ئاسقۇدا گۆش بولسا ،
بىر كۈن مىھمانغا يارار.
ئالماقنىڭ بەرمىكى بار،
چاقنىڭ چەمبىركى بر.
ئاي ئاقىرىپ چىقار،
نان قىزىرىپ پىشار.
ئادەمنىڭ يىلتىزى يوق.
ئاتقان ئوق ياماس.
ئادەم كۆرگىنىگە ئىشىنەر،
ھايۋان يىگىنىگە.(ئىشىنەر)
ئادەتنىڭ دورىسى يوق،
مەسچىتنىڭ مورىسى يوق.
ئالتۇن توپىدىمۇ پارقىرار،
ئات قېرىسا مۈدۈرگەك بولار،
ئادەم قېرسا مۈگدىگەك بولار.
ئاتنىڭ كىشىنمەيدىغىنى يوق،
ئىتنىڭ چىشلىمەيدىغىنى يوق.
ئارغامچا ھامان ئاجىز يىردىن ئۈزىلەر.
ئالەمنىڭ تۈۋرىكى ھەقىقەت.
ئامان بولسا بېشىم،
يەنە چىقار شۇ چېچىم.
ئاچچىقنىڭ ئاقىۋىتى پۇشايمان.
ئاتقان ئوق قايتىپ كەلمەس،
قايتىو كەلسە سۇ تىشەلمەس.
ئاق ئىت، سېرىق ئىت، بەر-بىر ئىت.
ئادەمنىڭ ئۆلمەيدىغىنى يوق،
تۆمۇرنىڭ سۇنمايدىغىنى يوق.
ئاچچىقنىڭ تاتلىغى بار،
يۇمشاقنىڭ قاتتىغى بار.
ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ،
يۈزۈڭگە چۈشەر.
ئاتقان ئوقنى ياندۇرغىلى بولماس،
چىققان سۆزنى قايتۇرغىلى بولماس.
ئادەمنىڭ كەلگىنى ئوبدان،
لاچقىنى يامان.
ئاچچىق دورىسى ئۆزىنى تۇتىۋىلىش.
ئاپتاپ پەرەس كۈنگە باقار.
ئاپتاپ پەرەس ئايغىمۇ باقار.
ئالدىرماڭ يارەي،
سىزگىمۇ بارەي.
ئادەم تۈگەپ ئالەم قالۇر.
ئادەمزاتنىڭ كەلمىكى باردۇر ،
بىر كۈن ھامان ئۆلمىكى باردۇر.
ئاي بۇلۇتتىن قورقار،
ياغاچ قۇرۇتتىن.
ئالتۇن چىرماس،
دەۋا قېرىماس.
ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە،
ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا.
ئاتا بولمىغۇچە، ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى ئايدىڭ.
ئادەت ئادەمنى باشقۇرماس،
ئادەم ئادەتنى باشقۇرار.
ئاغزىدا تالقان بار ئادەم،
ئوت پۈۋلىمەس.
ئاۋالقىنى بوران ئالدى،
كىيىنكىسنى شامال.
ئاغرىقنىڭ ساقايغۇسى كەلسە،
تىۋىپ ئۆزى كىلەر.
ئاشنى يىگەن قۇتۇلدى،
قازان يالىغان تۇتۇلدى.
ئاسان ئىش ئەرنىڭ ئىشى ئەمەس.
ئايالنىڭ ئوردىغا كىرگىنى ئىشىڭ بۇزۇلغىنى.
ئاغزىڭ قان بىلەن تولسىمۇ،
دۈشمەن ئالدىدا تۈكۈرمە.
ئەقىلسىز باشنىڭ دەردىنى پۇت تاتار.
ئەسكى ئۆتۇك پۇتنى غاجار،
پۇچۇق قۇشۇق ئېغىزنى.
ئەگرىنىڭ سايىسىمۇ ئەگرى.
ئەگرى كىشى تۇزار،
توغرا كىشى ئۇزار.
ئەگرى بولسىمۇ يول ياخشى،
بېلىق شاش بولسىمۇ سۇدىن چىقالماس.
بىر تۈلكىنىڭ تىرسى ئىككى قىتىم سۇيۇلماس.
بۇغداي تېرساڭ ئارپا بولماس،
گەپنى قايتۇرغىلى بولماس.
بۈگۈنسىز ئەتە بولماس.
بورە قوي چۈشۈر.
بىر پەلەكتە ئون خەمەك،
ھەر خەمەكنىڭ تەمى بۆلەك.
بىر تال سەرەڭگە پۈتۈ بازارنى خراپ قىلار.
بىر ياشتىمۇ بىر ئۆلۇم،
مىڭ ياشتىمۇ بىر ئۆلۇم.
بىر قاغىنىڭ كىلىشى بىلەن قىش بولماس.
بىر دەرەختىن ياسىلار يۈزمىڭ سەرەڭگە،
مىڭ دەرەخنى كۆيدۈرەر بىر تال سەرەڭگە.
بىلەي يۇمشاق بولسىمۇ پولاتنى يەيدۇ.
بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا.
بېشى بارنىڭ بۆكى بار.
بىر قولۇڭ ئوتتا بولسا بىر قولۇڭ سۇدا بولسۇن.
بىر خورازنى يەتتە قاسساپ سويماس.
باينىڭ ئالدى تار، كەينى كەڭ.
پاقا سىيگەنگە كۆل تاشماس.
پاقا كۇركىرمىسا يېرلار.
پالتا ختتىك بولسا، قۇلۇڭغا دەز كەتمەس.
پاختىدىكى تىكەن قولغا بەك ساجىلار.
پالتا چۈشكىچە، كۆتەك دەم ئاپتۇ.
پەگاھ بۇزۇلسا تۆر تۇزلەر،
تۆر بۇزۇلسا نە تۇزلەر؟
پۇتاقسىز دەرەخ بولماس،
خاتاسىز ئادەم بولماس.
پۇل قايارگە بارار،
دوسنى دۈشمەن قىلغىلى.
پىچاق ئۆز سېپىنى يونالماس.
پىچاق ئۆتكۈر بولسا، غىلاپنى كىسەر.
تالاشقان ئىت سورۇندىن ساق چىقماس.
تاش كىچىك بولسىمۇ ، مىڭ ياڭاقنى چاقار.
تامچە زەھەر دەريانى بۇلغار.
تاغ يۆتكەلسىمۇ خۇي يۆتكەلمەس.
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرى دىن ئېلىندى.)