زۇنۇن قادىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
1) زۇنۇن قادىرىنىڭ ھاياتى: زۇنۇن قادىرى 1911-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە غۇلجا شەھرىگە كۆچۈپ كەلگەن. دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، ئاندىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1935-يىلى غۇلجىدا ئېچىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغان. 1936-يىلى غۇلجا شەھرىدىكى بەيتۇللا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1937-يىلى ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى يىل، ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە بىر يىل ئوقۇغان. 1941-يىل غۇلجىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىغىدىكى سانايىنەفىسەدە ئارتىس، ئىجادىيەتچى ۋە ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ھەربى مۇخبىر بولغان. 1945-يىلدىن باشلاپ «كۆرەش»، «ئىتتىپاق» قاتارلىق زورناللاردا مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1951-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1954-يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كىلىپ، ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئىجادىيەت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەم مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ئىلمىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1962-يىلدىن 1979-يىلغىچە ئون سەككىز يىل تارىمدا نەزەربەند ھىسابىدا جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغان. 1979-يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كىيىن دەم ئېلىشقا چىققان. 1989-يىلى ئالمائاتاغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەم شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.
(2) زۇنۇن قادىرىنىڭ ئىجادىيىتى: <1>› زۇنۇن قادىرىنىڭ دىرامما ئىجادىيىتى:
زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1937-يىلى رەسمىي باشلانغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت مىۋىسى «جاھالەتنىڭ جاپاسى» دىگەن ئۈچ پەردىلىك دىراممىسى بولۇپ، بۇ دىرامما سەھنىلەردە ئوينىلىشى بىلەنلا جامائەت ئارىسىدا قىزغىن قارشى ئېلىنغان. تۇنجى ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىلھاملانغان يازغۇچى زۇنۇن قادىرى دىرامما ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ « ئۇچراشقاندا»، «پارتىزانلار ئەترىتى»، «ھەر ئىشنىڭ يولى بار»، «غۇنچەم» ۋە «گۈلنىسا» قاتارلىق دىراممىلارنى يازغان. بۇ دىراممىلاردا يازغۇچى شۇ مەزگىللەردىكى خەلقىمىزنىڭ ئازادلىققا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە زۇلۇمغا قارشى كۆرەش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. زۇنۇن قادىرى ئازاتلىقتىن كېيىن «توي» دىگەن دىراممىسىنى يازغان بۇ دىرامما 1955-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دىرامما-تىياتىر كۆرىكىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
«غۇنچەم» دىراممىسى – زۇنۇن قادىرى ئىجادىيىتىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىراممىچىلىقىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان، ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسەردۇر. بۇ دىرامما ئۈچ پەردە، بەش كۆرۈنۈشلۈك بولۇپ، 1941-يىلى غۇلجىدا يېزىلغان ۋە شۇ مەزگىللەردىلا سەھنىلەردە ئوينۇلۇپ چوڭ داغدۇغا قوزغىغان. بۇ دىراممىدا تىپىك خاراكتىرگە ئىگە پىرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، كىشىگە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.
<2>› زۇنۇن قادىرىنىڭ ھىكايە ئىجادىيىتى:
زۇنۇن قادىرى 1940-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ھىكايە ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن بولۇپ، «مۇئەللىمنىڭ خېتى»، «رودۇپاي»، «كۈچۈككە ھۇجۇم»، «ئىككى بارمىقىم بىلەن»، «ماغدۇر كەتكەندە» قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ھىكايىلەرنى يېزىپ، خەلقىمىزنىڭ شۇ يىللاردىكى ئىچىنىشلىق ھايات قىسمەتلىرىنى خىلى يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ ھىكايىلەر ئەدەبىيات ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلغان بولۇپ، شۇ دەۋر ھىكايىچىلىقىنىڭ گۈلتاجىسى ھىساپلىنىدۇ.
زۇنۇن قادىرى شۇ يىللاردا يەنە ئەدەبىي تۈسى ناھايىتى قويۇق بولغان بىر تۈركۈم ئوچىرىكلارنى يازغان بولۇپ، «شەپقەت ھەمشىرىسى» دىگەن ئوچىرىكى ناھايىتى داڭلىق.
زۇنۇن قادىرى ئازادلىقتىن كىيىن «چېنىقىش»، «گۇمان»، «رەھمەت»، «ئەسلەش» ۋە «قىزىلگۈل» قاتارلىق ھىكايىلەرنى، «ئەخمەتجان قاسىمى» ناملىق ئەسلىمىسىنى، «بىر دىھقان يىگىت بىلەن سۆھبەت»، «بەختىخاننىڭ بەختى» قاتارلىق ئوچىرىكلارنى يازغان. 1980-يىللاردا زۇنۇن قادىرى يەنە «خاتىرىلەر» دىگەن ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىللىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى يازغان.
زۇنۇن قادىرى ھىكايىلىرى ئىچىدە «ماغدۇر كەتكەندە» دىگەن ھىكايىسى بىلەن «چېنىقىش» دىگەن ھىكايىسى ناھايىتى ياخشى يېزىلغان مەشھۇر ھىكايىلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئىككى ھىكايە ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىدىكى ئىككى ئابىدە. بۇ ئىككى ھىكايە زۇنۇن قادىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىنىمۇ دۇنياغا تونۇتقان. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھىكايىچىلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يۇقۇرى چوققىسىنى نۇشۇ ئىككى ھىكايە ياراتقان.
«ماغدۇر كەتكەندە» ھىكايىسى – 1948-يىلى غۇلجىدا يېزىلغان بولۇپ، تېخى ھىچكىمنىڭ ئەسىرىدە ئۇيغۇر يېزىلىرى زۇنۇن قادىرىنىڭ بۇ ھىكايىسىدە تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنداق چىرايلىق تەسۋىرلەنمىدى، دىسەك خاتا بولمايدۇ.
«چېنىقىش» ھىكايىسى – زۇنۇن قادىرىنىڭ 1950-يىللاردا يازغان مەشھۇر ھىكايىسى. بۇ ھىكايە ئۆزگىچە ئۇسلۇپقا ئىگە بولۇپ، «بۇ ئۇسلۇپنى قەلەم يەڭگىل، تىل قىزىقارلىق، تەسۋىرلەر يۇمۇرلۇق، كەيپىيات يورۇق ۋە يەڭگىل دەپ خۇلاسىلەشكە بولىدۇ»(ئازاد سۇلتان).
<3>› زۇنۇن قادىرىنىڭ مەسەل ۋە چۆچەك ئىجادىيىتى:
زۇنۇن قادىرى ئەدەبى ھاياتىدا يەنە مەسەل چۆچەك ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللۇنۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. ئۇ يازغان «چۆجە بىلەن سېغىزخان»، قوشچى بىلەن چاشقان»، «بۇلبۇل بىلەن سۈڭگۈلىگۈچ» «قاغا بىلە كەپتەر» قاتارلىق شېئىرىي مەسەللەر ۋە «ئالتۇننىڭ تەسىرىدە»، «لەئەل شاھ بىلەن ئىپارگۈل» قاتارلىق نەسرىي چۆچەكلەر ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى ئىجات قىلغان مەسەل-چۆچەكلەر ئىچىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
زۇنۇن قادىرىنىڭ يەنە «ماكسىم گوركى»، «روھىي ئوزۇق توغرىسىدا» قاتارلىق بىر قىسىم ئەدەبىي ماقالىلىرىمۇ بار. زۇنۇن قادىرىنىڭ «غېرىپ – سەنەم» ناملىق دىراممىسى ۋە كىنو سىنارىيەسى، «غەزەپ» ناملىق بىئوگىرافىك رومانىنىڭ مۇكەممەل لايىھەسى قالايمىقان يىللاردا يوقىلىپ كەتكەن.
زۇنۇن قادىرى – ئەدەبىياتىمىزدىكى تۆھپىكار يازغۇچى. گەرچە ئۇ بەك ھوسۇللۇق يازغۇچى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەر بىر پارچە مۇنەۋۋەر ئەسىرى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان نادىر ئەسەرلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
(3) زۇنۇن قادىرىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرى: <1> «غۇنچەم» ــ مەسەل، ھىكايە، دىراممىلار توپلىمى. مىللەتلەر نەشرىياتى. 1957-يىل نەشرى.
<2> «چېنىقىش» ــ ھىكايىلەر توپلىمى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1957-يىل نەشرى.
<3> «غۇنچەم» ــ دىراممىلار توپلىمى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1980-يىل نەشرى.
<4> «خاتىرىلەر» ــ ئاپتوبىئوگىرافىك ئەسلىمە. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1984-يىل نەشرى.
<5> «مەسەل ۋە چۆچەكلەر» ــ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1986-يىل نەشرى.
<6> «زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرى» ــ ئومۇمىي توپلام. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1992-يىل نەشرى.
<7> «چېنىقىش» ـ ھىكايىلەر توپلىمى(خەنزۇچە). جۇڭگۇ يازغۇچىلار نەشرىياتى. 1958-يىل نەشرى.
<8> «غۇنچەم» ــ دىراممىلار توپلىمى(خەنزۇچە). جۇڭگۇ تىياتىر نەشرىياتى. 1960-يىل نەشرى.
زۇنۇن قادىرى يېزىشقا قاتناشقان «غېرىپ – سەنەم» كىنو سىنارىيەسى 1980-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. «چېنىقىش» دىگەن ھىكايىلار توپلىمى 1980-يىللاردا يەنە قايتا نەشىر قىلىنغان.
(بۇ ماتىرىيال «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 1997-يىل 30-ئۆكتەبىر سانىدىكى كىرىمجان ئابدۇرىھىمنىڭ «زۇنۇن قادىرى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا قوشقان تۆھپىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئاساسىي مەنبە قىلىپ تۇرۇپ تەييارلاندى.)
لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘتەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰ لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﯘتاﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . 1931 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮬﯧﺰﯨﻤﺎﺧﯘﻥلوتپۇللانىﺭﻭﺱ ﯞﻩتاتارﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ ...
لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ » خىيالچان تىلەك « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ » « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى يېزىپ قالدۇردى ،شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت مىللەتپەرۋەرلىك ، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ،ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !!
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان، كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان .
1944 يىلى غولجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ، لوتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە ، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەرلوتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان .
لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز !
داۋامى بار...