ھالال ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىدىنىي جەھەتتىن چەكلەنمەيدىغان ئىشلار ۋە يېمەك-ئىچمەكلەر ھالال دېيىلىدۇ. شەرىئەت يول قويغان مۇباھ ئىشلارنى قىلىش ۋە ھالال نەرسىلەرنى يەپ- ئىچىش ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. دىنىمىزدا ھارام ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنلەردىن باشقا ھەممە ئىش ۋە نەرسىلەر ھالالدۇر. ئاللاھ تائالا ياخشى، پاكىز ۋە ئىنسانلار ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى ھالال قىلغان. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە (يېمەك-ئىچمەكتىن) نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ”سىلەرگە پاك، ياخشى نەرسىلەر ھالال قىلىندى“.
−سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 4-ئايەت
ئاللاھ تائالا ھالال قىلغاننى ھالال، ھارام دەپ بىلدۈرگەنلىرىنى ھارام دەپ قوبۇل قىلىش كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىۋېلىش ياكى ھارام دەپ بىلدۈرگەنلىرىنى ھالال دەپ قوبۇل قىلىش چوڭ گۇناھتۇر. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
ئى مۇئمىنلەر ! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى(تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزۈڭلارغا ) ھارام قىلماڭلار، (ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ.
− سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 87-ئايەت
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىبان بولۇپ، بەندىلىرىنىڭ ساغلام ھايات كەچۈرۈشىنى، ئۆزلىرىگە زىيانلىق بولغان، جېنىنى قىيىنايدىغان جىمى نەرسىدىن يىراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە زىيانلىق بولغان ھەر قانداق نەرسىنى بۇيرۇمىغىنىدەك، پايدىلىق بولغان نەرسىنى چەكلىمەيدۇ. ئۇ بەندىلىرىگە قايسى ئىش پايدىلىق بولسا شۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ، بەندىلىرىگە قايسى ئىش زىيانلىق بولسا شۇ ئىشنى ھارام قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئايەتى كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە بىر مۇسۇلماننىڭ ھالال پۇل تېپىشى، ھالالدىن رىزىق تېپىپ يېيىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى تەكىتلىنىدۇ. تاپقىنى ھالال بولمىغان ئادەمنىڭ قىلغان دۇئاسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولمىغىنىدەك، ئۇنىڭ ھارامدىن تاپقان مېلىمۇ ئەرزىمەستۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەر ھالالدىن مال-دۇنيا تېپىڭلار، ئاللاھ ھالال مالدىن بېرىلىدىغان سەدىقىدىن باشقا ھېچقانداق سەدىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ“.
ھارام ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىدىنىمىزدا قەتئىي چەكلەنگەن ئىشلار ۋە يېمەك-ئىچمەكلەر ھارام دېيىلىدۇ. ھارام قىلىنغان ئىشلار ۋە نەرسىلەر ساناقلىق، چەكلىكلا بولۇپ، بۇنىڭ سىرتىدىكىلىرى ھالالدۇر. ھارام ئىككى خىل:
1) بىۋاسىتە ھارام: شۇ نەرسىنىڭ ئۆزىدىكى يامانلىق تۈپەيلىدىن ئەزەلدىن ئەبەد، پۈتۈنلەي ھارام قىلىنغان ئىشلاردۇر. مەسىلەن: ئادەم ئۆلتۈرۈش، زىنا، ئوغرىلىق...دېگەندەك. بۇنداق ھارام ئىشلارنى قىلغانلار ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ ۋە ئاخىرەتتە جازاغا تارتىلىدۇ.
2) ۋاسىتىلىك ھارام: ئەسلىدە ھالال، دۇرۇس نەرسىلەر ھارام قىلمىش (ياكى ئەھۋال) تۈپەيلىدىن ھارامغا ئۆتۈپ قالىدۇ. مەسىلەن، ئوغرىلانغان مالغا ئوخشاش. نان ئەسلىدە ھالال يېمەكلىك، ئەمما ئۇنى ئىگىسىدىن سوراپ ئالمىسىڭىز ھارام.
بىر نەرسىنى ھالال قىلغانمۇ، ھارام قىلغانمۇ ئاللاھ تائالا، ئاللاھ تائالا ھېچكىمگە ھالال-ھارامنى بېكىتىش ھوقۇقى بەرمىگەن. تارىختىن بۇيان ئىسلام ئالىملىرىمۇ ھارام ئىكەنلىكىگە كەسكىن دەلىل بولمىغان ھېچقانداق ئىش ياكى نەرسىنى ھارام دېمىگەن، پەقەت ”مەكروھ (قاملاشمىغان ئىش ياكى شۈبھىلىك نەرسە) “ ئىبارىسىنى قوللانغان.
ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
ئېيتقىنكى، ”ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟“، ئېيتقىنكى،”ئۇلار بۇ دۇنيادا مۇئمىنلەر ئۈچۈن يارىتىلغان(گەرچە ئۇلارغا كۇففارلار شېرىك بولسىمۇ)، ئاخىرەتتە بولسا مۆئمىنلەرگە خاستۇر“. (ئاللاھنىڭ بىر ۋە شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.
−سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 32-ئايەت
ئىسلام دىنى بىر نەرسىنى ھارام قىلىشتا نۇرغۇن ھېكمەتكە تايىنىدۇ. دىننىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرى بەندىنى ئۆز رەببى ئالدىدا سىنايدۇ، يەنى بەندە شەرىئەت تەكلىپلىرى ئالدىدا جىددىي سىناققا دۇچ كېلىدۇ؛ بەندە ئاللاھ بۇيرۇغاننى قىلىپ، توسقانلىرىدىن يانغاندا ئاندىن ئىككىلا ئالەمدە ناھايىتى چوڭ پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ . بۇ ئەسلىدىنلا ئىلاھىي ئادالەتنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر.
ئەيدىز ۋە ياشلىقئەيدىز 1981-يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە بەچچىۋازلار ئارىسىدا تۇنجى بايقالغان بولۇپ، شۇ خىل بۇزۇق يوللار بىلەن پۈتۈن دۇنياغا يامرىغان. ئاللاھ تائالا ئىنسان ۋۇجۇدىغا سىرتتىن يۇقىدىغان كېسەل مىكروبلىرىغا قارشى قوغدىنىش ئىقتىدارى (ئىمونىتېت كۈچى) ئاتا قىلغان. ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بۇ كۈچىنى يوقىتىپ، كېسەل كۆرپىسىگە ئايلىنىپ جېنىدىن ئايرىلىدۇ.
دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 5000 ئادەم (كۆپىنچىسى ياشلار) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانماقتا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا بۇ كېسەل بىر قەدەر تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، بۇزۇقچىلىق تۈگىمىگەچكە ئەيدىز بىمارلىرى يەنىلا كۆپ. ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ياكى نامرات ئەللەردە بولسا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار داۋاملىق كۆپەيمەكتە. ( دۆلىتىمىزدە، بولۇپمۇ يۈننەن بىلەن شىنجاڭدا ئەيدىز كېسىلى تېز يامرىماقتا. ــ تەييارلىغۇچىنىڭ ئىلاۋىسى).
ئەيدىز كۆپ ھاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەت، زەھەرلىك چېكىملىك ، قان ئارقىلىق يۇقىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، پاھىشىۋازلىق، خىرۇئىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش (مەينەت، قان يۇقى ئىشپىرىسنى ئىشلىتىش)، تەكشۈرتمەي قان بېرىش ياكى قان سېلىش قاتارلىق خەتەرلىك ئىشلار ئەيدىز كېسىلىنىڭ تېز يۇقۇشى ۋە يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇنداق يۇقۇملىنىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئەيدىز كېسىلىنى ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىدۇر.
دىنىمىز پاھىشىۋازلىقنى، زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئىستېمال قىلىشنى ۋە باشقا ئەخلاقسىزلىقلارنى ھارام قىلغان. ئۇلۇغ رەببىمىز مۇنداق دەيدۇ:
زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر .
سۈرە«ئىسرا» (17-سۈرە)،32-ئايەت
ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار.
سۈرە«ئەنئام» (6-سۈرە)، 151-ئايەت
بەچچىۋازلىق قىلىدىغان لۇت قەۋمى ئۇچرىغان ئازاب ۋە ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىنىشى قۇرئاندا ئىبرەتلىك ۋەقە سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ. ئىنسانلار بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال پاھىشىۋازلىق، جۈملىدىن بەچچىۋازلىققا زەربە بېرىش ، زەھەرلىك ئىستېمال بويۇملىرىنى چەكلەش كېرەك. ساغلام ئىجتىمائي مۇھىت بەرپا قىلغاندىلا كىشىلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
بالىلارنى بۇزۇقچىلىقتىن قوغداشكىشىلەر ئۆز ئەۋلادىنىڭ قوغدىلىشىنى، نەسلىنىڭ، كېلەچىكىنىڭ ئىززەت-شەرەپ بىلەن داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بالىلىرىمىز ئىزباسارلىرىمىز بولغىنى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەر خىل يامان يولدىن، بۇزۇقچىلىقلاردىن قوغداش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز.
ئېتىقادى، ئەخلاقى، خاراكتېرى بۇزۇلغان نەسىللەر زەبۇنلۇققا مەھكۇمدۇر. ئەۋلاد- نەسىللەرنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بارلىق ساماۋى دىنلار تەكىتلەيدۇ. بالىلىرىمىز زىناخورلۇق، قاتىللىق، ئوغرىلىقتىن، تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەت، يامان قىلىقلاردىن، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر خىل ئەسكىلىكلەردىن ساقلانغاندىلا، ئائىلىمىز جەمئىيەتنىڭ ساغلام ھۈجەيرىسى بولالايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ھەر خىل نەرسىلەردىن غىدىقلىنىۋاتقان، كۈشكۈرتىلىۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ روھىي ساغلاملىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانا ۋە جەمئىيەت چوقۇم ھوشيار تۇرۇشى كېرەك. شەھۋانىي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى، كىنو-فىلىم، سۈرەتلەرنىڭ بالىلىرىمىزنى قايمۇقتۇرۇشىغا، ئازدۇرۇشىغا سۈكۈت قىلىش يامان ئاقىۋەتتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداقلا بالىلىرىمىزنىڭ چىركىن كەيپ-ساپاغا ، زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىشىدىن، ئېتىقادسىزلىق، چۈشكۈنلۈك، ئەخلاقسىزلىق، گۇمراھلىققا پېتىپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم. چۈنكى ئۇ ھالاكەت، جەھەننەم يولىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ سۆزىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك: ھەر بىرىڭلار پادىچىغا ئوخشايسىلەر، ھەر كىم قول ئاستىدىكىلەرگە مەسئۇل، دۆلەت باشلىقى ئۆز تەۋەلىكىدىكى پۇقرالارغا، ئەر-ئايال ئۆيى ۋە بالىلىرىغا مەسئۇل... (بۇخارى توپلىغان)
توغرا يولنى گەپ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ئارقىلىق كۆرسىتىش ئەنە شۇ مەسئۇلىيەتنىڭ جېنىدۇر. چۈنكى بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنى دورايدۇ، ئۇلاردىن ئۈلگە ئالىدۇ.
ئېسىل ئاتا-ئانا بولايلى. بالىلارنى سۆيەيلى، ئۇلارنىڭ قەلب زارىنى تىڭشاپ قويايلى. ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قۇلاق سالمىساق مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلارمۇ بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ توغرا پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلايلى. بىزنى ئەۋلادتىن ئاۋلادقا ئۇلاشتۇرغۇچىلار ئەنە شۇ بالىلار، كېلىچەكتىكى ئىز باسارلىرىمىزدۇر. بۇنى ئۇنتۇپ قالمايلى.
مەنبە: مۇختەرجان
[ muhterjan تەرپىدىن 2008-06-05 14:28 قايتا تەھرىرلە ]