ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯚﺭﻩ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﺎ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ - ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯜﺭ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﻪ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻫﯧﻠﯩﻬﻪﻡ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯚﺭﻩ ﺗﺎﻻﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ
ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭﻩ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﯜﺭ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ 11ـ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ "ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ" ﺗﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﻜﻪﻥ:
ﺩﯦﺴﻪ ﻛﯩﻢ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﻪﻱ، ﺋﻪﻱ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯧﺸﻰ،
ﺋﺎﻻﺭ ﺷﯘ ﺗﯚﺕ ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ،
ﺑﯩﺮﻯ ﺑﺎﻱ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻕ ﺋﯩﺴﺘﻪﺭ،
ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺯ ﺗﯩﻜﻪﺭ،
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﻚ ﺗﯩﻠﻪﺭ،
ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻕ ﺋﯧﺘﯩﻐﺎ ﻗﯘﯞﺍﻧﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﺭ.
ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪﺭ ﻧﻪﭘﯩﺲ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻧﻰ،
ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﭘﺴﺎ ﺑﺎﻏﻼﺭ ﺋﺎﯕﺎ ﻛﺎﺭﯨﻨﻰ،
ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﻫﺎﺟﯩﭗ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻣﯘﻧﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ:"ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯚﺕ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ، ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ، ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻴﺎﻧﯩﺘﯩﮕﻪ. ﺳﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﯩﻦ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﯓ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﺴﻪﻥ." (ﺑﯘﺧﺎﺭﯨﻲ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ)
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: "ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﭖ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﺧﻮﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﭖ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﭘﯧﻘﯩﺮﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﭖ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ، ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﻪﻫﺮﻩﻣﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻦ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻫﺎﺭﺍﻣﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﺷﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻴﺎﻧﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻟﻼﻫ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ." (ﺗﻪﺑﻪﺭﺍﻧﯩﻲ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ)"
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯜﺭ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﯩﻜﻰ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ
ﻗﯩﺰــ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯﯦﻬﻨﻰ ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﺮﯨﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯚﺭﻩ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯚﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﺴﺎ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﺘﯘﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯘﺭ. ﺋﻪﺭـ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﺱ، ﻣﻪﻫﻜﻪﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯚﺭﻩ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺸﺘﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﻧﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: "ﺩﯨﻴﺎﻧﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﺰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﯕﻼﺭ! ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ " (ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ)
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯ -ﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: "ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﺎﯞﺍﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ) ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯘﻕ. ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺗﯘﻧﯘﺷﯘﺷﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺴﯩﻠﻪﺭ" (ﻫﻮﺟﯘﺭﺍﺕ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 13 ﺋﺎﻳﻪﺕ) ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻥ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﻕ ﻫﻮﻗﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ئاتا_ئانىلارنى قاقشىتىش ئەڭ چوڭ گۇناھ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻫﻪﺯﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﺘﯘﺭ. ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯ ـ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ.
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ ﭘﻪﺭﺯﺩﯗﺭ
ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭﻩ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: " ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺵ ﭘﻪﺭﺯﺩﯗﺭ. ﺋﺎﻟﻼﻫﻘﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﺘﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯙﺭﯛﺭﺩﯗﺭ. ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﭘﻪﺭﺯﺩﯗﺭ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺝ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺕ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﭘﻠﻰ (ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ) ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻪﺭﺯ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺯﻭﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﯨﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻗﺸﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﻫﻰ ﻛﻪﺑﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻨﺪﯗﺭ. ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻟﻼﻫﻘﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘ، ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ: "ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ" ﺩﯦﮕﻪﻥ.
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻗﺸﯩﺘﯩﺶ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻟﻤﻪﺱ ﮔﯘﻧﺎﻫﺘﯘﺭ
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: " ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﻫﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯨﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﺧﺸﺎﺗﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﻣﯘﺷﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ." (ﺑﻪﻳﻬﻪﻗﯩﻲ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ)
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﺧﺸﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﻫﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: " ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﺧﺸﺎﺗﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﻫﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭘﺘﯘﺭ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻟﻤﻪﺱ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯧﺮﯨﻜﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﺧﺸﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﻫﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: "ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﺳﺘﯩﻦ) ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯖﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ."
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻼ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮔﯘﻧﺎﻫﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺯﯗﻟﯘﻡ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﻪﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ) ﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﻟﮕﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻗﺸﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ.
ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺗﻪﯞﺭﺍﺗﺘﺎ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﻣﯘﺳﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: "ﺋﻪﻱ ﻣﯘﺳﺎ! ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﮕﯩﻦ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﺧﺸﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﺧﺸﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﻗﻰ ﺑﺎﻻ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ." (ﺗﻪﯞﺭﺍﺕ)
ﺑﯘ ﻣﺎﯞﺯﯗﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﯚﻣﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺯ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﺳﯩﻤﯘ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﻣﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﻣﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺋﯚﻣﺮﯨﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﺘﻪ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯚﻣﺮﻯ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻤﯘ ـ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ.
ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﻫﺴﯘﻟﻰ ﺑﺎﻻ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﯘﺭ
ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯚﻟﯩﻜﻰ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﻨﺎ ﺩﯦﺴﻪﻙ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺷﯘ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺸﻰ. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻧﯩﻜﺎﻫﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻧﯩﻜﺎﻫﻠﯩﻨﯩﺶ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ: ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻨﺴﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻠﯩﺸﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﯩﺸﻘﻰ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﻫﺎﺭﺍﻣﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﭖ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﯩﻐﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﻧﻪﺳﯩﻞ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻫﻮﻗﯘﻕ، ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.
ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﻯ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﯩﺪﯗﺭ. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯧﻬﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ، ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﭖ، ﺯﯦﺮﯨﻜﻤﻪﻱ - ﺗﯧﺮﯨﻜﻤﻪﻱ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ، ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭﯨﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﺪﯗ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ - ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ، ﺯﯨﻨﻨﯩﺘﻰ، ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﻰ، ﺋﺎﻣﺎﻧﯩﺘﻰ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻨﺌﺎﻣﻰ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ:" ﻣﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻨﻨﯩﺘﻰ"ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ
ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭﻩ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:" ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻣﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ - ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻕ، ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ. ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ: ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﯓ - ﭘﯩﻜﯩﺮ، ﺋﻪﺧﻼﻕ - ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ، ﻣﯩﺠﻪﺯ - ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ، ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺕ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ، ﻫﯜﻧﻪﺭ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﻚ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ - ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭ."
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻏﺎﻳﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:" ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻏﺎﻳﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻏﺎﻳﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ. ﺑﺎﻻ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯧﺸﻰ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﺳﯘﻏﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻪ ﻣﻪﻥ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ؟ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﻪﻥ؟ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻏﺎﻳﻪ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻏﺎﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻰ ﻛﯜﭼﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﻨﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻼﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﻚ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ."
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﻫﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ، ﺩﯨﻠﻐﺎ ﻣﻪﻫﻜﻪﻡ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﻫﻪﻡ ﺷﯘ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﺘﯘﺭ. ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺯﻭﺭ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻰ، ﻛﯚﺭﯛﺷﻰ، ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ﺋﯧﺮﯨﻨﻤﻪﻱ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ، ﺯﯦﻬﯩﻦ ﺳﯩﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﺶ، ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﭼﯚﭼﻪﻙ، ﻗﻮﺷﺎﻕ ﯞﻩ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻦ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﺶ، ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺩﻩﭘﺴﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭﺩﯗﺭ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﭖ - ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﻠﯩﻚ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﺴﻪﻙ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﯩﻤﯘ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﯩﻤﯘ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﯩﻤﯘ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﯩﻤﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ، ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
مەنبە: مەرىپەت سەئۇدىدا نەشىر قىلىنىدىغان ئۇيغۇرچە ژورنال
[ manggutax تەرپىدىن 2008-06-13 12:35 قايتا تەھرىرلە ]