« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ  پاجىئەسى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 3110 قېتىم كۆرۈلدى
katil731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 18503
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2560
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2560دانە
شۆھرەت: 2494 نۇمۇر
پۇل: 6496 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :439(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ  پاجىئەسى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما manggutax تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-06-07)
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ  پاجىئەسى


نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى) 

     
5-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان غالىبىيەت بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى رۇسىيە ھەم باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا مەملىكەتلەر 9-ماي كۈنىنى غالىبىيەت كۈنى سۈپىتىدە 63 يىلدىن بېرى ئىزچىل خاتىرىلەپ كەلمەكتە. ئىنسانىيەتكە ئېغىر بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى جۈملىدىن فاشىزىمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش جەريانىدا ئىنسانىيەت ئىنتايىن زور بەدەل تۆلىدى.
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئەمەلىيەتتە ئىككى زور دۇنياۋى ھەربىي سىياسىي ئىتتىپاقنىڭ ئوزارا ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشقاق 61 دۆلەت جەلپ قىلىنغان، ئۇلارنىڭ 37 سى بىۋاسىتە ئۇرۇشقا قاتناشقان. پۈتۈن ئۇرۇش جەريانىدا دۇنيا بويىچە ھەر قايسى مەملىكەتلەردىن بولۇپ، جەمىئىي 50 مىليوندىن 70 مىليونغىچە ئادەم ئۆلگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقى بولۇپ، تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ھۆكۈمىتى تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا 18 مىليون سوۋېت خەلقىنىڭ چىقىم بولغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن ئېنىقلانغان كۆپلىگەن مەخپىيەتلىكلەر ۋە تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدىن پاش بولۇشىچە، ئۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 27 مىليونغا يەتكەن. مەزكۇر 27 مىليون جاننىڭ ئىچىدە شەرقتە ياپونىيىگە، غەربتە گىتلېر گېرمانىيىسىگە قارشى ئۇرۇش سەپلىرىدىن شۇنچە يىراقتىكى تىنچ رايونىدا ياشىغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ سانسىزلىغان ئوغۇل-قىزلىرىمۇ بار. ئۇرۇش سەپلىرىدىن تېخىمۇ يىراقلىقتا ياشىغان ئۇيغۇرلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان تۈركىي خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرى ۋە جانلىرى ھەم ماددىي-مەنىۋى ياردەملىرى ئارقىلىق ، ياۋروپا خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقتىن ئازات بولۇشىغا ھەسسە قوشتى.


ئومۇمىي ئۇچۇر

1941-يىلى، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى گىتلېر گېرمانىيىسى 190 دىۋىزىيىسى، 4000 دىن ئارتۇق تانكا، 5000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان، 47 مىڭ زەمبىرەك، 200 پاراخوتنى ئىشقا سېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدىن كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ دەھشەتلىك ئۇرۇش ئىلگىرى كېيىن 27 مىليون سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ 2005-يىلى، ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يېڭى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا سابىق رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوپ ئۇرۇش مەزگىلىدە جەمئىي 26 مىليون 600 مىڭ سوۋېت گراجدانىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 8 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ھەربىي خادىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىۋانوپنىڭ ستاتستىكىسى بويىچە ئالغاندا، 8 مىليون 660 مىڭدىن كۆپرەك سوۋېت ئىتتىپاقى جەڭچى-ئوفىتسېرى بىۋاستە جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەندىن تاشقىرى يەنە 4 مىليون 59مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن.
ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئېغىر مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىغان بولۇپ، پۈتۈن سەپلەر بويىچە گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، سوۋېت ئەسكەرلىرى توپ-توپى بىلەن ئەسىرگە ئېلىنغان. بۇ جەرياندا ۋە كېيىن سوۋېت قوشۇنىدىن 4 مىليون 559 مىڭ ئادەم ئەسىرگە چۈشكەن.
4 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا 15 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يارىلىنىش، كېسەللىك، توڭلاپ قېلىش ، ئاچارچىلىق قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلگەن ئىكەن.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ۋەتەن ئۇرۇشىغا ئائىت ھەربىي ۋە كگب ئارخىپلىرىدىن پاش بولۇشىچە، ئۇرۇش جەريانىدا يەنە بىر مىليونغا يېقىن سوۋېت جەڭچى ئوفىتسېرى ئۇرۇشتا قورقۇنچاقلىق قىلغان، جىنايەت ئۆتكۈزگەن، خائىنلىق، جاسۇسلۇق قىلغان دېگەندەك ئەيىبلەر بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئالاھىدە ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. ستالىن ئۇرۇشتا چېكىنگەن، قورقۇنچاقلىق قىلغانلارنى بىردەك ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۆز ئادەملىرىنىڭ جېنىنى پەقەت ئايىماي قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئاخىرى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. قىسقىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىكى ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرى ئادەم ئامىلى بولۇپ، ئىلغار گېرمانىيە ئۇرۇش تېخنىكىسى ۋە گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئادەم سانىدىكى ئۈستۈنلۈكى ئاستىدا قەدەم-قەدەم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.
ئەلۋەتتە، يەنە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىككىنچى ئۇرۇش مەيدانى ئېچىپ، 1944-يىلى، 6-ئايدا نورماندىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، غەربىي سەپتە گېرمانىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشىمۇ مۇھىم ئامىل بولغان ئىدى. گېرمانىيە ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىلىيىدىن باشقا بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بېسىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئافرىقىغىمۇ كېڭەيگەن. گېرمانىيىنىڭ مۇنداق كوپ سەپلەردە جەڭ قىلىشى ئۇنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان بولۇپ، 1943-يىلى ستالىنگراد ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇشى ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى ئۇرۇش پىلانلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، بارا-بارا سوۋېت ئارمىيىسى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە يۈزلىنىپ، 1944-يىلىغا كەلگەندە سوۋېت زېمىنى ئاساسەن ئازاد قىلىنىپ، ئۇرۇش شەرقىي ياۋروپاغا كېڭەيتىلدى. ئومۇمەن، قىلىپ، ئېيتقاندا بۇ ئۇرۇش جەريانىدا ئامېرىكىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا خەلقىمۇ زور قۇربانلارنى بەردى.

تۈركىي مىللەتلەرمۇ زور چىقىم تارتتى

2-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە كاۋكازىيە ھەم ۋولگا دەرياسى بويلىرىدىكى ئاز بىر قىسىم تۈركىي خەلقلەرنىڭ يەرلىرى ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا بىۋاسىتە يولۇققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىي مىللەتلەر جايلاشقان تۇپراقلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسىمى دەپتۇدەك گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ بىۋاسىتە ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغان. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا ئەڭ زور بەدەل تۆلىگەن خەلقلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ بەدەللىرى، ۋەيرانچىلىقلىرى پەقەت ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا بولغانلىقىدىنلا كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشماسلىققا ۋە بۇ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىماسلىققا ئامالى يوق ئىدى.
1941-يىلى، 6-ئايدا گىتلېر گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئارمىيىسى پۈتۈن سەپلەر بويىچە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ھەربىي-قوماندان ۋە جەڭ قىلغۇچى قوشۇنلار يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلدى. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ستالىن ھۆكۈمىتى پۈتۈن خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇرۇش قىلالىغىدەك ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ھەربىي خىزمەتكە چاقىردى. ئاھالىسى زىچ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئۇنىڭ ھەربىي قوشۇنلارنى تولۇقلاشتىكى مۇھىم بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 1941-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ۋە تاجىكىستاندىن تۈرلۈك قوشۇنلارنى جىددىي تۈزۈپ، تۈركۈملەپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتتى.
ئۆزبېكىستان : ئەينى ۋاقىتتا 6 يېرىم مىليون نوپۇسى بار ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئىلگىرى كېيىن 1 يېرىم مىليون ئوغۇل-قىزىنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇرۇشقا قاتناشقان بىر يېرىم مىليون ئۆزبېكىستانلىقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۆزبېكلەر بولۇپ، 450 مىڭ ئادەم ئۆلدى، يەنى ئالدىنقى سەپتىن قايتىپ كەلمىدى. 640 مىڭ ئادەم يارىلاندى. ئەينى ۋاقىتتا ئۆزبېكلەردىن 15 دىۋىزىيە ۋە برىگادا تەشكىللىنىپ، ئۇرۇش سەپلىرىگە ئەۋەتىلدى.
قازاقىستانمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇسى كۆپرەك جۇمھۇرىيەت بولۇپ، ئوخشاشلا ئۇنىڭدىن بىر مىليون 600 مىڭ ئادەم ئۇرۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 425 مىڭ ئادەم ئۆلدى. قازاقىستاندىن 20 دىۋىزىيە ۋە باشقا قوشۇنلار تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئالمۇتا، بىشكەك ئەتراپىدا تۈزۈلگەن پانفىلوپچىلار دىۋىزىيىسى موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشىغا سېلىنىپ، كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن.
تۈركمەنىستان، نوپۇسى ئازراق جۇمھۇرىيەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن 300 مىڭ ئادەم ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىپ، 90 مىڭدىن كۆپرەكى ئۆلگەن. زور ساندىكى ئادەم يارىلانغان.
تاجىكىستاندىن 260 مىڭ ئادەم قاتنىشىپ، 90 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.
قىرغىزىستاندىن 360 مىڭ ئوغۇل-قىز ئۇرۇشقا بېرىپ، 130 مىڭدىن كۆپرەكى ئۆلگەن، كۆپ ساندىكىسى يارىلانغان.
ئازەربەيجاندىن 700 مىڭ كىشى ئالدىنقى سەپلەرگە ماڭدۇرۇلۇپ، يېرىمى دېگۈدەك ئۆلگەن.

داۋامى بار...
[ katil731 تەرپىدىن 2008-06-07 13:55 قايتا تەھرىرلەن ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • شۆھرەت:+10(nawa717) ئۆزىگە خاس م ..
  • دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    مەنزىل يىراق، ئاتلار ئۇرۇق، گېپىمىز چوڭ، ئىچىمىز قۇرۇق.
    | ۋاقتى : 2008-06-07 01:37 [باش يازما]
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
    katil731
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 18503
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2560
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2560دانە
    شۆھرەت: 2494 نۇمۇر
    پۇل: 6496 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :439(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:1-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى

    ئۇيغۇرلار ئۇرۇش سېپىدىن ئەڭ يىراق تۈركىي خەلق


    ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقى ئېنىق ئەمەس، بەزى مەنبەلەردە 300 مىڭدىن ئارتۇق دەپ ئېيتىلسىمۇ، بىراق بىرلىككە كەلگەن ئېنىق سان يوق. ئەمما، 20-يىللاردا سوۋېت ئۇيغۇر رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېۋ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا 700 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى ھېسابلىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسىمى ئۆزبەكىستانغا جايلاشقان ئىدى.
    ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستاندا تۈزۈلگەن قوشۇنلار تەركىبىدە بىردەك ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ئالدىنقى سەپتە بولدى؟ قانچىلىكى ئۆلدى دېگەن مەسىلە ھەققىدە تالاش-تارتىش مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلەر 200 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، يېرىمى ئۆلدى دېسە، يەنە بەزى مەنبەلەردە 100 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بېرىپ، ئۇلارنىڭ 30 مىڭى قايتىپ كەلدى دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستاندىن ئۇرۇشقا بارغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى نوپۇسلىرىدا ئۆزبەر دەپ يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆزبېك كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلىشى تەبىئىي، ھەقىقەتەن 2-جاھان ئۇرۇشىمۇ 1937-1938-يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىش دولقۇنى قوزغالغان پەيتكە دۇچ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، 200 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئۇرۇشقا قاتناشتى دېيىشنىڭ مەلۇم ئاساسىي بار بولۇپ، ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستاندىكى ئۆزلىرىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىۋالغانلار ئۆزبېك دېگەن نام ئاستىدا ئۇرۇشقا باردى خالاس.
    ئۇيغۇرلار ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ مەركىزىگە جايلاشقان بىر خەلق بولۇشى سۇپىتى بىلەن مەيلى غەربىي ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى، ۋە ياكى شەرقىي جۇڭگو ھەم تىنچ ئوكياندىكى ئۇرۇش سەپلىرىدىن ئەڭ يىراقلىقتا ئىدى. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، زور بىر تۇلۇمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تەۋەسىدە بولۇشى ئۇيغۇر خەلقىنى بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ قەدەم ئىزلىرى شەرقىي رۇسىيە، ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە ھەم غەربىي ۋە شەرقىي ياۋروپا بوستانلىقلىرىدا، تاغ-ئەدىرلىقلىرىدا قالدى. سانسىزلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەنلىرى بۇ تۇپراقلارغا كۆمۈلدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، ئەشۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەنلىرى قۇچاقلاپ ياتقان ئەشۇ زېمىندىكى سانسىزلىغان ئادەملەر ئەينى ۋاقىتتا ھەتتا ھازىرمۇ ئوتلىرى ئۇچۇن جانلىرىنى تەقدىم قىلغان بۇ ئادەملەرنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر دەيدىغان بىر بىچارە مىللەتنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئوز ۋەتەنلىرىدە ھوقۇقسىزلىقنىڭ ۋە خارلىنىشنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمەلىيەتتە ،1944-1945-يىللىرىدا ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ سوۋېت ئارمىيىسى تەركىبىدە شەرقىي ۋە غەربىي ياۋروپادا جەڭ قىلىپ، پراگا، ۋارشاۋا، كراكوۋ، بۇخارېست قاتارلىق شەھەرلەرنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە ھەتتا بېرلىننى ئازاد قىلىش ئۇچۇن ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشلاردا قان توكۇۋاتقاندا شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئۇيغۇر جەڭچىلىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۇچ ئۆلكە-مانجۇريىنى ياپونلاردىن ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە قۇربان بېرىۋاتقاندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى ئۇچ ۋىلايەتتىمۇ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قوزغىلىپ، ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنى چىش –تىرنىغىغىچە قوراللانغان گومىنداڭ مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، شىردەك گۈركىرەپ، دۇشمەن ئارمىيىسىنى ماناس دەرياسى بويىغىچە قوغلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئەپسۇسكى، ستالىن، شەرقىي ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ گىتلېر تاجاۋۇزىدىن ئازاد بولۇپ، قايتىدىن مۇستەقىل سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنى قۇرۇشىنى قوللىدىيۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماي، غۇلجىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيىتىنى گومىنداڭ بىلەن بىرلىشىشكە قىستىدى ۋە ئاخىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىلەن بىرلەشتۈردى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى ستالىننىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلانغان ئىدى. قىسقىسى ئۇيغۇر خەلقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا باشقىلارنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئۇچۇن بەدەل تۆلىگەن بىر خەلق بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىنلا باشلانغان دۇنيا تەرتىپىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا كېلىپ چىققان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئەڭ زىيان تارتقان خەلققە ئايلاندى. ئەگەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى شۇ مەزگىلدە ئوزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ھەل قىلىنىپ، غۇلجىدا قۇرۇلغان ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالالىغان بولسا ئىدى، بەلكى، باشقىچە ئاقىۋەتكە قالماس ئىدى، ئوز تىللىرىنى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىمۇ خىرىسقا دۇچ كېلىش ۋە ئوز تۇپراقلىرىدا ئازلاپ، كېلەچەكتە مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولالامدۇق –يوق دېگەن سوئاللارنى قويۇپ ئاۋارە بولۇش قىسمەتلىرىگە دۇچار بولماس ئىدى.

    تەقدىرنىڭ چاقچىقىمۇ ياكى سىياسىي ئويۇنلار قۇربانىمۇ؟

    1941-يىلى 6-ئايدا گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم باشلىغاندا، سوۋېت قوشۇنلىرى زور مەغبلۇيەتكە ئۇچراپ،غەربىي سەپتىكى پۈتۈن قىزىل ئارمىيە بىتچىت بولۇپ كەتكەن. مانا مۇشۇنداق پەيتتە ستالىن بارلىق خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئالدىراشلىق بىلەن قوشۇن تەشكىللەپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتكەن. بۇ ۋەزىپە ئوتتۇرا ئاسىيا خەقلىرىنىڭمۇ بېشىغا چۈشكەن بولۇپ، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز،تۈركمەن، تاجىك، قاراقالپاق ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بارلىق جەڭگە يارىدىغىدەك ( پۇل-قوللىرى ساق، سالامەتلىكى ياخشى) يەنى 18 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلىرى جۈملىدىن كۆپلىگەن ياش قىزلار ئالدىنقى سەپكە ماڭدۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا قورال يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھەر ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمگە بىر مىلتىق بېرىلگەن ئەھۋاللارمۇ بولغان. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى ئەڭ غەزەپلەندۈرگەن نەرسە شۇ بولغانكى، دۈشمەن يېقىنلىشىپ كەلمىگىچە ئۆزبېك، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ جەڭچىلىرىگە قورال تارقىتىلمىغان. دۈشمەن يېقىنلاپ كەلگەندىلا ئاندىن قورال بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق سەپنىڭ ئالدىدا ھامان ئوتتۇرا ئاسىيالىق جەڭچىلەر ، ئارقىسىدا رۇس جەڭچىلىرى مېڭىپ ھۇجۇمغا őئۆتكەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇلارغا ياخشى ھەربىي-تەلىم تەربىيە بېرىلمىگەنلىكى، ئالدىراپ قوراشتۇرۇلغانلىق تۈپەيلىدىن، ئۇرۇشنىڭ دەسلىۋىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن جەڭچىلەر بىھۇدە قىرغىنچىلىققا يولۇققان. ھەتتا ئۇرۇش سەپلىرىگە يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، ئۇلارنى توشۇپ ماڭغان پويىزلار گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇملىرى ھەم بومباردىمانىغا ئۇچراپ، تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كەتكەن. نورمال ھەربىي-تەلىم تەربىيە كۆرمىگەن، قوراللىرى ناچار ، ئالدىدا زامانىۋى قوراللىرىدىن ئوق ياغدۇرىۋاتقان گېرمانىيە قوشۇنلىرى، ئارقىسىدا ئاپتوماتلىرىنى تەڭلەپ تۇرغان نكۋد (كېيىنكى كگب ) قوشۇنلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان بۇ تەمەسى ئادەملەر ئاخىرىدا بىھۇدە قىرىلىشتىن كۆرە، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، ئارقىسىدىكى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ كگب قىسىملىرىغا ئوت ئېچىپ، گېرمان قوشۇنلىرىغا تۇشمۇ-تۇشتىن ئەسىرگە چۈشۈشكە باشلىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلگەن.ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تارمار بولۇش جەريانىدا ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئىدى.
    ناتسىستلار تەشكىللىگەن ئەسىرلەر لاگېرلىرىنىڭ شارائىتى تېخىمۇ ناچار بولۇپ، يېمەك-ئىچمەكنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، كىيىم-كېچەك بېرىلمەسلىك ۋە تازىلىق ئىشلىرى جەھەتتىكى ناچارلىقلار تۈپەيلىدىن،ئەسىرلەر ئارىسىدا كېسەللىكلەركۆپەيگە. ھەممە ئادەمنى دېگۈدەك پىت بېسىپ كەتكەن. گىتلېر فاشىستلىرىنىڭ ئېغىر روھى ۋە جىسمانىي بېسىملىرى ئۇلارنىڭ جېنىغا تەگەپ، ئەسىرلەرنىڭ 80% ئۆلۈپ كەتكەن. مانا مۇشۇنداق ھالاكەتلىك پەيتتە گېرمانىيە ھۆكۇمۇتىنىڭ پىلانلىشى بىلەن مىللىي تۈركىستان كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا مۇستاپا چوقاي بىلەن ۋەلى قەيۇم باش بولىدۇ. بۇ كىشىلەر ھەر قايسى ئەسىر لاگېرلىرىغا كېلىپ، ئەسىرلەر ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى ئايرىپ چىقىپ ئۇلارغا تەشۋىقات قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تۈركىستان ئارمىيىسىگە قېتىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى جەڭ قىلىپ، ستالىن تۈزۈمىنى ۋە رۇسلارنىڭ تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى گۇمران قىلىشقا،، گېرمانىيىنىڭ ياردىمى ئاستىدا مۇستەقىل تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇشقا چاقىرىدۇ. نەتىجىدە، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، قاراقالپاق، تاجىك ھەمدە ئۇيغۇر قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان كۆپلىگەن ئەسىرلەر بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشىدۇ. ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە سوۋېت كومپارتىيىسىگە ئەزا بولغانلار، ئىلگىرى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ ئىدى. نەتىجىدە، ئۇلار تۈركىستان قوشۇنلىرىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە سوۋېت ئارمىيىسىگە قارشى جەڭلەرگە ۋە باشقا ئۇرۇشلارغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
    گىتلېرنىڭ بۇ لايىھىسى ئەسلىدە 1941-يىلىنىڭ بېشىدا گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ئىشغال قىلىنغان جايلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى ئالفرېد پوزېنبېرگنىڭ <تۈركىستاننى سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى ئاستىدىن ئازاد قىلىش> دېگەن شوئارى ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، گىتلېر ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇسۇلمان ئەسىرلەردىن قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇلارنى شەرقىي سەپتىكى جەڭ مەيدانلىرىغا ئەۋەتىش لايىھىسىنى تەستىقلىغان.
    ئالفرېد روزېنبېرگ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تارىخىي، ئېتنىك ۋە دىنىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تامامەن يوقىتىلغاندىن كېيىن،<بۈيۈك تۈركىستان دۆلىتى> نى قۇرۇشنى پىلانلايدۇ. ئۇنىڭ پىلاندىكى بۈيۈك تۇركىستانغا غەربتە كاسپىي دېڭىزى بويىدىن، شەرقتە ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزئىچىگە ئالغان جايلار، جەنۇبتا سەمەرقەنت، بۇخارا رايونلىرى، شىمالدا قازاقىستاننىڭ زايسانغىچە بولغان بىپايان زېمىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇستاپا چوقاي بىلەن ۋەلى قەيۇمخان قاتارلىق ئىدىيولوگلار مەزكۇر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىقلارنى قىلىدۇ.
    بۇ پىلان بويىچە ئالدى بىلەن سابىق 1917-1920-يىلىدىكى مۇستەقىل قوقەنت ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى، ئۇزۇن يىللار فرانسىيىدە ياشاپ،<ياش تۈركىستان>ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ، سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى ئاۋانگارتلىق بىلەن سىياسىي كۈرەش قىلغان مۇستاپا چوقاي (قازاق) بىلەن ۋەلى قەيۇمنىڭ(ئۆزبېك) باشچىلىقىدا<تۈركىستان مىللىي كومىتېتى> ناملىق بىر تەشكىلات قۇرۇلۇپ، بۇ كومىتېتقا كەلگۈسىدە تۈركىستاننى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋە باشقا سالاھىيەتلەر بېرىلىدۇ. بۇ كومىتېت يەنە<مىللىي تۈركىستان >ناملىق ژۇرنال شۇنىڭدەك گېزىت چىقىرىپ، تۈركىستانلىقلار ئارىسىغا تارقاتقان. ھەر خىل تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تەييارلاپ، سوۋېت ئارمىيىسى جايلاشقان رايونلارغا ھاۋادىن تاشلىغان. بۇنىڭدا تۈركىستانلىقلارنى سوۋېتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش چاقىرىلغان.
    تۈركىستان قوشۇنىنىڭ ھەربىي فورمىسى گىتلېر ئارمىيىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەرقلىق تەرىپى، ئۇلارنىڭ يەڭلىرىگە باشتا< بىز ئاللاھ بىلەن > 1944-يىلىدىن كېيىن <تەڭرى بىز بىلەن>دېگەن خەتلەر يېزىلغان، ئاستىدا مەسچىتنىڭ سۈرىتى بار يېشىل بەلگىلەرنى تاقىغان. ئۇلارنىڭ بايرىقىنىڭ ئۈستى يېرىمى قىزىل ئاستى يېرىمى يېشىل بولۇپ، بۇ ئىككى رەڭنىڭ ئۈستىگە ئوق بىلەن يانىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.
    گىتلېر ،،سوۋېت رۇسىيىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكازىيە ۋە ئىدىل-ئۇرال بويلىرىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىن ، ئۇكرائىنىيە، بېلورۇسىيە قاتارلىق سلاۋىيانلارنىڭ مىللەتچىلىك ۋە كوممۇنىزمغا قارشى پىكىرلىرىدىن ھەمدە رۇسلار ئىچىدىكى كازاكلار ۋە باشقىلارنىڭ ستالىنغا قارشى ئىدىيىلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، بۇ مىللەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىش شوئارىنى كوتۈرۈپ چىقتى.
    1941-يىلى نويابىر ئېيىدىن ئېتىبارەن پولشادا مەخسۇس تۈركىستان قوشۇنلىرىنى تەييارلاش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ، ھەربىي مەشىقلەردىن كېيىن، تۇنجى قېتىم تۆت روتىدىن تۈزۈلگەن تۈركىستان پولكى قۇرۇلدى. بۇ قوشۇن ئالدى بىلەن 1942-يىلى ئاستراخان ئەتراپىدىكى جەڭلەرگە سېلىندى. بۇ چاغدىكى گىتلېرنىڭ پىلانى ئاستراخان رايونىنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق ، قازاقىستانغا يول ئېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلەش بولغان. ھەتتا يەنە ئەزەربەيجان ئارقىلىق تۈركمەنىستانغا تۈركىستان باتالىيونىنىڭ پاراشوتچى قىسىملىرىنى تاشلىماقچى بولغان. بىراق، كېيىن بۇ پىلان ئۆزگىرىپ كەتكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب ھەر خىل بولۇپ، بىرىنچىدىن ئىراندا سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ پائالىيەت قىلىشى بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا، يەنە ستالىنگراد ۋە موسكۋا جەڭلىرىدە گېرمان ئارمىيىسىنىڭ تارمار بولۇشى ھەمدە تۈركىستان پولكى تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئەسكەرلەرنىڭ يۈز ئۆرۇپ، رۇس پارتىزانلىرىغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ئىدى..
    گېرمانىيە 1941-يىلىدىن تاكى 1944-يىلىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەسىرلەردىن ئىلگىرى كېيىن 30 تۈركىستان باتالىيونى، بىر تۈركىستان پولكى ۋە 45 تۈركىستان روتىسى، ئاخىرىدا 162- تۈركىستان دىۋىزىيىسى قاتارلىق مۇنتىزىم ھەربىي قىسىملارنى قۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئادەم سانى 70 مىڭغا يەتكەن (بەزى مەلۇماتلاردا 100 مىڭدىن ئاشقان دېيىلىدۇ).

    داۋامى بار...
    [ manggutax تەرپىدىن 2008-06-07 11:51 قايتا تەھرىرلە ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    مەنزىل يىراق، ئاتلار ئۇرۇق، گېپىمىز چوڭ، ئىچىمىز قۇرۇق.
    | ۋاقتى : 2008-06-07 01:39 1 -قەۋەت
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    katil731
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 18503
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2560
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2560دانە
    شۆھرەت: 2494 نۇمۇر
    پۇل: 6496 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :439(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:1-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى

    كېيىنكى، ۋاقىتلاردا گىتلېر گېرمانىيىسى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن تۈركىستان قىسىملىرىنى ئەسلى پىلان بويىچە ئىشقا سالماي، ئۇلارنى يۇگوسلاۋىيە، ئىتالىيە ۋە سلوۋىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پارتىزانلارغا قارشى جەڭلەرگە ئەۋەتكەن ھەتتا تۈركىستان 162-دىۋىزىيىسىنى ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقچى ئارمىيىنىڭ نورماندىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا قارشى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە قويغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقچى دۆلەتلەر قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشقان بولسىمۇ، ئەمما تۈركۈملەپ قورال تاشلاپ، ئۇلارغا ئەسىرگە چۈشكەن.
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە گىتلېر گېرمانىيىسى ئۇلارنى پارتىزانلارنى باستۇرۇش، ئارقا سەپنى قوغداش، يول ياساش، ئارقا سەپ تەمىناتىنى يەتكۈزۈش، ئىشغال قىلىنغان جايلارنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش خىزمەتلىرىگە سېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلانغان.
    تۈركىستان باتالىيونلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ھەربىي فورمىسى، مىللىي بايرىقى بولۇپ، ھەر بىر باتالىيون ۋە روتىلارغا ئىماملارنى بېكىتىلگەن .ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىچە رۇخسەت قىلىنغان. قوشۇنلارنىڭ باش ئوفىتسېرلىرى گېرمانلاردىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، 162-تۈركىستان دىۋىزىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى گېنېرال مايور ئۇنۋانىدىكى گېرمان ئوفىتسېرى ئۈستىگە ئالغان. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تۈركىستان مىللىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ گېرمانىيىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمەسلىك خاھىشلىرى ھەمدە ھوقۇق تالىشىش قاتارلىق ئىختىلاپلار كېلىپ چىققان بولۇپ، مۇستاپا چوقاي گېرمانىيىنىڭ ئەسلىدىكى پىلانى بويىچە تۈركىستان قوشۇنلىرىنى تۈركىستان' غا ئەۋەتمەستىن بەلكى، باشقا جايلارنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشلىرىغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى خاراپلاشتۇرغانلىقىغا نارازى بولغان.
    بىراق، قازاقىستانلىق تارىخچىلار مۇستاپا چوقاي ھەققىدە يېڭى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، چوقاي 1940-يىلى گىتلېر گېرمانىيىسى فرانسىيىنى ئىشغال قىلغاندا، قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئەنگلىيە جاسۇسى سۈپىتىدە قارىلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، گۇناھسىز دەپ قارىلىپ قويۇپ بېرىلگەن. 1941-يىلى يازدا غەربىي سەپتىكى ئۇرۇشتا تارمار بولۇپ، ئەسىرگە چۈشكەن سوۋېت ئەسكەرلىرى ئارىسىدا نۇرغۇن ساندا ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەسكەرلەر بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ رۇسچە ۋە باشقا ياۋروپا تىللىرىنى بىلمەسلىكتەك ئەھۋالىنى كۆرگەن ناتسىستلار تەرجىمانغا مۇھتاج بولغان. چوقاي ، مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزلىكىدىن تەرجىمان بولۇپ، لاگېرلارغا بارغان ھەمدە لاگېرلاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ئەغىر ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ،ئۇلاردىن قوشۇن تۈزۈپ، سوۋېت تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش لايىھىسىنى تەييارلاپ، گىتلېر بۇنىڭغا قوشۇلغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆپ خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق ئەسىرلەر لاگىرىدىن 180 مىڭ ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ مەقسىتى ، بۇ ئەسىرلەرنى بىھۇدە ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش بولۇپ، ئۇلاردىن قوشۇن تۈزۈلۈپ، سوۋېت ئارمىيىسىگە قارشى جەڭ قىلىپ، قىرىلىپ كېتىشىنى خالىمىغان. ئەمما، ناتسىستلار ئۇنىڭ ئۈمىدىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، جىددىي ھالدا تۈركىستان قوشۇنىنى تۈزۈشكە كىرىشكەندە، چوقاي، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارقىلىق گىتلېرگە خەت يېزىپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۈركىستانلىقلاردىن قۇراشتۇرۇلغان بۇ قوشۇنلارنى پەقەت ئارقا سەپ ئىشلىرىغا سېلىش، ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش لىنىيىسىگە ئەۋەتمەسلىك ھەققىدە مۇستاپا چوقاي بىلەن كېلىشكەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.
    مۇستاپا چوقاي 1941-يىلى، 12-ئايدا زەھەرلىنىپ ئۆلگەندىن كېيىن، ۋەلى قەيۇم تۈركىستانلىقلارنىڭ رەھبىرى بولۇپ، مىللىي كومىتېتىنى باشقۇرغان شۇنىڭدەك تۈركىستان باتالىيونى رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.

    مۇستاپا چوقاينىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ گېرمانىيىنىڭ پىلانىغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن گېرمانىيە رازۋېتكىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن دېگەن قاراش. يەنە بىرى چوقايغا قارشى تۇرۇپ، گېرمانىيىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىش ئىدىيىسىنى ھىمايە قىلىدىغان ئۆزبېكلەرنىڭ ۋەكىلى ، ئەينى ۋاقىتتا مۇستاپا چوقاي بىلەن بىرلىكتە <ياش تۈركىستان> ژۇرنىلىنى نەشىر قىلغان ۋەلى قەيۇمخان تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دېگەن قاراشتۇر. ئەمما، تاكى ھازىرغىچە قايسى توغرا ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
    يەنە بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ھەقىقەتەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تۈركىستانلىقلار ئارىسىدىكى ھەر قايسى مىللەتتىن بولغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزارا زىددىيەتلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، تۈركمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم ھۆكۈمىتىنى تەسىس قىلىشنى، قازاقلار ئايرىم بولۇشنى تەلەپ قىلغان
    نەتىجىدە، بېرلىن دائىرىلىرى 1943-يىلى قازاقلاردىن ئايرىم <ئالاش>ناملىق ئورگان قۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىر قازاق كىشىنى مەسۇل قىلىپ، بىر گۇرۇپپا ئادەمنى پاراشوت بىلەن قازاقىستان دائىرىسىگە تاشلىغان. بۇلارنىڭ مەقسىدى خەلق ئىچىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، قازاقلارنى ستالىن تۈزۈمىگە قارشى قوزغاش ئىدى. بىراق، بۇ گۇرۇپپا تېزلىك بىلەن كگب قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
    بۇ جەرياندا تۈركىستان باتالىيونلىرىدا تۈركۈملەپ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە ۋە پارتىزانلارغا تەسلىم بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، بىراق تەسلىم بولغانلار شۇ ھامان ۋەتەن خائىنى سۈپىتىدە ئېتىپ تاشلانغان.بىر قىسىم تۈركىستانلىقلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىش تەقدىرلەشلەرگىمۇ ئېرىشكەن بولۇپ، گېرمانىيە باش قوماندانلىق شىتابى بىر قانچە تۈركىستانلىقنى ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلىغان.
    ئۇرۇشتىن كېيىن، تۈركىستان قوشۇنىنىڭ تەقدىرى پاجىئەلىك بولغان بولۇپ، رۇسلارغا ئەسىرگە چۈشكەنلىرى ئېتىپ تاشلانغان. ئەمما، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قوشۇنىغا ئەسىرگە چۈشكەنلىرىنىڭ تەقدىرى باشقىچىرەك بولۇپ ،ئۇلار بىر مەزگىل نورمال تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت ئاتا-ئانىلىرىدىن، ئائىلىرىدىن ئايرىلغان بىر قىسىم ساددا كۆڭۈل ئادەملەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈرلۈك ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىغا ئىشىنىپ، ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
    چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى چەتئەللەردىكى بۇ زور ساندىكى تۈرلۈك مىللەتلەردىن بولغان ئادەملەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ھىلە –نەيرەڭلەرنى ئويلاپ تېپىپ، ئۇلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرگە دوستلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، گېرمانىيە قوشۇنىدا خىزمەت قىلغان تۈركىستانلىقلار، رۇسلار، كاۋكازلىقلار، ئۇكرائىنلار ۋە باشقىلارغا ستالىننىڭ ئۇلارنى كەچۈرگەنلىكىنى، ۋەتەننىڭ ھەمدە ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان ھەتتا ئىلگىرى قايتىپ بارغانلارنى پويېز ئىستانسىلىرىدا ۋەتەن خەلقىنىڭ قانداق داغدۇغا بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كىنو لېنتىلىرى ۋە سۈرەتلەرنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ۋەتەنسىز قالغان كىشىلەرگە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرىۋەتكەن. نەتىجىدە، مەزكۇر سۈپكەشلىك ئويۇنغا ئىشەنگەن سانسىزلىغان تۈركىستانلىقلار، گېنېرال ۋلاسوپنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى جەڭ قىلغان<رۇس ئازادلىق ئارمىيىسى>نىڭ جەڭچىلىرى ۋە باشقىلا ۋەتىنىگە قايتىپ، چېگىرىدىن كىرىشى بىلەنلا كگب خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېتىپ تاشلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن يەنە، ئىتتىپاقچى دۆلەتلەردىن سابىق سوۋېت پۇقرالىرى ھېسابلانغان بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە كۆپ ساندىكى كىشىلەر قايتۇرۇلغان. ئەنە شۇنداق يول بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ پاجىئەلىك قىسمەتكە دۇچار بولغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى.مەلۇماتلارغا قارىغاندا بىر قازاقىستاندىلا ئەنە شۇنداق يول بىلەن قايتىپ كەلگەن تۈركىستان باتالىيونىنىڭ جەڭچىلىرىدىن 600 دىن ئارتۇق ئادەمگە ھەربىي سوت ئۆلۈم ھۆكۈم قىلغان ئىكەن.
    تۈركىستانچىلار ئىچىدە تەلىيى ئوڭلىرى- ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقچى ئارمىيىگە ئەسىرگە چۈشكەنلىرى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى موسكۋا ھۇكۈمىتىگە قايتۇرمىغان. نەتىجىدە، بىر قىسىم كىشىلەر گېرمانىيىدە ئۆيلىنىش يولىنى تۇتقان، بىر قىسىملىرى تۈركىيىگە ۋە باشقا ياۋروپا مەملىكەتلىرىگە كېتىۋالغان، ئاز ساندىكىلىرى ئامېرىكىغا كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ پاناھلىقىغا ئېرىشكەن.
    تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا گىتلېر گېرمانىيىسى ئەينى ۋاقىتتا، رۇسلارغا سوۋېت كوممۇنىست تۈزۈمىنى يوقىتىپ،مۇستەقىل ئەركىن رۇسىيە قۇرۇپ بېرىمىز دەپ ۋەدە بەرسە، رۇس ئەمەس مىللەتلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كاۋكازىيە، بېلورۇسىيە، ئۇكرائىنىيىنى ھەمدە ۋولگا-ئۇرال بويلىرىنى شۇنىڭدەك تۈركىستاننى ئايرىپ چىقىرىپ، بۇ جايلاردا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ گېرمانىيەنىڭ ھامىلىقىدىكى دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. گېرمانىيىنىڭ بۇ پىلانىغا ئىشەنگەن كۇپلىگەن ستالىن تۈزۈمىگە قارشى رۇسلار ، ئۇكرائىنلار، بېلورۇسلار، ئازەربەيجانلار، گرۇزىنلار، ئەرمەنلەر، قالماقلار، تاتارلار، باشقىرىتلار ۋە باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە ستالىننىڭ ۋەھشىلىكىدىن نارازى بولغان مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گېرمانىيە تەشكىللىگەن قوشۇنلارغا ئىشتىراك قىلغان. گېرمانىيە فاشىست ھۆكۈمىتى بۇنداق قوشۇنلارنى <ياردەمچىلەر >دەپ ئاتىغان بولۇپ، 1941-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدە ئۇرۇش قىلغان سوۋېت پۇقرالىرىنىڭ سانى 1 يېرىم مىليوندىن 2 مىليونغىچە بولغان ئىكەن.
    گېرمانىيە بۇ جەرياندا يەنە تۈركىستانلىقلاردىن باشقا، ئازەربەيجانلاردىن 12 باتالىيون، قالماقلارىن 2 پولك، ۋولگا تاتارلىرىدىن 4 باتالىئون، ئەرمەنلەردىن 9 باتالىيون، گرۇزىنلاردىن 12 باتالىيون ۋە 6 كازاك پولكى ھەمدە ئاخىرىدا موسكۋا جەڭ مەيدانىدا گېرمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، ستالىن تۈزۈمىنى يوقىتىش شوئارى بىلەن گېرمانلارنىڭ ھامىلىقىغا ئېرىشكەن سوۋېت ئىتتىپاقى گېنېرال لېيتېنانتى ۋلاسوپنىڭ <رۇس ئازادلىق ئارمىيىسى>نىڭ بىر كورپۇس قوشۇن تەشكىللىگەن بولۇپ، ستالىنگرادا جەڭ مەيدانىدا جەڭ قىلغان گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمىنى گېرمانىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىرى تەشكىل قىلغان ئىكەن.

    ئەنە شۇنداق ،قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز،تۈركمەن، ئەزەرى ، تاتار، ئۇيغۇر، قۇمۇق، قاراچاي، قاراپ قالپاق، بالقار، نوغاي قاتارلىق ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى گىتلېرگە قارشى جەڭ مەيدانلىرىغا ئېلىپ كېلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، قىممەتلىك ھاياتلىرىدىن ئايرىلدى. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەنە شۇ خەلقلەرنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ <تۈركىستان قۇرۇش> شوئارى ئاستىدا سوۋېتلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىككى خىل مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلدى، بىر-بىرىنىڭ قانلىرىنى تۆكتى. ئاقىۋەتتە سوۋېتلەر تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغانلار غالىبلار ئاتىلىپ مەيدىلىرىگە ئوردېن-مېداللىرىنى تاقاشتى ھەمدە چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشنى خالىماي، ۋەتىنىگە قايتقان ئەشۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئېتىپ تاشلىدى. مېنىنچە بۇ كۆپىنچە ئاجىز، مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ئورتاق قىسمىتى بولسا كېرەك؟. ئەركىنلىكى يوق قىلىنغان مىللەتلەر دائىم ئەنە شۇنداق ئويۇنچۇق بولىدۇ. شۇنداق ھەقىقەت باركى، بەزىدە ئەسلى ئوخشاش نىيەتتىكى، ئوخشاش قەلبتىكى بىر مىللەت ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ، بىر-بىرىنى قىرىدىغان، ئۆز ئىچىدىكى پەرقلەرنى زىددىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئەشۇ مىللەتنىڭ ئورتاق رەقىپلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆز ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىدىغان ئىشلار بولىدۇ. ئەلۋەتتە، تۈركىستان ئارمىيىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان جەڭچىلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىنى گىتلېر فاشىزىم ئىدىئولوگىيىسى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز ۋەتىنى ھەم قېرىنداشلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن توغرا دەپ تاللىغان ئەشۇ ئورتاق <تۈركىستان > غايىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.
    ~~~~~~~~~~~~~~~
    (داۋامى)


    بەدەل ۋە مۇكاپات

    رەسمىي سانلىق مەلۇمات بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابلىغاندا، تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1 مىليون 200 مىڭ ئەتراپىدا. ئەگەردە يارىدارلىنىپ ۋە مېيىپ بولۇپ ھايات قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇرۇش جاراھەتلىرى سەۋەبىدىن تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلگەنلەر، ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلار، ئەسىرلەر لاگېرلىرىدا ئۆلگەنلەر شۇنىڭدەك ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى بىلەن كېسەللىك، ئاچارچىلىق ھەم باشقا تۇرلۇك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەن پۇقرالارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، 2- جاھان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان تۇركىيلەرنىڭ سانى تەخمىنەن ئىككى -ئۇچ مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بەلكى، ھېچ بولمىغاندا 27 مىليون سوۋېت پۇقراسىنىڭ تەخمىنەن بەش مىليونىنى تۈركىي مىللەتلەر ۋەكىللىرى دەپ پەرەز قىلساقمۇ خاتا بولماس.

    ئەينى ۋاقىتتا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردە مەلۇم ساندا رۇسلارنى ئاساس قىلغان سلاۋىيان مىللەتلىرىدىن باشقا ھەر قايسى مىللەت ۋەكىللىرى بار بولسىمۇ، بىراق، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالە يەنىلا يەرلىك خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى يەرلىك مىللەتلەر پەرزەنتلىرى ئىگىلىگەن.

    ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ سانى 30 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئىدىل-ئۇرال ۋە كاۋكازىيىدىكى تاتارلار، قۇمۇقلار، باشقۇرتلار، چۇۋاشلار، بالقارلار، نوغايلار، قاراچايلار ھەم باشقىلارنىڭمۇ كۆپلىگەن ئوغۇل-قىزلىرى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆلگەن.

    2-جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن تۈركىيلەرنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى مەزكۇر يوقىتىشى بىر پۈتۈن تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى ۋە تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاساسەن ياشلار ئىدى. ئەگەر، بۇ چىقىم بولمىغان بولسا، بۇگۈنكى كۈندە تۈركىي خەلقلەرنىڭ نوپۇسى تېخىمۇ كوپ بولۇشى تەبىئىي ئىدى./

    تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن يىراق ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلىشىشىغا قارىماي، ئۆزلىرىنى بىر ئەسىرگە يېقىن قۇل قىلغان مۇنداق بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۈردە ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىلىشى، ئۇلارنى 2-جاھان ئۇرۇشىنىڭ زەردابىنى چەككەن پۈتۈن ئىنسانىيەت بىلەن تەقدىرداش قىلدى.
    قىزىق يېرى شۇكى، پۈتۈن تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ھەربىي خادىملىرى ئىچىدە ئوردېن-مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى رۇسلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، رۇسىيە الىمى يوسىىف كرېمېنتسكىينىڭ قارىشىچە رۇسلار 66،49 %نى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇكرائىنلار 18،43%، بېلارۇسلار، 3.35%، تاتارلار،1،88%، يەھۇدىيلار 1.73%، قازاقلار 1.04%نى تەشكىل قىلغان . مەزكۇر سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن بارغانلار ئىچىدە ئۆزبېكلەر ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولسىمۇ، بىراق تەقدىرلەنگەنلەرنىڭ سانى جەھەتتە ئالدىنقى قاتارغا كىرەلمىگەن. ئەلۋەتتە، بۇلاردىن باشقا يەنە قىرغىزلار، تۈركمەنلەر، تاجىكلار، ئۇيغۇرلار، قارا قالپاقلار، قۇمۇقلار ۋە باشقىلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرلىنىش سانى ئاز بولغان.
    لېكىن، ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بويىچە ئالغاندا، ئەڭ ئالىي "سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى" نامى 11618 ئادەمگە بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى رۇسلاردۇر. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ نىسبىتى رۇسلار ۋە باشقا سلاۋىيانلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاز بولۇپ، 11618 قەھرىماننىڭ ئاران 96 نەپىرى قازاق، 69 نەپىرى ئۆزبېك، 18 نەپىرى تۈركمەن، 14 نەپىرى تاجىك، 12 نەپىرى قىرغىز، تۆت نەپىرى ئۇيغۇردۇر. ئەكسىنچە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۇرۇشقا بارغان رۇسلارنىڭ ئىچىدە "سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى" نامغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى يەرلىك مىللەتلەردىن كۆپرەك بولغان.
    ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىشىدا ئوينىغان رولى ئىنتايىن زور بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇھىم ئارقا سەپلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى 142 زاۋۇت قازاقىستانغا كۆچۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇرۇش ئايروپلانلىرىنى ھەم باشقا ھەربىي قورال-ياراقلارنى ئىشلەيدىغان زاۋۇتلار ئۆزبېكىستان ۋە باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلدى.( قازاقىستان ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە.)
    ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۇرۇشقا يارىغۇدەك ئەر-ئاياللىرى ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلسا، قەرى-چۆرىلەر، ئاياللار، مېيىپلار ھەتتا بالىلارغىچە ھەر كۈنى 11 ھەتتا 14 سائەتلەپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ، جەڭچىلەرنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ئۆزبېكىستان سانسىزلىغان ئۇرۇش مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلدى. رۇسىيىنىڭ ياۋروپا قىسمىدا ئاتا-ئانىلىرى ئۇرۇشتا ئۆلگەن سانسىزلىغان يېتىم بالىلار ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەپ كېلىنىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ بېقىشىغا تاپشۇردى. ئەينى ۋاقىتتا ھەتتا بىر ئۇيغۇر ئايال ھەر مىللەتتىن بولغان 14 بالىنى بېقىۋېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا داڭ چىقارغان ئىدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا يەنە ستالىننىڭ ۋولگا دەرياسى بويى ۋە كاۋكازىيىدىكى بالقار، قاراچاي-چەركەس، نوغاي، چېچەن، ئىنگۇش ، قىرىم تاتارلىرى، قالماق ۋە باشقا خەلقلەرنى گېرمانىيە ئۇچۇن خىزمەت قىلدى دەپ سۇرگۇن قىلغان ماكانغا ئايلانغان ئىدى.


    تۆنۈگۈنكى <خائىنلار> ، بۈگۈنكى كۈندىكى قەھرىمانلار

    سوۋېتلەر يىمىرىلگەندىن كېيىن، يېڭى مۇستەقىل بولغان بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى ۋەتەن ئۇرۇشىغا ھەمدە ئۆزلىرىدىن چىققان، گىتلېرنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى مۇستەقىل قىلىمىز دېگەن مەۋقەدىكى ئەشۇ كىشىلەرگە قانداق باھا بېرىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن 70 يىل دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىنغان مۇستاپا چوقاينىڭ نامىنى ئاقلاپ،ئاخىرى ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مۇستاپا چوقاي بۈگۈنكى قازاق مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. يېقىندا قازاقىستان دۆلەتلىك كىنو ستۇدىيىسى "مۇستاپا چوقاي" ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئېلىپ پۈتتۈردى. مەزكۇر فىلىم قازاقىستان، پارىج قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، فىلىم ۋەقەلىكى ئاساسلىقى چوقاينىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي كۈندىلىك خاتىرىسى ھەم ئايالىنىڭ قالدۇرغان خاتىرىسى ۋە باشقا ماتېرىياللار ئاساسىدا يېزىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى 70 يىل دۈشمەن تەرىقىسىدە چەكلىگەن مەزكۇر شەخس ئاخىرىدا بۈگۈنكى كۈندە كىنو ئېكرانى ئارقىلىق جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن شۇنىڭدەك فىلىمدە مۇستاپا چوقاي قانداقتۇر، گىتلېر فاشىزىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شەخس ئەمەس، بەلكى، 180 مىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈركىي ئىنسانلىرىنىڭ ھاياتىنى گىتلېر لاگېرلىرىدىكى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغان ھەمدە ئۇلارنى مۇستەقىللىق غايىسىگە يېتەكلىگەن شەخس سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

    سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، تۈركىستان ئارمىيىسى ئىچىدىكى ھايات قالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا بولسىمۇ، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراقلىرىنى قۇچاقلاپ سۆيۈشكە مۇيەسسەر بولالىدى. ئەپسۇسكى، ئۆزىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ ھەقىقى ئوغلى، تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭ جەڭگىۋار ھېسابلىغان ئاتاقلىق ئالىم، دوكتور باي مىرزا ھېيت 50 يىل ئايرىلغان ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن قايتىدىن ئەبەدىيلىك سەرگەردان بولۇشقا بۇيرۇلدى.چۈنكى، ئۇ ئىلگىرى ستالىننى سۆكۈپ، ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلغان بولسا، بۇ قېتىم 70 يىللىق سوۋېت تۈزۈمىنىڭ ھامىيسى بولغان كەرىموپنى تەنقىت قىلغان ئىدى. باي مىرزا ھېيت 90 ياش ئۆمۈر كۆرۈپ، يەنىلا شۇ گېرمانىيە تۇپرىقىغا دەپنە قىلىندى.
    قازاقىستان، رۇسىيە ، ئەزەربەيجان ۋە باشقا دۆلەتلەردە گىتلېر گېرمانىيىسى تەشكىللىگەن بۇ قوشۇنلار ھەققىدە نەچچە ئونلىغان كىتابلار يېزىلدى، يۈزلىگەن ماقالىلار ۋە باشقا ئەسەرلەر يەزىدى. ھەتتا رۇسىيىدە يېقىندىن بۇيان ئىشلىنىۋاتقان ۋەتەن ئۇرۇشىغا ئائىت كىنولاردىمۇ، گېرمانىيە تەشكىللىگەن گېنېرال ۋلاسوفنىڭ رۇس ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كىملىكى، نېمە ئۇچۇن بۇ كىشىلەرنىڭ سېۋەتلەرگە قارشى گىتلېر تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغانلىقى تېما قىلىنغان ۋەقەلىكلەرمۇ كورۇلۇشكە باشلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دەپتۇدەك ئەسلى سوۋىت گېنېرالى بولغان ۋلاسوفنىڭ تەسلىم بولۇپ، قايتىدىن ئەسىرگە چۈشكەن رۇسلاردىن قوشۇن تەشكىللەپ، قىزىل ئارمىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ سوۋىت ۋە كوممۇنىست تۇزۇمى ، جۈملىدىن ستالىن تۇزۇمىنى يوقىتىپ، يېڭىچە رۇسىيە قۇرۇش دەپ چۇشەندۇرۇلدى. بولۇپمۇ ستالىننىڭ سوۋىت خەلقىغە قىلغان قىرغىنچىلىقى، دەھشەتلىك زۇلۇمنىڭ كۆپلىگەن رۇس كىشىلىرىدە سوۋېت تۈزۈمىگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك پەيدا قىلغانلىقى چۇشەندۇرۇلدى.
    تارىخ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەردە ئەينى ۋاقىتتا گىتلېرنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنى يوقىتىپ، ياۋرو-ئاسىيا خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىش پىلانى ئەمەلگە ئاشقان بولسا، بۇگۈنكى دۇنيا قانداق بولار ئىدى؟ گىتلېر قورال كۈچى بىلەن يوقىتالمىغان سوۋىت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ مۇستەبىتلىكى بىلەن ئاخىر ئوز بېشىنى يەپ، يوقالدى، يەتمىش يىللىق دۆلەت پارچىلىنىپ، 15 دۆلەتكە بۆلۇندى. گەرچە گىتلېرنىڭ پىلانى بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرلەشتۈرۈلگەن بۇيۈك تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلمىسىمۇ، ئەمما، ئەشۇ پىلان ئۇچۇن ئۇرۇش قىلغان ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۇركمەنلەرنىڭ ئايرىم مىللىي مۇستەقىل دۆلەتلىرى مەيدانغا كەلدى. گىتلېر پارچىلىماقچى بولغان غەربىي سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنلىرى ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە ۋە باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئايرىلدى. قارىغاندا، تارىخ ئادىل سوتچىدۇر، ئوز نۆۋىتى كەلگەندە ھەر قانداق مانا مەن دېگەن قۇدرەتلىك ئىمپەرىيىلەرمۇ ئۆزلىكىدىن ۋەيران بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. باشقىلارنى بوزەك قىلىش، قۇل قىلىش، يوقىتىشنى نىيەت قىلغان ھەمدە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ھەر قانداق بىر كۇچنىڭ ئاقىۋىتى گىتلېرنىڭ ئىرقىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئىمپېرىيىسى ۋە ياكى مۇستەبىت سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ئاقىۋەتكە قېلىشى تارىخنىڭ ئادىل ھۆكمى بولسا كېرەك. ئۇيغۇرلاردىكى "نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۇك" دېگەن ماقال دۇنيادىكى خېلى كۆپ خەلقلەرگە ئورتاق !
    قىسقىسى، ئۇكرائىنىيە، رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا ۋە باشقا مەملىكەتلەردە 60 يىلدىن بۇيان سوۋېت تۇزۇمى قارىلاپ كەلگەن نۇرغۇن شەخسلەر ۋە تارىخىي ۋەقەلەر باشقىچە باھاغا ئېرىشتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەزىرىدىكى "خائىنلار" ، بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەن مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۇچۇن كۆرەش قىلغان قەھرىمانلار بولۇپ باھالاندى. ھەتتا ئەستونىيىدىكى سوۋېت ئازادلىق جەڭچىسىنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئەلىپ تاشلىنىش ۋەقەسى رۇسىيە-ئېستونىيە مۇناسىۋەتلىرىدە سوغاقچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پولشا ھۆكۈمىتى بولسا 1939-يىلى گەرمانىيىدىن يەڭگىلى سوۋېت چېگرىسىغا چېكىنگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق پولشا ھەربىي خادىمىنىڭ كاتىن ئورمانلىقىدا سوۋېت ئىتتىپاقى نكۋد سى تەرىپىدىن ئەتىپ ۋە تىرىك كۆمۇپ ئولتۇرۇلگەنلىكى شۇنىڭدەك ستالىننىڭ گىتلېر بىلەن پۇتۇشۇپ، پولشا ئارمىيىسىگە ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغاپ، گىتلېر ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە مەغلۇپ قىلغانلىقىنى پاش قىلىپ، بۇگۈنكى رۇسىيە ھوكۇمىتىدىن ئارخىپلارنى تەلەپ قىلدى. چېخ، سلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە پولشا ۋە باشقا شەرقىي ياۋروپا جۇمھۇرىيەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنى ئازاد قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى قايتا بېسىۋالغۇچىلار دەپ ئەيىبلىدى.
    بەلكى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئۆزىنىڭ بۇگۈنكى كۈندە تەكىتلەۋاتقان مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرى ستالىن دەۋرىدە ۋە ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قانداق بىر مەزگىلىدە ئېيتقان بولسا، ئۇ ئاللىقاچان ئېتىلغان ھەم " پانتۇركىست"، " خائىن" ئاتالغان بولار ئىدى. ئۆتكەن ئەسىردىكى قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇستاپا چوقاي بىلەن 21-ئەسىردىكى قازاق مىللىتىدىن بولغان نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ غايىسىدە قانچىلىك ئورتاقلىقلار ۋە قانچىلىك پەرقلەر مەۋجۇت؟.مېنىڭچە ، ئۇلارنىڭ پەرقى شۇكى، بىرسى زۇلۇم ئاستىدىكى ، ئەركسىز مىللەتنىڭ ۋەكىلى بولسا، يەنە بىرىنىڭ ئەركىن مۇستەقىل مىللەت ھەم دۆلەتنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىدەدۇر. شۇڭا بۇگۈنكى نازاربايېۋ دەۋرىدە قازاقلارنىڭ چوقاي ھەققىدە كىنو ئىشلىشى تەسادىپىي ئەمەس. ئەگەر شۇنداق تەلەي باشقىمۇ ئەسىر مىللەتكە نېسىپ بولسا، قانچىلىغان تارىخلار قايتا يېزىلار؟
    ئومۇمەن، قىلىپ، ئېيتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى نۆۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىن قۇتۇلغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دۆلەتچىلىك ئىدېئولوگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ، بۇ ئۇرۇشقا قايتىدىن باھا بېرىشكە دۇچ كەلمەكتە. يېقىن كەلگۈسى ئىچىدە يەنە قانداق باھالار بېرىلىدۇ؟ ،ئۇنى ئەمەلىي ئەھۋال بەلگىلەيدۇ ۋە كۆرسىتىدۇ. 2‏- جاھان ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى خاتىرلىنىۋاتقان شۇنىڭدەك يېڭى چوڭ مىللەتچىلىكلەر باش كۆتۇرىۋاتقان بۇ كۇنلەردە ئۇيغۇر قاتارلىق تۇركىي خەلقلەرنىڭ بەرگەن قۇربانلىرىنى ئەسلەش زۆرۇر بولسا كېرەك ؟!



    ئاساسلىق پايدىلانغان ماتېرىياللار

    ۋ. سىدىروۋ. ۋ. كرزھۇكوۋ . يەنە بىر تەرەپتىكى رۇسلار . بوياقلاردىكى رۇسىيە مەجمۇئەسى. 2004-يىلى، ئاۋغۇست. ( رۇسچە)

    يوسىف كرەمەنەتسكىي. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىيلار ئامىلى ( رۇسچە)

    نەبىجان تۇرسۇن، موسكۋا خىياللىرى، 1995-1996-يىللىرى، تەڭرى تاغ جۇرنىلى ۋە 1998-يىلى، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، قوشما سان. ئاق ساراي خىياللىرى .ئەلان قىلىنمىغان نۇسخا.

    مەشھۇر روزىيېۋ، قايتا تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى. ئالمۇتا، 1976-يىلى. ( رۇسچە)

    ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى قازاقىستان . <<ۋۋۋ.كازاكھستان.ئاۋد. كز >>

    فەرۇزا جانى. قازاقىستاننىڭ ، مۇستاپا چوقاي ھەققىدىكى فىلىمى بۇگۈنكى قازاقىستان ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى پۇتۇن مەركىزىي ئاسىيا رايونى ئۇچۇندۇر. فەرغان ئاگەنتلىقى. فەرغانا.رۇ ( رۇسچە)

    ئەسقەر ئومەروۋ، تاھىر ئادىلوۋ . تۇركىستان قوشۇنى، ناش مىر گەزىتى، قازاقىستان. 2007. 7-سەنتەبىر ( رۇسچە)
    ب.سادىقوۋا . ھوججەتلەر بويىچە تۇركىستان قوشۇنىنىڭ تارىخى . قازاقىستاندىكى كونتنەنت جۇرنىلىنىڭ ئىنتەرنەت نۇسخىسى. (رۇسچە) <<http://www.continent.kz/library/turkestan_legions/content.htm>>
    ۋىكەپەدىئا قامۇسىدىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا ئائىت مەلۇماتلار ۋە باشقا ئەسەرلەر
    بۇلاردىن باشقا ھەر ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ئاگەنتلىقى، پەرغانا ئۇچۇر ئاگەنتلىقى ۋە رۇسىيە، جۇڭگو ھەم غەرب دولەتلىرىنىڭ ئىنتەرنەت تورلىرىدىكى تەمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ماقالىلاردىن پايدىلىندى.

    (تۇگىدى)
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(manggutax)
  • ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    مەنزىل يىراق، ئاتلار ئۇرۇق، گېپىمىز چوڭ، ئىچىمىز قۇرۇق.
    | ۋاقتى : 2008-06-07 01:39 2 -قەۋەت
    ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
    totem
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


    UID نۇمۇرى : 13600
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 2922
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2922دانە
    شۆھرەت: 2371 نۇمۇر
    پۇل: 3936 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :890(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:1-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى

    بوستان مۇنبىرىدىن «موسكىۋا خىياللېرى»نىڭ داۋامى بولغان 4-5 پارچە ماقالىسىنى بۇرۇن كۆرگەن ئىدى،ئۇلانما ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قۇياي دىسەم «بۇستان»مۇنازىرە بېتىنى باشقا شەكىلگە ئۆزگەرتىپ تاشلاپتۇ.   ئىنكاسلېرىمنى ئاختۇرسام تامغا بىسىپ قويغان ماقاللېرىم بىرسىمۇ يوق.  
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
     روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
    | ۋاقتى : 2008-06-07 01:56 3 -قەۋەت
    خەنجەر
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24010
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 218
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە218دانە
    شۆھرەت: 223 نۇمۇر
    پۇل: 795 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :68(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-11
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:1-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى

          بۇنداق مۇھىم تارىختىن  تور يۈزىدە ئالدى بىلەن خەۋەردار بولغىنىمدىن خۇشال بولدۇم . شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تېمىنى ئەجىر قىلىپ يوللىغان قاتىلغا رەخمەت ئېيتىمەن .
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقتۇر .
    | ۋاقتى : 2008-06-07 01:58 4 -قەۋەت
    dilyar123
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27181
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 119 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-08
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:1-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى

    ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ ... رەھمەت سىزگە....
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-07 03:10 5 -قەۋەت
    sertlan
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25991
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 277
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە277دانە
    شۆھرەت: 282 نۇمۇر
    پۇل: 1186 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :138(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:1-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى

    رەىمەت  قىرىندىشىم ياخشى  تىما ئىككەن
    چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
    | ۋاقتى : 2008-06-07 07:07 6 -قەۋەت
    keran
    دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8263
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 823
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە823دانە
    شۆھرەت: 245 نۇمۇر
    پۇل: 1421 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :44(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:1-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى

    كوردۇم
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-07 10:19 7 -قەۋەت
    $$ecw$$
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23981
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 121
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە121دانە
    شۆھرەت: 134 نۇمۇر
    پۇل: 641 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :92(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:1-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى

    تارىخ ، گويا راستنى راست، يالغاننى يالغان دەۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ.
    ئۇلارغا خاتىرلەنگەننىڭ كۆپ قىسىم مەزمۇنى خاتالىقلار بىلەن تۇلۇپ كەتكەن بىر خىل خاتىرە.خاتىرلەنگەننىڭ تولىسى ئەرزىمەس ئشلار.شۇنداقلا بۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر ئارىسىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇتتەھەملەر.ئەسكەرلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ھاماقەتلەر 
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-06-07 10:38 8 -قەۋەت
    arkintug
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27596
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 240
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە240دانە
    شۆھرەت: 250 نۇمۇر
    پۇل: 984 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :139(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:1-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى

    بۇننىڭغا ئوخشاش ئىبىرەتلىك تارىخ سەھىپىلىرنى ۋاراقلىساق قەلىب لەختە- لەختە بولۇپ كېتىدۇ  
    بىز ھازىرمۇ بۇ ئىبىرەتلىك تارىخ سەھپىلىرنى بۆگۈنكى تۇرمۇشىمىزغا ئىبىرەت قىلمايۋاتىمىز. دېمەكچىمەن، ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى چېچىلاڭغۇلۇق، ئىدىيە قاتماللىقى ھازىرغىچە سۈپۈرلۈپ تاشلانمىغاچ، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئىناق جەمىئەت قۇرۇش،مىللەتلەر باراۋەرلىك سىياسىتىنى توغرا قۇبۇل قىلالماي، دەۋىرنىڭ كەينىدە سۆرۈلۈپ قېلىش خائىشى ساقلىنىۋاتىدۇ.  
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ئەركىن
    | ۋاقتى : 2008-06-07 10:59 9 -قەۋەت
    دىلكار
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24439
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 241
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە241دانە
    شۆھرەت: 241 نۇمۇر
    پۇل: 910 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :225(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:1-دۇنيا ئۇرۇشى- ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ پاجىئەسى

    تېمىنىڭ ماۋزۇسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى-ئۇيغۇر قاتارلىق    تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ  پاجىئەسى  ...بولىشى كىرەكمۇ-قانداق......................
    ياخشى تېمىكەن ......ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت...
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ..
    | ۋاقتى : 2008-06-07 11:30 10 -قەۋەت
    napaliyon
    دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 31189
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 46
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە46دانە
    شۆھرەت: 46 نۇمۇر
    پۇل: 238 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-07 15:35 11 -قەۋەت
    水晶苹果
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31765
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
    شۆھرەت: 6 نۇمۇر
    پۇل: 118 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      ھەقىقەتەن جاپا چىكىپسىز ، گەرچە مەن تارىخقا ھەقىقي ئىشەنمىسەممۇ ، لېكىن يەنىلا تارىخى تىمىلارنى كۆرۈشكە قىزىقىمەن . مەن يۈقارقى تىمىدا تىلغا ئېلىنغان ، ئازاتلىق ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ھەقىقەتەن قايغۇرۋاتىمەن . 
      مۇشۇنداق تىمىلارنى يانا يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. 
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-07 15:48 12 -قەۋەت
    moyonqur
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25978
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 122 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-10
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ دەپ يۈرىۋىرەمىزمۇ؟
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-06-07 16:03 13 -قەۋەت
    katel2
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32219
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 25
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
    شۆھرەت: 25 نۇمۇر
    پۇل: 175 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-09
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ ...           
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    | ۋاقتى : 2008-06-07 16:51 14 -قەۋەت
    abls
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22538
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
    شۆھرەت: 26 نۇمۇر
    پۇل: 230 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆك تۇرىكنىڭ دائېرى مۇستافا شوقاي
    [ abls تەرپىدىن 2008-06-07 19:39 قايتا تەھرىرلەنگەن ]
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-07 17:23 15 -قەۋەت
    abls
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22538
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
    شۆھرەت: 26 نۇمۇر
    پۇل: 230 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    نيمىسلارنىڭ لاگىرىدىن نەچشىمىڭ تۇرىك قەۋىمىنى ئامان ئاپقالغان مۇستاپا شوقاي..........
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    | ۋاقتى : 2008-06-07 17:27 16 -قەۋەت
    maptun
    دەرىجىسى : ئالى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15797
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1417
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1417دانە
    شۆھرەت: 762 نۇمۇر
    پۇل: 3315 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :288(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      ھەقىقەتەن جاپا چىكىپسىز ، تارىخى تىمىلارنى كۆرۈشكە قىزىقىمەن . تارىخشۇناس قاتېل ئەپەندىمنىڭ قوللىرى ھارمىغاي...  
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    ھورۇننىڭ غېمى جىق،ئىشچاننىڭ نېنى جىق.............
    | ۋاقتى : 2008-06-07 17:51 17 -قەۋەت
    jang^giwar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22640
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە30دانە
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    پۇل: 221 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تېما شەبنەمدىمۇ ئېلان قىلىنغاندەك ئېسىمدە ` 1!
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-07 21:21 18 -قەۋەت
    sanatsuyar
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24139
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 295
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە295دانە
    شۆھرەت: 295 نۇمۇر
    پۇل: 998 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنچە جەڭگە قاتنىشىپ نېمە پايدىغا ئېرىشەلىدۇق؟ ئاخىرقى ھېسابتا پايدىغا ئېرىشكىنى يەنىلا باشقىلار... ئېسىت قۇربان بولغان ئوغۇل-قىزلىرىمىز......
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    ۋاقىت غەنىمەت~!
    | ۋاقتى : 2008-06-07 21:48 19 -قەۋەت
    孤独美女
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31313
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    پۇل: 115 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت سىزگە،بۇنداق تارىخلارنى ۋاراقلىساق يەنە قانچىلىك ئىچىنارمىز؟ قايسى دانا تارىخنى ھوكۈمران مىللەت ھوكۈمران بولغۇچىنىڭ دۇمبىسىگە يازىدۇ ...دىگەن بولغىيتى؟؟ اللا بەندىللىرىنى ئۆز پاناھدا ساقلىغاي...
    مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-06-07 23:16 20 -قەۋەت
    karegay
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24869
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 186
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە186دانە
    شۆھرەت: 223 نۇمۇر
    پۇل: 723 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :43(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن بەك ياخشى تېمىكەن ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىكەن !
    ئۆز _ ئۆزىمىزنى تونۇشتىكى زۆرۈر ئوقۇشلۇق دېسىمۇ بولغۇدەك ، مەن مۇشۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخقا بەك قىزىقىمەن ! ھەقىقەتەن بەك جاپا تارتىپسىز رەھمەت !
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ھېلى كەلمىگەنلەر بۇندىن بىخەۋەر ،
    خەۋەر تېپىپ قالسا گەر كەلمەس ئىدى ھەم .
    | ۋاقتى : 2008-06-08 11:57 21 -قەۋەت
    alipoguz
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31835
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە19دانە
    شۆھرەت: 19 نۇمۇر
    پۇل: 199 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھامان زەربىگە ئۇچرايدىغانلار ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغانلار
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    | ۋاقتى : 2008-06-08 15:25 22 -قەۋەت
    arkaksu66
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : جەلىپكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20449
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 373
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە373دانە
    شۆھرەت: 433 نۇمۇر
    پۇل: 501 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :56(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى تېمىكەن ......ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت...
    « ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    تەن ساقلىق --- زور بايلىق~!
    | ۋاقتى : 2008-06-08 16:23 23 -قەۋەت
    90uygur
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 31208
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 79
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە79دانە
    شۆھرەت: 79 نۇمۇر
    پۇل: 337 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

               
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    مەن ھاياتنى سۈيىمەن .
    | ۋاقتى : 2008-06-08 21:13 24 -قەۋەت
    manas689
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 26501
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 82
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە82دانە
    شۆھرەت: 82 نۇمۇر
    پۇل: 363 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قازاقتان 350مىڭ ادام ۋاپات بولغان.
    ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
    | ۋاقتى : 2008-06-09 11:39 25 -قەۋەت
    wakxibora
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 15
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
    شۆھرەت: 15 نۇمۇر
    پۇل: 145 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئۆزىمىز سەۋەپچى`!~بىز مۇ باشقىلاردەك نوچى بولغان بولساق ۋوتەنسز بىز بولمىغان بولاتتۇق~!~باشقىلارنىڭ تەقدىرىنى بەلكىم بىز بەلگىلەپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن ئىدى.
    بۇلارنى يەنە كىمدىن كۆرگۈلۈك~!~ئاخىرەتتە نىمە دەپ جاۋاپ بېرەرمىزكىن تاڭ`~!~
    بەزىدە بەكمۇ كۆرەڭلەپمۇ كەتمۈگۈلۈك~!~!~بۇلارنى ئۇلار كەلتۈرۇپ چىقارمىدى بىزنىڭ كۆڭۈلچەكلىكىمىز،نادانلىقىمىز كەلتۈرۇپ چىقاردى~!~!`!ئۆزىمىزنى باشقۇرالمىغاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ باشقۇرىشىغا قالىدىغان گەپ~!~ئەينى ۋاقىتتا ھەقىقەتەن يامان بولغان بولسىاق بۈگۈنكى،تۈنۈگۈنكى قىسمەتلەر بولغان بولاتتىمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟ھەقىقەتەن جاپا چىكىپسىز ، تارىخى تىمىلارنى كۆرۈشكە قىزىقىمەن . تارىخشۇناس قاتېل ئەپەندىمنىڭ قوللىرى ھارمىغاي!رەخمەت.
    شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
    ئانا زىمىنىم،ئەمدى شىرىن چۈشىڭدىن ئويغان،
    قىلىچىڭنى مەزمۇت تۇتۇپ« ھۇررا !»دەپ ئاتلان!!!
    | ۋاقتى : 2008-06-09 15:24 26 -قەۋەت
    ظأتكۇر
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تەجىرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30871
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 256
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە256دانە
    شۆھرەت: 276 نۇمۇر
    پۇل: 1096 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :115(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تېما تەرپىدىن 5-ئايدا بىر قېتىم يوللانغا ئىدى.شۇنداق بولسىمۇ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان تېما يوللىغېنىڭىزغا رەھمەت.ھارمىغايسىز.
    دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ !
    تەقدىرىڭ ئۆز قولۇڭدا!
    | ۋاقتى : 2008-06-09 17:03 27 -قەۋەت
    koxuk
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 22331
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 44
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە44دانە
    شۆھرەت: 135 نۇمۇر
    پۇل: 347 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :85(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تارىخنىمۇ بىلىپ قويغۇلۇق. تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
    مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
    | ۋاقتى : 2008-06-09 20:59 28 -قەۋەت
    kirimjan
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 5844
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2560
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2560دانە
    شۆھرەت: 1233 نۇمۇر
    پۇل: 5958 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى :75(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەممىسى تارىخ.
    http://mtv.diyarim.com
    | ۋاقتى : 2008-06-09 22:34 29 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    ھازىرقى ۋاقىت : 06-14 05:06
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation