ئۇيغۇرلاردا ئەر –ئايال قەبرىلىرىنىڭ پەرقى
مەن دوكتۇر راھىلە داۋۇتنىڭ 《ئۇيغۇر مازارلىرى》 دېگەن كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ ئاڭلىغان، كۆرگەنلىرىمگە ئاساسەن بۇ ھەقتە ئىلگىرلەپ ئەھۋال ئۇقتۇم. نەتىجە شۇ بولدىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەر –ئايال قەبرىلىرىنى پەرقلەندۇرۇپ ياسايدىغانلىقى ۋە بۇ قەبرىلەردە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا دائىر مۇكەممەل قائىدىنىڭ بارلىقى، شۇنداقلا ئىنتايىن توغرا پەلەسەپىۋى چۇشەنچىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
1. ئەرلەر قەبرىسىقەبرە ئىككى پەلەمپەي بولۇپ، بىرىنچى پەلەمپەي خاماننى، ئىككىنچى پەلەمپەي خامان ئۈستىگە يېيىتىلغان بۇغداي 《پايخان-ئاياغ》 نى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكىسى تولۇقنى بىلدۇرىدىكەن. بۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ دېھقانچىلىق قىلىپ تېرىش، يىغىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۇرىدىكەن. شۇڭا، كىشىلىرنىڭ 《قەبرە ياساپ قويدۇق》 دېگەنگە تەڭداش كېلىدىغان 《تولۇق باغلاپ قويدۇق》 دېگەن سۆزىمۇ ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەنىكەن.
2. ئاياللار قەبرىسى قەبرە ئۈچ پەلەمپەي بولۇپ، بىرىنچى پەلەمپەي سۇپىنى، ئىككىنچى پەلەمپەي سۇپا ئۈستىگە سېلىنغان سۇپرىنى، ئۈچىنچى پەلەمپەي سۇپرا ئۈستىگە قويۇلغان ئاشتاختىنى، ئاشتاختىنىڭ ئۈستىدىكىسى نوغۇچنى بىلدۇرىدىكەن. بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاش –تاماق ئېتىش، ئائىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىغىنى بىلدۈرىدىكەن.
مەيلى ئەر ياكى ئايال قەبرىسى بولسۇن ئومۇمىي كۆرۈنۈشى بۆشۈككە ئوخشايدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، تۈغۈلۈش بىلەن بۆشۈكتە ياتىمىز، ئاندىن كېيىن جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقا ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىمىز، ئاخىرى كىشىلىك جەمئىيىتى بىلەن خوشلىشىپ بۆشۈك تۇرغان يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ ياتىمىز، دېگەننى بىلدۇرىدۇ.
مانا بۇ شەيئىلەر ئۆز ئەسلىگە قايتىدۇ،《ئادەم ئەسلى تۇپراقتىن، ئاخىر يەنە تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ》 دىگەن پەلسەپىۋى چۈشەنچە ئىكەن.
ئۈرۈمچىدىكى قەبرىستانلىقلارغا قاراپ باقساق، بەزى كىشىلەر يۇقىردىكى قائىدىنى بىلمىگەن سەۋەبتىنمۇ بىر مۇنچە قەبرىلەر خالىغان شەكىلدە ياسالغان، ھەتتا بەزىلىرىگە خرىستىئان، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنىڭ شەكىللىرىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرە ياساش ئادىتى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن پەيدا بولغان. قەبرىگە ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان 《ئاي》 شەكلىنى ئىشلىتىشمۇ شەرت ئەمەس. ئۇيغۇر قەبرىستانلىقلىرىنى باشقا مىللەت قەبرىستانلىقىدىن پەرىقلەندۇرۇشمۇ ناھايىتى ئاسان.
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى.