خەۋەرلەرگە قارىغاندا گىرمانىيە دە ئۇقۇۋاتقان بىر سەئۇدى ئەرەبىستانلىق قىز ئۇقۇغۇچى مەلوم بىر داڭلىق چاچ سۇپۇنى شىركىتىنىڭ سۇپۇنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن . بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بۇ قىزنىڭ چېچى چۇشۇشكە باشلاپ چېچىنىڭ تەڭدىن تولىسى چۈشۈپ كەتكەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قىز چاچ سۇپۇنى شىركىتىگە بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتقان .شىركەت بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن ئۆزلىرنىڭ مەسھۇلاتىنى(چاچ سۇپۇنى) تەكشۇرۇش ئارقىلىق راستىنلا ئۆزلىرى بۇ قېتىم ئىشلاپ چىقارغان چاچ سۇپۇنىنىڭ تەركىۋى ناچار بولغانلىق سەۋەپىلىك چاچ چۇشۇشنى كەلتۇرۇپ چىقارغانلىقىنى يەكۈنلىگەن .. ۋە بۇ ئەرەبىستانلىق قىزدىن سوتقا ئەرىز قىلماسلىقنى داۋالاشقا قانچە پۇل كەتسە ئۆزلىرنىڭ تۆلەيدىغانلىقنى ۋە 500مىڭ دوللاردىن ئارتۇق نەخ پۇل تۆلەم بېرىدىغانلقىنى ئېيتتى ،
بۇ قىزنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ دىيىشچە ئەگەر سوتقا ئەرىز قىلسا بۇنىڭدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئارتۇق پۇلغا ئېرىشىدىغانلقىنى ئېيتقان بولسىمۇ بۇ قىز چىرايلىقچە رەت قىلىپ سوتقا ئەرىز قىلمايدىغانلقىنى ئېيتقان ..
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئەرەبىستانلىق20 ياشلىق بىر قىز كۆز ئاغرىقىغا گىرىپتار بۇلۇپ كۆزىدىن تولا ياش ئاقدىغان بوپ قالغان ۋە ئەرەبىستاندىكى بىر چوڭ دوختۇرخانىغا كۆرسەتكەن ، دوختۇرلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە بۇ قىزنىڭ كۆزىدىن ئېقىۋاتقىنى ياش ئەمەس بەلكى ئەينەك ماددىسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ كىسەلنىڭ دونيادىكى كۆز كىسەللەر تارىخىدا بىرىنچى قېتىم ئىكەنلكىنى ئېيتقان ۋە يەنە ئۇلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە بۇ ئەينەك ماددىسىنىڭ ئۇزۇنلقى 3-4 مىللىىمىتىر قېلىنلىقى بولسا بىر مىللىمىتىر كىلىدىكەن ..
www.alarabiya.net