ئىككىجى دىلونىڭ جاۋابى :
ئالدېن راس گەپ قىلغان ، قاتىل ماك ھېنىرى دەپ ھۆكۇم قىلىندى .ماك ھېنىرى ئۆزىنىڭ ئايالىنى بوغۇپ ئۆلتۇرمەكچى بولغاندا ، ئادەم كىلىپ قالغانلىقىنى سىزىپ ،دەرھال ئارقا ھويلىغا قېچىپ بېرىپ ، گۇل سۇغارغان قىياپەتكە كىرىۋالغان . ئەگەر ئۇ باشتىلا گۇللۇكتە گۇل سۇغۇرىۋاتقان بولسا ، ئاپتۇموبىل شىلانكىنى تەخمىنەن ئىككى مىنوتچە بىسىپ تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا ئەلۋەتتە شىلانكىدىكى سۇنىڭ توختاپقالغانلىقىنى سۇرۇشتۇرگەن بولاتتى .
ئۇچىنجى دېلو
نيو - يوركتىن لوس - ئانژېلېسقا بارىدىغان كۇتۇلمىگەن ھادىسىگە ئۇچىراپ ، نائىلاج چىكاگو شەھىرىنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى .
شوپۇر پويۇزنى ئارقىغا ياندۇرۇپ تۇيۇقسىز تورمۇز قىلغانچقا ، يولوچىلار ئۆزىنى توختىتىۋالالماي ئالدى ئارقىغا يىقىلىشتى . شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە يولوچى تومۇر يول شېركىتى ئۇستىدىن ئەرز قىلدى .يولوچىلادىن تېد شېلتېنن ئىسىملىك بىرىنىڭ يۇزمىڭ ئامىرىكا دوللىرى تۆلەم بىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى تومۇريول شېركىتىنىڭ ئىستىراخۇنىيە خادىمى مېلنىڭ بېشىنى تازا قاتۇردى .
مېل تۇكتۇر خاراكىنغا ھادىسىنىڭ جەريانىنى تونۇشتۇردى :
- جىددى تورمۇز قىلىش ۋەقەسى قەچقۇرۇن توققۇزدا يۇزبەرگەن . شېلتېننىڭ ئىيتىشىچە ، ئۇ كۇنى تىمپىراتورا گەرچە سېلسىيە ئوتتۇز ئالتە گرادوسقا چىققان بولسىمۇ ، ئۇ شامال ئۇرۇپ تۇرغان ئورۇندا ياتقاچقا ۋە بەك چارچاپ كەتكەچكە ، سائەت سەككىز ئەتىراپىدا ھىچ نەرسىنى تۇيماي ئۇخلاپ قالغانمىش ، شۇ چاغدا پويىز تىز تورمىزلىغاچقا ، ئۇ ياتقا ئورنىدىن قاڭقىپ چۇشۇپ چاي شىرەسىگە ئۇسۇۋاپتۇدەك . بېشى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەچكە ، چىكاگو بىكىتىدە پويىزدىن چۇشۇپ قېلىپ دوختۇرغا كۆرنۇپتۇدەك ، - مېل ۋەقەنى چۇشەندۇرگەچ خاراكىنغا چىكاگولۇق دوختۇر يېزىپ بەرگەن شېلتېننىڭ بېشى قاتتىق زەخىملىنىپ ھەتتا باش سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەنلىك توغۇرسىدىكى دىئاگنۇزنى سۇندى .
- سىز شېلتېننىڭ يالغۇز بېشىلا يارلانغان دەپ قارامسىز ؟ - سورىدى خاراكىن .
- ئەگەر مەن شېلتېننىڭ پۇيىزدا بېشى يارلانغانلىقى توغۇرسىدىكى بۇ ئەررزنى رەت قىلالمىسام ، شېركىتىمىز ئونىڭغا زىياننى تۆلەپ بىرىشكە توغىرا كىلىدۇ .
- خاتىرىڭىزنى جەم قىلىڭ ، سىلەرگە ھىچقانداق مەسئولىيەت ئارتىلمايدۇ ، - دىدى دۇكتۇر خاراكىن ئۆزىگە ئىشەنچ قىلغان ھالدا .
خاراكىن نىمە ئۇچۇن شۇنداق دەيدۇ ؟
[ galita تەرپىدىن 2008-06-12 23:50 قايتا تەھرىرلەنگە ]