بۇ بەتتىكى تېما: (يولباشچى) ئانا ۋە بالا تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 112 قېتىم كۆرۈلدى
yolbaxqi-ksg
سەركە
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 12972
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 5195
ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5195دانە
شۆھرەت: 2093 نۇمۇر
پۇل: 12 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :230(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 (يولباشچى) ئانا ۋە بالا

ئانا ۋە بالا



(ھېكايە)


ئادىل غوجالىم


ئانىنى بۈگۈن يەنە غېرىبلىق باستى. ئۆيدە ئون بالا باردەك شوخلۇق قىلىپ، كۈلدۈرۈپ ئولتۇرىدىغان يۈرەك پارىسى، بىردىنبىر ئوغلى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەتكەندىن بۇيان، ئۇنى دائىم غېرىبلىق باسىدىغان بولۇپ قالدى. كۆز قارىچۇقى، يۈرەك پارىسى ئەمەسمۇ، ياقا يۇرتتا قانداق قىلىۋاتقاندۇ؟ بوينى قىسىلىپ قالغانمىدۇ؟ غېرىبسىنغانمىدۇ؟ دەپ ئەنسىرەيدۇ – دە.

بۈگۈن كۈن پېتىش بىلەن تەڭ چىققان غەربىي شىمال شامىلى ئانىنى سېغىنىش، ھەسرەت، ئەنسىزلىك ئارىلاش خاتىرجەمسىزلىككە سېلىپ قويدى. شامال كۈچلۈك ئىدى، بوران ئارىلاش قارا يامغۇرغا ئايلىنىدىغاندەك قىلاتتى. ئانا يانپاشلاپ يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان ئېرىدىن يەنە سورىدى، سورىمىسا كۆڭلى ئۇنىمايتتى.

—بۈگۈن ئۈرۈمچىدە بوران چىقمىغاندۇ، يامغۇر قاتتىق يېغىپ كېتەرمۇ؟
ئېرى ئېرەڭشىمەيلا جاۋاب بەردى:

—ياغىدۇ – دە، بۇ يەر بىلەن ئارىلىقى نەچچە يۈز كىلومېتىرلا تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى تاغنىڭ بۇياقىدىكى يەرلەر تۇرسا، بۇ يەردە ياغقىنى ئۇ يەردە ياغماي قالاتتىمۇ.

جاۋاب تەبىئىي ئىدى.

ئانا يەنە كەڭ دېرىزىدىن تالاغا قارىدى، يامغۇر گويا ئەينەكلەرنى چېقىۋېتىدىغاندەك ئۇرۇلاتتى.

— ئېزىزجان نېمە قىلىۋاتىدىغاندۇ؟ چاپان كىيىۋالغانمىدۇ...

دادىنىڭ گەۋدىسى كۆتۈرۈلدى، ئايالىغا تىكىلىپ قارىدى، قوشۇمىسى، قاپىقى سەل تۈرۈلگەندەك بولدى.

— قار ياغسىمۇ، يامغۇر ياغسىمۇ ئېزىزجان، ئېزىزجان دەۋېرەمسەن؟ خەقنىڭ بالىلىرىمۇ ئوخشاشلا ئوقۇۋاتمامدۇ؟ ئۇ يا كىچىك بالا بولمىسا، ھېلىمۇ يىگىرمە ياشتىن ئاشتى، يەنە نېمە ئەنسىزچىلىك – بۇ! ھاۋا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، سەن بالىنىڭ غېمىنى قىلىۋەرمەي، ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ تۆگە يۇڭى پايپىقىڭنى كىيىۋال، ھېلى بىكار رېماتىزىم قوزغالدى، دەپ ۋايجانلاشقا باشلايسەن.

دادا شۇنداق دەپلا يەنە تېلېۋىزورغا قارىۋالدى. شۇنداق قىلمىسىمۇ بولمايتتى. تەڭ ماسلىشىپ، شەرققە – ئۈرۈمچى تەرەپكە قاراپ، تەڭ دوست تارتىشىپ، تەڭ سۆزلىشىپ بەرسە، ئايالىنىڭ قارا كۆزلىرىدىن مۆلدۈرلەپ، بۇلدۇقلاپ ياش تۆكۈلەتتى، ئېسەدەيتتى، تېلېفوننىڭ ئالدىغا يۈگۈرەيتتى.

بوران كېچىچە ئىشىكلەرنى قېقىپ، دېرىزىلەرنى تىترىتىپ چىقتى، ئانىنىڭ يۈرىكىمۇ كېچىچە تىترەپ چىقتى، ئېزىز– جېنى، يۈرەك پارىسىنى ئويلاپ چىقتى. چاپان كىيگەنمىدۇ؟ ياتاقنىڭ دېرىزىسى ئوچۇق قالغانمىدۇ؟ يوتقىنىنى تىپىپ ئېچىۋەتكەنمىدۇ؟ قىزىپ قالارمۇ؟ زۇكامداپ قالسا قانداق قىلار؟...ئانا شۇلارنى ئويلايتتى، يۈرەكلىرى سىقىلغاندەك بولاتتى، ئەنسىزلىك بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ دېرىزىگە قاراپ – قاراپ قوياتتى، يۇڭ پايپىقىنى كەيمىگەنلىكىنىمۇ، كېچىچە پۇتىنىڭ بوغۇم – بوغۇملىرى ئاغرىپ چىققانلىقىنىمۇ سەزمەيتتى...

مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى چىرايلىق بېزەلگەن، ئازادە تورخانىدا بىزنىڭ ئېزىزجان – ئانىنىڭ ئېزىزجېنى كومپيۇتېر ئالدىدىن كەتمىگىنىگە، قوپمىغىنىغا ئون سائەتچە بولغانىدى. ئۇ توردىشى، توردىكى يېڭى سۆيگىنى بىلەن ئۇزاقتىن – ئۇزاق سۆزلەشتى. يۈرەكلىرىنى يېرىپ كۆرسىتىشتى، دەيدىغان سۆز قالمىدىمۇ ياكى ھېرىپ قالدىمۇ، ئۇلار توردا خوشلاشتى. ئەمدى بىزنىڭ ئېزىزجان – ئانىنىڭ ئېزىزجېنى تور ئويۇنىغا تۇتۇش قىلدى، تالادا بوران ھوۋشىماقتا، قارا يامغۇر تاراسلاپ ياغماقتا. ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك، ئالدىدا چالا يېيىلگەن قاچىلىق تەييار چۆپ، قۇرۇقدالغان كوكاكولا بوتۇلكىسى تۇراتتى...

شەنبە دەم ئېلىش كۈنى. ئانا ئۆينى يىغىشتۇرۇپ بېسىقتۇرۇشى، يوتقان – كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىشى، كىر – قاتلارنى يۇيۇشى كېرەك. ئاخشام بىزنىڭ ئېزىزجاندىن  ئانىنىڭ ئېزىزجېنىدىن تېلېفون كەلدى، تۇرمۇش پۇلى تۈگەپ قاپتۇ، دەرھال پۇل ئەۋەتمىسە، ئەتىكى دەم ئېلىشتا ياتاقتا قۇرۇق نان بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ قالارمىش. ئانا ئولتۇرالماي قالدى، ئېرىنى ئۆي بېسىقتۇرۇشقا ياردەمگىمۇ چاقىرماي، ئېزىزجاننىڭ كارتىسىغا پۇل سېلىشقا يولغا سالدى. مۇشۇ كۈن، مۇشۇ ئايدا جانجىگەر ئوغلى ياتاقتا نان غاجاپ ئولتۇرسا ئانا چىدىسۇنمۇ؟ قولى ئىشقا بارسۇنمۇ؟ خاتىرجەم ئولتۇرالىسۇنمۇ؟

ئېرى چۈشتىن كېيىن قايتىپ كەلدى، كىر – قات يۇيۇلۇپ يوتقان – كۆرپە ئاپتاپقا سېلىنىپ بولغاندا قايتىپ كەلدى. ئانا ئېرىدىن پۇل سېلىنغان  –  سېلىنمىغانلىقىنى قايتا – قايتا سورىدى، تېخى كارتا نومۇرىنىڭ خاتا بولۇپ قالغان  –  قالمىغانلىقىنىمۇ تەكرار – تەكرار سورىدى، ئاخىرى ئېرى ئاچچىق بىلەن:

— بالاڭغا پۇل سېلىۋاتقىلى تۆت يىلدىن ئاشتى، ئەجىبا مۇشۇ قېتىم خاتا سېلىپ قوياتتىممۇ؟ بۇ چاغقىچە پۇلنى ئېلىپمۇ بولغاندۇ؟– دەپ دوق قىلغاندىن كېيىنلا چىرايىغا خاتىرجەملىك كۈلكىسى يۈگۈردى. ئەتىگەندىن بېرى كىر – قات يۇيمىغاندەك، ئۆي قېقىشتۇرۇپ، يوتقان  كۆرپىنى ئاپتاپقا سالمىغاندەك، قىلچە چارچىمىغاندەك ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ سەۋزە قەلەمچە قىلىشقا تۇتۇندى. ئوخشىغان پولۇنىڭ ھىدى ئۆينى بىر ئالدى، گۈرۈچلىرى پارقىراپ تۇراتتى. ئاش ئۇسۇلدى، گۆشلەر توغرالدى، كىچىك تەخسىدە خام سەيلەر كەلتۈرۈلدى. بۇنداق مەززىلىك، تەملىك پولۇمۇ ئەتىدىن بېرى ھارغان، يېرىم توق – يېرىم ئاچ ئانىنىڭ گېلىدىن ئۆتىدىغاندەك ئەمەس، ئېرى ئۇنى بىر قانچە قېتىم تۈرتۈپ قويدى، گۆشلەرنى ئالدىغا سۈرۈپ قويدى، ئەمما ئانىنىڭ كۆڭلى تاماق تارتمايتتى.

— ئېزىزجان بالام نېمە يەۋاتقاندۇ؟ ئۆيدە بولغان بولسا ئىسسىقىدا بىر كاپام يەۋالغان بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى، بانكىدىن پۇلنى ئالالىغانمىدۇ؟– ئانىنىڭ ئاۋازى يىغا ئارىلاش بوغۇلۇپ چىقتى.

دادا يەنە ئاچچىقلاندى، ئاچچىقلانمىسىمۇ بولمايتتى. بۇ تاماقنى ئوغلىغا ئاپىرىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھەر ئىككىلىسى ئېنىق بىلەتتى.

—ھەي، تولا سۆزلەپ ئادەمنى تىت – تىت قىلما! يىگىرمە ئىككى ياشقا كىرىپ قالغان ئوغلۇڭ بانكىدىن پۇل ئېلىشنى، قانداق تاماق يېيىشنى بىلمەي قالاتتىمۇ، تاماقنى بىر ئوبدان ئوخشىتىپ، چىرايلىق ئەتكەندىن كېيىن، ئىسسىقىدا ھۇزۇرلىنىپ يېمەمدۇق.

دادا شۇنداق دەپ ئانىنى پەسلەتتى. نەچچە قېتىملاپ مۇشۇنداق بەزلىگىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئانىنىڭ گېلىدىن يۇمشاق پىشقان پولۇ ناھايىتى تەستە ئۆتەتتى...

مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىسىغا جايلاشقان، چىرايلىق بېزەلگەن رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىدا بىزنىڭ ئېزىزجان  ئانىنىڭ ئېزىزجېنى ئۈچ مەكتەپدىشى بىر ئوغۇل، ئىككى قىز بىلەن لەرزان ناخشا ئاڭلاپ، خۇشۋاق ئولتۇرۇشاتتى. ئۈستەلگە تىزىلغان تائاملار تەخسە – لېگەندە بىر – بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەنىدى. ئۇلار بىر – بىرىگە يېقىشلىق بېقىشماقتا، پۇتلار تانسا مۇزىكىسىغا يەڭگىل دەسسىمەكتە، قوللار ئۇسسۇلغا كۆتۈرۈلگەن، بارماقلار ئاشۇ ئۇسسۇل ئۈچۈنلا يارالغاندەك  قاس چىقىرىپ، كۆزلەر بېقىشىپ ئويناشماقتا...

ئانىنىڭ گېلىدىن يۇمشاق پولۇ ئۆتمەيۋاتاتتى. نېمىگىدۇر قىسىنغاندەك قىلاتتى، تۈرتۈشلەر، زورلاشلار داۋام قىلاتتى .


مەنزىل : شىنجاڭ گېزىتى
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
كىرەك بولسام مىنى دەرھال ئىزدېدى ،
«تىپىلغۇسىز ياخشى ئادەم سىز » دېدى .
ئۆتىۋىلىپ ھەرخىل قىيىن - قىستاقتىن ،
«كىم بولىسىز ؟ تونۇشمايمىز بىز ! » دېدى .
| ۋاقتى : 2008-06-12 00:27 [باش يازما]
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
~Meshrep~
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : سەھىپە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1819
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1202
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1202دانە
شۆھرەت: 379 نۇمۇر
پۇل: 3093 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم :
رەھمەت ماشىنا سوغا قىلدىم سىزگە  ئەركىن مىنىپ ئويناسىز 
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
www.tiyatir.com
| ۋاقتى : 2008-06-12 00:30 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
pariay
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 25481
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 235
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە235دانە
شۆھرەت: 235 نۇمۇر
پۇل: 857 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

«ئانىنىڭ كۆڭلى بالىدا ، بالىنىڭ كۆڭلى تالادا » كونىلار بىكارغىلا دىمەپتىكەن ؟ ،،،،،،،،،،،ھەي جەمىيىتىمىزدىكى  مۇشۇنداق بالىلارمۇ  ئۆيدىكىلىرىنىڭ ھال تۇرمۇشىنى ئويلىمامدىغاندۇ ؟،،،،،،،،،،،،، ھالىغا بېقىپ ھال تارتىشنى ، خالتىسىغا بېقىپ ئۇن تارتىشنى بىلمەمدىغاندۇ ؟،،،،،،،
رەخمەت سىزگە ؟ ،،،،،،،،،،ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن ؟
http://mtv.diyarim.com
كۆڭۇلدىن سۇ ئىچكەندە كۆڭۇل ، باياۋاندىن قىياق ئۈنىدۇ !
| ۋاقتى : 2008-06-12 00:36 2 -قەۋەت
ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
izgusir
دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 28536
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 244
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە244دانە
شۆھرەت: 249 نۇمۇر
پۇل: 840 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :166(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەمەلىيەتتىمۇ ھازىر بۇنداق ئىشلار كۆپ ئىكەن...........
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-06-12 10:39 3 -قەۋەت
medine
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 12722
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 192
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە192دانە
شۆھرەت: 176 نۇمۇر
پۇل: 555 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :73(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بىچارە ئانا
دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
| ۋاقتى : 2008-06-12 11:09 4 -قەۋەت
kaldim100
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25564
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 219 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يوللاپسىز .
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
| ۋاقتى : 2008-06-12 11:36 5 -قەۋەت
tapsamtaptim
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 32367
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە163دانە
شۆھرەت: 163 نۇمۇر
پۇل: 589 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوھ  ئوھ  بىچارە  جاپاكەش  مىھرىبان  ئانىلار  ئايقىڭلاردىن  گۇل  ئۇنسون      رەخمەت  سىزگە
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-06-12 17:53 6 -قەۋەت
nefise1
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 31550
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە32دانە
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
پۇل: 176 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ ئانا بولغاندا بۇنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم،ئاللاھ،ئانىلىرىمىزنىڭ تېنىنى ساق قىلغايسەن،بۇ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىمىز.
http://mtv.diyarim.com
| ۋاقتى : 2008-06-12 18:00 7 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 06-14 05:10
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation