مېدۋېدېۋ : ش ئا ئە ت ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ ، دېدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 11- ئىيۇن تېلېگراممىسى : روسىيىنىڭ زۇڭتۈڭى مېدۋېدېۋ بۈگۈن مۇنداق دېدى : ش ئا ئە ت ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ . چۈنكى ھازىر ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك تۈزۈلمىسى « بۆلۈنۈش» ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ . شۇڭا روسىيە ياۋروپا ئەللىرى بىلەن پان ياۋروپا بىخەتەرلىك كاپالىتى شەرتنامىسى ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلىدۇ .
مېدۋېدۋ يەنە مۇنداق دېدى : ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ ئىقتىساد سىستېمىسدىكى يىتەكچى ئىقتىدارى قالمىدى . بۇ ھازىرقى ئىقتىسادىي سىستېمىدا پەيدا بولغان قالايمىقانچىلىقنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى .
روسىيە ئارمىيىسى قىزىل بەشيۇلتۇزنى ئالماشتۇردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 11- ئىيۇن تېلېگراممىسى : سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغانغا 17 يىل بولغان بولىسمۇ ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ بەلگىسى بولغان قىزىل بەشيۇلتۇز روسىيە خەلقىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەچكە ، ھازىرغىچە ھاۋا ئارمىيىسىدە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقانىدى .
بىراق روسىيىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : قىزىل بەشيۇلتۇز « روسىيە فېدېراتسىيىسى دۆلەت بايرىقى قانۇنى » غا خىلاپ ، شۇڭا ھاۋا ئارمىيىسى قورال - ياراغلار بىلەن دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل بەشيۇلتۇزنى ئاق ، كۆك ۋە قىزىل رەڭلىك يۇلتۇزغا ئالماشتۇردى .
روسىيە شىمالىي قۇتۇبتىكى مەنپەئىتىنى قوراللىق قوغدايدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 11- ئىيۇن تېلېگراممىسى : روسىيە ئارمىيىسنىڭ ئەمەلدارى سامانوۋ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى : روسىيە شىمالىي قۇتۇپتىكى مەنپەئىتىنى قورالغا تايىنىپ قوغدايدۇ .
سامانوۋ يەنە مۇنداق دېدى : قوماندانلار 1- ئىيۇلدىن بۇرۇن شىمالىي قۇتۇپتىكى مەنپەئىتىمىزنى قوغداش قىسمىدىكى خادىملارنىڭ سانىنى بېكىتىدۇ . بىز ھازىر لېنىنگرات ، سېبىرىيە ۋە يىراق شەرق ھەربىي رايونىغا قاراشلىق قىسىملاردىن ئادەم تاللاپ ، شىمالىي قۇتۇپتا ۋەزىپە ئۆتەش مەشىقى قىلدۈرۈۋاتىمىز .
روسىيە جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭلىرىنى بىكار قىلماقچى بولۇۋېتىتۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 11- ئىيۇن تېلېگراممىسى : روسىيىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : روسىيە فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ زۇڭتۈڭلۇق ئورنى پات ئارىدا بىكار قىلىنىشى ، تاتارىستان زۇڭتۈڭلۇق ئورنى بىكار قىلىنغان تۇنجى جۇمھۇرىيەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، چۈنكى روسىيىدە پەقەت بىرلا زۇڭتۈڭ بولۇشى كېرەك .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : زۇڭتۈڭلۇق ئورنى بىكار قىلىنىدىغان جۇمھۇرىيەتلەرگە ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى رەھبەرلىك قىلىدۇ .
روسىيىدە 131 مىڭ تىرىليونېر بار ئىكەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، موسكۋا ، 11- ئىيۇن تېلېگراممىسى : « روسىيە گېزىتى» 11- ئىيۇن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : 2006- يىلى روسىيىدە 119 مىڭ تىرىليونېر بار ئىدى . بۇلتۇر بۇ سان 131 مىڭغا يەتتى ؛ بۇلتۇر روسىيىدە بايلىقى تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان باي 110 غا يەتتى . 2006- يىلى بۇ سان 60 ئىدى ؛ ئۇلارنىڭ ئومۇمىي بايلىقى 520 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى . بۇ روسىيە يىللىق مالىيە كىرىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ .
پادىشاھ جاناندىرا ئوردىسىدىن ئايرىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، كاتماندو ، 11- ئىيۇن تېلېگراممىسى : نېپالنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلگەن پادىشاھى جاناندىرا بۈگۈن ئوردىدىن پايتەخت كاتماندونىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ئوۋچىلار سارىيغا كۆچتى . ئوردا كاتىبات باشقارمىسى ب خەۋەرنى دەلىللىدى .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : پادىشاھ جاناندىرا خان تاجىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىپلا قالماستىن ، يەنە دۆلەتكە تەۋە 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مال - دۇنيانى يوشۇرۇۋالغان . ئىگىلىنىشىچە ، پادىشاھنىڭ چەت ئەلگە يۆتكىۋەتكەن بايلىقى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن ، بىراق ھۆكۈمەت بۇ مال - مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىشقا ئامالسىز .
ئىراندا بىر شىركەت بويتاق خىزمەتچىلىرىگە « ئولتۇماتوم » تاپشۇردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، شىنگاپور شەھىرى ، 11- ئىيۇن تېلېگراممىسى : سىنگاپوردىكى « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىت» بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : ئىراننىڭ دۆلەتكە قاراشلىق بىر شىركىتى بويتاق خىزمەتچىلىرىگە « ئولتۇماتوم » تاپشۇرۇپ ، ئۇلارنى سېنتەبىردىن بۇرۇن توي قىلمىسا ، ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۈردى . ئىگىلىنىشىچە ، ئىراندا ھازىر ياشلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ، ھەتتا توي قىلىشقا قۇربى يەتمىگەچكە ، ئىراندا توي قىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن.
يەنە بىر خەۋەردە ئېيتلىشىچە ، ئىراننىڭ شەرقىدىكى خۇراسان ئۆلكىسىمۇ مەمۇرلارغا مۇشۇ مەزمۇندا تەلەپ قويۇپ ، ئۆي- ئوچاقلىق بولغان مەمۇرلارنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
ياۋروپا ئىتتىپاقى - ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنى ئىرانغا بېسىم چۈشۈردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ليۇبليانا ، 11 - ئىيۇن تېلېگراممىسى : ياۋروپا ئىتتىپاقى - ئامېرىكا باشلىقلار يېغىنى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتتا : ئەگەر ئىران خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەلىپىنى داۋاملىق رەت قىلسا ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئىراننى جازالاش سالمىقىنى كۈچەيتىدۇ . دېيىلدى . ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى سلوۋانىينىڭ زۇڭلىسى ياشا مۇنداق دېدى : ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا پارنىك گازىنى ئازايتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپلىشىپ قالغان بولىسمۇ ، لېكىن كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ئورتاق مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىشقا قوشۇلدى
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى