بۇ بەتتىكى تېما: دوستلۇق  ،ئاغىنىدارچىلىق  ئەخلاقى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 441 قېتىم كۆرۈلدى
Hush_Puraq
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 30
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 3391
ئۇنۋان:16 دەرىجە ھازىرغىچە3391دانە
شۆھرەت: 2296 نۇمۇر
پۇل: 9012 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 6 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :483(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 دوستلۇق  ،ئاغىنىدارچىلىق  ئەخلاقى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما turkinaz تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-06-11)



دوستلۇق ،ئاغىنىدارچىلىق ئەخلاقى


كىشى ئۆز دوستىنىڭ دىيانىتىگە ماسلىشىپ كېتىدۇ ، شۇڭا ، كىم بىلەن دوستلىشىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ ئىش كۆرسۈن .
تەپەككۇر گۈلشىنىدىن گۈلدەستىلەر تىزغۇچىلاردىن بىرى بولغان پ . بۇئاست « يالغۇزلۇقتا ياشىغان ئادەم چالا ئۆمۈر كۆرگەن بولىدۇ » دېگەنىكەن .
شۇنداق ! يالغۇزلۇق ئادىمىيلىك ئەمەس ، يالغۇز ياشاش ئىنسانغا خاس خۇسۇسىيەت ئەمەس ، بەلكى ياۋايىلىقنىڭ بەلگىسى . ياۋايى ئادەمدىن كىشىلەرگە ھېچقانداق ياخشىلىق كەلمەيدۇ .
يالغۇزلۇق بىپايان چۆل - جەزىرىدىكى قۇرۇپ كەتكەن يالغۇز دەرەخكە ئوخشايدۇ. قۇرۇق دەرەخ باشقىلارغا سايە بېرەلمىگەنگە ئوخشاش ، ئىنسانمۇ بۇ ئۆمرىدە دوست ، ئاغىنىسىز ئۆتسە ، چالا ئۆمۈر كۆرگەن ھېسابلىنىدۇ . چالا ئۆمۈرنىڭ ئىنسان نېمە مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى بولسۇن !
شۇڭا سىز ئۆمرىڭىزدە خۇشال - خۇرام ، بەختلىك ياشاپ ، ئەلگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ ئۆتىمەن دەيدىكەنسىز ، ئەلۋەتتە سىزنىڭ دوستلۇق ،ئاغىنىدارچىلىقنى ئەلا بىلىدىغان ، ئىشەنچلىك ، ئەقىللىق ، بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە سىزگە مەدەتكار بولىدىغان ، خۇشاللىقىڭىزغا جور بولۇپ سىز قايغۇرغاندا بىللە قايغۇرىدىغان ، تەمە- تەمەنناسىز دوست - ئاغىنىڭىز بولۇشى كېرەك . تېستېرون « بىز بىلەن باشقىلار بىرلىكتە خۇشال بولمىسا ، بەختىمىزغۇ ئۆز كۈچىنى يوقاتقان بولىدۇ ، بىز ئۈچۈن بىزدىن ئارتۇقراق قايغۇرغۇچى بولمىغاندا، قانچىلىك ئېغىر كۈلپەتلەرگە قالارمىز - ھە ! » دەپ توغرا ئېيتقان . ئەنگلىيىلىك مۇتەپەككۇر بىكونمۇ : « دوستلۇقنىڭ مۇنداق بىر ئالاھىدە رولى بار، سىز خۇشاللىقىڭىزنى دوستىڭىزغا ئېيتسىڭىز ، قوش خۇشاللىققا ئىگە بولىسىز ، دەرد - ئەلەملىرىڭىزنى دوستىڭىزغا تۆكسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز يېرىم غەمدىن خالا بولىسىز » دېگەن .
ياخشى دوست- ئاغىنە بىباھادۇركى ، ئۇنىڭ باھاسىنى ھېچنىمە بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ بولمايدۇ ، ئۇ سىزگە چەكسىز خۇشاللىق ۋە بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ .
ياخشى دوستىڭىز ياخشى پەرزىلەتلىرىڭىزنى ئەلگە تارقىتىدۇ . قۇسۇر - نۇقسانلىرىڭىزنى كۆرسە ، چاۋىڭىزنى چىتقا يايمايدۇ ، بەلكى ياخشى پەند- نەسىھەتلىرى بىلەن سىزگە نەسىھەت ۋە مەسلىھەت بېرىدۇ . جاپا - مۇشەققەتتە بىرگە بولۇپ ، سېخىيلىق بىلەن سىزدىن ئۆز ياردىمىنى ئايىمايدۇ . خۇشاللىق ۋە قايغۇڭىزغا تەڭ ئورتاق بولىدۇ. مال- مۈلىكىڭىزگە ، شان- شەرەپ ھۆرمىتىڭىزگە ، خوتۇن- قىزلىرڭىزغا يامان كۆزدە قارىمايدۇ. سىرىڭىزنى ساقلايدۇ . دېمەك ، دوستلۇق، ئاغىنىدارچىلىقنىڭ ئادەمگە نىسبەتەن يۇقىرىدا زىكرى قىلىنغان پايدىلىق جايلىرىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن جەھەتلەردە پايدىسى بار، بۇنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ .
مۇشۇنداق پايدىلىق ئىشتىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بەزى تەرەپلەر بار. بۇنىڭ بىرى دوست تاللاش .
ھالىھ كىشىلەردىن بىرى دوست - ئاغىنە تاللاش توغرۇلۇق ئۆزىنىڭ ئوغلىغا مۇنداق دەپ تەۋسىيە قىلغان :« ئى ئوغلۇم ، كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشقا توغرا كەلسە، خىزمىتىدە بولساڭ سېنى ئاستىغان ، ھەمراھ بولساڭ ساڭىمۇقىلغان، ياخشى ئىشلىرىڭنى ئېسىدە ساقلىغان ، يامان ئىشلىرىڭنى توسىغان ، سورىساڭ بەرگەن ، توختىساڭ ئۆزى باشلامچى بولغان ، مۇسىبەت كەلسە ھېسداشلىق قىلغان، گەپ قىلساڭ ئىشەنگەن ، بىر ئىشقا تۇتۇش قىلساڭ سېنى يېتەكچى قىلغان ، تالاش - تارتىش قىلساڭلار سېنىڭكىنى قوللىغان كىشى بىلەن دوست بولغىن ».
يەنە شۇنى ئەستىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى ، دوستلۇق ، ئاغىنىدارچىلىق باراۋەرلىك ئاساسىغا قۇرۇلۇشى لازىم . باراۋەرلىك ئاساسىغا قۇرۇلمىغان دوستلۇقنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم بولمايدۇ . بۇ دېگەنلىك ئۆزۈڭگە مۇناسىپ كېلىدىغان ئادەمنى دوستلۇق ، ئاغىنىدارچىلىققا تاللا دېگەنلىك بولۇپ، ئەمەل- مەنسىپى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى سىزدىن يۇقىرىلارنى دوست - ئاغىنە تۇتىمەن دېسىڭىز ، سىزنى كۆزگە ئىلماي رەنجىتىپ قويۇشىدىن خالىي بولالمايسىز ،يەنە بىرى، ئۇنىڭغا يېتىشىپ بولالماي مۇشەققەت تارتىپ قالىسىز ، ئۇسىزگە ئاسماندىن قارىسا، سىز ئۇنىڭغا يەر تېگىدىن قارىسىڭىز ، بۇنى دوستلۇق ، ئاغىنىدارچىلىق دېگىلى بولمايدۇ . مۇتەپەككۇر ئە . بوئېسى « دوستلۇقنىڭ ھەقىقىي زېمىنى تەڭلىكتۇر . دوستلۇق ھېچقاچاق ئوتتۇرىغا مەنسەپنى ئارىلاشتۇرمايدۇ . ھەممە ۋاقىت تەڭلىكتۇر . دوستلۇق ھېچقاچان ئوتتۇرىغا مەنسەپنى ئارىلاشتۇرمايدۇ . ھەممە ۋاقىت تەڭلىكنى تەلەپ قىلىدۇ » دېگەن.
يەنە بىرى ، دوستلۇق - ئاغىنىدارچىلىق ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش. مۇبادا سىز دوستلۇق ئاغىنىدارچىلىق ئەخلاقىغا رىئايە قىلىمەن دەيدىكەنسىز ، ئالدى بىلەن دوستىڭىز ، ئاغىنىڭىزگەۋاپادار بولۇڭ ، يەنى دوست، ئاغىنىڭىز جاپا - مۇشەققەتتە قالغاندا، يار- يۆلەك ، بولۇڭ ، يىراقنى يېقىن . قىيىننى ئاسان قىلىشغا ياردەملىشىڭ . ۋەدىگە ۋاپا قىلىڭ، پۇل - مالنى دەپ دوستىڭىزغا خىيانەت قىلماڭ . دوست - ئاغىنىڭىز غەمكىن بولۇپ قالسا ، غەمداش بولۇڭ ، كېسەل بولۇپ قالغاندا شىپاكار بۇلۇڭ ، بېشىغا كۈن چۈشكەندە، جانغا جان قوشقۇچى بولۇڭ ، ئۆلۈم خەۋپى كەلگەندە، ئۆزىڭىزنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرغۇچى ئادەم بولۇڭ ، چۈنكى ئۆز ۋۇجۇدىنى كىشىگە تەقدىم قىلىش ئەڭ چوڭ سېخيلىقتۇر . دوست -ئاغىنىڭىز دۈشمىنىڭىزگە بويسۇنسا ،ئۇ دۈشمەنلىككە شېرىكلەشكەن بولىدۇ .
ئەگەر سىز دوست - ئاغىنىڭىزگە ۋاپادارمەن دېسىڭىز ، تۆۋەندىكى « ئىككى ۋاپاردار دوستىنىڭ ھېكايىسى گە سېلىشتۈرۈپ كۆرۈڭ .
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۆت ئۇلۇغ خانى قۇدرەتلىك شاھ ئەمىر تېمۇر كوراگال ئەتراپىتىكى جايلارغا ھەربىىي يۈرۈش قىلغاندا ، ھىندى دىيارىدا قاتتىق جەڭ بوپتۇ ، دەۋران غەلىبە نۇسرەتنى ئۇنىڭغا يار قىلىپ دۈشمەنلىرىڭ باغرىنى تىلىپتۇ . شاھ : » قەتلىئام قىلىنسۈن »دەپ يارلىق قىپتۇ . ھەر كىشى ئۆز ئالدىغا قىرغىنغا ئاتلىنىپ، كېسىلگەن باشلار ساينىڭ تېشىدەك يېتىپتۇ . پۈتكۈل دەشتنى جەسەت قاپلاپ ، قانلار دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ. ھەممە تەرەپتە ئۆتكۈز قىلىچلار يالتىراپ گويا قىيامەت قايىم بولغاندەك بوپتۇ.
جەڭ بولۇۋاتقان ئاشۇ مەھەلدە ئىككى بىچارە دوست قىرغىنغا دۇچ كەپتۇ - دەپ ، بىر نۆكەر ئۇلارنىڭ بىرىنى چاپماق ئۈچۈن قىلىچىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپتۇ. ئۆز دوستىنى قىلىچ ئاستىدا كۆرگەن ئۇنىڭ دوستى بېىشنى قىلىچ ئاستىغا سۇنۇپ:
- ئەگەر ساڭا باش كېرەك بولسا ، ئۇنى چاپما ، مانا بۇ باش ئۇنىڭ ئەرزىيدۇ ، دەپ نۆكەرگە ئىلتىماس قىپتۇ . نۆكەر بۇنى چاچماق بولۇپ يۈزلەنىكەن ، ئۇنىڭ دوستىمۇ ئاشۇ سۆزنى تەكرارلاپتۇ . قايسىسىنى چاپاي دېسە ئۇلارنىڭ يەنە بىر قاتىلنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپتۇ. نۆكەر غەزەپلىنىپ ئىككىلىسىنى چاپماق بوپتۇ . ئۇ بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسىغا يۈزلەنسە، يەنە بىرى تاقەتسىزلىنىپ يالۋۇرۇپتۇ :
- ئاۋۋال مېنى چاپ ، مەن كۆزۈمنى يۈمغۇچە ئۇتىرىك تۇرسۇن ! شۇ يوسۇندائۇلار ئۆز دوستىنىڭ بىردەملىك ھاياتى ئۈچۈن بېشىدىن كېچىپ ، ئۆز بوينىغا چۈشىدىغان قىلىچنى تالىشىپتۇ .
ئارىدا خلى بىر زامان تالاش - تاتىش بوپتۇ . بۇنى كۆرگەنلەر ئارىسىدا غوۋغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئىككى دوستنىڭ بىر - بىرى ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن كەچكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان شاھ تەسىرلىنىپ ئۇلارنىڭ قېنىدىن كېچىپتۇ . شۇنداق قىلىپ ۋاپا ۋە ساداقەتنىڭ خاسىيىتىدىن ھەم ئيلار ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپتۇ. ھەم خەلق قىرغىندىن خالاس بوپتۇ .
بۇمىسالنى كەلتۈرۈشتىكى مەقسەت ، ئەگەر دست - ئاغىنە تۇتىمەن دېسىڭىز ، ۋاپادار بولۇڭ ، ئەگەر دوست - ئاغىنە بولىمەن دېسىڭىزمۇ ۋاپادار بولۇڭ .
دوست - ئاغىنىڭىزگە سەمىمىي ، ساداقەتمەن بولۇڭ ، دوستلۇقنى قەدىرلەڭ ، دوستىڭىزنىڭ سىزگە ئىشىنىپ ئېيتقان سىر - ئەسرارىنى ساقلاڭ . ئارقىسىدىن غەيۋەت - شىكايەت قىلماڭ . ئىچكى سىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنماڭ . كەينىدىن ياخشى ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىڭ . تەشۋىق قىلىڭ . يامان گېپىنى قىلغۇچىلارغا سۈكۈت قىلماڭ . دوست - ئاغىنىڭىزگە يالغان سۆزلىمەڭ ، دوست - ئاغىنىڭىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىڭ . ئەيىبلىرىنى يۆگەڭ ، كەمچىلىكلىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەسىھەت قىلىپ رەسۋا قىلماڭ ، ئادەم يوق جايدا نەسىھەت قىلىڭ . دوستىڭىزنىڭ ئاتا- ئانىسىغا ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا مېھىرىبان ۋە شەپقەتلىك بولۇڭ . دوست - ئاغىنىگە ساداقەتمەن بولۇش ھەققىدە بىر ھەكىم مۇنداق دېگەن :« ھەقىقىي دوستلار بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ ، دوستىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدۇ ، يامان گېپىنى قىلغانلارنى كۆرگەندە دەرھال رەددىيە بېرىدۇ . دۇنيادا ئىنسانغا ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىخلاسمەن دوستتىن ئىبارەت ».
كېرەكلىك نەرسىڭىزنى دوستڭىزدىن ئايىماڭ . دوستىڭىز ئېھتىياج تۈپەيلىدىن سىزدىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلسا ، جان دەپ بېرىڭ . ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز ، دوستلۇققا يارىمىغان بولىسىز . دوست - ئاغىنىڭىزنىڭ ماقل دۇنياسىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنماڭ . دوستلۇق - ئاغىنىدارچىلىقتا پايدىغا ئېرىشىش كۆزدە تۇتۇلسا ، بۇنداق دوستلۇق ھەقىقىي دوستلۇق ، ئاغىنىدارچىلىق بولماي قالىدۇ .
بۇرۇنقى زاماندا بىر دانىشمەننىڭ بىر دوستى بار ئىكەن ، بىر كېچىسى دوستى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىكىنى قېقىپتۇ ، ئۇ دانىشمەن ئۆز دوستى ئىكەنلىكىنى بىلىپ :« بۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ ؟ ئەجەپ تۈن يېرىمىدا كېلىپ قاپتىغۇ ! » دەپ ئويلاپتۇ - دە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ھەميانىدا پۇل ۋە بىر قىلىچ ئېلىپ كېنىزىكىگە چىراغ كۆتەرتىپ ، ئالدىغا چىقىپ دوستى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە :« بۇرادەر ، سېنىڭ بۇ ۋاقىتتا كېلىدىغىنىىڭنى : بىرى ، بىرەر ھادىسە يۈز بېرىپ ، ماڭا خەج - خىراجەت ئېھتىياجى چۈشتى بولغان ، ئىككىنچىسى ، بىرەر دۈشمەن ساڭا قەست قىلىپ ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يار - مەدەتكار كېرەك بولدى بولغاي ، ئۈچىنچىسى ، يالغۇزلۇقتىن مالال بولۇپ ، ئۆزىگە ئۈلپەت ئىزدەپ كەلدى بولغاي ، دەپ پەرەز قىلىپ ، ساڭا شۇ ئۈچ ئىشنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى تەييار قىلىپ چىقتىم . ئەگەر مال كېرەك بولسا ، مانا ھەمياندا پۇل ، ئەگەر مەدەت تىلىسەڭ ، مانا مەن قىلىچ ئېسىپ تۇرۇپتىمەن ، ئەگەر خىزمەتكار كېرەك بولسا ، مانا بۇ كېنىزەك خىزمىتىڭنى قىلسۇن . ھەر قانداق تەلىپىڭ بولسا بىز تەييارمىز » دوستى ئۇنىڭغا ئۆززە ئېيتىپتۇ ۋە ئۇنىڭ سېخىيلىقىنى مېھىرىبالىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ دوستلۇقىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئەقىدە باغلاپتۇ .
دوستلىرىڭ دوست ئىشىڭغا ،
يەتسە مېھنەت بىرى كەلمەس قېشىڭغا .
بولسا كىم مىھنەتتە دوست ، ئۇ جانغا دوست ،
دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست ، ئۇ نانغا دوست .
ئىككى يۈزلىمىچى ، مۇناپىق ئادەملەر بىلەن دوستلىشىش ، ئاغىنىدارچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭ . بۇنداق ئادەملەر مەلۇم مەقسەت ، ئېھىتياج تۈپەيلىدىن ئۆزىنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ ، سىز بىلەن ھەقىقىي دوستلار قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ . بۇنداقلارنى پەرق ئەتمەك قىيىن . بۇنداقلار ئۆزلىرى تەمە قىلىدىغان مەرتىۋىسىنى ، ئېرىشمەكچى بولغان پايدىسىنى تاقۇچە بولغان ئارىلىقتا دوست - ئاغىنە بولۇپ ، سىز بىلەن بىر نىيەتتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . ئەمما ، مەقسىتى ھاسىل بولغاندىن كېيىنلا دوستلۇق ، ئاغىنىدارچىلىقنى تاشلاپ ، ئۆز ھالىدىن يۇقىرى مەرتىۋىگە ، مال - دۇنياغا يېتىشنىڭ تەمەنناسىنى قىلىدۇ . ھازىرقى تاۋار ئىگىلىكى شارائىتىدا بۇنداق تىمساللىق كىشىلەردىن كۆپىنى ئاڭلىدۇق ۋە كۆردۇق . بۇنداق كۇپرانى مىجەزلىك ، پاسىق تەبىئەتلىك كىشىلەردىن ئاللاتائالا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي .
ئۇ سېنىڭ مۈلكۈڭنى قەستلەپ كۆزىنى قىلغان قىزىل ،
يۈزى سارغايدى ئاخىر ، ئالەم ئاڭا بولدى قارا .

بىلىڭكى ، نادان كىشىلەر بىلەن دوستلۇق ، ئاغىنىدارچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭ . گەرچە ئۇ سىزگە ساداقەتمەن بولىسمۇ ، دوستلۇق ، ئاغىنىدارچىلىقتا يەتكۈزىدىغان پايدىسىدىن سىزگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى كۆپ بولىدۇ . ئۇ ھالدا سىز پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىسىز ، ئىشەنمىسىڭىز تۆۋەندىكى « باغۋەن بىلەن ئېيىقنىڭ ھېكايىسى » گە قۇلاق سېلىڭ .
بىر باغۋەن بار ئىكەن ، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى باغۇ بوستانلارنى ياساش ئۈچۈن سەرپ قىلغانىكەن . ئۇ بېغىدىكى ھەر بىر دەرەخكە شۇنداق كۆڭۈل بەرگەن ئىكەنكى ، ئاتا - ئانا ، بالا - قاچا پىكرىدىن غېمى يوق ھالدا تەنھالىق بىلەن كۈن كەچۈرىدىكەن . بىر كۈنى ئۇ يالغۇزلۇقتىن كۆڭلى مالال بولۇپ ، دەشت تەرەپكە چىقىپ كەڭرى بىر تاغ باغرىدا ھەر تەرەپكە قاراپ تۇرسا ، تاسادىپىي كۆرۈنۈشى قوپال ، سۈرىتى قەبىھ ، چىرايى ناتونۇش بىر پاسكىنا ئېيىق ئۇنىڭغا ئۇچراپ قاپتۇ . ئۇمۇ تەنھالىق رەنجى بىلەن ھالى پەرىشان بولۇپ تاغ بېشىدىن چۈشكەنىكەن . باغۋەن بىلەن ئېيىقنىڭ ھەر ئىككىلىسى يالغۇزلۇق دەردىنى تارتىپ ئۆزىگە ھەمنەپەس ئىزدەپ يۈرگۈچكە ، بىر - بىرىنى كۆرمەك بىلەنلا مۇھەببەت زەنجىرلىرى ھەرىكەتكە كېلىپ ، باغۋەننىڭ كۆڭلى ئېيىقنىڭ ئاشنالىقىغا مايىل بوپتۇ .
باغۋەن ھەر قاچاق ئىستىراھەت سايىسىدە پاراغەت بېشىنى راھەت ياستۇقىغا قويۇپ ياتسا ، ئېيىق غەمخورلۇق ۋە تەرەپدارلىق يۈزىسىدىن باغۋەننىڭ بېشىدا ئولتۇرپ ئۇنىڭ يۈزىدىن چىۋىنلارنى قورۇيدىكەن . بىر كۈنى باغۋەن ئادىتى بويىچە ئۇخلاۋاتقانىكەن ، نۇرغۇن چىۋىن ئۇنىڭ يۈزىگە قونۇۋاپتۇ . ئېيىق چىۋىنلەرنى بىر ياقتىن ھەيدىسە يەنە بىر ياقتىن قونۇپ تۇرۇۋاپتۇ . ئاخىر ئېيىقنىڭ غەزىپى تېشىپتۇ - دە يېنىدا تۇغان 20 تاپمان ئېغىرلىقتىكى بىر تاشنى كۆتۈرۈپ كېلىپ چىۋىننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن باغۋەننىڭ يۈزىگە ئۇرۇپتۇ . چىۋىنگە زىيان يەتمەي ئۈچۇپ كېتىپتۇ . باغۋەننىڭ بېشى يەر بىلەن يەكسان بوپتۇ . شۇ سەۋەبتىن چىۋىنلەر « ھەر ھالدا نادان دوستتىن دانا دۈشمەن ياخشىراق » دەپ ئېيتىشقانىكەن .
دېمەك ، يۇقىرىقى مىسالدىن شۇنى چۈشەنمەك تەس ئەمەسكى ، نادان دوست - ئاغىنىدىن دانا دۈشمەن ياخشىراق ، چۈنكى دۈشمەن ئەقىللىق بولسا يىراقنى كۆزلەپ ئويلاپ ئىش قىلىدۇ . پۇرسەت كەلمىگۈچە زىيان يەتكۈزمەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ خۇي - پەيلىدىن شۇم نىيىتىنى بىلىۋېلىپ مۇداپىئەلىنىشكە بولىدۇ . ئەمما نادان ، بىلىمسىز دوست - ئاغىنە كىشىگە ھەر قانچە يېقىن ، ساداقەتمەن بولىسمۇ ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق پايدا كەلمەيدۇ ، بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ كەم ئەقلى بىلەن كىشىنى خەتەرگە گىرىپتار قىلىدۇ .

مەيلى زىنداندا بول ئاقىل بىلەن ،
بولمىغىن گۈلشەندە جاھىل بىلەن .
ھەر زامان دانانى تۇتقىن ئاشنا ،
بولمىغىن ئەلۋەتتە يار نادان بىلەن .
« كەلىمە ۋە دېمىنە » دىن

شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، يۇقىرىقىدەك شەرتلەرگە چۈشىدىغان دوست - ئاغىنىلەرنى تېپىش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس ، يەنە كېلىپ دوست - ئاغىنىلەر ئادەتتە ئۆز ئارا يول قويۇشۇپ ئۆتۈشىدۇ . باشقىلارغا ياقمايدىغان تەرەپلىرىنى ئىلاج بار يوشۇرىدۇ . گەرچە سىز بىلەن نەچچە يىل ئارىلاشقان دوست - ئاغىنىلەردىن بولىسڭىزمۇ ، ئاراڭلاردىكى ھېسسىياتنى تامامەن ، مەڭگۈ چۈشىنىپ كېتەلمەيسىز ، چۈنكى ئادەم بارلىق جانلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ جانلىق . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ :« ئادەمنىڭ قەلبى قايناپ تۇرغان قازاندىنمۇ ئۆزگىرىشچاندۇر » دېگەنىدى .
دوست -ئاغىنىڭىز سىزگە : « مەن سىزنىڭ غۇرۇرلۇق ئىكەنلىكىڭىزنى ياقتۇرىمەن » ، « سىزنىڭ ساقال - بۇرتىڭىزنى پاكىز ئېلىپ يۈرۈشلىرىڭىزگە ھەۋەس قىلىمەن » ، « مەن سىز بىلەن قىيامەتلىك ئاغىنە ، ئۆلۈمدىمۇ ، كۆرۈمدىمۇ بىللە بولىمەن » دېيىشى مۇمكىن . بۇ بەلكىم دوست - ئاغىنىڭىزنىڭ يۈرەك سۆزىدۇر ، ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ . ئىشەنمىسىڭىز تۆۋەندىكى مەسەلگە قاراڭ .
قىيىن ۋاقىتلاردا بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشكە ۋەدىلەشكەن ئىككى ئاغىنە سەپەردە كېتىۋاتقىنىدا ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر ئېيىق پەيدا بوپتۇ ، بۇنى كۆرگەن بىرى دەرھال دەرەخ ئۈستىگە چىقىپ مۆكۈۋاپتۇ . يەنە بىرەيلەن بولسا دەرەخ ئۈستىگە چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي ، يەرگە ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋاپتۇ . ئېيىق ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ بۇرنىنى تەگكۈزۈپ پۇراپ بېقىپتۇ ، ئۇ ئادەم چىداشلىق بېرىپ دېمىنى چىقارماي يېتىۋېرىپتۇ ( ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئېيىق ئۆلۈككە چېقىلمايدىكەن )

ئېيىق ئۇنى ئۆلۈك ئوخشايدۇ دەپ كېتىپ قاپتۇ . دەرەخ ئۈستىگە چىقىۋالغان يەنە بىر دوستى پەسكە چۈشۈپ ھەمراھىدىن : «ئېيىق ساڭا نېمىلەرنى دېدى ؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
يەنە بىرى ، دوست - ئاغىنىڭىز بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلىغىنىڭىز ياخشى ، شۇندا سىز بەزى پېشكەللىكلەردىن خالىي بولالايسىز . بۇ خۇددى تۆۋەندە سۆزلەنگەن يولۋاس بىلەن مۇشۈكنىڭ ھېكايىسىگە ئوخشايدۇ .
ئەسلىدە مۈشۈك يولۋاسنىڭ ئۈستازى ئىكەن ، مۈشۈك يولۋاسقا ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ھۈنەرلىرىنى ، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىتىپتۇ . كۈنلەردىن بىر كۈنى يولۋاسنىڭ قورسىقى ئېچىپ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ - دە ، مۈشۈكنى يېمەكچى بولۇپتۇ . يولۋاسنىڭ نىيىتىنى بىلىۋالغان مۈشۈك يولۋاسنى ئۇ يەردە دەم ئالايلى ، بۇ يەردە ھاردۇق ئالايلى ، دەپ ئەگەشتۈرۈپ چوڭ بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئاستىدا توختاپتۇ - دە ، مۈگدەشكە باشلاپتۇ . پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغان يولۋاس مۈشۈككە ئېتىپتۇ . كۆزىنى يۇمۇپ يولۋاسنى كۆزىتىپ ئولتۇرغان مۇشۈك چاققانلىق بىلەن دەرەخ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ - دە ، ئەجەل چاڭگىلىدىن ئامان قاپتۇ .
ئەسلىدە مۈشۈك يولۋاسقا دەرەخكە قانداق چىقىش ھۇنىرىنى ئۆگەتمىگەنىكەن ، مۇشۈكنىڭ دەرەخ ئۈستىگە چىقىۋالغانغانلىقىنى كۆرگەن يولۋاس :
- ئۇستازىم ، نېمە ئۈچۈن ماڭا دەرەخكە چىقىشنى ئۆگەتمىگەندىڭىز ؟ - دەپ سوراپتۇ . مۈشۈك :
- سىزگە دەرەخكە چىقىشنى ئۆگەتكەن بولسام ، بۇ جېنىم ئامان قالارمىدى ، - دەپتۇ
دېمەك ، دوستلۇقتا مەلۇم ئارىلىق قالدۇرماي ، ھەممە سىرىڭىزنى تۆكۈۋەتسىڭىز ، ئۆزىڭىزنى پالاكەتتىن ساقلىيالمايسىز ، چۈنكى كۈنلەردىن بىر كۈنى دوست - ئاغىنىڭىزنىڭ بەزىسى سىزگە دۈشمەن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، بۇ جاھان شۇنداق جاھان .

كەلسە كەلمەس سىر ئېيتمىغىن دوستۇڭغا ،
ھامان بىر كۈن سامان تىقار پوستۇڭغا .


دەپ توغرا ئېيتقان .


مەنبە : ئەدەب- ئەخلاقتىن تەۋسىيلەر


بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+5(manggutax)
  • شۆھرەت:+10(ajrim) yaHxi
  • شۆھرەت:+10(saba7911) ئۆزىگە خاس م ..
  • ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    بۇ يوللانما دىيارىم مۇنبىرىگە تەۋە، خالىغانچە باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ. << باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش ئەڭ ئۇلۇغ شەرەپ!>>
    | ۋاقتى : 2008-06-11 13:48 [باش يازما]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
    akula414
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29177
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 358
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە358دانە
    شۆھرەت: 373 نۇمۇر
    پۇل: 286 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇكنىڭ ئۇگەتكەن  تەدبىرى ئاجايىپ ياخشى بوپتۇ!!
       ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!!!
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    ئويغان !!  ئۇيغۇر!!
    | ۋاقتى : 2008-06-11 13:58 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    sahib
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28618
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 49
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە49دانە
    شۆھرەت: 59 نۇمۇر
    پۇل: 247 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-11
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    نادان دوست - ئاغىنىدىن دانا دۈشمەن ياخشىراق .
        پاساھەتلىك سوزلەركەن.
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-06-11 14:07 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    Chuxay
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17954
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 952
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە952دانە
    شۆھرەت: 952 نۇمۇر
    پۇل: 2892 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :28(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەر بىر ئادەم بىلىشكە تىگىشلىك مەسۇلىيەت ئىكەن..
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    ئادەم ئادەمگە لايىق ياشىشى كېرەك......
    | ۋاقتى : 2008-06-11 14:25 3 -قەۋەت
    turkinaz
    دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 20648
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1295
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1295دانە
    شۆھرەت: 1364 نۇمۇر
    پۇل: 4071 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :325(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىبرەتلىك ماقالىكەن. ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلساق بولغىدەك. لىكىن ھازىرقى ۋاقىتتا بۇنداق ئۆلچەم، شەرتلەرگە چۈشكىدەك دوست، ئاغىنىلەرنى تاپماق دېڭىزدىن يىڭنە كولىغاندەكلا بەك تەس.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-11 14:50 4 -قەۋەت
    arqayaprihi
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25543
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 268
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە268دانە
    شۆھرەت: 268 نۇمۇر
    پۇل: 941 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :71(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    دوست دېسەڭ،دوست دەيمەن،دوستۇڭ بۇلىمەن،
    غەم باسقان زىق چاغدا<<خۇشتۇڭ>> بۇلىمەن:
    يۈز ئۆرۈپ كەتسەڭمۇ غەمدىن قۇتۇلۇپ،
    كېلەر دەپ بىر كۈنى جۇشقۇن تۇرىمەن.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-11 16:05 5 -قەۋەت
    zibala
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29807
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 160
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە160دانە
    شۆھرەت: 160 نۇمۇر
    پۇل: 173 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :78(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك
    دىيارىم تور ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ ! ئەڭ يېڭى - ئەڭ قىزىقارلىق
    | ۋاقتى : 2008-06-11 16:33 6 -قەۋەت
    sadakat88
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31747
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    پۇل: 133 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ كۈنلەردە ياخشى دوسىتلارنى تاپماقمۇ تەس بوپ كەتتى جىمۇ؟
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-11 18:10 7 -قەۋەت
    manggutax
    ئىنكاس شاھى
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 9
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 6023
    ئۇنۋان:22 دەرىجە ھازىرغىچە6023دانە
    شۆھرەت: 4266 نۇمۇر
    پۇل: 16429 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 4 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :591(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىلىڭكى ، نادان كىشىلەر بىلەن دوستلۇق ، ئاغىنىدارچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭ. گەرچە ئۇ سىزگە ساداقەتمەن بولىسمۇ ، دوستلۇق ، ئاغىنىدارچىلىقتا يەتكۈزىدىغان پايدىسىدىن سىزگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى كۆپ بولىدۇ.

    ئىنتايىن ئورۇنلۇق ئىيتىلغان سۆزلەر ئىكەن، بىلىۋالدىم، رەھمەت~!
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    يىلتىزىمىز «دىيارىم» دا، ئۈمىدىمىز «دىيارىم» دا.
    | ۋاقتى : 2008-06-11 18:14 8 -قەۋەت
    lakqin
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23132
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 848
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە848دانە
    شۆھرەت: 908 نۇمۇر
    پۇل: 2851 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :110(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ”دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ھەميانىدا پۇل ۋە بىر قىلىچ ئېلىپ كېنىزىكىگە چىراغ كۆتەرتىپ ، ئالدىغا چىقىپ دوستى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ“

    دوست دىگەن مۇشۇنداق بۇلىدۇ-دە .
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-11 20:35 9 -قەۋەت
    90uygur
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 31208
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 79
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە79دانە
    شۆھرەت: 79 نۇمۇر
    پۇل: 337 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    يىمە نامەرت ئاشىنى،
    ئاچلىق سېنى ئۆلتۇرسىمۇ.
    ئۆتمە نامەرت كۆۋرىكىدىن،
    سۇ سېنى ئېقىتسىمۇ.
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    مەن ھاياتنى سۈيىمەن .
    | ۋاقتى : 2008-06-11 22:24 10 -قەۋەت
    pariay
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25481
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 235
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە235دانە
    شۆھرەت: 235 نۇمۇر
    پۇل: 857 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەربىيەۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇركەن ؟ ،،،،،،،،،رەخمەت سىزگە ؟ ،،،،،،،نادىر تىمىلىرىڭىزغا داۋاملىق تەشنامىز ؟ ،،،،،،،،،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ؟
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    كۆڭۇلدىن سۇ ئىچكەندە كۆڭۇل ، باياۋاندىن قىياق ئۈنىدۇ !
    | ۋاقتى : 2008-06-12 00:21 11 -قەۋەت
    11111
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32530
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مانا بۇ ئالىجاناپ ، شەخسىيەتسىز دوستلۇق.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-12 10:31 12 -قەۋەت
    tulpar1978
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 2967
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 157
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە157دانە
    شۆھرەت: 101 نۇمۇر
    پۇل: 466 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن دوستلۇقنىڭ قىممىتىنى چۈشۈنۋالغانئىدىم . ھازىرقى جەمىيەتتە ھەقىقى يوقۇرقى شەرتلەردىكىدەك دوستلارنى تېپىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك بىر ئىش .
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-12 11:16 13 -قەۋەت
    tulpar1978
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 2967
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 157
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە157دانە
    شۆھرەت: 101 نۇمۇر
    پۇل: 466 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن نادىر تېما ئىكەن .
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-06-12 11:18 14 -قەۋەت
    sabdash
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32545
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 24
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
    شۆھرەت: 24 نۇمۇر
    پۇل: 172 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆپتىن-كۆپ رەخمەت دوستۇم يوللىغان تىمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشكەن؟
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-12 13:20 15 -قەۋەت
    ly520
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31305
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يېزىپسىز  .....مۇشۇنداق دوستلۇقنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!!!!!    
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    | ۋاقتى : 2008-06-12 13:53 16 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-14 05:08
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation