بۇ بەتتىكى تېما: باي بولغۇڭىز بارمۇ؟ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 390 قېتىم كۆرۈلدى
baliq
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 32534
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 120 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 باي بولغۇڭىز بارمۇ؟

توردا قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك مەھسۇلات ياراتقىلى بولىدۇ؟
بۇ ماقالىگە تور بېكىتى بار، ياكى IT ساھەسىدىكىلەرنى، توردا پۇل تېپىۋاتقانلارنى تەكلىپ قىلىمەن.
ئاپتورى: تەكلىماكان.   تەكلىماكان بلوگدىن ئېلىندى
توردا پۇت تىرەپ تۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇش. سىز شۇندىلا 1 مىليون تاپالايسىز ياكى توردىن كىنو كۆرگەندەكلا پايدىلىنىپ قايتىپ كېلىسىز. Baidu.com نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كۆپۈنچە ھاللاردا «世界最大中文搜索» دىگەن سۆز بىلەن، Hao123.com نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كۆپۈنچە «جۇڭگودا ئەڭ بالدۇر ۋە ئەڭ چوڭ ئۇلىنىش تورى» دىگەن سۆز بىلەن باغلىنىپ كېلىدۇ. دىمەك ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار. Baidu.com بىر كېچىدىلا 10 مىليارد مەبلەغ توپلىيالىدى. hao123.com دەڭ يالغۇز بىر بەتنىلا 30 مىليونغا سېتىۋالدى.
مەيلى سىز بلوگ يازغۇچى ياكى پروگراممېر بولۇڭ، تور دۇنياسىدا يۇقىرراق ئورۇنغا ياكى كۆپرەك پۇلغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزگە خاس، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەھسۇلاتىڭىز بولمىسا بولمايدۇ. سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز شاپتۇل سۈيى، خېمىرتۇرۇچ، قۇۋۋەت تالقىنى بولىشىمۇ مۇمكىن؛ بىر پارچە ماقالە، بىر تال بلوگ، بىر چوڭ تور بېكەت، بىر سەھنە، ياكى بىر تېخنىكا، بىر تال پروگرامما، يۇمشاق دېتال، كود ھەتتا .... ھىچكىم ئىسمىنى بىلمەيدىغان بىر نەرسە بولىشىمۇ مۇمكىن.
ئۇنداقتا بىز نىمە مەھسۇلات بەرپا قىلىمىز؟
1. مەھسۇلاتنى چوقۇم بەزىلەر ئۈچۈن مەخسۇس ياساش
ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىنى بەرپا قىلىشتا «ئۇنۋېرسال» بولۇپ قېلىشتىن قەتئى ساقلىنىڭ. «ھەرقانداق ئادەم بىزنىڭ مەھسۇلاتنى ئىشلەتسە بولىدۇ، ئەگەر شۇنداق چوڭ بىر نىشان بىلەن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئىشلەتسىلا باي بولۇپ كېتىمىز.» دەپ ئويلىماڭ. ئەگەر مەھسۇلاتىڭىز مەلۇم بىر قىسىم كىىشىلەر ئۈچۈن مەخسۇسلاشمىغان بولسا، ھىچقانداق ئادەمنىڭ ئالدىدا بازار تاپالمايدۇ.
ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتىنى مىسالغا ئالايلى. پەقەت تەرجىمانلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈنلا مەخسۇس لايھەلەنگەن، لەيھەلەنگەندىمۇ ئەڭ پۇختا تەرجىمانلارمۇ خاتالىق تاپالمىغۇدەك، ھەتتا ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنى سېلىشتۇرغۇدەك دەرىجىدە لايھەلەنگەن. پەقەت تەرجىمانلار ئۈچۈنلا لايھەلەنگەن ئۇيغۇر سوفت چوڭ لۇغىتى بۈگۈنكى كۈندە رايونىمىزدىكى بارلىق ئىدارە-ئورگانلار، ئېلان شىركەتلىرى، تەرجىمە شىركەتلىرى، ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرى، ئەدىليە تارماقلىرىنىڭ كومپيوتېرىدا زۆرۈر قاچىلايدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ قالدى.
مەھسۇلاتىڭىز ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ يەر شارىدىكى بىر راست ئادەمنىڭ ئېھتىياجىغا مەخسۇسلاشتۇرۇلغان بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ بىر مۇقىم خېرىدارىڭىز بولىدۇ. بىر ئاچقۇچتا بىر قۇلۇپنى ئېچىش، بىر دورا بىلەن بىر خىل كېسەلنى داۋالاش دىگەن شۇ ! سىزگە دەپ قوياي، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى ئەسلا سوققىلى بولمايدۇ. ھەم ھىچكىم سوقۇپ باقمىغان، كۆپۈنچە ۋاقتتا بىر پاختەكنى سوقماقمۇ قېيىن، شۇڭلاشقا چالمىنى بىرلا پاختەككە قارىتپ ئېتىڭ.
2. پۇلغا ئەرزىيدىغان بىرلا مەسلىنى ھەل قىلىدىغان مەھسۇلات ياساڭ.
ئۆتكەندە بازاردا كېتىۋاتسام بىرسى بىر يىلىمنى ۋاقىراپ سېتىپ كېتىپتۇ، تۆمۈرنى، پلاستېرنى، ياغاچنى، خورۇمنى، رېزىنكىنى ... ھەرقانداق نەرسىنى يەملەشكە بولىدىكەن. شۇ جايدا سىناق قىلىپ كۆرسەتتى. بىرنى ئالدىم. ئۆيگە ئاپىرىپ سىنىسام ئۇ دىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەملەشكە بولىدىكەن، ئەمما ھىچقايسىنى چىڭ تۇتمايدىكەن.
سىز توردا ياراتماقچى بولغان مەھسۇلات پەقەت بىرلا رىئال مەسلىنى ھەل قىلىدىغان بولىشى كېرەك. ئۇنۋېرسال مەسلە ھەل قىلغۇچ بازار تاپالمايدۇ. مەسلەن: مىكروسوفت شىركىتى مەشغۇلات سېستىمىسى چىقاردىيۇ نىمىشقا ئۆزى چىقارغان مەشغۇلات سېستىمىسىدا پەيدا بولىدىغان ۋىرۇسنى يوقىتىش دېتالى ياكى ۋىرۇسخور چىقارمايدۇ. مېنىڭچە مىكروسوفتنىڭ ئادەملىرى كاسپىرىسكى، رايزىڭ ۋە ھەرقانداق ۋىرۇس لاباروتورىيىسگە قارىغاندا Windows نى ئوبدان چۈشىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار ۋىروسخورنى ئۆزلىرى ياسىسا تېخىمۇ پۇختا ياسىيالىشىدا گەپ يوق.
مەسلە شۇ يەردىكى ئۇلار پەقەت بىرلا رىئال مەسلە «مەشغۇلات سېستىمىسى» نى ھەل قىلىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا يىلىم مەخسۇس ئاياغ يەملەش، مەخسۇس چاق يەملەش، مەخسۇس تۆمۈر يەملەش ئۈچۈن ئايرىم ئىشلەنگىنى ياخشى. ئەرلەر كەيسىمۇ، ئاياللار كەيسىمۇ، بالىلار كەيسىمۇ، قېرىلار كەيسىمۇ بولىدىغان كىيىم تىكىدىغان ماشىنچى مېنىڭچە بەك ئۇستا ماشىنچى. ئەمما ئۇ ئۇستا بازار ئىگىلىگۈچى ئەمەس، ئۇ ئۇستا سودىگەر ياكى پۇلدار باي بولالمايدۇ.
توردا سىز بەرپا قىلغان مەھسۇلات ئاددى بولۇپ قالسا مەيلى، كىچىك بولۇپ قالسا مەيلى، بازىرى تار بولۇپ قالسا مەيلى... ئەمما بىر مەيلى ئەمەس نۇقتا ئۇ چوقۇم توردا مەۋجۇد بولىۋاتقان بىرلا رىئال مەسلىنى ھەل قىلىپ بېرەلىشى كېرەك. شۇندىلا پۇلغا ئەرزىيدۇ. تەكلىماكان بلوگدا مايور ئەپەندى ئىشلىگەن «چىرايلىق فونت 1.2» نى ئىشلىتىۋاتىمىز. مەزكۇر مەھسۇلات مېنىڭچە خەت نۇسخسىدەكلا كەڭ تارقالدى.
مەھسۇلاتنى قانداق يارىتىمىز؟
3. بازارنى ئۆلچەڭ.
سودا بىر ئويۇن، بۇ ئويۇندا ئۇتۇش ئۈچۈن بىر داڭدار مەھسۇلات بەرپا قىلىشىڭىز كېرەك. ئەمما بۇ يەرىدىكى مەسلە شۇكى سىز بىلەن ھەمكارلىشىپ مەھسۇلات بەرپا قىلغۇچىلار داڭدار مەھسۇلاتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھەم سىزگە دەپ بېرەلمەيدۇ. پەقەتلا ئىشلەتكۈچى بۇ باسقۇچنى ئورۇندىيالايدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان تەكلىماكان بلوگدا زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا تىگىشىلىكلىرىگە مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.
چاتاق يېرى شۇكى سىز بىر مەھسۇلات چىقارسىڭىز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كېلىپ سىزگە ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى ئىنكاس قىلىشى ناتايىن. دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، ئەگەر كومپيوتېردىن بىرەر يۇمشاق دېتالنى ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى بولسىڭىز دەرھال «ئىشلەتكۈچىلەر پىكرى» بېتىگە ئۇلىنىپ «نىمىشقا ئۆچۈرىسىز؟ ياقتۇرمامسىز، سىزگە لازىم ئەمەسمۇ، كۆرۈنۈشى چىرايلىق ئەمەسمىكەن؟» دىگەندەك سۇئاللارنى سورايدۇ. بۇ خىل ياكى سىز ئويلاپ تاپقان باشقا خىل «پىكىر ساندۇقى» تولىمۇ مۇھىم. سىز تارقاتقان مەھسۇلاتنىڭ كېيىنكى قېتىملىق نەشىرى چوقۇم، ئالدىنقى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىلگەن بولىدۇ. بۇ چاغدا بازار نەچچە ھەسسە كېڭىيىدۇ. بۇ خۇددى ئىلگىرى Vista دا «ف» مەسلىسى كۆرۈلدى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتمىدۇق، ئوڭشالغان ھامان ھەممىمىز ئىشلىتىمىز ياكى ھەممىمىز ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتمىز دىگەندەك ئىش.
4. خاتالىقلارنى تۈزىتىش، يېڭى نەشىر تارقىتىش
ئشلەتكۈچى ۋە ئۆزىڭىز بايقىغان خاتالىقلارغا ئاساسەن، ۋاقتىدا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ياماق تارقىتىش ياكى يېڭى نەشىر تارقىتىش كېرەك. ھىچقانداق يېڭىلىق بولمىسا يېڭى نەشىر تارقاتمىغان ياخشى. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى بىرەر خاتالىقنى ئوڭشىغاندا مەھسۇلاتنىڭ نىشانىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك كېرەك. تەكلىماكان بلوگ مەزمۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز، ئەمما ھەرگىز تېخىمۇ سەرخىل بولسۇن دەپ، ناخشا-ئېتوت سەھىپىسى ئېچىپ يۈرمەيمىز.
5. پروگراممېرلارغا كۆزنەك ۋە مەشغۇلات يۈز ئۇسلۇبىنى لايھەلەتكۈزمەڭ.
پروگراممېر سەنئەتكار ئەمەس، ياكى ئىشلەتكۈچى ئەمەس، مەشغۇلات يۈزى ئۇسلۇبى چوقۇم ئىشلەتكۈچىنىڭ ئادىگە ماسلاشتۇرۇپ ئەڭ قولايلىق، ئەڭ كۆركەم ۋە ئەڭ ئاددى قىلىپ لايھەلىنىشى كېرەك. ئەگەر بۇنى پروگراممېر لايھەلىسە پروگراممېرلانىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق قىلىپ لايھەلەپ قويىدۇ. ئەمما ھەمما ئادەم پروگراممېر ئەمەس، پروگراممېر بىلەن ئادەتىكى تور زىيارەتچىلىرىنىڭ ئارىسىدا بىلىم-سەۋىيە، تېخنىكا، گۈزەللىككە بولغان كۆز-قاراش ۋە باشقا تەرەپلەردە ئاسمان-زېمىن پەرق بولىشى مۇمكىن.
بەزى كىشىلەر تۇغۇلىشىدىنلا تەبئى تالانتلىق، مەخسۇس ئىشلەتكۈچىلەر يۈزىنى لايھەلەشكە بەك ئۇستا. چوقۇم ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، شىركىتىڭىزدە ياكى ئەترىتىڭىزدە چوقۇم چوقۇم چوقۇم User InterFace (ئۇسلۇب) لايھەلىگۈچى بولسۇن. ئۇلارنى باشقا پروگراممېرلاردىنمۇ بەكرەك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىڭ. ئۇلارغا پروگراممېرلاردىنمۇ كۆپرەك مائاش بېرىڭ.
Windows قوزغالغاندا چىقىدىغان مۇزىكىنى 16 دىن ئارتۇق داڭلىق مۇزىكانت، 4 يىل ۋاقت سەرپ قىلىپ ئىشلەپتىكەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز گۆشنى بېسىپ، پولونى ئوخشىتىپ ئېتىپ، مەينەت تەخسىگە ئۇسۇپ مېھمانغا سۇنغاندەك بولىدۇ.
6. مەھسۇلاتنى داۋاملىق سىناش
مەھسۇلاتىڭىزدا نۇرغۇن خاتالىق بار، نۇرۇغۇن ئىشلەتكۈچى يولۇققان، ئوخشاش بىر خاتالىققا يولۇققان ئەھۋال نۇرغۇن ... ئەمما ئۇلار سىزگە دىمەيدۇ. بۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خاتالىقى ئەمەس، مەھسۇلاتىڭىزنىڭ خاتالىقىدۇر. ئۇلارنى ۋاقتىدا بايقاش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ شىركىتى چوقۇم ئىشلەتكۈچى بولىشى كېرەك.
ئەتىگەندىمۇ ئىخلاس فېرىمانىڭ ئېلانى، چۈشتىمۇ شۇ! كەچتە ھەم بار... ھەممە ئۆيلەردە بار.. مېنىڭچە ئىخلاسنىڭ دېرىكتورى چوقۇم ھەر كۈنى ئىچىدۇ. ئۇ 1-چوڭ خېرىدار بولىشى مۇمكىن.
سىناشتىن كېلىپ چىققان دائىملىق خاتالىقلارغا ۋاقتىدا تۈزىتىپ يېڭى نەشىر تارقىتىش كېرەك.
بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە قازىنىۋاتقان توردىكى شىركەتلەر كۆپ. سىزگە ئامەت تىلەيمەن. ئەلۋەتتە ھەر بىر بلوگ يازغۇچى ئۆز بلوگىنىڭ مەخسۇسلىشىشى، كۆچۈرمىكەشلىك قىلماسلىقى، ئۆز بلوگى ئۈچۈن مەھسۇلات (ئۆزىگە خاس يازما) لىنىيسى بەرپا قىلىش ھەققىدە ئويلىشىپ كۆرگىنى ياخشى.
ماقالە ئەسلى ئادرېسى
تېخىمۇ كۆپ سودا ماھارىتى تەكلىماكان بلوگدا

[ baliq تەرپىدىن 2008-06-12 13:00 قايتا تەھرىرلەنگەن ]
بۇ تېما باشقۇرغۇچى kuxbeg526 تەرپىدىن تەستىقلاندى .
ۋاقتى : 2008-06-12 .
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
| ۋاقتى : 2008-06-12 11:32 [باش يازما]
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
kaxkar.ogli
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26513
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 477
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە477دانە
شۆھرەت: 477 نۇمۇر
پۇل: 1573 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :131(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

 
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
| ۋاقتى : 2008-06-12 13:11 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
zibala
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29807
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 160
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە160دانە
شۆھرەت: 160 نۇمۇر
پۇل: 173 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
| ۋاقتى : 2008-06-12 13:22 2 -قەۋەت
ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
halqigul
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8378
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 775
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە775دانە
شۆھرەت: 282 نۇمۇر
پۇل: 1438 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

         
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
ۋاقىتىڭ  كەتتى، بەختىڭ كەتتى~!
| ۋاقتى : 2008-06-12 13:23 3 -قەۋەت
tartinqak
دەرىجىسى : ئالى ئەزا


UID نۇمۇرى : 27566
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 828
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە828دانە
شۆھرەت: 870 نۇمۇر
پۇل: 2727 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :226(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

باي بولۇشمۇ تەس~
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-12 13:27 4 -قەۋەت
sabdash
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 32545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 172 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاي-ۋۇي ئادەم خىزمەت ئىشلەپ ھىرىپ كەتكەندە
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
| ۋاقتى : 2008-06-12 13:36 5 -قەۋەت
kuxbeg526
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 8680
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 3686
ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3686دانە
شۆھرەت: 1521 نۇمۇر
پۇل: 6261 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 6 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :165(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىkaxkar.ogliنىڭ2008-06-12 13:11دە يوللىغان يازمىسى  :
 

مۇشۇنداق قونچاق ئىنكاسلارنى يازمىساڭلارچۇ... ئىنكاسىڭلارنى ئۈچۈرىۋەتسە قاخشايسىلەر، ئۆزەڭلارنىڭ پىشانىسىنى سىلاپ باقمايسىلەر. خىجىل بولايلى قېرىنداشلىرىم.
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
بۇرۇنقى چ چ رىم يوقاپ كەتتى .974126880بۇ مىنىڭ يېڭى چ چ رىم. دوستلىرىمنىڭ قۇشۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
| ۋاقتى : 2008-06-12 14:36 6 -قەۋەت
tapsamtaptim
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 32367
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
شۆھرەت: 163 نۇمۇر
پۇل: 589 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

         
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
| ۋاقتى : 2008-06-12 16:03 7 -قەۋەت
kurax818
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 498
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە498دانە
شۆھرەت: 533 نۇمۇر
پۇل: 2008 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

قىرىنداشلارنى بىيىش يۇلى تىپىۋالسۇن دەپ خىلى كۆپ ئەجىر سىڭدۇرۇپسىز جۇمۇ قىرىندىشىم رەھمەت سىزگە .
مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
| ۋاقتى : 2008-06-12 16:54 8 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 06-14 02:57
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation