بۇ بەتتىكى تېما: ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجنى تەڭشەش ئۇسۇلى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 100 قېتىم كۆرۈلدى
kuntikin
دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 14017
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 309
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە309دانە
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
پۇل: 388 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجنى تەڭشەش ئۇسۇلى

ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجنى تەڭشەش ئۇسۇلى

مۇھەممەد ئەلى



ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھايات مۇساپىسى ئۆزىنىڭ ماددى ياكى مەنىۋى ئىھتياجىنى قاندۇرۇش دەپ ئىيىتساق ھەرگىزمۇ خاتالاشقان بولمايمىز. ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كاتوگورىيەدە بىر ئادەمنىڭ پۇتكۈل ئارزۇ-ئارمان ۋە غايە-ئىستەكلىرى سىڭگەن بولىدۇ.بەزىلەر ماددى ئىھتياجىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن بولسا يەنە بەزىلەر مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۇچۇندۇر.
ئۇنداقتا ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجنى قانداق تەڭشەش كىرەك؟

1. مەنىۋى ئىھتىياجنى يىتەكچى ، ماددى ئىھىياجنى قوشۇمچە قىلىش كىرەك.
ماددى ئىھتىياج چەكلىك بولىدۇ. لىكىن ئۇ بەلگىلەنگەن چەكلىكتنى ئىشىپ كەتسە ئاچكۆزلۇككە ئايلىنىدۇ-دە، ئادەم ماددى ئىھتىياجنىڭ قۇلى سۇپىتىدە، ياشاۋاتقان شۇ دەۋىر ۋە شۇ زامانغا ھەرخىل بالاي-ئاپەت ۋە قارغىش ئىلىپ كىلىدۇ. بۇ ئەڭ خەتەرلىك.
مەنىۋى ئىھتىياج چەكسىزدۇر. لىكىن قانچە چەكسىزلىككە يىقىنلاشقانسىرى، مەنىۋى ئىھتىياج ئىشىپ بارىدۇ. بىز مەنىۋى ئىھتىياجنى بىر چەكسىزلىككە سوزۇلغان سىزىققا ئوخشاتساق، ماددى ئىھتىياجنى بولسا سانسىز چىكىتلەرگە ئوخشتىش مومكىن. ئۇ پەقەت ئەشۇ سىزىقچىلارنىڭ ياردىمىدىلا چەكسىز سىزىق شەكلىگە كىلىشى كىرەك.
بەزىلەر پۇل بولمىسا، ھىچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر نۇرغۇن نەرسىلەرنى پۇلغا سىتىۋالغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككىلا خىل قاراشنى مۇتلەق ئىنكار قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. چۇنكى ئالدىنقىسى ماددى ئىھتىياجنى يىتەكچى قىلغان بولسا، كىيىنكىسى مەنىۋى ئىھتىياجنى يىتەكچى قىلغان بولىدۇ.
ماددى ئىھتىياجنىڭ تۇرتكىسىدە مەنىۋى ئىھتىياجنى قاندۇرىمەن دەپ ئويلاش خاتا.

2.ماددى ئىھتىياج مەنىۋى ئىھتىياج ئۇچۇن خىزمەت قىلىشى كىرەك.
ماددى ئىھتىياجنى مەنىۋى ئىھتىياج ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇشتىكى مەقسەت : ئىھتىياجنىڭ شەرت ۋە تولۇقلىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
سىز كىلەر يىلى غولجىغا ساياھەتكە بارماقچى، شۇنداقلا ئەڭ مەنزىرىلىك جايلاردىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، قازاقلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، مەدەنىيتىنى تەتقىق قىلماقچى ۋە ئۆزۇڭىزگە ئۆمۇرلۇك ئەسلىمە قالدۇرۇش ئۇچۇن بىر پارچە ھىكايە ياكى سىن فىلىمى ئىشلىمەكچى دەپ پەرەز قىلايلى.
ئۇنداقتا، سىز ئاۋال بارلىق چىقىملارنى ئالدىن ھىساپلاپ چىقىشىڭىز كىرەك. بەك تەپسلى بولمىسىمۇ تەخمىنى ھىساپتا قانچىلىك پۇل بولسا، بۇ ئارزۇيىڭىزغا يىتەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىشڭىز كىرەك. بۇ مەسىلە ئايدىڭلاشقاندىن كىيىن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى مەبلىغىڭىزنى كەملىكىنى ھىس قىلغان ۋاقتىڭىزدا، چوقۇم كىلەر يىلغىچە قانچىلىك پۇل تاپسىڭىز ئاندىن ئارزۇيىڭىزغا يىتەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەلەيسىز.
مانا بۇ ، ماددى ئىھتىياجنىڭ مەنىۋى ئىھتىياج ئۇچۇن خىزمەت قىلىشىدۇر.
ئەكسىچە،سىز يۇقۇرقىدەك ئارزۇنى كۆڭلىڭىزگە پۇتكەندىن كىيىن، ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى مەبلىغڭىزنىڭ قانچىلىك كەملىكىنى بىلگەندىن كىيىن، سىزدە بۇ خىل مەنىۋى ھوزۇردىن ۋاز كىچىش تۇيغۇسى بولغاندا، مەنىۋى ئىھتىياج ماددى ئىھتىياج تۇپەيلى رولىنى يوقىتىدۇ.
كونىلار <پۇل تاپقان بىر ئىش، ئۇنى خەجلەشكە كىتىدىغان ئەقىل باشقا ئىش> دەپ توغرا ئىيىتقان. دىمەكچى بولغىنى مەنىۋى ئىھتىياجنى كۆزدە تۇتقان بولسا كىرەك، بۇنىڭدا ماددى ئىھتىياجنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجنى قاندۇرۇش ئۇچۇن پەقەت ۋاستىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن.

ئومۇمەن قىلىپ ئىيىتقاندا، ئادەمدە مەنىۋى ئىھتىياج شەكىللەنگەندىن كىيىن ، ماددى ئىھتىياجقا بولغان ئىھتىياج بارلىققا كىلىدۇ.چوقۇم بۇ ئىككى خىل ئىھتىياجنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تەڭشەش كىرەك. ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ماددى ئىھتىياج قوغلىشىپ، مەنىۋى ئىھتىياجىمىزنى پۇچەكلەشتۇرۇپ قويماسلىقىمز لازىم. مەنىۋى ئىھتىياج ئاشقانسىرى، ماددى ئىھتىياجقا بولغان ئىھتىياجمۇ ئىشىپ بارىدۇ. لىكىن ماددى ئىھتىياجغا بولغان ئىھتىياج ئاشقانسىرى، مەنىۋى ئىھتىياج قۇرۇق سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ.


پىكىر قىلغۇچى: كۈنتىكىن
بۇ تېما باشقۇرغۇچى kuxbeg526 تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-06-12 .
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
مەن ھاياتىمنى تىخىمۇ كەڭ مەنىگە ئىگە قىلىش
| ۋاقتى : 2008-06-12 11:44 [باش يازما]
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
kaxkar.ogli
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26513
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 477
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە477دانە
شۆھرەت: 477 نۇمۇر
پۇل: 1573 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :131(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت  سىزگە ئەجىر  قىلىپسىز 
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-12 12:52 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
tapsamtaptim
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 32367
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
شۆھرەت: 163 نۇمۇر
پۇل: 589 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت  سىزگە  ئەجىر  قىپسىز       
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
| ۋاقتى : 2008-06-12 18:18 2 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﻪﻟﯩﺴﻪﭘﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 06-14 05:13
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation