بۇ بەتتىكى تېما: شۇھرەتنىڭ تاتلىقى،قىسمەتنىڭ ئاچچىقى. تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 928 قېتىم كۆرۈلدى
katil731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 18503
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2585
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2585دانە
شۆھرەت: 2579 نۇمۇر
پۇل: 6564 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :465(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 شۇھرەتنىڭ تاتلىقى،قىسمەتنىڭ ئاچچىقى.

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما katil731 تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2008-06-19)
ﺷﯚﮬﺮﻩﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻰ ، ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ




ﺷﯚﮬﺮﻩﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻰ ، ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ


ﺋﯩﻼﯞﻩ : ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﺘﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ - ﭘﯘﺭﺍﺕ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ << ﻳﺎﺯﻣﺎ>>ﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ، ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﺋﻪﺗﻜﯘﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ ...


1

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﭼﺎﻗﻨﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺟﯘﻻﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﺳﻰ .
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ، ﺗﻪﺭﯨﻘﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻏﯧﺮﯨﺒﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ ، ﮔﺎﮬﻰ ﺑﯩﺮ ﮔﺎﻟﯟﺍﯓ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭ . ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ - ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯚﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯜﭼﯩﺪﻩ ﺭﻭﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ! ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﭘﺎﻻﻛﻪﺕ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﺳﯩﺮﯨﺘﻰ ﻛﯚﭖ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻠﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ . ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺘﯩﻤﻜﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﯔ ﺗﻮﻟﻐﯘﻧﯘﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻣﻜﻰ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﯚﭘﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﮬﯧﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺟﯩﺮﯨﺒﻪ - ﺳﺎﯞﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ << ﺋﯩﺒﺮﻩﺕ >>ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﭖ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﺷﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻳﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ... ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺩﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ .( ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﺎﻱ ﺋﯩﻼﺟﯩﻢ ﻳﻮﻕ )
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭ ﺑﻪﺱ - ﺑﻪﺳﺘﻪ ﻗﯩﺰﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ، ﺟﻪﺳﺴﯘﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﯞﯨﺮﯨﭗ ، << ﮔﯜﺯﻩﻝ >>ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺟﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ . ﺑﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺭﯨﺴﺴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﯞﯨﺮﻧﻰ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺮﯨﭗ ، ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ<< ﺩﻭﻧﻜﯩﺨﻮﺕ >> ﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺩﻩﺭﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻗﻪﺭﺯ ﮬﻪﻡ ﭘﻪﺭﺯ . ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﯗﺭﮔﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯘﺭ .<< ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ ﻟﯧﻨﯩﻦ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﻜﻰ ﮬﺎﻻﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺷﻪﭘﻪ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﭘﻠﯩﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﺨﻮﺕ ﮬﻪﻡ ﮬﺎﯕﺒﺎﻗﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﻛﺎﻟﻼ ، ﺳﻪﮔﻪﻙ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﻜﻰ ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻻﻛﯩﺘﻰ ﮬﺎﻻﯞﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻳﯘﺳﯘﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ : << ﮬﯧﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ >><<ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﺵ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮬﯧﻜﯩﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺭﺗﯩﺸﻨﻰ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﺩﻟﯩﻜﺘﯩﻨﻼ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ . ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ، << ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﻼﺑﻰ >> ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ << ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺕ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ>> ﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ﺷﯘﻧﻰ ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰﻟﻪﺭﭼﻪ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ، ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﺩﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯧﺮﯨﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ !
ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ . ﺋﺎﻻﻳﻠﯘﻕ ، ﺑﯩﺰ ﺗﯧﺰﻻ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ << ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺳﻪﺧﺲ >><<ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ >> ﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻛﯚﻛﺘﻪ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯧﺰﻻ ﭼﯚﻛﯜﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ . ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﮔﯩﺸﯩﺸﻤﯘ ﺷﯘﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ . ﺑﯘ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ ؟ ﻳﻪﻧﯩﻼ ...
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﯧﺮﯨﺒﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ - ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺳﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ ﺗﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻤﺴﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻻﻛﻪﺕ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺩﯦﯟﻩﻳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ...
ﺋﯚﺯﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﭼﻪ ﯞﺍﻳﺴﺎﺵ ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻻﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯗﭖ ، << ﺗﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﺶ >>ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﯩﻠﯩﻘﺘﯘﺭ . ﺟﯩﺒﺮﺍﻥ ﺧﯧﻠﯩﻞ ﺟﯩﺒﺮﺍﻧﯩﯔ << ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ :
<< ... ﺋﯧﮭ ، ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ، ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ! ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺩﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ! >>
<< ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﯩﺮﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ! >>
<< ... ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﻰ ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﻣﺎﻗﭽﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﺍﻣﭽﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ! >>
<< ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﮔﺎﺱ - ﮔﺎﭼﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺑﯚﺷﯜﻛﺘﻪ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ! >>
<< ﻗﯘﻣﺪﻩﻙ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﺒﺎﺷﺘﺎﻕ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ! >>
ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ؟

2

ﺷﯘﻧﻰ ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ، ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﻪﻧﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﮬﻪﻡ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﯞﻯ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﯨﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﻪﺑﺠﻪﺷﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﻭﮬﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﺩﺍﺯﻟﯩﻤﺎﻳﻠﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﻣﭽﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻗﻜﯚﯕﯜﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ! ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ﮬﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ( ﺋﯚﺗﯜﻛﻪﻥ ) ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻼ ﺑﯩﻠﯩﭗ ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ << ﺑﺎﺗﯘﺭ ، ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﺱ ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ >> ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﯧﺮﯨﻢ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ - ﻳﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯘﻕ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯧﺮﻩﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻻﺭ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﻐﺎ ﺷﯘﯕﻐﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ، ﺗﯧﺮﯨﻘﺘﻪﻙ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ، << ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﯞﺍﻕ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ>>ﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﻯ ﺭﻭﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﺎﻳﻐﯘﻏﺎ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ <<ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻰ>>ﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ... ﺧﻪﻳﺮﯨﻴﻪﺕ ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺷﯘ ﻗﺎﻥ - ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﺎ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ؟
ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﯧﻨﻰ ﯞﻩ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﭘﯘﺗﯘﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﯩﻴﺎﺳﻰ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ... ﻧﺎﻣﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﮬﻪﻡ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﻤﻪﺱ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻤﺎﭼﻪﻧﻨﯩﯔ << ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺭ >> ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﻧﮕﯘﻧﯩﯔ << ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ >>ﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ << ... ﻧﺎﻣﻪ >>ﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ... ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﺎﻧﯘ - ﺷﺎﯞﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺭﺗﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ << ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﻰ >>ﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ، ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﺩﻩﻙ ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪﻝ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺷﯘﯕﯩﻼﺷﻘﯩﻤﯩﻜﻰ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ ﻳﻮﻕ ، ﺋﯚﺯﮔﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﺍﺗﺴﺎ ، ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜﻙ .
ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﯩﻴﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯩﻨﻤﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻼﺭ . ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ : << ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ......... ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻻﻧﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ، ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ . ......... ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﯘﻣﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻻﻧﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻴﺎﺳﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . >> ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ << ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ >> <<ﭘﺎﻛﯩﺘﻠﯩﻖ >> ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯩﺰ . ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻤﻪﻧﻜﻰ ، ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ << ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ >>ﺋﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ << ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ >> ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺯﻭﺭﯗﻗﯘﭖ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﺘﯘﺭ . ﺷﯘﯕﯩﻼﺷﻘﺎ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺩﻩﺑﺪﻩﺑﻪ ﮬﻪﻡ ﺷﺎﻧﯘ - ﺷﻪﯞﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ، ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ، ﮬﻪﯞﻩﺳﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﻪﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﯧﺮﯨﺒﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ . ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯩﺒﺮﻩﺕ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﺴﺎ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ . ﺋﻮﻳﻐﺎﻕ ﮬﻪﻡ ﺗﯧﺮﻩﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﭘﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻣﯘﺩﮬﯩﺶ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺰﺩﻩ 100 ﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭙﻤﯘ << ﺳﻮﺳﻜﺎ >> ﺋﯩﻤﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ . ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘﻧﻰ ﺟﺎﻥ ﮬﻪﻟﻘﯘﻣﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﻳﯘﭖ ﻳﯧﺘﻪﺭﻣﯩﺰ ... ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻣﯘ ﺋﯩﭻ - ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺭﺗﯜﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ :
<< ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ،
ﺗﻪﻛﺘﯩﮕﻪ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﺴﻪﻥ .
< ﺧﻪﭖ > ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﻪﻱ ﻗﺎﻻﺭ ،
ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﺴﻪﻥ >>
ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ : << ﺋﯘﻻﺭ ﮔﺎﺳﺘﯘﺭ ، ﮔﺎﭼﯩﺪﯗﺭ ، ﻛﻮﺭﺩﯗﺭ ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ( ﮔﯘﻣﺮﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ) ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻳﺪﯗ >> * << ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ، ﺋﺎﻟﻼﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ ﮔﺎﺱ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ، ﮔﺎﭼﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﺩﯗﺭ >> * << ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﮔﯩﺮﯨﻔﺘﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ >> *ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯞﯨﻠﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻰ ، ﮬﯧﺴﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﺳﺘﻪ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻜﯩﻨﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ .
ﺷﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﻪﺟﻪﭘﻠﻪﻧﺪﯗﺭﺩﯨﻜﻰ ، ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻱ ، ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﯩﻼﺭ ، ﺋﯚﺯﮔﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯘﺭﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﯘﺯﯨﻴﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺭﻩ - ﺋﻪﺗﯩﻘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﮭﺎﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ << ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ >> << ﺋﯘﺳﯘﻝ >> ﺩﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺐ ﺗﯚﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ << ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ >> ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻧﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ... ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ ﺑﯘ - ﮬﻪ !

ﺋﯩﺰﺍﮪ : *<< ﺳﯜﺭﻩ ﺑﻪﻗﻪﺭ >> 18 - ﺋﺎﻳﻪﺕ .
* << ﺳﯜﺭﻩ ﺋﻪﻧﻔﺎﻝ >> 22 - ﺋﺎﻳﻪﺕ .
* << ﺳﯜﺭﻩ ﻳﻮﻧﯘﺱ>> 100 - ﺋﺎﻳﻪﺕ .


3

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺑﯘﺭﭼﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﺍﺭﻻﻏﺎ << ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻨﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﭼﯜﺷﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻣﺪﯗﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻣﺪﯗﻕ ؟! >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻐﺎ ﻣﯘﺭﺍﺟﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ، ﺋﯚﺯ ﺷﯚﮬﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯜﭼﻪﭖ << ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﺵ>>ﻛﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﯘﺷﺘﻰ – ﻳﯘ ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﯕﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻧﮕﯜﺷﺘﻪﺭﮔﻪ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ .
ﺷﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺴﯩﻤﯩﻠﯩﻴﺎﺗﺴﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ << ﺭﯦﺴﺘﯩﭗ >> ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ! ﺑﯘ << ﺭﯦﺴﺘﯩﭗ >>ﻧﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻼ ﻳﺎﺯﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺧﺎﻻﺱ !
ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻏﯩﻞ – ﭘﺎﻝ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻪﭘﺴﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺘﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﺗﻪﻣﻪﺳﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﭘﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺵ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯘﻧﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﻣﯘﺭﺍﺟﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﯜﺯﯛﻙ ! ﭼﯜﻧﻜﻰ << ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺩﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﯨﻐﺎﻧﻤﯘ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺩﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﯨﻐﺎﻧﻤﯘ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ >><< ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺴﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯚﻣﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﯕﻐﯘﺯﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ >> ( ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ )ﺷﯘﯕﺎ ، ﻳﺎﯓ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺯﻯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﻪﻣﺎﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﮕﻪﻥ .
ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﻣﯘﺩﮬﯩﺶ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﺩﻩﻙ ﻗﺎﺩﯨﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ، ﺭﻭﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ، ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ، ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﻪﻧﺪﻯ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﯩﻨﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ !
ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﯞﯦﻠﯩﺶ ﺋﻪﯞﻻﺩﻗﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ! ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ، ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﻮﺭﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﯟﯨﺮﯨﺶ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻪﺭﺯ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ .
ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ، ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﻪﺷﺘﻰ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺭﻭﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﭘﯜﭼﯜﻛﻠﻪﺷﺘﻰ . ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺪﻯ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚﭘﯜﻛﻠﻪﻧﺪﻯ . ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺩﯨﻠﯩﺪﺍ << ﺋﺎﻟﻼﮪ >> ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﯘﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﻰ ...
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ، ﺋﯚﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ << ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﻰ >> !
ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ؟

4



ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺴﯩﻼ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ << ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯜﺭ>>ﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯘﻧﯩﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ – ﻳﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ، ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ، ﭘﯩﭽﺘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﻛﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺗﯩﻘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ . ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﯞﺍﻧﮕﺎﺭﺕ ! ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ << ﻧﻪﭖ >>ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .
ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮬﺎﻟﻘﺎ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﺎﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ؟! ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﺍ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﻗﺎﻥ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ << ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨﻞ ﻳﯜﺭﻩﻙ >>ﻻ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ !
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﺯﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺳﺎﭘﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﺪﻯ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻢ – ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﻰ << ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ >>ﻻ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ، ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﺩﯨﺮﻻﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﺴﺎ ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﯞﻩﮬﯩﻤﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯘﻻﺭ ﺩﻩﻝ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ << ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ >> ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯗﺭ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ – ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺨﻪﯞﻩﺭ . << ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ >>ﻧﻰ ﺷﯘﺋﺎﺭﻻﺭ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﭼﻜﻪ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺧﯘﺷﺘﺎﺭ . ﺷﯘﯕﺎ 12 ﻳﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺶ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ، ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﯕﻘﯘﺭﯗﺗﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﺌﻪﺗﺘﻪ << ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ>>ﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﭼﯩﺮﯨﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺩﺍﭖ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﺩﻩﺳﻤﯩﺴﯩﻨﻰ << ﺑﺎﺯﺍﺭ >>ﻏﺎ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﮬﯧﻴﯩﻘﻤﺎﻱ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ << ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ >> ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﭖ – ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﻠﻰ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻤﻪﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ << ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ >>ﻻﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ << ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ >> ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ << ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ >> ﻣﯘﺩﯨﺮﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ << ﺟﺎﻥ >> ﺋﺎﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﻪﻣﻤﺎ << ﺷﺎﻡ >><< ﻗﯘﻳﺎﺵ >><< ﺑﺎﻏﯟﻩﻥ >>ﺩﯦﮕﻪﻥ<< ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ >>ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎﺭ<< ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ >>ﻻﺭﻏﺎ << ﮬﻪﯞﻩﺳﻠﻪﻧﻤﻪﻱ >> ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ .
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﮬﺎﺟﻪﺗﻜﻰ ، ﺋﻪﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ <<ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ >>ﺗﯩﻦ ﺑﯚﻟﻪﻙ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ . ﺋﻪﺷﯘ ﮬﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ << ﻧﻪﭖ >> ﺑﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ ؟
ﺋﯧﺘﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺷﯜﻛﻰ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ << ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ >>ﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﭼﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺷﺎﻻﯕﻼﭖ ﭼﯚﻟﺪﻩﺭﻩﺵ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﭼﻜﻪ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ... ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ...
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﯨﯟﻩﻳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ : << ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ >>ﺋﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ، ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﯘﻧﻤﯘ ؟! ﺑﯘﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻻﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ << ﺋﺎﺳﺎﺱ >> ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ . ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﻗﯧﻨﻰ << ﻗﯩﺰﯨﭗ >>ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ << ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺩﻩ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﯘﺵ >>ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ << ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻲ >>ﺗﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ...
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﯨﺌﯘﻟﻮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻻﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ !
ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺋﺎﻛﺎ – ﺋﯘﻛﺎ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﯩﻔﻼﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﺎﺭﺍ – ﺑﺎﺭﺍ ﺋﯚﭼﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ( ﺗﻪﯞﭘﯩﻖ ) ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﺗﯘﻣﺎﻧﻼﺷﺘﻰ :
ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﻤﯩﺰ ،
ﺋﺎﺭﺯﯗﻣﯩﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺴﯘﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ !

مەنبە ئىزدىنىش مۇنبىرى،قارا خەنجەر
بو ئوغورلۇققا ياتمايدىغاندۇ؟
بۇ تېما باشقۇرغۇچى MuzTagh تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2007-10-21 .
چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
مەنزىل يىراق، ئاتلار ئۇرۇق، گېپىمىز چوڭ، ئىچىمىز قۇرۇق.
| ۋاقتى : 2007-10-21 15:53 [باش يازما]
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
owqe
ۋەتەن
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9693
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 956
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە956دانە
شۆھرەت: 902 نۇمۇر
پۇل: 2831 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇنداق بولماس.ياخشى تىمىنى ئوغۇرلىغاندىن كىيىن.
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
جانان ئۈچۈن كىچىمەن جاندىن،
ۋەتەن ئۈچۈن جاندىن جاناندىن.
                                -قوزى
| ۋاقتى : 2008-01-27 00:15 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
zulkahra
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28996
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە50دانە
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 250 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
| ۋاقتى : 2008-06-17 18:15 2 -قەۋەت
ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
danggal
قۇم قازى
ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 82
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1036
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1036دانە
شۆھرەت: 785 نۇمۇر
پۇل: 58 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :120(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

كارامەت ئىش بوپتۇ
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
     363309062  :چچ
| ۋاقتى : 2008-06-17 21:48 3 -قەۋەت
kedirdan0996
دەرىجىسى : ئالى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24868
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 997
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە997دانە
شۆھرەت: 1078 نۇمۇر
پۇل: 36 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 127 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :153(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-19
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
ئەزىم دەريا بولاقتىن،
دانىشمەنلىك قولاقتىن.
| ۋاقتى : 2008-06-17 21:54 4 -قەۋەت
lovebird
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31588
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 163 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-18
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭچە  بۇ قىلغىنىڭىز  ئوغرىلىققا  كىرمەيدۇ  ،بىلىم  ئوغرىسى  ئوغرى  ئەمەس دەيدىغان  كونىلار  .مۇشۇنىڭغا  ئوخشاش تەربىيىۋىي  ئەھمىيىتى زور تىمىلار بوسا داۋاملىق  يوللاپ  تۇرغايسىز  .
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
| ۋاقتى : 2008-06-18 10:17 5 -قەۋەت
almat@
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31003
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە50دانە
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 250 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت 
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
| ۋاقتى : 2008-06-18 10:22 6 -قەۋەت
tohri
دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 4053
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 308
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە308دانە
شۆھرەت: 318 نۇمۇر
پۇل: 1900 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :101(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى تېما ئىكەن!! 
      بۇندىن كېيىن ئالدىمىزغا نەزەر سېلىشىمىز كېرەك!!
مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
قاننى سوغۇق سۇدا يۇغىن!!
| ۋاقتى : 2008-06-18 11:32 7 -قەۋەت
sejda
دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 20812
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 295
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە295دانە
شۆھرەت: 335 نۇمۇر
پۇل: 1044 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :118(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇھ!!!!!!!!!-------قېرىندىشىم.............
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
| ۋاقتى : 2008-06-18 13:33 8 -قەۋەت
tapsamtaptim
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 32367
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 514
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە514دانە
شۆھرەت: 514 نۇمۇر
پۇل: 1635 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئو  يىگىت    ياشاپ  كەت    خىلى  پەيزىڭ    بار        ھەشقاللا        
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-06-19 19:00 9 -قەۋەت
otan-saman
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30859
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 179 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

  بۇنى ئۇزۇن تېما ئوقۇشقا خوشياقمايدىغانلارنىمۇ كۆرسۇن دەپ ئەڭ ئىخچام يازدىم، ئەستايىدىل ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

  مېنىڭ بۇ يوللاپ بولغان تېمىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىشىم ھەرگىزمۇ تېما تەكرارلىقى پەيدا قىلغىنىم ئەمەس، ئوقۇپ بولۇپ مېنى تەنقىد قىلسىڭىزمۇ، تىللىسىڭىزمۇ ئاغرىنمايمەن. پەقەتلا سىلەرگە ئازراق بىرنېمە يۇقۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
                                     
                                                  ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى


  ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا يېزىلغان ئوت يۈرۈك شائېرىمىز «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» نىڭ :
باشقىلار سۇدا ئۈزۈپ كۆكتە ئۇچۇپ كەتتى يىراق،
مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
دېگەن شېئېر يىتىپ ئاشاتتى. ئۇنىڭغا يەنە 60 يىللىق بۇزغۇنچىلىق قوشۇلدى. قالغىنىنى دىيارىمىز قىسمەتلىرىنىڭ بەدەلچىلىرى بولغان ھەر بىرىمىز ئوبدان بىلىمىز.
  قايسى بىر توردىشىمىزنىڭ ئوخشاتقىنىدەك ئۇيغۇر ھازىر بەئەينى يۈرىكى ئۆپكىسى جىگىرى بۆرىكى قاتارلىق ھەممە ئەزالىرى ئاغرىپ نىمجان بولۇپ ياتقان بىمارغا ئوخشايدۇ.
  خوش، كېسەلنىڭ بارلىقىنى ھەممەيلەن بىلدۇق. ئەمما ئۇنى چوڭ جەھەتتىن ئوپىراتسىيە قىلىدىغان يۇقىرىدىكىلىرىمىز ۋە باشلىقلىرىمىز ئۆزىنى بىزگە شۇ دەرىجىدە تونۇتۇپ بولدىكى ئۇلارغا ھەممىمىز باھا بېرەلەيمىز.
  ئۇنداقتا بىز ھەقىقەتەن ئۆلۈپ كېتەمدۇق؟ بۇنىڭغا جاۋاپ شۇكى: ئۆلدۇق دەپ بەل قويىۋەتتۇقما ئېنىق ئۆلىمىز. بىر كېسەلنىڭ ھاياتقا ئىشەنچى قالىمىسا ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلۈم ئېغىزىغا تۇتۇپ بېرىدۇ.
بۇ كېسەلدىن ساقىيىشنىڭ دورىسى پەقەت ئۆزىمىزدىلاكى بۇ ھەقىقەتەنمۇ قۇدرەتلىك دورىدۇر.
  تۆۋەندە مەن ئۆزۈم تىزىپ چىققان دورىلار ئۈستىدە توختىلاي. (ئەلۋەتتە ھەممە مۇكەممەل بولمىغىنىدەك مېنىڭ بايقىشىمدىمۇ خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن ئەگەر راست شۇنداق بولسا بىرلىكتە ئىزدەنسەك ۋە تۈزەتسەك…)
بىز ھازىر جىددىي مۇئامىلىدە بىر چوڭ ۋاكسىنا ۋە بەش چوڭ دورىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.
(بىز ئەلمىساقتىن ئېتقاتلىق بولۇپ كەلگەن. ئېتىقادتىن ئايرىلغان ھەركەت ھەر-زامان ھەر-ماكان غەلبىلىك بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئاۋال ئاللاھ تىن ئۆزىمىزگە پاناھلىق ۋە ئاسايىشلىق تىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى، ئىشلىرىمىزغا مەدەت بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ ، ئاندىن بىسمىللا دەپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھەركەتكە تۇتۇنىشىمىز كېرەك.)
ۋاكسىنا : بىخۇتلۇقنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلىشىمىز. جىددىي تۈردە روھىمىزنى پالاپ، جەمىئەتتىكى جىددىي مەسىلىلەرگە جىددىي مۇئامىلىدە بولىشىمىز كېرەك.
  بىر كېسەل ئۆزىدىكى كېسەلگە ‹ساقىيىپ كېتەر› ياكى ‹بىر گەپ بولار› دەپ سەل قارىسا ئۇ ئېنىق ئېغىرلىشىدۇ.
  قانداق جىددىي پوزىتسىيەدە بولىمىز؟ ئەلۋەتتە قاراملىق قىلمايمىز. ئىشنى يوللۇق قىلىمىز. قىلماقچى بولغان چوڭ-چوڭ ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلايمىز. مەسىلەن:
  مېنىڭ مۇشۇ ماقالىنى تورداشلارغا سۇنىشىممۇ چوڭ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كىچىك ئىشىم. بۇ تېمىنى يەنىمۇ كۆپ ئادەمگە تەۋىسىيە قىلىش سىزنىڭ قىلالايدىغان كىچىك ئىشىڭىز. ئەنە شۇنداق <كىچىك>لەر يىغىلىپ غايەت زور كۆچ ھاسىل قىلالايدىغىنىغا مەن چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
  ۋاكسىنىنى تونۇشتۇرۇپ بولدۇم. ئەمدى بەش دورىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى دورىنى جايى جايىدا ئىچىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. 5 چوڭ دورىمۇ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچىسى: روھى دورا . ئىككىنچىسى: جىسمانىي دورا
  بىز بىرىنچى باسقۇچتا روھى دورىنى يىيىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئادەم روھىنى ساقايتمىسا جىسمىنى ساقايتىش خام خىيال بولۇپ قالىدۇ.
1. دورا- ئۆزىنى سۆيۈش : (روھى دورا)
  ئۆزىدىن بىزار بولۇش چۈشكۈنلۈشۈش خىيالىدا ھەرگىز بولماسلىق.
  چۈنكى: چۈشكۈنلىشىش ئېغىرلاشقانسىرى ئىشەنچ يوقىلىشقا باشلايدۇ ئاخىر ئادەم ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ.(شۇنچە ۋاقىت باشقىلار بىلەن تەڭ-يېتىپ تەڭ قوپۇپ ئۇلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتىرىپ باشقىلار داغدام يولدا ماڭسا بىز سىم تاناپنىڭ مىخنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ تۇرۇپ بۈگۈنگە ئۇلىشالىدۇق. ئاللاھ بۇيرىسا ئېرادە قىلساقلا قىيامەتكىچىمۇ ئۇلىشالايمىز.)بولۇپمۇ چۈشكۈنلۈك تەسىراتلىرىنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلماسلىق. بىلسىڭىز بۇ بىر چوڭ جىنايەت. كېسىلىڭىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ ئۇلارنىمۇ كېسەل قىلىسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ. «بىز ئۇنداق بولۇپ كەتتۇق. مۇنداق بولۇپ كەتتۇق.» باش تېمىسىدىكى يازمىلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
2. ئۆزىنى قەدىرلەش :
  مەدەنىيەت ۋە تىل يېزىق مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى. ئۇنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلاپ قېلىش ئۆزىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلىيالىغانلىقىمىز بىلەن باراۋەر. ئۆزىنى ساقلاش مەسىلىسىدە بىلىدىغانلىرىمىز بىلمەيدىغانلىرىمىزنى يىتەكلىشىمىز. ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئۇلارغا تەسىر قىلىشىمىز كېرەك.
  ئەگەر ھەممىمىز «مودا»غا كەتكەن كاللىمىزنى «مەدەنىيەت»كە ئاتىغان بولساق بۇنچىلىك بولۇپ كەتمەس ئىدۇق. سىزنىڭ مۇدىغا چاپلاشقان ۋە مەدەنىيىتىمىزگە مۇناسىپ بولمىغان ھەر بىر ئېغىز گېپىڭىز ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەدەنىيەتنى بۇزۇشنى تەشۋىق قىلىغىنىڭىز بولۇپ بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىز بىلىپ بىلمەي پۈتۈن مىللەتنىڭ ئاسىيسىغا ئايلىنسىز.
3. ئۈمۈدۋار بولۇش :
  كەلگۈسىگە يۈكسەك ئۈمۈد بىلەن قارىشىمىز كېرەككى ھەرگىز بەل قويۇشقا بولمايدۇ. سىز بىر ئىشنى قىلىشتىن ئۈمۈد ئۈزدىڭىز دېمەك ئۇنى يەنە قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ۋە بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق بولۇپ قالىدۇ.
«ھاياتلىق گوياكى ئەينەك، سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ» دېگەن ماقال تەمسىل بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى جاۋاپ بولالايدۇ.
ئېسىمىزدە بولسۇنكى دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ غەلبىلەر ئاخىرقى تىنىقىغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەرگە مەنسۈپ بولغان.
ئىككىنچى باسقۇچلۇق دورا جىسمانىي دورا.
4. قاتتىق تىرىشىش :
  پۈتۈن كۈچ بىلەن بىلىم ئىگىلەشكە ئاتلىنىش كېرەككى بۇ جەھەتتە ھەرقانداق بانا سەۋەپنىڭ كۆتىگە تىپىۋېتىشىمىز كېرەك. بىلىمسىزلىك قانچە ئېغىر بولسا بوزەك بولۇش شۇنچە ئېغىرلايدۇ.
بىلىملىك كىشىلەر كۆپ بولسا ئومۇمىي گەۋدە كۈچىيىدۇ. بۇ نوقتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئالىملىرىمىز بىزگە بۇنى توختىماي تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنى چۈشىنىپ يىتىش كېرەككى بىزنىڭ يەنە ئەزمىمىزنىڭ ئىزىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ يۈرۈشكە يولىمىز قالمىدى.
5. ئۆز-ئارا يىتەكلەش :
  مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايۋاتقانلارنى، تېرىشىۋاتقانلار تېرىشمايۋاتقانلارنى يىتەكلەش ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش. ئۆزىنىڭ غەلبە قازىنىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىش.
بىزنىڭ جەمىيىتىمىز كاپىتالىستىك جەمىيەتكە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار تەرەققىي قىلىپ بولغان، ئۇلار ئۆزىنىڭ يوقىلىشىدىن ئەنسىرمەيدۇ. ئۇلار «ساغلام» كىشى ھېساپلىنىدۇ. بىز ئومۇمىي گەۋدىنى كۈچلەندۈرۈشكە ھەسسە قوشىشىمىز كېرەككى بېخىللىق بىلەن تەجرىبە ساۋاق ئىلىمىمىزنى باشقىلاردىن ئاياشقا بولمايدۇ. ئېقتىسادى قىممەت يارىتشنىڭلا كويىدا بولۇپ كەتسەك ئەپلەشمەس.
ئومۇمەن ئالدىدىكىلەر ئارقىدىكىلەرنى، ئارقىدىكىلەر يەنىمۇ ئارقىدىكىلەرنى يىتەكلەپ ماڭسا بىرلىكتە ئىلگىرلىسە چوقۇم بىزدىمۇ زور يۈكسىلىشلەر بارلىققا كېلىدۇ.

يۇقىرقى ئىشلار ھەممىسى بىر ئىنسان بولغۇچى قىلالايدىغان ئىشلار. ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ھەممىمىز چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى بىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلىساق. يەنى ئارتۇق ئەمەس ئۆزىمىزنىلا قۇتقۇزساق. ئەگەر راستىنلا ھەممىمىز شۇنداق قىلساق ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەختكە ئېرىشىشىمىزدە ئۈمۈد زور. بىراق بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ھەممىمىزنىڭ بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ كېتەلىشىمىزدە. ئەلۋەتتە ئۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بىز تىرشچانلىقىمىز بىلەن بۇ ساننى كۆپەيتەلەيمىز. قانۇنلۇق يول بىلەن توغرا يولدا كەڭ تەشۋىق قىلىش. ئۆزلەشتۈرگەنلىرىمىز ئەتراپتىكىلەرگە ھەركىتىمىز ئارقىلىق تەسىر قىلىش ئارقىلىقمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. شۇڭا ئۈمۈدۈم ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى !
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(katil731)
  • مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-19 19:29 10 -قەۋەت
    Mferoza
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 19710
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 92
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
    شۆھرەت: 92 نۇمۇر
    پۇل: 144 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇر لار تارىختا شۇنداق ئىسىل مىللەت ئىدى بۇنىسى راس .لىكن ھازىر ئانداق ھازىر مانداق دەپ مۇنبەردە تولغۇنۇپ ئاھ ئۇرماي ئۆزىمىزدىن باشلايلى .ئالىملىرىمىز نى، ئۇلۇغلىمىزنى، دەستەك قىلماي ئۈلگە قىلايلى ئۈلگە .
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    فېروزەglow=255 ، green ، 2
    glow /
    | ۋاقتى : 2008-06-20 20:28 11 -قەۋەت
    iptidai
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32614
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    پۇل: 106 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    يۇقۇرقى تورداش راست دەيدۇ . ھازىرقىلار ئۆزىدە يوقنى يازىدۇ ، بارىنى يازمايدۇ . بۇ يازمىلىرى خۇددى ئۆزىگە ئۆزى نەسىھەت قىلغاندەكلا تۇيۇلىدىكەن . « باشقىلارنى ئۆزگەرتىمەن دېمەي ، ئاۋۋال ئۆزەڭنى ئۆزگەرت » دېگەن گەپ بارغۇ - ھە؟
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-21 00:07 12 -قەۋەت
    hakaniyat
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28400
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 378
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە378دانە
    شۆھرەت: 388 نۇمۇر
    پۇل: 1243 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :200(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەن ئۆزەڭنى ئىتىراپ قىلغاندا اللامۇ سېنى ئىتىراپ قىلدۇ  ،،  سەن اللانى بىلگەندە  اللا ئېغىرىڭنى يەڭگىل قىلدۇ  .

    بۇنىغۇ ئوغۇرلۇق دىمەيدۇ ئەمما  ،،،  تەپەكۇر ئىگىسىنى  چەتكە قېقىش ئۇنىڭكىنى ئىگەلىۋېلىشنى  ئوغۇرلۇق  دەپ سانايمىز ،،  ئوغۇرلۇق نىڭ شەكلى ھەرخىل بولغىلنى بىلەن جازاسى ئوخشاشلا بىر خىل  جايى دوزاقدۇر .
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-06-21 12:28 13 -قەۋەت
    PH110
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18098
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 20
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە20دانە
    شۆھرەت: 23 نۇمۇر
    پۇل: 78 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-21
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    << ... ﺋﯧﮭ ، ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ، ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ! ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺩﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ! >>
    << ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﯩﺮﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ! >>
    << ... ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﻰ ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﻣﺎﻗﭽﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﺍﻣﭽﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ! >>
    << ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﮔﺎﺱ - ﮔﺎﭼﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺑﯚﺷﯜﻛﺘﻪ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ! >>
    << ﻗﯘﻣﺪﻩﻙ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﺒﺎﺷﺘﺎﻕ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ! >>

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﯨﺌﯘﻟﻮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻻﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ !

    دەر ھەقىقەت! ئۇيغۇر بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇلارنى ئازاپ ئىچىدە تەن ئېلىشقا مەجبۇرمىز، بىزنىڭ يۈكسىلىشىمىز ئۈزىمىزنى تۇنۇش ۋە ئىزدىنىشىمىز بىلەنلا رۇياپقا چىقىدۇ.
    رەھمەت ياخشى تىما يوللاپسىز
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-21 15:20 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-21 16:54
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation