3
شاھنىشىندىن يېنىپ چىققان ئابدۇللاخاننىڭ نېمە ئۈچۈندۇر ھەرەمگە كىرىشكە كۆڭلى تارتمىدى . ئۇ ئوردا بېغىغا يانداش سېلىنغان ھەرەمدىن ئاڭلىنىۋاتقان ئايال كىشىنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسىغا بىر پەس قۇلاق سالدى - دە ، ئوردا بېغىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى قەسىرگە قاراپ ماڭدى ،
ئوردا سېپىلىنىڭ توققۇز دەرۋازىسىنىڭ ھەر بىرىنى ئۈچ يۈزدىن ياساۋۇل بىردىن سەركەردىنىڭ باشچىلىقىدا قوغدىغاندىن سىرت ، ئوردا ئىچىنىڭ ھەممە يېرىدە ھەر ئون- يىگىرمە قەدەمدە بىردىن نۆكەر قاراۋۇللۇق قىلاتتى . سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نۆكەرلەر قەددىنى رۇسلاپ خانغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى . خاندىن ئىككى - ئۈچ قەدەم ئارىلىق قالدۇرۇپ ئەلەم ماھارىتى ۋە ساداقەتمەنلىكتە ئىشەنچكە ئېرىشىپ تاللانغان بەتلىك كەلگەن تۆت نەپەر خاس يىگىت سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ دىققىتىنى چاچماسلىققا تىرىشىپ ، خاندىن ئىككى - ئۈچ قەدەم ئارىلىق قالدۈرۈپ ، ئەتراپنى ھوشيارلىق بىلەن كۆزىتىپ كېلىۋاتاتتى . ئۇلاردىن يەنە تۆت - بەش قەدەم ئارىلىق قالدۈرۈپ دىۋانبېگى ، ھەرەمئاغىسى ۋە بىكاۋۇلبەگ ① بىر قانچە مۇلازىمنىڭ ھەمراھلىقىدا پايپاسلاپ كېلىشمەكتە ئىدى .
ئابدۇللاخان قەسىرنىڭ ئالدىدىكى ئون مو چوڭلۇقتىكى كۆلنىڭ قارامتۇل پارقىراپ تۇرغان سۈيىگە خىيالچانلىق بىلەن نەزەر تاشلىدى . سۇ بېتىدە ساناقسىز يۇلتۇزلار خانغا قاراپ غەمكىن كۆز قىسۋاتاتتى . بۇ مەنزىرە خاننىڭ دىلخەستەلىكىنى تېخىمۇ بەك ئاشۇرۇۋەتتى .
« لالىزار راۋاق » دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قەسىر ىاننىڭ تومۇز پەسلىدە ئارام ئالىدىغان ، بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇنى بولۇپ ، بىر مو كەلگۈدەك دائىرىدىكى مەرمەر سۇپىنىڭ تۆر تەرىپىگە گىلەم ئورنىدەك چوڭلۇقتا شاھ سۇپا چىقىرىلىپ ، ئارقىسى ۋە ئىككى يېنى ياغاچ سالاسۇنلار بىلەن توسۇلۇپ ، ئۈستى مېھراب شەكلىدە گۈلدار نەقىش چىقىرىلىپ يېپىلغان ، شاھ سۇپىنىڭ ئۈستىگە ئوتقاشتەك قىزىل زىلچا ، قات - قات تەتىللا كۆرپە ۋە يۆلىنىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن پەي ياستۇقلار تاشلاپ قويۇلغانىدى . مەرمەر سۇپىنىڭ قالغان يېرىگىمۇ گىلەملەر سېلىنىپ ، چۆرگىلىتىپ يېكەندازلار جايلاشتۇرۇلغانىدى . قەسىرنىڭ تۆت ئەتراپى خارەت ۋە مىمارلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلىشى بىلەن ئالتە بۇرجەكلىك ، ئۈستى قۇببە شەكىللىك تال بېرىڭى ياسالغان بولۇپ ، ئوردا باغۋەنلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈشى بىلەن پۈتكۈل ىانلىق تەۋەسىدە بار ئۈزۈم خىللىرىدىن بىر كۆتەكتىن سېلىپ تۈجۈپىلەپ باراڭغا ئېلىنغانىدى ، ئۈزۈم تاللار پۈتكۈل باراڭنى تولۇق چۈمكىگەنىدى . ياغاچچىلىق ، مىمارچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك سەنئىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بۇ تال باراڭلىق سورۇن ھەر قانداق كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى . سورۇننىڭ ئالدى تەرىپىگە كولانغان ئون مو كۆلەمدىكى كۆل پۈتۈنلەي مەرمەر تاشلار بىلەن سۇ سىڭىشمەيدىغان قىلىپ ياساپ چىقىلغان بولۇپ ، ئوردىنىڭ غەربىدىكى ھەيدەر باغنىڭ ئىچىدىكى چوڭ كۆلدە ئالاھىدە سۈزۈلدۈرۈپ ئاندىن بۇ كۆلگە باشلاپ كېلىنگەنلىكى ئۈچۈن كۆل سۈيى ئەينەكتەك سۈزۈك ئىدى . كۆلنىڭ تېگىگە ياتقۇزۇپ قويۇلغان ھەر خىل رەڭلىك تاشلار ئەينەن كۆرۈنۈپ ، كۈندۈزى قۇياش نۇرىدا ئاجايىپ رەڭدار جۇلالايتتى . ئادەم بويى سۇ تولدۇرۇلغان بۇ كۆلگە ، ئابدۇللاخان تومۇز ئايلىرىنىڭ دىمىق كېچىلىرىدە پات - پات چۈشۈپ سەگىدەپ تۇراتتى . گاھى ۋاقىتلاردا بىر نەچچە كېنىزەكلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ بىللە چۆمۈلۈپ كۆڭۈل ئاچاتتى . ئوردا بىلەن ھەرەمنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ ئوردا بېغىدا يۇقىرىقى « لالىزار » ناملىق يازلىق سورۇندىن باشقا ، « ھۇزۇرى ساباھ» ناملىق كۈزلۈك سورۇن م « ھۇزۇرى ناۋا» ناملىق قىشلىق سورۇن بار ئىدى . باھار ۋە كۈز پەسىللىك سورۇنلار بەئەينى كاتتا قەسىرلەرنىڭ شەكلىدە ياسىلىپ ، تورۇسلىرى ھەر خىل رەڭدار گۈل نۇسخىلىرى بىلەن ھەشەمەتلىك يېپىلغان بولۇپ ، قەسىرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئەتراپنىڭ مەنزىرىسىنى بىمالال كۆرۈش ئۈچۈن تۆت تېمىغا ھەر خىل شەكىل چىقىرىپ توقۇلغان ياغاچ پەنجىرە ئورنىتىلغان ؛ سوغۇقتىن ، شامالدىن دالدىلىنىش ئۈچۈن پەنجىرىنىڭ ئىچى تەرىپىگە ئەينەك ئورنىتىلغانىدى . « ھۇزۇرى نورۇز» ناملىق سورۇنىڭ ئەتراپىغا باھار پەسلىدە ئەڭ ئاۋۋال بىخلىنىدىغان ، نورۇز ئايەم كۈنى چېچەكلەپ ئېچىلىدىغان ، يومۇرماق چىقىرىدىغان ھەر خىل گۈل - گىياھلار ، دەل - دەرەخلەر تىكىلگەن بولۇپ ، ھەر يىلى نورۇز ئايەم كۈنى سۇلتان ئابدۇللاخان خانلىق تەۋەسىدىكى داڭلىق شائىرلارنى ، ئاتاقلىق سەنئەتكارلارنى ، مۇقامچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ، مۇشائىرە - بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ بېرەتتى . شائىرلارنىڭ تۈرلۈك تېمىدىكى مەسنەۋى ، غەزەل ، رۇبائىي ، قەسىدىلىرىدىن ھۇزۇرلىناتتى.
« ھۇزۇرى ساباھ » نىڭ ئەتراپىغا يازنىڭ ئاخرىىدىن تاكى كەچ كۈز پەسلىچىگە مېۋىلىرى تۆكۈلۈپ كەتمەي تۇرىدىغان ئالما ، ئانار ، ئامۇت ... قاتارلىق ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەر ، غازىڭى سارغىيىپ تۆكۈلۈپ كەتمەيدىغان مەنزىرە دەرەخلىرى تىكىلگەن بولۇپ ، ئابدۇللاخان بۇ يەردە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا توقال - كېنىزەكلىرى بىلەن مەيخورلۇق قىلغان قونۇپ قالاتتى .
« ھۇزۇرى ناۋا » ناملىق قىشلىق سورۇنخانا سوغۇقتىن دالدىلانغۇدەك پۇختا سېلىنغان بىر ئېغىز ساراي ، ئۈچ ئېغىز قازناق خاس ئۆيدىن تۈزۈلگەن قەسىر بولۇپ ، بۇنىڭدا خان قىشنىڭ ئۇزاق تۈنلىرىنى گاھى بەزمە - مەشرەپ بىلەن گاھى ۋائىز - مەدداھلارغا جەڭنامىلەرنى سۆزلىتىپ ئاڭلاش بىلەن گاھى كىتاب - دىۋانلارنى ئوقۇتۇپ ئاڭلاش بىلەن تاڭ ئاتقۇزاتتى .
بۈگۈنكى كېچە ھاۋاسى تولىمۇ تىنچىق بولۇپ ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى مىدىرلاتقۇدەك شامالمۇ يوق ئىدى. باغدىكى تومۇزغىلارنىڭ چىرىلداشلىرىنى ، پاقىلارنىڭ كوركىراشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا «لالىزار راۋاق » نىڭ ئەتراپى گۆرىستان جىمجىتلىقىغا چۆمگەنىدى . كۆلگە بىر ھازا قاراپ تۇرغان سۇلتان ئابدۇللاخان كۆل سۇيىدە يۇيۇنۇپ ، بىر ئاز سەگىدىمەكچى بولدى - دە شاھانە تون - سەرپايلىرىنى يېشىشىكە باشلىدى . بۇتتەك قېتىپ تۇرغان ئىككى نۆكەر خاننىڭ يېشىنمەكچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ياردەملەشتى . تامبالدىن باشقا كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلىغان خان مەرمەر پەشتاق ئارقىلىق كۆلگە ئاستا - ئاستا كىرىشكە باشلىدى . قويۇق دەل - دەرخلەر بىلەن قورشالغان كۆل سۈيى خېلىلا سالىن ئىدى . سۇلتان ئابدۇللاخان كۆل سۈيىگە بىر نەچچە قېتىم چۆمۈلگەندىن كېيىن نۆكەرلىرى تاشلاپ بەرگەن يارىيار ھارۋىنىڭ چاقىدەك يوغانلىقتىكى تۇلۇمنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ ئوڭدىسىغا ياتتى . ئۇنىڭ پۇتلىرى تۇلۇمدىن ئارتىلىپ سۇغا چىلىشىپ تۇراتتى . ئۇ قولى بىلەن سۇنى چايقىغاچ ئاستا- ئاستا خىيالغا كەتتى .
« پارچىلىنىپ تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى جەننەتماكان پەدەرۇ بۇزرۇكۈم سۇلتان ئابدۇرەھىمخاننىڭ ۋەسىيىتى ۋە دۇئالىرىنىڭ بەراكاتى بىلەن قايتىدىن بىرلەشتۈرۈپ ، ئۇلۇغ بابائى بۇزرۈكلىرىم سۇلتان سەئىدخان ۋە سۇلتان ئابدۇرۇشىدخانلارنىڭ زامانىسىدىكى كاتتا سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردۈم . گەرچە قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئۇششاق يېغىلىقلار بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن ھەر قېتىمدا غەلىبە - نۇسرەت بىز تەرەپتە بولدى . ئىچكى جەھەتتە ئانچىكىم نىزالارنى ۋە قىرغىز بەگلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەل- رەئىيەت تىنىچ - خاتىرجەملىككە ئېرىشىتى . ئەمدى ئىلى تەرەپلەرگە بېسىپ كىرگەن جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوشۇنىنى قوغلاپ چىقىرپ ، قۇمۇل ، تۇرپان تەرەپلەردىكى ئاۋامنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرسەم بارلىق ئارمانلىرىم ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى . ئەپسۇس ، خۇدا ماڭا ئوغۇل بەرگەن بىلەن ئىنساپ - دىيانىتىنى ،ئەخلاق - پەزىلىتىنى ئاياپتۇ . شاھزادە يولۋاخاننىڭ خانلىق تەختكە كۆز تىكىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى . ئۇ بۇ نىيىتىدىن يېتىش تۈگۈل ماڭا - سەلتەنەتكە قارشى لەشكەر جۇغلاۋاتىدۇ . ئوردىدىكى بىر قىسىم رىياكار ئەمىرلەر بىلەن خۇپايانە تىل بىرىكتۈرۈۋاتىدۇ .ئوتتۇرانچى شاھزادەم نۇردۇنخان ئەلەم ماھارىتىگە ماھىر بولغان بىلەن زىيادە مەمەدان ۋە شارابخور ، قەلەم ماھارىتىگە ئېپى يوق . ئۇنىڭ سەلتەنەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا كۆزۈم يەتكمەيدۇ . شاھزادە ئابدۇمۆمىنخان بولسا ئەلەم ۋە قەلەم ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن شاھزادىلەرنىڭ كىچىكى بولغاچقا ئۇنى ۋەلىئەھدى قىلسام ئىككى ئاكىسى ھەرگىز قايىل بولمايدۇ . بەلكىم ئاغا - ئىنىلەر ئوتتۇرىسىدا تەخت ماجىراسى پەيدا بولۇپ ، سەلتەنەت ئۇرۇش مالىماچىلىقىدا قېلىشى مۇمكىن . شاھزادە يولۋاسىخان بۇنچە ئالدىراپ كەتمىسىمۇ بۇ تەخت شۇنىڭكى ئىدىغۇ ! ئاتا بىلەن بالا تەخت تالىشىپتۇ دېسە ئەل- رەئىيەت نېمە دەيدۇ ؟ ئاۋامنىڭ ئىشەنچىسى سۇسلاپ قالمامدۇ ؟ تەسەررۇپىمىزدا پىتنە - پاسات پەيدا بولمامدۇ ؟ بىزگە ئىتائەت قىلىپ ئولپان تاپشۇرۇۋاتقان خانلىقلار ئىتائەتتىن باش تارتمامدۇ ؟ بىزگە دۈشمەن خانلىقلار ئارىسىدىن پايدىلىنىپ كەتمەمدۇ ؟ ... يولۋاستەك غەيۇر ، باھادىر مەرد ئادەم بولسۇن ، ئاتا ئىزىنى بېسىپ خانلىقنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزسۇن دەپ ، ئىسىمىنى يولۋاس قويۇپ يېگەن شۇنچە ئارمانلىرىم ، سۆيگەنلىرىم قېنى ؟ ئارزۇلىغان پۇشتۇمنىڭ بەرگەن جاۋابى شۇ بولدىمۇ ؟ ..»
سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ كۆز ئالدىدىن بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئاۋۋالقى بىر ئىش غىل - پال قلىپ ئۆتۈشكە باشلىدى .
پەرغانە ، بەدەخشان يۈرۈشلىرىنىڭ نۇسرىتى ۋە ئۇيراتلار بىلەن بولغان بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشلارنىڭ غەلبىسىدىن كېيىنكى ئۈچ - تۆت يىلدا پۈتكۈل خانلىقتا تىنچلىق ، ئاسايىشلىق ئەسلىگە كېلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلىنىپ قالغانىدى . سۇلتان ئابدۇللاخان مۇشۇنداق بىر تىنىچ شارائىتتا ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ ، ئىچكى دۈشمەنلىرىدىن تازا خاتىرجەم بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرالماي كېلىۋاتقان ھەۆ تاۋاپ قىلىش ئارزۇسىنى يەنە ئېسىگە ئالدى - دە ئوردا ئەركانلىرىنىڭ مەسلىھەتىگە سالدى .
- ئۇزۇندىن بېرى بەيتۇل مۇبارەككە بېرىپ ھەج تاۋاب قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى . تۈرلۈك ئىچكى - تاشقى نىزالار سەۋەبىدىن بۇل ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمىغانىدى . ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۈشمەنلىرىمىز بىزگە ككز تىكەلمەس بولۇپ ، ئەل ئاسايىشلىققا يۈزلەندى . بۇنى ئول مۇقەددەس مۇددىئايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارىدىم . بۇ ھەقتە جانابىي ئەمىرلىرىمىزدىن بىرەر مەسىلھەت ئاڭلاپ باقاي دېگەن ئۈمىدتە مەن .
خاننىڭ مەقسىتىنى بىلگەن ئەمىرلەر ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .
ئەينى مۇددىئا ، شاھىمىزنىڭ بەيتۇل مۇقەددەسكە بېرىشى ئاجايىپ كاتتا ساۋاب ئىشتۇر .
- ئانھەزرىتىمنىڭ سەلتەنەت ئىشلىرىدىن ۋاقتىنچە پارىغ بولۇپ ، بۇ ساۋابلىق سەپەردە رىيازەت چېكىشنى نىيەت قىلغان ھىممىتىگە مىڭ - مىڭ تەسەننا .
- ئۇلۇغ خۇداۋەندەكەرىم سەلتەنەتلىرىنى تېخىمۇ كاتتا قىلغاي ، دۆلەتپاناھىم .
سۇلتان ئابدۇللاخان شۇ كۈنى بىر قانچە ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ھەج تاۋاپ قىلىش سەپىرىگە چىقىشنى قارار قىلىپ ، سەپەر تەييارلىقى قىلىشنى بۇيرۇدى . خاننىڭ ھەج تاۋاپ قىلىشقا ماڭىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان يىراق - يېقىندىكى ئەمىر - بەگلەر نۇرغۇن قىممەت باھا سوۋغا - سالاملارنى ئەكىلىپ خان بىلەن خوشلاشتى . ئىككىنچى شاھزادە ، ئاقسۇنىڭ نائىب ئەمىرى نۇردۇنخان ، نەۋرىسى ، خوتەننىڭ نائىب ئەمىرى ئەبەيدۇللا سۇلتان ) بۇ شاھزادە يولۋاسخاننىڭ ئوغلى ( لارمۇ ئالايىتەن كېلىپ ، خاننىڭ سەپىرىگە ئاقيوللۇق تىلىدى . لېكىن سەپەرگە چىقىش ۋاقتى قسىتاپ قالغنا بولسىمۇ چوڭ شاھزادە ، قەشقەرنىڭ نائىب ئەمىرى يولۋاسخان تېخىچىلا كەلمەيۋاتاتتى .
سۇلتان ئابدۇللاخان بەلگىلەنگەن سەپەرگە چىقىش ۋاقتى توشقان كۈنى ئوغلى يولۋاسخان بىلەن دىدار - مۇلاقەتتە بولۇپ ، خوشلىشالمىغاىنىغا كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا ھىندىستانغا قاراپ ماڭدى . ①
شاھزادە يولۋاسخان بىلەن بىر قىسىم قەشقەر ئەمىرلىرى ، سۇلتان ئابدۇللاخاننى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئاستانىگە كەلگەندە ، خان ئاللىبۇرۇن يولغا چىقىپ بولغانىدى . شاھزادە يولۋاسخاننىڭ كۈتكىنىمۇ شۇ ئىدى . ئۇ قەشقەردە ئەمىرلىرى بىلەن قىلغان مەسلىھەتى بويىچە ۋاقىتنى قەستەن كەينىگە سوزۇپ ، ئاستانىگە كېچىكىپ كەلدى ، ئۇ ئۆزىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا ئىستىقبالغا چىققان ئوردا ئەمىرلىرىنى باشلاپ ئوردىغا كىرىدە - دە ، ئۇدۇل شاھنىشىنغا كىرىپ بەخىرامان ھالدا تەختتە ئولتۇردى .
شاھزادىنىڭ قاپ يۈرەكلىك بىلەن قىلغان بۇ قىلىقى ئوردا ئەمىرلىنى قاتتىق چۆچۈتتى . چۈنكى ، خاندىن ئىجازەتسىز تەختتە ئولتۇرۇش كاللا كېتىدىغان ئېغىر گۇناھ ئىدى. بۇ شاھزادىلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش تەتبىقلىناتتى . شاھزادە يولۋاسخان ئۆزىگە تەئەجقۈپ ئىلكىدە قاراۋاتقان ئوردا ئەمىرلىرىگە قاراپ چوڭچىلىق بىلەن كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى :
- سەلتەنەتتە خان بولمىسا بولمايدۇ . ھەزىرتى پەدەرۇ بۈزرۈك ھەج سەپىرىدىن قايتىپ كەلگۈچە مەن تەختتە ئولتۇرۇپ سەلتەنەت ئىشلىرىنى باشقۇرغاچ تۇرىمەن.
- ئەينى مۇددىئا ، دەپ شاھزاتىنىڭ پۇتىغا ھۆل خىش قويدى قەشقەردىن بىللە كەلگەن ئاتالىقى ① خىرقىراپ سۆزلەپ ، - شاھزادەم ئاستانىگە كېلىپ بولغۇچە مۆھتەرەم ئانھەزرىتىم يولغا چىقىپ بوپتۇ . بولمىغان بولسا قىبلىگفھىمىز شاھزادەمنى ئۆز قولى بىلەن تەختتە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ، خاتىرجەم ھىجرەتكە ماڭغان بولاتتى .
شۇنداق شاھزادەم دېگەن ۋەلىئەھدىدۇر ، - دەپ سۆز قاتتى يەنە بىر قەشقەر ئەمىرى ، - ۋەلىئەھدىنىڭ ئىان يوق ۋاقتىدا تەختتە ئولتۇرۇپ سەلتەنەتكە پاسىبان بولمىغقى بەرھەقتۇر .
ئەمىرلەر شاھزادىدىن ئەيمىنىپ جىم - جىملا تۇرۇشاتتى . بۇ ئىشتىن بىرەر شۇملۇقنى سەزگەن ئوردا باش مىرزىسى گۇمانلانغان ھالدا تەختتە گىدىيىپ ئولتۇرغان شاھزادىگە مۇراجىئەت قىلدى :
- بۇ ھەقتە خان ئالىيلىرىنىڭ ھېچقانداق پەرمانى يوق ئىدىغۇ ، شاھزادەم ؟! ئەجەبا ...
- مانا مەن ھازىر پەرمان بېرىمەن ، - شاھزادە يولۋاسخان تەختىتىن چاچراپ ئورنىدىن تۇردى - دە باش مىرزىنى سۆزلەشكىمۇ يول قويماي ، غەزەپ بىلەن قول شىلتىدى ، كېلىڭلار ! مۇنۇ باش مىرزىنىڭ كاللىسىنى ئېلىڭلار !
شۇ ھامان بەستلىك كەلگەن ئىككى جاللات يۈگۈرۈپ كىردى - دە ، داڭقېتىپ تۇرۇپ قالغان باش مىرزىنى قولتۇقىدىن سۆرىگىنىچە شاھنىشىندىن ئاچىقىپ كەتتى . ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن ئەمىرلەرنى سۇر باستى ، ۋەھىمىدىن تىللىرى كالۋالاشقان ھالدا قېتىپ قېلىشتى .
- ھە يەنە قايسى ئەمىرنىڭ گېپى بار ؟
شاھزادىنىڭ چوڭچىلىق بىلەن سورىغان سوئالىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ ، بارلىق ئەمىرلەر دۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇشتى - دە ، قول باغلاشقىنىچە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى ، تىترەك ئاۋازلىرى بىلەن شاھزادىنى قۇتلۇقلاشتى .
- ماشائاللا ① ، شاھزادىمىز تەختتە بەرقارار بولغاي !
- مۇبارەك بولغاي ، ئانھەزرىتىم !
- ئادالەتپاناھىمىزنىڭ دۆلىتى تېخىمۇ زىيادە بولغاي !
شاھزادە خاس خانلارغا نەمسۇپ بولغان « ئانھەزرىتىم » ، « ئادالەتپاناھ» دېگەن سۆزلەردىن مەست بولۇپ ، بايامقى پەيلىدىن بىر ئاز ياندى - دە ، ئەمىرلەرگە ئىللىق چىراي ئاچتى .
شۇ دەقىقىدە ئوردا ئەمىرلىرىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك . ئۇلار يېڭىلا تەختتە ئولتۇرغان بۇ خاقان قايسىمىزنىڭ مەنسەپ - مەرتىۋىمىزنى ئېلىۋېتىپ ، قايسىمىزنى جازاغا بۇيراكىن دەپ ، سۇلتان ئابدۇللاخاننى ھەج تاۋاپ قىلىشقا زىيادە قىزىقتۇرۇپ قويۇشقانلىرىدىن پۇشايمان يېيىشمەكتە ئىدى . باش ئۈستىدە ئەگىۋاتقان ئەجەل ، بالا - قازا سايىسىدىن ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى مۇزلىماقتا . شاھزادىگە ئەگىشىپ كەلگەن قەشقەر ئەمىرلىرى بولسا ، ئوردىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپ - مەرتىۋىلىرىنى تەمە قىلىشىپ ، قىزغىنىشىپ ، بىر - بىرىگە ئاداۋەت بىلەن قاراشماقتا . شاھزادىنىڭ ئىلتىپات ، ئىنئامىغا ئېرىشىش ئۈچۈن چىرايلىرىغا كۈلكە - تەبەسسۇم پەيدا قىلىپ ھىجىيىشماقتا ...
ئەپسۇسكى ، شاھزادە يولۋاسخان نېمە سەۋەبتىندۇر ، ئوردا ئەمىرلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مەنسەپ - مەرتىۋىسىنى ئېلىپ تاشلىمىدى ياكى جازالىمىدى ، شۇنداقلا ئۆزى بىلەن ئاستانىگە بىلللە كەلگەن ، بىرىپلا تەختتە ئولتۇرۇش مەسلىھتىنى بەرگەن ئەمىرلەرنىڭ بىرىگىمۇ ئىلتىپات كۆرسەتمىدى . ئۇ چەكسىز تەمەن ۋە ھودۇقۇش ئىلكىدە تۇرغان ئەمىرلەرنى بىر قۇر ئۆڭىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ، خەزىنىچىبەگكە پەرمان قىلدى :
- بۈگۈنكى قۇتلۇق كۈننىڭ شەرىپى ئۈچۈن بارلىق ئەمىرلەرگە بىر ھەمياندىن تىللا ئىنئام قىلىنسۈن !
بىر ھەمياندىن تىللانى قويۇنلىرىغا سېلىشقان ئەمىرلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ۋەھىمە خېلىلا بېسىقتى . گاھى ئەمىرلەر شاھزادىنىڭ تەختتە ئولتۇرغىنىغا چىن كۆڭلىدىن خۇشمۇ بولۇشتى .
قەشقەر بىلەن ئاشتانە ئارىلىقىدىكى يول شاھزادىگە خېلىلا ھاردۇق يەتكۈزگەنىدى . شۇڭلاشقا ، ئۇ ئەمىرلەرگە قايتىشقا ئىجازەت بېرىپ ، ئۆزى ئارام ئېلىش ئۈچۈن شاھنىشىندىن چىقىپ كەتتى .
شاھزادە يولۋاسخاننىڭ دادىسى ئابدۇللاخاننىڭ ئىجازىتىسىزلا تەختتە ئولتۇرۇۋالغانلىقىغا قايىل بولمىغان ھىندىقۇش مىرزا ، مىرزا تىنىبەگ ، مىرزا نەقىبەگ ، مىرزا پولاتبەگ ، مىرزا شاھبەگ ، مىرزا فازىلبەگ ، مىرزا ئابدۇللاخوجا ، پالۋان قازى ، زامان خوجا ، قاتارلىق بىر قانچە ئەمىرلەر ، ئاستانە ئەمىرى ، قوشۇمچە ئاستانە مۇھاپىزەيچىلەر قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى مىرزا باباقبەگنىڭ قەسىرىگە جۇغلاشتى -دە خاس خانىدا قىسقىلا مەسىلىھەت قىلىشتى . بىرلىككە كەلگەن مەسىلىھەت بويىچە ئوردىدىكى بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنى تەپسىلىي يېزىپ ، چەۋەنداز ئارقىلىق سۇلتان ئابدۇللاخاننى ۋاقىپلاندۈرۈش ۋە خاننىڭ پەرمانى بويىچە تەدبىر قوللىنىش بەلگىلەندى . ئىككى چەۋەنداز يول بويى ئۆتەڭ - لەڭگەردە ئات يەڭگۈشلەپ مېڭىپ ، ئۈچ كۈندە سۇلتان ئابدۇللاخانغا يېتىشىۋالدى ۋە ھىندىقۇش مىرزا ، مىرزا باباقبەگ قاتارلىق ئەمىرلەرنىڭ ئىمزا قويۇپ يازغان جىددىي مەلۇماتىنى تاپشۇردى . سۇلتان ئابدۇللاخان مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تېپىپ ، شاھزادە يولۋاسخاننىڭ باشباشتاقلىقىغا شۇنچىلىك غەزەپلەندىكى ، سەپەرداشلىرىغا بۇ جىددىي مەلۇماتنىڭ مەزمۇنىنى ئېيتىشقا ئالدىراپ ، ئۇلارنى ئاستانىگە دەرھال قايتىشقا پەرمان بەردى ، - دە ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىۋالغان قورۇقچى يىگىتلەرنى باشلاپ ئاستانىگە قاراپ ئات سالدى .
دادىسى سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ قايتىپ كېلىشىنى زىنھار خىيالىغا كەلتۈرمىگەن شاھزادە يولۋاسخان خاتىرجەم ھالدا تەختتە ئولتۇرۇپ ، ئۆزىنى مۇبارەكلەپ كەلگەن ئەمىر - بەگلەرنى قوبول قىلىپ ، زىياپەت - بەزمە سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، تەڭ كېچىلەرگىچە شارابخورلۇق قىلىپ ، كەيپ - ساپا سۈرمەكتە ئىدى . ھېلىقى ئىككى چەۋەنداز ئۈچ كۈندە باسقان يولنى سۇلتان ئابدۇللاخان بارلىق نۆكەرلىرى بىلەن ئۈچ قېتىمدىن ئات يەڭگۈشلەپ ، كېچىلىرىمۇ تۈزۈك ئارام ئالماي ئىككى كۈندە بېسىپ تۈگەتتى - دە ، بامدات نامىزىنى زىلچاق ئۆستەڭ ① بويىدا ئوقۇپ ، ئاشۋاقتى بىلەن ئاستانىگە يېتىپ كەلدى . خانىقا دەرۋازىسى قوۋۇقىدا كۆزەتتە تۇرغان سەركەردە - لەشكەرلەر خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان سۇلتان ئابدۇللاخاننى كۆرۈپ ، كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەن ھالدا تۇرۇپلا قالدى ، دەرۋازا ئوچۇق ئىدى . ئابدۇللاخان نۆكەرلىرى بىلەن توختىماي ئات چاپقىنىچە شەھەر ئىچىگە باستۇرۇپ كىردى - دە ئۇدۇل ئوردا دەرۋازىسىنى نىشانلاپ ئات سالدى . شەھەر كوچىلىرىنى ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق چاڭ - توزان ۋە ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازىدىن چىققان دۈپۈر - دۈپۈرلەر بىر ئالدى ، ھېچنىمىدىن بىخەۋەر ئاستانە ئاھالىسى شەھەرگە كۈچلۈك ياغى باستۇرۇپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈشتى - دە ئىشىك - دېرىزىلىرىنى مەھكەم تاقاشتى . ھۈنەرۋەن ، كاسىپ ، تىجارەتچى ، دۇكاندارلار ئەمدىلا ئېچىشقا باشلىغان دۇكان - يايمىلارنى يىغىشتۇرۇپ تاقاشقا باشلىدى .
سۇلتان ئابدۇللاخان ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا يېتىپ كەلدى - دە ، دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىكى قاراۋۇلخانىدا ھودۇقۇپ تەمتىرەپ تۇرغان لەشكەر بېشىغا قەھر - غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى :
- شاھزادە ھازىر نەدە ؟
سۇلتان ئابدۇللاخاننى تونۇغان لەشكەر بېشى شۇنداق قاتتىق چۆچۈدىكى ، ئالدىغا مۈدۈرۈپ كېتىپ ، سېپىل ئۈستىدىن يەرگە ئۇچۇپ چۈشكىلى قىل قالدى - دە چىرايىدا قان قالىمغان ھالدا ئاران جاۋاب بەردى :
- ئانھەزرىتىمگە مەلۇم بولغاي ، شاھزادە ئالىيلىرى ھەر قارقاچان شاھنىشىندىمىكىن ...
سۇلتان ئابدۇللاخان لەشكەر بېىشنىڭ جاۋابىنىڭ ئاخىرىنى كۈتمەستىنلا يەنە ۋارقىرىدى :
- ھاڭقىيىپ تۇرماي ئاچ دەرۋازىنى ، بەتبەخت !
ئوردا سېپىلىنىڭ قيما تۆمۈر دەرۋازىسى نالىلىك غىچىرلاپ ئېچىلدى . سۇلتان ئابدۇللاخان شۇ ھامان ئوردىغا قاراپ ئات سالدى - دە ، ئۇدۇل شاھنىشىننىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى .
سىرتتىكى ۋەھىمىلىك دۈپۈر - دۈپۈردىن قانداقتۇر بىر خەۋپنى سېزىپ ، يۈرىكى ئاغقاندەق قىلغان شاھزادە يولۋاسخان نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ بېقشىقا مۇلازىم چىقارتىپ بولغۇچە ، شاھنىشىننىڭ بوسۇغىسىدىن قەر - غەزەپ بىلەن كىرىپ كېلىۋاتقان دادىسى - سۇلتان ئابدۇللاخاننى كۆرۈپ ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر خىل ۋەھىمە ئىلكىدە تەختتىن ياكى مۇدۈرۈپ كەتتىمۇ ، ئەيتاۋۇر پۇلاڭڭىدە قىلىپ شاھ سۇپىنىڭ توققوز پايىلىك پەلەمپىيىدىن يۇمىلىنىپ چۈشۈپ ، يىقىلغان ئورنىدا يۈكۈنۈپلا ئولتۇردى . سۇلتان ئابدۇللاخاننى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ قېلىشقان بىر قسىىم ئەمىرلەر بولسا قېتىپلا قېلىشقانىدى .
- نېمە بولدى سىزگە ، شاھزادەم ؟- دېدى سۇلتان ئابدۇللاخان يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان شاھزادىگە سوغۇق نەزەر تاشلاپ كىنايە قىلغان ھالدا ، - تەخت دېگەندە راۋۇرۇس ئولتۇرۇپ ، راۋۇرۇس تۇرۇش كېرەك . بولمىسا مۇشۇنداق مۇدۈرۈپ كېتىدىغان ، يىقىلىپ چۈشىدىغان گەپ .
ۋەھىمىدىن پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قارا تەر باسقان شاھزادە يولۋاسخان لەۋلىرىنى قىمىرلاتقىنىچە مىڭ تەستە زۇۋانغا كەلدى . ئۇنىڭ يارىشىملىق قاپقارا بۇرۇتلىرىغا ماسلاشقان ، يىگىتلىك سۇمباتىنى نامايان قىلىپ تۇرغان گىردە ناندەك مەڭزىنىڭ قېنى قاچقان بولۇپ ، بەئەينى مۇردىدەك تارىتىپ كەتكەنىدى :
-مى ... مى ... مېنى ...كە ... كەچۈرسىلە ، خان ئاتا ، ئا،،، ئالدىلىرىدا گيناھىمنى تىلەيمەن مە... مەن ئالدىنىپتىمەن ...
شاھزادىنىڭ بىچارىلىك بىلەن مۆلدۈرلەپ تۇرغان چوڭ - چوڭ قوي كۆزلىرىگە قاراپ سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ بىردىنلا ئاتىلىق مېھرى قوزغالدى - دە ، دەسلەپكى پەيلىدىن بىر ئاز ياندى . خاننىڭ كۆزلىرىدىكى مېھىر - شەپقەت ئۇچقۇنلىرىدىن پۈت - قولىغا ئازراق ماغدۇر كەلگەن شاھزادە بىردىنلا ئەقلىنى ئىشقا سالدى - دە ، بالرىق گۇناھلىرىنى قەشقەردىن بىللە كەلگەن ئەمىرلىرىگە يۈكلەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى :
- مېنى ئاشۇ تۇزكور ئەمىرلىرىم ئازدۇرۇپتۇ ، خان ئاتا، مەنن ئۇلارنىڭ ناشۇركۇر مەسلىھەتىگە كىرىپ ...
شاھزادىنىڭ قارايۈزلۈك بىلەن قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قەشقەر ئەمىرلىرى تۇيۇقسىز يىلان چېقىۋالغاندەك قاتتىق چۆچۈشتى - دە ، تۇرغان جايىدىلا موككىدە تىزلانغىنىچە داد - پەرياد كۆتۈرۈشتى :
- شاھزادەم ، خۇدانىڭ ھەققىدە بولسىمۇ بىزنى ئوتقا تاشلىمىسىلا .
- خان ئالىيلىرى شەپقەتلىكتۇر . شاھزادەم قورقۇپ كېتىپ قالايمىقان سۆزلەۋاتىدۇ .
- بىز گۇناھسىزدۇرمىز ، خان ئالىيلىرى .
سۇلتان ئابدۇللاخان بۇ نالە - پەريادلارغا پەرۋا قىلماستىن ۋارقىرىدى :
- مىرغەزەپ !
- لەببەي م قىبلىگاھىم !
- مۇنۇ تۇزكۇر ، مۇناپىق ئەمىرلەرنىڭ دەرھال كاللىسى ئېلىنسۇن !
شۇ ھامان شاھنىشىن بوسۇغىسىدا پەرمان كۈتۈپ تۇرغان نۆكەرلەر ئاللا - توۋا سېلىشقىنىچە « ئۇۋال بولدى !» دەپ توۋلاۋاتقان مۇھەممەد رەئۇب خوجا ، مىرزا ئابدۇسەمەتبەگ ، مىرزا ئەرەببەگ ، ئاخۇن نەسىر بەگ ، قاتارلىق قەشقەرلىك بەگ - تۆرىلەرگە قاپلاندەك تاشلاندى - دە ، قولتۇقلىرىدىن دارقىرىتىپ سۆرىگىنىچە شاھنىشىندىن ئاچىقىپ كەتتى . بىردەملىك ئۆرىتۆپىدىن كېيىنكى شاھنىشىن ئىچى يەنە چىۋىن ئۇچسا ئاڭلاندۇدەك دەرىجىدە تىمتاسلىققا چۆمدى . ئەمما ، ئەس - ھوشىنى يوقىتىشىپ بۇتتەك قېتىپ تۇرۇشقان ئەمىرلەرنىڭ سەزگۈلىرى بولسا خۇددى ۋەھىمىلىك قاينامغا كىرىپ قالغاندەك ، نائۈمىد ئازابلار ئىلكىدە تىنچسىز ئىدى . قەشقەردىن بىللە ئەكەلگەن ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقىنى كۆرگەن شاھزادىنىڭ ۋۇجۇدى قورقونچتىن بوشىشىپلا كەتكەنىدى .
شاھزادىنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ بىر ئاز پۇخادىن چىققاندەك بولغان سۇلتان ئابدۇللاخان تەخت ئالدىدا كىرپىدەك تۈگۈلۈپ كەتكەن ئوغلىغا قاراپ بىر نەچچە دەقىقە ئويلىنىپ قالدى . ئوتتۇر ياشتىن ھالقىغان شاھزادىنى ئەمىرلىرىنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ دەپ ، گۇناھىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ كەچۈرۈم قىلسا ، ئوردا ئەركانلىرى غىڭ قىلالمىغىنى بىلەن كۆڭلىدە ھەرگىز قايىل بولمايدۇ . خاننىڭ ئادالىتىدىن ، سەلتەنەت قانۇننىڭ باراۋەرلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ . ئۆزىنى پۈتكۈل سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئادالەتپاناھى، ئادىل خانلار سۇلتانى دەپ ھېسابلىغان سۇلتان ئابدۇللاخان شۇ تاپتا ئوردا ئەھكاملىرىغا ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان شاھزادىنى ئەڭ ئاۋۋال جازالىشى ، ئۆلۈمگە بۇيرۇشى كېرەك . لېكىن ، قايسىبىر ئاتىنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۆز ئوغلىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇشقا تىلى بارسۇن ؟ ئاھ . تەڭرىم ! شۇ تاپتا شاھزادىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇمايمۇ ئۆزىنىڭ ئادالىتىنى نامايان قىلغىلى ، شۇ ئارقىلىق ئەمىرلەرنى قايىل قىلغىلى بولسا ئىدى كاشتى ...
كاللىسىغا تۇيۇقسىز كەلگەن بىر ئەقىلدىن سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ كۆڭلى ۋاللىدە يورۇپ كەتتى . قەلبىدە ئۆچەي دەپ قالغان ئۈمىد شامى قايتىدىن يورۇدى : « توغرا شۇنداق قىلىش كېرەك . شاھزادىنىمۇ ئۆلۈمگە بۇيرۇش كېرەك ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان شاھزادىنى ئوردا ئەركانلىرى تىلىۋالماي قالمايدۇ . ئۇ چاغدا مەن ئەمىرلەنرىڭ يۈزىنى قىلغان بولىمەن - دە ، مۇشۇ يول ئارقىلىق شاھزادىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالىمەن. بۇنداق قىلسام بىر تەرپەتىن نائىنساپ ، ۋاپاسىز شاھزادىنى قاتتىق چۆچۈتۈپ ، تەختكە كۆز تىكمەس قىلىۋېتىمەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوردا ئەركانلىرىغا ، ئەل - يۇرتقا ئۆزۈمنىڭ ئادالەتلىك خان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويىمەن ..»
سۇلتان ئابدۇللاخان خىيالىنى شۇ يەردە يىغىشتۇردى - دە ، غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى .
- كېلىڭلار ، مۇنۇ بەتبەخت ، ناشىكۇر شاھزادىنىمۇ ئاچىقىپ كاللىسىنى ئېلىڭلار !
سۇلتان ئابدۇللاخان پەرماننى جاكارلاپ بولۇپلا ، يۈرىكى خۇددى خەنجەر ئۇرغاندەك سىرقىراپ كەتتى !
- ئاتا ! ! ...
شاھزادە جانسىز ئىڭرىدى - دە ، سۇلتان ئابدۇللاخانغا قاراش ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن بېشى لەسسىدە چۈشۈپ كەتتى . قاتتىق قورقوپ كەتكەن شاھزادە ھوشىدىن كەتكەنىدى . شۇ دەقىقىدە سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ تەختتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئوغلىنى يۆلىگۈسى ، بېىشنى قۇچىقىغا ئېلىپ پېشانىسىگە سۆيگۈسى كېلىپ كەتتىيۇ ، لېكىن چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ تەختتە خۇددى چوغ ئۈستىدە ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك پۇچىلىنىپ ئولتۇردى . ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن شاھنىشىنغا كىرىپ كەلگەن ئىككى نۆكەر تەخت ئالدىدى گىلەم ئۈستىدە ھوشسىز ياتقان شاھزادىنىڭ قولتۇقدىىن تۇتۇپ سىرتقا سورەپ مېڭىشقا باشلىدى . شۇ دەقىقىدە سۇلتان ئابدۇللاخانمۇ كۈچلۈك بىر قول يۈرىكىنى بېغىشىدىن ئۈزۈۋالماقچى بولۇپ تاتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ ، تەڭداشسىز بىر ئازاب ئىلكىدە قىينالدى . خاننىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مۇددىئاسىنى چۈشەنمىگە ئەمىرلەر تېخىمۇ قاتتىق ۋەھىمىگە پېتىپ ، بېىشنى تۆۋەن سېلىشقىنىچە بۇتتەك قېتىپ تۇرۇشاتتى . خان ئۆلۈمگە كېتىۋاتقان ئوغلىغا قاراپ پەرمانىدىن يېنىۋېلىشتىن ئۆزىنى ئاران -ئاران تۇتۇپ ئولتۇراتتى . ئاھ ، تەڭرىم ، بىر ئەلنىڭ خاقانىنىڭ چۈشۈرۈپ بوغلان پەرمانىدىن سەۋەپسىزلا يېنىۋېلىشىدىنمۇ شەرمەندە ئىش بارمۇ جاھاندا ؟! بالرىق ئۈمىدى يوققا چىقىپ ، ئامالسىز قالغان سۇلتان ئابدۇللا خاننىڭ كۆزىگە مۆللىدە ياش كەلدى . ئەمىرلىرىنىڭ كۆزىگە يېلىنىش ، ئىلتىجا ئىلكىدە تەلمۈردى . ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد شامى جانسىز پيلدىرلاپ نىدا قىلاتتى : « تېزرەك ئەقلىڭلارنى تېپىڭلار ، سۈيۈملۈك ئەمىرلىرىم ، ئانچىكىم ئەمىرلەرنىڭ گۇناھىنىمۇ تىلەيتتىڭلارغۇ ؟! بۈگۈن نېمە بولدى سىلەرگە خۇدا ھەققى ، مەندى تېزرەك شاھزادىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلەڭلار ...»
سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئىلتىجالىق كۆزلىرى ئەمىر كەبىر ھىندىقۇش مىرزا بىلەن ئاستانە ئەمىرى مىرزا باباقبەگنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئاخىرى توقۇنۇشتى . خاننىڭ كۆز چانىقىدا تاشاي - تاشاي دەپ لىغىرلاپ تۇرغان ئاچچىق ياشنى كۆرۈپ ، بۇ ئىككى ئەمىر خاننىڭ يۈرەك نىداسىنى ئاڭلىغاندەك بولدى . ئۇلار بىردىنلا ئەقلىنى تاپتى . شاھزادىنى شاھنىشىننىڭ ئېگىز بوسۇغىسىدىن سۆرەپ ئاچىقىۋاتقان ئىككى نۆكەرگە قاراپ ۋاقىرىدى :
- توختاڭلار !
ئىككى نۆكەر جايىدىلا چىپپىدە توختىدى .
سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ قەلبىدە پىلىلداپ قالغان ئۈمىد شامى يەنە قايتىدىن ياندى ، خاتىرجەملىك بىلەن چوڭقۇر نەپەس ئالدى ، يۈرىكىنىڭ ئەنسىز سوقۇشى بىر ئاز رىتىمىغا چۈشتى .
ھىندىقۇش مىرزا بىلەن مىرزا باباقبەگ قول باغلاپ تۇرۇپ سۇلتان ئابدۇللاخانغا يېلىندى :
- مەلۇم بولغاي ، ئادالەتپاناھىم . شاھزادىنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىنى كەچكەيلا . شاھزادەم راستتىنلا گۇناھسىزدۇر . ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇ رىياكار ئەمىرلەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىغاندۇر .
باشقا ئەمىرلەرمۇ ئالمان - تالمان خانغا ئىلتىجا قىلدى :
- شاھزادىنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كەچكەيلا ، ئانھەزرىتىم !
چوڭقۇر ھاڭقا چۈشۈپ كېتىپ بارغان ئادەم بىر تال شاخ - شۇمبىغا قولى ئىلىشىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلگەن سۇلتان ئابدۇللاخان ئارتۇقچە تىركىشىپ تۇرمايلا ئەمىرلەنرىڭ « يۈزىنى قىلىپ » شاھزادىنىڭ گۇناھىدىن كەچتى .
ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ گۇناھىنى تىلىگەن شاھزادىگە سۇلتان ئابدۇللاخان نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلىپ ، ۋاقتى كەلگەندە سەئىدىيە سەلتەنىسىنىڭ بۇ تەختىنى چوقۇم بېرىدىغانلىقىنى ئېتيتىپ ، ئۇنى يەنىلا قەشقەرنىڭ نائىب ئەمىرلىك مەنسىپىگە تەيىنلەپ يولغا سالغانىدى . ئەپسۇس ، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتە - ئۆتمەي شاھزادە يەنە ئاسىيلىق قىلىپ دادىسى سۇلتان ئابدۇللاخانغا بايقۇت قىلدى . بايقۇت قىلغاندىمۇ قايسىبىر قارانىيەت ، سۇيىقەستچى مۇناپىقنىڭ مەسلىھەت بېرىشى ، يول كۆرسىتىشى ، ئەقىل ئۆگىتىشى بىلەن پۇختا تەييارلىق قىلىپ قىلىچ يالىڭاچلاپ تەختكە خىرىس قىلىۋاتاتتى ...
قاياقتىندۇر پەيدا بولغان بىر توپ پاشا - كۇمۇتىلار سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى چېقىشقا باشلىدى . خان پاشىلارنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، تۇلۇمدىن ئۆزىنى سۇغا ئاتتى . ھەددىدىن ئاشقان پاشا - كۇمۇتىلار خاننىڭ باش ئۈستىدە بېزەڭلىك بىلەن ۋىڭىلدايتتى . سۇلتان ئابدۇللاخان ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ قېتىم چۆمۈلدى - دە سۇدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ كۆلنىڭ لىۋېگە قاراپ ئۈزدى .
نۆكەرلەر ئاپئاق يىپەك رومال بىلەن خاننىڭ بەدىنىنى سۈرتۇۋاتقاندا ، بىكاۋۇلبەگ خاننىڭ قېشىغا يېقىنراق كېلىپ سورىدى :
- ئانھەزرىتىمنىڭ ئىشتىھاسى نېمىگە تارتىدىكىن ؟
- شراپ ئىچەيلى ، داستىخاننى لالىزار راۋاققىلا راسلاڭلار . مېنى ھېچكىم ئاۋارە قىلمىسۇن . ماڭا دىۋانبېگى بىلەن ئىكىلىرى ئۈلپەت بولسىلا .
- سازەندىلەرنىمۇ چاقىرىمىزمۇ ؟
بىكاۋۇلبەگ ھايال ئۆتمەيلا لالىزار راۋاقنىڭ شاھ سۇپىسىغا داستىخان راسلىدى . ئادەتتە سۇلتان ئابدۇللاخان شارابنى دۈملەپ پىشۇرۇلغان سوغۇق قوزا گۆشى بىلەن ئىچەتتى . قوغۇنغا ئالاھىدە ئامراق ئىدى . داستىخان سۇلتان ياخشى كۆرىدىغان نازۇ نېمەتلەر بىلەن تولدۇرۇلدى .
سېھىرلىك مۇقام كۈيلىرى ياڭراۋاتقان تەمبۇرنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان سۇلتان ئابدۇللاخان خۇددى يۈرىكىگە ناخۇن ئۇرۇلۇۋاتقاندەك بىر تۇيغۇدا چوڭقۇر مۇڭغا چۈمگەنىدى . تەمبۇرچى يىگىتنىڭ سۈزۈك ئاۋازى لالىزار راۋاقتىن كۆتۈرۈلۈپ ، كېچە قۇچىقىغا سىڭىپ كېتىپ باراتتى .
يامان يولۋاس يولدا ياتىپ شىرغا يول بەرمەس ،
ئاتا- ئانىسىدىن قارغىش ئالغان ئىلگىرى كەلمەس .
تەمبۇرغا تەڭكەش قىلىپ ياڭراۋاتقان ناخشا بايا سۇلتۇن ئابدۇللاخاننىڭ كۆڭلىدىن بىردەملىك كۆتۈرۈلگەن ۋاپاسىز ئوغلى شاھزادە يولۋاسخان ھەققىدىكى ئازابلىق خىياللىرىنى قايتا قوزغاپ قويدى . خان ھەسرەت بىلەن ئۇلۇغ -كىچىك تىندى - دە ،ئەپيۇن چىلانغان كۈچلۈك شاراپتىن قاشتېشى جامغا ئارقىمۇ ئارقا ئۈچنى ئېچىۋەتتى .
[ 此贴被ajrim在2008-10-14 12:31重新编辑 ]