ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئاداشماڭ
ھەر يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىشنىڭ ئالدى – كەينىدە نومۇرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن بولسىمۇ تاللىنالماي قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى قاتراپ يۈرىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىنالماي قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئارزۇنى توغرا تاللاپ تولدۇرالمىغانلىقىدا.
بۇلتۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ قالغاندا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورنىغا بارغانىدىم، ئۇ يەردە قەشقەر، ئاتۇش، غۇلجا، قارامايلاردىن نومۇرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن ياكى ئاشقان بولسىمۇ، تاللىنالماي قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئۇچرىدى. ئاتۇشتىن كەلگەن بىرەيلەن سۈرۈشتۈرۈش ئېغىزىدىكى خادىمغا: ‹‹ئوغلۇمنىڭ نومۇرى ئالىي مەكتەپ نومۇر چېكىدىن خېلى ئاشقان، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىنمۇ ئۆتكەن، ئوغلۇم يەنە نېمە ئۈچۈن شاللىنىپ قالىدۇ؟›› دەپ، سورىدى. خىزمەتچى خادىم: ‹‹ئاچا، ئوغلىڭىزنىڭ بىرىنچى ئارزۇسىدىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بوي ئېگىزلىكىگە قويغان ئۆلچىمى بار ئىكەن، سىزنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئۆلچەمگە يەتمەيدىكەن،›› دېدى، ئۇ ئايال: ‹‹بالامنىڭ بويى سىزدىن ئېگىز تۇرسا، ئۇلارغا يەنە قانچىلىك ئېگىز ئادەم كېرەك ئىكەن؟›› دەپ يىغلاپ كەتتى. ئېگىزلىكى 1.75مېتىر كېلىدىغان خىزمەتچى خادىمغا قاراپ. ئۇ خادىم: ئاچا، گېپىڭىز راست بولسا، سالامەتلىك تەكشۈرتكەندىكى سەۋەنلىك ئوخشايدۇ، سىز دەرھال بالىڭىزنى ئەكېلىڭ، ئۇ مەكتەپتىكىلەر بالىنىڭ ئۆزىنى كۆرسۇن، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش جەدۋېلىدە بالىنىڭ بويى خېلىلا پاكار يېزىلىپتۇ،›› دېدى. دېمەك سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە سەۋەنلىك يۈز بەرگىنى ئېنىق.
بۇلتۇر بىر تونۇشۇمنىڭ بالىسىنىڭ نومۇرى مەخسۇس كۇرسنىڭ بىرىنچى تۈركۈمىدىكى نومۇر ئۆلچىمىگە توشقان بولسىمۇ، ئاخىرىدا ھېچ قانداق مەكتەپكە تاللىنالماي قالدى، سەۋەبى ئارزۇ تولدۇرغاندا، ئۆزىنىڭ مۆلچەر نومۇرىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەي، مەكتەپ تاللىغاندا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى بولۇشىغا يېزىۋالغان، بۇ ئىككى ئىشتىن ئارزۇ تولدۇرۇش بىلەن سالامەتلىك تەكشۈرتكەندىكى ئەستايىدىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.ئارزۇ تولدۇرغاندا ئەستايىدىل بولۇڭ
ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئەھمىيەت بەرگەندەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مەكتەپ، كەسىپنى تاللاش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، كەسىپنى ئوبدان ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە نەتىجە قازىنىشقا ئاساس سالالايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۆزىنىڭ مۆلچەر نومۇرىنى توغرا مۆلچەرلەش كېرەك، بولمىسا نومۇرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن بولسىمۇ تاللىنالماي قالىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەكتىپىدىكى ۋە تۇرۇشلۇق جايىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا، باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ. ئارزۇنى ئۇنىۋېرسال تەڭشەشكە، كەسىپ تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالغا قارىغاندا، بىرىنچى ئارزۇ بويىچە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا مۆلچەر نومۇرنى توغرا مۆلچەرلەش بەكمۇ زۆرۈر. ئالىدىغان نومۇرىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەي ھە دېگەندىلا داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ قىزىق نۇقتا كەسىپلىرىنى يېزىۋالسا، ئۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنماي قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئارزۇنى ئۇنىۋېرسال تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈنلا ئوقۇش ئەھۋالى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا، بۇ خىل ۋەزىيەتنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئەمەلىيىتىگە قارىماي قارىغۇلارچە بازار ئېھتىياجىنى قوغلىشىپ نۇرغۇن قىزىق نۇقتا كەسىپلىرىنى تەسىس قىلدى. مەسىلەن: سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، خەلقئارا سودا، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر كەسپى قاتارلىقلار، بۇلار ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ تەسىس قىلغان كەسىپلەر بولسىمۇ، بەزى كەسىپلەرنى بەزى مەكتەپلەردە ئۆگەنگەننىڭ ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى بەزى مەكتەپنىڭ شۇ كەسىپتىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى تۆۋەن، ھەر بىر مەكتەپنىڭ كوزىر كەسپى بولىدۇ، شۇڭا نوقۇل ھالدا داڭلىق مەكتەپنى قوغلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن: داڭلىق بىر پېداگوگىكا تۈرىدىكى مەكتەپنىڭ سودا – سانائەت كەسپىدە ئوقۇشنى، مالىيە ئىقتىساد تۈرىدىكى مەكتەپنىڭ تارىخ كەسپىدە ئوقۇشنى تاللىسىڭىز، ئىستىقبالىڭىزغا تەۋەككۈل قىلغان بولىسىز، ئەلۋەتتە، ئوقۇغۇچىلارغا بىردىنلا داڭلىق مەكتەپلەردىن ۋاز كېچىپ، ئادەتتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان كەسىپلىرىنى تاللاش ئانچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ، چۈنكى ھازىرقى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ماركا، داڭلىق ئىدىيىسى كۈچلۈك، لېكىن مەكتەپ تاللىغاندىن كەسىپ تاللىغانىڭ ئاقىۋىتى يەنىلا ئوبدان، ئىچ – ئىچىڭىزدىن قىزىققان كەسىپتە ئوقۇيالىسىڭىز، تالانتىڭىزنى جارى قىلدۇرالايسىز. جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى، نېمە ئىش قىلسىڭىز ئۆز قىممىتىڭىزنى نامايان قىلالايدىغانلىقىڭىزنى توغرا مۆلچەرلەپ كەسىپ تاللىغاندىلا، كېيىنكى كىشىلىك ھاياتىڭىزدىكى نەتىجە قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باسقان بولىسىز، شۇڭا يەنىلا كەسىپ تاللاشقا ئەھمىيەت بەرگەن تۈزۈك.ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىنى ئوبدان چۈشىنىپ، ئاندىن ئارزۇ تولدۇرۇڭ
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنى چۈشىنىشىدىكى كۆزنەك، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ۋە تەلىپىنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ قانۇنلۇق شەكلى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنىڭ ئاساسى. ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىدىكى قوبۇل قىلىش پرىنسىپى، تەرتىپى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پرىنسىپى، چەكلەنگەن شەرتلەر ۋە ئېتىبار بېرىلىدىغان شەرتلەر تولۇق كۆرسىتىلگەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىدىن شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىنى بىرىنچى ئارزۇسىغا يازمىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى، نومۇر قوشۇپ بېرىلگەن سىياسەتلەرنى بېجىرىش ئەھۋالىنى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىش بەلگىلىمىلىرىنى ئېنىق كۆرەلەيسىز، شۇڭا ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانىنى ئوبدان ئوقۇپ چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ مۆلچەر نومۇرىنى ۋە سالامەتلىك، بوي ئېگىزلىك ئەھۋالى ئۆزى ئارزۇ قىلماقچى بولغان مەكتەپلەرنىڭ شەرتىگە چۈشۈش – چۈشمەسلىكىنى بىلىشى زۆرۈر، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مىزانى ئارزۇنى تاللاپ تولدۇرۇشتا ئادىشىپ قالمايدىغان كومپاس.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە كېچىدە قۇرۇلۇش قىلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ
يىلدا بىر ئېلىنىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ باشلىنىشىغا ئاز قالدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تىنچ تەكرار قىلىش ۋە ئىمتىھان بېرىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ‹‹شاۋقۇن چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقىرىپ، 1 – ئىيۇندىن 8 – ئىيۇنغىچە، 13 – ئىيۇندىن 17 – ئىيۇنغىچە كېچىدە قۇرۇلۇش قىلىشنى قەتئىي چەكلىدى.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىنچ ئىمتىھان مۇھىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئىمتىھان نۇقتىسىغا 200 مېتىر كېلىدىغان ئورۇنلاردا قۇرۇلۇش قىلىش چەكلەنگەندىن باشقا، يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي ئىشلىتىشمۇ قەتئىي چەكلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىجارەت خاراكتېرلىك مەدەنىيەت – كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ شاۋقۇن چىقىرىشى، ئوچۇقچىلىقتا كۆڭۈل ئېچىش ۋە يىغىلىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى قەتئىي چەكلىنىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: ‹‹شاۋقۇننى چەكلەش بۇيرۇقى›› يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، ئەگەر شاۋقۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، شەھەر ئاھالىلىرى 12369، 4650002 نومۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال مەلۇم قىلسا، پاش قىلسا بولىدۇ. مەنزىل : شىنجاڭ گېزىتى