مۇسۇلمان ئويغان...!
سەن ئەۋلادىڭنى بۇ ھالاكەتلىك سەلدىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەجبۇر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئامانىتىدۇر، خىيانەت قىلالمايسەن. نېمىشقا دېگەندە، سەندە تۈگىمەس ئىمان، تەۋرەنمەس ئەخلاق بار. سەن ئائىلىنىڭ گۈلى ۋە خۇشاللىقى بولغان بۇ بالىلارغا قۇرئان ئۆگىتىشكە تەكلىپتە. مېنىڭ سۆزۈمنى تىڭشىمايدۇ، تۇتقان بولىنى بىلمەيدۇ دەيدىغان بولساڭ، ئىسىت سەندەك دادىغا! تۇرمۇشقا چىقىپ ئەۋلادلىق بولدۇڭ، ئەمما ياخشى ئەۋلادنىڭ دادىسى بولالمىدىڭ، ئىمان سۆيگۈسى سىڭدۈرۈپ قۇرئان ئوقۇتالمىدىڭ، «داداممۇ مۇشۇنداق ئىدى، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش يولدا قالغىن، ئوقۇپ نېمىشقىلىدۇ!» دەپ نادان بالىلارنىڭ ھاياتىنى زەھەرلىدىڭ.
قەدىرلىك دادا، ھازىر پۇرسەت قولۇڭدا، ۋەزىپەڭنى ئورۇندىيالايسەن، ئاللاھنىڭ:
«ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرىغىن، ئۆزەڭمۇ ئۈنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن.» (سۈرە تاھا 132 ـ ئايەت) دېگەن قانۇننىڭ ئالدىدا بوي ئېگىپ ۋەزىپە ئۆتەشنىڭ مەنىۋى لەززىتى بىلەن بەختلىك بولغىن، ئۆزۈڭنى دۇنيانىڭ پار ـ پۇر ھەل بېرىلگەن مال ـ ماتالىرىغا تارتقۇزۇپ قويۇپ ئەۋلادىڭنى بۇ يولدا قۇربان قىلمىغىن.
مانا بۇ جەمئىيەت كۆرۈنۈشىدىن بىر ئىبرەت ئەينىكى:
قولىدا دېپلوم، بىر نەچچە چەت ئەل تىلى بىلىدىغان، كىتاب يازىدىغان ئەدىب ۋە شائىر، ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر دەپ نام ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر بار، كۆزلىرى يەر ئاستى مەدەنلىرىنى كۆرىدۇ، ئەمما كۆز ئالدىدىكى قارغۇلار چېغىدا كۆرىۋاتقان ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى كۆرمەيدۇ. دارۋىنچە ۋە ماركىسچە پەلسەپە سەپسەىتلىرىگە كۆڭۈل باغلىغانلىقلىرى ئۈچۈن ۋەھىيگە ئاساسلىنىدىغان پەيغەمبەر سۆزىگە ئىشەنمەيدۇ. خۇش، ئەپەندىلەر! غەرب ۋە يىراق شەرقنىڭ پۈتۈن نەزەرىيسىنى ۋە ئۆرپ ـ ئادەت، ئەخلاقىنى كۆرۈش ۋە ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدىغان بولسا، رۇسىيەنىڭ دۆلەت باش ۋەكىلى hrushof نىڭ ئامېرىكىغا بولغان بىر قېتىملىق زىيارىتى ئەسناسىدا، ئامېرىكا دۆلەت باشلىقى بىلەن شەھەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا چېركاۋدا باڭ چېلىنىشقا باشلايدۇ، باڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان دېموكراتىيە ۋە ھۆرىيەت لىدىرى بولغان ئامېرىكا دۆلەت باشلىقى خىروشوفنى شۇ يەردىلا تۇرغۇزۇپ قويۇپ چېركاۋدا باتىل بولسىمۇ ئۆز ئېتىقادى بويىچە قولىنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارىغا يالۋۇرمىدىمۇ؟ بۇنى ئوقۇپ كۆرمەمدىغاندۇ؟ بۈگۈن ئىجتىمائىي ھاياتتا دىندار بولۇشنى ئىللەت ساناۋاتقانلارنىڭ نەزەر دىققىتىگە!
ئاپتۇبۇسلاردا ئورنىنى بوشىتىپ بەرگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ، بىر تال تاماكا بەرگەن كىشىنىڭ ئالدىدا خۇشامەت قىلىپ سەجدە قىلغۇدەك بولۇپ، قىلمىغىنى قالمايدۇ. ئەمما كائىناتنىڭ خالىقى ۋە ياراتقۇچىسى ئاللاھقا شۈكۈر قىلمايدۇ. دەۋرىمىزنىڭ ئىلمىي ۋە پەننىي تەرەپلەردىن تەرەققىي قىلىشقا قەدەم باسمايۋاتقان نۇرغۇن غاپىللار گۇرۇھى بار، كۆزى ئوچۇق كۆرمەيدۇ، قۇلىقى بار ئىشتمەيدۇ، بۇنداقلار ئۆز دىنىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى. ئۆزلىرىنىڭ دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ۋە ئەسلى قىياپىتىنى بىلمەي تۇرۇپ، دىندار بولىۋالغان بىر توپ گۇرۇھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئەسلىدە بىزنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان دىن ئەمەس، ئۆزىمىز.
كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدىغان كىشىلەر كۆپ، ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ۋە ئۆتەۋاتقان ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەڭ نازۇك ۋە ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنى يىپتىن ـ يىڭنىسىغىچە تۇلۇق بىلىدۇ. ئەمما قۇرئاننىڭ بىر سۈرىسىنى، بىر ئايەتنىڭ مەنىسىنى، پەيغەمبىرى كىم، ئىسمى نېمە بۇلارنى بىلمەيدۇ. بالىلىرى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالسا، ئارقا ئىشكلاردىن شۇڭغۇپ يۈرۈپ بىر ئامال بىلەن سىنىپ ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ. ئەمما ناماز ئوقۇمىسا، قۇرئان ئۆگەنمىسە سوراپمۇ قويمايدۇ. ھەي بىزلەر بۇ ھالىمىز بىلەن قانداقمۇ قىلارمىز!
سەن بىر قاسساپ...!
سەن دىندىن بىر نەرسە بىلمەيدىغان، دىن بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى يوق مۇتىئەسسىپ بىر قىسىم سەپسەتىچىلەرگە ئالدانماقچىمۇ؟ ئويلاپ باقايلى:
ئوپراتسىيە قىلىنىشى زۆرۈر بولغان كېسەلنى دوختۇر ئوپراتسىيە قىلىدۇ ۋە كېسەلمۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شىپا تاپىدۇ، ئەمما بىر قاسساپ كېلىپ «تەقسىر! مەن كېسىشنى دوختۇردىن ئوبدانراق بېجىرىمەن» دەپ كېسەلنى ئوپراتسىيە قىلماقچى بولغان بىر قوي قاسسىپىغا نېمە دەپ چاۋاب بېرىسەن؟ زامانىمىزنىڭ ساختىكار خۇشامەتچىلىرى ۋە ھەقىقەت دۈشمەنلىرىگە ئوخشاش «بۇ بىر يېڭى ئىجادىيەت تەقسىر، بىزنىڭ كۈتىۋاتقىنىمزمۇ دەل بۇ ئىدى، بارەكەللاھ ساڭا قاسساپ، بىزگە ئوخشاش مەنىۋىيەت دۈشمەنلىرى ۋە يولىدىن ئازغان ئەقىلسىزلارنىڭ ھەققىنى قوغداپ قالدىڭ، بىز سەن بىلەن بىرگە، پىچىقىڭنى ھازىرلا، تەجرىبە قىلىپ كۆر» دەپ جۆيلەمسىز؟ ياكى «قاسساپ ئەپەندىم سىز تۇرۇپ تۇرۇڭ، سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز قوشخانىدا، بۇ دوختۇرخانا، سىزگە ئوخشاش ساراڭلار دوختۇرخانىسىدىن قاچقان ناتاۋانلارنىڭ ئورنى ئەمەس، بىزنىڭ سىزگە بوغۇزلىتىدىغان قويىمىز يوق» دەپ ئۇنىڭ ئەدىبىنى بېرەمسىز؟
شۇنىڭغا ئوخشاش كۈنىمىزدە ئىدىيىۋىي جەھەتتىن ھەقىقەت قاسساپلىرى ۋە ئەبۇ جەھىلنىڭ سىرداشلىرى ئېشىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار ئەينى زاماندا «ئاللاھ، ئاللاھ» دەپ جىھاد مەيدانىدا ئات ئويناتقان قەھرىمان ئەجدادلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادىنىڭ ئېتىقادىغا تىل ئۇزارتىپ، ئىمانىغا لاپ ئاتىدۇ. بىلمەيدۇكى، «ئىت قاۋايدۇ، كارۋان يۈرۈۋېرىدۇ.»
مۇسۇلمان چۈشەن، جانابى ئاللاھنىڭ:
«ئى مۆمىنلەر! مۆمىنلەرنى (دوست تۇتۇشنى) قويۇپ، كاپىرلارنى دوست تۇتماڭلار.» (سۈرە نىسا 144 ـ ئايەت) دېگەن پەرمانىنى ئونۇتما، ئۇلارنىڭ سەپسەتە نەزەرىيەلىرىگە قۇلاق سالما. «دىننى ئويۇن ـ كۈلكە قىلىۋالغان، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى تەرك ئەت.» (سۈرە ئەنئام 70 ـ ئايەت) دېگەن ئايىتى كەرىمىنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتنى چۈشەنگىن.
[ gvzal3.8 تەرپىدىن 2008-06-17 01:45 قايتا تەھرىرلەن ]