بۇ بەتتىكى تېما: (ئايچىۋەر) << چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا ئاياللار >> ... تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 428 قېتىم كۆرۈلدى
Ay~chiwar
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3046
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3046دانە
شۆھرەت: 1426 نۇمۇر
پۇل: 5341 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :283(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 (ئايچىۋەر) << چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا ئاياللار >> ...

ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ .  ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ،   << ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ >> ﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺳﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ~  ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﻮﻻﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ  ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ . 
1 . ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﯞﺍﺭﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ  ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ  ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ  ﺋﯘﻧﻰ ﺧﺎﺭﻻﺵ ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ .  ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ  ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ، ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯧﺮﻯ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﯟﻩﺭﮔﻪﻥ ، ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﺮﻣﻪﺱ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﯩﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺋﯧﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺟﯧﺪﻩﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯧﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﺎﻥ . ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺧﯩﯩﺮﻯ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ..... ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ~ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ  ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .  ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻗﯘﻻﻕ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﯓ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺳﯧﺰﯨﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ، ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﺎﯕﺸﯩﺮﻯ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ، ﻣﯧﯖﻪ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ   ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯩﺸﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻱ ، ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ ....
ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ .  ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﯩﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻥ ﺗﯩﻨﺴﯩﺰﻻ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﯜﺗﯜﯞﯦﺘﯩﺪﯗ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﻻﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ..، ﺩﻩﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ . ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻫﺪﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ، ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺑﯧﺮﯨﭗ : " ﻣﯧﻠﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﮔﯚﺵ ﻳﻪﻳﺪﯗ ، ﺋﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻣﯘﺷﺖ ﻳﻪﻳﺪﯗ " ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ  ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﯦﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ، ﻧﯩﻜﺎﻫ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻱ ، ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺧﺎﺗﺎ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﺑﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﻳﻮﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺋﯧﯖﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ " ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﺴﺎ ، ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ  ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﯚﻟﯩﻤﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ" ﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ،  " ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ" ﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻮﻗﯘﻕ - ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ " ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ " ﺩﺍ : " ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﺩﻩﺧﻠﻰ - ﺗﻪﺭﯛﺯﺳﯩﺰﺩﯗﺭ " ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . " ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ " ﻧﯩﯔ 3 - ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ : " ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ( ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ) ﻧﻰ ﺗﻪﺗﺒﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺗﭙﻐﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺗﻰ (1) ﻧﯩﯔ 3 - ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ : " << ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ >> ﻧﯩﯔ 3 - ، 32 - ، 43 - ، 45 - ، 46 - ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ  ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺵ ، ﺑﺎﻏﻼﺵ ، ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ  ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ، ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ " ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .
ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﻳﻪﻧﻪ " ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ "  ، " ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ " ﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
(1) ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
(2) ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ، ﻛﻪﻧﺖ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﻩﯞﺍﻻﺷﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
(3) ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
(4) ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ( ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ  ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﻩﺭﺳﻪ ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﻩﺭﺳﻪ ....  ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ~ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﭘﯩﻼﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﻪﭘﻼ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﯔ~~ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺟﯘﻣﯘ ﺑﯘ )
(5) ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﺴﺎ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻚ ﻳﻮﻕ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﯚﻟﯩﻤﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﻩﻝ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ، ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ، ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ، ﻛﯧﺴﻪﻟﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ . ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺋﺎﯕﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ .
(6) ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﯜﺑﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎ ~ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﺟﯩﻨﺎﻧﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ " ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ " ﺩﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻫﻮﻗﯘﻕ - ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻟﻐﺎﻥ .
(1) " ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ " ﺩﺍ  ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻫﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ، ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ " ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .
(2) ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .
(3) ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺋﯚﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ....

2 . ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ " ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ "
" .... ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﻣﯘﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﻤﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﻟﺪﻯ .... ﻳﺎﻧﻔﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﯩﻼ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭙﻼ ﺗﺎﻗﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ . ﻳﯜﺭﯛﺵ - ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﻫﺎﻟﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .... ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯘﺭﯗﺵ - ﺟﯧﺪﻩﻝ ﻗﯘﺭﯗﻣﺎﺱ  ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻗﯘﻡ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ~ ﻣﻪﻥ ﺋﯧﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻥ ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻗﯘﻣﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﺟﯧﺪﻩﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﯧﻨﭻ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ  ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﺘﯜﻡ-ﺩﻩ ، ﭼﯧﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﻢ ، ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻼ ﺗﯩﻠﻼﭖ، ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ .  ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﺪﻯ ، ﺩﻩﯞﺍﮔﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯜﺳﺘﯜﻣﺪﯨﻦ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯧﺮﯨﻢ  ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪﻥ ﺷﯧﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯚﻟﯜﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .... ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺮﯨﭗ ، ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ... " ( ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ )
* * *
" ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯗ ؟  ﺋﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯧﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﻻﻣﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﯘ ؟ ﺋﯧﺮﯨﻤﺪﯨﻦ  ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺩﻩﻛﻜﻪ - ﺩﯛﻛﻜﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻢ ﻧﺎﭼﺎﺭﻻﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﯩﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﺱ ، ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻜﻪ - ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .  ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻣﻼ ﺟﯧﺪﻩﻟﻠﯩﺸﻪﺗﺘﯩﻢ . ﻣﻪﻥ ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ . ﻫﺎﺯﯨﺮ  ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ ، ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ !! ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭ  ( ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﻳﺎﻝ ) ! " ....

ﺑﯩﺰﺩﻩ "ﮔﯘﻣﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﯨﺪﯗ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﺭ . ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ . ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﭘﯩﺴﺨﯩﻠﻮﮔﻼﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻗﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ . ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﻫﺎﻟﻪﺕ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .
ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻤﯘ ( ﺋﻪﺭ ) ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ، ﺑﺎﻻ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ... ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﺭﭼﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ ،  ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻰ  ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ . 
ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ " ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ، ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ" ﺗﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ ! ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻤﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ . ( ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﺎﺭﻛﯩﺲ )

3 . ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻫﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ  ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ
ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻫﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻗﻰ . ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ، ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ، ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺗﯘﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ .
ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻬﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪ ﭼﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ، ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺭﻩﺗﺴﯩﺰ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻟﯩﻐﺎ ﯞﺍﻱ ! ﺋﯩﺸﭽﺎﻥ ، ﭼﯩﭽﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭﻧﻰ -- ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺋﻪﺭ ﺩﯦﺴﻪﻛﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . (ﺑﯘﻧﻰ ﺩﯦﻤﯩﺴﻪﻛﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ . )
ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ  ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﻣﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .
ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﭽﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭙﻤﯘ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﯞﺍﻟﯩﺪﯗ .

5.  ﻧﯩﻜﺎﻫﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ : << ﺗﻮﻗﺎﻝ >>  ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ
-------------------------
ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ  << ﻧﯩﻜﺎﻫ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ >> ﻧﻰ  ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ   ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﻰ ، ﻛﺎﺯﺯﺍﭖ " ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ " ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ، << ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰ ﺗﻮﻗﺎﻝ >> ﻟﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ؛ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ << ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺗﻮﻗﺎﻝ >> ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ  ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .  ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻢ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ .  . << ﺗﻮﻗﺎﻝ >> ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﻳﻮﻟﻠﯘﻧﯩﺪﯗ .

ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(baturjangqi)
  • شۆھرەت:+10(nawa717) بارىكاللا نا ..
  • شۆھرەت:+10(Hush_Chiray) ياخشى ماقالە
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىش، يەر يۈزىدىكى ئەڭ ئالىي بايلىقلارنىڭ بىرى .
    | ۋاقتى : 2008-06-12 00:46 [باش يازما]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
    totem
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 13600
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 2922
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2922دانە
    شۆھرەت: 2371 نۇمۇر
    پۇل: 3936 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :890(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ئورۇننى ئىلىپ قۇياي،ماۋۇ پوتبول مۇسابىقىسى قىزىپ كېتىپ ئىنكاس يازغىلى بولمىغۇدەك.
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
     روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
    | ۋاقتى : 2008-06-12 00:58 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    pariay
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25481
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 235
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە235دانە
    شۆھرەت: 235 نۇمۇر
    پۇل: 857 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بەكمۇ چوڭقۇركەن ؟ ،،،،،،،،، ياخشى يېزىپسىز ؟ ،،،،،،، داۋامىغا تەشنامىز ؟
    http://mtv.diyarim.com
    كۆڭۇلدىن سۇ ئىچكەندە كۆڭۇل ، باياۋاندىن قىياق ئۈنىدۇ !
    | ۋاقتى : 2008-06-12 01:04 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    hakaniyat
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28400
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 339
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە339دانە
    شۆھرەت: 349 نۇمۇر
    پۇل: 1126 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :164(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاىلە ماجىراسى دەڭ  ،،،،،،    بەزە ئاىلە ماجىراسى بىۋاستە دۆلەتكە چېتىلىپمۇ قالدۇ  ،، شۇڭا ئاىلە قارىماقا كىچىك بىلىنگەن بىلەن چوڭ كارتىنا بۇ ، مەن تولۇق ئوقۇپ ئاندىن يازاي ھە  ،،،.
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-12 01:04 3 -قەۋەت
    arman1246
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32257
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    پۇل: 136 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ_بۇ؟!
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ئەخلاق  ئادەم  زىننىتى .>>>>>>>>مەڭگۈلۈك ئارمان
    | ۋاقتى : 2008-06-12 01:07 4 -قەۋەت
    xarwat
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6651
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 310
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە310دانە
    شۆھرەت: 61 نۇمۇر
    پۇل: 522 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەدەبارئىكەنسز  سىزنڭ تىمىللرڭزگە  تەشنا  بۇلۇپ  يۇرەتتىم     
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ??????
    | ۋاقتى : 2008-06-12 01:07 5 -قەۋەت
    halqigul
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8378
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 775
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە775دانە
    شۆھرەت: 282 نۇمۇر
    پۇل: 1438 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :53(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئايچىۋەر!
    تولىمۇ پايدىلىق تېمىلارنى يوللايسىز جۇما...رەخمەت سىزگە...ئاخرىغا تەشنا بىز.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ۋاقىتىڭ  كەتتى، بەختىڭ كەتتى~!
    | ۋاقتى : 2008-06-12 10:44 6 -قەۋەت
    izgusir
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28536
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 244
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە244دانە
    شۆھرەت: 249 نۇمۇر
    پۇل: 840 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :166(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    پايدىلىنىش ئەھمىيىتى بار تىما ئىكەن. رەھمەت    
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-12 10:59 7 -قەۋەت
    mg614
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30751
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 498
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە498دانە
    شۆھرەت: 503 نۇمۇر
    پۇل: 1671 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 9 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :156(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى يىزىپسىز  . ظاخىرىنى تىزرەك يوللاپ بىرەرسىز . هارمىغايسىز !
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كىلىشچە.
    | ۋاقتى : 2008-06-12 11:36 8 -قەۋەت
    tapsamtaptim
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 32367
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 163
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
    شۆھرەت: 163 نۇمۇر
    پۇل: 589 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن تىخى توي  قىلمىغان  شوڭا  ئىپادە  بىلدۇرمەي  كەچورەڭلار       
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-12 16:54 9 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﯩﻜﺎﮬ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-14 05:10
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation