بۇ بەتتىكى تېما: (ئەجرىم) كېسەل  يوقلاش  ئەخلاقى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 214 قېتىم كۆرۈلدى
ajrim
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 14310
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1903
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1903دانە
شۆھرەت: 1975 نۇمۇر
پۇل: 2345 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :636(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 (ئەجرىم) كېسەل  يوقلاش  ئەخلاقى

كېسەل يوقلاش ئەخلاقى


بىر مۆمىن بىمار ياتقان مۆمىن بۇرادىرىنى كۆرگىلى بارسا ، بېسىپ ئۆتكەن يولىدا جەننەت باغلىرىدا يۈرگەندەك بولىدۇ .

« سەھىھ ھەدىسلەر » دىن



ئادەملا بولىدىكەن ئېغىر بولامدۇ ، يېنىك بولامدۇ ، ھامان كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ . ئادەم كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان ، قېرىنداشلىرىنى ، يېقىن كىشىلىرىنى ، دوست - يار ، ئاغنىلىرىنى ، كەسىپداشلىرىنى سېغىنىدۇ . ئۇلار بىلەن مۇڭداشقۇسى ، ھال مۇڭىنى تۆككۈسى كېلىدۇ ، ئۇلارنىڭ مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىگە تەقەززا بولىدۇ . شۇڭا ئۇلارنى يوقلاپ ، ھال - ئەھۋالىنى سوراپ كېسەللىك ئازابىنى يەڭگىللىتىشكە ياردەم بېرىش ئۆز نۆۋىتىدە ئادەمگەرچىلىك بولۇپلا قالماي ئىنسانىي بۇرچىمۇ ھېسابلىنىدۇ .
ئەگەر سىز كېسەل يوقلىماقچى بولسىڭىز ، كېسەل يوقلاش ئەخلاقىغا رىئايە قىلغىنىڭىز تۈزۈك .
بىمارنى يوقلاشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ نېمىلەرنى يەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ ، بىمارنىڭ كېسىلىگە شىپا بولىدىغان ، بىمار ياقتۇرىدىغان تائاملارنى ، مېۋە- چېۋىلەرنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ . چۈنكى ، بىمارنىڭ قېشىغا قۇرۇق قول بېرىشقا بولمايدۇ . بىمارغا نەرسە - كېرەك سېتىۋالدىم دەپ دوختۇر ئىستېمال قىلىشنى چەكلىگەن ، بىمارنىڭ كېسىلىگە زىيان قىلىدىغان ياكى بىمار ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئاپارماڭ .
كېسەلخانىغا كىرگەندە ، كارىدور ۋە پەلەمپەيدە ئاۋاز چىقارماي ئاستا ، سىلىق مېڭىڭ ، پەس ئاۋازدا سۆزلىشىڭ ، ۋارقىراپ - جارقىرايدىغان ئىشلارنى سادىر قىلماڭ . سىز يوقلىماقچى بولغان بىمارنىڭ قايسى ياتاقتا ، قانچىنچى كارىۋاتتا يېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىۋېتىپ ئاندىن ئۇدۇللا شۇ ياتاققا كىرىڭ . باشقا ياتاقلارغا قالايمىقان دۇقۇرۇپ يۈرمەڭ .
بىمارنىڭ يېنىغا كىرگەندە ، بىمار ئۇخلاۋاتقان بولسا ئويغاتماي بىردەم ساقلاڭ ، ئۇخلاۋاتقان بىمارنى يۇيۇقسىز ئويغاتسىڭىز ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن . ئەگەر بىمار بار ياتاققا باشقا بىمارلارمۇ بولسا  پەس ئاۋازدا  ئۇلارنىڭ ھال- ئەھۋالىنى  سوراڭ . سىز يوقلىماقچى بولغان بىمار  يەنە ئويغانمىسا ، ئەكىرگەن نەرسىلىرىڭىزنى بىمارنىڭ تومپۇچكىسى ئۈستىگە ئاستا قويۇپ ، يېنىدىكى بىمارغا ئېيتىپ ياكى سۆز قالدۇرۇپ قايتا كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ قويۇپ چىقىپ كېتىڭ . زۆرۈر ئىشىڭىز بولمىسا ياكى يىراقتىن كەلگەن بولىسڭىز ، بىمار ئويغانغۇچە ساقلاڭ .
بىمار ئويغاق بولسا ياكى ئۇيغۇدىن ئەمدىلا ئويغانغان بولسا ، پەس ئاۋازدا ھال - ئەھۋالىنى سوراپ : « خاتىرجەم داۋالنىڭ ، چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىپسىز » دېگەندەك كېسەلنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلىڭ . ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشنى تاپىلاڭ . ياخشى روھىي ھالەتنىڭ كېسەلگە قارشى ئەڭ ياخشى دورا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ، روھىي ھالىتىنى نورمال تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىڭ . ھەرگىزمۇ « نېمانچىۋالا ياداپ كەتتىڭىز ؟» « چىرايىڭىز سارغىيىپ ، كۆزلىرىڭىز ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ » دېگەندەك سۆزلەرنى قىلماڭ ، بۇنداق سۆزلەر بىمارنى تەشۋىشلەندۈرۈپ قويىدۇ . بىمارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان گەپلەرنى ، قىسقا چاقچاقلارنى قىلىپ بىمارنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۈرۇڭ . ئۇنىڭ يېنىدا بىمارنىڭ كۆڭۈلسىز ئىشلىرىنى ، تىجارەتچى بولسا ، تارتقان زىيىنىنى ، دەرد ئەلىمىنى ئېغىزغا ئالماڭ ، سوقرات ھەكىم بۇ ھەقتە :« بىمارنى دورا بىلەن ئەمەس ، بەلكى سۆز بىلەن داۋالاش ياخشىدۇ » دېگەن . بىمارنى يوقلاپ بارغان ۋاقتىڭىزدا ئەزمىلىك قىلىپ ئۇزۇن ئولتۇرماڭ ، بۇنداق قىلىسڭىز ، بىمارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئەمەس ، ئەكسىچە بىمارنى زېرىكتۈرۈپ چارچىتىپ قويىسىز . ئىشەنمىسىڭىز ، مۇنۇ ھېكايەتكە قۇلاق سېلىڭ .
بۇرۇن  بىر كىشى تامدىن  يىقىلىپ چۈشۈپ  پۇتى زەخىملىنىپتۇ .  ئۇنىڭدى ھال سوراپ ،  يوقلاپ  كىرگەن كىشىلەر  ئەزمىلىك قىلىپ ئۇزاق ئولتۇرۇپتۇ .  ئۇ كىشى بىزار  بولغانلىقتىن بىر پارچە قەغەزگە  مۇنداق سۆزلەرنى يېزىپ  ئۇلارغا كۆرسىتىپتۇ . «  ئەزمە  كىشلەرنىڭ  سۆھبىتى  جانغا ئازابتۇر ، كېسەل  ھالىنى سورىغىلى  كەلگەن كىشىلەر ئەزمىلىك قىلماي تېز چىقىپ كېتىپ ، كېسەلگە تىنچلىق بەرگىنى تۈزۈك ». 
ئەگەر  سىز  يوقلىماقچى بولغان بىمار  دوختۇرخانىدا ئۇزۇنراق يېتىپ قالغان بولسا ، پات - پات  بېرىپ  يوقلاپ  تۇرۇڭ .
    بىمارنى ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىم يوقلاپ بارغان ۋاقتىڭىزدا «ئالدىنقى كۈندىكىدىن خېلى ياخشىلىنىپ قاپسىز »، « خېلى تېتىكلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنىسىز » « چىرايىڭىزغا قان يۈگۈرۈپ قاپتۇ » دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ، بىمارغا روھىي جەھەتتىن ئىلھام بېرىڭ . بۇ سۆزلەر بىمارنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ، بىمارنىڭ تېزرەك ساقىيىشىغا ياردىمى بولىدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن « سىلەر بىرەر كېسەلنىڭ قېشىغا كىرسەڭلار < ئەھۋالىڭىز ئوبدانكەن ، ياخشى بولۇپ قاپسىز > دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەسەللى بېرىڭلار ، بۇنداق تەسەللى كېسەلنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىدۇ »
بىر قىسىم كىشىلەر كېسەل يوقلاپ بارغاندا ، بىمارغا كۆيۈنۈپ ، پالانچىغا بۇ دورا پايدا قىلغان ئىكەن . سىزگىمۇ ئالغاچ كەلدىم . كېسىلىڭىز ئوخشاش ئىكەن ، سىزگىمۇ پايدا قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس » دەپ دورا - شەربەت قاتارلىق نەرسىلەرنى ئاپىرىدۇ ياكى شۇ دورىلاردىن ئىستېمال قىلىپ بېقشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ . بۇنداق قىلمىش توغرا ئەمەس . ئەسلىدە سىزنىڭ نىيىتىڭىز توغرا ، كېسەلنىڭ تېزرەك ساقىيىشىنى ئۈنىد قىلىسىز ، ئەمما بىر كىشىگە پايدا قىلغان دورىنىڭ يەنە بىرىگىمۇ پايدا قىلىشى ناتايىن ، شۇڭا دوختۇرنىڭ رۇخسىتىسىز بىمارغا دورا ياكى شەربەتلەرنى ئىچىشكە زورلىماسلىق لازىم . ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالسا ، ياخشى نىيىتىڭىز يامانغا ئۆرۈلۈشى مۇمكىن .
ئەگەر سىز يوقلىماقچى بولغان بىمار نامرات ، بىچارە ، مىسكىن ، يېتىم بولسا ، يوقلاپ بارغان ۋاقتىڭىزدا يەنە نېمىلەرنى يېگۈسى بارلىقىنى ، نېمىگە ئېھتىياجلىق ، قايسى تەرەپلەردىن قىسىلىدىغانلىقىنى سوراڭ  . يېگۈسى بار تاماق ، مېۋە - چېۋىنى ئەكىرىپ بېرىڭ ياكى قولىغا پۇل بېرىپ يېگۈسى بارنى ئەكىرىپ يېيىشنى ئۆتۈنۈڭ . ئىقتىسادىي شارائىتىڭىز يار بەرسە ، دورا پۇلىنى ياكى دوختۇردىن چىقىش پۇلىنى تۆلەپ قويۇڭ .
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام : « كىمكى بىچارە ھالەتتىكى كىشىگە ياردەم بەرسە ، تەڭرى ئۇنىڭغا ئىككى دۇنيادا ياردەم بېرىدۇ » دېگەن .
كېسەل يوقلاشتا ۋاقىتقا دىققەت قىلماق زۆرۈردۈر . يەنى دوختۇرخانىنىڭ كېسەل يوقلاش قائىدە - تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئەتىگەندىن چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا كېسەل يوقلاڭ . چۈشتىن كېيىن ، بولۇپمۇ زاۋال ۋاقتىدا كېسەل يوقلىماڭ ، بۇنداق قىلىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس .


مەنبە : ئەدەب - ئەخلاقتىن تەۋسىيلەر
[ ajrim تەرپىدىن 2008-06-12 11:02 قايتا تەھرىرلەنگەن ]
مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
مىللەت تۈزەلمىگىچە ،
              ئىللەت تۇزەلمەس !
| ۋاقتى : 2008-06-12 10:37 [باش يازما]
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
medine
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 12722
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 192
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە192دانە
شۆھرەت: 176 نۇمۇر
پۇل: 555 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :73(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 Re:(ئەجرىم) كېسەل يوقلاش ئەخلاقى

ياخشى تىما يۇللاپسىز .بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن .
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
| ۋاقتى : 2008-06-12 10:54 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
kurax818
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 498
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە498دانە
شۆھرەت: 533 نۇمۇر
پۇل: 2008 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 Re:(ئەجرىم) كېسەل يوقلاش ئەخلاقى

مىنڭچە كىسەل يۇقلىسىڭىز ئۇزىڭىزمۇ يۇقلىماقچى بۇلغان كىسەلدىنمۇ بەتەر كىسەل قىياپەتكە كىرۋىلىپ يۇقلاڭ شۇ چاغدا سىز يۇقلىماقچى بۇلغان كىسەل مەندىنمۇ ئىغىر كىسەللەر باركەن دەپ كۇڭلى ئەمىن تىپىپ قالىدۇدە ئۇزىنىڭ بۇلەكچە رۇھىلىنىپ قالغىنىنى ھىس قىلالايدۇ .
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
| ۋاقتى : 2008-06-12 11:03 2 -قەۋەت
ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
kurax818
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20183
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 498
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە498دانە
شۆھرەت: 533 نۇمۇر
پۇل: 2008 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ما بىزنىڭ مەھەلىدە بىر ئاداش بار تۇرۇپ ئىسىمگە كىلىپ قالدى ،مەھەلىدىكىلەرنىڭ دىيشىچە  ئۇ ئاداش نەگە مىھماندارچىلىققا بارسا قۇنۇپ قالىدىكەن ئويلاپ قالدىم ناۋادا دۇختۇر خانىغا بىمار يۇقلاپ بارسىمۇ قۇنۇپ قالارمۇ .
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
| ۋاقتى : 2008-06-12 11:07 3 -قەۋەت
otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 17978
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3816
ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3816دانە
شۆھرەت: 3695 نۇمۇر
پۇل: 11891 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :148(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

كىسەل يوقلاش ھەققىدە نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە قىلدىڭىز ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر.
مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
| ۋاقتى : 2008-06-12 11:41 4 -قەۋەت
zibala
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29807
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 160
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە160دانە
شۆھرەت: 160 نۇمۇر
پۇل: 173 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

كىسەل يوقلاش ساۋاپ ئىش.........
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
| ۋاقتى : 2008-06-12 13:37 5 -قەۋەت
kaxkar.ogli
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26513
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 477
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە477دانە
شۆھرەت: 477 نۇمۇر
پۇل: 1573 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :131(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ بىلۋالسام بولغۇدەك. رەخمەت سىزگە.
چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
| ۋاقتى : 2008-06-12 13:53 6 -قەۋەت
nurislam.
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31993
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە67دانە
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 301 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن  
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
| ۋاقتى : 2008-06-12 14:22 7 -قەۋەت
Chuxay
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 17954
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 952
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە952دانە
شۆھرەت: 952 نۇمۇر
پۇل: 2892 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 6 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
ئادەم ئادەمگە لايىق ياشىشى كېرەك......
| ۋاقتى : 2008-06-12 16:17 8 -قەۋەت
etlas
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28436
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە72دانە
شۆھرەت: 122 نۇمۇر
پۇل: 868 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر مۆمىن بىمار ياتقان مۆمىن بۇرادىرىنى كۆرگىلى بارسا ، بېسىپ ئۆتكەن يولىدا جەننەت باغلىرىدا يۈرگەندەك بولىدۇ .
راسىت ھەقىقەت.
چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
ئۆزىگە ئىشەنمىگەن ئادەم باشقىلارغا تېخىمۇ ئىشەنمەيدۇ~!
| ۋاقتى : 2008-06-12 16:19 9 -قەۋەت
tapsamtaptim
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 32367
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
شۆھرەت: 163 نۇمۇر
پۇل: 589 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بىلىۋالدوق  رەخمەت
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
| ۋاقتى : 2008-06-12 18:12 10 -قەۋەت
tiniq
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30808
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 73
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە73دانە
شۆھرەت: 73 نۇمۇر
پۇل: 333 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بىلىۋالدىم
چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
| ۋاقتى : 2008-06-12 22:36 11 -قەۋەت
rang
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22867
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە78دانە
شۆھرەت: 113 نۇمۇر
پۇل: 411 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

كىسەل يوقلاش ھەقىقەتەن ساۋاپلىق ئىش . مىنىڭچە ، ساۋاپلىق ئىشلار مەيلى ئەدىگەن ، مەيلى چۈش ۋە ياكى كەچ بولۇشىدىىن قەتئىي نەزەر ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچىرىماسلىقى كىرەك .
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
| ۋاقتى : 2008-06-12 23:22 12 -قەۋەت
Hatira
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 5349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 87
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە87دانە
شۆھرەت: 105 نۇمۇر
پۇل: 367 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ساۋاپلىق ئش جۇما بۇ ،رەھمەت قولىڭىزغا دەرت كەلمۇگەي   
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
| ۋاقتى : 2008-06-12 23:26 13 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﺴﻰ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 06-14 02:56
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation