خۇ جىنتاۋ سۇداننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
شىنخۇا تورى بېيجىڭ11 – ئىيۇن تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 11 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سۇداننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى تاھا بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە دوستانە سۆھبەت ئېلىپ باردى .
خۇ جىنتاۋ جۇڭگو – سۇدان مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرلەشلەرگە ئاكتىپ باھا بېرىپ مۇنداق دېدى : ‹‹ ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق ، سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۇزاق مۇددەت ، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزگەرمەس فاڭجېنى . جۇڭگو تەرەپ ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى ئاچقۇچ قىلىپ ، سىياسىي سۆھبەت ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزلۈكسىز يېڭى مەزمۇن ، يېڭى ھاياتى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ ››.
سۇداننىڭ دارفور مەسلىسى توغرىسىدا توختالغاندا خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : دارفور رايونىدىكى ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ ، دارفور مەسلىسىنى ھەم تېز ھەم كۆڭۈلدىكىدەك ھەل قىلىشتا ، سۇدان ھۆكۈمىتى ، ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىق رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، سۆھبەتلىشىش ۋە باراۋەر كېڭىشىش ئارقىلىق ،‹‹بىرلەشمە ھەركەت›› نى تېزدىن يولغا قويۇپ ، سىياسىي سۆھبەتلىشىشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، سۆھبەتتە ماھىيەتلىك ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەۋىپسىزلىك ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ ، دارفور خەلقنىڭ يۇرت–ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش لازىم . خەلقئارا جەمئىيەتمۇ دارفور رايونىنى داۋاملىق قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەپ ، بۇ رايوننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىشى لازىم .
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو تەرەپ سۇدان ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىش ۋە كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ ، يۇقىرىدا بايان قىلغان نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ .
تاھا مۇنداق دېدى : جۇڭگو – سۇدان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ساھە ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ . ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپ ، بۇ رايونىمىزنىڭ تىنچ ، مۇقىم تەرەققىياتىدا مۇھىم ھەركەتلەندۈرگۈچ رول ئوينايدۇ . كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ، بۇ ئەھمىيەتلىك كۈن ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تەبرىكلىشىگە ئەرزىيدۇ . سۇدان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ، ئىككى تەرەپ ھەر ساھە ھەمكارلىق ، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ .
تاھا جۇڭگو تەرەپنىڭ دارفور مەسلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوينىغان مۇھىم رولىغا يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە جۇڭگو تەرەپنىڭ دارفور رايونىغا قوغدىغۇچى قىسىم ئەۋەتكەنلىكى ۋە دارفور رايونىنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى . ئۇ يەنە سۇدان تەرەپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ دارفور رايونىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ‹‹ بىرلەشمە ھەرىكەت››كە ئاكتىپ ماسلىشىپ ، تىنىچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، دارفور مەسلىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھەل بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
مەنبە :تەڭرىتاغ تورى