياقىدىغاندەك تەشنالىق بىلەن  كېتىۋاتاتتىم.بىز مەھەللەمگە يىراق بولمىغان جايدا كۆرۈشـتۇق.ئۇ مېنى ساقلاۋاتقان ئاشۇ قەھۋەخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن كاللام نۇرغۇن ئوي_خىياللارنى قىلىۋەتتى.توغرا ئۇنى كۆرۈپ يەنە  ياخشى كۆرۈپ قالمايمەن.بىراق بۇ قانداق بىر ھېسياتكىن تاڭ مېنى شۇنداق جىددىيلەشتۈرىۋېتىپ بارغان.
       ئۇ شۇ پېتى ئىكەن.ئۇماق چىرايى،ئېگىز بويلىرى،كېلىشكەن قەددى_قامىتى. قايسى بىر ۋاقىتلاردا زارىقىپ كۈتكەن شۇ سىما مېنى بەك ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ بىر شاپىلاق بىلەن ھەممە ئىش ئاخىرلاشمىغانمىدى؟ئۇ مېنى كۆرۈپ يەنە چاندۇرماستىن كۈلۈپ تۇرۇپ ئەھۋال سورىدى.مەن ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قاراشقا پېتىنالمىدىم.ئۇنىڭمۇ مەن بىلەن سالاملىشىش جەريانىدا يۈزىدىن ئوت ئالغانىدى.
    _ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
    _ھەئە،ئۆزىڭىزچۇ؟....ئارىدا تۈزۈك پاراڭمۇ بولمىدى.بىرەر ئىستكاندىن قەھۋە ئىچكەندىن كېيىن:
    _توي قىلىدىغان بولۇپسەن...تەبرىكلەيمەن.ئاڭلىسام چەتئەلدە چوڭ بولغان دەيدۇ...
    _قۇلىقىڭىز  خېلى ئۇزۇنكەن،_ئارىمىزدا جىق پاراڭ بولمىدى.ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە قېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئاتا_ئانىسىنىڭمۇ كۆچۈپ كېلىدىغىنىنى ،ئۇنىڭمۇ پات ئارىدا توي قىلىدىغىنىنى ئېيتتى.مەن چىن مۇھەببىتىم ساداقىتىم بىلەن ئۈرۈمچىدە قېلىشقا  قايىل قىلالمىغان ئىدىمغۇ؟ئايرىلىپ كېتىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇ يۇرت مەسىلىسى ئىدىغۇ؟ھامىنى قېلىپ قالىدىغان ئىش ئىكەنغۇ؟نېمە ئۈچۈن مېنى شۇنچە يىل قينايدۇ؟ئاچچاقىم كەلدى.ئۇنى ئۈرۈمچىدە قالسۇن دەپ قىلمىغان نەسىھىتىم،يېلىنمىغىن يالۋۇرۇشۇم قالمىغانىدىغۇ؟نېمىشقا مېنى شۇنداق قىينىغاندۇ؟بىراق ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە قالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەندە ئارقىمغا ئۇچۇپ كەتمىدىم ئەمما تاس قالدىم.
       ئۆيۈمدىكىلەر تونۇشتۇرۇپ قويغان قىز بالا دېگىنى يالغان ئىكەن،مەن تېخى مەن بىلەن ئامالسىز ئايرىلىپ ئۆيىدىكىلەر تونۇشتۇرۇپ قويغان قىز بالا بىلەن يۈرگەن ئوخشايدۇ دەپ تاكى ھازىرغىچە گېپىگە ئىشىنىپ يۈرۈپتىمەن.ئەسلى ئۇ مەندەك ئاشۇنداق ساداقەتمەن مۇھەببىتىدىن تېنىپ ئۇ قىز بالا بىلەن ئۆزى تۇنۇشۇپ قاپتىكەن ،ئۇ قىزنىڭ باي ئىكەنلىكى راست ئىكەن. شۇڭا تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى خاتىرجەم ئاخىرلاشتۇرماقچى ئىكەنتۇق.مانا ئاخىرلىشىپتۇ.ئەپسۇس ئۇ قىزدىن ئۆزىنى تارتىپ بولغىچە بولىدىغان ئىشلار بولۇپ ئۆيدىكلەرنى تويغا ئالدىرىتىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ.ئاھ نېمىدىگەن قوقۇنچلۇق ھە؟ئۇ قىزنىڭ داداىسى ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىدىن خىزمەت ھەل قىلىپ بېرىپتۇ،شۇڭا ئۇ ئەمدى بۇ قىز بىلەن توي قىلىپ ئۈرۈمچىدە قالماقچى ئىكەن.مېنىڭ دادامنىڭ يولى بولغان بولسا ئۇنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ قالالىغان بولسا ئۇمۇ مېنى چىڭ تۇتقان ،بىزمۇ بۇ ۋاقىتقىچ توي قىلىپ بولاتتۇق ھە؟؟؟ياق ياق!!!مېنىڭ ئۇ قىز قالغان كۈنگە قالغۇم يوق.مېنىڭ ئالدىمدا بەكلا كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى،مانا ئەمدى ھېسيات ئالدىدا چوڭقۇر سىناققا دۇچ كېلىپ،يېڭىلىپ قاپتۇ.ھېسيھاتقا يېڭىلگەندىكىن قىز بالىنىڭ ئىستىقبالى تۈگەيدۇ.بىزنىڭ پارىڭىزمۇ تۈگىدى. قىسقىسى قىلىشىدىغان گەپ تاپالمىدۇق.
    _ماقۇلە ئەمسە،مەن قايتاي،_مەن قايتماقچى بولۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.چۈنكى ئۇزاق ئولتۇرغۇم كەلمىدى.مەن پات ئارىدا توي قىلىدىغان تۇرسام،يەنە باشقا ئوغۇل بالا بىلەن ئولتۇرغۇم كەلمىدى. مەن ئارقىمغا بۇرۇلۇپ مېڭىشقا تەمشەلدىم.
    _ماۋۇ مېنىڭ سېنىڭ تويۇڭغا قىلغان سوۋغام بولۇپ قالسۇن،_ئۇ يېنىدىكى ئورۇندۇققا قويۇپ قويغان بىر دەستە 99 تال ئەتىر گۈلنى ماڭا بەردى.نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم.بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ماڭا گۈل سوۋغا قىلىشى ئىدى.مېنىڭ كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش ئاقتى.بۇ سېغىنىش ئەمەس ھاياجان يېشى ئىدى.
    _ساڭا بەخىت تىلەيمەن.شۇ مۇھەببىتىڭ بىلەن مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇپ كەتكىن.
    _سەنمۇ شۇ !!!كۆزلىرىم مېنى چاندۇرۇپ قويدى.ئۇ مېنى بوشقىنە قۇچاغلىدى،پىشانەمگە سۆيۈپ قويدىدە چىقىپ كەتتى.
       ئۇ كۈنى شۇنداق راھەت ئۇخلاپتىمەن.كۆڭلۈمدىكى بارلىق تۈگۈنلەر يېشىلدى.ئۇنىڭغا ن نسبەتەن مەندە نەپرەتمۇ،سېغىنىشمۇ قالمىدى.ئۇنىڭ ئىسمى خۇددى مەن تونۇيدىغان تونۇشلارنىڭ ئىسمىدەك كاللامدا خىرە ئەكس ئېتەتتى.
      مەن توي قىلدىم.ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ مېھمانخانىنىڭ ئەڭ چوڭ زىياپەت زالىدا ئەڭ ھەشەمەتلىك توي قىلدىم.شۇ توي بىلەن يولدىشىمنىڭ بارلىق مېھرى_مۇھەببىتىگە،كۆيۈنۈشىگە مۇيەسسەر  بولۇپ ئۆزۈمنى ئەڭ بەخىتلىك ئايالدەك ھېس قىلالىغىنىم بىلەن،ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ بىردىنبىر سۆيگىنى ئەمەسلىكىنى،ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مېنىڭ بىردىنبىر سۆيگۈنىم بولۇپ كېلەيلەيدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.
       تۇرمۇشۇم بەكلا ھەشەمەتلىك،ھەممە نەرسە تەل،ئىشقىلىپ تۇرمۇشۇم خانىشلارنىڭكىدىن قېلىشمايتتى.ئۆي تازىلاي دېسەممۇ پۇرسەت يوق،تاماق ئېتەي دىيىش مۇمكىنمۇ ئەمەس،ئۆزۈمنىڭ ھوجرىسىدا كىتاب ئوقۇپ ياكى ئۇخلاپ ياكى ناخشا ئاڭلاپ،تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇشنىلا بىلىمەن.ئادەتتىكى  ئۆي ئاياللىرىدەك تاماق ئېتىپ ئېرىنى ساقلاپ ، ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىكەنمەن.ئۆي تۇتۇپ ئىككى_ئۈچ ئايغىچە ئۇ كۈندە ئۆيگە قايتىپ كەلدى.كېيىن چەت دۆلەتكە چىقىپ شۇ جايدىكى ئىشلارنى بىجىرىمەن بىر ئايغىچە كېلىمەن دەپ كەتتى.ئۇنىڭغا كۆزۈم قىيمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭغا مەسلىگىم كېلەتتى،شۇنداق قابىلىيەتلىك يولدۇشۇم بولغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنەتتىم.بۇ چوڭ داچىدا يەنە يالغۇز قالدىم. ئۇنىڭ كەتكىنىگە قانچە كۈن بولغانلىقىنى،قانچە كۈندىن كېيىن كېلىدىغىنىنى ساناپ ئولتۇرۇدۇم.
    [ بۇ يازما marwary تەرپىدىن2008-12-05 12:15 AMدە قاي ]
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-16 08:46 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    yawagul0997
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 271
    شۆھرەت: 291 نۇمۇر
    پۇل: 1051 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 673(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ئەسلىدە  بۇ  قىز  زىيانكەشلىككە  ئۇچرىغۇچى  ئىكەندە؟!   مەن  دەسلەپ
    باشقىچە  ئويلاپتىكەنمەن.
    ئەسەر  تىلىنىڭ  راۋان،  تەبىئىيلىكى  بىلەن  مېنى  جەلپ  قىلىۋالدى،  غەيرەت  
    قىلىڭ  سىڭلىم.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-17 01:01 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    kaxkar.ogli
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26513
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 240
    شۆھرەت: 240 نۇمۇر
    پۇل: 914 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 365(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

         ئاخىرغا  تەشنا  .
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-17 01:29 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/21 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.087218(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-16 17:57
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号