Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكى无法无天نىڭ2008-06-12 13:42دە يوللىغان يازمىسى :
جەنۇبى شىنجاڭدا بۇنداق ئىشلار بەك كۆپكەن بۇ قىتىم بىزنىڭ تەكشۈرۈش گورۇپپىمىز بۇ ئىشلارنى تولا ئاڭلاپ قالدۇق.
جەنۇبى ۋە شىمالى شىنجاڭ دىگەن گەپلەر پەقەتلا بىر جۇغراپىيلىك ئاتالغۇ. يولداش无法无天نىڭ ئىنسانلار جەمىيتىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەلىك ئىشلارنى شىمال-جەنۇپ دەپ ئايرىپ كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان گەپلىرىگە مەن نارازى. چۈنكى، پاجىئە يۈز بەرگۈسى كەلسە جۇغراپىيلىك ئۇقۇملارغا ۋە كىشى كۆڭلىگە باقماستىن ھەرقانداق جايدا يۈز بېرىشى مۈمكىن. خۇددى،مەلۇم بىر كىشىنىڭ باشقا جايدا قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ كەتسە ئۆيۈمدىكى ھاجەتخانىغا بارىمەن،دەپ ئۈلگۈرۈپ بولالماستىن ئىشتانغا چىقىرىپ قويغىنىغا ئوخشاش. يۈز بەرگۈسى كەلگەن ئىش كىشى ئىرادىسىگە باقمايدۇ. شۇڭا، مەن بىر «ئاتالمىش جەنۇبى شىنجاڭ»لىق بولۇش سالاھىتىم بىلەن مەزكۇر «شىماللىق» يولداشقا شۇنى ئىيتىپ قويغۇم كىلىدۇكى، ۋىجدانىمىزدىن ئۇرغۇپ چىقىپ بۇنداق پاجىئەلەرنىڭ قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسۈتۈشىمىز بىلەن بىرگە روھىتمىزدىكى يۇرتۋازلىق مەسخىرىسىنى چىقرىپ تاشلاپ، ئىناقلىق مۇساپىسدە بىرگە بەيگە چاپتۇرىشىمىز لازىم. چۈنكى، يۇرتۋازلىقنىڭ دەۋرى ئۆتتى، ئەمدىكى گەپ، قانداق قىلغاندا قول تۇتۇشۇپ شىنجاڭدىكى قىرىنداشلارنى ئۇيغۇر ئەخلاقى بويىچە يىتەكلەش. بۇ بىزنىڭ، سىزنىڭ ۋە ھەممىزنىڭ مەجبۇرىيتى!